كۆرۈش: 11485|ئىنكاس: 4

ئاھ ئالى مەكتەپ ھاياتىم ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15
يازما
16
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2009-4-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-25 12:49:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                       ئاھ ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىم !


      ئۆكتەبىر بايرىمىغا ئاز قالغاندا ،ئالىي مەكتەپتىكى ياتاقدىشىمدىن تېلفۇن كەلدى .
-ياۋۋ ...ئادىشىم بارمۇ سەن ھوي ،كونا بەش سوملۇق پۇلدەك يۇقاپلا كەتتىڭغۇ . بايرامدا ئاتۇشقا كېلە ،كېلىش كېتىش كىرايىڭ ھەممىسى مەندىن . بەك سېغىندىم ياتاقتىكى باللارنى جۇمۇ .
-سىلەرنى مەنمۇ سېغىندىم ئاداش . ئامال بولماي قالدى ، تۇيۇڭغىمۇ بارالماي قالدىم ،-بوغۇزۇمغا بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ، كۆزلىرىمگە ياش كەلدى .
-ئەمسە ، قۇرۇق گەپنى قۇيۇپ بايرامدا كەلگىن ، بېلەت زاكاس قىلىپ قۇياي.  ئويناپ كەتمەمسەن . ھېچ بولمىغاندا بالامنى بولسىمۇ كۆرۈپ كەت .
ياتاقدىشىمغا نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەرنى ، پۇرسەت يار بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇننى قويدۇم .
ھەي... ئالىي مەكتەپ ھاياتىم!  شۇنچە شېرىن ئارزۇلارغا چۆمۈلدۈرگەن دولقۇنلۇق يىللار !
كەچتە نىمىشقىكىن ئۇيقۇم كەلمەي ، ئۇياققا ئۆرۈلۈپ بۇياققا ئۆرۈلۈپ ياتتىم ،  ياتاقدىشىمنىڭ بايىقى تېلفۇنى خىياللىرىمنى سەككىز يىل ئاۋالقى ئەسلىمىلەر قوينىغا  ئاستا-ئاستا باشلىدى .
      ئالىي مەكتەپنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ ،بىرنەچچە ئاي ناھايىتى جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆتتى . تۇنجى يىلى تەييارلىق باسقۇچىدىكى كەسپىمىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەرسلەر ،خەنزۇتىلىدىن دەسلەپكى ساۋات قاتارلىق دەرسلەر مېنى بوشاشتۇرۇپلا قويدى . زېرىكىشلىك دەرسىخانا، ياتسىراش مېنى تېخىمۇ جىمغۇر قىلىۋەتتى . بۇلۇپمۇ ماڭا ئەڭ ھار كەلگىنى ،تۇنجى قېتىم مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماق يىيىشىم بولدى .
ئاشخانىغا كىرىپ ئاغزىمنى تۇتۇپلا قالدىم ، نىمە دېگەن كۆپ ئادەم بۇ ،توۋا ...
تەخمىنەن 10-15 مىنۇتلار ئۆچرەت ساقلىغاندىن كېيىن ، نۆۋەت ماڭا  كەلدى . تاماقلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىقىپ ھېچبىر مەن يىگۈدەك تاماق تاپالمىدىم .
-پولو بارمۇ ؟
-پولو تۈگەپ كەتتى ،خان
-ئەمسە گاڭپەن بارمۇ ؟
گاڭپەن ئاۋۇ تەرەپتە ،  سومىيەن بار يەڭە بەك ئوخشىدى .
< ماقۇل  > دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم .
- قانچىلىك ئۇسىمەن ؟،-  ئاق خالات كىيىۋالغان يوغان قۇرساق ئاشپەز چۈمۈچىنى ئويناتقاچ قاش ئاتتى .
نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي ،- شۇ بىر كىشىلىك سومىيەن ،- دېدىم ئارانلا .
- ئىككى سەرمۇ ؟ تۆت سەرمۇ ؟
ۋاي خۇدا تاماق ئالماق نىمانداق تەستۇ ، نىمانداق جىق سۇئال بۇ . گاڭگىراپلا قالدىم . ئىككى سەر دېگەن قانچىلىك ، تۆت سەر دېگىنىچۇ ئۇنى بىلمەيتتىم .
- ئىككى سەر ، - قارىسىغىلا جاۋاب بەردىم . تاماقنى ئېلىپ بۇلۇپ  قاچامنى كۆتۈرگىنىمچە بوش ئورۇندىن بىرگە كېلىپ ئولتۇردۇم . ئۇف ! چوڭقۇر نەپەستىن بىرنى ئېلىۋېتىپ تاماق قاچامغا قاراپلا تۇرۇپ قالدىم .
نىمانداق ئاز تاماق بۇ ، يېرىم چۆمۈچ كېلەمدۇ نىمە ؟ ئىسىت تۆت سەر دېسەمچۇ ،شۇنچە ئۇزۇن ئۆچرەت كۈتۈپ ئالغان تامىقىمنى .  سومىيەننى قۇشۇق بىلەن ئۇياققا بۇياققا دومىلىتىپ ،ئىچىدىن ئاران بىر تال گۆش تاپتىم . شۇ ھامان كۆزۈمگە لىغغىدە ياش كەلدى .
ئاپام ئەتكەن تاماقلارنىڭ قەدرى تۇنجى قېتىم ئۆتۈلدى . ئۆزەمنى ناھايىتى تەستە بېسىۋېلىپ بىر قۇشۇق  تاماقنى ئاغزىمغا سالدىم ، ئەزەلدىن ئۆزۈم يالغۇز تاماق يەپ باقمىغاچقىمۇ ،  ھەممە ئادەم ماڭا قاراپ تۇرغاندەك بىلىنىپ قوللىرىم تىترەشكە باشلىدى . ھۇدۇققىنىمدىن  ئاغزىمنىمۇ ئاران تاپاتتىم . بىردەمدىلا قارا تەرگە چۆمۈپ كەتتىم .  ئاخىرى تاماق قاچامنى كۆتۈرگىنىمچە ياتاققا يېنىپ كىردىم . بىر چۆمۈشمۇ كەلمەيدىغان بۇ سومىيەن ساندۇققا داچەن تاشلىغانچىلىك بولمىدى . چۈشتىن كېيىنلىك دەرس باشلانماي تۇرۇپلا قورسۇقۇم ئېچىپ سايراشقا باشلىدى . خەپ ! دېدىم ئىچىمدە .  مەكتەپ ئاشخانىسىغا ئىككىنچى قەدەم باسىدىغان بولسام ئادەم بولماي كېتەي .
        ياتىقىمىزدا ئۈرۈمچىدىن ئىككىمىز بار ئىدۇق . قالغانلار قەشقەر ، ئاتۇش ، كورلا ، كۇچا ، توقسۇندىن ئىدى . ھەممىمىز بۇ يېڭى ياتاق مۇھىتىغا  تېخچە كۈنۈپ بۇلالمايۋاتىتۇق . سىلى ئۆزلىرى دەپ بىربىرسىمىزدىن شۇنچە ئەيمىنەتتۇق .
       ئەمدى گەپنى ئۆزۈمنىڭ قەھرىمانلىق ھېكايەمدىن باشلاشقا توغرا كەلدى . ئەنە شۇ قېتىملىق قەھرىمانلىقىمدىن كېيىنلا مەن ئالىي مەكتەپتىكى ياتاقداشلىق مىھرىنىڭ ئۈزۈلمەس يىپلىرى بىلەن چىڭ باغلاندىم .
ئالىي مەكتەپ ھاياتىم باشلىنىپ ئىككى يېرىم ئاي بولغان چاغ ئىدى . ئۆيدىكى چوڭلار يۇرتقا تۇققان يوقلىغىلى كېتىپ ،ئۆيدە يالغۇزلا قالدىم .  بىر يەكشەنبىدە  ئاچام  قىزىنى ئېلىپ ئۆيىمىزگە كەلدى .كەچلىكى  مەكتەپكە مېڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلغاچ سىرتقا نان ئالغىلى چىقىپ كەتتىم . ناننى ئېلىپ بۇلۇپ ، مەھەلىدىكى بىر دوستۇم بىلەن ئەمدىلا  پاراڭلىشىپ تۇرۇشۇمغا ، ئاچامنىڭ يىراقتىن توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
- چاققان بۇلا !  چاتاق چىقتى .
-نىمە ؟ ،- يۈگۈرگەن پېتى بىنا ئالدىغا كەلدىم ،ئاچامنىڭ يىغلىغانلىقنى كۆرۈپ ،  يۈرىكىم < قارت ! > قىلىپ قالدى .
ئەسلىدە مەھەلىدىكى ئۇششاق بالىلار زال ئىچىدە قەغەز كۆيدۈرۈپ ، ئوت كەتتى دەپ ۋارقىرىشىپ ئويناپتىكەن ، ئاچام نىمە ئىش بولدىكىن دەپ ئىشىكتىن ئەمدىلا چىقىشىغا ، شامالنىڭ تەسىرىدىن ئۆينىڭ ئىشىكى يېپىلىپ ، ئۈچ ياشقا كىرگەن جىيەن قىزىم ئۆيدە سولىنىپ قاپتۇ .
-ئەمدى قانداق قىلارمىز ؟- ئاچام بىر تەرەپتىن سۆزلەپ بىر تەرەپتىن يىغلايتتى . قېيىشقاندەك مېنىڭمۇ ئاچقۇچ ئېلىۋالمىغىنىم دېسە . زالدا  ئىس -تۈتەك دەستىدىن  ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايتتى . ئۆي ئىچىدىن جىيەن قىزىمنىڭ ھە دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى . ئۇنىڭ يىغلىشلىرىغا چىداپ تۇرالمىدىم .
- ئەنسىرمە ، مەن ئامال قىلىمەن ، - شۇنداق دېگىنىمچە ياندىكى تام قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە يۈگرەپ چىقتىم -دە ، بولغان ئەھۋالنى ئېيتىپ ،دېرىزىدىن يامىشىپ ئۆيىمىزگە چىقماقچى بولدۇم . ئاشخانىنىڭ دېرىزىسىدىن بىزنىڭ ئۆيگە چىقىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى .  بالىكونغا چىقتىم .
- توختاڭ قىزىم ، بەك خەتەرلىك ، ئوغلۇم يامىشىپ باقسۇن ،- قوشنىمىز مېنى توسۇپ قويدى .
قوشنىمىزنىڭ مەن دېمەتلىك ئوغلى بالىكوندىن بېشىنى چىقىرىپ ، سەل ئىككىلىنىپ قالدى .  
جىددىيچىلىكتە ،- ئۆتىڭە بۇياققا ، ئۆزۈم چىقىمەن بولدى ،- دېگىنىمچە قوشنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ دولىسىدىن تارتىپ بىر چەتكە ئىتتىرۋېتىپلا  بالكوننىڭ دېرىزىسىگە چىقتىم . توۋا ، قېرىنداشلىق مىھرى دېگەن ئاجايىپ بۇلىدىكەن .  ھەتتا بالىكوننىڭ دېرىزىىدىن بېشىمنى چىقىرىپ يۈرەكلىك ھالدا سىرتقا قارىيالمايدىغان مەندە مۇشۇ مىنۇتلاردا قورقۇشتىن قىلچە ئەسەرمۇ يوق ئىدى . كاللامدا پەقەتلا جىيەن قىزىمنىڭ يىغلىغان ئاۋازىلا بار ئىدى . قوشنىمىزنىڭ بالكونىدىن بىزنىڭ بالكونغا پۇتۇمنى ئاستا سوزدۇم . ھېچبىر پۇتۇم يىتىدىغاندەك ئەمەس . تۆتىنچى قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتسەم نىمە بۇلارمەن دېگەنلەرنى ئەسلا ئويلاپ قويمايتتىم  . تامغا چىڭ چاپلىشىپ تۇرۇپ كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە پۇتۇمنى سوزدۇم .

داۋامىنى ئەتە يازاي . ھى ھى ھى ... بۈگۈن بەك كەچ بۇلۇپ كېتىپتۇ .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
18
يازما
10
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2010-6-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-25 19:52:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىزنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز قانداق ؟ باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلەيلى !

http://hi.baidu.com/baghrim

تىرىشچان ئەزا

ھايا-قىز بالىنىڭ

UID
6
يازما
86
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
403
تىزىملاتقان
2008-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-26 02:40:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامىز

erki بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-26 04:01:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
21
يازما
43
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1603
تىزىملاتقان
2008-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-27 12:46:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قىسىملىق ھىكايە ئوقىسام ئاچچىقتىن ئۆلەي دەيمەنغۇ زادى ......... ئاخرىچۇ بۇنىڭ ...... ئارىسىدىكى ئېلانلار قاچان تۈگەر ..............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش