كۆرۈش: 4710|ئىنكاس: 20

مەن يازغان پۇتبول مارشى تېكستتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
40211
يازما
22
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 10:00:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تاشئالما» كۈنسىرى پىشماقتا، پۇتبول ھىدى دىماقنى يارماقتا. يېقىندىن بۇيان پۈتكۈل ئۇيغۇردا پۇتبول قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، جۈملىدىن ھەردەرىجىلىك مەكتەپلەردە پۇتبول كۇرژىكلىرى بەس-بەستە قۇرۇلماقتا ۋە ئۆز شارائىتىغا ماس ھالدا چامىنىڭ يېتىشىچە پۇتبول مۇسابىقىلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئۆتكەندە مەكتىپىمىز بىرقانچە قوشنا مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ « تەقلىدىي دۇنيا لوڭقىسى» نى تالىشش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مەكتىپىمىزنىڭ پۇتبول كۇرژىكىنىڭ پائاليەتلىرى بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتتى...
تۈنۈگۈن ، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى مىنى ئىزدەپ كېرىپ، مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ئۈچۈن بىر ناخشا تېكستى يېزىپ بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى، بۈگۈن ئەتىگەنگە ئۇلگۈرتۈپ، قەلەم كۈچۈمنىڭ شۇنچە ئاجىزلىقىغا تەن بەرمەي، بىر ناخشا تېكىستى يېزىپ چىقتىم. نۆۋەتتە، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىمىز بۇنىڭغائاھاڭ ئىشلەۋاتىدۇ. مەن بۇنى يېزىشتا ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك، قۇرۇلمىسى ئاددى بولۇشنى ئۆلچەم قىلغان ئىدىم ،شۇ مۇددىئاغا يەتكىنىمنى بىلمەيمەن، كۆپچىلىك بىرنېمە دېسۇن.


پۇتبولچى بىز

چەبدەس بىز، ھارماس بىز، پۇتبولچى بىز،
بۇ ياپ - يېشىل جەڭگاھتا قاينار قېنىمىز.

رەقىبكە ئادىل بىز، مەردۇ - مەردان بىز،
پۇتبولغا يۈز كېلىش بىزنىڭ  ئەھدىمىز .

غالىب بىز، ئۇزغۇن بىز، شەرەپ قۇچىمىز ،
ئەل ھۇررا توۋلىسا، جان تەسەددۇق بىز.

بۇ بۈيۈك ئويۇننىڭ ئىجادكارلىرى بىز،
تارىخقا ئويغان بىز-ئۇتۇقلاردىن ئىز .

«ھۇررا»دا زىمىننى تىترەت ئوغۇل-قىز،
بۇجاھان تونىسۇن، نەسلى ئۇيغۇر بىز.

قايتارما:

چەبدەس بىز، ھارماس بىز، پۇتبولچى بىز،
بۇ ياپ - يېشىل جەڭگاھتا قاينار قېنىمىز.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10525
يازما
385
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
3595
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-17
توردا
179 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 13:07:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر يېزىشقا ئىشتىياقى بارلار  ، بولسا داڭدار شائىرلىرىمىز 20 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ پۇتبۇلغا بولغان ئىشتىياقى ، ئارزۇ ئۈمىتلىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان « پۇتبول مارشى » يېزىپ چىققان بولسا بوپتىكەن .
مۈمكىن بولسا  « ئەلكۈيى » شۇنداق بىر پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ باقسا بولغۇدەك .

باھا سۆز

yvsvpjan  نەدىمۇ 20مىليون ئۇيغۇر بولسۇن؟ باشقا پىلانېتتىن بايقىمىغانسىز 10مىليوننى؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 13:50:32
sardor  ئۇ ئۇيغۇر دىدى ،دۇنيادا 20مىلىيون ئۇيغۇر چىقىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 02:07:34
khan  نەدىكى 20 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ئۇ؟ ئىككىگە كۆپەيتىۋەتتىڭىزمۇ نېمە؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 16:09:06

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
345
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1366
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-17
توردا
209 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 14:16:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مارش ماڭا بەك يارىغان. قايتا-قايتا ئۇقۇدۇم، جەڭگىۋارلىقىمۇ شۇنداق جايىدا ئىپادىلىنىپتۇ، بىراق  بۇ مارش ماڭا ھۇررا توۋلايدىغان «ھۇرراچىلار»غا ئەمەس مەيداندا توپ تىپىۋاتقان ئەزمەتلەر ئۈچۈن يېزىلغاندەك تۇيۇلدى. مۇشۇ قىزغىنلىقىڭىز بىلەن «ھۇرراچىلار»نىمۇ ئوز ئىچىگە ئالغان بىر ئۇمۇمىي مارش ئۇچۇن تىرىشىپ باقامسىز! لىكىن بۇ مارشقا مۇزىكا ئىشلىسەڭلا مۇنبەرگە بىر يوللاپ قويسىڭىز، بىزمۇ بەھىر ئالساق! رەھمەت!

UID
40211
يازما
22
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 14:37:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adilkanun يوللىغان ۋاقتى  2012-6-8 14:16
بۇ مارش ماڭا بەك يارىغان. قايتا-قايتا ئۇقۇدۇم، جەڭگىۋا ...

شۇنداق، مەن بۇنى  كوماندا ئۈچۈن يازغان. مەدەتچىلەر  مارشىغا كەلسەك (ياكى مەستانىلەر ناخشىسى) ئۇمۇ پۈتۈش ئالدىدا ، ئۇنى ئەڭ ئاددى، بىرئاڭلاپلا ھەركىم ئۆگىنەلەيدىغان، ئەمما پۇتبولچىلارغا مەدەتنىمۇ جايىدا بىرەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن.

باھا سۆز

adilkanun  ئەسلىدىمۇ شۇنداقكەندە! ئۇمۇمىي مارشنى كۈتىمىز. ياخشى يازىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن!  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 14:44:39

UID
17990
يازما
22
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
142
تىزىملاتقان
2011-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-20
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 03:51:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۆزىمىزنى سەنئەتكار مىللەت دەپ تەرىپلىگەندىكىن، پوتپۇلغا ئاتاپ ئىيتىلىدىغان ناخشىلارنىڭ پۇرسىتى كەلدى،لىكىن ....

UID
40211
يازما
22
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 07:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qidax يوللىغان ۋاقتى  2012-6-9 03:51
بىز ئۆزىمىزنى سەنئەتكار مىللەت دەپ تەرىپلىگەندىكىن، پ ...

بۇ يامان ئىش ئەمەس، بولسا مۇشۇ پۇرسەتتە، روھنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ناخشىلار كۆپلەر مەيدانغا كېلىپ، ساپلا ئىشقى-پىراق ناخشىسىدىن باشقىنى تاپالمايدىغان، ئېيتالمايدىغان ئەھۋالىمىزغا خاتىمە بېرىلسۇن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
378
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
8399
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-16
توردا
73 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 10:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بۇ شېئىر يارىدى.راستىنلا ياخشى يېزىلىپتۇ. تىلىمۇ شۇنداق ئادەمگە ياقىدىكەن.

UID
16850
يازما
195
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
645
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-14
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 11:41:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناخشا تېكىستى مۇشۇ مۇنبەردىكى «ئۇيغۇرچە پۇتبول مارشى» دىگەن ناخشىنىڭ تېكىستىدىنمۇ ياخشىدەك قىلىدۇ. ئاشۇ تېكىستىكى ناخشىنى ئېيتقان ناخشىچى مۇشۇ ناخشا تېكىستىنى ئويلۇشۇپ باقسا بولغىدەك. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ ياخشىسىنى تاللىغىلى بۇلىدۇ ئەمەسمۇ.

UID
40211
يازما
22
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 11:52:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئىشلىتىشنى خالايدىغانلار بولسا مەن  بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ، ئاز-تولا مەسلىھەتىم بار .

كىيۇ-كىيۇ: 1428585420

UID
38841
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-11
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 12:15:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بۇ شېئىر يارىدى.راستىنلا ياخشى يېزىلىپتۇ. تىلىمۇ شۇنداق ئادەمگە ياقىدىكەن   
بولسا بۇنڭدىن كىيىن مۇنداق ياخشى شېئرلارنى يولاپ تۇرشنى ئۈمۈت قىلىمەن !!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش