بالىلىرىم
قۇربان ئابلىمىت
سۆيۈش
يارىتىدۇ ئادىمىيلىكنى.
قىزىم گۈل كۆتۈرۈپ كىرىدۇ،
ئوغلۇم نۇر ئېلىپ كېلىدۇ،
ئايالىم جېنىمنى سۇغۇرىدۇ،
كۆزلىرىم كۈلىدۇ.
ئوماق بالىلىرىم
قۇچىقىمدا ئولتۇرۇپ،
قۇياش-ئاينى ئوينايدۇ؛
چۆچەك ئىچىگە كىرگەندە.
«ئۇچار گېلەم»،«ياغاچ ئات» نى كۆرگەندە،
قانات چىقىرىپ ئۇچىدۇ.
يېغلايدۇ قىزىم
قونچىقىغا نان يىگۈزەلمەي.
ئوغلۇم ئاۋارە بولىدۇ،
ئۇيۇنچۇق تاپانچىسىدا
مۈشۈكىگە ئوق تەككۈزەلمەي.
بالىلىرىمغا قاراپ خىيالچان،
ئەسلەپ قالىمەن بالىلىقىمنى.
شېئىرلىرىم ئىچىدىن چىقىپ
قۇچاقلايمەن رېئاللىقىمنى.
|