كۆرۈش: 2393|ئىنكاس: 6

ھايات مۇساپىسىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22287
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-31
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 21:46:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ تەرمىلەر ›› ژورنىلىدىن بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ئىدىم . كەڭ تورداشلارنىڭمۇ ئۇقۇپ بېقىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم .

  بىر ياش بىر ئۇستازىدىن جاھاندارچىلىقنىڭ يوللىرى ھەققىدە تەلىم بېرىشنى سوراپتۇ ، ئۇستاز ئۇنىڭغا ئۈچ ھىكاينى سۆزلەپ بېرىپتۇ .
  بىرىنچى ھىكايە : ئىككى قاۋۇل ياش بولغانىكەن، بىرى نادان ، بىرى تادان ئىكەن . ئىككىيلەن بۇيرۇققا بىنائەن ئوخشاش بىر يەردىن سۇ ئىزدەپ قۇدۇق قېزىشقا باشلاپتۇ ، ئىككى مېتىرچە كولىسىمۇ سۇ كۆرۈنمەپتۇ . نادان داۋاملىق شۇيەرنى چوڭقۇرلاپ كولاۋېرىپتۇ ، تادان بولسا باشقا بىر يەرگە يۆتكىلىپ يېڭىدىن سۇ مەنبەسى ئىزدەپتۇ . نادان توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى سۇ مەنبەسىنى تېپىپتۇ . ئەمما توختىماي يەر ئالماشتۇرغان تادان ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ .
  يىگىت بۇ ھىكايىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك ،بېشىنى لىڭشىتىپ :
  - ئادەم بۇلۇشتا چوقۇم بىر ئىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك ئىكەن ، كېپىنەكتەك شاختىن - شاخقا قۇنۇپ يۈرسە ، بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىكەن ، - دەپتۇ .
  ئۇستاز كۈلۈپلا قۇيۇپتۇ .  
  ئىككىنچى ھىكايە : يەنىلا شۇ ئىككى يىگىت ، تادان نۇرغۇن قېتىملىق تەۋەككۈل قىلىشتىن كېيىن ، ئاخىرى بىر يەردىن سۇ مەنبەسىنى بايقاپتۇ . ئەمما نادان بىر جايدىن يۆتكەلمەي ، شۇنچە باش چۆكۈرۈپ كولىغىنى بىلەن ، زادىلا سۇ چىقماپتۇ .
  - بۇ ؟ - يىگىت سەل تېڭىرقاپ قاپتۇ ،- مېنىڭچە بۇ دىگەنلىك ، ئادەم توختىماي تەجىرىبە يەكۈنلەپ تۇرۇشى ، ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى توختىماي ئىزدىشى ، ئۆلۈك ھالدا بىرلا ئۇسۇلغا ئېسىلۋالماسلىقى ، قايمۇقۇپ يۈرۈۋەرمەسلىكى لازىم ، دىگەنلىك بولسا كېرەك .
  ئۇستاز يەنىلا مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپتۇ .
  ئۈچىنچى ھىكايە : گەرچە ئۇ ئىككەيلەن ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ، نادان قانچە چوڭقۇر قازسىمۇ ، تادان قانچىلىغان ئورۇنغا يۆتكەلسىمۇ ، ھەرئىككىلىسى سۇ مەنبەسىنى تاپالماپتۇ .
  - نىمىشقا؟ - يىگىت گاڭگىراپ قاپتۇ ، - ئۇنداقتا ئادەم بۇلۇشتا ھېچقانداق ئۆلچەم يوقمۇ ؟
  - چۈنكى ئۇيەردە ئەسلا سۇ يوق ئىكەن ، - دەپتۇ ئۇستاز تەمكىنلىك بىلەن ، - ئەمەلىيەتتە ئادەم بولماقمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ ، تۇرمۇشتا ئۆزگەرمەيدىغان پىرىنسىپ بولمايدۇ ، ھەممىنى ئۆزىگە تايىنىپ بىلىش ۋە چۈشىنىش كېرەك .
  

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
351
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1372
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
217 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 12:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىكايە ئىكەن.  جاھاندارچىلىق سەنئىتىنى «تۇرمۇشتا ئۆزگەرمەيدىغان پىرىنسىپ بولمايدۇ ، ھەممىنى ئۆزىگە تايىنىپ بىلىش ۋە چۈشىنىش كېرەك .»تىن ئىبارەت ئاددى ۋە چوڭقۇر مەنىلىڭ جۇملىگە يىغىنچاقلاپتۇ.

UID
37894
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2012-5-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-26
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 20:49:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىكايە ئىكەن............،رەھمەت سزگە!

UID
11177
يازما
182
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1712
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-3
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 00:05:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىكايە ئىكەن ،ھايات يولى ھەقىقەتەن ئەگرى توقاي.
تىما ئىگىسىگە رەھمەت.

UID
39967
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-23
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 00:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rah mat bu ma ka li giz ma gi la mas kal gu dak ,man ha zir dal mu xun dah , ak wal da ka yar ni ko li sam su qi ka kin dap kat man ni ku lam da ko tu rup la yu ri wat man , , ,,,,,,,,,,,,,,

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
629
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
629
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-6
توردا
233 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 23:49:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ياخشى ھېكايە ئىكەن . ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

UID
48004
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-3
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 05:10:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش