ئىگىسى: alkuyi.com

«ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى»ھەققىدە رادىيودا سۆھبەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
39341
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-27
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 17:02:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتىمىز توردىن پايدىلىنىپ تىخىمۇ تەرەققىياتلارغا ئىرىشىشىنى تىلەيمەن.

UID
39244
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2012-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-20
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 21:16:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى سۆھبەت بۇلۇپتۇ . ئېنتىرنىت تورىنىڭ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى ئۈچۈن ياخشى بىر سەھنە بۇلۇپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

UID
41180
يازما
20
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2012-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-4
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 16:27:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى ھەققىدىكى سوھبەتلەر يىقىنقى يىللاردىن بىرى گېزىت ژورناللار ،ئېنتىرنىت ،رادىيو تېلىۋىزىيەلەردە 2004-يىلى .2007-يىلى ،2008-يىلى .2010-يىلى 2012-يىلى بولۇپ 5 قىتىم ئوتكۇزىلىپتۇ .يىقىنقى يىللاردىن بىرى «شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى»مۇ ئوزلىگىدىن ئۇگەنگۇچىلەرگە دىسسىرساتسىيە ماقالىسى تۇرىگە «تور ئەدەبىياتى »ئەسەرلىرى تەھلىلى قوشتى بۇ ياخشى ئىش .ساقلانغان بىر قانچە سىن ھوججىتى قويۇشقا ئىمكان بولماي قالدى .توۋەندە ئەينى يىللىرىدىكى ياشلىق مىلۆدىيەسىدە ئىلىپ بىرىلغان تور ئەدەبىياتى سوھبىتىنىڭ يىزىق ھوججىتىنى يوللاپ قويدۇم .تورداشلار بەھىرلەنگەي .




مەۋلۇت ئىبىراﻫىم بىلەن تۇرسۇن ئابلىزنىڭ  سۆھبىتى



سىز نىمە مەقسەتتە سۇمرۇغ ئۇيغۇرتور ئەدەبىياتى بىكىتىنى قورۇپ چىقتىڭىز ؟

تۇرسۇن ئابلىز :
مەن بىر خىل جىددى يۇزلىنىشنى سىزىپ قالدىم ،ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ كىلەچىگىگەبولغان زارىقىش ئىچىدە تور بەتلىرىنى ئارلاپ يۇرسەم ئەنئەنىسى ۋە يىڭىلىق تۇسىقويۇق ،سەركەردە ئەدىپلىرى كوپ مىللىتىمىزنىڭ ئەدىبىياتى ﻫازىرقىزامان تور يۇزلىنىشى ئالدىدا بوينىنى قىسىپ تۇرۇپ قاپتۇ . بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭتور ئەدىبىياتىدىكى تەرەققىياتدىن ﻫەيران قالدىم .ئوزۇمنى ئىلىپئىيىتسام مىنى بىر كىتاپخۇمار دىسىڭىزمۇ بولۇدۇ ، مەندىكى بۇ قىزىقىش ۋە دۇنيا تورئەدەبىياتىنىڭ نوۋەتتىكى يۇزلىنىشى ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس بىر ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتتور پونكىتىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىدىن ئىبارەت زۇرۇريەتنى ئاللابۇرۇن ئىسپاتلاپ بولغانتى .سۇكۇت قىلىپ قاراپ تۇردۇم ، قارىسام مەخسۇس ئەدىبىياتنى كەسىپ قىلغان ژورنالىستلاربەك ئالدىراشتەك بىلىندى،ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىقتىسادى قىممىتى يوق ، جاپالىق ئىشنىقىلغۇسى كەلمىگەندەك قىلاتتى . شۇ خىل زۇرۇريەت ئاساسىدا ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكىئەدىبىياتقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بىر توركۇم ئوت يۇرەك شائىرلار ،يازغۇچىلار،ﻫەمئەدەبىيات ﻫەۋەسكارلىرىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن سۇمرۇغتىنئىبارەت بۇ ئۇيغۇر تور ئەدىبىيات بىكىتىنى قۇرۇپ چىقتىم .


مەۋلۇت ئىبرايىم:
سۇمرۇغ ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى تور پونكىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنىئىشلىدىڭىز، قۇرۇلغاندىن بۇيان قانداق تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بىسىپ ئوتتى ؟

تۇرسۇن ئابلىز :
سۇمرۇغ ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى تور پونكىتىنى قۇرۇش جەريانىدىكى جاپا مۇشەققەتلىرىم ﻫەقىقەتەن كۆپ بولدى. بىر كۈنلۈك خىزمەتنىڭ ﻫۆددىسىدىنچىقىپ ئۆيدىكى بىكار ۋاقىتلىرىمنى مۇشۇ ئىشقا سەرىپ قىلدىم ، كومپىيۇتېرنىئۆزلۈگۈمدىن ئۈگىنىۋاتقان بولغاچقا كومپىيۇتېر ئۇستىللىرى بەش مىنۇت سۆزلىسەچۈشەنگىلى بولىدىغان مەسلىلەرنى چۈشنۈش ئۈچۈن توردىن ماتىريال ئىزلەيتىم پروگراممابۇيرۇقلىرىنى بىر بىرلەپ سىناپ خۇسۇسىيتىنى بىلۋېلىشقا تىرشاتتىم ، كىچىلەردە كومپىيوتىرنىڭئالدىدا مۇكچىيىپ ئولتۇرۇپ پۇتۇن زىﻬنىمنىمۇشۇ ئىشقا ئاتاپ يۇرگىنىمدە ئويۇمدە نىمىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى نىمىنىڭ بارلىقىنى ﻫىسقىلماپتىمەن (بىراق يەڭگىڭىز بەك ئىشچان ،ئىشلارنى ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇدۇ ) ، شۇنداق قىلىپ تور سىستىمىلىرىنى ﻫازىرقىدەك كوركەم ،جەلىپكارلىق ،ئەدىبىيات بەتلىرىگە ماس ﻫالداتۇزۇپ چىقىش ئۇچۇن پۇتۇن زىﻬنىمنى سەرىپ قىلدىم ( لىكىنبۇمۇ تىخى مۇكەممەل ئەمەس ،مەن سۇمرۇغتىن ئىبارەت بۇ ئۇيغۇر تور بىتىنى يەنىمۇمۇكەممەللىككە ئىگە قىلىش ئۇچۇن يەنىمۇ ئىزلىنىۋاتىمەن ) دەسلەپتە تىڭىرقاش ،سىقىلىشئىچىدە تور بەتلىرىمگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىمەن، بەزىدە مەيۇسلىنىپمۇ قالىمەنشۇنداقتىمۇ ئەدەبىيات سۆيەر دوستلىرىمنىڭ قوللىشى ياردىمى ئاستىدا بەل قويۋەتمەيتىرىشچانلىق كۆرسەتتىم ، ﻫازىر سۇمرۇغدا مۇكەممەلبولغان تەﻫرىرلىك ﻫالقىسىشەكىللىنىپ بولغان بولۇپ ئەسەرلەرنىڭ چوقۇم تەﻫرىرلىك ﻫالقىسىدىن ئۆتىشىدەك ﻫالەتبارلىققا كەلدى .
سۇمرۇغنىڭ ﻫازىرقى تەرەققىياتى ۋە تور بەتنى زىيارەتقىلىۋاتقانلارغا قاراپ سويۇنۇپ قالىمەن ، ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا قىزغىنلىق بىلەنئەسەر يىزىۋاتقان قەيسەر تۇرسۇن ، ئوسمان زاﻫىر ،مۇتەللىپ مەنسۇر (ئوچى )،ئابدىرىشىت سۇلايمان ،ئابدىرىشىت ئىلى ،پەرﻫاتكازىمى ، ئەخمەتجان تۇرۇپ ، غوجىمۇﻫەممەت مۇﻫەممەت ، نۇرمۇﻫەممەت ياسىن ئوركىشى ، مۇﻫەممەتكامال ، رەﻫىم شۇكۇر ئىزدەن ، سەنەۋۋەر ئابدۇراخمان ، رىسالەت مەردان، يۈسۈپجان قاتارلىقلار سۇمرۇغدا بەيگىگە چۇشكەن ئۇيغۇرئەدىبىياتىنىڭ غوللۇق شائىرۋە يازغۇچىلىرى .ئۇلاردىن مەن كوپ ئۇمىد كۇتىمەن ۋەيىقىن كەلگۇسىدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا بىر كىشلىك ئورۇنغا ئىگەبولىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن .بىراق ئۇيغۇر تەنقىتچىلىگى تۇرغۇنلۇق ﻫالىتىدەتۇرغاچقا بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەﻫلىل قىلىدىغانلار چىقمىدى ، بىراق بۇلارنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ .
سۇمرۇغنىڭ يەنەبىر جەﻫەتتىكى مۇۋەپپىقىيتىنىسۇمرۇغنىڭ ئاپتۇرلىرى ۋە كىتاپخانلىرىنىڭ كوپىيىشىدىن بىلىۋىلىش تەس ئەمەس .سۇمرۇغنىڭ ﻫازىرقى ئاپتۇرلىرى 2960نەپەرگە يەتتى .بۇلاريىزىۋاتقان ئەسەرلەر ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىغىدا ئىلان قىلىنىۋاتقان ﻫەرقانداق ئوخشاش زانىردىكى ئەسەرلەر بىلەن تارازىغا چۇشەلەيدۇ .
يەنە تەكىتلەشكە تىگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى بىز توختاۋسىز ئىزدىنىش ،ۋە جاپالىقئەمگەك ئارقىلىق بىزدىكى ﻫەۋەسكارلار بىلەن قەلىمىپىشقان شائىر يازغۇچىلىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇق بۇزىۋىتىلدى ..قاراڭ !!ئەدىبىياتقا قىزغىنلىق بىلەن ئوزىنى ئاتاۋاتقان ئالى مەكتەپلەردىكى ،ئىدارەئورگانلاردىكى ،كەڭ يىزا قىشلاقلىرىمىزدىكى ئاپتۇرلار نۇرغۇن يازمىلىرى ئارقىلىقسۇمرۇغ ئۇچۇن ئۇيۇشۇپ جاپا مۇشاقەتتەت بىللە بولۇپ دوسلۇق ئاساسى ئورناتتى ..بىزئەدىبىياتتىدىكى سەل قارىسا بولمايدىغان بىر كۇچ بولۇپ ئۇيىشىۋالدۇق ..بىزدىكىقىزغىنلىق ،بىزدىكى ئىزتىراپ ئىچىدە مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئى -نەزە-ئەسەرلىرىگەﻫەرقانداق ئاپتۇر دادىللىق بىلەن پىكىر بىرەلەيدۇ .بىزدە شوﻫرەتيوق ...بىز ئەدىبىياتتىكى كىبىرنى يوقىتىۋەتتۇق ..بىراق يول ئۇزۇن ،كىينكىسۇمرۇغنىڭ شوﻫرىتى مۇشۇ سۇمرۇغدىن ئىبارەت بىر ئائىلىگەئۇيۇشۇپ جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتقان بارلىق دوسلۇرۇمغا مەنسۇپ ...مەن بۇ يەردىنيۇكسەك دەرجىدىكى ئادىمىلىكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن ..


مەۋلۇت ئىبرايىم :
يېقىندا سۇمرۇغ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى يولغا قويۇپسىلەر بۇ ﻫەقتەئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟

تۇرسۇن ئابلىز :
بىزدىكى قىزىقىش ، جاپالارنى سىزىپ يەتكەن مەرىپەتپەرۋەر ئەدەبىيات سۆيەر ياش، خۇسۇسى كارخانىچى ، يەكەن ناﻫىيىلىك ئىبىن سىنادوختۇرخانىسىدىن ئابدىرىشىت سۇلايمان دەسلەپكى قەدەمدە سۇمرۇغ ئۇيغۇر تورئەدىبىياتى مۇكاپاتىنى تەسىس قىلدى ، يەنە نۇرغۇنلىرى بىر خىل زارىقىش ئىچىدەبىزنىڭ تەرەققىياتىمىزدىن گۇمانلاندىمۇ قانداق سۇكۇت قىلىپ تۇرماقتا. بىراق بىزئىشىنىمىزكى ئۇلارمۇ بۇ بەيگىگە ئاساس يارتىپ بىرىدۇ ، مەن سۇمرۇغ تورىدىكى بارلىقدوستلار نامىدىن ئابدىرىشىت سۇلايمانغا رەخمەت ئېيتىمەن .
بىزنى بىر خىل گۇمانسىراش ئىچىدە كۇزۇتۇپ تۇرغانلارغا شۇنى دىگۇم كىلىدۇ ...بىزدىنگۇمانلانماڭلار ...بىز قەدىر-قىممىتى مول ،ئىستىخپالى پارلاق ،مىللەتنىڭ ئاۋازىنىياتكۇزەلەيدىغان بەكمۇ مۇققەددەس ئىشنى قىلىۋاتىمىز .بىز دەسلەپكى قەدەمدەقانچىلىك قىينىلىپ قىلىشىمىزدىن قەتئى -نەزەر بىزسىلەرگە يىقىنلاشماقچى ..بىز كەڭدوسلارنىڭ شەپقەتلىرىگە چوڭقۇر مىﻬنىتىمىز بىلەن جاۋاپقايتۇرماقچى .بىز گەرچە قانچىلىك دەرجىدە قىينىلىپ قالمايلى سىلەر ئۇچۇن شۇنچىكىزۇق ئاتا قىلالايمىز ،،،بىزگە يىقىنلىشىڭلار ..بىز بۇ مۇشكۇل سەپەرنى بىرلىكتەباسايلى ..

مەۋلۇت ئىبرايىم :
سۇمرۇغنىڭ يەنە قانداق تەرەققىيات پىلانلىرى بار ؟

تۇرسۇن ئابلىز :

بىز تەرەققىياتىمىزدىن سويۇنمەيمىز ...چۇنكى شۇ نەرسىنى ﻫىسقىلىپ يەتتۇقكى بىز مەلۇم تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەندىن كىيىن يەنە قىلىدىغان نۇرغۇنئىشلىرىمىزنىڭ بارلىغىنى يەنە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بىزنى كۇتۇپ تۇرغانلىغىنى ﻫىسقىلدۇق، ۋە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز . دەسلەپكى قەدەمدەئۇيغۇر ئوبزورچىلىغىدەك بوشلۇقنى بايقاپ "ئەسەر ۋە باﻫا ""سالام ئەدىبىيات "قاتارلىق سىتونلارنى تەسىس قىلدۇق . بۇ سىتوندائۇيغۇر ئەدىبىياتىدا ئىلان قىلىنىۋاتقان ﻫەرقانداق ئەسەرگە كومپىيۇتېر تور مەشغۇلاتى قىلالايدىغان ﻫەرقانداقبىر كورۈرمەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئوزىدە كوز قاراشلىرىنى دادىل ، سەمىمى ئوتتۇرغاقويالايدۇ .بۇ مىنىڭچە نۇقۇل سۇمرۇغنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇنلا ئەمەس پۇتكۇل ئۇيغۇرئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇنمۇ پىشاڭلىق رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن .يەنە بىرجەﻫەتتىن بىزدە پوبلىتىسلىك ماقالىلارنى يازىدىغانئاپتۇرلار قوشۇنى بارلىققا كەلسە جەمىيەتتىكى بىر قىسىم نازۇك مەسىللەرگە دىياگۇزقويۇپ چىقساق دەپ ئۆيلايمەن، بىراق بۇنىڭمۇ يىقىن كەلگۇسىدە ئەمەلگە ئېشىشمۇمكىنچىلىگى بار .
بىزنىڭ يەنەبىر مۇشكۇل پىلانمىز بار .بىز كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدىن قوپۇپئەتىراپىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا تورغا كىرىش شارائىتى بولماسلىقىمى تۇپەيلىدىنبىزدىكى نادىر ئەسەرلەرنى كورەلمەيۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر قوشۇننى بايقايمىز .شۇ زورۇريەت ئاساسىدا تەﻫرىرلەر بىلەن باش قوشۇپ ،سۇمرۇغدىكى ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بىر شىئىرلار توپلىمى نەشىر قىلماقچى .
مىنىڭ يەنە بىر چوڭ ئارزۇيۇم ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ساپا مائارىپى قۇرلىشىغا ئاساسيارتىش ئۇچۇن مائارىپ كوزنىكى تەسەس قىلىپ ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىكى ئولگىلىك دەرىسسىتونلىرى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىغا توﻫپەقوشۇش . بۇنىڭ ئۈچۈن تور پونكىتىمىز مائارىپچىلار قوشۇنىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە مۇﻫتاج ، مائارىپچىللىرىمىز ، ئوقۇتقىچىللىرىمىز ئۆزلىرى تەيارلىغان ئوقۇتۇتۇش تەتقىقاتىتوغرىسىدىكى ماقالىلەردىن تارتىپ ئۆزلىرى تەيارلىغان دەرىس پىلانلىرىغىچە توردائېلان قىلسا (خەنزۇچە تور پونكىتلىرىدا ئاللا قاچان ئومۇملىشىپ بولغان)، ئۇقۇتقىچىلارتور ئارقىلىق بىر بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۈگۈنۈپ كەمچىللىكلىرىنى تولۇقلاپئوقۇتۇۇش ئىشلىرىدا ئازتولا پايدىسى بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.

يەنە بىر تەرەققىيات پىلانىم ، تاڭ سەﻫەردەيولغا چىققان يولۇچى چوقۇم مەلۇم بىر يەرگە بارماقچى .بۇ يول گەرچە يىراق بولسىمۇئۇ بۇ يولنى ماڭمىسا بولمايدۇ ..مىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر چۇشەنسە ..ئۇيغۇرئەدىبىياتىدىكى كەڭ ژورنالىسلار بىزنى قوللىسا ..سۇمرۇغ تور ئەدىبىياتىدىن ئىبارەتبۇ نوتىنىڭ مەنىۋى گۇزەللىك بوستانلىغىدا تىخىمۇ پۇرەكلەپ ئىچىلىشىغا يول ئىچىپبەرسە 2005-يىلى مەلۇم ئەدىبىيات سىمنارىيىسى تەشكىللەپ ،ئەدىبىياتىمىزدىكى نامىئۇلۇغ ئەدىپلەرنى تەكلىپ قىلىپ تور ئەدىبىياتىمىزدىكى كۇچ قوشىۋاتقان ئاپتۇرلار ۋە ﻫەۋەسكارلارنىتەشكىللەپ مەلۇم بىر رايۇندا ئىجادىيەت سالۇنى قىلساق .

مەۋلۇت ئىبرايىم :
تۇرسۇن سىز ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى ئۇچۇن مىﻬنەتسىزئەمگەك قىلىۋىتىپسىز ،سىز يىزىقچىلىق قىلىۋاتقان ئاپتۇرلاردىن قانداق ئۇمىدلەرنىكۇتىسىز ؟

تۇرسۇن ئابلىز :
سۇمرۇغ ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىغا ئەسەر يىزىۋاتقان ئاپتۇرلار بىر خىل قىزغىنلىغىيۇقىرى ،جاپا مۇشاقەتتىن قورۇقمايدىغان ،ئوز خىزمەتلىرىنىڭ جىددىلىگىگە باقمايتىرىشىپ مىﻬنەت قىلىۋاتقان ئوت يۇرەكلەر ،بىز ئىگىز تاغبىشىدىن ئىقىپ چۇشكەن دەﻫشەتلىك ئىقىنغا ئوخشايمىز ..بىزدىكى بەيگە بەك ئۇزۇن ..سىلەرنىڭ سۇمرۇغتىن ئىبارەت بۇ ئائىلىدە مەڭگۇ ئوزۇقئىلىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن ،چۇنكى بىز دەريادەك شاۋقۇن سىلىۋاتىمىز ...

مەۋلۇت ئىبرايىم :
سىز سۇمرۇغنىڭ ئالاﻫىدىلىگىنى قايسى جەﻫەتلەردەدەپ ئويلايسىز ؟

تۇرسۇن ئابلىز :
بىزدە تەڭرىتاغ ژورنىلىچە ئىزدىنىش ،شىنجاڭ مەدىنىيىتىچە ئىسلاﻫات ،تۇرپان ژورنىلىچە يىڭىلىق ،جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلىچە ئىمان ،كىرورانژورنىلىچە جاسارەت ،قۇمۇل ئەدىبىياتى ژورنىلىچە سۇكۇت ،تارىم ژورنىلىچە كونىلىق ،قەشقەر ئەدىبىياتى .ئىلى دەرياسى ،يىڭى قاشتىشى ژورناللىرىچە ئەنئەنە بار ،
بىزدە يەنە بىر ئالاﻫىدىلىك بار بۇنى مەنئاشكارلىماي تۇرايمىكىن ...چۇنكى ياخشى ئات كىيىن چاپسۇن ....



UID
4227
يازما
864
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19916
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-21
توردا
274 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 16:42:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇ تور ئەدەبيياتىدا يىلىغا مىليونلاپ پۇل تاپىدىغانلار بار، بىزدە قاچان شۇنداق ئەھۋالات بارلىققا كېلەر؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش