كۆرۈش: 1412|ئىنكاس: 3

ئەجىر ۋە مېھنەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
8444
يازما
108
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
2719
تىزىملاتقان
2011-1-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 18:37:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نامرات ئەر-خوتۇن بۇلۇپ، ئەر مىڭ مۇشەققەتتە تاغدىن ئوتۇن تېرىپ كېلىپ جان باقاتتى. ئۇ مىڭ تەستە ئوتۇن تېرىپ كەلسە، خوتۇنى ئوتۇنلارنى بىردەمدىلا قۇلۇم-قوشنىلىرىغا تارقىتىۋېتەتتى. قۇلۇم-قوشنىلارمۇ تەييارغا ھەييار بولۇپ، ئوتۇن تېرىپ كېلىشنى ئويلاشماي، قوشنىسىنىڭ ئوتۇن تېرىپ كېلىشىنى كۈتىدىغان بولۇۋالدى.
بىر كۈنى ئېرى خوتۇنىنىڭ قىلىقىغا ئاچچىقى كېلىپ، ئوتۇن تېرىپ كېلىشكە ئۇنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار كەچ كىرگىچە مىڭ تەستە ئىككى باغلام ئوتۇن تېرىپ كەلدى. ئايال جاپانى يەتكۈدەك تارتىپ، قارا تەرگە چۆمدى، قاتتىق ئۇسسىدى، چارچىدى،ئوتۇن تېرىشنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ئەتىسى ئەتىگەندىلا قوشنىلار يەنە ئوتۇن سوراپ كىردى.
-كەچۈرۈڭلار، ئوزۈم تەرگەن ئوتۇندىن بىر تالنىمۇ بەرمەيمەن، ئېرىمنىڭكىگە مەن قول تەگكۈزەلمەيمەن، ئوتۇن كېرەك بولسا، ئۆزۈڭلار تاغقا بېرىپ تېرىپ كېلىڭلار،-دېدى.
قوشنىلار ئۇنىڭدىن بىر مۇنچە رەنجىپ، قېيداپ تاغقا مېڭىشتى. ئۇلار مىڭبىر جاپادا ئوتۇن يىغىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاران قايتىپ كېلىشتى. بۇ جەرياندا ئۇلار قوشنىسىنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىدىغانلىقىنى چۈشەندى ھەمدە ئۇنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ئېيتىپ، دەرھال ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى.
ئەجىر سىڭدۇرمەي تۇرۇپ، ھالاۋەت كۆرگىلى بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ جاپاسىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ،جاپانىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە بۇ بىر ساۋاق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

مەنبە: ئامانلىق ژۇرنىلى

ئىمىنجان قۇربان تەرجىمىسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
32098
يازما
241
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 14:48:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتتا ھەممە ئادەم ئۆز غېمىنى ئۆزى قىلىشى كېرەك،«باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەش»دېگەن ئاللىقاچان رىۋايەتكە ئايلىنىپ كەتكەن چىراي
ھازىر قولۇم قوشنىلاردىن ئەرزىيەت كەلمىسە مىڭ شۇكرى.

UID
43525
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 21:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق ئەلۋەتتە...........

UID
49125
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 14:16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش