- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14
- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-20
- UID
- 42346
- يازما
- 14
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14
- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-20
- توردا
- 8 سائەت
|
مەككە خاتىرىسى (1-قىسىم)
ئايرۇپىلاندىن چۈشكىنىمدە، بۇ يەرنىڭ تونۇردەك ئىسسىقىغا قانداقمۇ چىدارمەن دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن. ئادەم دېگەن نېمىگە كۆنمەيدۇ؟ مانا بۇ جايغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم.
ئابدۇلقادىر ھاجىم ماشىنىسى بىلەن بىزنى ئالغىلى كەلدى. بىز جىددى شەھرىدىن مۇبارەك مەككە شەھرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. پىژغىرىم ئىسسىقتا ماشىنا قىززىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ماي قاچىلاش پوبكىتىدا ماشىنا توختاتتۇق. ئۇ چاغدا مەن ماشىنىدا ئۇخلاپ قالغان ئىكەنمەن. ئابدۇلقادىر ھاجىمنىڭ شوپۇرى ئەنسارى ئەرەب تىلىدا «قوپ، ماي قاچىلاش پونكىتىغا كەلدۇق، بىردەمدىن كىيىن ماشىنىغا چىق.» دېدى. مەن ئەرەبچە بىلمەيتىم. شۇڭا ئانا تىلىمدا ئۇيغۇرچىلا : «ھوي قانداق بىر نېمە ماۋۇ، ئادەمنى بكارغا ئويغىتىۋىتىپ»دېدىم. دادام كۈلۈپ كېتىپ ماڭا: «بالام، بۇ يەر ئۈرۈمچى ئەمەس» دېدى. شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ ئانا يۇرتۇمدا ئەمەس بەلكى، مەككە شەھرىدە ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
بىز چوڭ بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىچىدىكى ئابدۇلقادىر ھاجىمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. ئابدۇلقادىر ھاجىمنىڭ ئايالى ئامىنە خېنىم ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھەم ئەرەبنىڭ سەۋزىسىز، قوي گۆشىسىز، قۇرۇق توخۇ بېسىلغان پولوسىنى قويدى. مېنىڭ گەرچە يېگىم بولمىسىمۇ، قورساقنىڭ ئاچقانلىقىدىن زورلاپ تۇرۇپ يېدىم.
«ھەي ، بۇيەردە قانداق تۇرارمەن،تېخى مەكتەپتە ئوقۇيدىكەنمەنمىش، يا ئەرەبچە بىلمىسەم ،قانداقمۇ مەكتەپتە ئوقۇيالايمەن». مۇشۇنداق خىياللار بىلەن ئانا يۇرتۇمنى ئويلاپ ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ تۇيماپتىمەن.
مانا، ھەش-پەش دېگۈچە 1 ئاي ئۆتۈپ كەتتى. دادام راستتىنلا مېنى مەكتەپكە بەردى. بىز مەكتەپنىڭ ئىشىكىدىن كىرىشىمىزگىلا بىر ئەرەب قويۇق ئەرپ تىلىدا بىزگە غەلىتە گەپلەرنى قىلىدى دادام ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى . گەرچە ئۆزۈم ئەرەبچىنى بىلمەيدىغان بولساممۇ، كۆڭلۈمدە شۇنى ئويلىدىمكى بۇ مەكتەپنىڭ ھارىسى (ئەرەبچىدە ھارىس دېگەن سۆز ئىشىك باقار دېگەن مەنىدە) ئىكەن. ئۇ بىزنى مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى ئازادە بىر ئشخانىغا باشلاپ كىردى. ئىشخانىدا ئەرەب يەكتىكى، بېشىغا ئەرەب ياغلىقى كىيىۋالغان، ئۆزىگە يارىشىملىق ساقال بۇرۇت قويىۋالغان سۈرلۈك بىر ئادەم بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.بۇ مەكتەپ مۇدىرى بولىدىكەن . مۇدىر بىر مۇئەللىمنى چاقىردى ۋە ئەرەبچە بىرنېمىلەرنى دېدى. ئۇ مۇئەللىم مەندىن: ئىسمىڭ نېمە ؟ دەپ سورىۋىدى، دادام ئالدىراپلا: ئىمران دەپ جاۋاپ بەردى. شۇنداق قىلىپ مەن بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ قالدىم. مەن بۇ يەرگە «كەلگەندە ئىسمىڭ نېمە ؟»، «يىلان» دېگەن ئىككىلا سۆزنى بىلەتتىم. بىر كۈنى مۇئەللىم مېنى يېنىغا چاقىرتىپ : ئىمران ، سەن يا دەرسكە جاۋاب بەرمەيسەن،يا تۈزۈك گەپ قىلمايسەن، سەن زادى نېمىگە ئوخشايسەن ؟ دەپتىكەن ، مەن مۇئەللىمنى يېنىدىكى يىلاننىڭ ئىسمىنى سوراۋاتىدۇ دەپ دەرھاللا:«سۇئىبان*»دەپ جاۋاپ بېرىپتىمەن. بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاپ بەرگىنىمنى تەنتەنە قىلسام يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ كۈلكىلىرى مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك خاتا جاۋاب بەرگەندەك ھېس قىلاتتىم. شۇ دەقىقىدە ئۆزۈمنىڭ ئوي-خىياللىرىمنىڭ ئارلىقىدا ئىككىلىنىپ تۇراتتىم. مۇئەللىمنىڭ زەردە بىلەن كۈلىشى مېنىڭ خاتا جاۋاب بەرگەنلىكىمدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. مانا مۇشۇنداق ئىككىلىنىش، ھودۇقۇش ئىچىدە مەكتەپتىكى بىرىنجى كۈنۈمنى ئاياغلاشتۇردۇم . مەن مەكتەپتىن چىقىپ تۇرۇشىمغا ئاپام ، دادام مېنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن ، مېنى ماشىنىغا سېلىپ قۇربانھاجىمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق.چوڭ ھويلىلىق بۇ داچا ئۆي چىرايلىق بېزەلگەن بولۇپ بىر يەرلىرى قەشقەرنىڭ پېشايۋانلىق ھويلىلىرىغا ئوخشىسا ، يەنە بەزى يەرلىرى قەشقەر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى . بىز ئۆيگە كىرىپ تاماق يېدۇق ، چوڭلار بولسا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى . مەن زېرىكىپ كېتىپ قۇربانھاجىمنىڭ ئەززام دېگەن نەۋرىسى بىلەن توپ ئوينىدۇق. ئويۇنغا تىل كەتمەيدىكەن، شۇڭا ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچىرماي ئويناپ كەتتۇق . بىردەمدىن كىيىن ئاپام –داداملار مېڭىشقا تەمشەلدى . ھەي ، ئويۇندىن مېھرىمنى ئۈزەلمەي قىيالمىغىنىمچە ئەرەب دوستۇم بىلەن ئەززام
بىلەن خوشلاشتىم . بىز ئۆيگە كەلدۇق . دادام يەنە كونا ئادىتى بويىچە شېئىر يېزىشنى باشلىدى . مەن كارىۋاتقا چىقىپ يەنە يۇرتۇم ھەققىدىكى ئوي خىياللىرىمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردۇم ...
دېرىزىدىن سانسىزلىغان يۇلتۇزلار كۆرۈنەتتى . شۇنىسى ئېنىقكى ، ئۇلار بىزدەك مۇساپىر ئەمەس ئىدى . شۇ دەمدە يادىمغا ئۇستاز فارابىنىڭ ئۇشبۇ شېئىرى كەلدى :
چەكسىمۇ زەخمەت مۇلاقەت ، سىز تەرەپتىن تەنگە جان ،
قەلبىم سىز تەرەپكە تەلپۈنۈپ شەيدا ھامان .
|
|