كۆرۈش: 14575|ئىنكاس: 33

(ئاگاھلاندۇرۇش)يانفۇن قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

زۇلپىقار ئەلى

UID
2166
يازما
47
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
650
تىزىملاتقان
2008-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 20:52:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
ئۇزۇندىن بېرى يانفۇن قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىرى توغرىسىدا كۆپ ئاڭلىغان ۋە مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە ئۇچرىغان بولساممۇ،بەزىبىر مۇشۇ ھەقتىكى ساۋادى بولمىغان تورداشلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىدىدە بۇ تېمىنى يوللىماقچىمەن.ھازىر بۇ ئالدامچىلار بارغانسېرى ھەددىدىن ئاشقىلى ۋە ھەرخىل ۋاستىلار ئارقىلىق بەزىبىر كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئاسانلا ئېرىشىپ ئۇلارغا ماددى ۋە مەنىۋىي زىيانلارنى يەتكۈزگىلى تۇرۇپتۇ.
بايا يانفۇنۇمغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالدىم،مەزمۇنى مۇنداق:

ھۆرمەتلىك ئابونت ياخشىمۇسىز؟سىزنىڭ يانفۇن نومۇرىڭىز ئالاھىدە6+1(非常6+1)پروگراممىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئالاھىدە تەلەيلىك ئابونت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.بۇ سىزنىڭ مۇكاپات تەستىق نومىرىڭىز6988
بۇ تەستىق نومىرىنى كۆرسىتىلگەن تور ئادىرىسىغا كىرىپ دەلىللەپ مۇكاپاتىڭىزنى تاپشۇرىۋېلىڭ.
مۇكاپات دەلىللەش تور ئادېرىس:cctv8993.com
مۇكاپات سوممىڭىز58000يۇەن خەلق پۇلى ۋە بىر دانە خاتىرە كومپىيۇتېر.

مەن بۇنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلساممۇ كومپىيۇتىر ئالدىدا بولغاچ ئۇ ئادرېسنى ئېچىپ باقتىم.راستىنلا مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ تور بېتىدەك ياسالغان بەت ئىكەن.مەزكۇر پروگراممىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى لىيۇ يوڭ نىڭ سۆرەتلىك فىلىمىمۇ بار ئىكەن....ئىشقىلىپ ئىشىنىپ قالغۇدەكلا.
مەن كۆرسىتىلگىنى بويىنچە قىسقا ئۇچۇردىكى دەلىللەش نومۇرىنى كىرگۈزۈپ باقتىم.كىيىن بىر كۆزنەك ئېچىلىپ،ئارخىۋىڭىزنى ۋە ئادرېسىڭىزنى تولۇق يېزىڭ بىز سىزگە مۇكاپاتنى ئەۋەتىپ بېرىمىز دىگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار چىقتى.مەن بەزىبىر ئارخىپلىرىمنى تولدۇرۇپ جەزىملەشتۈردۈم.كىيىنكى بەت ئېچىلىپ،مۇبارەك بولسۇن،3 كۈن ئىچىدە مۇكاپات بويۇمىڭىز پوچتىدىن قولىڭىزغا تىگىدۇ.خاتىرە كومپىيوتېرنى پوچتىدىن ئەۋەتىمىز،پۇلنى بانكا كارتىڭىزغا سېلىپ بېرىمىز دەپ بانكا كارتا نۇمۇرۇمنى سورىدى،مەن قالايمىقانلا بىر نومۇرنى تولدۇرۇپ جەزىملەشتۈردۈم.ئاخىرىدا ئۇلار بۇ مۇكاپاتلارنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن 1800يۇەن مۇكاپات سوغۇرتا بېجى تۆلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ بانكا كارتا نومۇرىنى ئەۋەتتى.......
مەن بۇ ئالدامچىلىقنى پاش قىلىش ئۈچۈن10086قىززىق لىنىيەسىگە تىلىفۇن قىلىپ ئالاقىدار خادىمغا ئەھۋالنى ئېيتتىم،ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بۇ خىل ئالدامچىلىققا ئىشىنىپ زىيان تارتقانلار بارغانسىرى كۆپەيگەن بولسىمۇ يەنىلا ئىشىنىپ ئالدىنىدىغانلار كۆپ ئىكەن.
كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا سەگەكرەك بولىشىنى،ئاسماندىن ھەرگىز بىكارلىق قۇيماق ياغمايدىغانلىقىنى ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تور بېكەت ئادرېسى:http//cctv8993.com
ئىملاغا دىققەت قىلايلى! چىدىيالايتىم،مەيلى دەيتىم، قارچۇغىنى قۇرغۇي دىسەڭ. لېكىن قانداق چىدىيالايمەن، ئۇيغۇر تۇرۇپ(ئۇرغۇي)دىسەڭ؟

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
457
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 21:03:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ ياخشى قىلدىڭىز، مەن بۇنداق ئۇچۇرنى كۈندە دېگۈدەك تاپشۇرۇپ ئالىمەن، ئىشخانىمىزدىكى بىر خەنزۇ يولداش مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققانلىقى ئۈچۈن مەنمۇ بەكلا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە ھۇشيار بولمىسا بولمايدىكەن.

UID
2579
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
219
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-26
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 21:08:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ئوخشاش قەتتى ئىشەنمەڭ ئۇنداق ئۇچۇرلارغا ،،،،،،

UID
2219
يازما
47
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1787
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 21:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭىمۇ بەك تولا كېلىدۇ مۇشۇ خىلدىكى  ئۇچۇرلار...........
ھايا-----قىز بوينىدىكى زۇننار

UID
2571
يازما
41
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1575
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 21:28:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقلى بار كىشى چوقۇم تەكشۈرۈپ راست-يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىنكىيىن، ئاندىن بۇ مەسىلىگە ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكنى بىكىتسە بولىدۇ...

UID
2187
يازما
31
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1171
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-4
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 21:32:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
paxa بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 21:38:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
1697
يازما
23
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
785
تىزىملاتقان
2009-4-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 21:51:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دىققەت قىلسام بولغۇدەق مۇنداق ئۇچۇرلار  ھازىر بەك كوپىيىپ كەتتى

دەلىللەنگەن ئەزا

سۇلايمان ئابلىمىت

UID
1651
يازما
190
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
73172
تىزىملاتقان
2009-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 21:59:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپات چىقتى دىگەن ھەرقانداق ئۇچۇرغا ئىشەنمەيمەن.... [s:2]

UID
1931
يازما
742
تېما
41
نادىر
0
جۇغلانما
27947
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-27
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 23:46:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تاس قالغان مەنمۇ( قويۇلۇپ)كەتكىلى.ئۇلارغا تېلىفۇن قىلىپ بىرمۇنچە پۇلۇم كەتكەن دىسە...
ئىشقىلىپ ھازىر ئۇنداق ئاسان ئالدىنىدىغانلارمۇ بولمىسا كېرەك.نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇلارمۇ تاكتىكىسىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ ،سەگەك بولايلى.
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش