ئاپتۇر(شىرئەلى ئەلتىكىن) ئىلاۋىسى:ئالدىنقى ماقالىمىز((ھىندىستانغا بىرىپ كەلدۇق))دا دېمەكچى بولغىنىمىز ھىندىستاندا سەلتەنەت قۇرۇپ مەدەنيەت ئىزلىرىنى قالدۇر غان نامى مەشھۇر ،قەدىمى مۇبارەك،نەپسى ئوتلۇق،مەغرۇر،ئىستىلاچى ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنى ياد ئىتىش ئىدى. ھىندىستاننىڭ سىياسىسى،ئىقتىسادى ئەھۋالاتى،باي-نامراتلىقى،ياخشى-يامان تەرەپلىرى بىلەن ھىسابلىشىش ئەمەس ئىدى. .ئەپسۇس، ،قەلەمدىكى ئاجىزلىق سەۋەبلىك مەقسەت بىر ياندا قىلىپ ئۆزۈمنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ سالدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر پاسۇنىدىكى كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى پەقەت سەھنىدىلا كىيەتتۇق،ساياھەت ھەم كوچىلاردا كىيىپ مىڭىشقا پۇرسەت بولمىغاچ ماقالىمىزنى ئوقۇغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ((مىللىي كىيىم- كېچەك كەيمەي قاپتۇ،كىيۋالسىچۇ دەپ كۆڭۇل بۆلگەنلىرىگە رەھمەت ھەم ئەپۇ ئىتەكلىرىنى كەڭرەك تۇتقاي،مالايسيادا ھەم ھىندۇنىزىيەدە ھىندىستاننىڭ ئەكسىچە مىللىي كىيىم-كېچەكلەر بىلەن چۈشكەن سۆرەتلەر بىر قەدەر كۆپ.
سالام ھىندونوزىيە


ھىندۇنىزىيەنى ئاز-تولا مائارىپ تەربىيسى كۆرگەنلىكى كىشلىرىمىز ئىسمىنى،ئۇنىڭ ئاراللار دۆلىتى ھەم ئەڭ كۆپ نۇپۇسلۇق ئىسلام مەملىكىتى ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار.ھىندۇنىزىيەنىڭ تارىخى،جۇغراپىيسى،سىياسىسى،ئىقتىسادى،مىللەتلىرى،دىنى ئىتىقادى،مائارىپى،سەھيەسى،قانۇنى،دىمۇكراتيىسى ئۇستىدە توختۇلۇش زىيارىتمىزنىڭ قىسقىلىقى سەۋەبىدىن ھەم بۇ ئاددى يازمىنىڭ ئاساسى مەقسىدى بولمىغاچ يىتەرلىك يازالمىدۇق.بىلمىگەن نەرسىلەر ئۈستىدە ئارتۇقچە توختۇلۇپ يۈرمىدۇق.ھىندۇزىيەدىكى بىرىنجى بىكتىمىز ھىندۇنىزىيەدىكى 3.چوڭ شەھەر مەدان(medan) دىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرمىزدىن بىر قىسمىنى ئۇدۇللۇق سۆزلەپ ماڭمىز
1.ياپيىشىل مەدان –جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرنىڭ ئانا تىل مۇھەببىتى
مەدان –ھىندۇنىزىيە تىلىدا (kota medan) دېىيلدىكەن،مەدان ھىندۇنىزيەنىڭ غەربى شىمالىدىكى Sumatera Utara ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئىكەن.نۇپۇس ئىككى يىرىم مىليۇن ئەتراپىدا بولۇپ جۇڭگۇلۇق مۇھاجىرلار تەخمىنەن 500000ئەتراپىدا .جۇڭگۇلۇقلار ئۆز-ئارا فۇجىيەن تىلىدا سۆزلەيدىكەن.
بىزنى يەنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنى شۇ مەداندىكى جۇڭگۇلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەكلىپ ئەتكەن ئىدى. بىز 4-ئاينىڭ 5-كۈنى مەدانگە تاڭ سەھەردە كەلدۇق.بىزنى قارشى ئالغىلى چىققانلار ئارسىدا جۇڭگۇ ئەلچىخانسىنىڭ مەداندا تۇرۇشلۇق كونسۇللىرى،مەدەنيەت ساھاسىدىكى ئەربابلار،مۇھاجىرلار،مەدان شەھەرلىك پارلامىت ئەزالىرى بار ئىدى.مەدەن شەھىرىدە زىيارەت ھەم ئويۇن قۇيۇش جەريانىدا ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى شۇ مەدەن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ،ياشاپ كىلۋاتقان ئۈچ-تورتنىجى ئەۋلات خەنزۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىشىشى ھەم ئۇلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتى.بۇ مۇھەببەت دىنىي سالاھىيتى مۇسۇلمان بولغان مىللەتنىڭ ئەزاسى بولغان مەن ئەلتىكىنگە ئاجايىپ ئەسكى خىياللارنى سۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى.خەنزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ خەنزۇ تىلغا بولغان ئاسىرىشى،ئەمەلى ئىلىپ بارغان ئەمگەكلىرى تىلمغا قارتا مۇھەببەت،كۆيۈنۈش،پوزتىسىيە شەككىللەندۈرۈشۈم كىرەكلىنى بىلدۈرۈپ قويدى.
