تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2195|ئىنكاس: 20

شىنجاڭ كالتەك توپ ئەزىمەتلىرىمىزگە ئاپىرىن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12592
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2011-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 03:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ كالتەك توپ ئەزىمەتلىرىمىزگە ئاپىرىن

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 11دىن 35مىنۇت، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەكتوپ كوماندىسىدىكى ھەربىر ماھىر ئۈچۈن، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىز ئۈچۈنمۇ بىر تارىخىي خارەكتېرلىق ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەكتوپ كوماندىسى 0گە قارشى 8نەتىجە بىلەن 4يىلدىن بۇيان ئۇدا چىمپيون بولۇپ كېلىۋاتغان گۇيلىن كوماندىسىنى يېڭىپ، 8-نۆۋەتلىك جوڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ Bدەرىجىلىكلەر تۈرىدە چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.



كالتەك توپ(baseball)ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىق ئامىرىكىدا تەرەققىي قىلغان. 1839-يىلى تارىختىن بۇيانقى تۇنجى مەيدان كالتەك توپ مۇسابىقىسى ئامىرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن، 1845-يىلى مۇسابىقە قائىدىلىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ۋە بۇ قائىدىلەر تا ھازىرغىچە قولىنىلىپ كەلمەكتە. 1860- كالتەك توپ ماھىرلىرى كەسىپلەشكەن. كالتەك توپ 1873-يىلى ئامىرىكىدىن ياپونىيىگە تارقىلىپ كىرگەن ۋە ياپونىيىدە ناھايىتى تېز ئومۇملاشقان. 1992-يىلى كالتەك توپ تۈرى يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر تۈرى بولغان. ھازىر ئامىرىكا ۋە ياپونىيە كالتەك توپنى دۆلەت توپى قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا كالتەك توپ يەنە فېلىپپىن، تەيۋەن، كورىيە، لاتىن ئامىرىكىسى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىمۇ ناھايىتى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە.





كالتەك توپ جوڭگودىمۇ بىر قەدەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، جۇڭگو كالتەك توپ جەمىيىتى 1981-يىلى خەلقئارا كالتەكتوپ بىرلەشمىسىگە، 1985-يىلى ئاسىيا كالتەك توپ بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان. ھازىر جۇڭگونىڭ شەرقى قىسىم رايونلىرىدا بىر قەدەر مۇھىم تەنھەرىكەت تۈرى قاتارىدا ئوينىلىپ كەلمەكتە.

جۇڭگودا مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت بايرىمىنىڭ كالتەك توپ تۈرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كالتەكتوپ مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كوماندىلارنىڭ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ، جەمئىي 41كوماندا قاتناشقان. شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كوماندىسى ئىشتىن سىرتقى كوماندا بولۇش سالاھىيىتى بىلەن Bدەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىدا بولۇپ، گۇرۇپپا ئىچىدە 5مەيدان مۇسابىقىگە چۈشتى. بىرىنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئازراق جىددىيلەشكەنلىك سەۋەبىدىن 5كە قارشى 11نەتىجە بىلەن جۇڭشەن ئونۋېستىتى كوماندىسىنى يەڭدى. قالغان 4مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبلىرىنى 0دە قالدۇرۇپ يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭدى.
24-چىسلا ئەتىگەن سائەت 9يېرىمدا ئەزىمەتلىرىمىز كونا رەقىبى گۇيلىن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. گۇيلىن كوماندىسى ئۇدا تۆت يىل چىمپىيون بولغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى كوماندىمىز گۇيلىن كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ ئىككىنجى بولغانىدى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 10:45ئۆتتى، ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركىشىپ بىر-بىرىگە ئازراقمۇ پۇرسەت بەرمىدى. نەتىجە يەنىلا 0دە 0 ئىدى. ئارلىقتىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا قارشى تەرەپ تېرىنىرى كوماندىمىز تېرىنىرى لىتىپجانغا "قارىغاندا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 0دە 0چىقىپ ۋاقىت قوشۇپ ئوينىغۇدەكمىز" دېدى. تېرىنىر جاۋابەن:"خاتىرجەم بول، بىز ھازىرلا نومۇر ئالىمىز" دېدى. دېگەندەكلا، 3مىنۇتتىن كېيىن ماھىرىمىز مۇھەممەتجان بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تۇنجى نومۇرنى ئالدى. ئۇزاق ئۆتمەي ماھىرلىرىمىز ئون مىنۇت ئىچىدە يەنە ئۈچ نومۇر ئالدى.  قارشى تەرەپ ھەرقانچە تىركىشىپمۇ نۇمۇر ئالالمىدى. گەرچە رىپىر يەنە 5مىنۇت ئۇزارتىپ بەرگەن بولسىمۇ مۇسابىقە يەنىلا كوماندىمىزنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلاشتى.

ئەزىمەتلىرىمىز غەلبە تەنتەنىسى قىلىپ ساما تاشلىدى.
مۇسابىقىدىن كېيىن گۇيلىن كوماندىسى ئەزىمەتلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

16نەپەر ماھىرىمىز تۆۋەندىكىچە:
كەۋسەر(ئەڭ ئېسىل توپ ئاتقۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى)
ئالىمبېك
ئېرشات
بەختىيار
ئەسقەر
ئەخمەتجان
ئەكرەم
(يۇقارقى 7ماھىر بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈردى)
مۇھەممەتجان
ئېرشات
مەخمۇت
ئەسقەر شادى
قاسىمجان
ۋارىس
ئېلزات
نىجات
شەۋكەت

تېرىنىر :
لېتىپجان
قەيسەر

كوماندا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى:
ئۆركەش مۇئەللىم
تۇرسۇن مۇئەللىم

كوماندا خادىمى(棒球部经理):
دىلنىگار

پىدائىيلار:
ئاقمارال
يۇلتۇز
رازىيە











مۇسابىقىدىن كېيىن، ھەرقايسى كوماندىلار ئايرىم ئايرىم ھالدا كوماندىمىز بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شىنجاڭ ئونۋېرستىتى پارتىكومىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تەبرىك ئۇچۇرى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلىدى.
مۇسابىقىدىن كېيىن ئەزىمەتلىرىمىز مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرستىتى يېنىدىكى ئاماننىساخان رېستۇرانىدا غىزالانغاچ غەلبە تەنتەنىسى قىلدى. تېرىنىر لېتىپجان ۋى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، كوماندا باشلىقى كەۋسەر مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىياپەتتە كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى. ئۆركەش مۇئەللىم يۇقىرىنىڭ يېڭى يوليۇرۇقىنى يەتكۈزدى. ئاپتۇنۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئەزىمەتلىرىمىزنى مۇكاپاتلايدىغانلىقى ۋە دۆلەتلىك تەنتەربىيە جەمىيىتى كالتەك توپ بىرلەشمىسىگە رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سورۇندا كەۋسەر، بەختىيار قاتارلىق بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ماھىرلار يېڭى ماھىرلارغا بولغان تەكلىپ تەلەپلىرى ۋە ئارزۇ ئىستەكلىرىنى ئېيتتى. قاسىمجان، ئېلزات قاتارلىق يېڭى ماھىرلارمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ماھىرلارغا بولغان تىلەكلىرىنى بايان قىلدى. سورۇن بەختىيارنىڭ تېرىنىر لېتىپجاننى تېزراق ئۆيلەپ قۇيۇش توغرىسىدىكى چاقچىقى بىلەن يۇقىرى كەيپىياتقا كۆتۈرۈلدى.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى بېجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 10دىن 13مىنۇت ئۆتكەندە ئەزىمەتلىرىمىز T69نۆۋەتلىك بېجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان پويىزنىڭ 14ۋە 15-ۋاگونىغا ئولتۇرۇپ غەلبە مېۋىسى بولغان چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېلىپ،  شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى. 26-چىسلا ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6يېرىملاردا ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا چۈشىدۇ.

ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، سەپىرىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز. شۇنداقلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتىتىنىڭ ئاپتۇنۇم رايونىمىز كالتەك توپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل كۆزىنى ئايىماي، تېزراق تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىپ، مەخسۇس كالتەك توپ مەيدانى قۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك كەسپىي كوماندا قۇرۇپ چىقىپ، ئازىمەتلىرىمىزنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجە ئېلىشىغا ھەمدەمدە بولۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز.
بۇ جەرياندا كالتەك توپ كوماندىسىغا ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مەيدان ۋە مەبلەغ ئاجرىتىپ كالتەك توپ كوماندىسىغا ھەر جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بەرگەن شىنجاڭ ئونۋېرستىتىغا ۋە رەھبەرلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، ۋە ئۇلارنىڭ كوماندىمىزنى داۋاملىق قوللاپ قۇۋەتلەپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

2012-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ خەۋىرى.



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-27 11:24):


  مۇسابىقە سىن ھۆججىتى

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12592
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2011-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 03:54:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
2272
يازما
294
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9534
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 21:27:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەنھەرىكەت تۈرىنى بىز كىچىكىمىزدىن ئويناپ چوڭ بولغان تۇرساق ئەلۋەتتە يىڭىمىزدە ....

UID
35691
يازما
73
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2012-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 21:32:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش-خەۋەر دىگەن مۇنداق بولمامدۇ....! يارايسىلەر يىگىتلەر !سىلەرگە ئاپىرىن!!!
بەك خوش بولدۇم.دىيارىمىزدا كالتەك توپ ئوينايدىغان بالىلارنىڭ بارلىقىنى پەقەت بىلمەيدىكەنمەن..
مۇشۇنداق كوماندىنىڭ بارلىقىنى نىمىشقا تەشۋىق قىلمىغان بولغىتى؟
بۇ تۈر بىزگە تىخىمۇ ماس كەلگۈدەك.چۈنكى ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن ‹‹ۋەللەي››ئويناپ كەلگەن.(كالتەك توپ بىلەن ئوخشۇشۇپ كىتىدۇ).
يىڭىدىن چىقىپلام مۇشۇنداق كاتتا نەتىجىگە ئىرىشمەك ئاسان ئەمەس!قالتىس!!!
ئەمدى بۇ تۈرگىمۇ دىققەت قىلىدىغان،قوللايدىغان چاغ كەپتۇ.
مىللىتىمىزگە سىلەردەك ئوغلانلار كىرەك!رەخمەت سىلەرگە!

UID
34340
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 01:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاڭلار ئەزمەتلەر!.... ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن!....   شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېننىس توپ كوماندىسى بارمۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
5257
يازما
96
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2706
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 05:41:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كىتىڭلا ئەزىمەتلەر .............مۇبارەك بولسۇن ...........

UID
17644
يازما
154
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
154
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-27
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 05:59:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       تىلەكلىرىمنىڭ روياپقا چىققانلىقىدىن ئالەمچە خۇشھال بولۇپ كەتكىنىم كۆز چاناقلىرىمدا!!!!!!!!

UID
17644
يازما
154
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
154
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-27
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 06:19:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور ئىلاۋىسى: سىزلەردىن ئالەمچە خۇشھال بولغان ئوتلۇق قەلبىمنىڭ لەرزىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتايمۇ؟ سىلەردەك زەپەردەس ئوغۇل- قىزلىرىمىزنىڭ جاسارىتىنى ئېيتايمۇ؟  ئۇيغۇرنىڭ سىلەردىن پەخىرلەنگەن چاغدىكى ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىنىڭ دانىمۇ- دانە تۆكۈلىشىنى ئېيتايمۇ؟ ئۇيغۇرنىڭ يەر شارىدىكى غالىپ بىر قوۋم ئىكەنلىكىنى جاكارلاش جەريانىنى ئېيتايمۇ؟ ........ نىمىنى ئېيتاي؟؟؟؟!!! مەن ئېيتاي، ھۇرررا ئۇيغۇر!!!!!!!!!! ئۇيۇش، ئۇيۇش، مەڭگۈ ئۇيۇش!!! خۇددى مۇشتتەك تۈگۈلكى، ھەرگىز چېچىلىپ كەتمە...... شۇنداق قىلساڭ ھەم قىلالىساڭ ساڭا تاقابىل تۇرىدىغان ھەرقانداق مۈشكىلات سېنىڭ ئالدىڭدا قەغەز يولۋاس!!!

كۆيۈمچان ئەزا

ئاھ ئۇرۇش __ ئاجى

UID
2132
يازما
166
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
5488
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-27
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 09:15:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن يىگىتلەر ،غەيرىتىڭلارغا ئاپىرىن ،سىلەردىن بەك پەخىرلەندۇق ،ھەم خوشال بۇلدۇق .سىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز شۇنداقلا سىلەرنىڭ  بوشاشماي تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىشىڭلارنى تىلەيمىز ،بىز سىلەرنى قوللايمىز .

شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى كالتەك توپ كوماندىسىنىڭ چىمىيون بولۇشى ،بوكسۇيۇرچىلىقتا چىمپىيورلىرىمىزنىڭ تونۇلىشى ، ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا كىرىشى ،شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەتتە چىمپىيونلۇققا ئېرىشىپ مەملىكىتىمىزگە  ۋاكالىتەن  چەتئەلدە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشى ،تاش ئالما كوماندىسىنىڭ مەملىكەتنى زىل-زىلىگە سېلىشىدەك ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان خوش-خەۋەرلەر...... قانچىلىغان قېتىم كۆزلىرىمىزدىن ئىسسىق ياشلارنىڭ تاراملاپ تۆكۈلگەنلىگىنى بىلمەيمىز ، خوشاللىق يېشى ،ھاياجانلىق مىنوتلار .......
ئاھ!!!! ....اللا ..باشقىلار ئالدىدا بىزنى غالىپ قىلغىنىڭغا ،بىزگە خوشاللىق ئاتا قىلغىنىڭغا مىڭ شۈكرى .

UID
12592
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2011-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:15:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش