كۆرۈش: 3682|ئىنكاس: 2

ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرۈش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
193
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
646
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-20
توردا
133 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 08:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                         ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرۈش

      ئائىلە-نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى يىغىنچاقلىغاندا،  ئۈمىدسىزلىنىش بىلەن ئۆزگىرىشتىن  ئىبارەت ئىككى خىل سەۋەپتىن كېلىپ چىقىدۇ.  يەنى ئەر-ئاياللارنىڭ بىرسى قارشى تەرەپتىن  ئۈمىدسىزلىنىدۇ ياكى ئەر-ئاياللارنىڭ بىرسى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. ئۈمىدسىزلىنىش قارشى تەرەپتىن رازى بولماسلىقتىن، قارشى تەرەپنىڭ كۈتكىنىدەك   ئەمەسلىگىدىن، قارشى تەرەپ بىلەن ماسلىشالماسلىقتىن، قارشى  تەرەپنىڭ ئىدىيە-قىممەت قارىشى، مىجەز-خارەكتىرى، ساپا-سەۋىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقماسلىغىدىن  كېلىپ  چىقىدۇ. ئۆزگىرىش قارشى تەرەپتىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن،  باشقا بىرسى بىلەن تېپىشىۋالغانلىقتىن،  پۇرسەتپەرەسلىكتىن،         مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن، ۋىجدانسىزلىقتىن،   تەييارغا-ھەييار  بۇلىدىغان  مەنپەتپەرەسلىكتىن، ئاچكۆز شەخسىيەتچىلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان  بىر-بىرسىدىن ئۈمىدسىزلىنىش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ  كىتىشى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇدۇ. يەنى بىر-بىرسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ئۆزئارا ئالدىنى ئالالمايدۇ. ھەمكارلىق، چۈشىنىش، قوللاش، قەدىرلەش ئاياش، ئۆزىنى سوراش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ  ھالىغا  يىتەلمەيدۇ.                                                                                    
       سەۋەپسىز قىل تەۋرىمەس دېگەن گەپ بار. ھەرقانداق ئىش سەۋەب- نەتىجىلىك بۇلۇدۇ. ئەمما ھەرقانداق ئىشنىڭ  مەقسەت-  مۇددىئالىق بۇلۇشى ناتايىن.  ئائىلىدە ئەر-ئاياللار قارشى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىگە    ئەڭ ياخشى ھالەتتە كۆڭۈل بۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھالىغا  يىتىشنى، چۈشۈنۈشنى،  مەدەت بىرىشنى، زىرىكتۈرمەسلىكنى، بىزار  قىلماسلىقنى، ماختاشنى، خوش بولغانلىغىنى ئېيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.  ئەمما   بۇنداق قىلالمايدىغانلار، قىلمايدىغانلار،  خالىمايدىغانلار،  بىلمەيدىغانلار يەنىلا ئاز بولمىغاچقا، نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ  نىكاھقا مۇناسىۋەتلىك دەرت-ئەلەملىرى  ھەممىدىن كۆپ سالماقنى ئىگەللەۋاتىدۇ.   ئەگەر توينى قىلىشىۋېلىپ، بالىلىقمۇ بۇلۇشىۋېلىپ ئەمدى  بۇلۇشىمىز مۇشۇ دەپ قىزغىنلىقنى، تەشەببۇسكارلىقنى، ئاكتىپلىقنى مىھىر-مۇھەببەتنى، كۆڭۈل بۆلۈشنى، ياردەم قىلىشنى، ھالىغا يىتىشنى تاشلىۋەتسە، ئەسلىدە قىزغىنلىق، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ھالىغا   يىتىشكە  ئېھتىياجلىق ئەر-ئاياللار تەشنالىق ئىچىدە ئۆزگىرىشكە  باشلايدۇ. ياكى مۇشۇنداق كەيپىيات ئىچىدە ئەر-ئاياللاردىن بىرسى  ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، گۈزەللىككە، تەرىق-تۇرۇققا، سالاپەتكە دىققەت قىلمايدۇ. شۇنداقلا ئەر-ئاياللاردىن بىر تەرەپ ئۆزىنى سورىمايدۇ،     ئويۇن-تاماشىغا دۈم چۈشۈدۇ، ئائىلە-بالىلارنىڭ مۇھىملىغىنى بىر   چەتكە قايرىپ قۇيۇدۇ، ئىدىيە-پىكىردە بىرلىككە كەلمەيدۇ، ئۆزەمنىڭ راست دەپ تۇرىۋالىدۇ، ئۆيىدىكى نىكاھلىق ھەمرايىنىڭ كۆزقارىشىغا قوشۇلماي سىرىتتىكى ئويۇنخورلارنىڭ كۆزقارىشىنى چوڭ بىلىدۇ،  ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ دەيدىغان بىر تەرەپلىمە كۆزقارىشىنى بازارغا    سېلىپ، ئائىلىدىكى بۇرچىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئائىلىدىكى ھەمكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى بىلمەيدۇ.  ‹ ھەسنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىق› دىگەندەك ئەر-  ئاياللاردىن بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداش، ئۇرۇق-  تۇققانلىرىنى ياقتۇرمايدۇ، ئۆيىگە كەلسە قارشى ئالمايدۇ، قىزغىن  بولمايدۇ، ھەمرايىنىڭ يۈزىنى قىلمايدۇ، كۆڭلىنى ئايىمايدۇ، ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمايدۇ، تەربىيە كۆرمىگەنلىگى بىلەن ئىچى  قوتورلىغىنى يوغان ئىشتەك بازارغا سالىدۇ. يەنە  ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا قارشى تەرەپكە بەك يۇقىرى تەلەپ قۇيۇۋالىدۇ، ياراتمايدۇ، كەمسىتىدۇ،  بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئەر-ئاياللارنىڭ  ئۆزىنى تەربىيىلىمەسلىك،  يىتەرسىزلىك-كەمچىلىكلىرىنى  بىلمەسلىك، كۆرسۈتۈپ بەرسە  ئېتىراپ  قىلماسلىق كەمچىلىك-خاتالىقنى   تۈزەتمەسلىك قارشى  تەرەپنى  ئۈمىدسىزلەندۈرۈدۇ. مۇشۇنداق بىر  قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەر-ئاياللاردىن بىر تەرەپ قارشى تەرەپتىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ، تىرىشىپ باقىدۇ، ئوي-پىكىرلىرىنى دەپ باقىدۇ،     ۋاقىت ھەل قىلامدىكىن دەپ ساقلاپ باقىدۇ، ۋارقىرىشىپ باقىدۇ،      تىللىشىپ-ئورۇشۇپ باقىدۇ، ئاقىۋەت ئۈمىدسىزلىكتىن  چىدىيالماي   ۋاز   كېچىش قارارىغا كېلىپ نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تاللايدۇ.  يەنە بىر تەرەپتىن  ئۈمىتسىزلىك، رازى بولماسلىقتىن ئەر- خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە بىر تەرەپنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشى كېلىپ  چىقىدۇ. شۇڭا، ئەر-ئاياللار ئۆزئارا جەلپ قىلىپ تۇرۇش، ئۆزئارا   خۇشال قىلىپ تۇرۇش،  بىر-بىر سىنى  يېنىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن  نىكاھ كەسىپچانلىغىنى  ئۈزلۈكسىز  ھالدا داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.  
      ئائىلە-نىكاھ  مۇھىتى ھىسسىيات بىلەن ئەقىل ماسلىشالماسلىق نىسبەتەن ئېغىر بۇلىدىغان ماكان بولۇپ،   ئەر-خوتۇنلارنىڭ زىددىيەت مەسىلىسىدە بىر تەرەپ ئەقلىنى ئىشلەتسە، يەنە بىر   تەرەپ ھىسسىياتىنى ئىشلىتىپ   سېلىپ، بىرسىنىڭ ئەقلى بىلەن  يەنە بىرسىنىڭ ھىسسىياتى  تۇقۇنۇشۇپ، ئۆزئارا چۈشۈنۈشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەر- خوتۇنلار ھىسسىيات بىلەن ئىش  قىلىدىغان يەرگە ھىسسىياتلىق بولۇشى، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغان يەرگە ئاقىلانە بۇلۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ماسلىشىش، خوشاللىق، رازىمەنلىك بولىدۇ.  ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئۆزئارا بىر- بىرسىنىڭ ھىسسىياتىغا ئازار بەرسە، ئەقلىگە قايىل بولمىسا ھەمكارلىق، ماسلىشىش بولمايدۇ. ئەمما،   ئەرئاياللار مۇناسىۋىتىدە  ھىسسىيات بىلەن ئەقىل  ئەڭ مۇۋاپىق ھالەتتە  ئىشلىتىلسە،  ئائىلىدە تەڭپۇڭلۇق، ئۆئارا باغلىنىش شەكىللىنىدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئۆزئارا ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئۆزگىرىپ كىتىشمۇ كېلىپ چىقمايدۇ.    شۇنداقلا ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە بىر تەرەپ   ئۈمىدسىزلىنىپ، يەنە بىر تەرەپ ئۈمىدۋار بۇلۇشىمۇ،   ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆزئارا ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىشىمۇ  مۇمكىن. بىر تەرەپ ئۆزگىرەپ كەتسىمۇ،  يەنە بىر تەرەپ ۋاز  كېچىشنى خالىماي ئائىلەمنى بۇزمايمەن دەپ  تۇرۇۋېلىشىمۇ، ھەر ئىككىلا تەرەپ سەندىن مەن قالامدىم دەپ ئۆزگىرەپ كىتىشىمۇ مۇمكىن.  
         بۇلۇپمۇ ئائىلىدىكى ئۈمىدسىزلىنىش ۋە  ئۆزگىرىش ئاساسەن  سەنئەتسىزلىك ۋە پاراسەتسىزلىكتىن بۇلۇدۇ.   ئائىلە دېگەن بىر سەنئەتلىك ماكان، بۇ ماكاندا ئەتراپىمىزدىكىلەرنى خوشاللىققا ئىرىشتۈرىمىز، ئەتراپىمىزدىكىلەردىن  خوشاللىققا  ئىرىشىمىز، ھاياجانلىنىپ،  قايىل بولۇپ ئاپىرىن-رەھمەت ئېيتىمىز، تەسىرلىنىپ ئويلارغا چۆمۈپ  كىتىمىز، ياشلىرىمىزنى توختىتىۋالالماي يىغلاپ  كىتىمىز، ئىختىيارسىز ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرماي تۇرالمايمىز. شۇنداقلا توغرا-خاتالىققا باھا بىرىدىغان ئىنسانى تۇيغۇمىز  تۈپەيلىدىن ناچارلىققا، ئەسكىلىككە، ئەخلاقسىزلىققا، نۇمۇسسىزلىققا،  يولسىزلىققا، ۋىجدانسىزلىققا، مەسئۇلىيەتسىزلىككە، نىيىتى يامانلىققا، ئىچى تارلىققا چىداپ تۇرالمايمىز،  غەزەپلىنىمىز، نەپرەتلىنىمىز. سەنئەت بىزنى ياخشىلىقنى  بىلىدىغان، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىدىغان،   توغرا-خاتاغا باھا بىرەلەيدىغان، خوشاللىقنى قەدىرلەيدىغان، ئادىل- ھەققانى بۇلۇشنى ئاۋۋال  ئۆزىدىن باشلاپ ئاندىن باشقىلاردىن  تەلەپ  قىلالايدىغان ئادەم قىلىپ يىتەكلەيدۇ. دىمەك، ئائىلە ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنى سەنئەتلىك  تەربىيىلىشىنى  تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇنداق  بولغاندا قارشى تەرەپنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمىز ھەم  ئۆزىمىزمۇ قارشى تەرەپتىن رازى بولۇپ  بەخت ھېس-تۇيغۇلىرىغا  چۆمۈلۈپ ئۆزگىرەپ  كەتمەيمىز.
         ئائىلە ئەر-ئاياللاردىن پاراسەت، ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. خەلقىمىزدە « چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ » دېگەن گەپ بار بولۇپ،  بۇ  مەسىلە ئىككى تەرەپتىن چىقىدۇ دىگەنلىكلا گەپ ئەمەس، بەلكى ئىككى قول بىرلىشىپ كۈچ ھاسىل قىلالايدۇ دىگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ.  جەمىيەتنى قانۇن باشقۇرىدۇ، جامائەتنى ئەخلاق باشقۇرىدۇ،   خىزمەتچىلەرنى تۈزۈم-بەلگىلىمە باشقۇرىدۇ. ئەمما، ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋېتىنى پەقەت  ئۆزلىرىلا  ئەڭ ياخشى باشقۇرالايدۇ. نىكاھلىنىپ  بىر ئۆيگە كىرىش ھەم بىللە ياشاش ھەرگىزمۇ  ئويناشقاندەك ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. جەمىيەتتە ئىش-ئەمگەك قىلماي  بەدەل تۆلىمەي  ياشىغىلى بولمىغاندەك، ئائىلىدىمۇ بەدەل تۆلىمىسە، تىرىشچانلىق  كۆرسەتمىسە، تەجرىبە-ساۋاقنى يەكۈنلەپ ئەقىل تاپمىسا، كەمنى تولۇقلاپ ئۈزلۈكسىز ئۆگەنمىسە، قابىلىيەت-ئىقتىدارىنى داۋاملىق  يۇقىرى كۆتەرمىسە قىيىنچىلىققا يۇلۇقىدۇ، مەسىلە كەلتۈرۈپ   چىقىرىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ  كۈتكەن يېرىدىن چىقالمايدۇ،  تەنقىد-ئەيىپلەشكە ئۇچرايدۇ، ئاكتىپ-تەشەببۇسكار، مەسئۇلىيەتچان  بولمىسا ئەتىۋارى بولمايدۇ، بىر چەتكە تاشلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ  بىلەن ئەر-ئاياللاردىن  بىر تەرەپ يارامسىز بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن  ئۈمىدسىزلىنىشى مۇمكىن. يەنى  ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە بىر تەرەپ ئۈمىدسىزلەنسە،   يەنە بىر تەرەپ ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بولىدۇ.           
        ئادەم ھاياتلىققا قانمىغاندەك  خوشاللىق، بەخىتكە  قانمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرۈشتىن ئائىلىدىكى ئەر-خوتۇنلار چۈشكۈنلىشىدۇ، ئۆزگىرەيدۇ، ئائىلىنىڭ سىرتىدىن   خوشاللىق ئىزدەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋېتى    تېخىمۇ  يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش جەريانىغا كىرىدۇ. مۇشۇ جەرياندا ئەر-ئاياللاردىن بىر تەرەپ رەسمى ئۆزگۈرۈشكە باشلايدۇ. ئاقىۋەت، بۇ  ئۆزگىرىش بالا-چاقا بولسىمۇ  بالىلارنىڭ يىتىم بۇلىشىغىمۇ  قارىماي نىكاھتىن ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن  ئۆزگىرىپ كېتىپ، ئائىلىسىنى بۇزىۋەتكەن، نىكاھتىن ئاجراشقان  ئەر-ئاياللار بەك شەخسىيەتچى، ئۆزىدىن باشقىلارنى ئويلىمايدىغان، باشقىلاردىن پايدىلانسام، نەپكە ئېرىشسەم دەپلا چوت سوقىدىغانلاردۇر.   جاھاندا ھىچنەدە « جاپا تارتماي ھالاۋەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ ».   ئائىلە-نىكاھ دۇنياسىمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ.   باشقىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈش، « نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك » دىگەندەك ئىش بولىدۇ.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
40807
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 23:52:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
42008
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 21:50:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئويلىسا ئۇنداق بولمايدىغۇ دەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش