- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 164
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5489
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-5
- UID
- 2132
- يازما
- 164
- تېما
- 29
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5489
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-5
- توردا
- 2 سائەت
|
بىر مەزگىللىك تور تاقىلىش ئاخىرلىشىپ ئەلكۈيى مۇنبىرى ئېچىلىشى بىزنىڭ تۇرمىشىمىزغا يەنە بىر مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلدى دەپ ئويلايمەن .بۇ مۇنبەرنى تېپىۋالغاندىن بۇيان ئازراق بوش ۋاقتىم بولسىلا بۇ يەرگە يۈگۈرەيدىغان بولۇپ قالدىم .دوسلىرىمنىڭ يوللاۋاتقان يوللانمىلىرىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەيمەن .
مۇنبەر ئارىلاۋېتىپ "بالىلار ئەدەبىياتى" سەھىپىسنىڭ قۇرۇق تۇرغانلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى ھەم ئويغا سېلىپ قويدى ، ئەجىبا بىز ئۆزىمىزنىلا ئويلاۋاتامدۇق ؟ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا ،بالىلىرىمىزغا دەيدىغان بىرەر ئېغىز سۆزىمىز ياكى قالدۇرغۇدەك سوۋغىمىزمۇ يوق بولۇپ كەتتىمۇ ؟
ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەتراپلىق ئويلۇنۇش ،قارار چىقىرىش ئارقىلىق بۇ سەھىپىنى قۇرۇپ چىقتى ، ئۇمۇ چوقۇم بۇ سەھىپىنىڭ قۇرۇق تۇرۇشىنى خالىمايدىغۇ دەيمەن .
بۈگۈن تەييارلىقسىزلا كىرگىنىم ئۈچۈن ،ئېنى-سىڭىللىرىمغا ،بالىلىرىمغا بېرىدىغان ئالاھىدە سوۋغاممۇ يوق ،ھازىرچە پەقەت كىچىك ۋاقتىمدا بىز دائىم بىر -بىرىمىزگە ئييتىپ تېپىشىپ ئوينايدىغان بىر نەچچە تېپىشماق ئېسىمگە كېلىپ قالدى ،شۇنى قالدۇراي.
دوستۇم !!! سىزمۇ مۇنبەر كۆرگەچ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولۇپ يۈگۈرەپ يۈرگەن ئىنى -سىڭلىڭىزغا ،بالىڭىزغا بۇ تېپىشماقلارنى دەپ بېقىڭ ،ئۇ تاپالامدىكىن .
1. خوپ ياراشقان تاجىسى ،
ئېسىل كىمخاپ تونى بار.
تاڭ سەھەردە ئاڭلىساڭ،
زەپ چىرايلىق ئۈنى بار.
2.ئاق كېمە ،ئاپپاق كېمە ،
سۇدا ئۈزەر بۇ كېمە .
سېرىق تۇمشۇق ،كەڭ تاپان ،
تېپىڭلارچۇ بۇ نېمە ؟
3.ئۆزى مۇشتۇمدەك،
قۇيرۇقى نوغۇچتەك .
4.ماڭسىمۇ ياتىدۇ ،
ياتسىمى ياتىدۇ .
ئولتۇرسىمۇ ياتىدۇ ،
ئۇخلىسىمۇ ياتىدۇ .
5.بىر ئاتىسى ،بىر ئانىس ،
نەچچە يۈز مىڭ بالىسى .
6.ئاخشىمى كېلەر ئەلگىكىم ،
كۈندۈزى كېتەر لەگلىكىم.
7.ساندۇقۇمدا لىق ئوق ،
ئەتىسى قوپسام بىرسى يوق .
8.كىچىك چېغىدا تۆت پۇتلۇق ،
چوڭ بولغاندا ئىككى پۇتلۇق ،
قېرىغاندا ئۈچ پۇتلۇق .
10، قاراڭغۇ ئۆيدە ،قىزىل بايراق لەپىلدەيدۇ .
11.كېچىسى چاكار ،
كۈندۈزى بىكار .
12.قارا غوجىكام ئاتتىن چۈشتى ،
بالىلىرى چۆرىسىگە ئولاشتى .
13.ئانىسى ئۆي ساقلايدۇ ،
بالىلىرى ئوينايدۇ .
14.بېشى يوغان قاپاقتەك ،
پۇتى ئىنچىكە ساپاقتەك .
ئۈچىيى قورساق سىرتىدا ،
قۇلىقى پۇتىنىڭ بېشىدا .
15.يەتتە دوست بار قەدىناس،
بىر -بىرىدىن ئايرىلماس .
قېرىمىدى ،ئۆلمىدى ،
ياكى سەككىز بولمىدى .
بۇ دوستلاردىن كۈندە بىز ،
ئۇچرىتىمىز بىرىنى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-5 15:09
|
|