كۆرۈش: 7697|ئىنكاس: 10

مەڭگۈ ئىككى خىل پۇرسىتىڭىز بار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
40211
يازما
22
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 12:32:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە بەك ئاددى، ئەگەر سىز مۇشۇ تاپتا مەلۇم باش ئاغرىقىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان بولسىڭىز ياكى مەلۇم بىر تاللاش ئۈستىدە ئارىسالدى بولىۋاتقان بولسىڭىز… سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى بۇ ھېكايىنى بىرقېتىم ئوقۇپ چىقىڭ. خۇددى دالاي لاما ئېيتقاندەك : «ھەل قىلغىلى بولدىغان ئىشقا، ئەنسىرەش كەتمەيدۇ؛ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشتا ئەنسىرەشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.»،  پېقىر ۋەتەنجانمۇ ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاش كېرەك دېگەننى تەكىتلەپ تۇرىدۇ. بۈگۈن بىرخەنچە بىلوگىدىن بۇ ھېكايىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، مېنىڭچە بۇ ھېكايىدىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە، شۇ تاپتا سىز دۇچ كەلگەن ئەشۇ مەسىلىلەرگە باشقا بىر نۇقتىدىن قاراپ بېرىشىڭىزغا تۈرتكە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇرۇن بىر يىگىت بار بولۇپ، يېشى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش باسقۇچىغا يەتكەنلىكى سەۋەبلىك، ئەسكەرلىككە تىزىملىتىشقا  چاقىرىتىلىپتۇ ۋە ئەڭ جاپالىق بولغان- دېڭىزئارمىيىسنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىغا تاللىنىپتۇ.
قىسىمغا چاقىرىشتىن ئاۋالقى كۈنلەردە، يىگىت كۈن بويى ئېغىر غەمدە يۈرۈيدىغان، گېلىدىن تاماقمۇ ئۆتمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.
يىگىتنىڭ بىر پاراسەتلىك بوۋىسى بار بولۇپ، ئۇ بۇكۈنلەردە نەۋرىسىنىڭ بۇھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى بايقاپ، ئۇنى ئالدىغا چاقىرتىپ مۇنداق ئېيتىپتۇ:

- ھەي بالام، ھېچقانداق ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق. دېڭىزئارمىيىسنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىدا جەڭچى بولساڭ، ئىككى خىل پۇرسىتىڭ بار. بىر بولسا ئىچكى قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەيسەن، بىر بولسا سىرتتا ۋەزىپە ئۆتەيسەن. ناۋادا ئىچكى قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتىسەڭ ھېچقانداق ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق.
بۇگەپنى ئاڭلىغان يىگىت ئالدىراش سوراپتۇ:

- ئەگەر، سىرتتا ۋەزىپە ئۆتەشكە تەقسىملىنىپ قالسامچۇ؟
-ئۇنداقتا سىنىڭ يەنە ئىككى خىل پۇرسىتىڭ بار، بىر بولسا مۇشۇ ئارالغا تەقسىملىىنىسەن، ياكى بولمىسا باشقا بىر ئارالغا تەقسىملىنىسەن. ناۋادا بۇ ئارالدا ۋەزىپە ئۆتەشكە تەقسىملىنىپ قالساڭ نېمىدىن ئەنسىرەيتتىڭ.

- ئەگەر..باشقا بىر ئارالغا تەقسىملىنىپ قالسامچۇ؟
- ئەلۋەتتە يەنىلا ئىككى خىل پۇرسىتىڭ بار. بىر بولسا ئارقا سەپكە تەقسىملىنىسەن، ياكى ئالدىنقى سەپكە تەقسىملىنىسەن. ناۋادا ئارقا سەپكە تەقسىملەنسەڭ، بەكلا ئازادە بولۇپ قالىسەن.

يىگىت سوئالىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:

- ھىم… ناۋادا…….ئالدىنقى سەپكە تەقسىملىنىپ قالسام………؟

- ئەنسىرىمە، بۇنىڭدىمۇ ئىككى خىل پۇرسىتىڭ بار. بىربولسا بازىدا تۇرۇشلۇق قوغداش ئەترىتىدە بولۇپ، تىنچ -ئامان سەپتىن چېكىنىسەن، بىر بولسا ئۇرۇشقا چىقىسەن، سىنى كۈتۈلمىگەن خەۋپلەر ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ. قوغدىغۇچى ئەسكەر بولۇپ، تىنىچ-ئامان قايتساڭ، يەنە نېمە ئەنسىرەش؟

- ئەگەر كۈتۈلمىگەن خېيىم-خەتەرگە يولۇقۇپ قالسامچۇ؟- بۇگەپنى دەۋاتقاندا يىگىتنىڭ چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ.

-ئۇنداقتا سىنىڭ يەنىلا ئىككى خىل پۇرسىتىڭ بار- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بوۋاي ئېغىر-بېسىق تەلەپپۇزدا- بىر بولسا يېنىك يارىلىنىسەندە ئارالغا داۋالىنىشقا قايتۇرۇلىسەن، يەنە بىر بولسا ئىغىريارىلىنىسەن، بەلكىم داۋالاش ئۈنۈم بەرمەسلىكىمۇ مۇمكىن. ئەگەر يېنىك يارىلىنىپ قالساڭ، ئارالغا قايتىپ داۋالىنىسەن، يەنە نېمە قورقۇش.

بۇگەپنى ئاڭلىغان يىگىتنى قاتتىق سۈر بېسىپتۇ، ۋە يۇقىرى ئەھم تىترەڭگۈ ئاۋازدا سوراپتۇ:

-ئۇنداقتا…………….ئىك….كىنچى..خىل ئاقىۋەتكە يولۇقۇپ قالسام…….چۇ؟
بۇ ۋاقىتتا بوۋاي قاھ-قاھلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ.
- ناۋادا ئۇ پۇرسەتكە ئېرىشسەڭ ئۆلىسەن شۇ، يەنە نېمىدىن ئەنسىرەتتىڭ؟!
………….
يەنىلا شۇ كونا گەپنى تەكرارلايمىز، ھاياتتا ئىشلارنىڭ قانداق بولۇشى، بىزنىڭ پوزىتسىيىمىزگە باغلىق. مەسىلىلەرگە توغرا يۈزلەنسەك ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئىمكانىيىتىنى بايقىيالايمىز. ھەممە ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، بەلكىم ئۇنىڭدىن كۆپ بولىشىمۇ مۇمكىن. ئىسىمگە يەنە بىركىلاسسىك گەپ كېلىپ قالدى: ئەگەر كۆڭلىزدىكى ئەشۇ قورقۇنچنى تارمار قىلىۋەتسىڭىزلا، سىزئويلاپ باقمىغان پۇرسەت ئىشىكلىرى ئۆزلىكىدىن ئېچىلىدۇ.
p.s ئۇنتۇپ قالماڭ، سىزنىڭمۇ ئىككى خىل پۇرسىتىڭىزبار.

ۋەتەنجاننىڭ بلوگى : http://weten.me

UID
34340
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-10
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 15:00:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك ئەنسىرىگۈدەك ، قورۇققۇدەك ئىش يوق.... ئۈلۈمگىمۇ خاتىرجەم يۈزلىنىش كىرەك...

UID
42714
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 15:02:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ئادەمنى ئويلاندۇردىكەن ، مەن ئالدىرماي ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلانسام بولغۇدەك ....
مىنىڭ كاللام شۇ تاپ سۇئال دېڭىزىنىڭ ئۆزى .... بەزى ئىشلارغا كاللام قېتىپ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالماي يۈرگەنتىم .... قارىغاندا بۇ تىمىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرىشىىدىغان ئوخشايمەن .... رەخەتم سىزگە ۋەتەنجان ....

UID
42707
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 16:29:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك بىزگە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئىككى خىل پۇرسەت بار. گەپ بىزنىڭ شۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشىمىزدە، قانداق مۇئامىلە قلىشىمىزدا...........

ئۈمىدلىك ئەزا

http://cn.nordfx.com/?id=83579

UID
3367
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
267
تىزىملاتقان
2010-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-5
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 18:53:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى خىل تاللاش ئۈلۈم، بەك ئەپسۇس!

UID
39588
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2012-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 09:58:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم رەخمەت سىزگە .............

لىكىن ئادەم ھەر ۋاقىت ھەر زامان چۇقۇم ئۈلۈمگە تەييارلىق قىلىپ قۇيۇشى كېرەك .چۈنكى بىزنىڭ جېنىمىزنى قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ قاچان ئالدىغانلىقىنى بىلمەيمىزدە.

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم :ئىنكاس يازغان ۋاقىتتا چۇقۇم خەتچىلەپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.   نىمىنى بىلدۈردۇ سۇئال بەلگىسى ۋە قونچاقلار ........دەپ بېقىڭلارچۇ؟ ئاشۇنداق ئىنكاس يازغانلار............

UID
16850
يازما
192
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
646
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-20
توردا
133 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 13:24:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا مەسىلىلەرگە مۇشۇنداق پۇزىتسىيە بىلەن يۈزلەنسەك بولىدۇ. بىز دائىم دەيمىزغۇ، بىرنىڭ ئىككىگە بولۈنىشى بۇيىچە مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك دەپ. مەسىلىنىڭ ياخشى-يامان تەرىپى تەڭلا مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا، ئاۋال مەسىلىنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلىشىمىز كېرەك. مەسىلىنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلاپ، قىلماقچى بولغان ئىشتىن ۋازكەچكىنىمىزدىن كۆرە، ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ تەۋەككۇل قىلىشىمىز كېرەك، مۇشۇ جەرياندا تەجرىبە-ساۋاق ئارقىلىق تېخىمۇ پىشىپ يىتىلىپ يەنىمۇ  پاراسەتلىك بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

UID
43369
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 19:22:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
soldat يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 18:53
ئىككىنچى خىل تاللاش ئۈلۈم، بەك ئەپسۇس!

ئۆلۈم پەقەت دۇنيا مۇشۇ دەپ قارايدىغانلار ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغان ۋە قىلىۋاتغانلار ئۈچۇن  ئەپسۇسلۇق ئىش~!ئەمما ھەق دەرگاھىدا ،ئۇنىڭ مۇكەممەل ئىنىقلىمىسى بار ، ئۇ بولسىمۇ تاسادىبىي ئۆلۈم _مۆئمىنگە رەھمەت ، كافىر-مۇناپىققا ھەسرەت ۋە نادامەتتۇر !

باھا سۆز

soldat  ئەجەل يەتسە ئاللاھقا رەھمەت، ئۆز ئۈلۈمىنى ئۆزى تاللىۋېلىش كاپىر مۇناپىقن  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 10:23:09

UID
43369
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 19:36:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز ،سىزنىڭ 2 خىل تاللاش پۇرسىتىڭىز با ر ، ھەممىمىزنىڭ بار ، ئەمما مەڭگۈلۈك ئەمەس ،پەقەت ۋاقىتلىقلا ! يەنى تاكى ئەجەل يەتكىچە ! توغرا يولدا مېڭىش ياكى ئۇنى تەرك ئېتىش بىلەن ئىككىدىن بىرنى تاللايسىز ~! مەيلى قايسىنى تاللىماڭ ، كەلگۈسىدە تاللىغاننىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسىز ، ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدىكىلەردىن قىلسۇن !

UID
43369
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 16:35:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
soldat يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 18:53
ئىككىنچى خىل تاللاش ئۈلۈم، بەك ئەپسۇس!

بۇ يەردە ئۇقۇشماسلىق باردەك ھىس قىلدىم ، قارىغاندا بىر بىرىمىزنىڭ سۆزىنى ئاڭقىرالمىغان ئوخشايمىز . ئۆزىڭىزنىڭ گىپىنى چۈشەندۈرۈشنى ئۆزىڭىزگە قالدۇراي ، ئازراق سۆزۈمگە ئزاھات بىرىشىم كېرەكلىكىنى بىلدىم . ئەگەر ، ئىخلاسمەن مۇسۇلمان بولسىڭىز ، مەن بۇ گەپنى دېمىگەن بولاي ، مەن پەقەت ۋە پەقەت ئەسكەرتىش يۈزىسىدىنلا ئيتتىلغان سۆزلەرنىڭ ھەرخىل پىتنىگە سەۋەب بولۇپ ، ئىناقسىزلىق ئۇرۇقى چىچىشنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش