تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 748|ئىنكاس: 8

«كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت» چۈشەنچىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
107 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 18:18:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       «كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت» چۈشەنچىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىڭ
              رەيھانگۈل ئابابەكرى
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ خىزمەت تېپىش رىقابىتى بارغانسىرى كەسكىنلەشمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار «كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت»كە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىدە بولماقتا. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى دۆلەت كادىرى بولۇشنى مەڭگۈلۈك چىقىش يولۇم دەپ قاراش. كۆپىنچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن چوقۇم دۆلەت كادىرى بولىمەن، دەپ ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئويىچە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەندىلا، چىقىلماس «تۆمۈر تاۋاق»قا ئېرىشكىلى، ھاياتىنى بىر ئۆمۈر كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولارمىش. شۇڭا ئۇلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ھەر خىل ئىمتىھانلارغا قاتنىشىش بىلەن ئاۋارە. مەن بىلەن تەڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن بىر ساۋاقدىشىم دۆلەت مەمۇرى بولۇش ئۈچۈن جىنىنىڭ بارىچە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلدى، شۇنچە تەييارلىق قىلسىمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى، ئىككىنچى يىلىمۇ پۈتۈن ئىشىنى تاشلاپ، كۇرسلارغا قاتناشتى، تەقلىدىي سوئاللارنى ئىشلىدى، نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولدى. بەزى كارخانىلار ئۇنى تەكلىپ قىلسىمۇ ئىشلەشنى رەت قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ دوستى ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا ئادەتتىكى كارخانىغا بېرىپ ئىشلەپ، ئۆز قابىلىيىتىنى، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تىزلا شۇ كارخانىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلاندى.
   بەزىلەر «چوقۇم خىزمەتنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاپالايمەن» دەپ قارايدۇ-دە، قولغا كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. يېقىندا بىر نەۋرە سىڭلىمنىڭ خىزمەت چاقىرىقنامىسىدىن ئىككىنى تاپشۇرۋېلىپمۇ خۇشال بولالماي، ئورۇنلارغا تەرجىمىھال بېرىپ، يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، «ئارانلا 2000 يۈەن بەرگەن خىزمەتنى قىلامتىم» دەپ قاقشىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. سۈرۈشتۈرسەم ئۇنىڭ دوستى  داڭلىق بىر كارخانىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىدىن خىزمەت تاپقان بولۇپ، مائاشى، پاراۋانلىقى كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك يۇقىرى ئىكەن. دوستىنىڭ تاپقان بۇ خىزمىتى نەۋرە سىڭلىمغا بېسىم بولۇپ، «مەن نېمىشقا ئاشۇنداق ياخشى خىزمەتنى تاپالمىغۇدەكمەن؟» دەپ ئۆزىگە كەلگەن پۇرسەتتىن ۋاز كېچىپتۇ. ئېنىقكى، خىزمەت تېپىشتا بۇنداق ئىدىيە بولسا بولمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئىدىيەدە خىزمەت ئىزدەپ قالسا كېيىنكى ھايات يولىدا قەددىنى كۆتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن.
     بەزىلەر تەرجىمىھالنى كۆپتۈرۈپ يېزىپ، «تورنى كەڭ يايغاندا بىلىقنى كۆپ تۇتقىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. مەن دەرس بېرىدىغان سىنىپتا دەرستە ياخشى بىر قىز بار ئىدى، ئۇ پراكتىكا جەريانىدا تىرىشىپ ئىشلەپ 20 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارايتتى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ساختا تەرجىمىھالى ئاشكارىلىنىپ قىلىپ، تەكلىپ قىلىنىش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قاپتۇ. كېيىن ئۇقسام، ئۇ تەرجىمھالىنى كۆپتۈرۈپ يازغان ئىكەن. بۇنداق قىلىش خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ زېھنىنى چېچىۋىتىپلا قالماي، خىزمەت ئىزدىشىگىمۇ ئويلىمىغان ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئەكىلىشى مۇمكىن.
   يەنە بەزىلەر نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ياخشى خىزمەت تاپالايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ مەلۇم نۇقتىدىن توغرىدەك قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى ئەمەلىي سىناق مەيدانلىرىدا سىنىلىدۇ. گەرچە بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال قابىلىيىتى، ئىپادىلەش كۈچى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرمىگەنلىكتىن يۈز-تۇرانە ئىمتىھان ياكى سىناق باسقۇچىدىلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى مۇمكىن.  
     يېغىپ ئىيتقاندا، خىزمەت ئىزدەش ھەر بىر كىشىنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ياكى تەرجىمىھالدا يازغانلىرى ئارقىلىقلا ئوڭۇشلۇق تاماملىنىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇنېۋىرسال ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىجادچانلىقىنى سىنايدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەگەر سىز خىزمەت ئىزدەۋاتقان بولسىڭىز، «كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت» چۈشەنچىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىڭ ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەجرىبە توپلاشقا ئەھمىيەت بىرىڭ. چۈنكى، تەجرىبە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىڭىزدىلا ئەمەس، پۈتۈن ھاياتىڭىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
39244
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-20
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 16:43:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى يېزىپسىز ....
دېمىسىمۇ راست ،مەنچە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاۋۋال جەمئىيەتتە بىرەر ئىشنى قىلىپ ، ئاددىي بولسىمۇ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ باقسا، كېيىنكى تۇرمىشىغا پايدىلىق بولغان بۇلاتتى ...

UID
17664
يازما
145
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
715
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 18:06:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تىپىشنى بىردىن -بىر چىقىش يولى قىلىۋىلىش سىتودىتلاردىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق...............................

UID
44953
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 03:44:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تۆمۈر تاۋاق ئىددىيسىگە پەقەت قايىل ئەمەس ! شۇڭلاشقىمۇ كىيىن قالدۇق .

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بۇ  

UID
8397
يازما
94
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2224
تىزىملاتقان
2011-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 12:08:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا تۇمۇر تاۋاقتىن ياغاچ تاۋاق تەملىك چۇنكى ياغاچ تاۋاقنىڭ مېھنىتى يوق، بېسىمى يوق،مەقبۇرلىشى يوق.

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بۇ  

UID
8397
يازما
94
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2224
تىزىملاتقان
2011-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 13:06:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[قانداق كېسەل بۇ ئەمدى
---بىر ىۇشامەتچى تىلىدىن

ماڭا قىسمەت بىنورمال غەيرى ھالەت ئېپكەلدى،
بوينۈم قاتتىق ئىدى،بۇگۇن قەددىم پۈكلەندى ،
‹‹ئامبال››قوغلاش قىلمىشىم،بەللىرىمنى بەك ئەگدى،
جامائەتتىن‹‹تەخسىكەش››دېگەن لەقەم سەپلەندى،
بۇ ئۆمرۈمدە كۆرمىگەن،قانداق كېسەل بۇ ئەمدى؟

ئۆز-ئۆزۇمنى چاغلايتىم،بۇ بىر دىياردا ساناقلىق،
خىيالىمدىن كۈنۇ-تۇن،‹‹ئامبال››كەتمەس داۋاملىق،
بوپ قالسىمۇ يوقلايمەن ئىشخانىسى تاقاقلىق،
پۈۋلەپ تۇرار شەيتىنىم،يوقتۇر  ماڭا ئاراملىق،
تۇرالمايمەن كۆرمىسەم، قانداق كېسەل بۇ ئەمدى؟

خۈش بولىمەن ‹‹ئامبال››نىڭ پۇرىۋالسام ھىدىنى،
كېتەلمەيمەن چۆرگىلەپ،ئىشخانا-يۇ تېمىنى،
ھۇزۇر ماڭا بىر قېتىم،تۇتىۋالسام قولىنى،
شەربەت دېگۈم كېلىدۇ،يۇندىسىنى ،سۈيىنى،
ئەس -ھۇشۇمنى لال قىلغان، قانداق كېسەل بۇ ئەمدى؟

كېتىپ قالسا كونىسى،دەرھال ئىزدەپ يېڭىنى،
‹‹ئەسسالام ››دەپ كىرىمەن،ئېپ بولغۇچە دېمىنى،
ئېغىر كەلمەس مەڭا ھىچ،‹‹چىقىپ تۇتۇرۇڭ››دىگىنى،
كۆرۇنمەيدۇ كۆزۈمگە،ھەتتا قاپاك تۈرگىنى،
ھاقارەتنى ھار ئالماس،قانداق كېسەل بۇ ئەمدى؟

مۇئاۋىنغا خوشۇم يوق،‹‹چوڭ ››لىرىنى ئىزەديمەن،
‹‹سىزگە سادىق ھەر زامان،مەسلەھەتچىڭىز بىز››دەيمەن،
زايا قىلىپ ۋاقىتنى،پەلىپەتىش سۆزلەيمەن،
مۇنداق قىلىش ناھاجەت،ئۆزۈممۇ ھىچ بىلمەيمەن،
خۇددى بولدۇم بودۇشقاق،قانداق كېسەل بۇ ئەمدى؟

ماڭا ئايان ‹‹ئامبال››نىڭ نە-نەلەردە يۈرگېنى،
قاي كۈن چىقىپ سەپەرگە،قايسى كۈنلەر كەلگېنى،
(كەپ بولغۇچە يېنىغا كىم-كىملەرنىڭ ئۈنگېنى،)
قايسى ئىشقا ئاچچىقلاپ،قايسى ئىشقا كۈلگېنى،
تىڭ تىڭلايمەن شۇ قەدەر،قانداق كېسەل بۇ ئەمدى؟

ئۇنى ئىزدەپ ھەر كۇنى،كەچ كىرگۇچە يول ماڭدىم،
ئۇچراشمىسام بىرەر كۇن،ئۆز-ئۆزۈمگە خۇيلاندىم،
بىر رەت تۇتسام قولىنى،بىر يىلغىچە ماختاندىم،
ھىچ بىلمىدىم ۋاي توۋا!باشلىق خۇمار بوپ قالدىم،
تىبابەتتە ئىسمى يوق،قانداق كېسەل بۇ ئەمدى؟

ۋىجدانىمنى-نۇمۇسنى،قۇيۇن كېلىپ ئەپقاچتى،
شۇندىن بېرى مېنىڭدە،ئادىمىيلىك سۇسلاشتى،
خۇشامەتكە خۇشتار بوپ،باشلىق جىنى چاپلاشتى،
بولغاچ زېھنىم بۇ ئىشتا، يېقىنلىرىم  ياتلاشتى،
داۋا بارمۇ ئىزدىسەم،قانداق كېسەل بۇ ئەمدى؟

باشلىق گويا بىر چىراغ،بولدۇم نىمجان پەرۋانە،
رۇدۇپايدەك چاپلاشتىم،ئۇنى قىلىپ ئاۋارە،
ئەيلەپتىمەن ئۆزۇمنى ئويلاپ باقسام بىچارە،
غەيرىي خۇمار-خۇلقىمدىن،خەقلەر بوپتۇ ھەيرانە،
نىمە جەبىر يائاللا،قانداق كېسەل بۇ ئەمدى؟

ئاڭلاپ قالدىم باشلىقلار ،مەندىن بىزار بوپتۇدەك،
‹‹بىزنى مۇنچە، ئاۋارە قىپ كەتمىسۇن››دەپتۇدەك،
ھەممە باشلىق ئۆزىنى،مەندىن چەتكە ئاپتۇدەك،
مۇھىم ئىشمۇ يوق ئىدى،مۇنچە ئىزدەپ كەتكۈدەك،
ئۆز -ئۆزۈمنى خار قىلغان، قانداق كېسەل بۇ ئەمدى؟

ئاپتور:ئابدۇۋەلى راخمان(ھاققانىي)
(كەلپىن ناھىيە ئەنجۇي ئولتۇراق رايونىدىن)
ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى كۇرۇپ جەمىيىتىمىزدىكى بەزەن خوشامەتچىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن كۇچۇرۇپ يوللاپ قۇيدۇم ،لېكىن بۇنداق ئىللەت يوقلارنىڭ كوڭلىگە ئالماسلىقىنى ئۈمۇت قىلىمەن!

UID
7375
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2010-11-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 13:09:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما گەپنىڭ چاقى بار :قولۇمدىن ئىش كېلىدۇ ،ئىش بەرمىسەڭ ئۇزۇنىغا چىقە ۋا ئاكا،دەپ قويۇپ كېتەلەيدىغان يۈرەك بولۇش كېرەككى ، مۇشۇ خىزمەت ئورنىنى ماڭا بەرسىڭىز (بالامغا بەرسىڭىز )دەپ يالۋۇرۇپ  ،قوي سوياي ،پۇل سۈڭگىتەي ،ئاق قىلاي كۆك بولاي ،دەپ سارغىيىپ غورۇرنى دەپسەندە قىلىشنىڭ ئورنى يوق !

UID
45026
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 16:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائاس ھەر قانچە يۇقرى بولغان بىلەن ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان خىزمەت بولسا يەنىلا بېسىمدىن قۇتۇلالمايسىز.شۇڭا پۇلنى ئاساسى ئۆلچەم  قىلىۋالمىغان  تۈزۈك.

UID
19703
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 01:01:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە خىزمەتتە ئۆزى ئەڭ ياقتۇرغان خىزمەتنى قىلىش ئەڭ مۇھىممىكىن دەيمەن ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ھەرقانچە ھىرىپ چارچىسىمۇ يەنىلا بىسىم بولمايدۇ. بىر ئىشلارنى قىلغاندا پۇلنى ئۆلچەم قىلىۋىلىش ئانچە ياخشى ئەمەسقۇ دەيمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش