- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 128
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 128
- تىزىملاتقان
- 2012-6-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-4
- UID
- 41858
- يازما
- 128
- تېما
- 21
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 128
- تىزىملاتقان
- 2012-6-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-4
- توردا
- 55 سائەت
|
كاززاپ
ھىكايە
ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىلى
باش باھارنىڭ يىراقلاردىن غۇرۇلداپ كەلگەن مەيىن شامىلى كىشىلەرنىڭ يۈزىدىن سىپاپ ئۆتۈپ، باھارنىڭ كەلگەنلىگىدىن خەۋەر بېرىپ تۇراتتى. ئاشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاياقتىندۇر گۈكىرەپ چىققان بوران شەھەر ئىچىدىكى جازىلارغا ئېلىنغان گۈل-تەشتەكلەرنى ئۆرۈپ چەيلىۋەتتى. بوراننىڭ دەستىدىن كىشىلەر ئۆيلىرىدىن تالاغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا يېزىدىن شەھەرگە كىراكەشلىك قىلغىلى كىرگەن رەخمان ئىشەك ھارۋۇسىنى تەستە ھەيدەپ، پانالانغىدەك يەر تاپالماي، كوچا دوقمۇشىدىكى تامنىڭ دالدىسىغا كېلىپ، شۇ يەردە بىردەم دالدىلىنىپ، بوراننىڭ توختىشىنى كۈتۈپ تۇردى. ھەش-پەش دېگۈچە بوران ئېلان تاختىللىرىنى ئۆرۈپ، يول چىراقلىرى، ئاشخانا دۇككانلارنىڭ دېرىزىللىرىنى سۇندۇرۇپ بولدى. بوران چىقسىلا بۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇپ، تۇرىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان،لىكىن سەھرادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان رەخمان ئۈچۈن ئېيىتقاندا بۇ ئاجايىپ-غارايىپ مۆجىزىلەر غەلىتە تۇيۇلدى. ئەنە شۇ غەلىتىلىك ئىچىدە ئۇ پەسىلنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بوران بىردەم كۇچايغاندىن كىيىن ئاستا-ئاستا پەسلىدى. رەخمان ئىشەك ھارۋۇسىنى ھەيدەپ، كىرا ئىزدەپ، كوچىمۇ كوچا مىڭىپ يۈردى. لىكىن ئۇنىڭغا ھېچقانداق كىرا قىلدۇرىدىغان ئادەم ئۇچرىمىدى. ئۇ كىرا قىلىشتىن يالتىيىپ، ئۆيگە چىقىپ كەتمەكچى بولدى.ئۇ ئىشەك ھارۋۇسىنى كەينىگە ياندۇرۇپ، شەھەر كوچىللىرىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشتى. ئۇ كەڭلىك ئورنى ئون نەچچە مىتىر كىلىدىغان چوڭ تاشيولدىن قايرىلىپ، كىچىك يولغا چۈشىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بىرسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. رەخمان بۇيريلۇپ كەينىگە قارىۋىدى، ياندىكى كىچىك يولنىڭ دوقمۇشىدا يوغان بىر يۈك-تاقنى ۋىلسىپىتقا بېسىپ تۇرغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ قالدى. رەخماننىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. «ئاھ خۇدا،بۈگۈن ھەر نىمە بولسا، كۈنۈم زايا بولۇپ كەتمەيدىغان بولدى.»رەخمان ئىشەك ھارۋۇسىنى كەينىگە بۇراپ، ھېلىقى ئادەمنىڭ قېشىغا كەلدى:
-بۇ يۈك-تاقنى بوستان كەنتىگە ئاپىرىپ بېرەمسەن؟،-دىدى ھېلىقى ئادەم. رەخمان بېشىنى لىڭشىتىپ، ماقۇللىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار كىراسىنى دىيىشمەيلا يۈك-تاقىنى ھارۋۇغا باستى. رەخمان ئىشەكنى چوڭ يول تەرەپكە بۇراپ مېڭىشقا تەرەددۇت قىلدى. ھېلىقى ئادەم ۋىلسىپىتنى يېنىدا تۇرغان كىچىك بالىغا بېرىپ، ئۆيگە قايتىپ كېتىشنى تاپىلاپ، رەخماننىڭ ھارۋۇسىغا چىقتى. ئۇلار چوڭ يولغا چۈشۈپ، بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن بوستان كەنتىگە يىتىپ كەلدى. ئىككەيلەن كىرا ھەققى توغۇرلۇق بىردەم دەتالاش قىلغاندىن كىيىن ئاندىن پۈتۈشۈپ، ھەر قايسىسى ئۆز يوللىرىغا مېڭىشتى. رەخمانمۇ بۇ قىتىمقى كىرادىن خېلى مەمنۇن بولغان ئىدى. «ھەتتىڭەي، شەھەرنىڭ خالتا كوچىللىرىدا كىراكەشلىك قىلىمەن دەپ، نىمىمۇ قىلار ئىدىم؟ئەسلىدە كىرا دىگەن چوڭ يول بويىدا ئاقىدىغان ئىش ئىكەن ئەمەسمۇ؟»
رەخمان شۇنداق ئويلاپ، ئىشەك ھارۋۇسىنى ھەيدەپ، چوڭ يول بىلەن كىچىك يول كىسىشىدىغان جايلاردا خېرىدار ئىزدەپ يۈردى. ئۇ بەزىدە كەلگىنىگە چۇشلۇق ئاز-تولا پۇل تېپىپ، ئۆيگە قايتاتتى. بەزىدە پۇل تاپالماي، شۈمشۈيۈپ ئۆيىگە قايتاتتى. ئارىلىقتىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، رەخمان شۇنداق كىتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوستان كەنتىگە يۈك-تاقىللىرىنى كىرا قىلىپ، ئاپىرىپ قويغان ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى. «ھەي...ئۇنىڭ يەنە كىرا قىلدۇرىدىغان
نەرسىللىرى بولسائىدى،»ئۇ ئادەم يولنىڭ بويىدا پىيادە كېتىۋاتاتتى. ئۇ رەخمانغا سىنچىلاپ قارىدى. ئاڭغىچە رەخمان ئىشەك ھارۋۇسىنى چاپتۇرۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئەگەر ئۇ ھېلىقى ئادەمدىن كىرا قىلدۇرىدىغان نەرسە بارمۇ؟دەپ سوراپ قالسا، كىرا ھەققىنى ئاز بېرىپ، قوياتتى. شۇڭا خېرىدارلارغا بەك تەلپۈنۈپ كەتمەسلىك كىرەك-تە!
تۇيۇقسىز ھېلىقى ئادەم «توختا!»دەپ ۋاقىردى. رەخمان توختىدى. ھېلقى ئادەم يېتىشىپ كېلىپ،رەخماندىن:
-ئۆتكەندە بوستان كەنتىگە مېنىڭ يۈك-تاقىللىرىمنى سەن ئاپىرىپ بەرگەنغۇ؟،-دىدى.
-شۇنداق، دىدى رەخمان.
-شۇ چاغدا سېنىڭ ھارۋاڭغا مېنىڭ بىر پورتىمالىم چۈشۈپ قاپتىكەن، سەن كۆردۈڭمۇ؟،-دىدى ھېلىقى ئادەم.
-ياق.،مەن ئۇنداق نەرسىنى كۆرمىدۈم،دىدى رەخمان.
-يالغان ئېيىتما!،-دىدى ھېلىقى ئادەم تەرىنى تۈرۈپ.
-شۇ چاغدا ئىچىگە نەچچە يۈز كوي سېلىقلىق پورتىمالىم سېنىڭ ھارۋاڭغا چۈشۈپ قالغان،سەن مېنىڭ پورتىمالىمنى ئېلىۋالغان،-رەخمان ئۇ پورتىمالنى قانچە قىتىم ئېيىتسىمۇ ئۇ ئادەم پورتىمالنى «سەن ئېلىۋالدىڭ»دەپ، گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالدى-دە،رەخماننى ھارۋۇدىن چۈشۈرۈپ، ئىشەك ھارۋۇسىنى تارتىۋىلىپ، ھەيدەپ كەتتى. رەخمان زار-زار يىغلاپ، ھېلىقى ئادەمنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. بىراق ئۇ ئىشەك ھارۋۇغا يېتىشەلمەي، ھاسىراپ قالدى. ئەسلىدە ئۇ ئادەم چوڭ يولنىڭ بويىدىكى بىر كىچىك يولنىڭ ئىچىدىكى بىر مەھەللىدە ئولتۇراقلاشقان ئادەم ئىدى. ئۇ دائىم دېگۈدەك چوڭ يولغا چىقىپ، مۇشۇنداق ئەپچىل قاپقانلارنى قۇرۇپ، «ئالاھىدە»كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، تاپاۋەت قىلاتتى بۈگۈنمۇ ئۇ رەخماننىڭ ئىشەك ھارۋۇسىنى تارتىۋىلىپ، ئېلىپ كەتتى. رەخمان يىغلا-يىغلا ھېرىپ چارچاپ ئاران دېگەندە ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
ئۆيدە رەخماننىڭ ئاچىسىنىڭ توي تەييارلىقى باشلانغان ئىدى. رەخماننىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ ئىشەك ھارۋۇسىنى بىكاردىن-بىكارغا تارتقۇزۇپ قويغانلىقىنى ئۇقۇپ رەخمانغا بىر ئاز كايىغاندىن كىيىن تويدىن كىيىن ئىشەك ھارۋۇسىنىڭ ئىز-دىرىگىنى ئالماقچى بولۇپ، توي تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. توي قىلىدىغان كۈنمۇ ئاللىقاچان بىكىتىلگەن ئىدى. توي كۈننىڭ ھارپىسى ئوغۇللۇق تەرەپ رەخماننىڭ ئۆيىگە توي كۈنى ئىشلىتىدىغان لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار 4-5 ھارۋۇدا كىلىشكەن ئىدى. شۇ ئەسنادا ئىشەكلەر ئىشىك ئالدىدىكى يوغان تىرەكلەرگە باغلىنىپ، مىھمانلار ئۆيگە باشلاندى. كۆلدىن سۇ ئەكىرۋاتقان رەخمان قاتار باغلانغان ئىشەكلەرگە كۆزى چۈشۈپ، ئوتتۇرسىدا تۇرغان بىر ئىشەك ھارۋۇسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشەك ھارۋۇسىغا قەۋەتلا ئوخشايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. ھەي... «كىسەلنىڭ ساقايغىسى كەلسە،تىۋىپنىڭ ئۆزى كەپتۇ »، دېگەندەك ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ. رەخمان بىر چىلەك سۇنى ئۆيگە ئەكىرىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، ھېلىقى ئىشەككە سىنجىلاپ قارىدى. «دەل ئۆزى شۇ!»
دىدى رەخمان ئىچىدە. ئۆتكەندە مۇشۇ ئىشەك خوشنىسىنىڭ ئىشىگى بىلەن تالىشىپ قالغاندا مۇشۇ ئىشەكنىڭ كانىيى يارىلانغان. شۇ ئىز تېخىچە تۇرمامدۇ؟خەپ توختاپتۇر! ئۆتكەندە مېنى بوزەك قىلىپ، ئىشىكىمنى تارتىۋالغان ئىدىڭ،بۈگۈن مانا ئۆز ئايىغىڭ بىلەن ئالدىمغا كەپسەن!
ئۆي ئىچىدە مىھمانلارغا كاتتا داستىخان سېلىنىپ، ئاش تارتىپ بولدى. مىھمانلار ھويلىغا چىقتى. بۇ چاغدا رەخمان ھويلىدا بىر ئىش بىلەن بەنت بولۇپ تۇراتتى. بۇ ئۆي ئىچىدىن چىققان مىھمانلارغا سىنجىلاپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى كاززاپنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. قالغانلار باغقا كىرىپ، كالا سويۇشقا تۇتۇش قىلدى. رەخمان پەيتنى تېپىپ، دادىسىنى ھويلىنىڭ بىر بۇلىڭىغا چاقىرىپ، قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى پىچىرلىدى. دادىسى چۈچۈپ كەتتى. رەخمان دادىسىنى ئىشىك ئالدىغا باشلاپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئىشەك ھارۋۇسىنى دادىسىغا كۆرسەتتى. رەخماننىڭ دادىسى ئىشەك ھارۋۇسىغا سىنجىلاپ قارىۋەتكەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئىشەك ھارۋۇسى ئىكەنلىگىنى جەزمىلەشتۈردى. دادىسى رەخمانغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىينماسلىققا تاپىلاپ، ئۆيگە كىرىپ كەتتى. كالىمۇ سويۇلۇپ بولدى. ئوچاقلار كولىنىپ، قازانلار ئېسىلىپ، تەييارلىق پۈتتى. شۇ ئەسنادا ئوغۇللۇق تەرەپنىڭ ئادەملىرى باغدىن چىقتى. بۇ چاغدا ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان رەخمان بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزى ئۇچۇرشۇپ قالدى. ئۇ رەخماننى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تىترەك ئولاشقان ئىدى. رەخماننىڭ غەزەپلىك قادالغان كۆزلىرى ئۇنىڭ تېنىنى شۈركۈندۈرىۋەتتى. ئۇ جيىدا قىمىر قىلماي تۇراتتى. ئاغزىنى ئۆمەللەپ، بىر نىمە دىمەكچى بولدى-يۇ، ئاۋازىنى چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتى. ئۇ شۇ تەرىقىدە قانچىلىك تۇردىكىن، ئۇ رەخماننىڭ دادىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قېشىغا كىلىپ:«قۇدام، بۇ نىمە ئىش؟»دېگەن گېپىنىمۇ ئاڭلىمايۋاتاتتى.....
ئاپتۇر- قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى 2012-يىلى
3-ئاينىڭ 22 -كۈنى
|
|