دەسلەپ كەلگەندىكى مەدەن شەھىرىنىڭ كوچلىرىدا،ساياھەت ئورۇنلىرىدا ئۇچۇراتقان خەنزۇلارنى كۆرۈپ ئۇلارنى ساھايەتكە كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.بىراق،ئۇلار ئويۇمنىڭ ئەكسىچە ساياھەتكە كەلمەپتۇ،بەلكى شۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاساسى ئىقمىغا ئاللاقاچان سېڭىپ مۇسۇلمان بولۇپ بولغان خەنزۇلار ئىكەن. مەدەن شەھەرلىك جۇڭگۇلۇقلار ئۇيۇشمىسى بىزنى 5-چىسىلا باي،ئابرۇيلۇق 4.3. ئەۋلات مۇھاجىرلار ئوزلىرى قۇرۇپ چىققان ئەسلىھەلىرى تولۇق مەكتەپنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ ئەتتى. گەرچە بۇ مۇھاجىرلارنىڭ مەدەنگە ماكانلاشقىلى بىرەر يۈز يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ جان كۆيەرلىك بىلەن ئانا تىلىنى كىينىكى ئەۋلاتلارغا ئۆگۇتۈپ كەپتۇ.بۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان،دۇنيانىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك ئىش ئىدى .ئانا تىل دەپ خىزمەت قىلۋاتقانلارغا،ئانا تىلغا بىر ئىغىز بولسىمۇ ھۆرمەت بىلدۇرۋاتقانلارغا،ئانا تىلدا ئەسەر ئىجات قىلۋاتقانلارغا،ئانا تىلىنى بۈيۈك بىلىپ،ئانا تىلدا ناخشا ئىيتىۋاتقانلارغا،ئانا تىلىنىڭ ساپلىقى ئۇچۇن ئاتالغۇ ياساۋاتقانلارغا،ئانا تىلىنى ئاڭلىق قوغدىغانلارغا غايىبانە دۇئا ئەيلىدىم.ئۇلارنىڭ جان پىدالىقى،غەرەرسىز سۆيگۇسىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. سەھىنىدە ئۇستازىمىز ،غۇرۇرلۇق سەنئەتكارمىز ئابدۇريىم ھىىيتنىڭ قۇتلۇق ھاجى شەۋقى تىكىسىتگە ئىشىلىگەن (ئانا تىل) ناخشىسنى ئىچىمدە غىڭشىدىم. ئۇستازغا يەنە قايىللىقىم ،مۇھەببىتىم ئاشىتى.ئاشۇنداق سەنئەتكارلىرمىزنىڭ ئەجىرىگە تەشەككۇر!.5-چىسىلا كەچتە بىزنى كۈتۋالغان مەدان شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى.مەدان شەھەرلىك جۇڭگۇلۇق مۇھاجىرلار لارغا تاماقتىن كىيىن كىچىككىنە ئويۇن قۇيۇپ بەردۇق،مەن قەشقەر خەلق ئۇسۇللۇق ناخشىللىردىن ئورۇنلاپ بەردىم،خەنزۇ مۇسۇلمانلار بىز بىلەن تۈزۈك ئوينىيالمىسمۇ ئۇسۇلغا چۇشتى.مۇسۇلمان خەنزۇلار باشقا يەردە مەن كۆرگەن باشقا خەنزۇلارغا قارغاندا ئەدەبلىك،خۇش پىئىل،مۇلايىم بىلىندى.

6-چىسلا ئەتگەندە بىزنى مەدەنگە تەكىلىپ ئەتكەن جۇڭگۇلۇقلار بىرلەشمىسى مەدان شەھەرلىك ھايۋاناتلار مۇزىيغا ئىلىپ باردى(سۈرەت).بۇ مۇزىينى بىر ئادەم شەخسى ئۆزى قۇرغان 4 قەۋەتلىك مۇزىى ئىكەن.بۇ يەردە پۈتۈن دۇنيادىكى يەر ئۇستىدە ھەم سۇدا ياشايدىغان ئۇچار قۇش،جان-جانۋار،ھايۋانلارنىڭ مودىلى-ئەۋرىشكىسى بار ئىكەن.كۆزلىرىمىز ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتتى. ھايۋانلارنىڭ ئەينى ئاۋازى قايسى ھايۋان،جانۋارنىڭ يىنىغا كەلگەندە بىكتىلگەن كونۇپكا ئارقىلق چىقىپ تۇراتتى. ئوزۇمنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا كىرىپ قالغاندەك ھىسسياتتا بولدۇم.


بۇ يەرنى كۆرۇپ خۇش بولدۇم ۋە بىر نەرسىلەرنى ئويلاپ كەتتىم.تارىم،تەكلىماكان،يارش يازىقى (جۇڭغار ئويمانلىقى)ئىرتىش،ئىلى بويلىرىدا تۇمەن خىل ئوسۇملۇك،جان-جانۋار ياشايدۇ،بەزىللىرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى ياكى كۇنسىرى قۇرۇپ كىتۋاتىدۇ.ھايۋاننى خۇرلاش ئەخلاقسىزلىق،جىنايەت ھىسابلىنۋاتسا بوز يەر،كان ئاچقۇچىلار،ماكان تۇتۋالغانلار خالغانچە ئۇلارنى ئوۋلىشى،يىۋىتىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىقى قىلاتتى.ئەگەر ھوكۇمەت ياكى كارخانلار تۇتۇش قىلىپ تارىم ھايۋانات مۇزىيدىن بىرنى قۇرۇپ چىقالقسا بۇنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ئۈستۈن،ئىقتىسادى،ئىجتىمايى ئۇنۇمى زور بولۇشى مۇمكىن.ھايۋاناتلار مۇزىيىنى زىيارەت قىلسا،كۆرسە ئادەمنىڭ قەلبى يۇمشاپ ،ئاچكوزلۇكى،تەكەببۇرلۇقى بىسىلدىغاندەك ھىس قىىلدىم.ئۈرۈمچىدە ئىسمى ھايۋانات باغچىسى بولغان بىلەن ھايۋانلارنى كۆرگىلى بولمايتى. باللارغا ھايۋانات،قۇشلارنى كۆرسىتەي دېسە شەھەر ئاتلىماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى. شەھەر باللىرنىڭ ھايۋاناتلار بىلەن تونۇشىشى كىنو،مىدىيا بىلەن بولاتتى.بەزى بالىلار بەزى تەتەيلەر يىتىلىۋالغان،قۇچىقىغا ئېلىۋالغان ئىتلارنى كۆرسە نىمگىدۇر قىزىقسىنىپ قاراب كىتشەتتى.مىنىڭ ئىككى بالام ھايۋانلار بىلەن ئۇچۇرشالماي ئۆتۇپ كىتىدىغاندەك،ئۇلارنى تونۇمايدۇغاندەك،يىقىنلىشالمايدىغاندەك تۈزلا چوڭ بولسا ئۇلاردا قىممەتلىك ئىنسانى تۇيغۇلار ،سىزىملار بولمايدىغاندەك ئەندىشىگە چۈشمەيمۇ قالمىدىم،باشقا مەن دېمەتلىك بەزى ئاتا-ئانلارمۇ بۇنى ئويلىمىدى ئەمەس.بەلكى بايلىقى ھەددى-ھىسابسىز زىمىننىڭ ئەزالىرىنىڭ ئەۋزەل شارايىت لارنى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش قولىدىن كەلمەيۋاتاتتى.ئويلايتى،پۇچىلىناتتى. دېققىتىنى ئاللا نىملەر تارتىپ كىتەتتى،باشقا نەرسىلەرگە بىرلىپ كىتشەتتى.ھايۋاناتلار مۇزىيى قۇرۇلسا ئۇ يەر قايناق بىر يەرگە ئايلىنىشىدا گەپ كەتمەيتتى،چۈنكى بىزنىڭ ھايۋانلار بىلەن بىللە ياشاش تارىخمىز، بىزنىڭ قەلبىمىز ھايۋانلارنى تارتىپ تۇراتتى.بەزىلەردىن بىزنىڭ ھايۋانلىرىمىز مىڭ ياخشى ئىدى.ئاڭلىسام،ئادەمنى ھايۋان دىيىش ئەمەس بەلكى ھايۋاننى مەسخىرە تەلەپپۇزدا ھايۋان دىيشمۇ ھايۋانلارنى كەمسىتىش ھىسابلىندىكەن.ئۇنداقتا ئادەمنى،ھايۋاننى خۇرلاش،ئوچۇقتىن ئوچۇق كەمسىتىشنى نېمە دەيمىز؟
چۈشتىن كىيىن مەداندىكى ئەڭ چوڭ.ھەيۋەتلىك،قۇرۇلۇشى كۆزىنى قاماشتۇردىغان سۇلتان ساريىغا باردۇق
مەسچىت گۇزەل،پاكىز،ئازادە ئىدى.مەسچىت ئىچدە سىرىق ئالتۇن رەڭ ،يىشىل رەڭ كۆ پ ئىدى،ئىگىز ئورۇندۇقنى كۆرۇپ مۇشۇ ئورۇندۇقتا كىملەر ئولتۇرغان بولغىيتى،نىمە ئىشلارنى قىلغان؟ تارىخىدىن بىخەۋەر ئىدىم.شاھانە ئورۇندۇققا قاراب بىرەر يۇز بۇرۇنقى پادىشاھلىرمىزمۇ ئاشۇنداق ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ سىياسەت-ھۆكۇمەتىنى يۇرگۇزگەن بولغىيتىى دەپ قالدىم،راسىت،تار ىختا پادىشاھلىرمىز ئالتۇن كۇرسىدا ئولتۇرۇپتىكەن.ئەمما،ھازىر ئۇنڭدىن ئەسەر قالمىغانتى.شۇنداق،تارىخ دېگەن توپتەك دۇملايدۇ.بەزىدە ئۇنىڭ بىشىغا تاج-دۆلەت قونسا بەزىدە بۇنىڭ بىشىغا.
مەسچىىت ئىچىدە ئىلھامىم كىلىپ قاپتىكەن، شۇ يەرلىك مۇسۇلمان سەنئەتكارلارنى بىلەن دۇنياغا داڭلىق مۇسۇلمان سەنئەتكار سەمى يۇسۇفنىڭ (ئاللاھۇ ئاللاھ) دېگەن ناخشىسىنى بىرلىكتە ئورۇنلاشقا تەكلىپ ئىتۋىدىم ئۇلار خۇش بولۇشۇپ ماقۇل بولۇشتى. ئۇلارمۇ،كۆرگۇچى،ئاڭلىغۇچىلارمۇ مەمنۇن بولۇشۇپ چاۋاك چىلىشتى،بەزىللىرى قۇلۇمنى سىقتى.يەرلىك ئاشۇ سەنئەتكارلار چالغان مۇزىكىغا ماسلىشىپ ناخشىنى ئورۇنلاپ بەردىم.
مەسچىتكە ساياھەتكە كەلگەن يەرلىك خەنزۇ مۇسۇلمانلارمۇ خىلى كۆپ ئىدى. نىمە ئۇچۇنكى باشقا يەردە تۇرغاندا يوقۇتۇپ قويدىغان بىخەتەرلىك تۇيغۇم بۇ يەردە يوقۇلۇپ كەتمىگەندەك بىخەتەر،ئازادە ھىس قىلدىم.ئۇلارمۇ مەن ئىيتىقان ناخشىنى،ئۇلار چالغان مۇزىكىنى جىمجىت ئاڭلاپ چىقىشتى.

كەچتە بىزنى تەكلىپ قىلغان مەدان شەھەرلىك جۇڭگۇلۇقلار ئۇيۇشمىسى ئاسىيا مەدەنيەت مەركىزدە ئويۇن قۇيۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئويۇن قويماقچى بولغان ئورۇن دەل خەنزۇ تىلى،مەدەنيەتى ئوگۇتىلدىغان مەكتەب زالى ئىدى.ئويۇن شىنجاڭدا،جۇڭگۇدا قۇيۇلدىغان ئويۇن تەرتىپىگە ئوخشىمايدغان شەكلىدە باشلاندى،ئالدى بىلەن شۇ يەرلىك سەنئەتكارلار نۇمۇر ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن بىزگە نۆۋەت كەلدى.

يۇرتمىزدا بولسا تەكلىپ قىلىنغان سەنئەتكارلار،گۇرۇپلار ئويۇننى قۇيۇۋىرەتتى.بۇلاردىكى بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەن ئۆزنىڭ سەنئىتىگە بولغان ھۆرمەت،سۆيۇش،ئۇستۈن كۆرۈش،قەدىرلەش ۋەجىدىن دەپ چۇشەندىم.ئويۇننى پەمىمچە بىرەر مىڭ ئادەم كۆردى.قىزىق يىرى،بىز چەتئەلگە مىڭىشتىن بۇرۇن تەشۋىقات بۆلۈمى،مەدەنيەت نازارتى،مۇقام ئانسامبىلى رەھبەرلىكى تەكلىپى بىلەن نۇمۇرلىرمىز ئارسىغا قىستۇرۇش ئۈچۈن خەنزۇچە نۇمۇرلارنىمۇ تەييارلىغان ئىدۇق .ئەجىبا،ھىندۇنىزىيە ھوكۈمىتى،مەدەن شەھەرلىك پارلامىت بىز تەييارلىغان خەنزۇچە نۇمۇرلارنى ئورۇنلاشنى سىلىق رەت قىلىپ ئوزۇڭلارنىڭ يەرلىك ئەسەرلىرنى ئورۇنلايسلەر،مۇھەببەت كۈيلەنسۇن،سىياسى تىمىدىكى ئەسەر ئورۇنلاشقا بولمايدۇ دەپ چىڭ تۇرۇپ ساپ ئۇيغۇرچە نۇمۇر ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلغاچقا تەييارلىغان خەنزۇچە نۇمۇرلانى ئاستا چىقىرۋىتىپ مۇقاملاردىن چەبىبايات مۇقەددىمىسى،نۇسخسى،داستان،مەشرەب قىسمنى يەنە سىرىك ئورۇنلاندى،يالغۇز كىشلىك ناخشىلاردىن مەۋلەنكام ھەممەيلەننى رۇھلاندۇرۋتىدىغان ناخشا ئوقۇپ كىشلەرنى ئۇسۇلغا سىلۋەتتى. پەخرلىك ناخشىچىمىز ئىززەت ئىلياس نەگە،قايسى دۆلەتكە بارايلى شۇ يەردىكى مىللەتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۇش ئۈچۈن شۇ يەرنىڭ ناخشىسنى ئايرۇپىلاندا،ياتاقتا تىزلا ئۆگۈنۈپ شۇ مىللەتلەرنىڭ ئۇسلۇبىدا ئوقۇپ ئالقىشقا ئىرشەتتى.مەداندىمۇ ئىززەت ھەدەم ھىندۇنىزىيەنىڭ يەرلىك ناخشىسنى ئىيتىپ بىرۋىدى خۇددى ئاشۇ بانگالوردا ئالقىشقا ئىرشكەندەك زالنى ئۇزۇنغىچە چاۋاك قاپلىدى. ،مەن چارگاھ مۇقامنىڭ مەشرىپىنى ئورۇنلىدۇم،ئادىلە ئارتۇش ئۇسۇل ئورۇنلىدى.ئاخىردا چالغۇلىرمىز تونۇشتۇرۇلدى
ئويۇندىن كىيىن سۇرەتلەرگە چۇشتۇق.بىزنىڭ باغرى زىدە قېرنداشلىرىمىز نىمنى ياخشى كۆرسە ئاشۇ ئويۇننى كۆرگۇچىلەرمۇ ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدىكەن.ئاڭلىساق،ھىندۇنىزىيە چىگرىسغا خەنزۇ يىزىقىدا كىرگەن ھەر قانداق مەھسۇلاتلاردىن ئىغىر تامۇژنا بىجى ئالدىكەن ياكى مال،نەرسە كىرگزمەيدىكەن.بىراق،پورتلاردا،ۋۇگزالاردا،سودا رايۇنلاردا گىدەيگەن،قاتۇرۇپ كىينىۋالغان خەنزۇ خۇجايىنلار يەرلىك مىللەت ياشىلىرنى ئىما ئىشارەتلەر بىلەن ئۆزنىڭ ئىشىغا -چامادانلىرىنى،يىشىكىلىرىنى كۆتۇرۇشتەك مۇلازىملىققا سىلۋاتقان كۆرۇنۇشلەر قەدەمدە بىر ئۇچۇراپ تۇراتتى.يەرلىك ياشلار كۆزۇمگە بىچارە كۆرۇنۇپ كەتتى.


مەدان شەھىرىدە بىر كىشى بىلەن تونۇشتۇم،بۇ كىشى مەدان شەھەرلىك جۇڭگۇ-ھىندۇنىزيە دوسىتلۇق جەميىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،مەدەن شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى بولغان
بۇ كىشى خۇش پىئىل،مۇلايىم بىلىندى.تۇرۇپ يۇرتمىزدا ياشاۋاتقان خەنزۇلار بىلەن بۇ كىشىنى سىلىشتۇرۇپ قالدىم.بۇ كىشنىڭ مەدەنيەت سەۋيەسى يۇقىردەك،ئادەمنى،مەدەنيەتنى چۇشۇندىغاندەك،ھۆرمەت قىلدىغاندەك تۇيۇلدى. بىر تەرپى ئۇ ئاشۇ يەردە تۇغۇلۇپ شۇ يەرنىڭ تۇزنى يەپ،سۇينى ئىچىكەن ئىدى. بۇ قەلبىكە تەسىر قىلماي قالمايتى.
بىز ئويۇن قويغان ئاسىيا دوسىتلۇق مەركىزدە ئويۇننى كۆرگەن خەنزۇلار بىزدىن پەخىرلەندى،چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ يۈزىنى،ئابرۇينى كۆتۈرگەن ئىدۇق.يەنى جۇڭگۇدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بىزگە تۇتقان ئەۋزەل سىياسىتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ئىدۇق. مەداندىكى خەنزۇ پۇقرالار مەدانلىكلەرگە:كۆردىڭلارمۇ،دۆلىتىمىزنىڭ مۇسۇلمانلارغا تۇتقان ياخشى سىياسىتىنىڭ بەركىتىدىن ئۇلار ياخشى ياشاۋاتىدۇ،بىزگە ئۇنداق قاتتىق قۇل،بىر تەرەبلىمە پوزتىسيە بولما،كۆز قارشىڭنى توغۇرلا دېيەلەيتتى.مەدان يەرلىك خەلىقلىرى خەنزۇ مۇھاجىرلارغا بىر تەرەبلىمە قارايدىكەنتۇق..بىز قويغان ئويۇن سەۋەبلىك مەدانلىقلار مۇھاجىر خەنزۇلارغا مۇئامىلىسىنى توغرىلىسا ئەجەب ئەمەس.مەدەن شەھىردە ئىمكان بار 3.4 ئەۋلات خەنزۇ مۇھاجىرلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ پاراڭلىشىشنى ئىستەيتىم..دېگەندەك مۇسۇلمان بولغان قىزلار بىلەن مۇڭ دۇشۇپ ئۇلارغا ۋەتنىمىزنى،تەكلىماكاننى،بۇغدا كولىنى،تۇرپان،قەشقەرنى تونۇشتۇردۇم،ئۇلار ساياھەتكە كىلىشكە قىزىقتى.كەلسىلا كۇتۋالدىغىنىمنى،ئوينىتىدىغىنىمنى دېدىم.مەن ساياھەتكە كەلسەم ئىزدەيدىغانلىقىمنى بىلدۇرۇپ ئالاقە نۇمۇرلىمىزنى قالدۇرۇشتۇق. ،ئۇلار خۇش بولۇشتى،ئىمكاننىيەت يار بەرسە ئۇرۇمچى-مەدان ساياھەت لىنىيسى ئىچىشنى دېىيشىپ گۇزەل تىلەكلەرنى تىلەپ خەيىرلەشتۇق.تەلىيمىزگە ساياھەت لىنىيسى ئىچىلىپ باردى-كەلدىمىز قۇيۇقلاشسا ئەجەب ئەمەس.

جاكارتادىكى بىر ئۇيغۇر
جاكارتا بىلەن قىسقىچە بىر تونۇشىۋەتسەك،جاكارتا- ھىندۇنىزيەنىڭ پايتەخىتى.جاكارتا ياۋا ئارلىغا جايلاشقان بولۇپ شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرھەم پورت..دۇنياغا داڭلىق پوگار ئوسۇملۇك باغچىسى ھەم چايزارلىق مۇشۇ شەھەردە.جاكارتادا گوللاندىيەنىڭ بىرلىككە كەلتۇرۇش دەۋىردىن تارتىپ كاڭپىڭ قەبلىسى بىنا قىلغان قۇرۇلۇشلار بار،قەدىمكى نامى بەدەۋى(ياۋايى) دەپمۇ ئاتالغان.جاكارتادا ئاساسلىقى ئىسلام دىنى،كاتۇلىك دىنى تەڭ مەۋجۇت.نۇپۇسى 10 مىليۇنغا يىقىنلىشىدۇ. مىللەتلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ئاساسلىقى ياۋالىقلار،جۇڭگۇلۇقلار،جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى،گوللاند لار بار.قۇللىندىغان تىلى ھىندۇنىزىيە تىلى، ياۋالىقلار تىلى،بەدەۋىلەر تىلى.جاكارتانىڭ ئىقتىسادى پۇل مۇئامىلىنى ئاساس قىلدىغان بولۇپ پۇتۇن مەملىكەت ئىشلەپچىقرىش كىرمنىڭ 30 پىرسەنىتىگە يىقىنلىشىدۇ.ساياھەتمۇ جاكارتانىڭ يەنە بىر كوزىر بايلىقى ئىكەن.،قاتنىشى ئىتايىن قۇلاي ،مۇھىتى يىشىللىق ئىچىدە ئادەمگە ئارام بىغىشلايىكەن.بىز 8.چىسىلا پايتەخىت جاكارتادىكى ئىسمايىل مارزۇكى نامغا ئاتالغان تىياتىرخاندا ئويۇن قۇيۇش ئۇچۇن تىياتىرخاننىڭ ئالدىغا كىلىشىمىزگە ئالدىمدا بىر بالا ئاسماندىن چۇشكەندەكلا پەيدا بولدى ،كۆزۇمگە ئۇ شۇنچىلىك ئىسىق ھەم يىقىن كۆرۇندى.بىز قۇچاقلىشىپ كۆرۇشتۇق.3-4 ئۆمەك ئەزالىرى بىزگە ئانچىكى بىر قارغاندەك قاراپ قويۇشۇپ،ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشمايلا ئۆزنىڭ ئۇششاق گەپلىرنى قىلىشىپ تىياتىر خانغا كىرىپ كىيىتشىتى.مىنىڭچە بولغاندا ئۇلارمۇ يىراق ئەلدە بىر قېرىندىشنى كۆرگەندىكىن خۇدانىڭ سالمىنى قىلىشىپ ماڭسىمۇ بولاتتى.چەتئەلدە كۆرگەنلا،ئۇچۇرغانلا ئۇيغۇر تىرۇرچى،بۆلگۈنچى،ئەسەبىي بولۇپ كىتىشى ناتايىن ،ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.يۈرىكى ۋەتەنسىراب،ئۇيغۇرسىراپ كەتكەن ئىنىمىز ئاشۇ تاپتا نىملەرنى ئويلىغان بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ،ئەمما،كۆڭلى بىر ئاز بىئارام بولغاندەك ئاۋازى پەسىيىپ كەتكەن ئىدى.بەلكىم،بىزنىڭ بالىلار ئۇ بالنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى دەمال بىلەلمىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ئىنمىزنىڭ ئىسمى ئابدۇسالام بولۇپ تۇغۇلغان يېرى نىلقا ئىكەن. ئۇ بەش يىلدىن بىرى ئۇيغۇر كۆرمەي بىر ئۆزى تەنھا جاكارتادا تىرىكچىلىك قىلىپ كەپتۇ.ئۇ تىتىك،جانلىق ،چاقماقتەك گەپ قىلدىغان يىگىت ئىكەن..خۇددى نەچچە يىللىق جۇدالىق،ئايرىلىش سەۋەبلىىك ئىچىگە ئاران –ئاران سىغدۇرۇپ كىلۋاتقان ھەسرەت-نادامەتنى،سىغىنىشنى بىراقلا تۆكۇۋەتكۇسى باردەك سورغان سۇئاللىرىمغا تىز-تىز ئىنكاس قايتۇرراتتى.ئابدۇسالامجان بىلەن بىز تىياتىرخاننىڭ ئالدىدىكى ئسمايىل مارزۇكىنىڭ باش ھەيكىلى ئالدىدا ئەھۋاللاشتۇق،ئابدۇسالامجان ھەيكەلنىڭ ئاستىغا ئويۇلغان خەتنى قىسىچقچىلا تەرجىمە قىلىپ بەردى،تاشقا ئسمايىل مارزۇكىنىڭ تەرجىمھالى ئويۇلغان ئىكەن. :ئسمايىل مارزۇكى(1914.مايدىن1958.مايغىچە ) ياشىغان ئىكەن،ئۇ ھىندۇنىزيەنىڭ ئۇلۇغ مالاي سەنئەتكارى بولۇپ قىسقىغىنا ھاياتىدا يەنى 1931.يىلدىن 1958 .يلغىچە 202 دەك تىكسىت(كۈي نەزمىسى)240دەك مۇزىكا ئىجات ئەتكەن ئىكەن.لىكىن ،ئۇ ھىچقانداق بىر مۇزىكا مەكتىپدە ئوقۇمىغان،بۇگۇنگىچە ھىندۇنىزيە سەھنىلىرىدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئورۇنلىندىكەن.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مۇھەببەت،ئەركىنلىك،ۋەتەنپەرۋەرلىك،ئۇمۇد،غايىنى باش تىما قىلغان ئىكەن. 1968.يىلى ئۇنىڭ نامىغا يەنى ئىسمايىل مارزۇكى باغچىسى بەرپا قىلىنغان.بۇ باغچا بىر مەدەنيەت مەركىزى سۈپتىدە جاكارتا شەھەرنىڭ شان-شەرپى ئىكەن.2004-يىلى دۆلەت ئىسمايىل مارزۇكىنى مىللى قەھىرماننىڭ بىرسى دەپ ئىلان قلغان. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ھىندۇنىزىيە سەنئىتىگە قۇشقان توھپىسى ھەم تەسىرى مۇيەنلەشتۇرۇلگەن.
ئابدۇسالام بىلەن دېيشكەن سوھبىتمىزنىىڭ قىسقىچە مەزمۇنى نەزىرىڭلارغا سۇنمىز.
سوئال:قانداق شامال سىزنى بۇ يەرگە ئۇچۇرۇپ كەلدى؟
جاۋاب-ئارزۇ،قىزىقىش،تەۋەككۇلچىلىق دىسەم بولا،((تەۋەككۈلچىنىڭ بىر ناخشىسى ئارتۇق)) دەپتىكەن ئەجداتلار،مۇشۇ ھىكمەتكە ئەمەل قىلغاندەك تۇرمەن.
سوئال: جاكارتاغا كىلىشتىن بۇرۇن نىمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان؟
جاۋاب: ئۇششاق-چۈششەك تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاچ،چەتكە چىقىشنىڭ پۇرسىتىنى ئىزدىگەن
سوئال:جاھاندارچىلىقنىڭ ئىپىنى بىلىپ قالدىڭىزمۇ؟
سوئال:باشتا كەلگەندە ئۆزۇم تىغدەك يالغۇز ئىدىم،تەمتىرىگەن،يالغۇزسىرغان،بارا-بارا نىمە ئىش قىلىشنى،قانداق قىلىشنى (كاجنى بازار ئوڭشايدۇ ) دېگەندەك بىلىپ،ئۆگۇنۇپ كەتتىم
سوئال:ئۈرۈمچىدىكى ۋاقىتتا قايسى ئۇششاق تىجارەتنى قىلغانتىڭىز؟
جاۋاب: بۇلاقبېىشى،دوڭكۆۋرۇك ئەتراپلىرىدا قولدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ كىيىم-كېچەك ساتاتتىم،ئەتىر سېتىپ باققان، كوچىلاردا ھارۋا سۆرەپ باققان، كىينرەك ئاقسۇ،كۇچاغا دوسىتلار بىلەن كىيىم-كېچەك سالغان.ئاخشاملىرى چەت تىل ئۆگەنگەنتىم.
سوئال:ھازىر جاكارتادا قانداقراق كۈن كەچۈرۋاتسىز؟ ئۆتۇۋاتقان كۈنلىرىڭىزدىن رازىمۇ سىز؟
جاۋاب:جاكارتادىكى كۈنلىرىم ھەر ھالدا ياخشى،خۇداغا شۇكرى!جاكارتادا ياشغىنىمغا رازى،چۇنكى ئۇ يەر ئەركىن،ھەم مۇسۇلمانلار بىر بىرگە كۆيۇنىدۇ،مىھىربانلىق كۆر سىتىدۇ.ئۆزۇمنى خېلى بىخەتەر ھىس قىلمەن.
سوئال:ھازىر قايسى تىللادا بىمالال ئالاقە قىلالايسىز؟
جاۋاب:ئەرەبچە،مالايچە بىلمەن،ئىنگىلىز تىلىنى بىلمەيمەن دېسەممۇ بولىدۇ.
سوئال: جاكارتادا سىزگە تەسىر قىلغان ئىشتىن بىرەرسى بولۇشى مۇمكىن،شۇنى ئەسلەپ بەرسىڭىز؟
جاۋاب: تۇنجى ھەيران قالغان ئىش،بىر قىتىم جاكارتا ئەتراپىدىكى بىر يېزىغا چىققانتىم،ئۇ يەردىكى ھەممە دېھقان ۋەتىنىنىڭ دۆلەت شىئېرىنى تولۇق بىلىدىكەن.ھەر بىر جاكارتالىق ۋەتىنىنى ناھايتى قىزغىن سۈيىدىكەن.
جاكارتادا مېنى كۆپ مالايلار جۇڭگۇلۇق دېسەم ئىشەنمىدى،ئۇيغۇر دېسەم بىلمىدى،مۇسۇلمان ئۇيغۇر دېسەم مۇسۇلمان دېگەچكە خەرىتىگە قاراپ سىېنىڭ ۋەتىنىڭ قەيەردە،كۆرسىتىپ قوي دېگەنلەر چىقتى.شۇنداق دېگەنلەرگە كۆرسىتىپ قويدۇم.بەزىلەر مېىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىم جۇڭگۇلۇق بولغاچ جۇڭگۇدا مۇسۇلمان يوق دەپ ئويلامدۇ،مۇسۇلمانلىقىمغا ئىشەنمەيدىغانلارمۇ ئۇچۇرغان،ئەجەبلەنگەن.
سوئال؛ ۋەتەننى خىيال قىلسىڭىز نىملەر كۆز ئالدىڭىزغا كىلىدۇ؟
جاۋاپ: ۋەتەننىڭ مىزىلىك، تەملىك،قۇۋەتلىك،ئىغزىمىز كۆنگەن تاماقلىرى،مەن ئىلىلىق بولغاچ ئەتكەن چايلرى كىلىۋالدۇ،بۇغۇ مەيلى،ھەممىدىن يامنى كوچىلاردا،پورتلاردا،ئىستانسىلاردا ئۇياق-بۇياقلارغا قاراپ كۆزۇمنى ئىتتىك قىلمەن،بىرەر ئۇيغۇر ئۇچۇراپ قالسا بىر مۇڭدىشۋالسام دەپ كىتمەن...بەزىدە ئىچىم سىقىلىپ كىتىدۇ،جاكارتانى كىزىپ،سۇرۇشتۇرۇپ باقتىم بىرمۇ ئۇيغۇر ئۇچۇرمىدى، ئۇيغۇر كۆرۇپ باقمىغىنىمغا مانا 5 يىل بوپتۇ.
سوئال: ئۆزىڭىزىگە تەڭتۇش ياشلارغا دەيدىغان سۆزلىرىڭىز بولسا سالامىىڭزىنى ئالغاچ كېتەي؟
جاۋاب:ماڭا ئوخشاش چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغانلارغا بىر نەچچە مەسلىھەتىم شۇكى،چەتئەلگە چىقماقچى بولغان ئادەم شۇ يەر،شۇ دۆلەتتنىڭ تىلىنى باشتا ئازراق بولسىمۇ ئۆگۇنۇپ چىقسا ياكى ئىنگىلىز تىلى سەۋيەسى بىر قەدەر ياخشى بولسا،ئەگەر ئىنگىلىز تىلنىمۇ بىلمىسە نەگىلا بارمىسۇن قىيلىنىپ قالدىكەن ،مەندەك ۋاقىت جەھەتتىنمۇ زىيان تارتىپ قىيلىنىپ كىتىدىكەن.چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى،ياشماقچى بولغان ئادەم ئامال بار ئۇيغۇرلار بار دۆلەتنى تاللىشى لازىم ئىكەن.بولمىسا ھەر جەھەتتىن ئازاب تارتىشقا توغرا كىلدىكەن،ئۇيغۇرلار بار دۆلەتكە چىققاندا خىزمەت،ئۆقۇشتا پەقەت يوق دۆلەتكە قارغاندا ئاسانراق بولۇشى مۇمكىن.زىركىشنى ،ئىچ پۇشقىنىمۇ بىردەم ئانا تىلىدا پاراڭلىشىۋىلىپ باسقىلى بولىدىكەن. باشقا دۆلەتلەر قانچە ياخشى بولسمۇ ۋەتەنسىراشقا ،مىللەت سىغنىشىغا دۇچ كىلدىكەن. بىز ئۇيغۇرلارنى مەتبۇئاتلار،ئاتالمىش تارىخچى ،تەتقىقاتچىلارلا ئاز سانلىق دەپ كەلدى. ئەمىلىيەتتە بىز ۋەتىنى، دىنى،مىللى تەجربە ھىسياتى،غۇرۇرى،بىر يۇرۇش قىممەتلىك فولىكلورى بار چوڭ بىر مىللەت. چەتئەلگە چىققانلار بىزنىڭ چوڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزلىكىدىن تونۇيدۇ،بىلىپ يىتىدۇ..چەتئەلگە چىقىشتا،تىل بىلىممۇ مۇھىم،ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى غۇرۇر ۋە كۆڭۇل.قالغان نەرسىلەرنى كاللانى قويسا ئۆگەنگىلى،بىلىپ يەتكىلى بولدىكەن،بىز قەيەردە بولايلى،قايەردە ياشايلى ۋەتەن،مىللەت سىغنىشىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.بۇ بىر ئاجايىپ،تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان سىزىم ئىكەن.نىملا بولمىسۇن جاھان كۆرگەنگە،مۇساپىر بولۇپ باققانغا يەتمەيدىكەن. دەيدىغىنىم ،ئەتە ئۆلدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇمىد بىلەن ياشغىلۇق.
ئابدۇسالامجان بىلەن ئىچكىپ پاراڭلىششىقا ۋاقىت چەكلىمىسى سەۋەبلىك تۇزۇك ۋاقىت ئاجىرتالمىدۇق. ئەلۋەتتە،5 يىل بىر دۆلەتتە ياشماقنىڭ تەسلىكىنى يۇرت،ۋەتەندىن ئاجراپ باققان ئادەم بىلىدۇ. ئۇنىڭ ھىندۇنىزيەنىڭ مائارىپى،داۋالىنىش ئەھىۋالى،دىمۇكىراتىك دۆلەت سايلىمى، ئۇ دۆلەتتە ئىناق-ئىتىپاق ياشاۋاتقان510 دەك مىللەتنىڭ ئۆزى ئۇچۇراشقانلىرىدىن ئالغان تەسىراتىنى،باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى،ساياھات بايلىقى،دىنى پەرھىز،ئۆرپ –ئادىتى،ھەج ئەھۋاللىرنى ئۇ ئۆزى ئايرىم بىر ماقالە قىلماقچى بولدى،ئىنشائاللاھ،ئۇنىڭ دېگەنلىرى كەلسۇن.
ئابدۇسالامجاننىڭ ئايالى نىلقىدا تۇرۋىتىپتۇ،بالسىمۇ بار ئىكەن،ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى تىزراق ئىشلىتىپ جەم بولغۇسى بار ئىكەن،پەرزەنىتنى مۇشۇ يەردە ئوقۇتقۇسى،تەربىلەش ئارزۇسىمۇ بار ئىكەن. ئالى مەكتەب تەربىيسى كۆرمىگەن بولسىمۇ ،غۇرۇى بىلەن يات ئەلدە تەنھا ياشاۋاتقان ئەقىدىلىك،تىرشچان ئابدۇسالامجان بىزنىڭ جاكارتادا ئويۇن قويدىغانلىقىزنى ئىنتر نىت ھەم مېدىيا ۋاستىلەردىن خەۋەر تىپتىپ ئۇيغۇر كۆرەي،مۇڭىدىشاي،ناخشىسنى ،ئاۋازنى ئاڭلاي دەپ بىز تىياتىرخانغا كىلىشتىن بۇرۇنلا تىياتىرخانا ئالدىغا كىلىپ بولغان ئىكەن.
يات ئەللەردە زامان قىسمەتلىرى ،ئارۇ-ئىستەكلەر سەۋەبىدىن تىغدەك ياشاۋاتقان قىرىنداشلىرمىز خىلى كۆپ بولۇشى مۇمكىن.ئابدۇسالامجاندىن سۆيۈنگىنىم ئۇ گەرچە ئالى مەكتەب تەربىيسى كۆرمىگەن بولسىمۇ ،جاپانى تازا تارتقان بولسىمۇ ئۇمۇدسىزلەنمەي ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بەل قويۋەتمەي ئىزدەنگەن روھى قەدىرلەشكە ئەرزىيتى. ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىزگە «سەۋىرنىڭ تىگى ئالتۇن»دېگەن ئاتىلار ھىكىمىتىنى ئەسلىتىدۇ.
جاكارتادا قويغان ئويۇنمىزنىڭ مەزمۇنى،شەكلى مەداندا قويغان ئويۇن بىلەن ئوخشاش،شەھەرنىڭ گۇزەلكىنى ماختىغۇممۇ كەلمىدى،تەرىپىنىمۇ قىلغۇم يوق،بىز نەگلا بارساق ئالقىش،چاۋاك ئالاتتۇق،بىزنىڭ نۇمۇرلىرمىز ئۇلارغا يېىڭى،مۇقاملىرمىزنىڭ سىھرى كۇچى،جەلىپكارلىقى ئۇستۇن،مۆلچەر لىگۈسىز ئىدى.جاكارتادا ماڭا نىسپەتەن قېرىنداشلىردىن ئايرىلىپ زاھىدلاردەك ياشاپ كىلۋاتقان ئابدۇسالامجاندىن ئۆتە يىېڭلىق بولمىدى.ئۇنىڭ پىلانىلىرنىڭ،خىياللىرنىڭ ئەمەلگە ئىشىشنى،ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسيا،تۈركىيەدىن كەلگەن ساياھەتچى،سودىگەرلەرگە يول باشلاش،بارىدىغان،تۇردىغان يەرلەرنى كۆرسىتىشتىن تىخمۇ ھالقىپ تىجارىتىنىڭ،ئىلىم ئىشلىرنىڭ زىيادە بولۇشنى بىر خۇدادىن تىلىدىم.
جاكارتادىكى كۆرگەن بىلگەنلىرمنى مۇشۇنچىلىكلا يازاي،كىيىنكى قىسمدا مالايسىيادا،بىرۇنى پادىشاھىلىقىدىكى ئويۇن جەريانىدا كۆرگەن،بىلگەن،ھىس قىلغانلىرىمدىن بىر نەچچە شىڭگىل ھوزۇرڭلاردا بولىدۇ.

ھىندونوزىيە مەدان شەھىرىدىكى خەنزۇ مۇھاجىرلار قۇرغان ئىنىستىتوت

جاكارتادىكى بالىلار بىلەن بىرگە

جاكارتا سەنئەتكارلىرى


ئەسكەرتىش:تېما تەكرارلاپ، شاخ-شاخلارغا ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پىكىر قالايمىقانلىقى بۇلۇشنى توسۇش ئۈچۈن، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن بۇ تېمام ئەلكۈيىدىن باشقا تور بېكەتلەرگە يۆتكەلسە بولمايدۇ.