كۆرۈش: 14380|ئىنكاس: 63

24 ياشلىق قىز بىلەن 30 ياشلىق ئەرنىڭ دىئالوگى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
25298
يازما
6
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-24
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 00:34:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گىرىمسەن شام يورۇقىدا شىرەنى چۆرىدەپ بىر ئەر بىلەن بىر قىز ئولتۇرىدۇ.
- مەن سىزنى سۆيىمەن، – قىز بىر تەرەپتىن قولىدىكى ئىستاكاننى ئوينىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن شۇنداق دىمەكتە.
- مېنىڭ ئايالىم بار، – دېدى ئەر قولىدىكى ئۈزۈكنى سىلىغاچ.
- كارىم يوق، مەن پەقەت سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى بىلىپ باقماقچى. سىز مېنى سۆيەمسىز؟ – ئەر بېشىنى كۆتۈردى. ئىچىدە قىزنى باھالىماقتا.
24 ياش – ياش، ئىنسان ھاياتىدىكى تولىمۇ شاش، كۆڭۈلدىكىدەك ياش باسقۇچى.
ئاپپاق تېرە، ھاياتىي كۈچكە تولغان بەدەن، چاقناپ تۈرىدىغان، ھەر بىر قارىشىدا قەلبىدىكىنى سۆزلەپ تۈرىدىغان چەشمە كۆز.
ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ مەيلىنى ئۇتقۇدەك ياخشى قىز، ئەپسۇس …
- ئەگەر سىزمۇ مېنى سۆيسىڭىز، سىزنىڭ مەشۇقىڭىز بولغۇم بار، – قىز ئاخىرى تاقات قىلالماي كۆڭلىدىكى دەۋەتتى.
- مەن ئايالىمنى سۆيىمەن، – ئەر قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب بەردى.
- سىز ئۇنى سۆيەمسىز؟ سۆيسىڭىز نېمە بولماقچى؟ بىلسەم-بىلمىسەم ھازىرقى ئۇ چىرايىنى قورۇق باسقان، كۆرۈمسىز بىر ئايالغا ئايلىنىپ قالدى، ئۇنداق بولمىسا ھەر قېتىملىق يىغىلىشقا نېمىشقا ئۆزىڭىز يالغۇزلا …
قىز توختىماي سۆزلىمەكچىدى، ئەمما ئەرنىڭ كۆزىدىكى سوغوق نۇرنى كۆرۈپ تىلىنىڭ ئۇچىدىكى گەپنى يۇتىۋەتتى.
سۈكۈت …
- سىز مېنىڭ نېمەمنى سۆيىسىز؟ – ئەر ئېغىز ئاچتى.
- پىشقان، تەمكىنلىكىڭىزنى، ئەرلەرگە خاس ھەرىكەتلىرىڭىزنى، كىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى، بەكمۇ، بەكمۇ كۆپ يەرلىرىڭىزنى. ئىشقىلىپ مەن كۆرۈپ باققان ئەرلەرگە زادىلا ئوخشىمايسىز. سىز تولىمۇ ئالاھىدە.
- سىز مېنىڭ ئۈچ يىل بۇرۇن قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىمنى بىلەمسىز؟ – ئەر تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرغاچ شۇنى سورىدى.
- بىلمەيمەن، تۈرمىدە ياتقان بولسىڭىزمۇ پەرۋايىغا ئېلىپ كەتمەيمەن.
- ئۈچ يىل بۇرۇن، مەن سىزنىڭ ھازىرقى كۆزىڭىزدىكى ئادەتتىكى ئەر ئىدىم، – ئەر قىز بىلەن كارى بولماي مۇشۇلارنى دىمەكتە.
- ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولمىغان، پۈتۈن كۈن ھاراق ئىچىدىغان، تىرىككەك ئەر ئىدىم. قىزلارنىڭ ياخشى كۆرۈشى بىلەن ھېسابلىشىپ كەتمەيتىم. كەچلىك بەزمىخانىلارغا بېرىپ خېنىملارنى ئىزدەپ ساقچىغىمۇ تۇتۇلغان …
- ئۇنداق بولسا … – قىز بۇ ئەرنى نېمە ئۆزگەرتكەنلىكىگە قىزىقىپ قالدى،- ئۇ سەۋەبلىكما؟
- ھەئە، ئۇ ھەمىشە ئىشنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى كۆرەتتى. ماڭا ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن. ئۇ ماڭا ئېرىشكەن – يوقاتقانلىرىم ئالدىدا تەمكىن بولۇشنى، كۆز ئالدىمدىكى ئىشلارغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكنى، باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەتكەن. ئۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىش ئۇقماسلا بىر بالا ئىدىم. ئەڭ غەلىتە يېرى، باشقىلارغا توڭ تېگىپلا تۇرىدىغان مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلسەملا بەكلا رايىش بولۇپ كېتەتتىم. ئۇنىڭ دىگەنلىرى بويىچە رېئاللىقنى قۇبۇل قىلغانىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ كېرەكسىزلىكىنى، تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدىم. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا خىزمىتىمدە بەلگىلىك بۇرۇلۇش بولدى، بىز توي قىلدۇق.
ئەر بارماقلىرى بىلەن كۈلداننى چەككەچ شۇلارنى دىمەكتە ئىدى.
- شۇ چاغلاردا كۈنلىرىمىز بەك جاپالىق ئىدى. ئىككىمىزگە پەقەت بىرلا كارىۋات بار ئىدى. ئۆي جاھازىلىرىنىڭ بىچارىلىكىنى دىمەيسىز تېخى. بىلەمسىز؟ توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن يېرىم يىلدىن بېرى يىغقان پۇلۇمغا ئاران ئۇنىڭغا ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك ئېلىپ بېرەلىگەنىدىم. ئەلىۋەتتە، بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا سىر ئىدى. ئەگەر ئۇ بىلىپ قالسىلا ئۇنىمايدىغىنى ئېنىق ئىدى.
- شۇ چاغلاردا ھاراق – تاماكا مېنى كاردىن چىقىرىپلا قويغان. سوغوق قىش كۈنلىرى ئۇ ماڭا ئىچكىلى ئىسسىق شورپا تەييارلاپ بېرەتتى. ئاشۇ مىززىلىك پۇراقنى پەقەت شۇلا پەيدا قىلالايتى.
ئەر ئۆتمۈشلىرىگە چۆكۈپلا كەتكەنىدى، ۋاقىت نەدە، توختىماي ئۆتمۈشلىرىنى سۆزلىمەكتە ئىدى.
قىز ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن جىممىدە ئولتۇرغاچ ئۇنىڭ مۇشۇ دەقىقىلەرگە قايتىشىنى ساقلايتى، ئاللىقاچان كەچ سائەت 10 دىن ئاشقانىدى.
- ئاپلا، كەچۈرۈڭ، دىققەت قىلماي قاپتىمەن، كەچ بوپ كېتىپتۇ، – ئەر كەچۈرۈم سورىغاچ كۈلۈپ كەتتى، – ئەمدى بىلگەنسىز؟ مەن سىزنى سۆيەلمەيمەن ھەم ئۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن.
- ھەئە، بىلدىم. سىزگە ئۇتتۇرغىنىمغا قايىل بولدۇم! – قىز بېشىنى چايقايتى، – ئەمما مەن ئۇنىڭ يېشىغا بارغاندا چوقۇم تېخىمۇ قالتىس بولۇپ كېتىمەن.
- توغرا دەيسىز، ئۇ چاغدا تېخىمۇ قالتىس ئەرنى تاپالايسىز، شۇنداققۇ؟
- كەچ بولۇپ كەتتى، قىزىق شورپىمۇ مۇزلاپ قالدى ھەقاچان. مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي، – ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزنى ئۇزىتىپ قويماق بولدى.
- بولدى، مەن ئۆزۈم قايتساملا بولدى، – قىز قولىنى يىنىك سىلكىپ قويدى، – قايتىپ كېتىڭ، ئۇ تىت – تىت بولمىسۇن.
ئەر ماقۇل دىگەندەك، قايتىش ئۈچۈن ئۆرۈلۈپ تۇرىشىغا قىز:
- ئۇ چىرايلىقمۇ؟
- ھەئە، بەكلا چىرايلىق.
ئەرنىڭ قامىتى كېچە قوينىدا غايىپ بولدى، شام يورۇقىدا ھاڭۋاققىنىچە پەقەت قىزلا قالدى.
ئەر ئۇدۇللا ياتاققا كىرىپ، ئۈستەل چىرىقىنى ياندۇردى. كارىۋات قىرىنى بويلاپ ئولتۇردى.
خوتۇن، بۇ تۆتىنچىسى. مەن نېمىشقا باشقىلار ياخشى كۆرگۈدەك بۇنداق ياخشى بولۇپ كەتتىم. نېمىشقا مېنى باشقىلار ياقتۇرغۇدەك ياخشى ئادەم قىلىپ قويۇپ، ئۆزۈڭ بالدۇر كېتىۋالدىڭ؟ مەن، مەن، ئەجەپمۇ غېرىپسىندىم، يىگانىلا قالدىمغۇ …
ئەر ئۆزىگە سۆزلەيتى، بارا-بارا ئۇنىڭ ئاۋازى يىغا ئاۋازى ئىچىدە چىقمايلا قالدى.
ياشلار بىر تامچىدىن بىر تامچىدىن ئەرنىڭ مەڭزىنى بويلاپ قولىدىكى رەسىم رامكىسىغا ئاقماقتا … گىرىمسەن چىراغ يورۇقىدا، بۇرۇن چۈشكەن رەسىمدىن ئالەمدىن ئۆتكەن بىر قىزنىڭ بىر خىل ئىللىقلىقى بالقىپ تۇراتتى.


مەنبە: بوغلان مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق بلوگى، ئادىرسى:  http://www.boghlan.com/1135.html

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
34340
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-19
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 02:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹سۈزۈك›› ئىسمىدىكى بىر توردىشىم خىلى بۇرۇنلاردا تەرجىمە قىلغان ئەسەر ئىدى، ھەقىقەتەن تەسىرلىك،  تەرجىمىسىمۇ راۋان...... ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بولسا يوللاپ قويارسىز.... رەھمەت سىزگە.

UID
31618
يازما
187
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 07:39:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن تەسىر لىك ھىكايە بۇ. ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ،يەر قىلغانمۇ خوتۇن.

UID
41858
يازما
128
تېما
21
نادىر
0
جۇغلانما
128
تىزىملاتقان
2012-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-11
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 09:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ياخشى ئىكەن. ئەرلەردە ئاشۇنداق  ئىنسانى پەزىلەت بولىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن.

UID
31144
يازما
405
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
405
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 10:39:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى جەميىەتتە مۇشۇنداق ئەرلەردىن يەنە قانچىسى باردۇ؟ مۇھەببەتنى قەدىرلىمەيغانلار جىق نىمە!

UID
15294
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2011-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-26
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 12:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا يەسىرلىك ئىكەن ، ھەر بىر ئەر - ئايال تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشى ، بىر - بىرىگە سادىق بولۇشى كىرەك.

UID
38699
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 15:09:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمەدېگەن تەسىرلىك ھە.

مەن ھەر بىر ئەر-ئايالنىڭ بىر بىرىگە ۋاپادار بولىشىنى بەختلىك بولۇشىنى ئۈمد قىلىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

قەتئىلىك ئەرلىك

UID
3268
يازما
155
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3126
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 15:44:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مالىك يوللىغان ۋاقتى  2012-7-18 10:39
ھازىرقى جەميىەتتە مۇشۇنداق ئەرلەردىن يەنە قانچىسى بار ...

  سىزگە نەچچىسى كىرەك ؟ لېكىن سىز يۇقىرىقىدەك قىلالىسىڭىز پەقەت بىرنىلا شۇنداق قىلالايسىز ، مىنىڭچە سىزنىڭ مۇشۇ سوئالىڭىزدا بىرنىمۇ ئۇنداق قىلالمايدىغاندەك قىلىسىز ، كەچۈرۈڭ ، باشقا نىيىتىم يوق !

باھا سۆز

1paxwa  ھى ھى ھى...  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 01:55:29

UID
39244
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2012-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-20
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 15:46:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاخىرقى ئابزاستىكى  مەزموننى  ئوقۇپ  تولىمۇ تەسىرلەندىم

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-18 17:26):
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان  ھېكايىكەن .

UID
43707
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-18
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 17:15:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاخىرقى ئابزاستىكى  مەزموننى  ئوقۇپ  تولىمۇ تەسىرلەندىم  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش