تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 830|ئىنكاس: 13

«مېنىڭلا توغرا» دېيىش توغرىمۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
107 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 18:17:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      «مېنىڭلا توغرا» دېيىش توغرىمۇ؟
           ئايشەمگۈل ئابدۇرۇسۇل
     يېقىندا بىر تونۇشۇمنىڭ قىزىنىڭ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، يوقلىغىلى بارغىنىمدا ئۇ «قىزىم بەك گەپ ئاڭلايدىغان، تىرىشچان، ياۋاش، ئوبدان بالا ئىدى. دوختۇر روھىي بېسىمى ئېغىر بولۇپ كېتىپتۇ دەيدۇ. بىز قىزىمىزغا ياخشى بولامدىكىن دەپلا چىڭ تۇتقان» دەپ يىغلاپ كەتتى. بۇنىڭدىن ئەپسۇسلاندىم، مەن بىلگەندىن تارتىپ بۇ قىز ئاتا-ئانىسى تۈزۈپ بەرگەن قائىدە-تۈزۈم، يۈكسەك ئۈمىد ۋە قاتتىق تەلەپلەر ئاستىدا ياشىغانىدى. ئەمدىلىكتە روھىي جەھەتتە چاتاق چىقىپ، داڭلىق ئالىي مەكتەپتىن چېكىنىپ، داۋالىنىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئەسلى بۇ تونۇشۇمدا «مېنىڭلا توغرا»   دەيدىغان قاراش بار ئىدى.
   ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، بۇنداق «مېنىڭلا توغرا» دەيدىغان ئاتا-ئانىلار خېلى بار. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ توغرا بولغانلىقتىن ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز، ھەتتا ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپمۇ باقمايدۇ. شۇڭا بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە بۇنى بالىدىن، مەكتەپتىن، ئوقۇتقۇچىدىن، ھەتتا جەمئىيەتتىن كۆرىدۇ. ئۆزىدىن خاتالىق ئۆتكەن تەقدىردىمۇ، بالىلارنىڭ ئالدىدىكى ھۆرمىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇنى بالىلارغا دۆڭگەيدۇ. ئەمەلىيەتتە «مېنىڭلا توغرا» دەيدىغان مۇشۇنداق مۇتلەق ھوقۇقچىلىق ئېڭى بالىلارنىڭ ئىجادكارلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى بوغۇپ تاشلاپ، كېيىنكى تەربىيەنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ.
    پەرزەنت تەربىيەسى ئۇزۇن مەزگىللىك، مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان مۇرەككەپ جەريان. ئەگەر ئاتا-ئانىلار «مېنىڭلا توغرا» دەپ تۇرۇۋالسا، كېيىنكى پەرزەنت تەربىيەلەش ئىشلىرىدا بىر قاتار مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ. ئالايلۇق، تۇرمۇشتا ھەمىشە ھەر خىل زىددىيەت يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىلار پەقەتلا خاتالاشمىسا، ئۇ ھالدا خاتا قىلغىنى  بالا بولىدۇ، بىر بالا دائىم ئۆزنىڭ ئوڭۇشسىزلىق ۋە خاپىلىقتا  قالغانلىقىنى بىلىدۇ، ھەمدە كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالىلار ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ يېتىلدۈرەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كەمچىلىكىنىلا كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقىنى كۆرمەيدۇ، بالىلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا خاتالىقىنى تونۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن بالا «مەن ئەزەلدىن خاتالاشمىدىم»دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەدرىجى كۆڭلىدە قارشى تۇرۇشنى ئۆگنىۋالىدۇ. «مىنىڭلا توغرا» دەيدىغان ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بالىلارغا توغرا تەكلىپ ۋە پىكىر بېرىپ، بالىلارغا ئويلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرەلمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار بالىلاردا ھەر خىل پىسخىك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
        ئىلىم- پەن تارىخىدا مۇنداق بىر قانۇنىيەت بار. ئەگەر مەلۇم بىر تەرەپ مەڭگۈ كۈچلۈك ئورۇندا تۇرسا دۇنيانىڭ تەرتىپى بۇزۇلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، «مېنىڭلا توغرا» دەيدىغان ئاتا-ئانىلار «بۇزغۇنچىلىق» خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، خاس ئالاھىدىلىك ۋە مۇستەقىللىككە ئىگە بالىلارنى ئۆزىگە مۇتلەق بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلاردىكى يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئىقتىدارىنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ، بۇ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز ئەھۋالدۇر. مېنىڭچە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپرەك ئۆگىنىشى ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى بۇ خىل ئەھۋالنى تۈزىتىشتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىيالايدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى مۇشۇ تىپتىكى ئائىلە باشلىقىغا كىرىدىكەنمەن دەپ قارىسىڭىز، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى بالىڭىزنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭمۇ كىچىك چاغلىرىدىكى ئىشلىرىڭىزنى ئەسلەپ، بالىلىرىڭىزغا خاتالىشىش ۋە ئۇنى تونۇپ، تۈزىتىش پۇرسىتى بىرىڭ ھەم بۇ جەريانغا يېتەكچىلىك قىلىڭ. مەڭگۈ «مېنىڭلا توغرا» دېيىش خاتا. ئەگەر غۇنداق دەپ تۇرۇۋالسىڭىز، چوقۇم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-21 18:38  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44014
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 23:27:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مىنىڭلا توغرا دەپ باشقىلارنىڭ يوللۇق،ئۇرۇنلۇق پىكىرلىرىنى ئىنكار قىلغاندا ئادەم ئاسانلا خاراپلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ،

كونىلاردا بىر ئادەمنىڭ نىمە دىگەنلىكىگە قارىماي قانداق ئادەمنىڭ گەپ قىلغىنىغا دىققەت قىل،دەيدىغان ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز ھىكمەتلىرى بار،شۇڭلاشقا پايدىلىق تەپلىپ-پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلىشى كىرەك،شۇندىلا خاتالىقتىن خالىي بولغىلى بۇلىدۇ.

تىما ئاپتۇرىغا تەشەككۈر.

UID
28251
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-24
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:09:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپىمىزدا بۇنداق ئاتا-ئانىلار يوق ئەمەس ،ئۇلارنىڭ خىيالىدا ئۇلاردا ھىچقانداق خاتالىق يوق.
ئۇلار پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ ، يىراقنى ئويلىمايدۇ..................

باھا سۆز

arqiman  يۇقىردا ئېيتىلغىنى ، يىراقنى كۆزلەپ بۇرۇنىنىڭ ئۇچىنى كۆرەلمىگەنلىكتە !  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 01:14:09

UID
21971
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
24
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 01:43:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەقەت ئىدىيە مەسلىسى ، بىر-بىرىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىكتە . ئاتا-ئانا بولسا پەقەت بالىسى ئۈچۈنلا ، بالىسىغا ياخشى بولسۇن ، كىيىنكى تۇرمۇشى بەخىت ئىچىدە ئۆتسۇن دەيدۇ . لىكىن بالىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش قىلىش كىرەك . ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا ، دىگەن بۇ قالپاقنى كۆتۈرۈۋالماڭ ،  مودىدىن قالدى .
سىز  بالىڭىزنى 20 دىن ئاشماي تۇرۇپ دوكتۇر ، ئالىم ئېنژىنىر قىپ قويسىڭىز 60 تىن ئاشسا نەۋرىسى بىلەن بىللە قۇم توپا كولاپ ئوينامدا  ؟  
بالا بولسا بۇنى چۈشەنمىگەنلىكتە ، بالىنىڭ ئىددىيسىدىن ئۆتمىگەنلىكىدە ! ئاتا-ئانام نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغانلىقىدا .  بۇ بالا دادا بولغان چاغدا چۈشۈنۈپ قالىدۇ . ئالدىرماڭ !

(خوش~~~ بالا كىچىك تۇرسا ،چۈشۈنۈش ، ئىدىيە ......نىمە ئۈچۈن دىگەنلەنى  نىمە بىلىدۇ ئۇلار . دىگۈچىلەر  بولسا ، بالىنى يۇقىرقىدەك 4-دوختۇرخانىغا جىددى ئاپىرىڭلار ، دوختۇرلار نەخ مەيدان داۋالاش ئېلىپ  بارىدۇ . شۇ چاغدا  چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ . سىز نىمە دىسىڭىز ، سىز نىمە قىلسىڭز شۇنى قىلىدغان بۇلىدۇ .

UID
35691
يازما
79
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
79
تىزىملاتقان
2012-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 02:30:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى بىسىمىمۇ ئاز ئەمەس....ئائىلىدە بولسىمۇ ئازراق ئەركىنلىك بىرەيلى!
ئۆزىمىزنىڭ شۇ ياشتىكى ۋاقتىمىزنى ئەسلەپ باقايلى....ئۇلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىگە ھۆرمەت قىلايلى!
ئۆزىمىزنىڭ ھىسىياتىنى بالىلارغا تاڭمايلى!
‹‹4-دوختۇرخانىدا ئۆزىمۇ داۋالانسا بولغۇدەك››.

UID
28251
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-24
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 10:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭلا تۇغرا دەيدىغانلار تىخى بۇ يەردىمۇ بار ئىكەندە..............................
geniablatدېگەن تورداش راس دەيسىز ،‹‹4-دوختۇرخانىدا ئۆزىمۇ داۋالانسا بولغۇدەك››.

UID
39244
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-20
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 16:52:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئاتا-ئانىلار  بالىغا بەك بېسىم قىلىۋەتمەي ، ئەمەلىي شارائىت، مۇھىتقا قارىتا تەربىيلەش ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ ، پۈتۈنلەي بالىنىڭ رايىغا بېقىشقىمۇ بولمايدۇ ، ئامال بار ئاتا - ئانا بولغۇچى بالا بىلەن ئورتاقلىشىپ ، ئاندىن شۇ بويىچە ئىش كۆرسە ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق . ئاتا -ئانا بولغۇچى كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرسا بۇلىدۇ .

UID
43525
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 17:00:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنى تەربىيىلەشتە ئاتا -ئانىلار ئاۋال ئۇزىنى تەر بىيىلىشى كىرەك.

UID
17664
يازما
145
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
715
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 17:46:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بالا تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بىرەيلى؟؟؟؟؟؟؟؟؟...............................

UID
1243
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
254
تىزىملاتقان
2009-1-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 15:34:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! جاۋابى :خاتا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش