- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 16
- تىزىملاتقان
- 2012-5-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-10
- UID
- 37224
- يازما
- 16
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 16
- تىزىملاتقان
- 2012-5-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-10
- توردا
- 6 سائەت
|
شاڭخەي فۇدەن ئونۋېرستىتىغا بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا كېلىپ،بۇ يەرنىڭ گۈزەل مۇھىتى،ئىلغار ئوقۇتۇش سەۋىيىسىدىن ھوزۇرلىنىش بولۇپمۇ بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان تىرىشچان قىز-ئوغۇللىرىمىز بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرشكىنىمدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم.بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۈرىسىدىن سومكا چۈشمەيدىكەن.قاچانلا قارسا ئالدىراش ھالدا سىنىپ،كۈتۈپخانا،تەجرىبىخانا بەزىلىرى ئوقۇشتىن سىرت خىزمەت قىلىدىغان مەكتەپ دۇكانلىرىنىڭ ئارلىقىدا چىپىپ يۈرىدىكەن.قىز - ئوغۇللىرىمىز رەتلىك، پاكىزە ،جۇشقۇن.مۇشۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا بۇ يىل مەكتەپ پۈتتۈردىغان بىر غۇلجىلىق قىز ئوقۇغۇچى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم.مەن بۇ قىز توغرسىدا سىلەرگە ئازىراق سۆزلەپ بىرەي. يۇرتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۈلگە بولار...
بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى ئانچە مۇۋاپىق كۆرمىدىم.چۈنكى مەن ئۇ قىزدىن ئىجازەت ئالمىغان.بۇ قىز ئاخبارات فاكۇلتىتىدىكى ئالىي نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى،(قالغان ئىككىسى خەنزۇ)بۇ قىز بەش يىل بۇرۇن غۇلجا تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،غۇلجىدىن بىردىن بىر فۇدەن ئونۋېرسستىتىغائۆتكەن ئوقۇغۇچى ئىكەن.ئۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ كەسكىن رىقابەتكە تولغانلىقىنى،بۇ يەردە ئۆگۈنەلمىدىم، دەپ چۈشكۈنلىشىپ يۈرۈشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تۇنجى قەدەمدىلا ھېس قىلغان.بولۇپمۇ مەكتەپنىڭ ‹ئاز سانلىق مىللەت› دەپ ئېتىبار بىرىش سىياسىتىنىڭ يوقلىقى، كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۆگۈنىمەن دېسىلا شارائىتىنىڭ بارلىقى، بۇ قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان.ئۇ دەسلەپتە ئىنگىلىزچىدىن قىينالغان،باشلانغۇچتىن تارتىپ ئىنگىلىزچە ئۆگەنگەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە دەرس ئاڭلاش تەس تۇيۇلغان.لېكىن بۇ قىزنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويمىغان،ئۇ بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا ئۆزىنىڭ كەسپىنى ياخشى ئۆگۈنۈش بىلەن بىرگە يەنە ئىنگىلىزچىنىمۇ تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ 6-دەرىجىدىن ئۆتۈپ بولغان.يىلدا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن.ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆرىنەرلىك ياخشى بولغاچقا تۈرلۈك ئىمتىھانلاردىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆتۈپ،ھەقسىز ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.(بۇ يىل 9- ئايدىن باشلاپ،ئۇ يەنە ئۈچ يىل ئاسپىراتلىقنى ئوقۇيدۇ.)
مەن بۇ قىزنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنىڭ قانداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى سورىغىنىمدا ئۇ مۇنداق دېدى:«ھەدە، بۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىلمى ماقالىنىڭ بىر قىتىمدىلا ئۆتكەلدىن ئۆتىشى تەس،يېتەكچى ئوقۇتقۇچى قايىل بولغانغا قەدەر ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، دېگەننى ئاڭلاپ ماقالەمنى قايتا - قايتا كۆرۈپ،ئۆزگەرتىپ،ئەمىلى مىساللارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ،مەكتەپنىڭ تەلىپى بويىچە سەككىز مىڭ خەتتىن ئاشۇرۇپ تاپشۇرغان ئىدىم . يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم كۆرۈپ : ماقالەڭ تولۇق كۇرس ئوقوغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيىسىدىن خېلىلا ھالقىپ كېتىپتۇ،مىساللىرىڭ ئەمىلىي بوپتۇ،-دەپ بىر قېتىمدىلا ياخشى باھا يېزىپ بەردى.»
بۇ قىز دەرسىنى ياخشى ئوقۇپلا قالماستىن،ئۆزىگە ئەخلاق قاتارلىق باشقا جەھەتلەردىمۇ قاتتىق تەلەپ قويغان،ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئىقتسادى بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن،دەرستىن سىرت ۋاقىتلاردا مۇۋاپىق خىزمەتلەرنى تېپىپ ئىشلىگەن.ئىش ھەققى،ئوقۇش مۇكاپات سوممىسى،تۈرلۈك پائالىيەتلاردە ئېرىشكەن مۇكاپاتلارنى يىغىپ،كومپىيۇتېر،كىتاپ،لۇغەت سېتىۋېلىش،ئىنگىلىزچە ئىمتىھان ھەققىنى تاپشۇرۇش ھەم ئۆزىگە كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋىلىشقا ئىشلەتكەن.بۇ قىزنىڭ قەلبىدە دەۋىرگە ئەگىشىپ مودا يۈرۈش ئەمەس، بەلكى دەۋىرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش دېگەن بىرلا ئۇقۇم بار ئىكەن.بۇ قىزنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش جەريانىدا ئىنگىلىزچە سەۋىيە ئىمتىھاننىڭ ئەڭ يوقۇرى چېكىدىن ئۆتۈپ،پۇرسەت بولسا دۆلەت ھالقىپ،خەلقئارالىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇسى بار ئىكەن.
مەن بۇ ئۇماق سىڭلىمنىڭ ئارزۇسىغا يېتىشىگە تېلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-6 21:50
|
|