كۆرۈش: 7223|ئىنكاس: 36

مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوقاتماڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئىمىنجان ھىدايە

UID
6838
يازما
126
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3846
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-23
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 02:41:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوقاتماڭ
بىرقىسىم قىزلار مۇھاببەتلىشش جەريانىدا ياكى يىگىتلەر ئالدىدا ئاسانلا ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ .


نەتىجىدە بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ قىممىتىنىڭ تىخىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى كۆپىنچى يىگىتلەر ئۆزى قوغلاشقاننى ياخشى كۆرۈپ ، ئۆزىگە ئارتۇقچە يېقىنچىلىق قىلغان قىزلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش ، كىيىنىش قاتارلىق تەرەپلىرىگىمۇ ناھايتى دىققەت قىلىدۇ . شۇڭا مەن تۆۋەندە مۇھاببىەتلىشىۋاتقان ياكى مۇھاببەتلىشىش ئالدىدا تۇرغان قىزلارنىڭ دىققىتىگە 34 خىل ئۇسۇلنى سۇندۇم بۇ سىزنىڭ مۇھاببەتتىكى ئۆز ئىززىتىڭىزنى ، ئابرۇيىڭىزنى ساقلاشتىكى قىبلىنامە بولۇپ قالغۇسى .
1 - سىزگە ئېتىبار قىلمىغان يىگىتتىن يىراق تۇرۇڭ ، چۈنكى سىزگە كۆڭۈل بۆلمىگەن يىگىتتىن ئايرىلالماي يۈرۈش ياكى داۋاملىق ئۇنىڭ ئۈچۈن مېھرىبانلىق ۋە سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلەش ئەخمەقلىق بولىدۇ .
2 - ھەرقانداق چاغدا بىر مەسئۇلىيەتسىز يىگىت ئۈچۈن ئازابلانماڭ ، قىزلار ئاسان ئازابلىنىپ قالىدۇ . بىراق چوقۇمئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، بۇ ئەرزىمەيدۇ ، چۈنكى بەكرەك ئازابلىنىدىغىنى ئاخىرى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز .شۇڭا ئازابلىنىشلارنى يىغىشتۇرۇپ ، خۇشال ياشاشنى بىلىڭ .
3 - ياخشى كۆرگەن يىگىتىڭىزنىڭ ئەتراپىدا توختىماي ئايلىنىپ يۈرمەڭ ، سىز ئۇنى ئۆزگىچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ،بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بوشلۇق بىرىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا ئۇنى بىزار قىلىپ قويىسىز .
4 - ئەگەر يىگىتىڭىز سىزگە :‹‹ ئايرىلىپ كېتەيلى ! ›› دېسە ، ھەرگىزمۇ كۆز يىشى قىلىپ يۈرمەڭ ، غەيرەتلىك بولۇڭ دە ، كۈلۈپ تۇرۇپ ‹‹ خوش ! ›› دەڭ .
5 - ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ، ئۆزىڭىزگە مۇئامىلىڭىز ھەرۋاقىت ياخشى بولسۇن ،چۈنكى ھاياتلىق سىزنىڭ .
6 - ھەركۈنى ئەتتىگەن ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا يارىشىملىق كىيىنىپ ، كۈلۈمسىرەپ چىقىڭ .
7 - يىگىتىڭىز ئۈچۈن كۈلۈمسىرىشىڭىزنى ئايىماڭ .
8 - بەدەن شەكلى ۋە چىرايىڭىزنى ئاسراشنى بىلىڭ .
9 - تاماكا چەكمەڭ ، ھاراق ئىچمەڭ ، قىمار ئوينىماڭ .
10 - ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسىمۇ ، شۇنى باھانە قىلىپ قاۋاقخانلارغا بىرىپ يۈرمەڭ . يالغۇز قالغان چاغدا شۇ يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ .
11 - ھەرگىز يالغان ھىسياتتا بولماڭ ، بۇنداق قىلىش يۈرىكىڭىزگە ئاچچىق تامغا بېسىپ قويىدۇ .
12 - ئېگىز پەشنىلىق ئاياغ كىيىپ يۈرۈڭ ، بىراق ئاياغنىڭ پەشنىسى بەك ئېگىز بولۇپ كەتمىسۇن .
13 - يالغۇز قالغىنىڭىزدا سىزنى ‹‹ ياخشى كۆرىمەن ›› دېگەن ئىنساننىڭ نېمىشقا سىزنى يالغۇز قالدۇرغانلىقىدىن ئازابلىنىپ كەتمەڭ . بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ .
14 - ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنى تاللىغاندا كۆزىڭىزنى چوڭ ئىچىڭ . ئەگەر خاتا تاللاپ قويغان بولسىڭىز ۋاقتىدا ئايرىلىپ كېتىڭ . سۇنىڭ ئىقىشىغا باقماڭ . بۇ ئىككىڭلار ئۈچۈن ياخشى .
15 - يگىتلەرگە قول كۆتۈرمەڭ . چۈنكى بىرىنچىدىن ، سىز ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايسىز . ئىككىنچىدىن ،سىز بىلەن قول ئۇزارتىشىپ سوقۇشقان يىگىت چوقۇم ساراڭ ............. شۇڭا ئۇرۇشقاندىن ئۇرۇشمىغان ياخشى .
16 - دائىم سىرىتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىپ كېلىڭ . بۇ سىزنى ناھايتى ئۈمۈدلىك ۋە روھلۇق قىلىدۇ .
17 - دائىم تەملىك گۈل چاي دەملەپ ئىچىپ ، كىتاب كۆرۈپ ، مۇزىكا ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ .
18 -ئۆزىڭىزگە لايىق كىيىم كىچەك سىتىۋىلىشنى بىلىڭ . ئۆزىڭىزگە يارىغىنى خانغا يارىغىنى . ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۈستىبىشىغا ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ .
19 - سىز ياخشى كۆرمىگەن يىگىتنىڭ سوۋغىسنى ئەڭ ياخشىسى قوبۇل قىلماڭ .
20 - بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا يىگىتنى سۆيۈڭ .
21 - ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز ؟ يىگىتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
22 - ئۆزىڭىزنى پەقەت يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنلا خالىغان بىر يىگىت بىلەن ئارلاشماڭ ، بۇ سىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەڭسىزلىك بولىدۇ ھەمدە ھىسياتىڭىزغا نىسبەتەن تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ .
23 - سىز ياخشى كۆرمىگەن يىگىت ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولسىمۇ ، سىز چوقۇم ھېسياتىڭىزنى ئېنىق ئىپادىلىشىڭىز لازىم
24 - ھازىر قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ . خىزمەت بەلكىم سۆيگۈدەك يۈرىكىڭىزنى تىترىتەلمەسلىكى مۇمكىن ، بىراق خىزمەت سىزنىڭ قورسىقىڭىزنى تويغۇزىدۇ ، تۇرغۇدەك ئۆيگە ئىگە قىلىدۇ . بىراق مۇقىملاشمىغان سۆيگۈ سىزگە بۇلارنى بېرەلمەيدۇ ......................... شۇڭا چوقۇم ياخشى ئىشلەڭ .
25 - ئىللىق كەيپىياتنى ساقلاشنى بىلىشىڭىز كىرەك . قانداق سورۇنغا قانداق كىيىنىپ بېرىشنىمۇ بىلىشىڭىز لازىم .
26 - قولدىن بىرىپ قويغان ياخشى يىگىت ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ كەتمەڭ ، چۈنكى ئۇلار سىزگە ئاش بولمايدۇ ، كۆزىڭىزنى چوڭ ئىچىپ يەنە بىرنى ئىزدەڭ .
27 - كىيىملىرىڭىز چوقۇم ماسلاشقان بولسۇن ، ئۈستىبىشىڭىزدىن ئاياللىق تۆكۈلۈپ تۇرسۇن .
28 -ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالماڭ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپ سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس . ئۇ چوقۇم سىزدىن باشقا يەنە بىر قىز بىلەنمۇ شۇنداق قىلالايدۇ .
29 - تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە ياكى ئاياللار بايرىمىدا سىزگە گۈل سوۋغا قىلىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك يوق ، سىز ئۆزىڭىز شۇ گۈللەرنى سېتىۋىلىپ سىزنى مىڭ بىر جاپادا بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئانىڭىزغا سوۋغا قىلىڭ .
30- سىز ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ . ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
31 - سىز ئەلۋەتتە بىر يىگىتنى ياخشى كۆرسىڭىز بولىدۇ ، بىراق بارلىق سۆيگۈڭىزنى ئۇنىڭ قوينىغا تۉكۅپ بەرمەڭ چۅنكى ھاياتلىقتا ھاياتىڭىزنى سىلىپ بىرىپ سۆيگۉدەك يىگىت مەۋجۇتمىدۇ ؟........... شۇڭا ئۆزىڭىزنى قەدىرلەشنى بىلىڭ . چۉنكى ئۆزىڭىزنى قەدىرلىگەندىلا باشقىلارنىڭ ياحشى كۆرۉشىگە ئىرىشەلەيسىز ..........
32 - ئۆزىڭىز ياحشى كۆرگەن كىشىگە ئۇچۇر ئەۋەتىڭ . ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىنكاس بولمىسا سىزمۇ قارا چىكىت ئۇرۇڭ .
33 - يالعۇزلۇق ھىس قىلسىڭىز ، دوسىتلىرىڭىزنى ئىزدەڭ ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىڭ ، بازار چۆگىلەڭ ، بىرگە تاماق يەڭ . يالعۇزلۇق ئىچىدە ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ .
34 - ئەتتىگەن سىرىتقا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزگە ئىللىق بىركۉلۉمسىرەشنى ئۇنتۇماڭ .

قەلەمدە : ئىمىنجان ھىدايەت پاسىبانىدىن حوتەن ۋىلايىتى گۇما - ناھىيە كىلياڭ يىزا يۇلعۇنجاي كەنىت
         پايدىلانعان ماتىرىيال : شىنجاڭ پەن - تىحنىكا نەشىرىياتى نەشىر قىلعان روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ تۇزگەن ھاياتلىق پىسحىك ساعلاملىق مەجمۇئەسى
2012 - يىل 7 - ئاي 1 - كۉنى  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
42424
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-6-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 18:07:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ، رەھمەت

كۆيۈمچان ئەزا

قەتئىلىك ئەرلىك

UID
3268
يازما
155
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3126
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 18:13:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تېتىقسىز تەرجىمە مەھسۇلات ! تەڭدىن تولىسى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ ! مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز تەرجىمانلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاڭسىز ھالدا دۈشمەنلەرچە ئۆزگەرتمەكتە ! كۆز ئالدىمىزدىكى نۇرغۇن كىرىزىسلەرنى شۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان !

باھا سۆز

zuaya  مىنىڭچىمۇ شۇ،  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 14:36:34

UID
28017
يازما
94
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
264 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 18:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇنداق ئەسەرلەر بىزگە ھېچقانداق پايدا ياكى ئۇچۇر بېرەلمەيدۇ.

UID
40788
يازما
31
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2012-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 18:25:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پۈتۈنلەي ئەركىشىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ  ئېيتىلغان ئاڭلاتمىلار ئىكەن. قىزلار-ئاياللار ئۆز مەيدانىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ باھا-پىكىر بىرىپ باقسا بولغىدەك. بىر دوستىمىز تەرجىمە تەۋسىيە دەپ باھا بىرىپتۇ. دىمىسىمۇ بىز ھازىر نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلىپ- قىلماي ئىستىمال قىلىدىغاندەك بولۇپ كەتتۇق.

UID
42424
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-6-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 19:52:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كۆپ قىسىمى ياخشكەنغۇ ، ئەجىبا شۇنداق قىلىش تېتىقسىزلىقما ؟

UID
37030
يازما
75
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
75
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-21
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 22:03:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دەيدىغان گىپىم مۇددىيا ئەلداشلارنىڭكىگە ئوخشاش !! بىز ئويلاپ باقمايلا ئىش قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق جۇمۇ !!

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
190
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5312
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-29
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 19:26:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىز پاشنىلىق ئاياق  كىيىپ  يۈرۈڭ........
بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟

UID
37524
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 23:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىز پاشنىلىق ئاياقنى كىيۋىلىپ قانداق ئازادە مېڭىپ يۈرگىلى بولىدۇ؟ئۆلەپ كېتىدىغان جاھانغا ئۆزىنى قىيناپ نوغۇچ پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيىپ يۈرەمدۇ ئەمدى

UID
37524
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 23:13:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىز پاشنىلىق ئاياقنى كىيۋىلىپ قانداق ئازادە مېڭىپ يۈرگىلى بولىدۇ؟ئۆلەپ كېتىدىغان جاھانغا ئۆزىنى قىيناپ نوغۇچ پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيىپ يۈرەمدۇ ئەمدى

باھا سۆز

nayina  چۇشنىشىگە بۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 02:20:28
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش