تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1102|ئىنكاس: 5

يىزا ياشلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
107 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 18:18:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           يىزا ياشلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى
                ئابلاجان مۇھەممەت
        يېقىندا بىرەيلەن ئوغلىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئۈچ قېتىم قاتناشقان بولسىمۇ، نەتىجىسىنىڭ يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن بالىسىنىڭ ئاغرىپ يېتىپ قالغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ «ھۆكۈمەتنىڭ نېنى»نى يېيىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. پاراڭلاشقاچ بۇ كىشىگە تەسەللى بەردىم-يۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىچىم ئاچچىق بولدى.
    ھەممىمىزگە مەلۇم، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقويدىغانلارنڭ سانى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ ھەم تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلارمۇ، بالىلارمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى ئاساسلىق چىقىش يولى دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمما، ئىلىمىزدە يىلدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان نەچچە مىلىيۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتەلىشى ناتايىن-دە! شۇڭا، ئۇلارنىڭ قارىشىدىكى «ئالىي مەكتەپ بىردىنبىر چىقىش يولى» دېگەن ئىدىيەنى ئىسلاھ قىلىش كىرەك.
      ئىلگىرى كىشىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ دەپ قارايتتى، چۈنكى پىلان ئىگىلىكى دەۋرى بىلەن ئىسلاھات ئىچىۋىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېزا ياشلىرىغا بولغان ئەھمىيىتى راستىنلا زور ئىدى. ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تايىنىپ، يېڭى سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۆلەت تەقسىملەپ بەرگەن «تۆمۈر تاۋاق» قا ئېرىشەتتى، يېزا ياشلىرىنىڭ تەقدىرى مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزگىرەتتى. ۋەھالەنكى، پىلان ئىگىلىكى دەۋرىدىكى بۇ ئەھۋال بۈگۈنكى دەۋرگە ماس كەلمىدى. ئەگەر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلىسىمۇ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ماھارەت ئىگىلىمىسە مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن رىقابەتكە ماسلىشالماي ئىشسىزلىققا دۇچ كەلدى. «جوڭگۇ مائارىپ گېزىتى»دىكى بىر سانلىق مەلۇماتتا، تۈرلۈك سەۋەب تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشالمايدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بولغان پوزىتسىيەسى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، 90-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان 400 نەپەر ئىشلەمچىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئۇلارنىڭ %70ى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەقدىرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن. بەزىلەر «نامراتلارنىڭ پەرزەنتلىرى بارغانسېرى قىيىنچىلىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ» دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر «كىتاب ئوقۇش ئەھمىيەتسىز» دەپ قارىغان. رايونىمىز بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ، يېزىلار بىلەن شەھەرلەرنىڭ ياشلىرى ئارىسىدىكى بۇ خىل پەرقتىن كۆرۈۋالالايمىزكى، يېزا ياشلىرىغا نىسبەتەن يېڭىچە «چىقىش يولى يارىتىش» ئىدىيەسىنى ئويغىتىش ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈر.
     رايونىمىزنىڭ يېزا-قىشلاق كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، يېزا ياشلىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيەلىنىش ۋە ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئەتراپلىق، كۆپ خىللاشقان مائارىپ ئەندىزىلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە يېڭى-يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئىنتايىن مۇھىم. نۆۋەتتە يېزا مائارىپنىڭ تەرەققىي قىلىشى كىشىنى خېلىلا قانائەتلەندۈرىدۇ. بىراق، يېزا ياشلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپنى بىردىنبىر چىقىش يولى قىلىپ تاللىۋېلىشى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىسىلا ئاسانلا چۈشكۈنلىشىدۇ-دە، جەمئىيەتكە يېڭى-يېڭى بىسىملارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى، ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستىتىدا ئوقۇشىدەك خەۋەرلەر ئارقىلىق چىقىش يوللىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى، ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش؛  مائارىپ ئارقىلىق كۈچلۈك بولغان ئۇنىۋىرىسال ساپا ۋە پۇختا بولغان كەسپىي ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش؛ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان تەقدىردىمۇ، كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقان مائارىپ تۈزۈلمىسى ھەم تەدىرىجى شەكىللىنىۋاتقان ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش سىستېمىسىدا ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرەلەيدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ غايە-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى تونۇتۇش مۇھىم.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44014
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 23:22:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان تىمىكەن،بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئىدىيەمدىن ئۆتمەي كىلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتى.

مەنچە بولغاندىمۇ،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇساملا كەلگۈسىمدىن غەم قىلمىساممۇ بۇلىدۇ دەيدىغان بۇ خىل قاراش پەقەت غاپىلللارنىڭلا ئىشى،سىز پەقەت ئۆزىڭىزگە تايىنىپ تۈرلۈپ بېسىم،قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ تىرىشىپ ئۆگەنمىسىڭىز ئۆزىڭىزدىن باشقا ھەرقانداق ئادەم سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بەرمەيدۇ،


مەنمۇ تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن،لىكىن ئوقۇيالمىغىنىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن،ھازىرقى ھال -كۈنۈم ئوقۇپ كەلگەن ياشلارنىڭكىدىن مىڭ ياخشى،مەيلى ئوقۇڭ ياكى ئوقۇماڭ،تىرىشمىسىڭىز تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيسىز.
تىما ئاپتۇرىغا تەشەككۈر.

UID
19861
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 20:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپنى ئوقۇپ باققانلار بىلىدۇ .   

UID
17664
يازما
145
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
715
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 17:56:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                 ئالى مەكتەپتە ئۇقۇش بىردىن بىر چىقىش يولى ئەمەس،،،،،،،،،      

UID
19703
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 21:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ھازىرقى چىقىش يولى ئىنتايىن كۆپ ، پەقەت تىرىشقاندىلا ۋە كۆزىتىشكە ماھىر بولغاندىلا بۇلارنى بايقىغىلى بولىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش