كۆرۈش: 7068|ئىنكاس: 38

بوۋاقلارغا يىمەكلىكنى چايناپ بېرىش توغرىمۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
3423
يازما
32
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
1082
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 12:49:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاقلارغا يىمەكلىكنى چايناپ بىرىش توغرىمۇ ؟

دادا بولغاندىن بۇيانقى ئازكەم 4 ئاي ۋاقىت بوۋىقىمنىڭ توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان قىلىقلىرىغا ، يىغىسىغا ۋە كۈلكىسىگە قاراپ ئۈتۈپ كېتىپ قاپتۇ . بۇ جەرياندا نۇرغۇن يېڭى ئىشلارنى ئۆگەندىم ، نۇرغۇن ئىشلارغا كۆندۈم ، يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا گاڭگىراپ قايمۇقۇپ تۇرۇپمۇ قالدىم ، قىسقىسى ئاتا بولۇپ پىشىپ يېتىلىۋاتاتتىم .

بوۋىقىمنىڭ ساق - سالامەت چوڭ بولىشى ئۈچۈن نۇرغۇن دۇئالارنى قىلدىم ، ھەمدە ئۆزۈم قىلىشقا تىگىشلىك سەۋەپلەر ئۈستىدە توختىماستىن ئىزدەندىم ، ئويلاندىم ، نۇرغۇن سۇئاللار كاللامدا توختاۋسىز پەيدا بولۇپ تۇردى. بۇنىڭ بەزىلىرىگە جاۋاپ تاپقانمۇ بولدۇم ، يەنە جاۋاپسىزمۇ قالدى ، لېكىن ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشنى توختاتمىغايمەن .

يېقىندا بىرنەچچە باشقا مىللەتتىن بولغان خىزمەتداشلىرىم بىلەن مۇشۇ بوۋاقلارنى كۈتۈش توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېلىپ مۇشۇ بوۋاقلارغا يىمەكلىك بېرىش جەھەتتە ئازىراق تالاش - تارتىش كېلىپ چىقتى ، يەنى : بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بوۋاقلارغا تاماق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى بەرگەندە چايناپ بېرىشىمىزنىڭ بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا تالىشىپ قالدۇق . شۇ قېتىمقى تالاش - تارتىشتىن كىيىن مەن ئىزچىل مۇشۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ قېلىۋاتىمەن .

بىزنىڭ بوۋاقلارنى مۇشۇنداق چايناپ تاماقلاندۇرىشىمىز توغرىمۇ - خاتا؟

ئەلۋەتتە مەنمۇ ھەم كىچىكىمدە ئاتا ئانامنىڭ ئاشۇنداق چايناپ بېرىشىدە قۇۋۋەت تېپىپ چوڭ بولغان ، ھەممىمىز شۇنداق . لېكىن مېنى ئويلاندۇرۇپ قويغىنى ئۇلار كۆرسەتكەن سەۋەپلەر .

ئەمەلىيەتتە ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەپلىرىمۇ خاتا ئەمەس ئىدى ، ئۇلار دەيدۇ : بوۋاق بالىنىڭ ئىممۇنىت كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولغان بولىدۇ ، ھەرگىزمۇ بىز چوڭلارنىڭكىدەك كۈچلۈك كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا چوڭلار ئېغىزى ئارقىلىق يىمەكلىكنى چايناپ بەرگەندە ئېغىزدىكى كېسەللىك مىكروپلىرى بالىغا كۆچىدۇ - دە، بالا يۇقۇملىنىدۇ . ھەرقانداق ئەھۋالدا چوڭ ئادەملەرنىڭ ئاغزىدا نۇرغۇنلىغان كېسەللىك مىكروپلىرى بولغان بولىدۇ ، چوڭلار ئاللىقاچان بۇ مىكروپلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ بولغان. لېكىن بوۋاق بالىدا بۇ خىل ئىقتىدار تېخى ھازىرلانمىغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاق بالا ئىنتايىن تېزلا كېسەللىك مىكروبى بېلەن يۇقۇملىنىپ كېسەل بولۇپ قالىدۇ .

بۇ سۇئال توغرىسىدا مەن جىق ئىزدىنىپ بولالماي قالدىم. شۇنداقتىمۇ دوستلار بىلەن مۇشۇ سۇرۇندا بىر مۇنازىرە قىلىپ بېقىشنى توغرا تاپتىم ، قېنى بىر پىكىرلىشىپ باقايلى, زادى قايسىسى توغرا ؟


بۇ مۇلاھىزە «باي دادام تور خاتىرىسى» دە ھەم تەڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ .
http://www.baydadam.net/ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-21 15:50  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

قەتئىلىك ئەرلىك

UID
3268
يازما
139
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3109
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 10:41:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   خۇدايىم بۇيرىسا ئانىمىز چايناپ بەرگەن ناننى يەپ چوڭ بولغان بىز ئاۋۇلاردەك كۆپ ئاغرىپ قالمىدۇق ، ھەم ئۇلاردىن تەن ساپا جەھەتتىنمۇ ياخشى . ناۋادا چەتئەللىكلەر مۇشۇنداق قىلغان بولسا ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇنداق دىيەلمەيتتى .

باھا سۆز

arqiman  نامازسىز كىشىنىڭ بۇۋاقنى ئېغىزلاندۇرۇشى ھارام !  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 23:44:34
arqiman  5 ۋاخ نامازدا كەم بولغاندا 2~3قېتىم تاھارەت ئېلىندۇ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 23:43:29
arqiman  بىز مۇسۇلمان . تاھارەتتە ئېغىزنى 3 قېتىمدىن ئارتۇق چايقايمىز . ......  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 23:39:05

UID
4964
يازما
84
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1194
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-14
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 10:44:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ خەق بەك ئاشۇرۇۋىتىدۇ، شۇنچە قىپكەتكىنى بىلەن بەرىبىر ئەھۋالى تايىنلىق.بىزمۇ ئاتا-ئانىمىز چايناپ بەرگەننى يەپ چوڭ بولغان، ھېچ كېسەل يۇقۇپ قالغاندەك ئەمەسقۇ...

UID
5684
يازما
216
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5467
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-16
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 11:35:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ ئىككى بالام بار بولۇپمۇ كىچىىك قىزىمنىڭ تولا ئىچىسۇرۇپ قالىدۇ .قىزىم ئىككى ياشقا كىرگەندىمۇ يەنىلا تولا ئىچى سۇرۇپ دورا ئىچۇرسەممۇ ياخشى بولال مىدى شۇڭا باللا كىسەللىكى دوختۇرىنىڭ قىشىغا ئاپارسام تەپسىلى تەكشۇرگەندىن كىيىن مۇنداق دىدى..بۇبالىغا بوۋاق چىغىدىلا تاماقنى چالاچايناپ يىگۈزۇپسىلە بوۋاق بالىنىڭ ئاشقازىنى بەكمۇ ئاجىز تاماقنى ياخشى چايناپ يىگۈزمىگەندە بوۋاقنىڭ ئاشقازىننىڭ تىۋىتىنى چۇشۇرىۋىتىپ مانامۇشۇنداق بالىنىڭ تولا ئىچى سۇرىلىدىغان بوپ قالىدۇ.دىدى. ۋەئارقىدىنلا باللىرىغا ئوكۇل ئاسقۇزىۋاتقان ئاياللارغا قاراپ سۆزلەپلا كەتتى.بۇئاياللارنى نىمە دىسەك بولا بالا تۇغۇشنى بىلگەن بىلەن بىقىشنى ئازراقمۇ بىلمەيدۇ دەپ  قاخشاپ كەتتى

