- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 25
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 796
- تىزىملاتقان
- 2008-11-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-13
- UID
- 610
- يازما
- 25
- تېما
- 20
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 796
- تىزىملاتقان
- 2008-11-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-13
- توردا
- 0 سائەت
|
ئەرنىڭ نەزىرىدىكى مۇھاببەت:
دەسلەپكى تونۇشقاندا: ئۇ خۇددى بىر پەرىشتە.
مۇھاببەتلىشىۋاتقاندا: ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى قىز، مەن چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن.
توي قىلىپ بىر يىل بولغاندا: مېنىڭ خوتنۇم ھەر ھالدا يامان ئەمەس، قەدىردان رەپىقە بولۇشقا لايىق، پەقەت بەزىبىر ئۇششاق ئىللەتلىرى بار، تۇرۇپ-تۇرۇپلا سەپرالىشىپ قالىدۇ.
توي قىلىپ بەش يىل بولغاندا: ئۇ بارغانسېرى تېتىقسىزلىشىشقا باشلىدى، بارغانسېرى ئازازۇل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
توي قىلىپ 10 يىل بولغانغدا: ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ سەت، ئەڭ بېشەم ئەڭ غەرەز ئۇقمايدىغان خوتۇن، نېمىشقىمۇ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولغىيتىم؟
توي قىلىپ 20 يىل بولغاندا: ئۇنىڭ ئاشۇ كەمچىلىكلىرى، مىجەزىنىڭ ئوساللىقىنى دېمىگەندە، ئەپلە-سەپلەپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ.
توي قىلىپ 30 يىل بولغاندا : ئۇ ناھايىتى غەرەز ئوقىدۇ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدۇ، تۇرمۇشتا ناھايىتى ئىدىتلىق.
توي قىلىپ 40 يىل بولغاندا: كەمپىرىم ھەقىقەتەن يامان ئەمەس، ئائىلە باشقۇرۇشتا ئوبدانلا پەمى بار، سىرتلاردىمۇ بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن.
ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى: ئېيتقۇسىز ئازابقا قالدىم، چۈنكى مەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايالدىن ئايرىلىپ قالدىم.
ئايالنىڭ نەزىرىدىكى مۇھاببەت:
دەسلەپكى مۇھەببەتلەشكەندە: دۆت ھەم ھاڭۋاقتى، ھەقىقەتەن سېپى ئۆزىدىن ھاماقەت.
مۇھاببەتلىشىۋاتقاندا: ئۇ بەكلا ياۋاش، ئەمما بەك قولىقى يومشاق، ئادەمنىڭ ئىچىنى بەك كۆيدۈرىدۇ، مەن ئۇنىڭغا تېگەرمەنمۇ؟
توي قىلىپ بىر يىل بولغاندا: مېنىڭ ئېرىم ھەر ھالدا بولىدۇ. غەرەز ئوقىدۇ، ئادەمگە كۆيۈنۈشنىمۇ بىلىدۇ، تېخى ئازراق سېھرىي كۈچىمۇ بار.
توي قىلىپ بەش يىل بولغاندا: ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى، ئەقىل-پاراسەتلىك، تالانتلىق، كامالەتكە يەتكەن ئەر ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم.
توي قىلىپ 10 يىل بولغاندا: ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم، ئۇ بولمىغان بولسا قانداق ياشايدىغانلىقىمنى ھەقىقەتەن بىلمەيمەن.
توي قلىپ 20 يىل بولغاندا: ھەي، ئۇنىڭ ماختاشقا ئەرزىگۈدەك يەرلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ناھايەت ئۇنىڭ تۇرقىلا بىر ئەر كىشى.
توي قىلىپ 30 يىل بولغاندا: ئۇنىڭ ئىللەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ھورۇن، گالۋاڭ، جاھىل، ئىقتىدارسىز....
توي قىلىپ 40 يىل بولغاندا: دۆت ھەم گالۋاڭ، ئالجىغان قېرى.
ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە: بۇ ئۆلگۈر قېرى مېنى بىر ئۆمۈر داغدا قويدى، مېنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزى كېتىپ قالدى. |
|