تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4722|ئىنكاس: 11

<جۇڭگولۇقلارغا نوبېل مۇكاپاتى بەرگۈدەك >مىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9949
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
127
تىزىملاتقان
2011-3-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-27
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 17:07:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<جۇڭگولۇقلارغا نوبېل مۇكاپاتى بەرگۈدەك >مىش
نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات تاللاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ، خەنزۇچە خەتتىن ئاز - تولا ساۋاتى بار  پالانى ( بۇ جايدا ئىسمىنى مۇشۇنداق ئاتاپ تۇرايلى ) ئەپەندى يېقىندا جۇڭگوغا خۇسۇسىي ساياھەت قىلىپ كەلگەندە ، بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك بىر مېھمانسارايغا چۈشۈپتۇ . يۇيۇنۇش ئۈچۈن ھاممىغا كىرىشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا چاي ئۈستىلى ئۈستىدە تۇرغان  گېزىتتىن < راك كېسىلى ئەمدى ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەل ئەمەس > دېگەن ناھايىتى چوڭ خەتلىك ئېلانغا كۆزى چۈشۈپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن كەسپى ئادىتى بويىچە تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپتۇ ...شۇ ئولتۇرغانچە گېزىتنىڭ باشقا بەتلىرىدىكى ئېلانلارنىمۇ ئوقۇپ چىقىپتۇ .قارىسا ئۇنى ھەيران قالدۇرغان مۇھىم ئۇچۇرلار بار ئىكەن :
  «بىر ھەپتىدىلا ئورۇقلىتىدۇ،  ھەرگىز قايتا سەمرىپ كەتمەيسىز »، « قەنت كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ ؟ »،  «ئاياغنىڭ پېتىكى بويىڭىزنى ئۆستۈرىدۇ ، بىر ئايدىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز »، پالانچى ئەپەندى دىققىتىنى يىغىپ ئولتۇرۇپ بۇ ئېلانلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن پۈتۈن بەدىنىدىكى قانلىرى ھاياجان  ۋە ھەيرانلىق  ئىچىدە مەۋج ئۇرۇپتۇ .
- پاھ دەپتۇ ئۇ ، بۇلار تېخى دۇنيادا ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىدىغۇ.  ھەرقانداق ئادەم بۇ مەسىلىنىڭ بىرىنى ھەل قىلالىسا شۇ ئادەم نوبېل تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ .جۇڭگولۇقلار  بۇ بىرقانچە قىيىن مەسىلىنى بىراقلا ھەل قىلىۋېتىپتۇ . شۋېتسىيىدىكى خىزمەتداشلىرىم بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپسا ھەيرانلىقتا ئېغزى ئىچىلىپ نەچچە كۈنگىچە ئۇخلىيالمايدىكەن دە ...ھازىر ئۇلارغا تېلغۇن بېرىۋېتىدىغان بولسام  10   مىنۇتقا قالماي پۈتكۈل دۇنياغا پۇر كېتىدۇ ...
پالانچى ئەپەندى يۇيۇنۇشتىن  ۋاز  كېچىپ نوبېل مۇكاپاتى ئىشخانىسىغا بىر پارچە خەت يېزىش نىيىتىگە كەپتۇ ۋە بارماقلىرىنى كۇنۇپكا توپچىلىرى ئۈستىدە ئوينىتىشقا باشلاپتۇ ...
- رەئىس ئەپەندى :
جۇڭگو ھەقىقەتەن سىرلىق ئەل ئىكەن ،بىزنىڭ نامزات تاللاش ھەيئىتىمىز تەكشۈرۈپ بىلىش  ۋە چۈشىنىش جەھەتتە تولىمۇ چولتا ئىكەن . نەزىرىمىز پەقەت ئەدەبىياتقىلا مەركەزلىشىپ قاپتۇ، جۇڭگونىڭ يۈكسەك پەن تېخنىكىسىنى كۆزگە ئىلماپتۇق ، ھەقىقەتەن ھەسرەت - نادامەت قىلغۇدەك ئىش بوپتۇ ، بۇ بىزنىڭ 20- ئەسىردىكى ھەممىدىن چوڭ سەۋەنلىكىمىز ئىكەن . مىنىڭ ھازىرقى پەرىزىمچە ، بىز مەلۇم جۇڭگولۇقلارغا 4 نوبېل مۇكاپاتىنى بېرىشنى قازا قىلىۋېتىپتۇق . بۇ ئادەملەر تولىمۇ كەمتەرمىكىن ياكى قاپاق باشمىكىن - تاڭ !  شۇنچە مۇھىم كەشپىياتلىرى بار تۇرۇپ نېمىشقا دۇنياۋى مۇكاپات ئىلىش خىيالىغا كەلمىدى ؟ بەلكىم بۇلار ئۇلارنىڭ سىرىدۇ ، چەت ئەللەرگە تارقاتقۇسى كەلمىگەندۇ ،مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇلار ئىلىشقا تېگىشلىكىنى بالدۇرراق ئالسۇن ، ئۇلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتلىرى دۇنياغا تۇنۇلسۇن .
پالانچى ئەپەندى بۇ مەلۇماتلارنى يوللاپ بولغاندىن كىيىن بۇ مەلۇماتلارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن شۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى مېڭىپتۇ .
بىراق ئاڭلىساق پالانچى ئەپەندى  شۋېتسىيەگە بېرىپ ئوزۇق ئۆتمەي ھېلىقى مەلۇماتنى يىرتىپ تاشلاپتۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى پالانچى ئەپەندىنىڭ ئايالى ناھايىتى سېمىز ئايال ئىكەن،  پالانى ئەپەندى ھېلىقى « ھەرگىز سەمرىتمەيدۇ»  دېگەن دورىنى ئايالىغا ئىشلەتكەن ئىكەن ، نەدىكىنى دەيسىز ، پەقەتلا كار قىلماپتۇ ...



مەنبە توختى باقى ئارتىش < كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ >.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10525
يازما
311
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3521
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 11:18:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەندە شۇنداق گۈزەل بىر ئارزۇ بار . مۇشۇ نوبىل مۇكاپاتىنى ئۇيغۇردىن بىرى ئەڭ ئاۋال ئالغان بولسا دەيدىغان ........ئاللاھ  ئۇيغۇر بوپ يارالغان ھەر بىرىمىزنىڭ بىلىمىنى زىيادە قىلسۇن، ئالىملىرىمىزغا نوبىل مۇكاپاتى ئېلىش نۇسرىتى نىسىپ بولسۇن !

باھا سۆز

qaptikax  ۋوي باكەنسىز -ھە؟ تېخى ئۇيغۇرزادە بولمىغاندىكىن كىرمەسمىكىن دىگەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 22:08:00

UID
16850
يازما
196
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
646
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 12:49:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمىمىيەتسىزلىك ماھىرلىق بىلەن مەسخىرە قىلىنغان ماقالىكەن. ئالدامچىلىقنى جوڭگۇدا جامائەت پىكرى نازارەتچىلىگىگە ئۇچرىمايدىغاندەكلا ھىس قىلىمەن. رادىيۇ-تىلىۋېزورلاردىكى داۋالاش ئېلانلىرىنى ئاڭلىسا ئادەملەرنى كېسەلنىڭ ئازابىغا ئۇچرىمايدىغاندەكلا ئويلايدىكەنمىز. ئەمما، بۇ داۋالاش ئېلانلىرىنىڭ كېسەل داۋالاشتىنمۇ ئۆتە ھالدا يالغان -ياۋىداق گەپلەر بىلەن پۇل تېپىشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇدىغانلىغىنى ساددىلارچە ئىشىنىپ يۈرۈيدىغان كىشىلەر بىلىۋالسە بۇلاتتى. يالغان گەپتىن نومۇس قىلمايدىغانلار باشقىلار نىمە دىسە ئىشىنىپ كىتىدىغانلارنى ئالداپ كىتىۋېرىدۇ.

UID
9324
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
828
تىزىملاتقان
2011-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 21:51:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزغۇ ئەتراپىمىزدا بۇنداق ئېلانلار تولا بولغاندىكىن كۆنۈپ كەتتۇق ئەمدى...............ئەگەر نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشقا توغرا كەلسە بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ خېلى تالانتلىق ، ئىستىداتلىق كىشىلىرىمىز بار. ھازىرغىچە تېخې بىرەرسىنىڭ چىقماسلىقىدىكى سەۋەپ دەل بىزنىڭ ئۆز ئالىملىرىمىزنى قەدىرلىشىمىزنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىدا

UID
40276
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 00:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ بۇيرۇسا چىقىپ قالار يېقىن كەلگۈسىدە

UID
2197
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
66
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 03:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى يىلى بەردىغۇ نوبېل تېنىچلىق مۇكاپاتىنى مەلۇم بىر تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانغا ...

UID
19793
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 13:24:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ بۇكەشپىياتلىرىغا نوبىل مۇكاپاتى پۇلى يىتىشمەي قالغۇدەك دە

UID
40530
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 23:46:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگولۇقلارنىڭ يالغان ئېلان ئىشلەش تالانتىغا نوبىل مۇكاپاتى بەرسە بۇلامىكىن

UID
40082
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 19:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق تېرشىدىغانلا بولساق چۇقۇم ئالالايمىز،ئەڭ مۇھىمي ئۇزىمىزنى تۇنۇشتا،

UID
20399
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 09:09:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىز ھازىر ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كىلىۋاتىمىز،ئەمەلى مەسلىلەر ناھايىتى كۆپ،كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ ،«دۇنيادا نىمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟بىز نىمە ئەھۋالدا؟»دىگەنلەرنى ھەقىقى مەنىسىدە ئويلىنايلى،ھە دىسىلا بىر-بىرىمىزنى ئەيىپلىمەي،بىر-بىرىمىزگە قېرىنداشلارچە كۆز بىلەن قارايلى،مىنىڭچە نوبىل مۇكاپاتى ساھىپلىرىغىمۇ ساغلام ئىجتىمائى ھايات ئەڭ ئەقەللى ئىھتىياجلىق بولغان نەرسە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش