بىر سېغىنىش ئۆرتەپ يۈرەكنى،
ساڭا يېزىپ سالدىم سالامنى.
چاناقلاردا سۈپ-سۈزۈك قەترە،
تەييارلاپتۇ مىسال مارجاننى.
بىر تىنىقتا ئۇرغان ئاھىممۇ،
پارچىلىدى كۆكتە چولپاننى.
شوخ كۈلكەڭنى ئاڭلاشقا زار بوپ،
ئىزلەپ يۈردۈم بۇلبۇلنى باغدىن.
گۈلخان كەبى تىنىقنى ئەسلەپ،
ئوتلار ياقتىم ئوت تېرىپ تاغدىن.
ئۆتمۈشلەردىن ئىزلەپ سۈزۈكلۈك،
زارلاپ قالدىم بۇ يارا-داغدىن.
تۈن كېچىلەر جۇپلەشتۈرەلمەي،
ھېرىپ قالار كىرپىكلىرىمنى.
قوياش چىقىپ كۈلدى بەك مەيۈس،
چاقنىتالماي زۇمرەتلىرىمنى.
سۇلۇپ قالدىم گۈلزارلىقلاردا،
يۈرىكىڭدىن ئىزلەپ ئورنۇمنى.
يامغۇر ياغماي چاك بولغان چۆللەر،
ئەسلى مېنىڭ باغرىم ئۇ بىلگىن.
ياتلار ئۈچۈن بولدۇم زىمىستان،
ئۈمىد يوقتۇر قارلىق چوققىدىن.
سەن قەدرىمگە يەتكەندە كەتسەم،
يىغلىمىغىن بەرگىن كۈلكەڭدىن.
جېنىم رىشتى سۆيگۈڭدە چوقۇم،
تىرىلدۈرگىن سۆيۈپ يۈرەكتىن.