داۋامى:
زارلانغان يۈرەك
شۇنداق قىلىپ مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۈن دىدارنىڭ سەۋەبى بىلەن،پاك قەلب ئىگىسىدىن خىيانەتچىگە،ياراملىق زىيالىدىن تىرىكتاپقا،ئەمىلىيەتچىل ،تىرىشچان قىزدىن خىيالپەرەس مىشچانغا ئايلاندىم.كۈنسېرى يېقىنلاپ كىلىۋاتقان توي كۈنۈم ياق ئەجەل كۈنۈم خۇددى قارا تۇماندەك كۆڭۈل ئاسمىنىمنى غەم-قايغۇ بىلەن قاپلىماقتا ئىدى.كۆزۈم قورقاتتى،ياش تۆكۈلگەن ھارمان سانسىزلىغان نىمە بولدىلارغا تىلمنى نا ئىلاج قىلماسلىق ئۈچۈن تىرىشاتتى.بىراق،يۈرەك يىغلايتتى...كۆز يېشىنى ئاققۇزۇپ يىغلايدۇ ،يۈرەكچۇ..يۈرەك قېنىنى ئاققۇزۇپ يىغلايدۇ.مانا شۇ تاپ يۈرۈگۈممۇ قانلىرىنى ياش ھىسابىدا تۆكمەكتەئىدى.....
ئاھ ئۇرۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ياراتقۇچىنىڭ ئىچى ئاغرىدىمۇ ياكى تەغدىرنىڭ كۆرسىتىدىغان يەنە باشقا قىسمەتلىرى بارمۇ بىلمىدىم،ئىكرام 9-ئايدا كىلەلمەيدىغان بولۇپ توي بىلەن ماڭىدىغان ۋاقتىم بىراق كىچىكتۈرۈلدى.ئۆيدىمۇ توينىڭ گىپى،قورودىمۇ توينىڭ گىپى،تېلۋۇزوردىمۇ شۇ گەپ،مەسچىتتىمۇ شۇ گەپ دىگەندەك ھەممىلا يەردە قايناۋاتقان تويۇمنىڭ گېپى قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك بېسىقتى.يۈرۈكىمگە ئازراق بولسىمۇ ئارام بولدى،قانلىق ياشلىرى توختىدى............
يامانغا ياغ ياراشماس ئەقلىيە سۆزى بويىچە،ئاسىي كۆزلىرىم ئۇنى ئىزدەيتتى،ئاسىي قەلبىم -ئاسىي مۇھەببىتىمگە تەلپۈنەتتى.غورورۇمنى يەنە بىر ياققا قايرىپ ئۇنىڭغا خەت يازدىم:
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟-دەرھال جاۋاپ كەلدى:
-ياخشى ئۈزىڭىزچۇ،مەن شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن بەك ئالدىراش بولۇپ قالدىم،بىكار بولۇپ ئالاقىلىشاي بولامدۇ؟
-بولىدۇ،بىكار بولغاندا ئۇچۇر قىلارسىز ئەمىسە،-دەپلا سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردۇق.قانچىلىك يىنىكلەپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن،ئۇنىڭ خەتلىرىنى كۆرۈپ خېلى جانلىنىپ قالدىم.خۇددى ھايات-ماماتىم پەقەت مۇشۇ ئاسىي مۇھەببىتىمگە باغلىنىپ قالغاندەك ،خىيالىمغا باشقا ئىشلار كىرىپ چىقمايتتى.تۇيۇقسىز ئۇنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ يېقىملىق ئاھاڭغا غىڭشىپ قالدىم.ھوي راست،مەن ناخشا ئېيتالايتتىمغۇ،ئالي مەكتەپتە ناخشا مۇئەللىمىمنىڭ:
-كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەلۇم بىرىنى ئەسلىگىنىڭىزدە ناخشىلىرىڭىز سىزگە ھەمراھ بولىشى مۇمكىن،مەلۇم بىرى بىلەن مۇھەببەتلەشكىنىڭىزدە ئۇ سىزنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرىڭىزدىن زوقلىنىشى،سىزدىن پەخىرلىنىشى مۇمكىن،-دىگەن سۆزى يادىمدىن كەچتى.ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن بولساممۇ تاتلىق مۇھەببەت،ئاچچىق سېغىنىش بىرىكىپ كەتكەن سەۋدايىلارچە ھىساتىم بىلەن ناخشامنى ئۈنگە ئېلىشقا باشلىدىم:
سەن ئۈچۈن سىزغان سۆرىتىڭنى كۆرگىن ئامرىقىم،ساڭا ئاتاپ ئېيتقان ناخشامغا قۇلاق سال ئومىقىم..سەن ئۈچۈن زارلىنىۋاتقان يۈرىكىمنىڭ نىداسىغا قۇلاق سال بارلىقىم...كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنى شۇنچىلىك سۆيگەن مەندىن،مىنى شۇنچىلىك سۆيدۈرگەن ئۈزەڭدىن پەخىرلىنىپ قالارسەن....
ئاڭلا جېنىم..سەن ئۈچۈن ناخشامنى باشلىدىم................