- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 36
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 36
- تىزىملاتقان
- 2011-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-21
- UID
- 9900
- يازما
- 36
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 36
- تىزىملاتقان
- 2011-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-21
- توردا
- 12 سائەت
|
كېكەچلىگەن ئۇيغۇر بالىلىرى
بۈگۈن بالىلار باغچىسى بالىلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› دا ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قالدىم.
پائالىيەت مەيدانى قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، ھەر مىللەت كىيىملىرى كېيىشكەن بىر-بىرىدىن ئۇماق بالىلار ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى.
پائالىيەتكە ئاساسەن ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان بولۇپ، تولىسى بەش-ئالتە ياشلاردىكى بالىلار ئىدى.
مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈرگىنى ئۇلار خەنزۇتىلىنى تولىمۇ راۋان سۆزلەش ئارقىلىق باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى. بولۇپمۇ، قازاق،موڭغۇل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز تىلى بىلەن بىللە خەنزۇتىلىدىكى ھېكايىلەرنى راۋان ھالدا بايان قىلىشى بەكمۇ قايىللىقىمنى قوزغىدى. ھازىرقى بالىلار ھەقىقەتەن ئەقىللىق جۇمۇ؟
تۇيۇقسىز سەھنىگە بادام دوپپىسى تولىمۇ ياراشقان بىر ئوغۇل بالا چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ بادام دوپپىسى ۋە كانىۋاي كىيىمى ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان بولۇپ، ھەممەيلەن قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. ئۇمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش خەنزۇتىلىدىكى ھېكايىسىنى مۇۋەپىقىيەتلىك تۈگەتتى.
–ئەمدى، مەڭ سىلەگە ‹‹باتۇ بالا دەۋراڭجاڭ›› نىڭ ھېكاسىنى سۆزلەپ بىرەمە،- مەيداندا يېنىك كۈلكە كۆتۈرۈلدى. (ئەسلى ئۇ ‹‹باتۇر بالا دەۋرانجاننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن›› دېمەكچى ئىكەن)
ئىشقىلىپ، ئۇ نەچچە يەردە توختاپ، قايتىلاپ، دۇدۇقلاپ ئاخىرى ھېكايىسىنى ئاخىرىلاشتۇردى.
ھەممەيلەن ئالقىش ياڭراتتى. لېكىن، مەن ۋە بىر قانچەيلەن سۈكۈتتە تۇرۇپ قالدۇق. بۇ قانداق ئىش؟ ئۇيغۇر بالىسى ئۆز تىلىدا ئوڭلاپ سۆزلىيەلمەيدىغۇ؟ ئۇ بالىنىڭ تىلى سەل ‹‹كەمتۈك›› مۇ يا؟ شۇنداقمىكىن دېسەم، خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن.
ياق، گەپ بالىدا ئەمەس. ئۆزىنىڭ تىلىدىن باشقا تىلنى شۇنچىلىك مۇكەممەل ئىگىلىگەن بۇ بالا ئەجىبا، ئانا تىلىنى راۋان سۆزلىيەلمەسمۇ؟
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنىڭ ئانا تىلىنى ئىگىلىشىگە بەكمۇ سەل قارىغان. بالىنى بالىلار باغچىسىغا بەرگەندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇستازلىقىنى ئۇنتۇپ، بالىدا ئانا تىلغا بولغان قىزىقىشنى قوزغاتمىغان. نەتىجىدە، بالا مانا موشۇنداق ‹‹ئالاھىدە›› يېتىلىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. مەن ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا سەپ سالدىم. ئۇلارنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم ئىدى. ھەتتا، بالىسىنى سۆيۈپ كەتتى.
ئەجىبا، ئۆز ئانا تىلىنى كېكەچلەپ سۆزلىگەن شۇ بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنچىلىك مەستلىكىنى كەلتۈرگەنمىدۇ؟
ئۇلار بۇنىڭدىن نۇمۇس ھېس قىلىشمىغانمىدۇ؟ كۆز ئالدىمدا داڭلىق ئەدىبلىرىمىز نامايان بولدى. ئاھ، ئۇلۇغلىرىمىز بىزنى كەچۈرۈڭلار! شۇ كېكەچلىگەن ئۇيغۇر ئەۋلادىڭلارنى كەچۈرۈڭلار! بىز ئالدىڭلارغا نېمە دەپ بارارمىز؟ سىلەرگە مەقسىتىمىزنى ئېنىق ئۇقتۇرالارمىزمۇ؟ نۇرغۇنلىغان «نېمە ئۈچۈن» لەر كاللامنى چىرمىۋالدى.
مەنبە: ئۆزۈم. |
|