- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 30
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 630
- تىزىملاتقان
- 2011-3-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-13
- UID
- 10399
- يازما
- 30
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 630
- تىزىملاتقان
- 2011-3-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-13
- توردا
- 15 سائەت
|
بۈگۈن ھەممە يەردە بايرام، بالىلارنىڭلا ئەمەس، شۇ ئوماق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭمۇ، جاپاكەش ئۇستازلارنىڭمۇ ئورتاقلىشىدىغان بايرىمى ئىدى. تېلېۋىزوردىمۇ بالىلار بايرىمىلىق پروگراممىلار ئادەمنى شۇنداق سۆيۈندۈرەتتى. ئەپسۇس، پەقەت بىزنىڭ مەكتەپلا بۇ بايراملىق خۇشاللىقلاردىن مۇستەسنا ئىدى. ئەتىگەندىن باشلاپ ئوقۇلۇۋاتقان 8 سائەت دەرس نە ئوقۇتقۇچىلارغا، نە ئوقۇغۇچىلارغا خوش ياقسا، كاشكى. خۇددى بۈگۈن بىر كۈن بايرام قىلماي دەرس ئوقۇغانغا مەكتەپتىكى بارلىق بالىلار ئالىم بولۇپ كېتىدىغاندەكلا. بالىلارنىڭ بىزگە ئۈنسىز تىكىلىشلىرىدىن »مۇئەللىم، بۈگۈن بايرام ئەمەسمۇ؟« دېگەن مەنا ئەكس ئېتەتتى. ئادەمنىڭ شۇنداق ئىچى سىقىلاتتى. ھەممە يەردە بايرام، پەقەت بىزنىڭ مەكتەپلا خۇددى تۈرمىدەك، بالىلارنى كىچىك »كامىر« لارغا سولىۋېلىپ، ئۇلارغا ھەدەپ تەلىم-تەربىيە بەرمەكتە ئىدى. بەلكىم تۈرمىدىمۇ مەھبۇسلارغا بايراملىق پائالىيەت قىلىپ بېرىدىغاندۇر دەپ ئويلايمەن (ئۆزۈم تۈرمىگە كىرىپ باقمىغان بولساممۇ). بىر مەكتەپ تۈرمىچىلىكمۇ بولالمىسا، قانداقمۇ مەكتەپكە ئوخشىسۇن؟ ياكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بايرام قىلغۇدەك بالىسى يوقمىدۇر؟ مەكتەپتىكى بارلىق بالىلار بىزنىڭ، شۇنداقلا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ ھېلىمۇ بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇنداق بايرامدىمۇ كالىدەك ئىشلەۋېرىپ، ساراڭ بولۇپمۇ قالمايدىكەن دېسە، توۋۋا!
ئوقۇغۇچىلارنى سانغا ئالىدىغان ئوقۇتقۇچى توختىماستىن سىنىپلارنى ئايلىنىپ سانغا ئالماقتا ئىدى. مەقسەت: بۈگۈن بۇ يەردىكى «كامىر» لاردىن بىرمۇ «مەھبۇس» نى قاچۇرماسلىق، ئۇلارغا قارىتىلغان ئۆلۈك ھالدىكى تەلىم-تەربىيەنى توختاتماسلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچى مۇشۇ «تۈرمە» دىن باشقا بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىپ، ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلغان تۆت نەپەر «مەھبۇس» نى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن كەتكەن ئىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-6 21:30
|
|