- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 164
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5489
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-5
- UID
- 2132
- يازما
- 164
- تېما
- 29
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5489
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-5
- توردا
- 2 سائەت
|
كىچىك ۋاقتىمدا بالىلار ھىكايە كىتابىنى ئوقۇشقا بەك ئامراق ئىدىم ،ئاناممۇ كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا بىزگە نۇرغۇنلىغان ھىكايە ،چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى .
بۈگۈن مەن سىلەرگە شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىنى ئېيتىپ بەرگۈم كەلدى .
تۆگىنىڭ ئىنساپسىزلىقى
ئېيتىشلارغا قارىغاندا تەڭرى تۆگىنى ياراتقاندا دەسلەپ ئۇنىڭ قۇلىقىنى ئېشەكنىڭ قۇلىقىدەك ئۇزۇن ، قۇيرۇقىنى ئاتنىڭ قۇيرۇقىدەك جىق ۋە ئۇزۇن ياراتقان ئىكەن .
تۆگە كۈنلەرنىڭ بىرىدە يايلاقتا ئوتلاپ يۈرگەن تېكە ،قوچقارلارنىڭ ئۆز-ئارا ئۈسۈشۈپ ئوينىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، كۆڭلىدە ھەسەت ئوتى لاۋۇلداپ يېنىپتۇ-دە ، ئۆزىچە تەڭرىدىن رەنجىپ ،<تەڭرى ئەشۇ كىچىككىنە قوي ،ئۆچكىلەرگە بەرگەن ھەيۋەتلىك مۈڭگۈزنى ماڭا بەرگەن بولسا ، مەن قانچە قامەتلىك بولۇپ كېتەتتىم -ھە ، راستىنى ئېيتقاندا بۇ ھەيۋەتلىك مۈڭگۈزلەر مەندەك بەستلىك ، كېلىشكەن قامەت ئېگىسىدە بولۇشى كېرەك ئىدى ، مەن چوقۇم تەڭرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ،بۇ قىلغان تەڭسىزلىكىنى يۈزىگە سېلىپ ،قوي ،ئۆچكىلەردىكى مۈڭگۈزنى تارتىۋالمىسام ھېساپ ئەمەس ،چۈنكى كېلىشكەن قامەتكە يارىشىملىق مۈڭگۈز بولمىسا بولامدۇ ؟!> دەپ ئارقا -ئالدىغا قارىماي ،تەڭرىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇدە ،چالۋاقاپ :
--- ھەي ئۇلۇغ ، ھەممىنى ياراتقۇچى تەڭرىم ، سېنىڭمۇ ئادىللىقىڭنى كۆرۈپ قويدۇم ! مېنى سەن شۇنداق قامەتلىك يارىتىپ قويۇپ ، يەنە زاڭلىق قىلغاندەك نېمە ئۈچۈن ئەشۇ ۋىجىك قوي ، ئۆچكىگە بەرگەن مۈڭگۈزنى مەندىن ئايىدىڭ ؟ ماڭا نېمە ئۈچۈن بەرمىدىڭ ؟ ئۇلارغا ئۇ مۈڭگۈزلەر زادى ياراشماپتۇ . شۇڭلاشقا ئۇلاردىكى كېلىشكەن مۈڭگۈزنى ماڭا ئېلىپ بەرگىن ،----دەپتۇ .
تەڭرى تۆگىنىڭ بۇنداق قانائەتسىز ،ھەسەتخورلۇقىدىن غەزەپلىنىپ :
---ھەي ئۇزۇن بويۇن ئەخمەق ، مەن ساڭا شۇنچە كۆركەم قامەت ،ئۇزۇن قۇلاق ، كېلىشكەن قۇيرۇق ھەم باشقىلاردا يوق بىر جۈپ لوكا ياراتسام ، يەنە قانائەت قىلماي ، ئەشۇ قوي ، ئۆچكىلەرگە ھەسەت قىلىۋاتامسەن ؟! نىيىتىڭنىڭ يامىنى ئۈچۈن مانا ئەمىسە ،---دەپ ئۇنىڭ قۇلىقىنى كېسىپتۇ ، تۆگە بۇ ئىشنى كۆرۈپ ئەندىشىگە چۈشۈپ ، دەرھال ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچماقچى بولغانىكەن ، تەڭرى ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىمۇ شارتتىدە كېسىۋاپتۇ .
تۆگە ئىشنىڭ ئەپلەشمىگىنىنى پەملەپ دەرھال چاققانلىق بىلەن قېچىپتۇ- دە ، قۇلاق ،قۇيرۇقىدىن ئازراقنى ساقلاپ قاپتۇ ، شۇنىڭدىن بۇيان تۆگىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قۇلىقى قىسقا بولۇپ قالغانمىش .
راستمۇ ،يالغانمۇ ؟ كونىلار "جىقنى دەپ ، ئازدىنمۇ قۇرۇق قاپتۇ " دېگەن ماقال بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشلارغا مىسال قىلىپ ئېيتىدىغان :"تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە يەتكەندە قۇم چېچەكلەيدۇ " دېگەن ھىكمەتلىك سۆزلەر شۇنىڭدىن قالغان دېيىشىدۇ . |
|