تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: ketmenbay

كىتاب. كىتاب. كىتاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئىنسان ئارمان بى

UID
2276
يازما
240
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2500
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-4 13:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب بىر تۇگۇمەس بايلىق،

ئىنسان ئارمان بىلەن ياشاپ ،ئارمان بىلەن ئۆلىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

ئاز بولساڭمۇ ، س

UID
2379
يازما
72
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
2482
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-23
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-4 13:36:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇقۇساڭ گەر ھەر كۈنى  كىتاپ ،
روھىڭ بولماس ئەبەدىي  بىتاپ .


UID
2312
يازما
53
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1793
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-4 16:38:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابنىڭ ياخشىلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . كىتابنىڭ گىپى چىقسا ھەممە كىتابنىڭ ياخشى تەرپىنى قىلىشىدۇ . لىكىن ئوقۇمدۇق شۇ كىتابنى پولەن بازىرىغا چىسە مۇ شۇ كىتابنىڭ توپا باسقان ھالىتىنى كۆرگنما ؟ ئۆيدە دۇتتار بولمىسمۇ مەيلى كىتاب باما !!!!

كومپىيوتىر ھەممەگە خىرىس ئەكەللدى . سانائەت ھەممىمىزنى ھورۇن قىلىپ قويدى .

UID
1975
يازما
228
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7488
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-4 19:06:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ؛
ئادەمنى بىلەي دېسەڭ سىناپ كۆر ،
ئالەمنى بىلەي دېسەڭ كىتاپ كۆر ،

ئۆزى بۇزۇق بىرنى بۇزسا ، تىلى بۇزۇق مىڭنى بۇزۇدۇ........

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
967
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42690
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
274 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-6-4 20:11:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر كىتابنى ئوقۇپ چىقىش بىر ئاقىل دانا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنگە ئوخشايدۇ.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
2247
يازما
725
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
24827
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 00:50:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابخانىلارنىڭ چۆلدەرەپ،قاۋاقخانىلارنىڭ ئاۋاتلىشىپ كېتىشى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
[s:2]

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

تىرىشچان ئەزا

ئىنسان ئارمان بى

UID
2276
يازما
240
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2500
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 00:58:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىن دىرەك  بېرىتى  شۇ  زاۋانلىققا يۇزلەنگەنلىگىدىن ھەم گۇمرانلىققا قاراپ ماڭغانلىغىدىن دىرەك بېرىدۇ

ئىنسان ئارمان بىلەن ياشاپ ،ئارمان بىلەن ئۆلىدۇ.

UID
2224
يازما
120
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4451
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-12
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 12:30:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسچىل ئەپەندى ،ئىنكاسىڭىزدىن سۆيۈندۈم!
بىرەر ئۆيگە كىرىپ قالسام ئالدى بىلەن كىتاب جازىسىنىڭ بار يوقلىغىغا قارايمەن ئەگەر بار بولسا دىللىرىم شۇنداق سۆيۈنۈپ كېتىدۇ....كىتابنى ھەقىقى بايلىق،تىلتۇمار ئورنىدا كۆرۈش ئۇيغۇر جەمىيىتىدە قاچانمۇ ئومۇملىشار؟

UID
2274
يازما
33
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
1184
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 00:28:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىتاب ئوقۇش ۋىجدانەن مەسئۇلىيەت



پروفېسسور ئابدۇقادىرجالالىدىن بىلەن سۆھبەت



  ئۆركەش جاپپار


     مەملىكەتلىك 16_نۆۋەتلىككىتاب يەرمەنكىسى ئېچىلىۋاتقان كۈنلەردە، ئۈرۈمچىدىكى يەرمەنكە نوقتىلىرىنى تولۇق ئايلاندىم. ئاپتونوم رايونلۇق كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ سەيناسىدا ۋاقتلىق ئېچىلغان «شىنخۇا كىتابخانىسى»دىن تارتىپ «شېنجېن شەھەرچىسى»دىكى كىتابخانىلارغىچە بېرىپ كۈزەتتىم. شۇنچە دەبدەبە بىلەن ئۆتكۈزىلىۋاتقان كىتاب يەرمەنكىسىدە كىتاب سېتىۋېلىۋاتقانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ھەرقايسى نەشرىياتلار ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىشيىغىنلىرىدا ھەدىيە قىلىپ تارقىتىلغان كىتابلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلاردىن باشقا، ئۆزى پۇل خەجلەپ بىر قۇچاق كىتاب ئالغانلارنى ئۇچرىتىش بەكمۇ تەس ئىدى. مەن ئويلۇنۇپ قالدىم. خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى شۇنچە سۇسلاپ كەتكەنمىدۇ؟ پۇل خەجلەشتەخېلى مەردلىشىپ قالغان كىشىلەر كىتاب سېتىۋېلىشقا كەلگەندە شۇ قەدەر بېخىل بوپ كەتكەنمىدۇ؟ شۇنداق سۇئاللار بىر نەچچە كۈنگىچە ئەقلىمنى چىرماپ، ئارامىمنىقويمىدى. ئاخىر ئالدىن تەييارلىۋالغان بىر نەچچە سۇئالنى ئېلىپ، كىتاب سېتىۋېلىش ۋە ئوقۇش جەھەتتە بىزگە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرگەن ياشلىرىمىزنىڭ بىرى - شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىتاپتىم ۋە سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدىم. ياش ئالىمنىڭ ۋاقتى قىس ئىدى. خاتىرە قالدۇرىمەن دەپ، ئۇنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلىشقا يۈزۈم چىدىمايتتى. شۇڭا ئۈنئالغۇنىئىشلىتىپ، مۈمكىن قەدەر ئۇنىڭ ۋاقتىنى تېجەشكە تىرىشتىم. كېيىن ئۈنئالغۇلۇق سۆھبەت خاتىرىسىنى تۆۋەندىكىدەك رەتلەپ چىقتىم.

         مۇخبىر: ئابدۇقادىر ئەپەندى، يازما ئەمگەكلىرىڭىزدىن مەلۇمكى، سىزنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىڭىزئاز ئەمەس، سېتىۋالغان كىتابلىرىڭىزمۇ كۆپ. كىتاب سېتىۋېلىش سىز ئۈچۈن ئەمەكمۇ، كىتاب ئوقۇش سىز ئۈچۈن بىر خىل مەسئۇلىيەتمۇ؟

         ئابدۇقادىرجالالىدىن: كىتاب سېتىۋېلىش مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر خىل كەسپىي مەسئۇلىيەت، بەزىدە ھەقىتەتەن بىر خىل ئەمەك، بەزىدە دەۋرنىڭ مەنىۋى ئىتىلىشىنى كۈزىتىشىمدىكىبىر كۆزنەك. كەسپىي مەسئۇلىيەت دېيىشىمدىكى سەۋەپ شۇكى، مەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىھەم ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى، قەدىمىنى ۋە ئۇنىڭ يۈزلىنىشىنى كۈزىتىش ئۈچۈن مەن كىتاب ئوقۇشۇم كېرەك. ئەدەبىياتتايېڭىلىق بوپ تۇرىدۇ، رومان، پوۋېست، شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ يېڭى ھادىسىلىرى ھەققىدىكى باھالار چىقىپ تۇرىدۇ. بۇنى پات_پات ئوقۇپ، كۈزىتىپ، ئىگەللەپ تۇرمىغاندا، دەۋرنىڭ تەلىپىگە لايىق ئۇقۇتقۇچى ياكى پىداگوك بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مېنىڭ كىتاب سېتىۋېلىشىم كۆپرەك مەسئۇلىيەت نوقتىسىدىنبولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، لاياقەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنىڭ بىلىمتولۇقلاش شەرتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر. ئېھتىمال مەن سېتىۋالىدىغان كىتاب قىممەت ياكى ئەرزان بولۇشى مۈمكىن. كەسپىمگە ئالاقىدارلا بولىدىكەن، مەن ئۇنى چوقۇم سېتىۋالىمەن. مېنىڭ بۇ خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇمنى باشقا بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بەلكى مېنىڭ كىتاب سېتىۋېلىشىم ياكى ئوقۇشۇم بىرئەخمىقانىلىق بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى كىتاب ئوقۇمايدىغانلارمۇ دەرس مۇنبىرىدىن چۈشۈپ كەتكىنى يوق، مەن بىلەن ئوخشاش مۇئاش ئېلىپ، كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. مەنمۇ 70_،80_يىللاردا يېتىلدۈرگەن بىلىم قۇرۇلمام بىلەن ھازىرقى ئېھتىياجدىن چىقىپ، جان بېقىپ كېتەلىشىمتامامەن مۈمكىن. ئەمەلىيەتتە ھازىرقى دەرس ئېھتىياجى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمتەشنالىقى مەندىن ئۇنچە كۆپ نەرسىلەرنىمۇ تەلەپ قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما كەسپىيمەسئۇلىيەت كىشىنىڭ غورۇرىدىن، ۋىژدانىدىن تۇغۇلىدىغان نەرسە بولغاچقا، مەن ئۇنىكۆپرەك تەكىتلەيمەن ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئاشۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ تونۇشقا، ئادا قىلىشقا تىرىشىمەن.
     ئەمەك دېگەندە، بەزى كىتابلار كەسپكە بىۋاسىتە ئالاقىدار بولمىسىمۇ، ئادەمنى ئويغا سالىدۇ، ھوزۇرلاندۇرىدۇ. مەن بۇنداق كىتابلارنىمۇ ئالىمەن. ئىچىم پۇشقاندا، ياكى ۋاقتىمچىققاندا ۋە ياكى بەزى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنى دېگەندەك ھېسقىلالمىغاندا، كىتابخانىغا بارىمەن. يېڭى كىتابلارنى ۋاراقلاپ بىراز ئايلانسام ھاردۇقۇم چىقىپ، يەڭگىللەپ قالىمەن. بىز گەرچە ھەممە كىتابنى سېتىۋالمىساقمۇ، چىقىۋاتقان يېڭى كىتابلارنى كۈزىتىش ئارقىلىق دەۋر تەرەققىياتىنىڭ نەگەكېتىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ تەپەككۇر ئىنتىلىشىنىڭ قايسى يۆنىلىشتە بولىۋاتقانلىقىنىئىگەللەپ تۇرالايمىز. شۇڭا مەن كىتابخانىغا كۆپ بارىمەن. ئۈرۈمچى كىتابخانىلىرىدىكىخېلى كۆپ كىتاب ساتقۇچىلار مېنى تونۇيدۇ، ھاتتا بەزىلىرى ماڭا ھېسداشلىق قىلىپ، ياردەممۇ قىلىدۇ.
     كىتاب ئوقۇش بىلەن خىزمەت ئېھتىياجى، ئادەمنىڭ ھەۋىسى ۋە ئىنتىلىشى بىر يۆنىلىشتە بولغاندا ،كىتاب ئوقۇش تەبىئىي ھالدا ھوزۇرغا ئايلىنىدۇ.

          مۇخبىر: ئابدۇقادىر ئەپەندى، «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق كىتابىڭىزدا «مەن كىتابنىكۆتۈرۈپ كەلدىم، كىتابنىڭ مېنى كۆتۈرگىنىنى تېخى كۆرمىدىم»دېگەن بىر جۈملە سۆزىڭىزبار. شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەمسىز؟


         ئابدۇقادىرجالالىدىن: قىلىۋاتقان خىزمىتىمگە، ئوقۇغان كىتابلىرىمغا مۇناسىپ ھالدا جەمئىيەتتە بەلگىلىك ھۆرمەت، ئىناۋەت تاپتىم. بىر تۈركۈم كىشىلەر مېنى مەلۇم جەھەتتىن ھۆرمەتلەيدۇ. لېكىن خىزمەت ئورنۇمدا ئوقۇغان كىتابلىرىمغا لايىقئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ بولالمىدىم. ئەقلىي بايلىقىم، ئەقلىي تەپەككۇرۇم تولۇق ئىقتىسادىي قىممەتكە ئايلىنالمىدى.جەمئىيەتتە، نۇرغۇن ساھەلەردە ئىتىسادىينەرسىلەر سىزنىڭ رېئال قىممىتىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان نەرسە بوپ قالىدۇ. مەيلى سىزبىر تىياتىرغا كىرىڭ، مەيلى سەپەر قىلىش ئۈچۈن بېلەت سېتىۋېلىڭ، ھۆرمەت بۇ يەردە مەۋھۇم نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزنىڭ ئەمەلىي كاپالىتى بېلەتنىڭباھاسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. سىز جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، ماقالە، ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، بېكىتىپ بېرىشىڭىز، بەزى تەلەپلىرىنى ئورۇنلاپ بېرىشىڭىز مۈمكىن. ئەممابۇنىڭ قىممىتى مەۋھۇم، ئابىستىراكىت ھۆرمەت شەكلىدە ئىپادىلەنسىمۇ، ئەمەلىيئىقتىسادىي قىممەت شەكلىدە ئىپادىلەنمەيدۇ. خىزمەت ئورنىدا سىز باشقىلارغا نىسبەتەن جىقراق كىتاب ئوقۇغان بولسىڭىز ھەم ئۆتۈۋاتقان دەرسلىرىڭىزنىڭ ئۇچۇرچانلىقىنى، مەزمۇنىنى خېلى بېيىتقان بولسىڭىزمۇ، ئېلىۋاتقان مۇئاشىڭىز ئانچە جىق كىتاب ئوقۇمىغان، دەرس مەزمۇنىنى بېيىتىش ھەققىدە ئانچە باش قاتۇرمىغانلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۈمكىن، بەزىدە ھەتتا تۆۋەن بولۇشى مۈمكىن. بۇ يەردە دەرسنىڭقىممىتى سائەت سانى بىلەن ئۆلچەندىكى، ئۇنىڭ ئۇچۇرچانلىقى ۋە سىغىمى بىلەن ئۆلچەنمىدى. مەن كىتابنى كۆتۈرۈپ كەلدىم، كىتابنىڭ مېنى كۆتۈرگىنىنى تېخى كۆرمىدىم دەپ يېزىشىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مانا شۇ.

           مۇخبىر: ئابدۇقادىر ئەپەندى، بىزدە كىتاب ئوقۇيدىغانلاردىن ئوقۇمايدىغانلار كۆپ، كىتاب سېتىۋالىدىغانلاردىنسېتىۋالمايدىغانلار كۆپ. كىتاب ئوقۇمىغاندىن ئوقۇغان ياخشى دەيدىغانلاردىن كىتاب ئوقۇغاندىن تېلىۋىزور كۆرگەن ياخشى دەيدىغانلار تېخىمۇ كۆپ. سىزچە ئۆمۈر بويىئۆگەنمىسە بولمايدىغان مۇشۇ زاماندا، خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا قانداق باھا بېرىش مۈمكىن؟ ئاۋام خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭبىرەر چارىسى بارمۇ؟



         ئابدۇقادىرجالالىدىن: كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن مۇنداق بىر شەرت ھازىرلىنىشى كېرەك. يەنى  ئادەم ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتە تۇتىۋاتقان ئورنىغا، مەۋجۇت ھالىغا نىسبەتەن قانائەتلەنمەسلىك تۇيغۇسىدا بولغاندا، ياكى قانداقتۇر ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ تۇرغاندا، بىر نەرسىدىن كىرىزىس ھېس قىلىپ، تۇرمۇشىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ئۆزگەرتىش نىيىتىگە كەلگەندە، جەمئىيەت ھەققىدە نۇرغۇن سۇئاللارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ شۇ سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالمىغاندا، ئاندىن ئۇنىڭدا تەبىئىي ھالدا كىتاب ئوقۇش ئىستىكى تۇغۇلۇشى مۈمكىن.

     بىزدە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىسبەتەن ياخشى بولغانلار يەنىلا كىتاب سېتىۋالمايۋاتىدۇ. بىزنىڭ بايلىرىمىز بايلىقىبىلەنلا قانائەتلىنىپ ئۆتسە كېرەك. ئۇلار جەمئىيەتتە باشقا مەنىۋى ئېھتىياجنى ھېسقىلمىغان ياكى بايلىققا مۇناسىپ ھالدا مەلۇم بىر مەسئۇلىيەتنى تونۇپ يەتمىگەنلەر بولۇشى مۈمكىن. بايلىق پەقەت پۇللا ئەمەس، پۇل بايلىقنىڭ بىر قىسمى. ئىنساندا پۇلدىن باشقا يەنە مەنىۋى بايلىقمۇ بولۇشى كېرەك. ئادەمدە كىتاب ئوقۇشقائىنتىلىدىغان، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە جاۋاپ تاپقۇسىكېلىدىغان، جاۋاپ تاپالمىسا ئىچى پۇشىدىغان، تىت_تىت بولىدىغان، بىئارام بولىدىغان بىر خىل تۇيغۇ بولۇشى كېرەك. بۇمۇ ئىساندىكى بىر خىل بايلىق. جەمئىيەتتىكىئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن كارى بولماي، يەپ_ئىچىش بىلەن، ياخشى ئۆيگە ئىگە بولغانلىقبىلەن، چىرايلىق خوتۇنلارغا ئېرىشكەنلىك بىلەن، ماددىي شارايىت ۋە ئىمكانىيەتكە ئىگە بولغانلىق بىلەن قانائەتلىنىپ ياشاش ئىنساندىكى روھىي پالەچلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق روھىي پالەچلىك كېسىلىگەگىرىپتار بولغانلار جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق مەسىلىلەرگە سۈكۈت قىلىدۇ. مەسىلەن، نامراتلىشىش مەسىلىسى، ئەخلاقىي كىرىزىس مەسىلىسى قاتارلىقلارغا ئىچى پۇشۇش، تىتىلداش، ئەنسىرەش تۇيغۇسىدا بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار سىرىتتىكى بۇخاتىرجەمسىزلىكنىڭ ھامان بىر كۈنى بوسۇغا ئاتلاپ كىرىپ كېلىپ، ئۆز ئۆيىنىڭخاتىرجەملىكىنى بۇزۇدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمەيدۇ. بۇنداق ئائىلىلەر بەختىنىڭخىرامان خاتىرجەملىكى ئۈچۈن سىرىتتىكى مۇھىتنىڭ ساپلىقى ۋە خاتىرجەملىكى زۆرۈر ئالدىنقى شەرتتۇر. شۇڭا ئۆز ئائىلىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن سىرىتتىكىجەمئىيەتنىڭ پاكىزلىقى ۋە مۇقۇملۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. ئەمما بىزنىڭئادەملىرىمىز مەسىلىلەرنى بۇنداق بىر پۈتۈن ھالەتتە سېستىمىلىق ئويلاپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆي ئېلىش، ياخشى ياشاش، خاتىرجەم ياشاش قاتارلىقمەئىشەت ئارزۇسى قانسىلا، باشقا مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. ۋۇجۇدىدىن باشقاخىل مەسئۇلىيەت ساقىت قىلىۋېتىلگەچكە، ئۇلاردا قىچىشىش، تىتىلداش، ئېچىشىش تۇيغۇسىبولمايدۇ. بۇنداق تۇيغۇ بولمىغانىكەن، كىتاب ئوقۇش ئىستىكى ئەسلا تۇغۇلمايدۇ.

     جەمئىيەتتە ئىقتىسادىيئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان، بىر ئايلىق تۇرمۇشىنى شۇ ئايلىق تاپاۋىتى بىلەن قامداۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆپۈنچىسى كىتاب ئۇقۇيدۇ. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكىچەت، ياقا يېزا_قىشلاقلاردىكى بىر قىسىم ئاددىي كىشىلەر، ھۈنەرۋەن، كاسىپلار كۆپرەك كىتاب ئۇقۇۋاتىدۇ.

     بىزنىڭ بىر قىسىمئادەملىرىمىزدە پۇل يوق، يېتەرلىك ماددىي شارائىت يوق. لېكىن ئۇلاردا بىر نەرسىگە ئىنتىلىدىغان روھ بار. يەنە بىر قىسىم ئادەملىرىمىزنىڭ ماددىي شەرت_شارائىتى تولۇق، لېكىن روھىيئىنتىلىشى يېتىلمىگەن. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى مۇكەممەل بولمىغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇڭا ماددىي شارائىتى مۇكەممەل بولغانلار ئۆزىنى مەنىۋى جەھەتتە كامالەتكەيەتكۈزۈشكە ئىنتىلسە، ماددىي شارائىتى ناچار بولغانلار ئۇنى ئۆزگەرتىشكە، ياخشىلاشقائىنتىلسە، ئۇلار ئۆزئارا بىر_بىرىنىڭ ھالىغا يەتسە، بىر_بىرىنى چۈسەنسە، ئاندىن بۇجەمئىيەتتە بىر_بىرىگە ياردەم بېرىدىغان، بىر_بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىناقلىق پەيدا بولۇپ، جەمئىيەت مۇكەممەللىشىدۇ.
    بىزنىڭ رەھبەرلىكسېستىمىمىزدا كۆپىنچە ھاللاردا سىياسىي رەھبەرلىك بەكرەك تەكىتلىنىدۇ. كەسپىي رەھبەرلىك تېخى يېقىنقى يىللاردىلا تەكىتلىنىۋاتىدۇ. كەسپىي رەھبەرلىك يېتەرلىكتەكىتلەنمىگەن ئەھۋالدا، كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ قەدىر_قىممىتى بولمايدۇ. كەسىپئۆگەنمىسىمۇ ئىشلار يۈرۈشۈپ تۇرىۋاتقانلىقتىن، كەسىپ ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتىقالمايدۇ_دە، كىتاب ئوقۇشقا ھاجەت چۈشمەيدۇ.

     بىز ئۆگىنىش تىپلىقجەمئىيەت قۇرۇشنى تەكىتلەۋاتىمىز. ئادەملەر ھەر ۋاقت، ھەر زامان ئۆگەنمىسەبولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان جەمئىيەت ئۆگىنىش تىپلىق جەمئىيەتتۇر. بىزدە ھازىرئۆگىنىش تىپلىق جەمئىيەتنىڭ شوئارى بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭ ھەقىقىي تۆرەلمىسى تېخىيېتىلمىدى. بىزدە ھەقىقەتەن ئۆگىنىش تىپلىق جەمئىيەت شەكىللەنگەندە، كىتاب ئوقۇش ئادەملەردىكى جىددىي بىر ئېھتىياجغا ئايلىنىدۇ، ئەقىل ھەقىقىي توۋارغا ئايلىنىدۇ، بىلىم ئىگىلىرى ئەتىۋارلىنىدۇ، بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئەقلى ۋە تەسەۋۋۇرلىرى ماددىيبايلىققا ئايلىنىدۇ.


          مۇخبىر: ئابدۇقادىر ئەپەندى، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش بىلەن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشئۈچۈن كىتاب ئوقۇشنىڭ بىر بىرى بىلەن زىت كېلىدىغان يەرلىرى بارمۇ؟ كىشىلەرنىكىتاب ئوقۇشقا يېتەكلشتە قايسىسىنى بەكرەك تەشەببۇس قىلىمىز؟

         ئابدۇقادىرجالالىدىن: مېنىڭچە، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش بىلەن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشئۈچۈن كىتاب ئوقۇش بىر_بىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ. كىتاب ئوقۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللار ھەر خىل بولىدۇ. بەزىدە رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدىغان ئەھۋال بولىدۇ. مەسىلەن، مەن بەزىدە دەرس تەييارلىغاندا، بەزىدە ئىلمىي ماقالە يېزىشقا تۇتۇنغاندا مەلۇم مەسىلىگە جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن مەقسەتلىككىتاب ئوقۇيمەن. يەنە بەزىدە ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىش ئۈچۈن كىتاب ئۇقۇيمەن. سەپەر قىلغاندا ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يومۇر، شېئىرلار توپلاملىرىغا ئوخشاش يەڭگىلكىتابلارنى ئوقۇيمەن. ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ئوقۇغانلىرىمنىڭ ھەممىسى كېيىنكى ۋاقتلاردا بىر خىل جۇغلانمىغا ئايلىنىپ، مېنىڭ خىزمەت، تەتقىقاتىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭامەيلى بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش بولامدۇ ياكى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش بولامدۇ، ھەر ئىككىلىسىنى تەكىتلىشىمىز كېرەك. ھېچبولمىغاندا ئىچپۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بولسىمۇ كىتاب ئوقۇيدىغان بىر خىل مەدەنىيەتلىك ئادەملەر توپىنى تەربىيىلەپ چىقىشىمىز كېرەك.

          مۇخبىر: ئابدۇقادىر ئەپەندى، كىتابنىڭ قىممىتىگە باھا قويۇش ناداننىڭ ئىشى. شۇنداقتىمۇسوراپ باققۇم كېلىدۇ، سىز كىتابلىرىڭىزنى بىساتىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق دەپ قارامسىز؟

          ئابدۇقادىرجالالىدىن: دەرۋەقە كىتابنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ كەينىگە يېزىپ قويۇلغان باھا بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. لېكىن كىتابنى سېتىۋېلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇنىڭ كەينىگە يېزىلغان باھا ئۆزىنى كۆرسەتمەيمۇ قالمايدۇ. مېنىڭ نۇرغۇن ياخشى كىتابلارنى سېتىۋالالمىغان چاغلىرىم بار. مەسىلەن، مۇشۇ قېتىم كىتاب يەرمەنكىسىگە قويۇلغان«ئۇيغۇر خەلق ئېغىزئەدەبىياتى قامۇسى»نى بەكلا ئالغۇم بار ئىدى، بىراق ئۇنىڭ باھاسى 4800 يۈەن بولغاچقا، سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قالدىم. شۇڭا بەزىدە كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسىبىلەن شۇ كىتابنى ئوقۇشقا ئىنتىلگەن ئادەملەرنىڭ تەقەززالىقى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىكئارىلىق بولۇشى مۈمكىن.



     مەن ئۆيۈمدىكى كىتابلىرىمنىقىممەتلىك بايلىقىم دەپ قارايمەن. بىراق بايلىق قارىشىنى تەكىتلىگەندە، رېئال، ئەمەلىي بولمىساقمۇ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن پۇلمۇ بايلىق. بانكىدا ئېشىنچا پۇلىمىزبولسا خېلى خاتىرجەم بوپ قالىمىز. بولسا بىر نەرسە يازىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان، جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەت بىلەن قارايدىغان ئادەملەرنىڭ بانكىدا ئېشىنچا پۇلى بولغىنىياخشى. شۇندا ئۇ بىر قىسىم چاكىنىلىقلاردىن خالى بولالايدۇ. ھېچ بولمىغاندا نائەھلىئادەملەرگە مۇھتاج بولمايدۇ. مەنىۋى توقلۇق ئىچىدە ياشىغان بۇنداق كىشىلەرنىڭقەلىمىدىن تېخىمۇ غورۇرلۇق پىكىرلەر ئۇرغۇپ چىقىدۇ. شۇڭا كىشى يېتەرلىك ماددىيبايلىققا ئىگە بولغان ئەھۋالدا، ئۆيىدىكى كىتابلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا، كىتابتىكى بىلىمنى ئىككىنچى تۈرلۈك تەپەككۇر بايلىقىغا ئايلاندۇرالىسا، ئاندىن ئۇكىتابلار قىممەتلىك بايلىق بولالايدۇ. بولمىغاندا ئۇ بەرىبىر ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ بىر نەرسە. مەن كىتابلىرىمنى بىربايلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇلارنى ئوقۇشۇم كېرەك، ئۇلار ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشىم كېرەك. بۇ تەپەككۇرنى يەنە بىر تەپەككۇرغا ئايلاندۇرۇپ، جەمئىيەتكە تەقدىمقىلىشىم ياكى خىزمەتكە تەدبىقلىشىم كېرەك. مۇشۇ تەپەككۇر جەريانى تەكرار ھەرىكەتكەئايلانغاندىلا، ئاندىن ئۆيدە تۇرغان كىتابلارنىڭ قىممىتى بولىدۇ، بايلىق ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ۋاقت، ئىمكانىيەت، ئىقتىسادىي شارايىت، پۇرسەت دېگەنلەر تەل بولسا، ئاندىن دۆۋىلىنىپ تۇرغان كىتابلار ئۆزىنىڭ بايلىقلىق قىممىتىنى ئىسپاتلىيالايدۇ.

          مۇخبىر: ئابدۇقادىر ئەپەندى، كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۈمكىن، ئۆي بېزەش جەريانىدا بەزى كىشىلەر كىتاب ئىشكاپلىرىنى بالكونغا چىقىرىۋەتتى، بەزىلەر كونا نەرسىلەر قاتارىدا يەرئاستى ئۆيىگە چۈشۈرىۋەتتى. بۇ ئەھۋاللارغا قانداق قارايسىز؟

          ئابدۇقادىر جالالىدىن: مېنىڭچە ئۇلاردىن رەنجىشكە ھەققىمىز يوق. ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا ئولتۇراق ئۆي شارائىتى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۈمكىن. بىز ئالدى بىلەن زىيادە چوڭ ئۆيلەردە ئولتۇرىۋاتقان، ئايرىم داچىلارنى سېلىپ ئولتۇرىۋاتقان بىر قىسىم بايلىرىمىزنىڭ، ئەمەلدارلىرىمىزنىڭئۆيلىرىدە كىتاب بارمۇ_يوق دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنەيلى. ئەگەر بۇ سۇئالىمىزغاجاۋاپ تاپالمىساق، بايىقى كىتابلىرىنى بالكونغا تاشلاپ قويغانلاردىن رەنجىشىمىزگەقىلچىلىك ئاساس قالمايدۇ.

          مۇخبىر: ئابدۇقادىر ئەپەندى، خەلقىمىزنىڭ 80_يىللاردىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ھازىرقى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار دەپ قارامسىز؟

         ئابدۇقادىرجالالىدىن: 80_يىللاردىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ھازىرقى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. 80_يىللاردىكى كىتاب ئوقۇش ئاساسەن ئەدەبىيات_سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئوقۇش قىزغىنلىقى بولۇپ، زوق ئېلىش، ھوزۇر ئېلىشخاراكتېرىدە ئىدى. كىتاب ئوقۇشنىڭ مەقسەتچانلىقى ئانچە ئېنىق ئەمەس ئىدى. ھازىرقىكىتاب ئوقۇش بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى نىشان قىلغان كەسپىي قىزغىنلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، مەلۇم ئاڭلىقلىققا، ئەقلىيلىككە ئىگىدۇر. يەنى بۇ، خىزمەت ئېھتىياجى، تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشكەن ئوقۇش قىزغىنلىقىدۇر. ھازىر چىقىۋاتقان كىتابلارمۇ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلار بولۇپ، 80_يىللاردا نەشر قىلىنغان ھىكايە، پوۋېست، رومان، چۆچەكلەردىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. خەلقىمىزنىڭھازىرقى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى 80_يىللاردىكىدىن سەل سۇسلاپ قالغان قىزغىنلىقبولسىمۇ، لېكىن مەلۇم ئاڭلىقلىققا، ئەقلىيلىككە، قاراتمىلىققا، ئىلمىيلىككەكۆتۈرۈلگەن، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئوقۇش قىزغىنلىقىدۇر.

                                               تۈگىدى

                           2006-يىلى26-ئىيون،شەھىرى ئۈرۈمچى   

ئۇيغۇر ئۇچۇر پورتى تور بېكىتىدىن ئېلىندى.
 http://www.uchur.cn/moban/1/ReadNews.asp?NewsID=133#Scene_1

UID
12946
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-7-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 11:18:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالدىنقى ئايدىن باشلاپ ،ئايدا ئايلىقىمدىن 50 يۈەن ئاجرىتىپ،كىتاب سېتىۋىلىشنى پىلانلىدىم.ئاخىرغىچە چىدىسام بولدىغۇ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش