
ئەلكۈيى تورى چىللە 15-كۈنىدىكى مۇلاھىزە خەۋىرى: داڭلىق بولغان سۇئال-جاۋاب تور بىكىتى Quora دا ، بىرەيلەن مانا مۇشۇنداق ئېچىۋېتىلگەن مەسلىدىن بىرنى يەنى 2020-يىلدىكى ئىنتېرنېت تورى قانداق بولىدۇ ؟ نى ئوتتۇرىغا قويغان . سورىغۇچى كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلمىلىرى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىلىشىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپ تەرەپتىن تەسۋىرلىشىنى ، شۇنداقلا يىڭىلىق يارىتىشچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، تۈرلۈك كونا كۆز- قاراشلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، ئىنتېرنېت تورىدا قانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەپەككۇر قىلىپ بېقىىشنى ئۈمىد قىلغان .
ئەلكۈيى تورى بۇ قىززىق نۇقتىلىق تېمىنىڭ بىلەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان جاۋابنى تاللاپ تۆۋەندىكىدەك تەھرىرلەپ قويدۇق . كۆپچىلىكنىڭمۇ چوقۇم ئۆز ئالدىغا كۆز قارشىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز ، باھايىڭىزدا ئۆز نۇقتىئىينەزىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، رەھمەت .
مېنىڭچە ، 2020 -يىلىغا بىرىپ ئىنتېرنېت توغرىسىدا مۇھاكىمە ئىلىپ بارغاندا ، بىز ئۇنى روھىيتىمىزنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىدىكى ماتور دەپ بىلىشىمىز مۇمكىن . مەن ئىشىنىمەنكى تېخنىكا بىلەن يىڭىلىق يارىتىش بىزنىڭ ھىسسى ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىدۇ خالاس ، ئۇ بىز ئنسان بولغۇچىلاردا مەۋجۇت بولغان ئەڭ چوڭ دەسمايىدۇر . مىنىڭچە يەنە بىزنىڭ بىۋاستە سىزىمىمىز ئىنتېرنېت تورى شەكلى ۋە ئىنتېرنېت تورىدىكى نىشانلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇش سەۋەبىدىن ناھايىتىمۇ چوڭ ئۆزگۈرىدۇ ، ھەم كۈچىيىشكە ئىرىشىدۇ .
Ben Parr, The Peep Project بەرپا قىلغۇچى
مۇنداق بىر web نى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى
مەركىزى نوقتا كومپىيوتىردا بولمىغىنى بىلەن ، ئەمما ھەممىلا يەردە مەۋجۇت . ھەر بىر ئەسۋابقا ، ھەر بىر ئادەم ، ھەرقانداق جايدا ئىرىشىدۇ . ئېنتىرنېت سىز قايتا بارىدىغان جاي ئەمەس ، ئەمما سىز ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئۇنىڭ ئارقسىدىمۇ بولىدىغان بىرقەۋەت نەرسە . (ئەسكەرتمە : تەرتىپ)
ئېنتىرنېت بولسا دىئالوگىڭىزنىڭ تەبىئىي ئۇلاش ئېغىزى بولۇپ قالىدۇ . قول سائىتىڭىزنى يىنىڭ بىر ئۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق بىر web ئاچقىلى بولىدۇ ، ئاندىن بىر ئېكىران كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ . ئەۋەتكەن دوكىلاتنى ئويلاپ بىقىڭ ، قول ئىشارىتى چاتقۇچىنى ئويلاپ بىقىڭ . مائۇس ۋە كونۇپكا تاختىسى بۈتۈنلەي يوقايدۇ .
ھەرۋاقىت – ھەرجايدا ، ھەممەيلەن ھەمىشە خاسلاشتۇرۇش مەزمۇنلىرىنى تاپشۇرىدۇ . سودا ساراينىڭ ئېكىرانىنى چىكىپ قويسىڭىز ئۇ سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى پەرىق ئىتەلەيدۇ ، ئاندىن مۇھىم بولغان ئۈچ مەلۇماتنىڭ سىزنىڭ بىرتەرەپ قىلىشڭىزنى كۈتىۋاتقانلىقىنى دەپ بىرىدۇ . ياكى تەكشى تاختا كومپىيوتېرنى ئاچسىڭىز ، ئۇسىزدىن باسانىڭ كىيىنكى يىرىم مەيدانىنى داۋاملىق كۆرەمسىز ياكى لاخېرلار بىلەن كېلىتلارنىڭ مۇسابىقىسىغا ئالماشتۇرامسىز دەپ سورايدۇ .
ئۇ ۋاقىتتىكى ئېنتېرنىت چوڭ مىڭىڭىزگە بىۋاستە ئۇلۇنىشى مۇمكىن . ھەرىكەت ۋە بۇيرۇق ، ئۇلاش ئېغىزىدىن كىلىپلا قالماستىن ، يەنە سىزنىڭ خىيالىڭىزدىنمۇ كىلەلەيدۇ . ۋاكۇملۇق چاڭ- توزاڭ سۈمۈرگۈچنى قانداق قوزغىتىسىز ، ئۇنىڭغا چوڭ مېڭىڭىز ئارقىلىق بۇيرۇق چۈشۈرەلەيسىز . ھەمما بۇ مىنىڭچە بىزنىڭ باللىرىمىزدىن تارتىپ نەۋرىلىرىمىزنىڭ دەۋىرلىرىگىچە ئەمەلگە ئىشىشى مۇمكىن ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتقا بارغاندا بەلكىم ئۇلار چوڭ مېڭىگە ئۆزەك كۆچۈرۈشنى چەتكە قىقىپ كەتمەسلىگى مۇمكىن .
ئېنتىرنېت سىزنى ھەرقانداق نەرسىنى ئىجات قىلدۇرىدۇ ، ھەم تۈزۈلدۈرىدۇ . web بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق نەچچە سىكىنۇت ئىچىدە تەقلىدى بولغان دۇنيانى ئىجاد قىلىغىلى بولىدۇ ، ئۇ ئارقىلىق ماشىنا ئادەم زاۋۇتىغا قۇماندانلىق قىلغىلى ، ھەم ئۇنىڭغا خىيالى ماشىنلىرىڭىزنى ياساتقۇزغىلى بولىدۇ .
ئېنتىرنېت بىزنى ئۆز ئارا ئوخشاش ئۇلاشتۇرىدۇ . شۇنداق كۈنلەر يىتىپ كىلىدۇكى ، تىل ئالاقىسى ئەك كونا ئۇسۇل بولۇپ قالغۇسى ، ھەتتا ھىسسىياتتىمۇ توربەتتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ . 2020-يىلى ئېنتىرنېتنىڭ قىزىق ئويۇنىنىڭ تىغى باشلانغان ۋاقتى .
Bob HooKer, Web3.0 تەتقىقاتچى
2020- يىلغا بارغاندا ، ئادەم بىلەن ئۈسكۈنە ، قۇلۇلما، تەشكىللەش ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مانا مۇشۇنداق ھەممىلا يەردە مەۋجۇتلۇق ۋە ئۇلاقسىز ھالەتكە يىتىدۇ ، ئېنتىرنېت ئۇقۇمىغا كەلسەك دائىملىق سۆزلەردە قايتا تىلغا ئىلنمايدۇ . ئېنتىرنېت ئىلىم-پەننى تەكشۈرۈشتىكى بىر تېما بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ، خۇددى تىل ، يىزىقچىلىق ، مەدەنىيەتكە ئوخشاش ، ئىلىم-پەن ئالىملىرى تەتقىق قىلىدىغان نەرسىگە ئۆزگۈرىدۇ . مەسىلەن : «ھەي ، بىزنى بۇ مەسىلىنى تىل بىلەن ھەل قىلغىلى قويغىن »ياكى« ھەي ، تۈنۈگۈن سەن خالىغان مەدەنىيەت شەكلىدىكى تارقىتىشنى ئەنئەنە بويىچە قىلدىڭمۇ يوق » دېگەنلەرنى بۈگۈنكى كىشىلەر ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان . ئوخشاشلا 2020 – يىلىدىكى ئادەملەر ئېنتىرنېت دېگەننى قايتا يەنە ئويلىمايدۇ ، چۈنكى ئۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتتى . ئېنتىرنېت پەقەت بىزنىڭ دائىملىق تۇرمۇشىمىزنىڭ بىرقىسمى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەتكۈچىگە نىسپەتەن كۆرۈنمەيدۇ . بەزىلەر ئىيتقانغا ئوخشاش: مەن سۇنى كىم ئالدى بىلەن ئويلاپ چىققىنىنى بىلمەيمەن ، بىراق جەزمەن بىلىق ئەمەس .
Jaanus Kase لاھىيەشۇناس ، ئىنژېنىر

چوڭ بىر نوقتا مەسىلە:
2020 -يىلى پۈتۈن يەرشارىدا ئېنتىرنىت بولمايدۇ . ئەكىسچە ، پەقەت رايون خاراكتىرلىك ئېنتىرنىت پەيدا بولىدۇ ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ، ئامېرىكا ، ئافرىقا ، ئاسىيا ، جۇڭگو قاتارلىق ھەربىر رايون ئىچىدىكى ئۇچۇرلار ئەركىن ئاقالايدۇ ، ئەمما رايون ئاتلىغان ئېقىم قاتتىق كونتىرول قىلىنىدۇ ، ھەم بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقى ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ، تەشكۈرۈش قاتارلىق كۆزىتىش تەدبىرلىرى ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ .
ئادەمنى ئالاھىدە خۇشال قىلىدىغان مەسىلە :
ئېنتىرنېت داۋاملىق يەر شارىلىشىدىغان ئەركىن توردۇر . مەن نېرۋا سىستىمامغا كۆچۈرۈلگەن ئۆزەك ئارقىلىق ھەرقانداق توربىكىتىنى ئىزدىيەلەيمەن ۋە زىيارەت قىلالايمەن ، چەكسىز ھالدا سىمسىز شەكىلدە پۈتۈن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ، مەيلى باشقا جاينىڭ مۇلازىمېتىرى ياكى ماڭا ئوخشاش ئېنتىرنېتقا ئۇلانغان ئادەملەر بولسۇن ھەممىسىگە ئۇلىنالايمەن . (ئەسكەرتمە :بۇ خاككېر ئىمپېرىيەسى بولۇپ قالدى ھە )
سىزنىڭ نۇقتىئىينەزىرىڭىزچۇ ؟كۆپچىلىكنىڭمۇ چوقۇم ئۆز ئالدىغا كۆز قارشىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز ، باھايىڭىزدا ئۆز نوقتىئىينەزىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، رەھمەت .
(مەنبە:ئەلكۈيى تورى خەۋەرلەر قانىلى، باشقا تور بېكەتلەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-18 21:40