مەن بىر تامچە ياش
مەن قارچۇقىڭدىن سىرغىپ چىقىپ،
كىرپىكلەرنىڭ قورشاۋىدىن بوسۇپ چىقالماي.
تۇتقۇن بولغان بىر تامچە ياش.
يېرىم كېچە ئەجەپ ئەنسىز ھە؟!
قارا!تەلۋىلەرچە ھۇشقىيىتقان بوران
دەرۋازىنى قاقتى خۇددى ئادەم كەلگەندەك،
كىم؟ئەنسىز ئىشىكنى ئاچتى بىر ئايال.
ئۇھ،بوران قاققان ئىشىكنى
يولدىشىڭ كەلدى دەپ
خاتا يەتكۈزگەنىكەن
تىۋىشلارغا زارىققان تۇيغۇ ۋە خىيال.
كىرپىكىڭ مۇھاسىرىسىدە قاغجىراپ بىردىن،
خالاپ قالدىم بوران بولۇشنى.
ئىھ،ئايالى ئۆيىدە كۈتكەن
ئۆزى غەمسىز نەلەردە يۈرگەن
ئاشۇ ئەرنى راسا ساۋاشنى.
مەن سىرغىپ چىقىپ مەڭزىڭدە قاتقان ياش،
سېزىپ تۇرۇمەن
تومۇرۇڭدا ئاققان قانلارنىڭ ئۆركەشلىرىنى.
ئاڭلاپ تۇرۇمەن
يىراق،قەدىم بىر رىۋايەتتىكى
پادىچى يىگىت،توقۇمىچى قىزنىڭ
چىن مۇھەببەت كەچمىشلىرىنى.
خالاپ قالدىم كىرپىكىڭدە مۆلۈلدىگەندىن
ئايلىنىشنى ئاسماندا چاقناق
بىر تال يۇلتۇزغا.
يالغۇز قالغان كېچە قوينىدا
تەسەللىغۇ بېرەر ئىدىم ھە!!
نالە بىلەن چىرىلداپ تۇرۇپ
دەرىتلىرىنى تۆكسە تۇمۇزغا.
ئۆتەتتى بىر كېچە،پۈتەتتى بىر لېرىكا.
مەن جاۋغىيىڭدا قاتقان بىر تال مۇز،
لەۋلىرىڭنى ھىمىرمە بولدى
ئاتەش تامان ئىسسىنما بولدى
ئېرىپ كېتىمەن...
ئېقىپ كېتىمەن...
بىر ھەقىقى سۆيگۈ بەرمىگەن
بۇ ئالەمدىن يۈتۈپ كېتىمەن
مەن ئايلانسام پارغا ئاسماندا
بەلكى بۇلۇت بولۇمەن يەنە
سەن يامغۇرنى ياخشى كۆرەتتىڭغۇ..
شۇ چاغ،يامغۇر چۈشۈپ ،لىق تولۇدۇ قۇچاقلىرىڭغا.
ئاھ ئارمانسىز باغرىڭغا سىڭىپ،
چىڭ قۇچاقلاپ مەڭزىڭنى سۆيسەم
ئۇرۇلىدۇ بەلكى تونۇش ھىد،دىماغلىرىڭغا.
سۈرتۈۋەتمە مەڭزىڭنى ئەي يار،
مەن يامغۇر تامچىسى،ئەمەس كۆز ياش.
لەپىلدىسىمۇ ئەتراپىڭدا قار،
سەن سېزىسەن باغرىڭدا باھار،
شاتلىنىسەن مۇھەببەتلىك يۈرەككە ئوخشاش.
مەن قەلبىڭدىن سىرغىپ،كۆزۈڭدىن سىرغىپ،
كىرپىكلەر قورشاپ تۇرغان ساھىلدا،
ماكان تۇتقان بىر تامچىلا ياش.
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى