- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2012-6-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-19
- UID
- 41621
- يازما
- 6
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2012-6-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-19
- توردا
- 21 سائەت
|
قورساقتىكى بالامغا
خاتىمە مەتنىياز شئېرى
مەيلى مۇشتلا ۋە مەيلى تەپكىن ،
بەختلىكمەن ،بولساممۇ بوزەك.
كۆز ياشلىرىم بولسىمۇ قىيان،
سەن بىلەن شات مەندىكى يۈرەك.
يۈرىكىڭگە يۈرىكىم تەڭكەش،
تۇمۇرۇڭغا تۇمۇرۇم تۇتاش.
ھەر دەقىقەم سەن بىلەن ئاۋات،
چېھرىم گويا تاڭدىكى قوياش.
شۇ تېنىمسىز شوخلۇقلىرىڭدا،
پەرۋاز قىلار ئارزۇ-ئۈمىدىم.
مېھرىم ساڭا بىپايان دىڭىز،
پىلتىڭلىغىن ئالتۇن بىلىقىم.
تەكرار- تەكرار سىلايمەن ئەمما،
سىلاش بىلەن بېسىلماس ئىشقىم.
سەن تېنىمدە ئوخلايسەن قوزام،
سۆيەلمەيمەن لېكىن بىر قىتىم.
ئاز قالدىغۇ ،اللە خالىسا،
قوچىقىمدا كۈلىسەن گۈلدەك.
قانداق بولۇپ كېتەرمەنكىن تاڭ،
تۇنجى قېتىم دىدار كۆرۈشسەك.
بۇ شئېرىم بۇرۇن‹‹تارىم››ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. |
|