كۆرۈش: 27091|ئىنكاس: 91

ما قەشقەرلىكلەرنىڭ گىپىگە كۈلەيمۇ يا ئۆلەيمۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
41892
يازما
61
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
61
تىزىملاتقان
2012-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-20
توردا
121 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 01:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ما قەشقەرلىكلەرنىڭ گىپىگە كۈلەيمۇ يا ئۆلەيمۇ
(ئاينۇر مۇھەمممەدتۇرسۇن)



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
بۈگۈن قەشقەردىكى ھەپتىلىك تەنھا يازلىق لاگىر پائالىيتىمنى تاماملاپ،ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم. قەشقەردە   بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن يۇمۇرلۇق ۋەقەلەرنى تورداشلارغا ئالغاچ كەلدىم.
بۇ پەقەت يۇمۇر تۈسىنى ئالغان ۋەقەلىكلەر،يۇرتۋازلىق ،مىللەتچىلىك،ۋەتەن نۇقتىنەزىرىدىن چۈشۈپ چوڭ ئويلاپ كەتمەسلىكىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن،ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى!


ئايروپىلاندا



ئارانلا ئۈلگۈرۈپ ئورنۇمنى تېپىپ ئولتۇردۇم ،ئۇھ،تاس قالدى كىيمىمىزنى سالدۇرۇپ تەكشۈرگىلى.ھەر نىم بولسا ماۋۇ يېنىمدا ئۇيغۇر ئاكىمىز ئولتۇرۇپتۇ. ئۈزەمنى ئوڭشاپ بولغۇچە تۇيۇقسىز گەپ ئاچتى:
-ئۇكام،ما قەشقەگە ماڭغانما-كۆزىدە يەرنى ئىما قىلپ سوراپ قالدى.
-شۇنداق،شۇنداق ،ئۇزۇن بوپتىكەن بارمىغىلى بىر كۆرۈپ كىلەي دەپ،-دىدىم مەن سورىمىغانغىمۇ جاۋاپ قىلىپ.
-بەلەن بولاپتىكەن،لېكىن ئۇكام سىلى ما بىلەتنى ئايروپىلانغا ئاغانمۇ يا پاچاققىمۇ؟
ئاھ خۇدا،پۇتىغا دەسسىەپ ئولتۇرۇپتىمەن ئەمەسمۇ،بۇنىڭغىمۇ شۇنچىۋالا دېيىش كېتەمدۇئەمدى، پۇتىڭنى تات دېسىلا تۈگەيتتىغۇ؟


شەھەر مەركىزىدە



تەرەققىيات زور ئەمما جىمجىت، سۈكۈتكە تولغان قەشقەر ،ئەزىز ماكان.خىياللار بىلەن يولنى توسۇپ تۇرىۋېلىپ ئارقامدىن چېلىنغان ماشىنىنىڭ سىگنالىنىمۇ ئاڭلىماپتىمەن،تۇيۇقسىز بىرى ۋارقىردى:
-ھوي خېنىم،ما مىدىيلاپ قويمايلىما،قاپ بەلدە مەللە خېنىمنىڭ مازىرىدەك تۇماي!
قارىسام مىنى دەۋېتىپتۇ ،توۋۋا،مازا دېگىنىگە قارىغاندا چوقۇم كىچىك نەرسە ئەمەس،ھازىرلا بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم...


مازارلىقتا



ھەقىقەتەن چوڭ مازارلىقكەن،بۇ مازارلىق ھەممىدىن ھەيۋەت ئالاھىدە چوڭ سېلىنغان مەھەللە خېنىمىنىڭ گۈمبىزىنىڭ نامىدا ئاتالغان ئىكەن،مېنى مۇشۇ گۈمبەزگە ئوخشاتقىنىنى قارا.شۇ خىياللار بىلەن گۈمبەز ئالدىدا يىغلاپ دۇئا قىلىپ تىلەك تىلەۋاتقان ئايالغا كۆزۈم چۈشتى،خاتانى توسىماق بولۇپ دەرھال بېرىپ سۆزلىدىم:
-ئاچا مازارلىقتا دۇئا قىلىپ تىلەك تىلىسە بولمايدۇ،-دەپ گەپ باشلىشمغا ئايال گەپنىڭ بىلىگە تەپتى:
-قانداق قىيسام بولىتتې، مازالىقتا دۇئا قىلماي ئۇسۇل ئوينىسام بولامتى؟


ئاشخانىدا



تۇرالغۇمنى ئورۇنلاشتۇرۋېتىپ تاماققا كىردۇق،كۆڭلۈم ئېلىشىپ تازا تاماق تاتمايتتى.ساۋاقدىشىم بەكلا زورلىدى،مېنى بىر نەرسە بۇيرۇتقۇزۇپ بولالماي تاماق تىزىملىكىنى ئوقۇپ سوراشقا باشلىدى:
-لەغمەن ،پولا،سۇيۇقئاش،لەڭپۇڭمۇ باكەن،- ساۋاقدىشىمنىڭ قىزغىن سورىشىنىڭ ھەممىسىگە ياق دەپ بېشىمنى چايقاۋەردىم،سەل ۋاقىت ئۇزىراپ قېلىشىغا تاماق تىزىملىغۇچى سۆز قېتىپ قويدى:
-ماۋۇ ئاچام ئىشخانىغا كىرىمەن دەپ ئاشخانىغا كىرۋالدىمۇ - نېمە؟


ناشتىدا



قىز بالا دېگەن ياتاقتا ياتمايدۇ،دەپلا ساۋاقدىشىم ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى.ئەتىسى ئۇنىمىسام سەھرا دەپ ياراتمايۋاتامسەن دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ،ناھىيىدىكى ساۋاقدىشىم ئېلىپ كەتتى.ئۆيىدە بىر كېچە قونۇپ سەھەردە تۇرۇشۇمغا ئانىسى ئوخشىتىلغان پولونى دەستىخانغا ئەكەلدى.سەھەردە تاماق يەپ ئادەتلەنمىگەچكە پولونى ئېلىپ قويۇپ چۈشتە يىيىشىمنى ھازىر نان بىلەن چاي ئىچىدىغىنىمنى دىدىم.ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى كۈلۈپ ئولتۇرۇپ تاماققا ماندا زولاپ قالدى:
-قايلىسلا  بالام،چۈشكىچە ئانىسىنىڭ خېتىنى بەمەيمەن،ئۆيدە با،يىگىلىرى بانى يەنە ئېتىدا.ھازىر ما ئاشقا باقسلا،ما قۇرۇق ناندىن كاچات ياخشى دەيمەن!


خەلق مەيدانىدا



خەلق مەيدانىنى ئايلىنىپ ئىچىملىك ساتىدىغانلارنىڭ قويۇپ قويغان ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ پاراڭغا چۈشتۇق.ئۇنىڭ-بۇنىڭ گىپىنى قىلىشىپ تېما ماڭا مەركەزلىشىپ قالدى،ھەممەيلەن مىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى يۇمۇرلۇق پاراڭلىرىمنى سېغىنىپ قالغانلىقىنى ،ھازىر يەنە يىڭىلىرى بولسا دەپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى.ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇدۇلۇمدا تۇرغان داھىي ماۋزىدۇڭنىڭ ھەيكىلىدىن ئىلھام ئېلىپ يۇمۇردىن بىرنى باشلىدىم:
بۇرۇن مۇشۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ماۋزىدۇڭنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىچىك كوچىدا ناھايتىمۇ ئوخشايدىغان بىر لەغمەنخانا باركەنتۇق،بىر كۈنى بازارغا كىرگەن دىھقان مۇشۇ ئاشخانىدىن تازا بىر لەغمەن يەپ قايتماقچى بولۇپ كەلسە ئىشىكىنى باغلايدىغان يەر يوق،ئۇيان ئىزدەپ-بۇيان ئىزدەپ ئاخىرى بەرىبىر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان رەھبەر بولغاندىكىن ئېغىر ئالماس دەپ يولداش ماۋزىدۇڭنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان قولىغا ئىشەكنىڭ ئارغامچىسىنى چىڭ باغلاپ قويۇپ لەغمەن يىگىلى كىرىپ كىتىپتۇ.
قوساقنى چىڭ توقلاپ،بۇرۇتىنى مايلاپ چىققان دىھقاننى قاراۋۇل غەزەپ بىلەن سۇراققا تارتىپتۇ:
-ھۇ قاپ يۈرەك نىمە ئۈچۈن قوتۇر ئىشىكىڭنى داھىي ماۋزىدۇڭنىڭ قولىغا باغلىدىڭ؟-دەپ ۋاقىرىسا،دىھقان دەرھال مۇنداق جاۋاپ بەرگۈدەك:
-خاپا بولمىسلا،باياتىن ئىشەكنى باغلايدىغان جاي تاپالماي يۈرسەم داھىي ماۋزىدۇڭنىڭ ھەيكىلىدىن،ئەكەل دىھقىنىم ئېشىكىڭنى مەن تۇتۇپ تۇراي،لەغمىنىڭنى يەپ چىق دىگەن سادا كەلگەنتى شۇڭا ئاغامچىنى قولىغا بېرىپ خاتىرجەم كىرىپ كەتكەنتىم...
يۇمۇر تۈگىشى بىلەنلا كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى،ئەگىشىپ ئايال خوجايىننىڭ سەت ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ئوھوش، قوپىشە ماندا يۇمۇرىڭنى باشقا يەرگە بېرىپ ئېيتىشە،ئادەمنى جان ساقلىغىلى قويۇپ...


2012-يىلى7-ئاينىڭ18-كۈنى يېزىلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-27 15:18  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
3198
يازما
35
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
785
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 21:47:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھاھا...................يۇمۇرنىڭ قاتىللىرىكەن....... ئاۋۇ ساۋاقدىشىڭىزنىڭ دادىسى سېسىق گەپ بىلەن ئۆتتۈرۈپتىغۇ ................

UID
28546
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 22:24:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي نىمدا قىززىق .....

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىش

UID
13880
يازما
109
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2209
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-12
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 23:07:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا.....سىز ھەقىقەتەن يەرلىك قەشقەرلىكلەرگە ئۇچراپسىز،بىزنىڭ قەشقەردە مۇشۇنداق يۇمۇرلۇق گەپلەرنى قىلىدۇ،بۇنى تەنە گەپ دەيمىز،باشقا شەھەرلىكلەر ئاسانلىقچە چۈشەنمەيدۇ تىخى.«مەھەللە خىنىم»مازارلىقىغا باردىڭىزما؟مىنىڭ ئۆيۈم شۇ يەردە ئىدى.

UID
44014
يازما
228
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
228
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 23:34:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنمۇ قەشقەرلىكلەرنىڭ يۇمۇرلۇق گەپلىرىنى ئاڭلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قەستەن تىرىكتۈرۈپ،سېسىق بولسىمۇ تەنە گەپلىرىدىن ئازراق ئاڭلىۋالىمەن،ئۇلار ئاچچىقلاپ تەنە ئارلاش گەپ قىلسىمۇ بەكلا قىززىقارلىق تۇيىلىدۇ ماڭا،



بىر كۈنى ھېيتگاھ تەرەپنى ئايلىنىپ كىيىم-كىچەك دۇكىنىغا كىرىپ قالدىمدە بىر كانۋاي كۆينەكنى 120سومغا سېتىۋېلىپ ھېلىقى دۇكامدارغا كۆينەكنى بىر خالتىغا سېلىپ، بىرىشنى دىسەم،كىچىككىنە خالتىغا سېلىپ بەرمەسمۇ،شۇنىڭ بىلەن مەن دىدىمدە-چوڭراق خالتىغا سېلىپ بەرمەمسىز،بەكلا كىچىك خالتىكەنغۇ بۇ دىسەم،،،،،

ئا ئادەم تۇروووووووووووووپ كىتىپ،،،،،ئۈكېېېېېېېېېېېېېېېېېېم،،مانىڭغا سېلىپ بىرەيمۇيا،،،دەپ يۇغون چامداندىن بىرنى كۆرسەتمەسما،،،كۈلۈپ تېلىقىپ قېلىپ كۆينەكنىڭ ئۈستىگىلا ئوڭدىسىغا چۈشتۈم،،،،،،،قەشقەلىك دىگەن دەششەت گەپ قىلىدىكەن جۇمۇڭلە،،،،،،،ھى ھى ھى ھى

باھا سۆز

etikad  راست، شەيتىنى كۈچلۈككەن ما يېتىمنىڭ!  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 15:56:48
khan  شەيتىنىڭىز ھەقىقەتەن كۈچلۈككەن، كۈلگۈدەك نەرى بار ئۇ گەپنىڭ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 14:22:30

UID
28251
يازما
50
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-28
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:12:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىززىق ئىكەن

UID
44602
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:40:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مازارلىقتا دۇئا قىلسا بولمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

UID
35691
يازما
102
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
102
تىزىملاتقان
2012-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
51 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 02:18:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشەكنى باغلىغان چاغدا ماۋزىدۇڭنىڭ ھەيكىلى يىتىپ ئارام ئىلىۋاتقان بولغىمىتى؟

باھا سۆز

etikad  تازا كەپتۇ ما گەپ!  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 15:57:09

UID
21971
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-17
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 02:49:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا شەھەردىكى يەرلىك كىشلەر مۇشۇنداق تېگى بار گەپ قىلىدۇ .

بىر قېتىم كومپىيوتېر بۇزلۇپ قېلىپ ئوڭشاتقىلى قەشقەرگە كەلگەن ئېدىم . كومپىيوتېرنى ئوڭشىتىپ بۇلۇپ تاكسى توسۇپ : «ئابتوبۇس بىكىتىگە ، مەكىتكە بارىدىغان ...» دىدىم ، شوپۇر بىلدى بولغاي ، گەپ قىلمايلا ماڭدى ، بەش مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە قارىسام يول ھېچ بىكەتكە بارىدىغان يولدا ئەمەس ، شۇنىڭ بىلەن مەن:« ئۇستــــــــــــــام ، مەن شەر چۆگىلەيمە دىمىدىم ، بىكەتكە ئاپىرىپ قويسىلا خاپا بولماي » دىدىم .  
-مىشە  شۇ  مانا
-قاچان بىكەت كۆچتى ؟
-ئەسلى بىكەت مۇشۇ شۇ ، مىشەدىن چىقسىڭىز بارىسىز .
-ۋاي مەن مەكىت ،يەركەنگە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس بىكىتىنى دىدىم ، ئا ۋېيشېڭيۈەن، 6-ئوتۇرا تەرەپتىكى .
-ئوچۇق دىمىسىڭىز يا گەپنى ...
-ھېلىمۇ يالىڭاچلاپ قۇياپ دىگەن گەپنى . جىق گەپ قىلماي ئاپىرىپ قويىڭا مېنى .
- 5 كوي بىرىېتىپ يولنىڭ ئا تەرىپىدىن تاكسى توسسىلا ، مەن باراي .
-ھـــــــە ، رەھمەت ھە ، ياخشى ئادەمكەنلا !

پۇلنى بېرىۋېتىپ تىكىۋەتتىم ، كۆڭلۈمدە شۇنچە جىق گەپ دەۋالدىم دەپ خوش بولساممۇ ئاخىرىدا دىگەن گېپى يەنىلا مىنىڭكىنى بېسىپ چۈشتى .

بىر قېتىم زوكام بوپ قېلىپ قەشقەرگە ماسكا تاقىۋالغان پېتى بارغان ئېدىم . شەھەرگە كىرگەندە كىملىك تەكشۈردىغان ئىشى باركەن . بىر سەھرا چىراي مىنبىڭ چىقىپ بىر باشتىن تەكشۈرۈپ چىرايىغا قاراپ يېنىمغا كەپ «ماسكاڭنى ئېلۋىتە »  دىدى . مەن :
-سېسىق گەپ پۇراپ كەتمىسۇن دەپ تاقىۋاغانتىم .-دىدىم . ئاۋازىمدىن زوكىمىمنى بىلىپ قالدى بولغاي .
-قاشقالىقنىڭ گېپى خېلى تـــــــــــو  لۇق ماڭىدۇ ،جۇما ، بىرپاي ماسكىڭىز پايلىماي قالامىكى . ئېۋەتسەڭ ئوڭشۇلۇپ قالىسە تېخى .

............ ئۇلاپ ئۇلاپ تىتىۋەتتى ~~~ۋەەەەەەەەەەت~~~~~~~~~

UID
19002
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2011-12-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 11:52:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
    ئەتىگەندە كەيپىم ئەجەپ ئېچىلىپ قالدى..........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش