- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 104
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 104
- تىزىملاتقان
- 2011-12-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- UID
- 21373
- يازما
- 104
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 104
- تىزىملاتقان
- 2011-12-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- توردا
- 83 سائەت
|
تىل مەسىلىسىگە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. بىز تۇرمۇشىمىزدا مۇشۇنداق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان ئىشلارغا كۆپ ئۇچرايمىز. مېنىڭ ئەڭ ئاچچىقىم كەلگىنى مۇشۇ بالىنىڭ ئانىسى مائارىپ سېپىدە ئىشلەپ پىنسىيەگە چىققان ئانا ئىكەن، ھەيرانمەن، ئىلگىرى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئوقۇتقۇچىلار بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بەس-بەستە بېرىشكەنىدى، ئۇلار شۇ نۇقتىنى يەنى ئۆزى نان تېپىپ يەۋەتقان دەل ئۇيغۇرچە مائارىپتىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇشتى. مانا شۇنداق قىلىپ بىر ئوبدان ئۇيغۇر مائارىپى قوش تىللىق مائارىپ دەپ بىر تۈركۈم بىچارە چالا ساۋات بالىلارنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇمۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى زور يوقىتىش بولۇپ قالدى، قوش تىلى مائارىپى مەغلۇپ بولۇشقا تىگىشلىك مائارىپ ، ئۇنى قايتا ئىسلاھ قىلىش كېرەك، بىر مىللەت ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئانا تىلى ئارقىلىق ئۆزلىكنى تونۇيدۇ، دۇنيانى چۈشىنىدۇ، ئۆزىگە ياد بولغان بىر مىللەتنىڭ يېزىقى، تىلى ، مەدەنىيىتى ئارىسىغا رەھىمسىزلەرچە تاشلاپ بەرگەن ئاتا-ئانىلار، شۇ ئوماق پەرزەنتىڭلارنىڭ قانچىلىك ياتسىراپ چوڭ بولغىنىنى، ئېرىشىشكە تىگىشلىك بولغان نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلغىنىڭلارغا ئىچىڭلار ئىچىشمامدۇ؟ \
بىز بالىلارنى تەربىلەيمىز، بالىلىرىمىز كەلگۈسىدىكى بالىلارنى تەربىيلەيدۇ، شۇنچە ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە مىللىتىمىزنىڭ تىلى، يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز مىللىتىمىزنىڭ قولىدىلا يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز كۈچ چىقىرايلى...........
ئاللاھ، ھەممىمىزنىڭ بۇ يول ئۈچۈن ئاتىغان قەلبىنى يورۇق قىلغاي..... |
|