تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 29065|ئىنكاس: 4

سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18
يازما
10
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2010-6-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-30 12:24:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئېسىلزادە بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ،
ئۇلۇغ زاد بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ .
سۇمباتلىق بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ،
باياشات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

ئۇ سېنى چوڭ قىلدى مىڭ تەستە بېقىپ ،
جېنىم دەپ پەپىلەپ باغرىغا بېسىپ .
ئوتۇڭدا كۆيۈپ ، سۈيۈڭدە ئېقىپ ،
قاق سەنەم بولسىمۇ بارىنى سېتىپ ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

ساڭىلا تۈگۈنۈپ ئۆزى يىمەيدۇ ،
سېنىلا كەيسۇن دەپ ئۆزى كىيمەيدۇ .
جاپا ھەم زەربىگە ۋايساپ كەتمەيدۇ ،
بەلكى كۆز يۇمغىچە غېمىڭنى يەيدۇ ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

پۇتلىرى مىڭ قاداق ، قوللىرى يېرىق ،
يىل بويى ئىشلەپمۇ كىيىمى يىرتىق .
ئۈستىدە تۇرسىمۇ تۈمەن مىڭ سېلىق ،
ئۇ شۇنچە مۇلايىم ، ئۇ شۇنچە سىلىق ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

ئۆتكۈزدى ئۇ ئۆمرىنى بالام ، بالام دەپ ،
كۈندۈزى ئېتىزدە ، كەچتە كالام دەپ .
تېخى كۆپ بالامغا مېھرىم چالام دەپ ،
ياشىدى ھەممىگە ئوخشاش سالام دەپ ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

سەن ئۇنىڭ ھالىنى سوراپ باقتىڭمۇ ،
بېشىغا بىر تەلپەك بېرىپ باقتىڭمۇ .
مۈكچەيگەن قەددىگە قاراپ باقتىڭمۇ ،
ئاقارغان چېچىنى سىلاپ باقتىڭمۇ ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

ئۇ سېنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ قويدى ،
شۇنداقلا دۇنيانى تونۇتۇپ قويدى .
بەختنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويدى ،
سېنى دەپ ياشلىقىنى يوقۇتۇپ قويدى ،
سۆي، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

شۇ گۈزەل ھۆسنۈڭگە كۆچكەن ياشلىقى ،
سەن ئۈچۈن كەتمەسكە كەتكەن شاشلىقى .
سېنى دەپ يوقالغان ھەم ئوت شاشلىقى ،
سېنى دەپ ئاقارغان بېشى چاچلىقى ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

ئەۋەتىپ تۇرىدۇ ساڭا ئايدا ئاش ،
نەۋرىلەر يىسۇن دەپ چامغۇر ھەم كۆكباش .
ھىچيەردىن ئالمايدۇ بىر تىيىن مائاش ،
ئۇ شۇنچە چىداملىق ئۇ شۇنچە يۇۋاش ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

كۆمۈرگە پۇلى كەم ، قالايدۇ مەدەك ،
پۇل ئۈچۈن ئېتىزدە تېرىيدۇ غوزەك .
ئەمما سەن قەھرىڭنى چاچىسەن بۇزدەك ،
ئېيتقىنا سەندىكى ئۇ قانداق يۈرەك ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

كوچىدا كۆرسەڭ قاچىسەن تېخى ،
كەمسىتىپ ئەيىۋىنى ئاچىسەن تېخى .
ئاچچىقلاپ زەھرىڭنى چاچىسەن تېخى ،
شۇندىمۇ بالام دەپ كۆيەر ئۇ تېخى ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

تۇرقىغا قاراپ باق ، كىيىمى جۇل - جۇل ،
ھەممىدىن ئايرىلىپ بولۇپ قالدى تۇل .
تۇرمۇشنىڭ يولىدا يۈرىكى چۇل - چۇل ،
پۇرىۋال ، ئۇ دىگەن خۇش پۇراقلىق گۈل ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

قاراپ باق بەستىگە مۈكچىيىپ كەتتى ،
ئىش - ئەمگەك دەستىدىن چەيلىنىپ كەتتى .
ئۈششۈگەن گۈل كەبى شۈمشىيىپ كەتتى ،
دەردىنى ئېيتالماي ئۈمچىيىپ كەتتى ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

ئۇنىڭدا يوق قىلچە كىبىر - تەمەننا ،
ھەر باسقان ئىزىدا تۈمەن مىڭ مەنا .
ئەپسۇسكى ياشىنىپ قالدى ئۇ ئەمما ،
لېكىن سەن قەرزىڭنى قىلدىڭمۇ ئادا ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

بىلەمسەن سەن ئۇنىڭ نامراتلىقىنى ،
نامراتلىق تەختىگە سۇلتانلىقىنى .
بىلسەڭمۇ ئەڭ ئاددى پاك زادلىقىنى ،
بىلمەيسەن قەرزىڭنىڭ قات - قاتلىقىنى ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

كىيىشىڭ ئېسىل تون ، ساڭا كۈندە توي ،
ئىچىشىڭ مەي - شاراپ ، يىيىشىڭ قوي .
سەن گويا بىر ئەنبەر ، ئۇ بولسا بەدبۇي ،
شۇ سەۋەپ داداڭنىڭ بېشىدا مىڭ ئۆي ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

ئۇ بەرگەن پاختا رەخ ئۇستاخانلاردا ،
ئۇ بەرگەن ئاش - غىزا داستىخانلاردا .
ئۇ تەرگەن سەي - كۆكتات شۇ قازانلاردا ،
ئۇ يەنە ئۆتەلمەس ئىمتىھانلاردا ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

سەن ئۇنى بىر قېتىم يوقلاپ باقتىڭمۇ ،
بىرەر رەت قورسىقىنى توقلاپ باقتىڭمۇ .
ئۇ سۇنغان داغ چاينى ئوتلاپ باقتىڭمۇ ،
بايرىمىڭ بولدى دەپ قۇتلاپ باقتىڭمۇ ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

ياشىدى ئۇ ھامان ھەقنى - ھەق سۆزلەپ ،
ئەۋلادىم ، خەلقىم دەپ يىراقنى كۆزلەپ .
ئىش - ئەمگەك ئەزسىمۇ ھەتتا ھەسسىلەپ ،
چىداشلىق ئۆتكۈزدى ئۆمرىنى بەزلەپ ،
سۆي، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

ئۇ كەتسە قايتىدىن تاپقىلى بولماس ،
ئۇ كەتسە تاي بولۇپ چاپقىلى بولماس .
ئۇ كەتسە قوشاققا قاتقىلى بولماس ،
پۇل خەجلەپ بازاردىن ئالغىلى بولماس ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

[/size]

http://hi.baidu.com/baghrim
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

ئۈمىدلىك ئەزا

چۆجىنىڭ شۇملۇقد

UID
157
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2008-10-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-30 20:21:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ..

ماڭا ئەشۇ بىچارە دادامنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز


ئاللا  قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن

UID
11
يازما
87
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
216
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-31 00:58:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە شائىر ئانىلا دىدى ،
ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە .
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە ....

بۈگۈن دادامنى ئۈزەمچىلا سېغىنىپ قالغاندا ماۋۇ تىمىنى .... بۈگۈن دادامغا سوۋغا ئالغان ئىدىم تېخى .... [s:2]

ۋاز كىچىش ھەم بولسىمۇ گۈزەل ، سۇنغان كۆڭۈل سۇنۇقتۇر بىراق .

UID
1362
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2009-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2009-2-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-7 23:15:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىرى گۈلىدەك قاپىرىپ تاپقان پۇللىرىنى ئوغلۇم دەپ بەرگەن،بىر ئۆمۈر پەرزەنت ئوتىدا كۆيۈپ پىشقان دادىلار قاراڭلار بالىلارگە ، سۆيۈملۈك بالىلار ئاقلاڭلار دادىلارنىڭ ئۈمۈت- ئارزۇلىرىنى

UID
1562
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2009-3-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-24 16:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز .بىز مانا مۇشۇنداق ەسەرلەرگە موھتاج.بۇنداق ەسەرلەر بىزنى اتا -انىمىز ھەققىدە كۆپرەك ويلاندۇرىدۇ .اتا-انىلار مەڭگۇ ياشنىسۇن .بۇ شىرىڭىز مىنى بەكمۇ ويلاندۇرۇپ  قويدى .بۇنداق ياخشىى تىمىلارنى بىزدىن ايىماڭ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش