ساراڭ
يۇلغۇن
-ئادەم بارمۇ!؟
ئادەملەر قېنى؟!...
توۋلاپ يۈرەر ساراڭ كوچىدا.
قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ،
كۈلگىنىچە ئادەملەر ئاڭا.
بىر توپ ئادەم ئۇرۇشار دەھشەت،
قاش-قاپاق كۆك، ئېغىز –بۇرۇن قان.
-ئادەم بارمۇ!؟
ئادەملەر قېنى؟!...
توۋلاپ تېخى ساراڭ ھارمىغان.
ئىككى چوكان تىللىشار ۋاي دات،
دۇنيادىكى سېسىق تىل بىلەن.
-ئادەم بارمۇ!؟
ئادەملەر قېنى؟!...
ساراڭ توۋلار بارچە ئۈن بىلەن.
بىر توپ كىشى ئىچىپ ئولتۇرار،
بەلكىم ئۇلار ئازابتىن نېرى.
پەيدا بولدى ساراڭ بۇ يەردە،
-ئادەم بارمۇ!؟
ئادەملەر قېنى؟!...
ئاۋات كوچا ئىككى مەست ئەنە،
بىر-بىرگە قاراپ سىيمەكتە.
-ئادەم بارمۇ!؟
ئادەملەر قېنى؟!...
ساراڭ تېخى توۋلاپ يۈرمەكتە.
سۆزلەشمەكتە بىر توپ قىز-يىگىت،
ھاياسىزلىق ھەركەت سۆزىدە.
-ئادەم بارمۇ!؟
ئادەملەر قېنى؟!...
توۋلار ساراڭ ...،نەپرەت كۆزىدە...
باشلاشقانچە ئىككى ئاقساقال،
كىرىپ كەتتى قاۋاق ئىچىگە.
-ئادەم بارمۇ!؟
ئادەملەر قېنى؟!...
توۋلاپ يۈرەر ساراڭ تېخىچە.
-ئادەم بارمۇ!؟
ئادەملەر قېنى؟!...
ساراڭ توۋلاپ يۈرۈيدۇ تەنھا.
ھەممە ئادەم ئۆز غېمى بىلەن،
ئۆز غېمىنى يىمەكتە دۇنيا.
-بۇ دۇنيادا ياشاش مەن ئۈچۈن،
ھارام بولدى ئۈلۈپلا كېتەي.
ئادەم بارمۇ!؟
ئادەملەر قېنى؟!...
مەن يىغلىماي ،قانداقمۇ كۈلەي...؟!
‹‹ئادەم بارمۇ؟!...››دېگەن سىرلىق ئۈن.
چۈچۈتمەكتە زېمىننى، تاغنى...
ساراڭ تاشلاپ كەتتى دۇنيانى،
ئۇتالمىدى دۇنيا ساراڭنى...
ـ ئىجادىيەت