- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2012-6-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-19
- UID
- 41621
- يازما
- 6
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2012-6-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-19
- توردا
- 21 سائەت
|
‹‹بېشى چوڭ بالا››
مەن بۇيىل 6 ياشقا كىردىم. دادام-ئاپاملار مىنى‹‹باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدۇ››دىيىشىدۇ. مەنمۇ نەرىم ئوخشىمايدىغانلىقىمنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. ئەمما باشقا بالىلاردەك ئەتىدىن-كەچكىچە توپا-چاڭغا مىلىنىپ ئويناشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كەپسىزلەردىنمۇ ئەمەس ئىدىم. ئۆزۈمچە ئازىراق بولسىمۇ ‹‹ئىش›› قىلىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىلىتىشنى ئويلايتتىم ،ئەپسۇسكى، تارتقان جاپايىمغا لايىق ھىچكىم مەندىن خوش بولمايتتى، ھەمىشە دەشنام يەيتتىم .
بۈگۈنمۇ بالىلارنىڭ چاقىرىشىغا قۇلاق سالماي ئولتۇرۇپ نىمە قىلىش توغىرسىدا ئويلىنۋاتاتتىم، ھەراست! خوشنىلارنىڭ ھەممىسىلا قويلىرىنى مەھەللە سىرتىغا ئەپچىقىپ ئوتلىتىپ ئەكەلدۇق دىگەن ئىدى. بىزنىڭ قويلار يىل بويى ئېغىلدىن چىقمايدۇ، ھايۋان بولسىمۇ زېرىكىدىغاندۇ، دادام دۇكان ئاچىمەن دەپ ئالدىراش، ئاپام ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، تاماق ئىتىپ ھەم ئۇكامغا قاراپ بەكلا چارچايدۇ. مەن قويلارنى يايلىتىپ كىرسەم ئاپاممۇ ئېىتىزدىن ئوت ئەكىرىمەن دەپ جاپا تارتمايدۇ، ‹‹كۈندە بالا بىقىپ، كالا بىقىپ، جىنىم تۆمۈرمۇ مىنىڭ؟›› دەپ دادامنىڭ بىشىنى ئاغرىتمايدۇ. قايسى كۈنى قوشنا بوۋاينىڭ: ‹‹قويلارمۇ ئاپتاپ كۆرسە ياخشى›› دىگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بىزنىڭ قويلارمۇ ئاپتاپ كۆرسۇن.
مەن ئاپامنىڭ قوشۇلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئاپامغىمۇ دىمەيلا ئېغىلنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەتتىم. نەدىن بىلەي، ئوزۇندىن بېرى ئېغىلدىن چىقىپ باقمىغان قويلارسەكرەپ-تاقلاپ تىلۋىزوردىكى كىنگۇرۇلاردەك بىردەمدە كۆزدىن غايىپ بولدى. توپا-چاڭ ئىچىدە خىلى يۈگرۈپمۇ ،قورساقلىرىم ئېچىپ –تارتىشىپ كەتكۇچە ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلالمىدىم. خەقنىڭ قويلىرى كەينىدىن ئىتەرمىسە ماڭمايدىكەن ،بىزنىڭ قويلار ياۋا توشقاندەك ھەممىلا نىمىدىن ھۈركۈپ پىتراپ كەتكەن.
بىر چاغدا، دادام كەلدى. ئۇ ئەسلىدە ئىغىلنىڭ ئىشىكى سولانماي قالغان بولسا ،قويلار قىچىپ كىتىپتۇ، دەپ ئويلاپ ئىزدەپ چىققان ئىكەن. مەن ھەممە ئىشنى ئىيتتىم. دادام ماڭا ۋاقىرىدى؛-ئوبدان ئىش قىپسەن، بېشى چوڭ!جېنىڭغا چۇشلۇق ئىش قىلساڭ بولمامدۇ؟
قويلىرىمىز باشقىلارنىڭ زىرائەتلىرىنى يەپ ھەم دەسسەپ زىيان سالغاچقا، دادام پۇل تۆلەپ ئاندىن قويلىرىمىزنى قايتوروپ كەلدى.
ئىشىكتىن كىرسەملا ئوچاقتىكى چەينەك ۋاراقلاپ قايناپ كىتىپتۇ. تېز ئېلۋەتمىسەم چەينەك تىشىلىپ كەتمىگىدى، دىگەن خىيال بىلەن ئىنجقلاپ يۈرۈپ ،چەينەك توتقۇچىغا پوسمامنى قويۇپ، مىڭ تەستە يەرگە ئالدىم. ئۈستەل ئۈستىدىكى چايدانلارغا قولۇم يەتمىگەن ئىدى، كىچىك ئورۇندۇقنى دەسسەپ يەرگە ئىلىپ ئەمدى، بىرچايدانغا قاچىلاپ تورۇشۇمغا ،ئاپام قويۇندەك كىرىپ كەلدى ھەم چەينەكتىنمۇ بەتتەر قايناپ كەتتى:-ھۇ، بېشى چوڭ ،نىمىشقا ئوت ئۈستىدىكى چەينەكنى توتىسەن، كىم سىنى چايدانغا چاي ئال،دىدى!
-قايناپ كىتىپتىكەن...
-قايناپ كەتسە پارتىلاپ كىتەتتىمۇ؟
بۈگۈن دادام دوكانغا چقمىدى. ئاخشام ئاپام :‹‹تەكنىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشىنى ياخشى قىلمىسا بولمايدۇ...›› دىگەندەك مەن ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان گەپلەرنى قىلىۋاتقان ئىدى. دادام ناشتىدىن كىيىنلا تەككە كەتتى. ئاپام بىر ھازاغىچە ئۆي يىغىشتۇردى، كىر يۇيدى. مەن بۈشۈكتىكى ئوكامغا ھەمرا بولغاچ ،دادام ئېلىپ بەرگەن بوياقلىرىم بىلەن رەسىم دەپتىرىمگە ئۆي سىزدىم. سزغان ئۆيۈمنى ئۆيۈمىزگە سىلىشتورۇپ باقسام، ئۆيىمىز بەكلا سەت كۆرۈندى. ‹‹چوڭ بولسام دادام-ئاپامغا موشۇنداق چىرايلىق ئۆي سېلىپ بىرىمەن›› دەپ ئويلىدىم.
ئاپام مىنى چاقىردى، يېنىغا چىقسام تاماق پىشىپتۇ .ئوكاممۇ ئوخلاپ قاپتۇ، ئاپام ئىككىمىز تاماق يىدۇق. ئاپام ئالدىراش دۇئا قىلىپلا، دادامغا تاماق راسلاپ تەككە جابدۇندى ۋە ماڭا :-ئوكاڭغا قاراپ تورغىن، سىرتقا چىقىپ كەتمە، يالغۇز قالمىسۇن. ئويغىنىپ كەتسىمۇ، ھەرگىز بۈشۈكتىن يەشمە!-دىگەندەك نورغۇن گەپلەرنى جىكىلەپ چىقىپ كەتتى. مەن ئاپىرىپ بىرەي –دىسەم ئۇنىمىدى. جىمجىت ئولتۇرۇپ تىزلا زىرىكىپ قالدىم. ئاستا بۆشۈكنىڭ ئۈستىدكى رەخىتنى ئاچسام، ئوكام شۇنداق تاتلىق ئوخلاۋىتىپتۇ. يۈزلىرىگە سۈيۈپ قۇيدۇم. ئوكام لەۋلىرىنى تامشىپ ئوماق كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئەجەپ ئىش ،بوۋاقلار ئوخلاپ يىتىپمۇ كۈلىدۇ-دىسە. تۇرۇپلا ئوكام كۆزۈمگە شۇنداق بىچارە كۆرۈنۈپ كەتتى. ئاپام ئۇنى ناشتىدىن كىيىنلا ،تىڭىۋەتكەن. ھازىر چۈش بولدى. تاتلىق ئوكام قانچە قىينالغاندۇ؟-شۇ ئوي بىلەن تېڭىلغىنى مىنىڭ پۇت-قولۇمدەك ئىچىم ئچىشىپ كەتتى. يىششكە باشلىدىم. ئۇنىڭ ئۇيقۇلۇقتىكى ئوماق كىرىلشلىرى، قانىتى يىشلگەن قۇشقا ئوخشايتتى. ئوكام ئويغاندى ھەم ماڭا كۈلۈپ تەلپۈنۈپ كەتتى. ھەي!...ئاپام ئۇنى ئەمدى 6 ئايلىق بولدى، دەيدۇ. ئەمما ئوكام ھەممە نەرسىنى چۈشۈنىدىغاندەكلا ئىدى.
ئۇنىڭ ھۆل قىلۋەتكەن ئىشتىنىنى سالدۇرۇپ ،باشقىنى كەيگۈزمەك بولۇپ ،ھەر قانچە قىلىپمۇ، پىلتىڭلاپ تۇرغان بېلىقتەك تىنىمسىز پۇتلىرىغا كەيگۈزەلمىدىم. بولدىلا، ھازىر يا سوغۇق بولمىسا...سىرىتتا بالىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئوكامنى سۇپىنىڭ گىرۋىكىدە، ياتقۇزۇپ ،ئۆزۈم يەرگە چۈشتۈم-دە، ئوكامنى چىڭ قوچاغلاپ سىرتقا ماڭدىم. ئەمما ئىشتانسىز بوۋاقنى كۆتۈرمەك ئاسان ئىش ئەمەسكەن. دەرۋازا ئالدىدىكى تاشقا ئولتۇرۋالغۇچە، تەرلەپ سۇ بولۇپ كەتتىم. قوللىرىممۇ ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك بولدى. ئوكامنى ئىتىكىمگە ئەپلىك جايلاشتۇرۋالدىم. ئوكام جىق بالىلارنى كۆرۈپ بەك خوش بولۇپ كەتتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ تىپىرلاپ، چىقىراپ كۈلەتتى. تويۇقسىز ئوكام قولۇمدىن چىقىپ كەتتى، نىمە بولغاننى ئاڭقىرىپ بولغۇچە، بىشمغا تەككەن تەستەكتىن كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى.
-ئادەمگەئارامچىلىق بەرسەڭ بولمامدۇ،بېشى چوڭ! نىمىشقا باشقا بالىلاردەك ئويۇنىڭنى تىپىپ ئوينىيالمايدىغانسەن بەغەرەز.
ئاپام ئوكامنى چىڭ توتىۋىلىپ ماڭا ۋاقىرايتتى، ئۇيەر-بۇيېرىمگە نوقۇيتتى.
مەن نىمە قىلدىم؟ يا ئوكامنى يىقىتمىسام، يا يىغلاتمىسام. نىمىشقا ماڭا ئاچچقلايدۇ؟...شۇ كېچە ،دادام-ئاپاملار ئوخلاپ بولغۇچىمۇ، ئۇخلىيالمىدىم. قولاق تۈۋىمدە بىرلا ئاۋاز جاراڭلايتتى.:‹‹بېشى چوڭ، بېشى چوڭ!...››توساتتىن بېشىم راستىنلا چوڭلاپ كەتتى، كاۋىدەك، قازاندەك ،تونۇردەك...بەدىنىم، بوينۇم ئۆز پىتى، ئەمما بېشىم تۇختىماي چوڭلاپ كىتۋاتاتتى...‹‹ئاپا!...ئاپا!...››كۆزۈمنى ئاچسام، ئاپامنىڭ قوچىقىدا يىتىپتىمەن . بېشىمنى تۇتسام ئۆز پىتى!ئۇھ...،چۈشۈمكەندە!
-دادا-ئاپا، ئەمدى گەپ ئاڭلايمەن .سىلەرنى خاپا قىلمايمەن.-دەپلا يىغلىۋەتتىممەن. ئاپام مىنى چىڭ قۇچاقلىدى، داداممۇ بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ:-ئوغلۇم، سەن بەك ئەقىللىق ھەم غەيرەتلىك، تەڭتۈشلىرىڭگە قارغاندا، چوڭلارغا ياردەم بىرىشنى كۆپرەك ئويلايسەن. ئەمما سەن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭ كۈچۈڭ يىتىدىغان، يەنى ئۆزۈڭ قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى بىلىشىڭ كىرەك. –دىدى. شۇنىڭدىن بۇيان مەن ئۆزگەردىم. زادى ئىش قىلغۇم كەلسە، توخولارغا يەم، سۇ بىرىش، ئەكىلىپ قويغان ئوتلارنى قويلارغا تاشلاپ بىرىش ،ئاپام ئالدىراش چاغلاردا، ئوكامغا ھەمرا بولۇپ ئولتۇرۇش...دىگەندەك ئىشلارنى قىلدىم. ئەمدىغۇ، بېشىم بەدىنىمدىن چوڭلاپ كەتمەس!
|
|