- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 1054
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 35016
- تىزىملاتقان
- 2009-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
 
- UID
- 1929
- يازما
- 1054
- تېما
- 45
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 35016
- تىزىملاتقان
- 2009-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 166 سائەت
|
-بەرگىيە مۇنبەر ئېچىلدى،تېز بولۇڭ!!_ھاسىراپ-ھۈمۈدەپ سەركەردە كىرىپتۇ .مەن غەمسىز ھالدا ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويغان http://www.alkuyi.com دا 6-ئاي كىرسىمۇ تومۇز تەپتىدىن ئەسەر يوق بۇ يىلقى ھاۋارايىغا خويمۇ ماسلاشقان "مۇز قاتقان دېرىزە"منىڭ قېشىدا تۇراتتىم.
_ۋاھاي،نىمدا ياخشى_دەپ پىرقىراپ "مۇبارەك بولسۇن،مۇبارەك بولسۇن"دىگىنىمچە ئۇسۇل ئويناپ كەتتىم.
_بولدى ئۇسۇلىڭىزنى بۇ يەردە ئوينىماي،ئى مۇنبەردىكى ھەممەيلەن كىرىۋاتقان تۇمارنىڭ"ئەلكۈيىدىكىلەر ناخشىچى بوپ كەتتى"تېمىسىدىكى دۇمباقچىلارنىڭ ناخشىسىغا ئويناڭ!!
_تۇمار ناخشىچى بوپ كەتكەنلەرنىمۇ يېزىپ بوپتىما؟- دىگىنىمچە "مۇز قاتقان دېرىزە"منى كۆتۈرۈپ سەركەردىنىڭ ئارقىسىدىن چاپتىم.ۋۇجججججججۇندىگەن يوغان ۋىۋىسكا ئېسىلغان دەرۋازىدىن ئىسىم-كارتوچكىلارنى كۆرسىتىپ،مەخپى قوڭغۇراقنى جىرىڭلىتىپ،خەت ساندۇقىمىزنى ئەلكۈيى پوچتىكىشىگە تاپشۇرۇپ ئەقلى ئىقتىدار تەكشۈرگۈچىسىنىڭ"بىرگە بىرنى قوشسا قانچە؟"دىگەن سۇئالىغا ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ جاراڭلىق"ئىككى"دەپ جاۋاپ بېرىشىپ كىرىپ كەلدۇق.ۋاي-ۋۇي..نەچچە ۋاقىتتىن "ئاۋۇ تور بەتنىڭ مۇنبىرى ئېچىلىپتۇ"ماۋۇنىڭمۇ ئېچىلىپتۇ"دەپ تولا غەلۋە قىلىشىپ ئاخىرى ئاتامانىمىز ئۈمىدۋارنىڭ نەچچە كېچە-كۈندۈز جاپالىق ،مىننەتسىز ئىشلىشى بەدىلىگە قۇرۇلۇپ چىققان نەچچە ۋاقىتتىن بىز تەلمۈرگەن مۇنبەرلەردىنمۇ ئالاھىدە ئۇسلۇبتا ،كىرگەن ئادەمنىڭ چىققۇسىنى كەلتۈرمىگىدەك مىھرى ئىسسىق لايىھەلەنگەن،بىر قاراشقىلا ئېغىر بېسىق،ۋەزمىنلىك پارلاپ تۇرغان مۇنبەر سەيناسىدىكى يىغىلىپ كەتكەن ئەزالار مېنى تېخىمۇ ھاياجاندۇرۇۋەتتى.سەينانىڭ ئالاھىدە بېزەلگەن شاھانە ئورنىدا ئۈمىدۋار ئاتامانلارغا خاس سالاپەت بىلەن ئولتۇراتتى.ئەزالاردىن ھەدەپ تونۇش-بىلىشلەرگە كۆز يۈگۈرتىۋاتسام سەركەردە قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.
-بەرگىيە..مەن بۇ يەردە يەنىلا ئۈمىدۋارنىڭ باش ۋەزىرىلىك سالاھىيەتتە يۈرسەم بولار ھە؟؟
_مەن نەدىن بىلەي؟_مەن چىرايى ئۈمىدۋارنىڭ دىبىنىدەك ئوخشاشلىققا مىجەزى قەتئى ئوخشىماسلىققا ئىگە بولغان بۇ ياردەمچىنى تاشلاپلا تۇمارنىڭ قېشىغا يۈگۈردۈم.
_بەرگىيە ئاداش..سېنىڭ ئېيتقان ناخشاڭدىنمۇ ما سۆرىتىڭ بەك گۈزەل ھە؟؟_ئوماق ھىجارىغىنىچە تۇمار شاھانە ئورۇننىڭ ئاستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان تېمىلار قاتارىدىكى "ئەلكۈيىدىكىلەر ناخشىچى بولۇپ كەتتى"دىگەن تېمىسىدىكى مېنىڭ لۈكچەككە تەربىيە قىلىۋاتقان ھالىتىمنى كۆرسەتتى.
_ئەلۋەتتە_مەن گېلىمنى قىرىپ قويۇپ:
غۇلجا قىزلىرى بىز،
گۈزەل بولىمىز.
نەسىھەت بىلەن،
ئەلگە تونۇلىمىز.
دەپ گېدەيگىنىمچە "غۇلجا پو"سىدىن بىر چاڭ پۇرىتىۋەتتىم.
_ھىي بەرگىيە،نىمدا تېلېفۇنۇڭ 你使用的电话欠费停机دەپلا تۇرۇۋالىدۇ ھەر تېلېفۇن ئۇرسام _دەپ دومسايدى تۇمارنىڭ قېشىدا تۇرغان ئاپپاقئاي.سەت كۈلۈۋەتتىم.نەچچە ۋاقىتتىن "ئاپپاق ئاينىڭ كۈندىلىك خاتېرىسىنىڭ ئاخىرى"دەپ تولا سۆزلەپ سەۋدايى بولۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتقانلار سانىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىپ "ئې خاتىرىنىڭ داۋامىنى يازسىلا"دەپ سۈيلەپ تېلېفۇن بەرسەملا توختاقلىق تېلېفۇنىدا ماڭا تېلېفۇن قىلىپ ئۆز ۋاقتىدا خىتتاي تىلىنى سويۇپ تاشلىۋىتىدىغان بۇ ئوماق ئەمدى رۇس تىلى بىلەن بولۇپ كېتىپ "سىز ئىشلەتكەن"بىلەن سىز ئۇرغان"دىگەن سۆزنىمۇ ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ مانا..
تېلېفۇنىنىڭ توختاپ قالغىنىنى بىلمىگىنىگە قارىغاندا بۇنىڭ يارى بىلەن كېچىلەپ تېلېفۇندا سۆزلەشمەس بولغىنى راست بولسا كېرەك.
كىشىلەر "مۇھەببەت دەرىخى"دەپ تەرىپلىشىدىغان بىر تۈپ سۆگەت دەرىخى ئاستىدا كۆكلەم620"يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت"دەك يۇشۇرۇن تۇرۇپ كېتىپتۇ.
يەنىلا گۈزەل شۇنداق مەردانە..ئۇ بىر توپ تەرجىمە قىلىنمىغان "نى ئىسىل ئىشلار"تەسۋىرلەنگەن خەۋەرلەرنىڭ قېشىغا قايچىنى قويۇپ قويۇپ ھە دەپ بالىسىغا شەرەت قىلىۋاتاتتى.ھى ھى..بۇمۇ ئۇستا..ھېلى ئۈمىدۋار"گۈزەل،قېنى تەرجىمە قىلغان خەۋەرلەر؟"دىسە "ئوغلۇم قايچىدا كېسىۋىتىپتۇ"دەپ بالىسىغا ئىتتىرىپ قويۇپ يېقىندىن بېرى ئۆزىنىڭ "دەم ئېلىش"كاماندۇرۇپكا"دىگەندەك ناملار بىلەن "پايچەك بازىرى"دا پىرقىراپ يۈرگەنلىگىنى يۇشۇرماقچى.
ۋاي ئاللا..ئېغىز-بۇرۇنلىرى كۆكۈرۈپ ئىڭىكىدىن بېشىغىچە داكىدا مەھكەم تېڭىۋالغان بىرەيلەن كىرىۋىدى ھەممە "دۇررىدە"بولۇشۇپ كەتتى.
_سەن بەك ئۇرۇپسەن،سەن ئۇرغان بېشى ئىششىق.
_سەن بەك ئۇرۇپسەن،سەن ئۇرغان ئىڭىكى كۆكۈرۈپ كېتىپتۇ_ئىككى تەرىپىمدە"يۈتكەن خاتىرىلىرى"نى تېپىۋالغان تۇمار بىلەن"كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ ئاخىرى "نى رەتلىۋالغان ئاپپاق ئاي ئىككىسى تالىشىپ كەتتى.شۇندىلا بۇ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن كىشىنىڭ دەل لۈكچەك ئىكەنلىگىنى بىلىپ ئاچچىق بىلەن"خوپ بوپتۇ تازا"دەپ پىچىرلىدىم.قۇلاق ساق قالغان چېغى..بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ قالغان لۈكچەك دىڭگوسلاپ مىنېڭ قېشىمغا كېلىپ:
-قانداق قىلىمەن بەرگىيە،ياشلىقتا شۇنداق ئاكتىپ بولمىسا"قەبرىدە ئىلتىجا"قىلىپ قالىدىغان گەپكەن دەپ ئىككى قېيىققا تەڭ ئېسىلىپ "ناتۇنۇش يوللار"دا مېڭىپ قاپتىمەن.ماۋۇ داكىلاردا نەپەس ئالالماي"روھىم تۇنجۇقۇپ"قالاي دەۋاتسا سىز خوپ بوپتۇ دەپ يۈرىكىمنى"مۇز توڭلىغان دېرىزە"دەك قاتۇرماقچىمۇ؟_دەپ يىغلاپلا كەتتى. ئەزەلدىن باغرىم يۇمشاق بولغاچقا ئۇنىڭ مەڭزىدىكى "بىر تامچە ياش"نى سۈرتۈپ تۇرۇپ "ئەلكۈيىنى بىر سىنىپ دىسەك"جەزمەن ئىككىسىنىڭ بىرىنى كەلتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۇنى ئاران بەزلىدىم.
_سالام،كۆڭلۈمدىكى قىزغا سالام!_دىگىنىچە "كۆڭلىدىكى قىزغا يازغان خەت"نى ئاشكارىلاپ نۇرغۇن خانىم-قىزلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگەن ،قولىغا"ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەلكۈيى مۇنبىرىگە يۈگرەپ مارش"دىگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇر بەگ كىرىپ كەلدى.ئۇنى كۆرۈپلا"مەن،سەن،ئۇ"لارنىڭ ئۇۋىسى چۇگىلىپ كەتتى.
"گۈزەل قايتىپ كەل"دەپ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ھالدا يۈگرەپ كىرگەن قىزدىن چۆچۈگەن ھەممە گۈزەلنى قەيەرگە كەتتىكىنە دەپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندا ئايتۇغ "زۇلئاي،بوشراق ۋارقىراڭ،ھېلى بۇنى كۆڭۈلدىكى سۆزلەرگە يازساق گۈزەل جەزمەن كۆرىدۇ" دەپ ئۇ قىزنى جىملىدى.
ئۈمىدۋار "ئەلكۈيىدىكىلەر قۇرۇلتاي يوقلىمىسىدىن ئۆتكەن" ۋاقتىدىكىدەكلا قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇراتتى.مەن شۇنچە زەن سېلىپمۇ بۇ ئاتاماننىڭ بۈگۈنكى بۇ مۇنبەر يىغىلىشىنى قانداق ئۇسلۇب بىلەن باشلايدىغانلىقىنى بىلەلمەي تۇراتتىم. قاچانلاردىندۇر ئاتامان ئۈمىدۋارنىڭ قېشىدىن ئورۇن ئالغان سەركەردە مېكرافوننى قولىغا ئالدى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم ئەلكۈيى مۇنبىرى ئەھلى،ئۇزۇندىن بېرى بىز كۈتكەن مۇنبەر ئېچىش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ مانا بۇ ئېسىل سورۇندا ھەممەيلەن يىغىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز.بۇ قېتىم ئاتامانىمىز ئۈمىدۋارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى باركىن ئەمىسە ئۈمىدۋارنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمەن!!
بىچارە سەركەردە ھەر قېتىم ئۇزۇن سۆزلەپ ئۈمىدۋاردىن دەككىسىنى يىگەننىڭ تەمىنى ئۇنۇتمىغان بولسا كېرەك ئىشقىلىپ قىسقىلا سۆزلەپ مېكرافۇننى ھۆرمەت بىلەن قوش قوللاپ ئۈمىدۋارغا سۇندى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز خەلقىم_ئۈمىدۋار باشقىچە ئېغىر ۋە ۋەزمىن ھالەتتە باشلىقلارغا خاس سالاپەت بىلەن گېلىنى قىرىپ قويۇپ گەپ باشلىدى_سەركەردە مەن دەيدىغان مۇنبەر ئېچىلىش سۆزلىرىنى دەۋالغانلىقى ئۈچۈن مەن بىۋاستىلا ئەلكۈيى قائىدە-تۈزۈملىرىنى مۇنبەردىمۇ بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن._ئۇ يەنىلا سەركەردىنىڭ شۇنچە قىسقا سۆزلىگەن سۆزىدىن پۇتاق چىقىرىپ بولۇپ گېلىنى قىرىپ قويۇپ "ئەلكۈيى مۇنبىرى قائىدە-تۈزۈملىرىنىڭ يېڭى نۇسخىسى" نى ئوقۇشقا باشلىدى.بۇ قائىدە تۈزۈملەر ئالدى بەتتە ھەممەيلەن تولا كۆرۈپ ياد بولۇپ كەتكەچكىمۇ ھەممە كەينىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ئىنتىزار بولۇپ تۇراتتى،ئۈمىدۋار ئوقۇپ تۈگەتكەن قائىدە-تۈزۈملەرنى سەركەردىگە ئۆتكۈزۈۋىتىپ گېلىنى قىرىپ قويۇپ تۇرۇپ ئەزالارغا تىكىلدى:
-قارىسام ماڭا تونۇش،ئۆز ئارا ناتۇنۇش بولغان نۇرغۇن كونا-يېڭى ئەزالار يىغىلىپتۇ.شۇڭا ئالدى بىلەن"ئەلكۈيىدىكىلەر يىغىلىشى"دا ۋە"قۇرۇلتاي يوقلىمىسىدا "تىلغا ئېلىنىپ باشقىلارغا تونۇش بولۇپ بولغان ئەزالار تۇرۇپ تۇرۇپ باشقىلار تېمىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان،تونۇشۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان ئەزالار ئۆزىنى تونۇشتۇرغاچ يوقلىمىدىن ئۆتسۇن.تەلەپ شۇكى مۇنبەر قايناقلىقى ئۈچۈن قاپىيە بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇدۇ!!
_نىمە؟_ھەممەيلەن بىردە ئۇنداق،بىردە مۇنداق،بىردە كەسكىن،بىردە خۇشخۇي بۇ باشلىقنىڭ بۈگۈن قاپىيەگە ئىلھاملىنىپ قالغانلىقىدىن كۇسۇلدىشىپ تۇرغاندا بىرسى "لىككىدە"ئورنىدىن تۇرۇپ،گۇس-گۇس دەسسىگىنىچە سەيناغا چىقىپ "رەھمەت باشلىق"دەپ ئىگىلىپ بىر تازىم قىلىۋەتتى-دە ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى:
مەن بىر دىھقان،ئەزىزانە قەشقەردىن چىققان،
خۇش پېئىلمەن ئۇقۇرۇمنى قىلمايمەن ئىگىز.
خاتالىق ھەم ئازغۇنلارغا سانجىپ تۇرۇشقا،
قويۇۋالدىم مەۋھۇملۇقتا ئىسمىمنى بىگىز.
گۇلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭراپ كەتتى.تۇمار ئىككىمىز بېشىمىزنى بىر يەرگە قىلىپ"ھىي مۇشۇ ئۈمىدۋارنىڭ كاللىسى ئاتتەك ئىشلەيدۇ ھە!قارا..قاپىيە بىلەن تونۇشتۇرۇشقا ئىلھاملىنىپ سەپراس بولغانلارنى "دەپ تۇراتتۇق، بىر نازۇك قىز چىقىپ بىر تازىم قىلىۋىتىپ باشلىدى:
ئايالىمنىڭ قىز سۆيگۈنى ھەسرەتتە قويۇپ،
مەنمۇ كەتتىم"مۇھەببەتنىڭ ئارمانى"دىن كېچىپ.
ئەلكۈيىگە مىھرى بارتى ئەسلى يۇسراننىڭ،
نە ئۈچۈنكىن يەنە كەتتىم يىراققا قېچىپ.
"ۋاھ..ئاتتەك شاشمىكىن دىسەك ھەجەپ مۇڭلۇق قىزكەن بۇ"دىدى ئاپپاق ئاي پىچىرلاپ..
ئەزالار بىرىنىڭ-كەينىدىن بىرى چىقىپ مۇنبەر راستىنلا قىزغىنلىققا چۆمۈپ كەتتى.
ئەزالارغا قىلغاندا چاخچاق،
يانداش بولسا دەيمەن مۇزىكا.
ئەلكۈيىنىڭ كونا ئەزاسى،
ئىسمىم ئىدى ئەسلى لېرىكا."
-ۋاھ قاراڭلار..ئەلكۈيىدىكى قەلەمكەشلەرگە ئەزالارغا تولىمۇ ئېسىل شېرىي چاقچاق سۇنىدىغان لېرىكا يوقاپ كەتكەن.ئۇمۇ قايتىپ كەپتۇ مانا -دىدىم كۇسۇلداپ .ئاپپاق ئاي بىلەن تۇمار "شۇ،شۇ"دىيىشىپ بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ قاراپ كەتتى.بىز ئۈمىدۋارنىڭ كۇسۇلداشقانلىغىمىزغا قاراپ ئالىيىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ دەرھال "ۋات-ۋات"ئېغىزىمىزنى ئەتتۇق-دە كەينىدىكىلەرنى گەپ قىلماي ئاڭلاشقا باشلىدۇق.
ھەر سۆزۈمدىن پارلاپ تۇرار كىتابىي نۇرلار،
چوڭقۇر مەنا ،پىكىرلىرىم تېمامدا ئېقىم.
ئېسىل ئەجداد خىسلىتىنى ئوغلۇم بابۇر شاھ،
تونۇتسىكەن بارچە ئەلگە دەيدىغۇ توتېم.
......................................................
"مەن بەختىڭنى تىلەپ تۇرۇمەن"
ۋىسالسىز سۆيگۈدە بولماستىن سەبداش.
"ئېرىڭىزنى ئورۇنسىز كۈنلىمەڭ"نى دەپ،
"مۇھەببەت تەبىرى"يازىدۇ بەرداش.
.....................................................
"گۇناھكار قەلب"تە مۇڭلىنىپ يۈرۈپ،
ئەسلىگە قايتمىدى كۆڭۈل ئارامىم.
شاتلىنىپ بىر مەرتە كۈلەلمىدىم ھىچ،
ئىسمىم بەك تونۇشلۇق شۇ بىغۇبارىم.
.................................................
"خالىدە ھەدەمگە سوۋغات"تەيارلاپ،
مەن يولدا ئۇچراتتىم"ئاھ تۇرسۇنگۈل"نى.
مەن گۈلدار تەرجىمە قىلغاچ ھىكايە،
پىرۇزا يازسىكەن دەيمەن بەرگىيەنى.
................................................
ھەۋەس قىلغاچ "بىر جۈپ ئەتىرگۈلگە"
يازدىم "پىنھان خەتتىن ئارىيە".
"ئاكا بولدى كۆزۈڭنى ياشلىما"،
دەپ نىدا قىلىدۇ بۇندا رەسىمە.
...............................................
مىھمانخانا ئىزدەپ يۈرگەندە،
"ئىشرەتخانىدىكى ئىشلار"نى كۆردۈم.
مەن مەپتۇن قولۇمغا قەلەمنى ئېلىپ،
ئەلكۈيى ئەھلىگە ھىكايە سۇندۇم.
...............................................
ئەلكۈيىگە قەدەم ئېلىپلا،
"ئاچچىق ئەسلىمە"قوينىدا قالغان.
ئاخىرى چىقمىدى بولغاچ ئالدىراش،
خېجىلمەن ئادىلجان سادىق چوغلان.
...............................................
ئەلكۈيى ئەدىبىيات قوينىدا بەلكىم،
ئاشكارە بولغاندۇ ئىچكى سىرلىرىم.
"ساماغا باققانلار ئوكسىگىن قويماي"
نەپەستە ھالسىرار ئۇھ تىنىقلىرىم.
"نۇزۇك يىغلىسا سادىر تىللايدۇ"
چىداپ بولالماي سۇندۇم نەزمىنى.
مەۋھۇمدە قويمىدىم غەيرى تەخەللۇس،
ئۆز ئىسمىم ھۈسەنجان روزى قىرانى.
................................................
"مۆھلەت ئىچىدىكى مۇھەببەت "ئىچرە،
ئەتىرگۈل ئېچىلماي توزىدى ۋاقىتسىز.
ھىكايەم تىم-تاسلا ئۈزۈلۈپ قالغاچ،
خىجالەت بولماقتا پېقىر سەنسىز.
................................................
"ئىپپەت قىساسى "تۇتقاندا بەلكى،
ئەلۋىدا دىيەلمەي يۇمۇلار جۈپ كۆز.
قىساسچۈن بىلەيدۇ قەلەمنى ھەردەم،
ئىپپەت ئۇ گۆھەر دەپ تونۇغان دىلرۇز.
..................................................
ئەلكۈيى ئەدىبى ئەسەر قوينىدا،
مەن يازدىم بىر تارىخ ياشلارغا ئاتاپ.
ھەر ياندا بەس-بەستە گۈللەر تۇرسىمۇ،
چىمەن سۆيىدۇ پەقەتلا"مامكاپ".
.................................................
"قەدرىيە كېلىدۇ"دىگىلى نېكەم،
گۈدۈكنى چالدىغۇ پويىز توختىماي.
"قالدۇرۇلغان خەتلەر"قوينىدا،
سىڭلىسىنى ئىزدەيدۇ مىسكىن ئۇيغۇرئاي.
....................................................
يارغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغاندا،
"سۆيەلمەيمەن"دىمىسىلا مەيلى.
كۆڭۈل سۆزىنى قۇرلارغا پۈتۈپ،
ئەلكۈيى ئەھلىگە سۇنىدۇ قەھرى.
...................................................
"كۇنۇپكا تاختا يۈزىدە مۇھەببەت"
خىيالچان بۇ قىزغا ئېپ كەلدى شامال.
نەفىسە مۇراتتىن ئازار يىگەندە،
ئىچ ئاغرىق تارىتتىغۇ پېقىر گۈلجامال.
.................................................
ۋاھ مانا ئەلكۈيى مۇنبىرىگە كىرىپ،
زەپ شاتلىق ھىس قىلدىم تۇققانلار قاراڭ.
مەن ئەسلى دىيارىم مۇنبىرىدە ئۆتكەن،
ئەلكۈيى مېھمىنى بولىمەن ئارشاڭ.
................................................
ئانا تىلنى بىلمىگەنگە ئانا سۈتى ھارام بولار،
مەن قىلىمەن ئۇلۇغ سۆزنى ھوجرام تېمىغا شۇئار.
بىلوگۇمغا ئېسىل ئەسەر،ھېكمەتلەرنى توپلايمەن،
چۈنكى يۈرەك لاۋۇلدايدۇ توۋلاپ پەنگە يار.
....................................................
مەنمۇ شۇنداق بىر ھەۋەسكار،
ئىسمىم مېنىڭ ئۇيغۇر تېكىن.
بىلوگۇمغا كىرىپ كۆرۈڭ،
كۆپ يانفۇنلار تىزىق لېكىن.
.........................................
ئەسىلى ئىسمىم تۇرنىسا رەھىم،
ئاينۇرى دەپ ئاتاڭ مەۋھۇمدە،
شېئىر يېزىشتا ئۈزۈپ چىقىمەن،
ئىلھام ئالىمەن جەمىيەت كۆزنەكتە.
.............................................
"ئەلكۈيىدىكىلەر تونۇشۇۋالساق"
دىمەڭ ھەرگىزمۇ نىمە ئىش ۋاي-ۋۇي.
قېرىنداشلارچە ياشايلى دەيدۇ،
مۇنبەرگە ئىشتىياق باغلىغان خۇشخۇي.
.................................................
"ئىككى تورداشنىڭ توي قىلىشى"دەپ
بىلمىدىم كىملەرنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتتىم.
مەندىن سىلەرگە ئىگىلىپ سالام،
سۆزمەن بولغاچقا يۇمۇر قاتقانتىم.
...............................................
"زۇلپىقارنىڭ ئىزھارى"دەپلا ئىسمىمنى،
ئاشكارە قىلدىمغۇ قاراڭ دوستلىرىم.
بەس-بەستە شېئىر-قوشاق يوللاپتۇ ماڭا،
قېرىنداش بولغاچقا مۇنبەرداشلىرىم.
.............................................
ئەسلى ئىسمىم "يىگانە پەرىشتە"
ئەمدى بولدى قاراڭ سەكىنە.
شۇئارىم شۇ ئەلكۈيىدە بىللە،
مىھىر بىلەن كۈلۈپ يۈرگىنە.
........................................
ۋاھ...قاپىيەنىڭ ھاياجىنى قالتىس بولدى..مۇختەرباي باشلىقىمىز ئۈمىدۋارنىڭ باياقى گېپىنى ئۇنتۇپ سەكرەپلا ئوتتۇرىغا چۈشتى:
"سىر بولۇپلا قالسۇن مەندە مۇھەببەت"
ئاقارمىسۇن بولدى قۇشناچ چاچلىرى.
تاققا-تۇققا پاراڭلارنى سۈڭگۈتۈپ،
كۈلىدىكەن "مۇختەرباينىڭ قوشاقلىرى".
...............................................
ياغلىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن چېچىنى ھەۋەس بىلەن ئىككى مۈڭگۈز قىلىپ بايراملىق بوغۇۋالغانلىقى چىقىپ تۇرغان مەلەك سەكرەپ تاقلاپ تۇرۇپ مۇختەرباينىڭ كەينىدىن سەھنىگە چىقتى:
كىچىك مەلەك ئەمەسمەن..
ئەمدى بۇلماق يىمەيمەن..
بىراق ئاكا ھەدەشلەر....
بايرام مۇبارەك دىمىسە..
ئاچا ئاداش بولمايمەن...ئاكا ئاداش بولمايمەن.
مەلەكنىڭ قوشىقى ھەممىنى قاتتىق كۈلدۈرىۋەتتى.
"ھوي قىز..نىمە بولدى سىزگە"بىرسىنىڭ قاتتىق تۈرتىشىدىن چۆچۈپ قوپسام ئاپلا..بۈگۈن بالىلار بايرىمىلىق يازغان تېمامنىمۇ يوللىماي ئۇخلاپ قېتىپ كېتىپتىمەن.تېلېفۇنۇمنى ئاچسام مەلەكنىڭ باياقى قوشاقلىق ئۇچۇرى تۇرىدۇ..."ھەي..قاپىيەلىك مۇنبەر يىغىلىشىنىڭ ئاخىرى قانداق بولغىيتىكىنە"دەپ ھەسرەت چەككىنىمچەچۈشەكەشتىكى ئاۋازلىق كۈلكەمدىن قورقۇپ مېنى ئويغىتىۋەتكەن ئاپامغا نارازى بولدۇم.
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : + 80
باھا خاتىرىسى
|