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
270
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7551
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-22
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 11:37:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىرەيلەندىن«ئانىنىڭ بالىغا تاماقنى چايناپ بېرىشى ئانا-بالىنىڭ مېھرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا پايدىلىق » دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. مەنمۇ بالامغا تاماقنى چايناپ بېرەتتىم،ئەمدى ئۆزى يىگۈدەك بولغاندا چايناپ بە دېمەيدىغان بولدى. خۇدايىم بويرۇسا بالامنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ياخشى.  ئۇ خەق دەيدۇ، پاكىزلىق قىلىدىغان يەردە قىلىدىغاننى بىلمەيدۇ، مۇشۇنداق يەرلەردە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالىدۇ شۇ.  ھە دەپ قويغۇلۇق. ھەممەيلەننى ئاتا-ئانىمىز تاماقنى چايناپ بېرىپ چوڭ قىلغان بولغىيتتى.  ئۇلارنىڭ گېپىچە بولغاندا ھەممىمىز كىسەل كۆرپىسى بولۇپ ياتساق بولاتتىغۇ.

UID
39394
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
24
تىزىملاتقان
2012-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-10
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 12:05:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاق بالىغا ئانا سۈتى يىتىشمىگەندە ياكى قۇشۇمچە يىمەكلىك بىرىشكە توغرا كەلگەندە چايناپ بەرمەي قوشۇقلاپ ئاغزىغا ئاتقىلى بولمىسا ؟ قۇشۇقتا ئىزىپ قوچۇپ بەرسەكمۇ بەرىبىر ئۆزىمىز چايناپ بەرگەندەك يۇمشىمايدۇ . مەن بالامغا ئىككى ئايلىق ۋاقتىدىن باشلاپ پولو ، لەغمەن ، بەنشىر ، چۆچۈر ، ئۈگرە ، نىپىز تاشلانغان خۇيمەن قاتارلىق تاماقلارنى بىرىشكە باشلىغان [ چايناپ ] . ھازىر بالامنىڭ سالامەتلىكى شۇنداق ياخشى . ناۋادا مەن بالىغا كىچىك ۋاقتىدا شۇ تاماقلارنى بەرمىگەن بولسام ئۇرۇق ھەم جانسىز ، كېسەلچان بۇلۇپ قالاتتى . دىمەكچىمەن ، بالىغا تاماقنى چايناپ بەرسەك ھېچنەرى خاتا ئەمەس .  
بىزلەر ھەرگىزمۇ ئۇلاردەك ئېغىزىمىز مىىكروپلىنىپ قالغۇدەك [ پاكىز ] تاماقلارنى يىمەيمىز .

باھا سۆز

ArislanMemet  ھەقىقەتەن توغرا دەيسىز ، ئۇ مەينەتلەر يىگەن نەرسىنى بىز يىمىسەك .  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 22:16:54
banxira  ھا ھا ھاھ نىمىدىگەن قىززىق ئىنكاسىڭىز . توغرا دەيسىز . مەن قوشۇلىمەن .  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 15:20:25

UID
43297
يازما
38
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2012-7-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-12
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 12:29:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىببىي ئىلىمدا  كۆرسىتىلىشىچە ، ئىممۇنىت  ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان شارسىمان ئاقسىل ئىچىدىكى (SIGA قاتارلىق  ماددىلارنى  )  بالا  بوۋاق  ۋاقتىدا  يەنە 3 ئايلىق  بولغۇچە ئۆزى ئىشلەپ  چىقىرالمايدۇ ، ئۇ  چاغدا  بىۋاستە يەنى  سۈت ئارقىلىق  ئانا  تېنىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ ، بالىمۇ ئاسان  ئاغرىپ  قالمايدۇ ، 3  ئايلىق  ۋاقتى  بوۋاقلارنىڭ  ئەڭ ئاسان  ئاغرىيدىغان   مەزگىلى ، بۇ  ۋاقىتتىكى پەرۋىشكە  سەل  قارالسا  بولمايدۇ ،  شۇنىڭغا  قارىغاندا ، ئانىلارنىڭ  بوۋاقلارغا  بىر نەرسە  چايناپ  بېرىشىدىمۇ  بەزى  ھىكمەتلەر  بولىشى  مۇمكىن ، يىمەكلىك   چاينالغاندا  ئانىنىڭ  شۆلگەيلىرى  ئارقىلىق ئۇ يىمەكلىكلەردىكى مالتوزىلار  پارچىلىنىپ ، كىچىك  ئۈچەي  سۈمۈرەلەيدىغان  ھالغا  كېلىدۇ ، بەلكىم  كىچىك  بالىغا  چايناپ  بەرمىسە ، تاماقنى ئېزىپلا  يىگۈزسە ، ئۇ  يىمەكلىكنىڭ  تەركىبلىرى پارچىلانماي ، بالىلارنىڭ  ھەزىم قىلىش  ۋە  سۈمۈرىشىگە  تەسىر  يېتىشى  ۋە  ساغلام  ئۆسۈپ  يېتىلىشى زىيانغا  ئۇچرىشى مۇمكىن ....

ئۇنىڭدىن  سرتمۇ ، يۇقىرىدىكى  تورداشلار  ئېيتقاندەك ، بىزنىڭ  ئاتا - ئانىمىزمۇ بىزنى  شۇنداق باققان ، ھېچ بىر يۇقۇملىنىپ قالماپتىكەنمىز  ،  شۇڭا  بەزى  ئىشلارغا  قارىتا  زىيادە  سەزگۈرلۈكنى  قويۇپ ، ئەقىللىق  ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان  شۇ  يوللاردا  ماڭايلى ....يەنە  بىر گەپ  نان  چايناپ  بەرگۈچى  يۇقۇملۇق  كېسەل  بولسا ، بۇ  ئيلىشىشقا  تېگىشلىك  مەسىلە ، چۈنكى  بەزى  كېسەللىك  ۋىرۇسلىرى  شۆلگگي ئارقىلىقمۇ   يۇقىدۇ .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-20 12:33):
ئالدىراپ ئىملا  خاتالىقى سادىر  بوپ قاپتۇ ، رەنجىمەي  چۈشىنىپ ئوقۇغايسىلەر

UID
43952
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 12:33:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ ئىككى بالام بار .....مەن ئىككىلا بالامغا 95پىرسەنت تاماقىنى چايناپ بەرمىدىم...بەرمەسلىكىمدىكى سەۋەپ .....1.  باشقىلارنىڭ ئاغزىدا چاينالغان تاماقنى بۇۋاققا بەرسە   تاتلىق يىرى سىزنىڭ ئاغزىڭىزدا قېلىپ قالىدىكەن ...2.  ھازىرقى شارائىتتا  بالىنى پۇتۇنلەي ئاتا - ئانىمىز ياكى ئوزىمىزنىڭ بىقىپ كىتىشى  مۇمكىن ئەمەس     بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىمىز    ئۇنۇڭ ئۇستىگە  بالا باققۇچى توختىماي ئالمىشىپ تۇرۇدۇ    ،،،مەنمۇ خالىغان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن بالامغا تاماق بىرىشنى خالىمايمەن ....   كىسەل يوق دەپ كىم سىزگە كاپالەت بىرەلەيدۇ .......بۇنۇڭدىن باشقا   بالىغا ئايرىم ئېتىپ بەرگەن تاماق بىلەن   چايناپ بەرگەن تاماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ دەپ قارايمەن .....شۇنۇڭ ئۈچۈن   مەن باللىرىمغا ئېرىنمەي ئۆزى تاماقنى چايناپ يىيەلىگىدەك بولغىچە ئايرىم تاماق ئېتىپ بەردىم .........
بۇرۇن بەلكىم  ئويدە باللار كۆپرەك   شارائىت  ئايىرىم تاماق ئېتىپ بىرىشكە قۇلايسىز بولغاچقا ئاتا -ئانىلىرىمىز  تىزراق قوساق تويغۇزۇش  ئۈچۈن مۇشۇنداق چايناپ بەرگەن بولغىتى دەپ ئويلايمەن .....
قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر   بالىغا تاماق بەرگەندە چوقۇم    تازلىق 1- ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك    ...چۈنكى بۇۋاق بالىلارنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئەڭ ئاجىز ھالەتتە    ،،،ئۇلار ئاغرىپ قالسا بەكمۇ بىچارە بولۇپ قالىدۇ ،،،،زۇكام بۇلۇپ قالسا    بۇرنىنى تارتىشنىمۇ بىلمەيدۇ   ،،،بىرسى كىلىپ ئېتىپ قويمىسا ئاغزىغا كىرىپ كىتىدۇ   .....كانايگە خەپرۇك يىغىلىپ قالسا يا  چىقىرالمايدۇ ،،يا يۇتەلمەيدۇ   ،،،شۇ يەردە گىزىلداپ تۇرۇدۇ .....شۇنۇڭ ئۈچۈن بەكمۇ دىققەت قىلىش كېرەك ..............

UID
43952
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 12:36:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە شارائىت يار بەرسىلا ئايرىم تاماق ئېتىپ بەرسە ياخشى بۇلامدىكىن دەيمەن ،،،شۇنداق بولغاندا بالىنىڭ  كۈندىلىك ئىستىمال قىلىدىغان تاماقلىرىمۇ ئولچەم بىلەن ماڭىدۇ .....كوپ بەردىممۇ ئاز بەردىممۇ دىيىش كەتمەيدۇ ،،،ئايرىم تاماق قاچىسدا كۇندە شۇ ئولچەم بىلەن   بەرسىڭىز بالىنىڭ ئاشقازىنىغىمۇ كاپالەت قىلىغىلى بولىدۇ .....

UID
39244
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 12:54:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە  ئۇ  چەتئەللىكنىڭ داۋاتقان تۇرمۇش  ئادىتى  بىلەن  بىز ئۇيغۇرلارنىڭ  تۇرمۇش ، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى  ئوخشاپ  كەتمەيدىغۇ  دەيمەن . ئېسىمنى  بىلسەم  بۇرۇندىن تارتىپ  ھازىرغىچە ئاتا  بوۋىلىرىمىز ،ئانىلىرىمىز  بوۋاق تۇغۇلغاندا سۈت بېرىپ ، نان چايناپ بېرىپ  بېقىپ  كىلىۋاتىدۇ . بوۋاقمۇ  ناھايىتى  تىمەن ، ساغلام ، ئەقىلللىق چوڭ  بۇلىدۇ . ناھايىتى  ئاز  ساندىكى بوۋاقلارنى  ھېسابلىمىغاندا قالغىنى ساغلام چوڭ بۇلىدۇ . بوۋاق ئانىنىڭ  قورسىقىنى يېرىپ  چۈشكەچكە،ئۇنىڭدا ئانىنىڭ چوڭقۇر مېھرى سىڭگەن بۇلىدۇ . بۇنداق بولغان ئىكەن ئانا چايناپ بەرگەن ئاشۇ ناننىڭ ،تاماقنىڭ بالىغا زىيان يېتىشى مەنچە ناتايىن ، بەلكى ئەكىسچە بالىغا ئانىنىڭ مېھىر- مۇھەببىتى تېخىمۇ سىڭىپ كىرىپ بالىغا قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ ، شۇڭلاشقىمىكىن بىز ئۇيغۇرلاردا ئانا بالا مېھرى تولىمۇ چوڭقۇر .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-20 12:57):
ئەڭ ياخشىسى بالىنى ئانىسى ئانا سۈتى بىلەن 30ئاي ئىمىتىپ باقسا شۇ  ياخشى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش