- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 128
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 128
- تىزىملاتقان
- 2012-6-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-4
- UID
- 41858
- يازما
- 128
- تېما
- 21
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 128
- تىزىملاتقان
- 2012-6-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-4
- توردا
- 55 سائەت
|
« تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» فىلىمى توغرىسىدا
بۇ فىلىمنىڭ سىنارىستى-جاڭ بىڭ، رىژىسۇرى-شىرزات ياقۇپ، ئاساسلىق روللارنى ئارزىگۈل رىشىت، مىرادىل ئابلىمىت، خۇرشىدە تۇردى، مىھرىگۈل ئەمەت قاتارلىقلار ئالغان. بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ئىشلىگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقىغا سوۋغا قىلىنغان فىلىملەرنىڭ بىرى. فىلىمنىڭ سىنارىيىسى پۈتۈن جوڭگۇدىكى 200غا يېقىن كىنو سىنارىيىسى ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان سىنارىيە بولۇپ، جوڭگۇ كىنوچىلىقىنىڭ 100يىللىق سىنارىيىلەر توپلىمى پائالىيىتىدە 2-دەرجىلىك شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇڭلاشقا 2005-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نوختىلىق مەبلەغ سېلىنىدىغان كىنولار تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. كىنونىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش مەبلىغى 50 مىڭ يۈەن، فىلىمنىڭ ئىجادىيەتچىسى،رىژىسۇر،ئارتىس قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئارتىستلار بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى تىما قىلىنغان مۇنەۋۋەر فىلىم. بۇ فىلىمنىڭ ئاساسلىق تىمىسى-بايان قىلىنىش ئۇسۇلى ۋە مۇزىكا ئۇسلۇبى قاتارلىقلار شىنجاڭ پۇرىقىغا ئىگە بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرلار كىنوسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ئاچقان. بۇ فىلىمنىڭ مەيدانغا كېلىشى 50نەچچە يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭ كىنوچىلىق تەرەققىيات تارىخىدىكى موھىم نەتىجە بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئۇيغۇرلار تىمىسىدىكى نادىر فىلىم. بۇ فىلىمدە ئىككى يىپ ئۇچى بار. بىرى ئايال باش پىرسۇناژ -ئانارخان ۋە ئۇنىڭ دادىسى -خالىق تاغىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قارىشىدىكى توقۇنۇش. يەنە بىر يىپ ئۇچى-خالىق تاغا ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرى ئاجىرشىپ كەتكەن ئايالى ئوتتۇرسىدىكى ھىسسىيات مەسىلسى.ئانارخان بولسا زامانىۋى مودا بولغان بىر ئۇيغۇر قىزى. ئۇ بىر ساياھەت ئىدارىسىدا يول باشلىغۇچىلىق خىزمىتىنى قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىغا غايە بىلەن قارايدۇ. ئۇنىڭ دادىسى خالىق تاغا ئىلگىرى كەنت باشلىقلىق خىزمىتىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ مۇتەسسىپ تۇرمۇش قارىشى بولۇپ، قىزىنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى چۈشەنمەيدۇ. ئەنئەنىۋىي ئەدەپ-ئەخلاق تەلىپى بويىچە قىزىنى بالدۇرراق ياتلىق قىلىپ، بالىلىق بولۇپ، ئائىلە ئايالى بولىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بالا ئوتتۇرسىدا ساقلانغىنى بولمايدىغان جاھىللىق ۋە توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خالىق تاغا قىزىنىڭ نىكاھ ئىشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئايالى ئارىسىدىكى مىھرى-مۇھەببەتكىمۇ يۈزلىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ.
«تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» فىلىمى «تۇرپاندا ئۈزۈم پىشتى»،«ئوغاق شەكىللىك يېرىم ئاي چىقتى» ،«ئالمىخان» قاتارلىق بۆلەكلەرگە بۆلىنىدۇ.
بۇ فىلىمدىكى خەلق ناخشىللىرى كىشىلەرگە خوشاللىق ۋە كۈچلۈك دەۋىر رىتىمىنى بىغىشلايدۇ. بىراق بۇ فىلىم ئاسىي تىما،بايان، ئوبراز ۋە مۇزىكا ئەندىزىسى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئەنئەنىۋىي كىنو فىلىملەر بىلەن رۇشەن پەرىقلىنىدۇ. فىلىمدە ئۆتمۈشتىكى ئاز سانلىق مىللەت فىلىملىرىگە ئوخشاش مىللىي ئازاتلىق ۋە سىنىپىي كۆرەش تەكرارلانمىغان ھەم ئالغا ئىلگىرلەش ۋە قالاق ئىدىيە ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشمۇ يوق. بەلكى ئاشۇ سۈرەتكە ئېلىش ماشىنىسى شىنجاڭنىڭ چىگرا رايۇنلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كىشىللىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئەنئەنىۋىي نىكاھ، ئائىلىنىڭ جەمىيەتتىكى ھازىرقى دەۋىر ئالدىدا دۇچ كىلىۋاتقان يېڭىچە يۈزلىنىشىگە توغۇرلانغان.ئومۇمەن بۇ فىلىم ماھىرلىق بىلەن تۇرپاندىكى ئىككى ئائىلە خەلقىنىڭ ئاددى تۇرمۇش ئاستىدىكى ئاددىي بولمىغان مۇرەككەپ ھىسسىيات تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسىنى بايان قىلىدۇ ھەمدە شىنجاڭدىكى نادىر تۆت ناخشىنى فىلىمگە قىستۇرۇش ئارقىلىق مۇھەببەت ھىكايىسىنى ناخشا ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. فىلىمدىكى گۈزەل مەنزىرە كۆرنۈشلىرى يومۇرلۇق سەھنە سۆزى، تەسىرلىك مۇزىكا ۋە جانلىق ھىسسىيات بىرلەشتۈرىلىپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىك ھەم شىنجاڭچە ئۇسلۇپنى ئىپادىلىگەن.
تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى
تېلىفۇن:13779894333
13657507536
بۇنى كۆرۈشكە ھەۋەس قىلغان . تورداشلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ، تېلفۇن ئارقىلىق ، ئالاقىلشىپ يەتكۈزۈپ بىرىمىز .
|
|