- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 166
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5943
- تىزىملاتقان
- 2009-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-14
- UID
- 1500
- يازما
- 166
- تېما
- 62
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5943
- تىزىملاتقان
- 2009-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-14
- توردا
- 0 سائەت
|
نېمانچە قىممەت كىيىملەرنى ئالىسىز دەمسىز؟ قاراڭ، بۇ دېگەن داڭلىق ماركا، مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ بولغاندىكىن ھەر قانچە قىممەت بولسىمۇ چىداپ ئالىمەن-دە! پۇل؟ ھەر ئىشنىڭ ئامالى بولىدۇ-دە! ئۆيدىكىلەر ھە رئايدا تاماق ئۈچۈن 300 يۈ ەن، باشقا خىراجەتلىرىم ئۈچۈن 100 يۈ ەن ئەۋەتىدۇ. ئاكاشلار بىلەن تاماق يېمىگەن ۋاقتلىرىمدا سېرىقئاش ياكى تەييار چۆپ يەپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىمەن، قانداقسىگە دەمسىز؟ بۇنداق بولغاندا ھەم پۇل تېجەيمەن، ھەم زىلۋالىشىمەن. ئۆيدىكىلەرگە ئىنگلىز تىلى كۇرس ھەققى...سىنىپ پۇلى دەپ ئايدا 100 يۈ ەندىن قوشۇپ ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن. لېكىن ھازىرغىچە نەدە كۇرس بارلىقىنىمۇ بىلمەيمەن.ئاي لوۋ يۇۋ بىلەن ئوكتىن باشقا ئىنگىلزچىنى بىلمەيمەن. ھەيران قالماڭ! پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا يېتىشەلمىسەممۇ، مودىغا يېتىشىۋاتقان ستۇدىنت مەن!
نېمانچە غەلىتە، ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىۋالدىڭىز دەمسىز؟ ھەي! شۇنچە ئىسسىقتا يەنە كېلىپ شۇنچە گۈزەل بەدىنىمنى قوپال كىيىملەر بىلەن ئورىۋالسام بولماس. غەرپنىڭ كىنولىرىنى كۆرمەمسىز-نېمە؟ بۇ ئاسما يەڭلىك، كالتە، تور كۆڭلىكىمنىڭ پۇلىغا ئاۋۇ مەتۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى توقامدىن بەش، ئالتە قۇر كېلىدۇ. مېنى كۆرسە قاپاقلىرىنى تۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىدىغان سەھرالىق تومپايلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتمىسەم ھېساپ ئەمەس! بولدى، بۇنچە ھەيران قالماڭ! ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىگە ماسلىشىۋاتقان، زامانغا لايىق ستۇدىنت مەن!
شۇنچە كەچتە قېنىق گىرىم قىلىپ نەگە ماڭدىڭىز دەمسىز؟ ياشلىقتا ئوينىماي-كۈلمەي ئۆتكىلى بولامدۇ؟ بىزنى قىزىل پەمىدۇر ياكى بوس تىن، <<ئون يېرىم>> دېگەن دىبا قاۋاقلاردىن ئىزدەۋېرىڭ. ھەر -ھەر مەرد <<ئاكا ئاغىنە>>لىرىمىز بار. سەھنە دېگەن بىزنىڭ. ھەرغىچە ئوينايمىز، كەچتە نەگە بارىدىغانلىقىمىزدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ... ھەيران قالماڭ، دەرسلەردە ئەڭ ئارقىدا بولساممۇ، ئويۇن-تاماشىدا ھېچكىم يېتەلمەيدىغان ستۇدىنت مەن!
نېمە؟ دەرستىن سىرتقى ماتېرىياللارنى كۆرۈڭ دەمسىز؟ سىزنىڭ كاللىڭىزدا چاتاق بارمۇ نېمە؟ مەكتەپكە كەلگەندىلا تارقىتىلغان كىتابلىرىمنى تېخى تولۇق كۆرۈپ باقمىدىم. نۇرغۇن كىتابلىرىم يىپيېڭى، ئىچىلىپمۇ باقمىغان، ئېچىلسىمۇ ئىمتىھان ۋاقتىدا كۆچۈرىدىغان باغاقچە بېزىش ئۈچۈن ئېچىلغان. شۇنداق تۇرۇپ مەن سىرتتىن كىتاب ئېلىپ، يەنى كېلىپ بېشىدا ئوت كۆيۈۋاتقان پۇلغا كىتاب ئېلىپ كۆرەمدىم؟ ئاڭلىسام كىتابلار بەك قىممەتمىشقۇ؟ مەكتەپ تارقاتقان كىتابلار ماڭا يېتىپ ئاشىدۇ. ئۇنداق ئىشلارنىچۇ ئاۋۇ<<كىتاب خالتىلىرى>>غا دېسىڭىز تىڭشارمىكىن تاڭ...ھەيران قالماڭ! باشقا ساھەلەرگە پىششىق بولمىساممۇ، ئىقتىساد، پۇل خەجلەش ساھەسىگە ناھايىتى پىششىق ستۇدىنت مەن!
گەپلىرىڭىزنىڭ يېرىمى خەنزۇچە، يېرىمى ئۇيغۇرچە دەمسىز؟ ۋاي-ۋۇي! تېخى بىلمەمسىز؟ بىز دېگەن پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىدا ئۆتىلىدىغان دەرسلەرنى ئاڭلايمىز. ھەر يىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى بېرىمىز. گەرچە ئۈچ يىلغىچە 4-دەرىجىدىن ئاشالمىغان بولساممۇ، سەۋىيەم دەھشەت يۇقىرى. بەزى سۆزلىرىڭىز توغرا ئەمەس؟ مەن دېگەن پۇتۇڭخۇانىلا ئەمەس، ئەبجەش تىللارنىمۇ سۆزلىيەلەيمەن...ئۇيغۇر تىلىدىغۇ ئانچە راۋان سۆزلىيەلمەيمەن. راست! شۇڭا ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ تىلىمنى ئۆزگەرتكەچ تۇرمىسام، كېيىن يەنە قىينىلىپ قالىمەن. نېمانچە سەت چەكچىيىسىز، ھەيران قالماڭ، تارىختىن ھېچنىمە بىلمىسەممۇ، كەلگۈسىگە توغرا ھۆكۈم قىلالايدىغان ئالدىن كۆرەر ستۇدىنت مەن!
ئاغزىڭىز ھاراق پۇراۋاتىدۇ دەمسىز؟ ئىچىمىز، تېخى چېكىمىز، بىزنىڭ ئوغۇللاردىن قالغۇچىلىكىمىز بارمىتى؟ ئۇلار ئىچسە، چەكسە بولىدۇ-يۇ، بىزگە يول يوقمىكەن؟ ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغىلى قاچان؟ زامان تەرەققىي قىلدى، دەۋر ئۆزگەردى، بىزمۇ تەرەققى قىلىپ ئۆزگىرىشىمىز كېرەك. ئۆتمۈشتىكى مومىلىرىمىزدەك قازان بېشىدا چۆرگىلەپ، ئېرىم، بالام دەپ ئۆتسەك بولماس! بۇغۇ سورۇن، بەزىدە ئىچىمىزگە دەرد توشۇپ كەتكەندە، بەزى ئەبلەخلەر بىزنى ئەخمەق قىلغاندا ياتاقتىمۇ ئىچىمىز-چېكىمىز، مەكتەپتىن جازا يېسەكمۇ زاكۇسكا ئورنىدا بىلىنىدۇ، زامانغا ماسلىشىشىمىز كېرەكتە ئاخىر! دەسلىرىمنى چۈشەنمىگىنىم بىلەن زامان تەرەققىياتىنى ئوبدان چۈشىنىدىغان ستۇدېنت مەن!
نېمانچە جىددىلىشىپ كەتتىڭىز دەمسىز؟ جىددىلەشمەي تۇرالمىدىم؟ مەكتەپتىن ئۆيگە نەچچە يىللىق ئىمتىھان نەتىجەم بىلەن ئىككى يىللىق ئوقۇش، ياتاق پۇلىنى تۆلىمىگەنلىكىم توغرىسىدا ئالاقە ئەۋەتىپتۇ، ئەتە دادام كەلمەكچى. نېمىشقا تۆلىمىگەن؟ شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ ئۇچامدىكى بۇنچە پۇللۇق كىيىملەر، يۈزۈمگە سۈرىدىغان قىممەت پەرداز بۇيۇملىرى، يەنە قولۇمدىكى رەڭلىك ئېكرانلىق تېلېفون، ئەڭ مۇھىمى، تېخى ھەر مەۋسۇمنىڭ بېشىدا تۆلەيدىغان تولۇقلىما ئىمتىھان قاتارلىقلارنىڭ پۇلىنى ئاشۇ ئىشچى دادام بىلەن ئانام ئەۋەتكەن پۇلغا تايىنىپلا تەييارلىيالامتىم؟ ئەمدى كۆپ گەپ قىلغىدەك ۋاقتىم يوق! تېز بېرىپ ھېلىقى ئاكاشنى ياكى ھېلىقى خۇجايىننى ئىزدەپ پۇل سوراپ باقاي. بېرىپ تۇرالىسا دادامغا بىر نېمىلەرنى دەپ ئالدىدىن ئۆتۈۋالارمەن. ھەيران قالماڭ! مۇئەللىملەر ياخشى كۆرمىسىمۇ << باي ئاكاش>> لار ياخشى كۆرىدىغان ستۇدىنت مەن!
نېمانچە ئېزىلىپ يىغلايسىز دەمسىز؟ بەش يىل ئوقۇپ يا ئۇنۋان يا دىپلوم ئالالمىسام، يا بىرەر ساۋاقدىشىم ماڭا ئېسىلىپ <<خوش دوستۇم!>> دېمەي تەتۈر قاراپ نەپرەتلىنىپ كېتىۋاتسا، تېخى نەچچە ۋاقىتتىن سورۇنلاردا << ئوقۇشىڭىز پۈتسە بىزنى ئىزدەڭ، خىزمىتىڭىزگە يول مېڭىشىپ بېرىمىز!>> دېگەن نوچىلارمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەيۋاتسا، يا دادام بىلەن ئانام چىراي ئاچمىسا، مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن؟! بولدى، بۇنچە ئىچ ئاغرىتىپمۇ كەتمەڭ!<<يا بايدىن چىقار، يا سايرامدىن>>، يەنە تەۋەككۈل قىلىپ باقارمەن! يول دېگەن ئازمىتى؟ <<خوپ بوپتۇ>> دەمسىز؟ سىز... سىز...
ئەمدى ئۆزىڭىزنى قانداق ستۇدىنت دەپ سۈپەتلىمەكچى دېدىڭىزما؟ ئەمدى... توغرا! << ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان>>، << ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى تاماشا>> دېگەن گەپكە بەك ئەمەل قىلىدىغان شۇنداق ستۇدىنت مەن! |
|