| 
 
 بالىلار،بالىلىق سىلەرنىڭ ،بالىلىقتىن ھۇزۇرلىنىڭلار!  
 
 
 شاھزادىمەن جىم تۇرماس 
 
 سەيپىدىن ئەزىز 
    
 (بالىلار شېئىرى)  
    
 قۇياش سىزسام دەپتىرىم  
 كۆيۈپ كېتىدۇ ،  
 ئاسمان سىزسام يامغۇرلار  
 يېغىپ كېتىدۇ .  
 سىزىپ قويسام باھارنى  
 قارلىغاچ بىلەن ،  
 «سەن قارلىغاچ »دەپ ئاپام  
 سۆيۈپ كېتىدۇ.  
    
    
 بېلىق تۇتتۇم ئېرىققا  
 قاماقنى تاشلاپ ،  
 كۇرۇك تۇخام يەپ كەتتى  
 چۈجىسىنى باشلاپ.  
 بىرەي دىسەم ئاسلانغا  
 تۇتقان بېلىقتىن ،  
 قوغلاپ كەتتى ھۈرپىيىپ  
 قاچتىم پاتراقلاپ .  
    
 چاشقان كۈتەر ئاسلىنىم  
 كامار تۈۋىدە ،  
 يۈزىن يۇيۇپ ھەر سەھەر  
 تۇخۇ سۈيىدە.  
 چاشقىنەكلەر ھىيلىگەر  
 چىقماس ئۆيىدىن ،  
 ئۇخلاپ كېتەر مۈشۈكۈم  
 مەشنىڭ تۈۋىدە.  
    
 توغرا تامنى ئات قىلىپ  
 مىنىپ ئۇينايمەن ،  
 سۈپۈرگىنى دۇتاردەك  
 چېلىپ ئۇينايمەن .  
 سۇ كەلمىسە ئېرىققا  
 دوستلىرىم بىلەن،  
 «لۆم-لۆم پاتقاق،لۆم-لۆم »دەپ  
 پاتقاق بويلايمەن.  
    
 شاھزادىمەن ئۆيۈمدە  
 ئىسمىم جىم تۇرماس،  
 ئىسمىم ئەمەس پۇت-قولۇم  
 سەزگۈم جىم تۇرماس.  
 قۇشقاچ يىللىق دەر ئاپام  
 قۇشتەك سايرايمەن،  
 بىزنىڭ ئۆيدىن ھەر دائىم  
 شادلىق ئۇزىماس.  
  |