- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 57
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2067
- تىزىملاتقان
- 2010-6-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-29
- UID
- 2620
- يازما
- 57
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2067
- تىزىملاتقان
- 2010-6-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-29
- توردا
- 0 سائەت
|
بۇ 9قەۋەتتىكىbizar يوللىغان 2010-06-06 02:07 غا قارتىلغان :
نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىدا ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشى بەك چوڭ سەۋەب بولغان . يەنى 1944 - يىلى 5 - ئىيۇن ئەنگىلىيە بوغۇزىدا قاتتىق بوران چىقىپ ، شىددەتلىك دولقۇن پەيدا بولىدۇ . غەربىي لىنىيىدىكى نېمىس گېنىراللار ئىتتىپاقداش ئارمىيە بۇنداق چاغدا ھۇجۇم قىلمايدۇ ، دەپ ئويلاپ ، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى دېڭىز ياقىسىدىكى چارلىغۇچى پاراخوتلارنى ئەكىتىدۇ . ئەمەلىيەتە ، ئېزىنخاۋېر مۇشۇ چاغدا يولغا ئاتلىنىپ بولغان بولىدۇ . "قۇملۇق تۈلكىسى " دەپ نامى بار ، ھەممىمىزگە ئىسمى بەك تونۇشلۇق بولغان روممېلمۇ ( روممېل بۇ چاغدا نورماندىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىۋاتقان ) ھاۋارايى پونكىتلىرىنىڭ دوكلاتى ۋە بەزى بىر قىسىم ئاخباراتلارنىلا كۆزدە تۇتۇپ ، بۇ كۈنلۈك ۋەزىيەت توغرىلىق دوكلات تەييارلاپ ، غەربىي لىنىيىدىكى نېمىس ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى رۇدستېدقا ، "دۈشمەن ئارمىيىسى ھازىرچە ھۇجۇمغا ئۆتەلمەيدۇ~" دەپ دوكلات قىلىدۇ . نېمىسلار ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قاچان ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ، قەيەردە قۇرۇقلۇققا چىقىدىغانلىقىنى توغرا پەرەز قىلالماي قالىدۇ . روممېل بىلەن رۇدستېد كالاي رايونىدا بولىدۇ ، دەپ قىياس قىلىپ ، ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن ، داڭدار گېنىراللارنى بۇ يەرگە يىغىدۇ . ئەكسىچە ، ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا قوماندانلىق شىتابى ھىيلە ئىشلىتىدۇ . ئۇلار يالغاندىن خەۋەر تارقىتىپ ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى كېنتتا ئىكەن ، دېگەن تۇيغۇغا ئەكىلىپ ، داڭقى چىققان ، باتۇر ، تەجرىبىلىك ، تانكىغا ماھىر ، ئۇرۇش يولۋىسى ، ئامېرىكىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق گېنىرالى پاتتوننى كوچىدا سەيلە قىلدۇرۇپ ، گېرمانىيىە ئاخباراتچىلىرىنى "پاتتون ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئىكەن " دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان تېرە تاراقشىتىش بىلەن بۇ جەڭ باشلىنىدۇ . نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىدە نۇرغۇن داڭلىق گېنىراللار بولغان .... "ئەڭ ئۇزۇن بىر كۈن " فىلىمىنى كۆرگەنلەر بەك بىلىدۇ بۇ جەڭنى . 
ئىىتپاقداش ئارمىيەنىڭ نورماندىيەدىن قۇرۇلۇققا چىقىپ كەڭ كۈلەمدە غەلبىگە ئېرىشىشىدە،ئىزىنخاۋىر ،پاتتونلارنىڭ تاكتىكا كاللىسىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز.لېىكىن مەن كۆرگەن ماتىرياللاردا قۇملۇق تۈلكىسى بولغان روممىل ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانىدىن كىلەلمىگەن شۇنداقلا ئاخىرىدا ئىمپىريە شاھزادىسى دەپ ئاتالغان(كەچۈرۈڭلار ئىسمىنى ئۇنتوپ قاپتىمەن)ئوفىتسىرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ ئىمپىريىگە سادىق بۇلۇش ئۈچۈن زەھەر ئىچىپ ئۈلىۋالغان.نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش جىڭىگە رەھبەرلىك قىلىش شۇنداقلا تاكتىكا قوللىشىنش جەھەتتىكى لاھىيەسى گىتلىر تەرپىدىن رەت قىلىنغان.روممىل نۇرغۇن ھەل قىلغۇچ تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ،گىتلىرنىڭ يىنىدىكى نان قېپى ئوفىتسىرلار تەرپىدىن چەتكە قىقىلغان.ھەربى تاكتىكا جەھەتتە روممىلنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى ھەقىقەتەن يۇقۇرى.ئىتپاقداش ئارمىيىسىنىڭ مەخسوس روممىلنى قەستلەش ھەركەتلېرىمۇ مەغلوپ بولغان.
روممىلنىڭ زەر ئىچىۋالغان ۋاقتى بىلەن نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققان ۋاقتنى سىلىشتۇرۇپ باقساقلا بۇ ئايان بۇلىدۇ. |
-
ھەممە باھا نومۇرى : + 30
باھا خاتىرىسى
|