ئايرىلىپ 1 كۈندىن كېيىن
مۇبادا بىز ئۇچرىشىپ قالساق،
مەن سېنىڭ كۆزۈڭگە قارايمەن.
كۆز ياشلىرىم شۇنداق دەيدۇ:
مۇنداقلا سەندىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق،
پەقەت سەنلا قايتىپ كەلسەڭ،
نەچچە قېتىم قايتىدىن باشلىساقمۇ مەن رازى ئىدىم.
........
ئايرىلىپ 1 ھەپتىدىن كېيىن
مۇبادا بىز ئۇچرىشىپ قالساق،
مەن قانداق قىلىشنى بىلمەيمەن.
سەن ئادەملەر توپى ئىچىدىن يۈتۈپ كەتكۈچە،
مەن ئاندىن شۇنى بىلىمەن.
بۈگۈن كېچە ماڭا ھەمراھ بولىدىغىنى،
پەقەت كۆز يېشى.
.....
ئايرىلىپ 1 ئايدىن كېيىن
مۇبادا بىز ئۇچرىشىپ قالساق،
مەن كۆزۈمنى باشقا يەرگە ئەپ قاچىمەن،
سېنى كۆرمەسكە سالىمەن.
لېكىن يۈرىكىمدە بىر ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.
ئۇ بولسىمۇ سېنىڭ مېنى چاقىرىشىڭ،
سېنىڭ ئاۋازىڭ چۈشلىرىمدە ماڭا ھەمراھ.
....
ئايرىلىپ 1 پەسىلدىن كېيىن
مۇبادا بىز ئۇچرىشىپ قالساق،
مەن قەدىمىمنى ئاستا توختىتىپ،
يولنىڭ خالىي بىر يېرىدە تۇرىمەن.
سىنىڭ خۇشاللىقىڭنىڭ مېنىڭ قايغۇمنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايمەن.
ئاقىۋىتى ئاللىبۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان،
تولىمۇ تەستە ئەمىن تاپقان كۆڭلۈمنىڭ،
يەنە باشقىلار تەرىپىدىن ئاۋارە بولىشىنى خالىمايمەن.
....
ئايرىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن
مۇبادا بىز ئۇچرىشىپ قالساق.
سالاملاشقان ۋاقىتتىكى چىراي ئىپادەممۇ شۇنداق سۇس.
يۈرىكىمدە...
چوڭقۇر يەرلىرىدە ئەپسۇسلىنىش،
بەلكىم نەپرەتتۇر،
مۇھەببەت قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزدۇر.
....
ئايرىلىپ 1 يىلدىن كېيىن
مەن يەنىلا سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن،
ساڭا
سەن بولمىغان كۈنلەردىمۇ،
مېنىڭ يەنىلا خۇشال ياشايدىغىنىمنى كۆرسەتمەكچى.
يەنە ساڭا شۇنداق دېگۈم بار،
سەنمۇ ياخشى تۇرۇپسەن.
سېنىڭ ھاياتىڭدا مەن بولمىغان تەقدىردىمۇ.
ئاخىرىدا
دۇنيا ئايلىنىۋېرىدۇ،
ۋاقىت كەينى كەينىدىن داۋاملىشىۋېرىدۇ.
بىز شۇنداق دەيمىز،
قانچىلىك جاپالىق قانچىلىك ئازابلىق بولسۇن،
ئەتە چوقۇم كېلىدۇ.
ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا كىم دىققەت قىلىدۇ؟
ھېچكىممۇ دىققەت قىلمايدۇ.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ: قانچىلىك ئېغىر ئازاب بولسۇن،
پەقەت 7 يىل ۋاقىتتا ساقىيىپ كېتىدىكەن.
چۈنكى 7 يىلدا بىزنىڭ ھۈجەيرىلىرىمىز يېڭىلىنىدىكەن، بىر تەرەپتىن
كونا ھۈجەيرىلىرىمىز قالمايدىكەن.
ھەر كۈنلۈك بەرداشلىق بېرىش بىر خىل ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىك،
بىر كۈن ئۆتسە،
سېنى سېغىنغان ھۈجەيرەمدىن بىر قىسمى ئۆلىدۇ.
ھامان بىر كۈنى،
ھەممىسى ئۆلۈپ پاك پاكىز بولۇپ كېتىدۇ!!!!
مەنبە خەنزۇچىدىن كاكتۇس تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-4 15:13