تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 25595|ئىنكاس: 85

ھېتلېرنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاش ئالدىدىكى نۇتۇقى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
42402
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-6-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 18:32:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۈگۈن بىز بۇ يەردە، گېرمانىيىلىكلەرنىڭ زېمىنىداــ بېرلىندا تۇرۇپتىمىز!  ئەجدادلىرىمىزنىڭ  ساپ قانلىرى ۋە غورۇرى بىلەن سۇغۇرۇلغان زېمىندا تۇرۇپتىمىز!
     كۆز ئالدىمدا بىر مىللەت ـــ ھاقارەت ئىچىدە ئىڭراۋاتقان بىر مىللەت تۇرۇپتۇ! ئاشۇ ئۇرۇشتىن كېيىن بىزنىڭ بۇ مىللىتىمىزنىڭ مەغرۇرلىقى يوقالدى!  ئاشۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر ھازىر بىزنىڭ شىللىمىزدە زورلۇق قىلماقتا. بىزنىڭ غورۇرىمىزنى دەپسەندە قىلماقتا، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ئېسىل بىر مىللەتنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلماقتا! ماڭا ئېيتىڭلارچۇ، سىلەر بېنيامىن، مارتىندەك بىر ھۆرلۈك جەڭچىسى بولماقچىمۇ ياكى قۇل بولماقچىمۇ؟! سىلەر بەلكىم: ”ھېتلېر ئەپەندىم! ماڭا بىر كىشىلىك خىزمەت، قۇرساق تويغۇدەك بولكا بولسىلا بولدى“دېيىشىڭلار مۈمكىن.  شۇنداق، سىلەرنىڭ دېگىنىڭلارمۇ توغرا، ھايات ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك. بىراق سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، بۇ دۇنيادا ھاياتتىنمۇ  قىممەتلىك بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ھۆرلۈك! ئۇ بولسىمۇ غورۇر!
     ئارزاس ۋە لوررېين كۆكلىرىدە فرانسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپلا  تۇرىدىكەن، بىزنىڭ غورۇرىمىز دىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ!  ئاشۇ فرانسىيىلىكلەر، ئەنگىلىيىلىكلەر ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنىدا داۋاملىق زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىدىكەن، بىزدىكى غورۇردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ! ياۋروپا خەرىتىسىدە گېرمانىيە ئىسىملىك بۇ دۆلەت پارچىلىنىپ، مۇشۇنداق شۈمشىيىپلا تۇرىدىكەن بىزدىكى غورۇردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ!
     بىزگە كېرەكلىكى بىر پارچە بولكا بولماستىن بەلكى بىر ماكان، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن ياشايدىغان ماكان كېرەك! بۇ ماكانغا بىز يالۋۇرۇپ ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۈرۈپ ئەمەس ئەكسىچە قورال ۋە قان تۆكۈشكە تايىنىپ ئېرىشىمىز!
    باشقىلار بىزنى بوزەك قىلسا، ھەتتاكى ئەڭ ئاجىز مىللەتلەرمۇ كېلىپ بىزنى دەپسەندە قىلسا بىز غىڭشىپ: ”بىز كۈچلۈك نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز!“ دەپلا يۈرسەك، بۇنداق ئادەملەرنى يۇمشاقباش دېسەك بولىدۇ! بۇنداق ئادەملەر پەسكەش ئادەملەردۇر!  بىز زەمبىرەكلىرىمىزنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازلىرى بىلەن دۈشمەنلەرنى غال - غال تىترىتىشىمىز، ئۇلارنىڭ غورۇرىنى يەنجىۋېتىشىمىز كېرەك، ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ پەقەت نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا بىلىدىغان ئاجىزلاردىن ئەمەسلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك!
    شۇنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەككى، پەقەت نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا بىلىدىغان دۆلەت ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا  بىلىدىغان ھۆكۈمەت يۇمشاقباش دۆلەت ياكى ھۆكۈمەتتۇر! بىزنىڭ غورۇرىمىز، زېمىنىمىز، ياشاش ماكانىمىز دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتىمۇ يەنىلا ئىزا تارتماستىن «نارازىلىق بىلدرۈپ» يۈرگەن ھۆكۈمەت بىزگە كېرەك ئەمەس! سىلەر ھامان بىر كۈنى ئۇلارنى تاشلىۋېتىسىلەر! شۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىمەنكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا، بۇنداق يۇمشاقباشلار يوق دېيەرلىك! مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇۋاتقانلار مىڭ يىللاپ قان ئاققۇزغان بولسىمۇ تىز پۈكمىگەن بىر قوشۇن!
    بۇ قانلار ئىلگىرى بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تومۇرىدا ئاققان، ئۇلار تىز پۈكمىگەن! ھازىر بۇ قان بىزنىڭ تېنمىزدە قايناپ تاشماقتا! ئېيتىڭلارچۇ، سىلەر بۇ قاننىڭ مۇزلاپ قېلىشىنى خالامسىلەر؟!
     كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغان ئىككى نەرسە بار، يەنى، ئورتاق غايە ۋە ئورتاق جىنايەت. بىزنىڭ گېرمانىيە بايرىقىغا نەقىشلەپ قويغان ئۇلۇغۋار غايىمىز بار، بىز بۇ غايىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىزنىمۇ ئايىمايمىز! بۈگۈنكى بېرلىندا ھېچقانداق نەرسە بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، پەقەتلا مۇشۇ غايىمىز بار!
     ۋېرسال شەرتنامىسى بىز ئۈچۈن غايەت زور ھاقارەت ! بىزنىڭ بۇنداق شەرتنامىنى ئىجرالاشنى رەت قىلىش ئىرادىمىز ۋە ھەققىمىز بار! ئۆزەڭلارنىڭ ئويلىغىنىنى قىلىڭلار! خۇددى بىنيامېن. مارتىنغا ئوخشاش، قولۇڭلارغا قورال ئېلىپ، خۇددى ئۇنىڭ باشلاپ ماڭغان قېرىنداشلىرىدەك ھۆرلۈك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۈشمەنگە باتۇرلارچە ئېتىلىڭلار!  ئەگەر شۇنداق كۈرەشلەرنى قىلىشنى ئويلىغان بولساڭلار كۈرەشكە ئاتلىنىڭلار! شۇنداقتىلا بىز سىلەرنىڭ 70 مىليون قۇل ياكى تىز پۈكمەس ئارىئانلار ئىكەنلىكىڭلارنى كۆرىمىز!
    ناۋادا شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ، پېقىر ئادولف.ھېتلېر، ئۆزىمىزنىڭ يەنى گېرمانىيەنىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خۇددىي بىنيامېن. مارتىندەك، سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭالىسام، جەڭدە ئۆلسەممۇ، جەننەتكە كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كەتكەن بولاتتىم. ئۇ يەردە مەن گېرمانىيەنىڭ سەلتەنەتلىك ئەجدادلىرى بىلەن كۆرۈشەتتىم،  بېشىمنى تىك تۇتۇپ بۈيۈك ئىمپراتور فرېدېرىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مەغرۇر ھالدا ئۇنىڭغا: ”سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ سېنىڭ يۈزۈڭنى تۆكمىدى، مەن ئۇلۇغ گېرمانىيە ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمنىمۇ ئايىمىدىم، بىز قۇللۇققا قارشى كۈرەش قىلدۇق! بىز ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز ماشىنا ياكى ھايۋان ئەمەس، بىز ئادەم! ئەزەلدىن قەددىمىزنى پۈكمىگەن ئارىئانلار! بىز ھۆرلۈك ئۈچۈن ئۇيۇشتۇق!  يېڭى، ئادالەتلىك بىر دۇنيا ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىزنى قۇل قىلماقچى بولغانلارنى گېرمانىيە تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! غورۇرىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! كۈنبويى نارازىلىق بىلدۈرۈپلا يۈرمەسلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز ئۆز لەۋزىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز بۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈن جەڭ قىلدۇق! بىز ئارىئانلار، ئەجدادلىرىمىزنىڭ شەرىپى ئۈچۈن،  ئەۋلادلىرىمىزغا مەغرۇر ھالدا: بىز ئەزەلدىن تىز پۈكمىگەن ئارىئانلار دېيەلىشىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! “ دېگەن بولاتتىم.
    قېرىنداشلىرىم! گېرمانىيە شۇنداقلا گېرمانىيە خەلقى ياشىسۇن! ئەركىنلىك - ھۆرلۈك ياشىسۇن!


مەنبە: ئادولف ھېتلېر: «مېنىڭ كۈرەشلىرىم»
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
620
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
1010
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-5
توردا
630 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 19:55:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، بۇ گەپلەرنىڭ ھىتلىرنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدىم. مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنىمۇ تىترىتىۋەتتىغۇ!!

UID
16850
يازما
193
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
646
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-20
توردا
133 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 19:57:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېتلىرنى دۇنيادىكى گېتلىرغا قارشى تۇرغۇچىلار تىللىغان بىلەن ، ئەمما گېتلىر ماھىر ناتىق ئىكەندۇق. باشقىلارنى قايىل قىلغىدەك ئاشۇنداق سۆزلىيەلمىسە بىر دۆلەت خەلقىنى ئەگەشتۈرۈپ دۇنيا ئۇرۇشىنى پەيدا قىلالمىغان بۇلاتتى.

UID
24387
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2012-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 20:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ نۇتۇق ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىكەن....

UID
37030
يازما
75
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
75
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-21
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 20:28:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ تۇنۇيدىغىنىم ‹‹گىتلىر ›› ئىدى  . لېكىن بۇ  تېمىدا  ئەجەپ ‹‹ھېتلىر›› بولۇپ  قاپتىغۇ ؟  
مەن گىتلىرغا  ھەقىقىقەتەن قول  قويىمەن !! ئىككىنجى دۇنيا  ئۇرىشىنى زىل زىلغا  كەلتۈرۋەتكەن بىلەن ، ئۇنىڭ  ۋەتەرپەرۋەرلىكى ھەر قانداق  ئادەمنى تەسىرلەندرىدۇ  
!!

UID
31618
يازما
184
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-30
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 20:45:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ،باتۇر، قورۇقماس گىنرال ئىدى دە بۇ

يېڭى يۇلتۇز

ئۇنتۇلماس نەپرەت

UID
42330
يازما
17
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-6-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 21:21:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى مەنبەلەردە گىتلىر دەيدىكەن ، بەزىلىرىدە بولسا  ھېتلىر  دەيدىكەن ،  قايسىسى توغرىدۇ ؟ بىلىدىغانلار چۉشەنچە بەرسەڭلار .

UID
9324
يازما
58
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
840
تىزىملاتقان
2011-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-19
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 22:05:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە مىليون يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا چىققان نۇتۇق .

UID
42825
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 22:46:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghur05 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-30 22:05
نەچچە مىليون يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا چىققان نۇتۇق .

ھېتلىر دېگىنى توغرا  گېتلىر دېگەننى روسچىىدىن ئۆزلەشتۈرگەن. روسچىدا ھ  نى گ دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ.

UID
42825
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 22:48:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرۇم يوللىغان ۋاقتى  2012-6-30 20:28
مىنىڭ تۇنۇيدىغىنىم ‹‹گىتلىر ›› ئىدى  . لېكىن بۇ  تېمىدا  ...

ھېتلىر دېگىنى توغرا  گېتلىر دېگەننى روسچىىدىن ئۆزلەشتۈرگەن. روسچىدا ھ  نى گ دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش