ئەلكۈيى تورى ئىلاۋىسى :
ئەلكۈيى تورىمىزغا يوللىنىۋاتقان ئىجادى تىمىلارنىڭ توردىكى تارقىتىش ھۇقۇقى ئەلكۈيى تورىغا مەنسۇپ بۇلۇپ، ھەجىم جەھەتتىن بىر قەدەر چوڭراق بولغان ئىجادىي ئەسەرلەر ئاپتورلىرىمىزنى تورىمىزغا ئەۋەتىلگەندىن كىيىن بىر قانچىغا بۆلۈپ چىقىرىلغان.نۆۋەتتە ئەلكۈيى تورىمىزنىڭ ياخشى قەلەم ساھىبلىرىدىن بىرى بولغان بەرگىيە خانىمنىڭ " ئىھ، ناتۇنۇش يوللار...." ناملىق پوۋىسىتى بۇرۇن ئەلكۈيى تورى باش بەتتىكى تور ئەسەرلىرى سەھىپىسىگە يوللانغان بۇلۇپ شۇ جايدا نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئىرىشكەن.بۇ ئەسەر بۇ قېتىم بەرگىيە تەرىپىدىن بىۋاستە ئەلكۈيى مۇنبىرىگە قايتا يوللىنىدۇ. مەزكۇر ھېكايىنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئەلكۈيىدىن باشقا ئورۇنغا يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە بىردەك يول قۇيۇلمايدۇ.
ئىھ ،ناتۇنۇش يوللار...
1-بۆلەك
ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ياتقان يولغا قاراپ تۇرغان كۆزلىرىم تالدى......
_سىز بەخىتلىكمۇ؟
گاراڭ-گۇرۇڭ ئاۋازدا سىزگە شۇنداق سۇئال تاشلىسام سىز قانداق جاۋاپ بېرىسىز.. ئىھتىمال بەزىلىرىڭىز بېشىڭىزنى چايقايسىز.. بەزىلىرىڭىز بېشىڭىزنى لىڭشىتىسىز،بەزىلىرىڭىز سۇس كۈلۈمسىرەيسىز..يەنە بەزىلىرىڭىز تاتىرىپ تۇرۇپ ماڭا تەئەددى بىلەن تىكىلىلگىنىڭىزچە "ئۆزىڭىزچۇ؟"دەپ قايتۇرما سۇئال قويۇشىڭىز مۇمكىن. مانا شۇ چاغدا بەرگىيە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ھەممەيلەنگە قويۇلغان سۇئاللارنىڭ ئەكسىچە "ئىھ ،ناتۇنۇش يوللار" دەپ پىچىرلايدۇ...
قاراڭ ،ئۇ پىچىرلاپ ئېيىتقان "ناتۇنۇش يوللار" سىزگە بەكلا تونۇش كۆرۇنمىدىمۇ؟؟....
قاراڭ،سىز ھېلىلا باش چايقىغاندا كۆز ئالدىڭىزدىكى يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتقان بۇ يولدىكى قىسمەتلىرىڭىز بېشىڭىزنىڭ چايقىلىشىغا سەۋەپ بولمىغانمۇ؟؟
قاراڭ،بېشىڭىزنى لىڭشىتقاندا بۇ يولدىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر ئېسىڭىزگە چۇشكەندۇ؟؟
ھەي، يوللاردىن توپا چىقىشقا باشلىدى. ئىھتىمال بۇ يوللار شۇ قەدىمى يوللار بولسا كېرەك....
.....................................
-ھەي ،پو ئېتىشقانغا باج ئېلىنمايدۇ ھە؟؟؟
_ھى ھى ..دائىم نەدىكى گەپلەرنى قىلىدۇ مۇشۇ غۇلجىلىق ساراڭ..._ئامىنە پىخىلداپ كۈلگىنىچە پەرماننى نوقۇدى.
_راس دەيمەن..ۋايجان..بەك ئىچىم سىقىلىپ كەتتى.... باج ئېلىنمىغاندىكىن بىر دەم پو ئېتىشتىن مۇسابىقە قىلايلى.. كىم يېڭىلىپ قالسا شۇ بۈگۈكى مۇشۇ يەردە بىزگە ھە-ھۇ دىيىشىپ بەرگەنلەرنى مىھمان قىلسۇن قانداق دىدىم..._پەرمان شوخلۇق بىلەن قاشلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دەپلا ئۆزىگە قەڭ ئېلان قىلغۇچى چاقىرىشقا باشلىدى. ئۇنىڭسىزمۇ تۇگىمەس ئۇگىنىش بېسىمىدىن ئىچى سىقىلىپ تۇرغانلارغا بۇ گەپ شۇنداق خوشياقتى.
_پەرمان،مەن سىز بىلەن مۇسابىقىگە چۇشۇمەن بولامدۇ؟_ئادەتتە كۆپ گەپ قىلىپ كەتمەيدىغان،يېقىن ياتاقداشلىرىدىن تارتىپ "سىز"دەپ سۆزلەپ ئوغۇللارنىڭ "خېنىم يىگىت"دەپ ئاتىشىغا پەرۋامۇ قىلماي يۇرىدىغان تۇرپانلىق مەمەتئىلى نىمىشقىدۇر بىرىنجى بولۇپ بۇ ئويۇنغا ئىشتىراك بولدى.
_"سىز"نى يېڭىۋالسام مىھمان قىلىشقا چىدايسىز ھە ئەمسە.._پەرمان ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ "سىز"دىگەننى سوزۇپ تەلەپپۇز قىلغىنىچە بىرلا تاقلاپ ئالدىدىكى ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇرۇۋالدى.
_چاتاق يوق،قېنى ئەمىسە.. مەن باشلاي ھە.._مەمەتئىلى ئالدىرىغاندەك قىلىپ باشلاشقا تەرەددۇتلەندى.(قارىغاندا ئۇ پو ئېتىش جەھەتتە خېلىلا يۇقىرى نومۇرلۇق بولسا كېرەك.)
_مەرھەمەت.._پەرمان مەنسىتمەسلىك بىلەن دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ ئۇنىڭغا تىكىلدى. شۇ تاپتا بۇ ئويۇنغا ئايرىم ئايلىنىش،كۆڭۈل ئېچىش دىگەندەك ئۇششاق ئىشلاردىن ئايرىلىپ قالغان سىنىپتىكى ئون نەچچە قىز-ئوغۇللار ئىشتىراك بولۇشقان ئىدى. ئۇلارنى ئادەتتىمۇ ھىچكىمگە گەپ بەرمەي،بۇنداق خالىي پۇرسەتلەرنى چوقۇم كۆڭۈل ئېچىش دىگەندەك ئىشلارغا بېغىشلاپ كۈنلىرىنى ئويۇن-كۈلكىدىن نېرى قىلماي ئۆتىدىغان پەرماننىڭ بۈگۈن نىمە ئۈچۈنكىن سىنىپتا قېلىپ، ئىچى تىتىلداپ ئاخىرى بۇ ئويۇننى ئويلاپ تاپقانلىغىغا قىزىقىشتىنمۇ باشقا يەنە ئويۇندا يېڭىلىپ قالغۇچىنىڭ مىھمان قىلىدۇ دىگەن ئاخىرىدىكى نەتىجىسى قىزىقتۇرماقتا ئىدى.
_ئەمىسە باشلىدىم_مەمەتئىلى گېلىنى قىرىپ قويۇپ باشلىدى_بىزنىڭ يۇرىت ئاجايىپ ئېسىل بىر يۇرىت.ئۇ يەردە شۇنداق ئىسسىق بولىدۇكى،توخۇلار تۇخۇم تۇغۇشقا باشلىغاندا ،تۇخۇملار يەرگە چۇشۇپ بولغىچىلا پىشىپ قالمىسۇن دەپ،كۈچلۈك شامال چىقىرالايدىغان شامالدۇرغۇچنى مىكىياننىڭ كەينىگە توغىرلاپ قوياتتۇق.مانا ئەمدىلىكتە توخۇلارنى توڭلاتقۇغا سېلىپ تۇغدۇرىدىغان بولدۇق.
ھا..ھا...ھا....._قىقاس-چوقان بىلەن ھەممەيلەن كۇلۇشۇپ كەتتى.
_ھاھاي...ئۇ كۈلگىدەك ئىش ئەمەسكەنغۇ.._پەرمان باشقىلارنىڭ كۈلكىسىنى بېسىپ گەپ باشلىدى_بىزنىڭ يۇرىتمۇ ئاجايىپ يەر دەيمەن.بىزنىڭ غۇلجىدا شۇنداق سۇغۇق بولىدۇكى،بىز سېيىرلارنى ساققاندا سۇت چېلەككە چۇشكىچە مۇزلاپ مۇز بولۇپ كەتمىسۇن سەپ سېيىرلارنىڭ ئاستىغا ئوت قالاپ قويىمىز..
ھا ..ھا..ھا..._تېخىمۇ كۈچلۈك قىقاس-چوقان بىلەن كۈلكە كۆتۇرۇلدى. مەمەتئىلى بۇ ھازىر جاۋاپ غۇلجىلىق پوچى رىقابەتچىسىگە قاراپ سەل ئۆڭدى-يۇ ئويۇننىڭ تەرتىۋى ئېسىگە كېلىپ يەنە باشلىدى.
_مېنىڭ ئايلامنىڭ بالىسى شۇنداق كۈچتۇڭگۇر بالا بولدى دەڭچۇ..بىر كۈنى ئايلام ئۇن تارتىپ كەل دەپ تۇگمەنگە ئەۋەتىپتۇ.تۇگمەنچى نۆۋەت كۈتىسەن،ئەتە يا ئۆگۇن كەل دەپ چىشىغا تېگىپتىكەن سەككىز ياشلىق ئۇ ئۇكاش ئاچچىقىغا ھاي بېرەلمەستىن ئىنتتىك چۆرگىلەۋاتقان تۇگمەننىڭ ئۇستىنكى تېشىنى بىر قولى بىلەن بېسىپ تۇتۇۋاپتۇ.ئويلاپ بېقىڭىزلار..چوڭ بولسا قانداق كۈچتۇڭگۇر بالا بولار؟؟
_ھا..ھا..ھا..... ما پونى......
_ۋاي ئاداش..شۇمۇ باتۇرلۇقمۇ ئەمدى؟؟_پەرمان تەمتىرىمەي تۇرۇپ كۆزىنى ھەييارلارچە قىسىپ قويۇپ جاۋابەن پورىنى باشلىدى-بىزنىڭ ئاكامنىڭ بالىسىنى كۆرسەڭلارا..خويمۇ قاملاشقان تاتلىقلا بالا، ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىردى ..كۈچلۈكلىگىگە ھەي..ھەي.. ئاكاممۇزە كۈندە ئۇنن تارتىپ كەل دەپ شۇنىلا ئەۋەتىدۇ دىسە..يىراقتىكى تۇگمەنگە كۈندە قاتناپ بەك زېرىكىپتۇ.بىر كۈنى ئاخشام بالا يوق نەگە كەتكەندۇ دىسەك..يىراقتىكى ھېلىقى تۇگمەننى ئۆي-پۆي،نو-پو،تاش-پاشلىرى،ئىگىسى بىلەن قوشۇپ ككتىرىپلا ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ئورنىتىۋاپتۇ.ھازىر ھەممەيلەن شۇ تۇگمەندە ئۇن تارتىپ يەۋاتىمىز..
ھا..ھا..ھا....._تېخىمۇ قاتتىق بولغان قىقاس-چوقان كۆتۇرۇلدى، ئوغۇللار تىزلىرىغا شاپىلاقداپ كۈلسە ،قىزلار قوللىرى بىلەن ئېغىزلىرىنى توسىشىپ،بىقىنلىرىنى تۇتۇپ كۈلۈۋاتاتتى.
تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ كۆزەينەك تاقىۋالغان ئۈگىنىش ھەيئىتىنىڭ بېشى كۆرۇندى.
_ۋاي-ۋۇي،نىمە قىقاس-چوقان بۇ ..زالنى بىر ئاپسىلەرغۇ..._ئۇ سۆزلىگەچ سىنىپنىڭ ئاخىرقى رەت پارتىسىدا ئولتۇرۇپ باياقى قىقاس-چوقانلارغا ئارىلاشماي مېيىقىدا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئاخىرقى رەت پارتىدا ئولتۇرغان رامىلەگە قاراپ ۋارقىرىدى.
_رامىلە،سىزنى بىرسى ئىزدەپ كەپتۇ.
_كىمكەن؟
_بىلمىدىم،تۆۋەندە تۇرۇدۇ.چىقىپ ئۆزىڭىز كۆرۇڭ!!
رامىلە بۇ قىزىقارلىق ئويۇننىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە قىزىققان ھالدا بىمەنە ۋاقىتتا ئىزدەپ كەلگەن نامەلۇم كىشىگە نارازى بولغاندەك تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلىغىنىچە تۇرۇپ سىرىتقا قاراپ ماڭدى. بايادىن بېرى كۈلكىلەر ئارىسىدا گەرچە يېقىن كېلىپ قۇلاق تۇۋىدە كۈلمىسىمۇ ئەمما سىرىتتىن بۇ قىزىقارلىق پو ئېتىشىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ ئولتۇرغانلىقىغا ئالەمچە رازى بولۇۋاتقان پەرمان رامىلەنىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن"لاسسىدە"بولغاندەك بولۇپ قالدىيۇ يەنە ئۇتتۇرىۋىتىشكە تەن بەرگۇسى كەلمەي تېخىمۇ قىقاسلارغا ئورانغان داڭلىق پو لارنى ئېتىشقا باشلىدى.
رامىلە يېنىك قەدەملەر بىلەن تۆۋەنگە چۇشۇپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا قاراپ تۇرغان ناتۇنۇش بىر يىگىتنى كۆردى.ئۇ يېقىنلاپ بارغۇچىمۇ تونۇشتەك كۆرۇنگەن ئەمما دىگەندەك تونۇپ كېتەلمىگەن بۇ يىگىتنىڭ يېنىغا بېرىپ مەڭدىگىنىچە تۇرۇپ قالدى.
_سىز...خاتالىشىپ قالمىغانسىز ھە..مېنى ئىزدىگەنمۇ؟
يىگىتمۇ گويا خاتا ئىزدەپ كېلىپ قالغاندەك مەڭدىگىنىچە تۇرۇپ قالدى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز قادىر جۇيجاڭنىڭ قىزى رامىلە بولامسىز؟
_ھەئە،مەن شۇ_رامىلە كۆزلىرىنى يىگىتنىڭ سۇئال ئارىلاش ھەيرانلىققا ئوخشاش ھىسلار قاپلىغان كۆزلىرىدىن قاچۇرغىنىچە جاۋاپ بەردى.
_مەن دادىڭىزنىڭ ئىدارىسىغا يېڭىلا يۆتكىلىپ كەلگەن،ئىسمىم ئەركىن.
_ھە،_رامىلە تونۇشتۇرۇشتىن كېيىنلا بۇ يىگىتنىڭ دادىسى بىلەن بىر ئىدارىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىپ ئاپىسىنىڭ قايسى كۈنى تېلىفۇن بەرگەندە ئۆزىگە بىر چاپان ئالغانلىقىنى ئۇنى دادىسىنىڭ ئىدارىسىدىن ماڭىدىغان بىرسىدىن ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيىتقانلىغىنى ئېسىگە ئالدى.
_داداملار ياخشىدۇ؟
_ياخشى، مەن ئۈگىنىشكە كېلىدىغان بولۇپ قېلىپ ئۆيىدىكىلىرىڭىزنىڭ سىزگە ئەۋەتىدىغان نەرسە-كېرەكلىرى باركەن.شۇنى ئالغاچ كېلىۋىدىم_يىگىت بوم ئاۋاز بىلەن رامىلەگە چۇشەندۇرگەچ مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. رامىلەمۇ ئۈن-تىنسىز كەينىدىن ئەگەشتى.
دەرۋازا ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىدىن ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئەۋەتكەن نەرسە-كېرەكلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان رامىلە ئەركىن ئىسىملىك بۇ دادىسىنىڭ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان بالىنىڭ ياردىمىدە نەرسە-كېرەكلىرىنى ياتىقىغا ئەكىرىۋالدى.
-يۇرۇڭ،بىللە تامق تەپ كىرەيلى-ئەركىن نەرسە-كېرەكلىرىنى ئەكىرىشىپ بولغاندىن كېيىن رامىلەگە قاراپ شۇنداق دىدى.
_تاماققا؟_رامىلە نىمىشقىدۇر تۇرقىدىن مۇلايىملىق تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ ئۆزىگە بىر خىل قورۇنۇش سەزگۇسىنى بەكرەك ئاتا قىلغان يىگىتكە قاراپ تەمتىرەپ تۇرۇپ قالدى،_ياق،رەھمەت،بولدى...
_ۋاي-ۋۇي.._يىگىت رامىلەنىڭ تەمتىرىگىنىچە بەرگەن جاۋاپلىرىدىن كۈلۈپ كەتتىدە_جۇرۇڭە،شۇنچە يەردىن كېلىپ سىزنى بىرەر ۋاق تاماققا ئاچىقمىسام قادىر جۇيجاڭنىڭ ئالدىدا تەنقىتكە قالمامدىم؟
_دادام خاپا بولمايدۇ_رامىلە ساددىلارچە شۇنداق دىدى-دە،يىگىتنىڭ تېزراق كېتىشىنى ئۈمۈت قىلغان ھالدا _مەن چۇشلۇك تاماقنىمۇ تېخى بايىلا يىگەن.قورسىقىممۇ ئاچمىدى.
_شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە بوپتۇ.بىزنىڭ ئۇگىنىشىمىزمۇ 15 كۈنلۈك ئىكەن. كېيىن كېلىپ تاماققا ئاچىقارمەن.بۇ بىز تۇرۇشلۇق مىھمانخانىنىڭ ئادرىسى. بۇ ئىسىم كارتام.ۋاقتىڭىز چىققاندا تېلىفۇن قىلارسىز،يا بولمىسا دوسىتلىرىڭىزنى ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولۇدۇ. ئىشقىلىپ كەتكىچە بىر قېتىم بولسىمۇ سىزنى مىھمان قىلمىسام بولماس..
-ھە.. ماقۇل خوش ئەمىسە.._رامىلە ماشىنىنىڭ قوزغىلىشىنى كۈتمەيلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ تەنلىرى تىكەنلىشىپ ھەر بىر گېپىدە قادىر جۇيجاڭ دەپ سۆزلەيدىغان بۇ يىگىتكە نىمىشقىدۇر بىر خىل ئۆچلىگى قوزغىلىپ قالغان ئىدى.
پەلەمپەيدىن ئالدىراپ چۇشۇۋاتقان پەرمان رامىلەگە سوقۇلۇپ كېتىشكە تاسلا قالدى.
_كىم ئىكەن سېنى ئىزدەپ كەلگەن؟ نەگە كەتتىڭ شۇنچە ئۇزۇن؟؟-پەرمان ئاچچىقلىغاندەك سوراپ كەتتى.
_دادامنىڭ ئىدارىسىدىن كەلگەن ئىكەن،ئاپاملار بىر نىمىلەرنى ئەۋەتىپتىكەن.شۇنى يەتكۇزۇپ بەرگىلى كەپتۇ.
_كىم ئىكەن؟
-مەنمۇ تونۇمايدىكەنمەن. دادىڭىزنىڭ ئىدارىسىغا يېڭى يۆتكىلىپ كەلگەن دەمدۇ ئىشقىلىپ_رامىلە پەرماننىڭ ئاچچىقلانغاندەك سۇئاللىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بەردى- دە، كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى_ھەي قايسىڭلار يەڭدىڭلار؟؟
-ھا..ھا.. ئاكاڭ قارىغاي قاچان يېڭىلگەن.._پەرمان كۆرەڭلىك بىلەن جاۋاپ بەردى.
_پوچىلىقىنى_رامىلە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويۇپ كەينىگە قايتىپ مېڭىشىغا ئۈستىدىن قىقاس-چوقانلار بىلەن"پەرمان،بولە مەمەتئىلى يېڭىلگىنىگە يەنە تەن بەرمەيمەن دەيدۇ"دىيىشىپ مەمەتئىلىنى ئىتتىرىشىپ بىر توپ ساۋاقداشلىرى چۇشۇپ كەلدى.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە مەمەتئىلىنىڭ"مەنمۇ بوش كەلمىدىمغۇ..پەرمان ئىككىمىز تەڭ چىقىرايلى.."دىگىنىگە قويماي ئوقۇغۇچىلىق ھاياتنىڭ پۇلنى سۇدەك خەجلىۋەتسە ئاي ئاخىرىنى "تەييار چۆپ" ۋە ئۆيىدىن كەلگەن نانغا قايناقسۇ تەڭلەپ يۇرۇپ ئۆتكۇزۇدىغان دەملىرىنى تارتۇق قالدۇرۇپ بىر ۋاق تاماق ئالغۇزۇش بىلەنلا بولدى قىلماي يەنە ئۇششاق-چۇششەكلەر بىلەن ئۇنىڭ ھوزۇرلىنىپ ئېيىتقان "پو"لىرىنىڭ تەمىنى تازا تېتىتقۇزدى.
رامىلەمۇ ساۋاقداشلىرى قاتارىدا مەمەتئىلىنىڭ ئويلاشماي تۇتۇشۇپ قويۇپ يېڭىلگەنلىگىنىڭ جازاسىغا چىداپ تۇرۇپ قىلغان مىھماندارچىلىقىغا ئىشتىراك بولدى.
شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە كۈن ئۆتۇپ كەتتى. بىر يەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن رامىلە پەرمان بىلەن ياخشى ئۆتەتتى. پەرماننىڭ شوخلۇقىغا،يۇمۇرلۇق گەپلىرىگە ئامراق ئىدى. بىراق قەلبىدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەقەتلا باشقىچە خىيال يوق ئىدى. بىراق يېقىندىن بېرى رامىلە پەرماننىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن باشقىچە بىر خىل مەنانى ھىس قىلىشقا باشلىدى. پەرمان ھە دىسىە رامىلەگە يېقىنچىلىق قىلاتتى شۇنداقلا رامىلەنى بىرەرسى ئىزدەپ كەلسە ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە باشقا مەكتەپلەرگە بېرىپ دوسىتلىرى بىلەن كۆرۇشۇپ كەلسە ئۇجۇر-بۇجۇرىگىچە سوراپ،نارازى بولۇپ كېتەتتى. بۇنىڭغا رامىلە باشقىچە پىكىردە بولمىسىمۇ بىراق بەزى ھاللاردا خۇددى ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ رەنجىپمۇ قالاتتى. قايسى كۈنى دادىسىنىڭ ئىدارىسىدىن كەلگەن ھېلىقى يىگىت ئۇنى بۈگۈن يەنە ئىزلەپ كەلدى. ئۇ ئوغۇل بالىدە..قايسى كۈنى رامىلە بىللە تاماق يېيىشكە قوشۇلمىغاندا باشقا كۈنى كېلىپ ئىزدەيمەن دىگەن ئىكەن لەۋزىدە تۇرغان چېغى.. بۇ قېتىم رامىلە رەت قىلالمىدى. يەنە تۇرۇپلا ئۆز تۇيغۇسىدا تازا بىر ئەمەلپەرەس دەپ كۆرگەن بۇ يىگىتكە ئۆچلىگى قوزغىلىپ ياتىقىدىكى 7 قىزنى بىراقلا ئېلىپ چىقتى. "تاماققا ئېلىپ چىقمىسام قادىر جۇيجاڭغا نىمە دەيمەن دىگىنىگە تويسۇن تازا"شۇلارنى ئويلاپ 7 قىزنى باشلاپ چىققىنىغا يىگىتنىڭ رەڭگى ئۆچۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلغان رامىلەنىڭ كۆزى دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئەركىننىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.ئەركىن مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ رامىلەنىڭ باشلاپ چىققان قىزلىرى بىلەن ناھايىتى قىزغىن ئەھۋال سوراشتى-دە،ئۇلارنىڭ تەلىۋى بويىچە مىھمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ۋاھھاي..بۇنداق پۇرسەتنىڭ ماۋۇ ئوقۇغۇچىلىقنىڭ ئالىي تاماقلارغا بولغان ئىشتىھالارغا قانداق ياققانلىقىنى ئىھتىمال تەسەۋۇر قىلىش ئۇنچە تەس بولمىسا كېرەك. شۇنداق قىلىپ يىگىت ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن يەنە بىر يىگىت ئىككىسى قىزلارنى تاكسىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلار دىگەن رىستۇرانغا ئاپىرىپ دىگىنىنى بويىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ تازا مىھمان قىلىپ كەلدى.بۇنىڭدىن رامىلە قىزلارنىڭ ئالدىدا تازا ماختىنىپ مەغرۇرلانغان بولسىمۇ بىراق ئەركىن ئىسىملىك ئۇ يىگىتنىڭ گەپ ئارىلىقىدا بولسۇن تاماق يىيىش جەريانىدا بولسۇن لاپ-لاپ قىلىپ ئۆزىگە باشقىچە بىر خىل قاراپ قويۇشلىرىدىن تەنلىرى تىكەنلەشكەن ھالدا قايتىپ كەلگەن ئىدى.
ئەركىن تۇرقىدىن شۇنداق مۇلايىملىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان يىگىت ئىدى. مەيلى گەپ قىلىشلىرى بولسۇن،ئەدەپ-قائىدە جەھەتتىن بولسۇن ھەر قانداق قىزنىڭ مايىللىقىنى قوزغايىتتى. ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىمۇ قىزلار ئۇ يىگىتنىڭ چىراي-شەكلى،بوي-تۇرقى،سىپايە -مۇلايىملىقى،ھەتتا ئاۋازلىرىنىڭ بوم،يېقىشلىقلىغى..ۋاي-ۋۇي..ئىشقىلىپ بىر ۋاق ئېسىل تاماقلىنىشنىڭ خوشامىتىنى ھەقدادىغا يەتكۈزگەن ھالدا شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ تازا سۇپەتلەشتى. بىراق نىمىشقىدۇر رامىلە قىزلار دىگەن ئۇ تەسۋىرلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئۇ يىگىتتە بار ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرسىمۇ بىر خىل يېقىشسىز ھىسسىياتنىڭ تۇرىتكىسىدە ئۇنى ئېتىراپ قىلمايۋاتتى.رامىلەنىڭ قارىشىچە ئوغۇللار بەكلا ئۇنداق سىپايە،مۇلايىم بولسا "ياسالما چىراي "بولۇپ قالاتتى. ئۇ پەرماننىڭ مىجەزىنى،شوخلۇقىنى،قوپاللىقىنى،يۇمۇرىستىك،ئوچۇقلىقىنى ياقتۇراتتى....
_رامىلە ساڭا تېلىفۇن..
تازا بېرىلىپ 'كۆڭۈل"رومانىنى ئوقۇۋاتقان رامىلە بېشىنى كۆتۇردى. ئۇ ئەدىبىياتقا بۆلەكچە قىزىقاتتى.ئايلىق پۇلىنىڭ تولىسىغا رومان كىتاپلارنى سېتىۋىلىپ باش كۆتۇرمەي نەچچە كۈنلەپ ئوقۇپ تۇگىتىۋىتىپ ئاندىن ئارام تاپاتتى. بۇ كىتاپنىمۇ تېخى يېڭىلا سېتىۋالغان بولۇپ تازا ئىچكىرىلەپ ئوقۇۋاتقاندا كەلگەن بۇ تېلىفۇنغا نارازى بولغان ھالدا ياتاقدىشى ئۇزاتقان تېلىفۇن تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
_ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،سىز كىم؟
_مەن.. سىز تونۇپ بېقىڭچۇ..
_تونۇمىدىم. كىمسىز؟مېنىڭ ئويۇن ئويناشقا ۋاقتىم يوق-رامىلە توڭلۇق بىلەن شۇنداق دىدى. قارشى تەرەپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا تۇرۇپ قالدى-دە؛
_مەن ئەركىن،ئېسىڭىزدىمۇ دادىڭىزنىڭ ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن.
_ھە..سىزمىتتىڭىز..كەچۇرۇڭ..مەن تېخى سىنىپتىكى بىرەر بالىلار چاخچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قوپاللىق قىلىپتىمەن.
_ياق ھىچقىسى يوق. ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ھەيران قالماڭ.ئۆتكەندە ئۈگىنىشنى تۈگىتىپلا بېرىپ خوشلىشىشقا ئۈلگۇرمەي قايتىپ كەلگەن ئىدىم .نەچچە ۋاقىتتىن ئالدىراش..بۈگۈن قارىسام بىكاركەنمەن،تۇرۇپلا سىزگە تېلىفۇن ئۇرۇپ ئەھۋالىڭىزنى سورىغۇم كەلدى.
_نۇمۇرنى قانداق بىلدىڭىز؟
_ئۆتكەندە ياتاقداشلىرىڭىزدىن سورىۋالغان ئىدىم. رەنجىمىگەنسىز ھە؟
_ياقەي..باشقا گېپىڭىز بارمۇ؟
_ھە...ياق..ئالدىراش بولسىڭىز بولدى..يەنە تېلىفۇن قىلىپ تۇرارمەن خوش ئەمىسە!
_خوش_رامىلە يەنىلا شۇنداق توڭلۇق بىلەن تېلىفۇننى قويۇۋىتىپ ئۆزىگە سۇئال نەزىرى بىلەن تىكىلگەن ياتاقداشلىرىغا قارىدى.
_كىمكەن رامىلە..ھەجەپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلا-قىلمايلا قويۇۋەتتىڭە..،نىمانچە توڭ گەپ قىلىسەن؟_قىزلار رامىلەنى ئورۇۋالغىنىچە چۇقۇرىشىپ كەتتى.
_ۋۇجججججججۇن..ئىچىمنى سىقىپ.. سىلەرنىڭ ھېلىقى ئامراق ئاكاڭلار...
_كىم..ۋاھاي..ئەركىن ئاكاشما..ۋاي..سەن سۆزلىشىنى خالىمىساڭ ماڭا بەرسەڭ بولمامدۇ..
_ياق،ماڭا بەرسەڭ بولمامدۇ...
_نىمانچە توڭلۇق قىلىسەن يۇزسىز.. ئاۋازىدىن تارتىپ ھەممە نىمىسى شۇنداق يېقىملىق ئاكاشكەنغۇ ئۇ ..
قىزلار چۇقۇراشقىنىچە يەنە شۇ ئەركىن ئاكاشنىڭ ئۆزلىرى تەسىر قىلغان ياققان تەرەپلىرىنى دىيىشىپ كەتتى. رامىلە ئۆزىگە بىر خىل ياقمىغان ئۇ يىگىتنىڭ بۇ قىزلارغا شۇنچە يېقىپ كەتكەنلىگىگە ھەيران قالغۈان ھالدا چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ قويدى-دە،باياتىن قويۇپ قويغان كىتاۋىنى قولىغا ئالدى.
............................................................
قىشلىق تەتىلدە پەرمان بىلەن بىللە قايىتقان رامىلە پەرماننىڭ كەلگۇچە ئۆزىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىنى ئويلىمىغان ئىدى. قىززىق.. ئىككى يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپ ،بىر يەرلىك دەپ شۇنچە ئىزدىشىپ يېقىن ئۆتىشىپ يۇرگەن شۇنچە شوخ پەرمان كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا قايىتقاندا بىللە قايتىدىغان ئابتۇبۇس ئىچىنى تاللىغىنى نىمىسى؟
رامىلە نىمە دىيىشىنى بىلمەيلا قالدى. ئۇ پەرمان بىلەن شۇنچە يېقىن ئۆتسىمۇ بىراق ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
ئۆيقگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى بىر قانچە ئىشلار رامىلەنىڭ ئوي-خىياللىرىنى پۇتۇنلەي ئاستىن-ئۈستۇن قىلىۋەتتى.
تەتىلدە ئۆيگە كېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن رامىلە ئاپىسىنىڭ ئۆزىدىن مەكتەپتە ئارىلاشقان يىگىتنىڭ بار-يوقلۇقى،مۇھەببەتلىشىش نىشانى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاسماقچىلاپ گەپ سوراپ يۈرگەنلىگىنى سېزىپ قالدى. 'ئاپامغا نىمە بولدىكىنە؟"ئادەتتە بۇنداق گەپلەرنى پەدىشەپ ئۇقۇمى ئاستىدا زادىلا دىيىشمەيدىغان رامىلەگە بۇ ئىش باشقىچە تۇيۇلدى.
بۈگۈن ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن دادىسى ئىشقا كەتتى.رامىلە كۈندىلىك ئادىتى بويىچە ئۆيلەرنى سۈرۈتۈپ-تازىلاپ بېسىقتۇرۇپ بولۇپ شەھەرلىك كۈتۈپخانىغا بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى ،ئاپىسى چاقىرىپ قالدى.
_رامىلە، ئىشىڭىز بولمىسا ئازراق پاراڭلاشساق بوپتىكەن قىزىم.
_نىمە گەپ بار ئىدى ئاپا؟مەن كۈتۇپخانىغا بېرىپ كېلەي دىگەن ئىدىم.
_ۋاقىت دىگەن بەكلا تېز ئۆتىدىكەن قىزىم. يەنە 2 يىلدىن كېيىن مەكتىپىڭىزمۇ پۈتۈدۇ.2 يىل ۋاقىت دىگەنمۇ ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەن يۈرەك پارىلىرىمنىڭ مېنىڭ قېشىمدىن يىراق يەرلەردە تۇرۇشىنى خالاپ كەتمەيمەن. قارىسام سىزمۇ ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ باشقا يەرلىكلەر بىلەن مۇھەىببەتلىشىپ يۈرگەندەك قىلمايسىز .بالام، بۇ زاماننىڭ بالىلىرى بەكلا ئىشەنىچسىز. سىزدىن بىر گەپنى سوراپ باقاي دىگەن ئىدىم. ھېلىقى ۋاقىتتا سىزگە مەن ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى ئاپىرىپ بەرگەن يىگىت قانداقراقكەن؟
_دادامنىڭ ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغانما؟
_ھەئە،
_ھىچقانداق ..شۇ باشقا ئادەملارگە ئوخشاش ئىككى قولى،ئىككى پۇتى بىر بۇرنى،ئىككى كۆزى،بىر ئاغزى بار ئىكەن.
رامىلە ئاپىسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۇ بالىنىڭ گېپىنى چىقارغانلىقىدىن قانداقتۇر بىر مەنالارنى ھىس قىلىپ چاقچاق ئارىلاش شۇنداق دىدى.
_ۋۇي ساراڭ قىز..گەپنى چاقچاققا ئايلاندۇرماڭ،مەن ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن.
_ۋاي-ۋۇي ئاپا، نىمىلا بولسۇن مېنى ئۇ يىگىت بىلەن ئەتىلا توي قىل دىمەيدىغانسەن؟
_ھەي..بالام،سىلەرمۇ ئاتا-ئانا بولغاندا بىلىسىلەر،ھازىر جەمىيەت بەك بۇزۇلۇپ كەتتى. بۇنداق ياخشى بالىلارنى تاپماق بەكلا تەس. ئۇ بالا دادىڭىزنىڭ ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ كەلگىلى بىرەر يىلچە بولۇپ قاپتۇ.ئۆزىمۇ شۇنداق كېلىشكەن،گەپ-سۆزلىرىمۇ شۇنداق سىپايە،ئاتا-ئانىسىمۇ ناھايىتى ئوقۇمۇشلۇق ئېسىل خەقلەر. ئۇ بالا بىلەن بىللە بولغان قىزنىڭ راستىنلا تەلىيى كەلگۈدەك. مەن ئېنىقلاپ باقتىم. ئارىلىشىۋاتقان قىزىمۇ يوق ئىكەن.دادىڭىزنىڭ دىيىشىچە خىزمەتنىمۇ بەكلا ئەستايىدىل ئىشلەيدىكەن. ئىدارىنىڭ ئۆزىدىنلا پەرۋانە بولۇۋاتقان قىزلار كۆپ ئىكەن، بىراق بۇ بالا بۇ ئىشلارغا بىر خىل سۇغۇق پوزىتسىيەدە بوپتۇ. ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەن ئاتايىتەن چاقىرىپ سىزنى ياخشى تۇرۇۋىتىپتىمۇ دەپ سورىدىم. يۈزى تۆۋەنلىك بىلەن گەپلىرىمگە جاۋاپ بەرگەندە ئۇنىڭ سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلغاندا بۆلەكچە بىر خىل روھلىنىپ كەتكەنلىگىنى بايقاپ قالدىم. ...
_ئاپا،_رامىلە ئاچچىق بىلەن ئاپىسىنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى_نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ كەيپىمنى ئۇچۇرمىساڭچۇ..ساڭا دىسەم ئۇ بالىغۇ ماڭا ھىچنىمە دىمىدى بىراق دىگەن ھالەتتىمۇ مەن زادىلا قوشۇلمايمەن.
_نىمىشقا؟
_شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ مەن ئۇ يىگىتنى پەقەتلا ياقتۇرمىدىم.
_ۋوي.. قانداقسىگە ئەمدى..
_ئىشقىلىپ شۇنداق..بولدى خوش ،مەن كۈتۈپخانىغا بېرىشقا بىر دوستۇم بىلەن ۋەدىلىشىپ قويغانتىم.مەن ماڭدىم.ئەمدى ماڭا بۇ توغرىلىق ئېغىز ئاچمىغىن بولامدۇ؟
_رامىلە_ئاپىسىنىڭ ئاۋازى "گۈپ"قىلىپ يېپىلغان ئىشىكنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۆچتى.
رامىلە كۆڭۈلسىز كەيپىياتتا سىرىتقا چىقىپ سىرىتنىڭ سۇغۇق ھاۋاسىدىن كۆكسىنى تولدۇرۇپ قېنىپ نەپەس ئالدى. ئۇنىڭ ئەتىگەنكى خوشال كەيپىياتىنىڭ ئورنىنى بىر خىل بۇرۇختۇرما غەشلىك ئىگەللىگەن ئىدى."ئاپاممۇ قىزىقتە.. ئۇ يىگىت ياخشى بولسا ئۆزىگە..خۇددى شۇنىڭ بىلەنلا ياخشى يىگىتلەر تۈگەپ كېتىدىغاندەك.. ھەجەپ ئىچىم سىقىلدى... "
غەش تۇيغۇلارنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغان رامىلە كۈتۈپخانا ئىشىكىدىن كىرىپ تۆنۈگۈن كۆرۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويغان كىتابىنى قايتا قولىغا ئېلىشى بىلەن بايىقى غەشلىكلىرى تامام تارقاپ كىتاپتىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ قاينىمىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتتى.
ئۇ كىتاپخۇمارلارنىڭ خۇمارىنىڭ قاندۇرغۇچىسى بولمىش بۇ "بۇلاق كۈتۈپخانىسى'نىڭ دائىملىق مىھمىنى ئىدى. ھەر بىر تەتىللەردە كەلگىنىدە باشقىلارنىڭ كۈنلىرى تۈگىمەس مىھماندارچىلىق،ئويۇن-تاماشالار بىلەن ئۆتسە ئۇنىڭ كۈنى بىكار بولسىلا مۇشۇ يەرگە كېلىپ كىتاپ كۆرۇش،خاتىرە قالدۇرۇش دىگەن بىلەن ئۆتەتتى.ئۇ ۋەقەلىكلەر قوينىغا بىر كىرىپ كېتىدىغان بولسا بەزىدە چۈشلۇك تاماق دىگەنلەرنىمۇ ئۇنتۇپ كەچتە كۈتۈپخانا ئىشىكنى تاقايدىغان ۋاقىتتا ئاران ئىشىكتىن چىقاتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. ئۇ كىتاپ قوينىغا چۆكۈپ بەزى يەرلەردە قولىنى ئىڭىكىگە تىرىگىنىچە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ ئاندىن ئالدىدىكى خاتىرىگە شىتىرلىتىپ نىمىلەرنىدۇ يېزىۋاتقان ۋاقىتتا ئالدىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بىر جۈپ كۆزنىڭ ئۆزىگە ئۈزۈلمەي تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى زادىلا ھىس قىلمىدى. ئۇ ئاخىرلاشتۇرغان كىتابىنى قىيماسلىق بىلەن تەكچىگە قويۇپ ئورنىدىن قوزغالغان ۋاقىتتا كۈن ئاللىقاچان چۈشتىن قىيىلىپ كەتكەن ئىدى. قېتىشقان بەللىرىنى،ئۇيۇشقان پۇتلىرىنى مىدىرلىتىپ،ھەركەتلىنىۋاتقان رامىلە تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ ئۆزىگە زەن سېلىپ قاراۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپ قالدى. ئۇ بۇرۇلۇپ قارىدى،قارىدىيۇ كۆزلىرى بىر جۈپ قويۇق كىرپىكلىك چىرايلىق كۆزلەرنىڭ "يالىت"قىلىپ چاقنىغان نۇرىدىن ئەندىكىپ يەنە ئىتتىك ئالدىغا قارىۋالدى.
"ھەجەپ تونۇشتەكلا قىلىدۇ..كىمدۇ؟ۋاي ياقەي.. نەدىمۇ تونۇي؟:رامىلە خىياللىرىنى ئاخىرلاشتۇرماستىن:
_سىزمۇ بۇ يەردە ئىكەنسىزدە_دىگەن بوم ئاۋاز ئاڭلاندى.ئۇنىڭ ئالدىدا يېقىملىق كۈلكىسىنى تۆككىنىچە ئەركىن تۇراتتى.
_قانداق ئەھۋالىڭىز؟ قاچان كەلدىڭىز؟
_كەلگىلى بىر ھەپتىدىن ئاشتى. ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرغانسىز؟_ئەركىننى كۆرۈشى بىلەنلا ئەتىگەنكى كۆڭۈلسىز سۆھبەت ئېسىگە كەلگەن رامىلە مۇنداقلا سوراپ قويدى.
_خۇداغا شۈكرى. ياخشى تۇرۇۋاتىمەن. كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئوخشىمامسىز؟
_ھەئە،سىزمۇ شۇنداقما؟
_شۇنداق دىسەممۇ بولىدۇ. بۈگۈن بىر پەلسەپىۋى ماتىرىيال كېرەك بولۇپ قېلىپ شەھەرلىك كىتاپخانىلارنىڭ ھەممىسىگە باردىم. يوق ئىكەن.بىرسى مۇشۇ يەردە بار دىۋىدى شۇنى ئىزلەپ كەلسەم ھەر نىمە بولسا بار ئىكەن.كىچىك بولغىنى بىلەن بۇرۇنقى ماتىرىياللاردىن تارتىپ ئەدىبى كىتاپلارغىچە ياخشى ساقلانغان كۈتۈپخانا ئىكەن بۇ..
_مەن بۇ يەرنىڭ دائىملىق ئوقۇرمىنى. بەك ياخشى بۇ كۈتۈپخانا. ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدىغان نۇرغۇن بۇرۇنقى كىتاپلارنى تاپقىلى بولىدۇ._رامىلە زوق-شوخ بىلەن كۈتۈپخانا توغرىلىق سۆزلەپ كەتتى.
_راسلا شۇنداق ئىكەن،پەمىمچە سىز ئەتىگەن كەلگەندىن بېرى قوزغالمىغاندەك قىلىسىز قاراڭ،ئاللىبۇرۇن سائەت ئىككىدىن ئېشىپ كەتتى.جۈرۈڭ چىقىپ بىللە تاماق يەيلى!!
-بولدى رەھمەت!! ئۆيگە قايىتمىسام بولمايدۇ.
_يات كۆرمەڭ،ھىچنىمە بولمايدۇ. ياتاقداشلىرىڭىز توغرىلىق سورايدىغانلىرىم بار تېخى..بىللە تاماق يەيلى.. ماقۇل دەڭ،يۈرۈڭ،يۈرۈڭ!!
ئىلاجىسىز ھالەتتە قالغان رامىلە بوينىنى باغلىغاندەك ئەركىننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.ئۇ نىمىشقىدۇر مېڭىۋىتىپ ئىختىيارسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ بايادىن بېرى ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان ھېلىقى چىرايلىق بىر جۈپ كۆزنى ئىزدىگەندەك كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ قويدى. بىراق ئۇ تىكىلىپ تۇرغان كۆزلەر كۆرۇنمەيتتى..
رامىلە ئەركىندىن خېلىلا كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن ھە دىسىلا ئەركىندىن قورۇنۇپ قېلىۋاتاتتى.ئەركىن گەرچە شۇنداق خۇشخۇيلۇق بىلەن ئوچۇق-يورۇق پاراڭلارنى قىلىپ رامىلەدىن ھەدەپ قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكلىرى،مەكتەپتىكى دەرىسلەرنىڭ تەس ياكى ئەمەسلىگى دىگەندەك سۇئاللارنى سورايىتتى.تاماقتىن كېيىن رامىلە ئۈركۈگەن كىيىكتەك ناھايىتى تېزلا ئەركىن بىلەن خوشلىشىپ قايتتى. ئەركىننىڭ"بۇنىڭدىن كېيىن تېلىفۇن قىلىپ تۇرسام بولامدۇ؟"دىگەن سۇئالىنى يا رەت قىلىۋىتىشنى يا ماقۇل كۆرۈشنى بىلەلمىگەن بولسىمۇ خالىمىغان ھالدا يانفۇنىنىڭ نومۇرىنى دەپ بەردى.
رامىلە ئۆيىگە ئەمدىلا كېلىپ تۇرۇۋىدى پەرمان تېلىفۇن قىلدى. بىر نەچچە ساۋاقداشلىرى يىغىلىشىپ ئولتۇرماقچى ئىكەن.ھەممىسى مۇھەببىتىنى ئېلىپ چىقىدىكەن. شۇنىڭغا پەرمانمۇ رامىلەنى ئېلىپ چىقىشى كېرەككەن.
_مەن نىمىدەپ چىققۇدەكمەن.مەن يا سېنىڭ مۇھەببىتىڭ بولمىسام.
_ئۇنداق قىلمىغىنە رامىلە..ئۇ يەرگە بىللە چىققىنىڭغا مۇھەببىتىم بولۇپقۇ قالمايسەن بىراق شۇ باھانىدە مېنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ئۆتكەنكى كۆڭۈل ئىزھارىمنىڭ جاۋابىنى بېرىۋىتەرسەن.
_پەرمان،نىمە دىسەم بولار؟؟
-بولدى قالغان گەپنى كەچتە دە،شۇ چاغدا پاراڭلىشايلى مەھەللەڭگە ئالغىلى بارىمەن. تېلىفۇنۇمنى ساقلاپ تەيارلىق قىلىپ قوي ھە!!
پەرمان رامىلەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي گەپنى ئۈزۈپلا تېلىفۇننى قويۇۋەتتى. رامىلە ئىلاجىسىز ئاپىسىغا ساۋاقداشلىرى بىلەن يىغىلىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ تەييارلىق قىلىپ تۇردى. ئۇ پەرمان بىلەن يولدا بىللە ماڭغاندىمۇ،پەرمان قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى قاقاھلىتىپ كۈلدۈرگەندىمۇ ئۆزىدە پەرمانغا نسبەتەن باشقىچە ئالاھىدە ھىسسىيات بايقىمىدى. پەقەت ئۇ پەرماننىڭ قىززىق گەپلىرى،قىلىقلىرىغا ئامراق ئىدى. بىراق ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان،كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. يەنى ئۇنىڭدا پەرمانغا نىسبەتەن يۈرىكىنى "سىررىدە'قىلىپ ئۆتكۈچى مۇھەببەتلىك تاتلىق ھىسسىيات يوق ئىدى.
رامىلە جۈپ-جۈپ كەلگەن قىز-ئوغۇل ساۋاقداشلىرى قاتارىدا ناتۇنۇش بىر جۈپلەرنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈپ سەل قورۇنغاندەك بولۇپ قالدى.ئۇ ئۆزىگە تەۋە ئورۇنغا جايلىشىپ ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن بىر سىنىپتا ئوقۇغان باشقا-باشقا شەھەرلەرگە ئوقۇشقا كېتىپ تەتىللەردە ئانچە-مۇنچە ئۇچقىشىپ قالىدىغان قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشتى.كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ بولغاندىن كېيىن سورۇن باشقۇرغۇچىسى بىر-بىرلەپ ئۇلارنى تونۇشتۇرۇپ چىقتى. شۇ ئارىدا "ئاپلا،سەت بولدى،بىز كېچىكىپ قاپتۇق ھە.."دىگىنىچە بىر جۇپ يىگىت-قىز كىرىپ كەلدى. رامىلە كەلگەنلەرگە شۇنداق قاراپلا چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تونۇشلا بىر جۈپ كۆز ئۆزىنى قولتۇقلىۋالغان ئوتتۇرا بوي كەلگەن،ئاقپىشماق چىرايلىق بىر قىز بىلەن بىللە تۇراتتى.يىگىتمۇ ئولتۇرغانلارغا نەزەر تاشلاپ رامىلەگە نەزىرى چۈشكەندە ھودۇققاندەك تۇرۇپ قالدى.ئۇ قويۇق كىرپىكلىك چىرايلىق كۆزلىرىدىن نۇر چاقناتقان ھالدا رامىلەگە كونا تونۇشلاردەك كۈلۈپ قويدى_ دە ئۆزلىرىگە بوشىتىلغان ئورۇنغا يېنىدىكى جۈپتىنى تەكلىپ قىلغىنىچە ئولتۇرۇشقا باشلىدى.
"ھەجەپ ئىش،تېخى بايىلا كۈتۈپخانىدا بۇ يىگىتنىڭ سىنچى نەزىرى بىلەن ماڭا كۆز ئۈزمەي تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. بۇ دۇنيا ئۇنچىلا چوڭ ئەمەسكەن جۇمۇ،مانا بىر دەمدىلا بۇ يەردە ئۇچرىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز"رامىلە بايادىن ئۇ سىھىرلىك كۆزنىڭ تېنىگە سىڭىپ كىرگەن ئاجايىپ بىر خىل ھىسلىرىنىڭ قاينىمىغا غەرىق بولغىنىچە خىيال قىلغاچ ئۇنىڭ يېنىدىكى بىللە كىرگەن قىزغا سەپ سېلىشقا باشلىدى.ئاقپىشماق كەلگەن بۇ قىز قارىماققا خېلىلا چىرايلىق قىزلاردىن ئىدى.ئاددى بولسىمۇ ياراشتۇرۇپ كىيىۋالغان كىيىملىرى مۇلايىمغىنە تۇرقىغا بەكمۇ ياراشقان ئىدى.
-تونۇشۇپ قېلىڭلار،بۇ ئاغىنەم جېلىيۈزلۈك.ئىسمى ئەكبەر.يېنىدىكى قىز دوستى، ئىسمى نىمىتتى ئاداش،،ھە توغرا زەبىنۇر..._پەرمان تونۇشتۇرۇۋاتقان شۇ دەقىقىدە "قىز دوستى"دىگەن گەپتىن نىمىشقىدۇر يۈرىگى'جىغغىدە "قىلىپ قالغان رامىلەنىڭ كۆزلىرى ئەكبەرنىڭ بىر جۈپ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئەكبەر ئوڭايسىزلانغاندەك بىر خىل تەرىزدە كۈلۈپ قويدى.
2-بۆلەك
شۇنداق قىلىپ قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە ئولتۇرۇش باشلاندى.سورۇندىكىلەر ئاساسەن بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقان ئىدى. شۇنداقلا بىللە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى "يىگىت-قىز بىر جۇپلەر" دەپ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. شۇ قاتاردا رامىلەمۇ پەرماننىڭ "جۇپتى'بولۇپ قالغان ئىدى. بۇگۇنكى بۇ سورۇننىڭ يىگىت بېشى پەرمان ئىدى. ئۇ شۇ قەدەر خوشال ئىدىكىن گەپلىرى ئادەتتىكىدىن كۆپلەپ ھە دىسىلا يۇمۇرلۇق گەپلەر بىلەن 'پاراققىدە "كۈلكە كۆتۇرگۇزۇپ يىگىتلىرىنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان ساھىپجامال قىزلارنىڭ ھەۋەس بىلەن يۇشۇرۇن كۈزىتىشىگە نائىل بولماقتا ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن سورۇندىكى يىگىتلەرنىڭ ئالدى ئىدى.ئەزەلدىنلا پاكىزە،رەتلىك ياسىنىپ يۇرىدىغان پەرمان بۈگۈن تېىخمۇ يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ خۇشچاقچاقلىرى،ھەزىل قوشاقلىرى بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. بىراق ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان رامىلە نىمىشقىدۇر ئۇنچە ئېچىلالمىدى. ئەزەلدىنلا ئۇنچە كۆپ گەپ قىلىپ كەتمەيدىغان كەمسۆزرەك كەلگەن رامىلە يۇرىگىنى بىر ئېغىر تاش باسۇرۇپ قويغاندەك كەيپىياتتا قالغان ئىدى. تۇرۇپ-تۇرۇپ بېشىنى كۆتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ئەكبەرنىڭ قۇلىقىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ نىمىلەرنىدۇر پىچىرلاپ بەخىتلىك كۈلكىسىنى يۇشۇرالماي ئولتۇرغان زەبىنۇرغا قاراپ قوياتتى. كۆزلىرى ئەكبەرنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچقىشىپ قالسىلا يۇرىگى 'جىغغىدە "قىلىپ ئىتتىك يەرگە قارىۋالاتتى.
خېىلا تەڭشىلىپ قالغانلىقىغا قارىماي توختىماي تانسا ئويناپ ئۆزىنىڭ ھىچ ھالىنى قويمىغان پەرمانغا ئاچچىقلىنىپ ئولتۇرغان رامىلە ساز باشلىنىشىغا يەنە ئۆزىنى تانسىغا تەكلىپ قىلىپ تەڭلەنگەن قوللارنى كۆرۇپ ئاچچىق بىلەن بېشىنى كۆتۇردى.بېشىنى كۆتۇردىيۇ ئەندىكىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا قويۇق كىرپىكلىك كۆزلىرىدىن كۈلكە تۆكۈپ ئەكبەر قولىنى تەڭلەپ تۇراتتى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەكبەرنىڭ تەڭلەپ تۇرغان قوللىرىغا قولىنى ئۇزاتتى.ئىككىسى موزىكا رېتىمىگە ماسلىشىپ يېنىك پىرقىراشقا باشلىدى.
_سىزنى مەن ئەتىگەن كۈتۈپخانىدا كۆرگەن ئىدىم_ئەكبەر ئارىدىكى سۇكۇتنى بۇزۇپ شۇنداق دىدى.
_شۇنداقمۇ_رامىلە "مەنمۇ شۇ'دىمەكچى بولدىيۇ ئۆزىگە تىكىلگەن ھېلىقى بىر جۇپ كۆزگە ئۆزىنىڭمۇ دىققەت قىلىپ قالغانلىقىنى يېنىكلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ساقلىنىپ شۇنداق دەپ قويدى.
_ھەئە،قارىسام سىز پۇتۇن ئىشقىڭىز بىلەن كىتاپ كۆرۇۋىتىپتىكەنسىز،يەنە تېخى خاتىرىمۇ قالدۇرۇۋىتىپسىز.. سىزگە گەپ قىلىپ باقماقچى بولدۇميۇ يالتىيىپ قالغان ئىدىم. بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلىماپتىمەن.
_دۇنيا دىگەن ئۇنچىلا چوڭ بولمىسا كېرەك-رامىلە "پىسىڭڭىدە "كۈلۈپ قويۇپ شۇنداق دىدى.ئۇنىڭ يېقىملىق كۈلكىسىدىن يۇرىگى"جىغغىدە"قىلىپ قالغان ئەكبەرنىڭ قەدەم رېتىمى قالايمىقانلىشىپ تېخىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى.
_ۋۇي كەچۇرۇڭ،پۇتىڭىزغا دەسسەپ سالدىم..
_ھىچىقىسى يوق.._رامىلەمۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا شۇنداق دىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ھالى ئەكبەرنىڭكىدىنمۇ بەتتەر بولۇپ ئادەتتە شۇنداق يېنىك،كېپىنەكتەك پىرقىراشقا ماھىر قەدەملىرى ھېلىدىن-ھېلىغا مۆدۇرۇپ تۇراتتى..
شۇ تەرىقىدە ئۇلار تانسىنى ئويناپ تۇگەتتى...
"نىمىشقا بۇنداق بولۇدىغاندىمەن؟ئاجايىپ ھالغۇ بۇ..."خىياللارنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغان رامىلە شۇ تاپ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان زەبىنۇرنىڭ ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنى كۈزىتىپ ئولتۇرغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. زەبىنۇر سىنچى كۆزلىرى بىلەن تانسىغا بەكمۇ قىزىقىپ كەتمەيدىغان ئەكبەرنىڭ ئۆزىنى بىر قول تانسىغا تارتىپ قويۇپلا جىممىدە ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىزلا رامىلەنى تانسىغا تارىتقانلىغىدىن گۇمانسىرىغان ھالدا ئەكبەر ۋە رامىلە ئىككىسىنىڭ تانسا ئوينىغاندا پاراڭلاشقانلىقى ۋە قەدەملىرىنىڭ قالايمىقانلىشىپ بىر-بىرىنىڭ پۇتلىرىغا دەسسىشىۋالغانلىقى شۇنداقلا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ بىر خىيالنى بۆلۈشۈۋالغاندەك چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىگىگە دىققەت قىلغان ئىدى.
"ئۇلار بۇرۇن تونۇشاتتىمىكىنە؟ئەجەپ ئەكبەر ئاكام ئۇنداق دىمىگەنغۇ..ھىچبىر بۇنداق بىرەر قىزنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرمىگەنغۇ"زەبىنۇر شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ نىمىشقىدۇر يۇرىگى ئىچىشقاندەك بولدى-دە،رامىلەنىڭ ئۈستى-بېشىغا ئىنچىكىلىك بىلەن قايتىدىن دىققەت قىلىشقا باشلىدى.
"بۇ قىز راستىنلا پەرماننىڭ مۇھەببىتىمىدۇ؟ پەرمان ئەجەپ ماڭا ساۋاقدىشىم،رامىلە دىگەندەك قىلغان ئىدى.ھىچبىر مۇھەببىتىم دىمىگەن ئىدى.. بايا تونۇشتۇرغاندا پەرماننىڭ قىز دوستى دەپ تونۇشتۇردىغۇ.. ھەي ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ.. زەبىنۇرنىمۇ "نەۋرە سىڭلىسى"دىمەي قىز دوستى دەپلا تونۇشتۇرۇۋەتتىغۇ.."ئەكبەر كۈتۈپخانىدا ئۆزىگە يېقىملىق بىر تۇيغۇ ئاتا قىلغان قىزنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ باشقىچە خىياللارغا چۆمگەن ھالدا شۇلارنى خىيال قىلىۋاتاتتى.
"ئەجەپ ئىش.. شۇ كەمگىچە مەندە بولۇپ باقمىغان غەلىتە تۇيغۇلارنىڭ مېنى باغلىۋالغىنى ئەجەپ ئىش.. مەن نىمىشقا بۇنداق بولۇمەن.توۋا كۆرۇپمۇ باقمىغان تونۇمايدىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز دوستىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بىرسىگە نىسبەتەن بۇنداق تۇيغۇلاردا بولۇشۇمنىڭ ئۆزى ئاخماقلىق ئەمەسمۇ؟؟؟"
بۇلار خىياللىرىنى مۇشۇ تەرىقىدە سۇرۇپ تۇرسۇن..بىز قەدىمىمىزنى ئىلدام قىلىپ باشقا يەرگە يۆتكىلەيلى...
رامىلە چۇشىنىكسىز تۇيغۇلارنىڭ قوينىدا قىينىلىۋاتقان شۇ ۋاقىتتا خىياللىرى رامىلە گە باغلانغان يەنە بىرەيلەن يالغۇز ئۆيىدە ئۇيان-بۇ يان ئۆرۇلۇپ ئۇخلىيالماي،يا تېلىۋۇزۇر كۆرۇش خوشياقماي ياتاتتى.بۇ ئەسىرىمىزنىڭ بېشىدا بىزگە ئۇچرىغان ئۆزى ئەدەپلىك،مۇلايىم دۇپ-دۇگىلەك كۆزلىرىدىن كۈلكە تۆكىلىپ تۇرىدىغان ئەركىن ئىدى. ئۇ بۈگۈن كۈتۈپخانىدىن قايىتىپ رامىلە بىلەن بىللە تاماق يىگەندىن كېيىن ئىدارىسىدا ئىشلەۋېتىپمۇ ،ئىشتىن چۇشۇپ ئۆيىگە قايتىۋىتىپمۇ رامىلەنىڭ تاماق يىگەندىكى تارتىنچاق تۇرقىنى، سۇئاللارغا قورۇنغان ھالدا قىزىرىپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىشلىرىنى قايتا-قايتا كۆڭۈل ئىكرانىدىن ئۆتكۈزدى. رامىلەنى تۇنجى ئىزدەپ بارغىنى،بىللە تاماققا چىققان ۋاقتىدا ياتاقداشلىرىنىڭ چۇرقىرىشىپ ئۇنى-بۇنى دىيىشلىرگە كۈلۈپلا قويۇپ ئوشۇق پاراڭ قىلمىغانلىقى،تېلىفۇن بەرگەندە چاقچاق قىلىپ قويسا قىلغان قوپاللىقى، كىتاپقا ھېرىسمەنلىكىدىن كىتاپ توغرىلىق بولغان پاراڭغا زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ كەتكەنلىكلىرى...قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ-بىر ئەسلەپ چىقتى. ئەركىن 30 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ بىراق تېخى توي قىلمىغان ئىدى. ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئارىلاشقان جەنۇپلۇق مۇھەببىتى بىلەن ئاتالمىش'يۇرۇتۋازلىق قانۇن'لىرىنىڭ چەكلىمىسىدە ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن پۇتۇن كۆڭلىنى دەرىسكە بېرىپ،مەكتەپ پۇتتۇرگەندىن كېيىن چېنىقىشقا چۇشۇرۇلگەن يېزىدا جاپالىق شارائىتلاردا ھەپتىدە ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر ئۆيىگە قايتىپ يالغۇز ئاپىسىغا ھەمدەم بولۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ تۇرمۇش ئىشىنى ئويلايدىغانغا ۋاقىت چىقمىغان ئىدى. ئۇ مەسئۇلىيەتچان ،تىرىشچان خىزمەتچى بولۇپ خىزمەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ بۇلتۇر شەھەرگە يۆتكىلىپ رامىلەنىڭ دادىسى باشلىق ئىدارىغا يۆتكىلىپ كېلىپ ئىتتىپاق-تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ قوشۇمچە خەنزۇ تىلىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن قادىر جۇيجاڭنىڭ تەرجىمانى ۋە كاتىپى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى.
ئەركىن بۇ ئىدارىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ناھايىتى تېزلا ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۇتۇپ چىقتى.شەخسەن خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى قادىر جۇيجاڭنىڭ قايىللىقىنى قوزغاپ ئۇنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە نائىل بولدى.
ئەركىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا دادىسى قاتناش ھادىسىسىگە يولۇقۇپ ئۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بىر سىڭلىسى،بىر ئىنىسى بار بولۇپ ئۇلارمۇ ئوقۇشىنى پۇتتۇرۇپ ئىككىلىسىلا توي قىلىپ بولدى. ھازىر ئۇ ئۆزى يالغۇز ئاپىسىغا ھەمرا بولۇپ تۇراتتى. ئاپىسىنىڭ ئولتۇرسا قوپسا ئېسى -يادى بۇ ئوغلىغا ياخشى يەردىن لايىق تېپىپ ئۆيلەپ قويۇش ئىدى. بىراق قېرىشقاندەك خىزمەتكە شۇنچە ئاكتىپ بۇ ئوغلى تۇرمۇش ئىشىغا ئۇنچە ئالدىراپ كەتمەيۋاتاتتى. ئانا ئۆزى باش بولۇپ بىر نەچچە ياخشى قىزلارنى تاپقان بولسىمۇ ئەركىن ئۇلارنى رەت قىلىۋەتكەن ئىدى.
تۇرمۇش ئىشىغا شۇنداق سۇس قاراپ كەلگەن ئەركىننىڭ رامىلەگە كۆڭلى چۇشۇپ قالغانلىقى ئېنىق..ئۇ دەسلەپتە رامىلەنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا يەتكۇزۇپ بېرىش ئۇچۇن مەكتىپىگە بېرىپ رامىلەنى كۆرگەندىلا نىمىشقىدۇر بىر ئىللىق سېزىم يۇرىكىنى تىترەتكەن. "قادىر جۇيجاڭنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇلايىم قىزىمۇ باركەندە" دەپ ئويلىغان كۆڭلىگە ئىللىق سېزىملار تولۇپ ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە ئىككىنجى قېتىم بېرىپ تاماققا ئاچىققانغا قەدەر يۈرىكىنى غىدىقلىغان. بىراق تاماققا چىققان ۋاقىتتىكى رامىلەنىڭ سۇس مۇئامىلىسى، قىزلارنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرىغا ئاۋاز قوشۇپ كەتمىگەنلىگى ئۇنى بىر خىللا قىلىپ قويغان بولسىمۇ بۇ قېتىمقى بىللە تاماق يېيىش جەريانىدا رامىلەنىڭ ئۆزىنىڭمۇ كەمسۆز،تارتىنچاق قىز ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ "ئۆزىنىڭ مىجەزى شۇنداق ئىكەن ئەسلى"دىگەن تونۇشقا كەلتۇرگەن ئىدى. ھازىرقى مۇھىم مەسىلە بۇ ئەمەس بەلكى بايا قەتئى بىر نىيەتكە كېلىپ رامىلەدىن بىر كىتاپ سوراشنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۇشۇشنى، شۇ ئارقىلىق ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ رامىلەگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا يول ھازىرلاشنى كۆڭلىگە پۇككەن ئەركىن تېلىفۇندا رامىلەنىڭ ئاپىسىنىڭ رامىلەنى دوسىتلىرى بىلەن ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىمۇ ئەيتاۋۇر بىر يەرگە كەتكەنلىگىنى ئاڭلاپ بىر قىسىملا بولۇپ قالدى.ئۇ شۇنچە كۆپ تاتلىق خىياللارنى سۇرگىنى بىلەن رامىلەنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ بار يوق ئىكەنلىك مەسىلىسىنى ئويلىشىپ باقمىغان ئىدى.
"ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان قىزلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ يوق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟بۈگۈن بەلكىم ئوغۇل دوستى بىلەن كۆرۇشكىلى چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنغۇ"ئۇ شۇنداق ئېغىر خىياللارغا چۆمدى.. يۇرىكىنى تاتىلاۋاتقان بۇ خىياللاردىن قۇتۇلغۇسى كەلدىمۇ ئىشقىلىپ تۇرۇپ چاپىنىنى يېپىنچاقلىدى-دە،سىرىتقا ماڭدى.
ئۇ بىر بېسىپ،ئىككى بېسىپ رامىلەلەرنىڭ مەھەللىسىگە كېلىپ قالغانلىقىنى تۇيمايلا قالدى. ئالدى تەرەپتىن ئاڭلانغان تونۇشلا ئاۋازدىن قەدىمى تورمۇزلانغان ئەركىن ئۆزىنى ئىتتىك دالدىغا ئالدى.
_پەرمان،بۈگۈن بەك ھەددىڭدىن ئېشىپ كەتتتىڭ جۇمۇ...
_قانداقچە ؟نىمىشقا بۇنداق دەيسەن ؟رامىلە.. نىمىشقا كۆڭلۈمنى چۇشەنمەيسەن..سېنى ياخشى كۆرىمەن.
_نىمىشقا مېنى مۇھەببىتىم دەپ باشقىلارغا تونۇشتۇرىسەن؟مەن سېنىڭ مۇھەببىتىڭ بولمىسام...
_قارا..ھەممىسى مۇھەببەتلىرىنى باشلاپ بارغان سورۇن ئۇ..مەن ئۇنداق دىمىسەممۇ سېنى ھەممىسى شۇنداق دەپ چۇشىنىدىغان تۇرسا..
_بىراق..پەرمان..خاپا بولما،، مەن تەلىۋىڭگە قوشۇلمايمەن.
_نىمىشقا؟
_نىمىشقىلىقىنى سورىما..
_رامىلە.. مېنىڭدىن باشقىلار بىلەن يۇرىمەن دەپ خام-خىيال قىلما.. ئىشقىلىپ سەن مېنىڭ!!
_ئىچىمنى سىقما..مەس بوپ قاپسەن،بولدى كەتكىن.مەن كىرىپ كېتەلەيمەن.
_ياق..سەندىن جاۋاپ ئالمۇغۇچە كىرگۇزمەيمەن.
_ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ھەددىڭ ئەمەس.....
_رامىلە...
_مېنى قويۇۋەت..ساراڭ بولدۇڭمۇ..ۋارقىرايمەن،ئۆزەڭنى بىل ھە،،پەرمان...
_ياق،سەن مېنىڭ،سەن پەقەت مېنىڭ..
-مېنى قويۇۋەت،ئىپلاس!!
قىزنىڭ غەزەپ بىلەن ۋارقىرىغىنى،ئارقىدىن "مېنى بوزەك قىلىمەن دىمە،لۇكچەك،،ئادەم بارمۇ،قۇتقۇزۇڭلار!!"دەپ ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى.ئەركىن چىداپ تۇرالماي يۇشۇرۇنغان ئورنىدىن يۇگرەپ چىقىپ بىر يىگىتنىڭ رامىلەنىڭ قولىنى قايرىپ ھەدەپ قۇچاقلاپ سۆيمەكچى بولۇۋاتقانلىغىنى،رامىلەنىڭ ئۆزىنى ئۇ يان-بۇ يان ئېلىپ قېچىپ ئۇنىڭ قولىدىن بوشىنىشقا بار كۇچى بىلەن تېپىرلاۋاتقانلىغىنى كۆردى.
-ئۇنى قويۇۋەت!!_
قۇلاقنى يارغۇدەك ئاچچىق بىلەن ئېيتىلغان سۆزدىن ئۆزىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ئىككى مۇرىسىدىن قاماللىنىپ تۇتۇلۇپ زاڭىقىغا تەككەن مۇشىتنىڭ زەربىسىدىن ئەسلىدىنلا كەيىپچىلىكتە تۇرغان پەرمان نېرىغا ئۇچۇپ كەتتى. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئەركىننى كۆرگەن رامىلە نىجاتچىسىغا يولۇققاندەك ئىسەدىگىنىچە "ئەركىن ئاكا"دىگىنىچە ئۆزىنى ئەركىنگە ئاتتى.
_بولدى يىغلىماڭ!!_قىزنىڭ باياقى ئىشنى ھار ئېلىپ ھەم ئىزا،ھەم رەھمەت يۇزىسىدىن ئۇنى"ئەركىن ئاكا"دەپ ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ كىچىك بالىلاردەك ئىسەدەپ يىغلاشلىرىدىن يۇرىكى ھەم ئىچىشىپ،نازۇك گەۋدىنىڭ ھارارىتىدىن ھەم كۆڭلى ئىللىپ كەتكەن ئەركىن ئورنىدىن سەندىرەكلەپ تۇرغىنىچە ئېغىزىنى سەت بۇزۇپ ئۆزىگە قايتۇرۇم ھوجۇمغا ئۆتكەن پەرمانغا قاراپ جەھلى قاتتى-دە،بېرىپ ئۇنى يەنە بىر نەچچىنى ئۇرۇۋەتتى.
_بولدى قىلىڭ،ئۇ بىر نىمە بولۇپ قالمىسۇن!!_رامىلە قورىققىنىچە ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىۋالدى.
_بىر ئىككى مۇشىت-پەشۋاغا ئوغۇل بالا بولسىلا ھىچنىمە بولمايدۇ_ئەركىن شۇنداق دىدى_دە،بۇرۇلۇپ رامىلەدىن سورىدى:
_ئۇ كىم بولۇدۇ؟
_ئۇ مېنىڭ ساۋاقدىشىم بولۇدۇ.
_نىمە ؟ساۋاقدىشىم؟_ئەركىن بايادىن بېرى ئۇ ئاڭلىغان پاراڭلاردىن ئۇلارنىڭ بىللە بىر يەرگە بېرىپ قايىتقانلىغىنى تەسەۋۇر قىلغان بولسىمۇ بىراق ساۋاقدىشى ئىكەنلىگىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
_ھەئە،ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم.ئىككىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇيمىز.
قىزنىڭ "ئىككىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇيمىز"دىگەن گېپىدىن"ئىشنىڭ ئالدى-ئارقىسىنى ئويلىمايلا بىر ئىش قىلىپ قويدۇممۇ نىمە "دەپ ئويلاپ قالغان ئەركىننىڭ يۇرىكى رەشىك ئوتىدا كۆيگەندەك بولۇپ ئاغرىپ كەتتى.
_ئۇ ھىچنىمە بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۆيىنى بىلەمسىز؟
_بىلىمەن.
_ئۇنداق بولسا جۇرۇڭ،ئىككىمىز بىللە ئاپىرىپ قويايلى!!
رامىلە ئۈندىمىدى.
ئەركىن بىر تاكسى چاقىرىپ كەلدى. پەرمان باياقى مۇشىت-پەشۋالاردىن ھالسىزلىنىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر ئېغىزىنى بۇزۇپ كىمنىدۇر ئارىلاپ تىللاپ قويۇپ ئۇخلاپ قالغاندەك ياتاتتى.
ئۇلار ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ رامىلە يىراقتا تۇرۇپ تۇردى.ئەركىن ئۆيىدىكىلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا سورۇندا ئولتۇرۇپ سەل كۆپ ئىچىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ تاپشۇرۇپ بەردى-دە رامىلەنى ئېلىپ قايىتتى.
_ساۋاقداشلار بىللە ئولتۇرۇپتىكەنسىلەردە؟
_ھەئە،_رامىلە خېجىللىق بىلەن ئاستا جاۋاپ بەردى_تېلىفۇن قىپتىكەن،ئۇنىمىسام ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بار دەپ تۇرۇۋالدى،مەنمۇ يېنىكلىك قىلىپ بوپتۇلا دەپتىمەن.كىم بىلسۇن ھاراق ئىچكەن ئادەمنىڭ شۇ قەدەر كاللىسى توختاپ قالىدىغانلىقىنى...
_ئۇ سىزگە تەكلىپ قويغانمىتتى؟_ئەركىن يۇرىكىنى بېسىپ تۇرغان تاشنىڭ بېسىمىدا ئىختىيارسىز ئېغىزىدىن بۇ گەپنى چىقىرىۋەتتى.
_رامىلەنىڭ "ھەئە"دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتقانلىغىنى كۆرۇپ تېخىمۇ كۆڭلى بىر قىسىم بولۇپ قالدى."تەكلىپ قويغان ئىكەن،ھەم ساۋاقدىشى ئىكەن.. قارىغاندا ئۇ ئىككىسى شۇنداق يېقىن ئۆتسە كېرەك. مەن نىمە قىلىپ قويدۇم ئەمدى؟؟ھەي.."
_ئەركىن ئاكا،سىزگە كۆپ رەھمەت،،سىز بولمىغان بولسىڭىز...قانداق قىلار ئىدىم؟؟.._رامىلە ئېغىزىنى ئۈمچەيتىپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
_ئۇنداق دىمەڭ!!
_ھە راسىت،سىز بىزنىڭ مەھەللىگە نىمىگە بارغان؟
_بىر ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قايىتقاچ ئۇ يولدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقانتىم.. قارىسام تونۇشتەكلا ئاۋاز ئاڭلاندى..
_ھە.._رامىلە خېجىللىق بىلەن يەرگە قارىۋالدى.
"ئۇنىڭ قىزىرىپ يەرگە قاراشلىرى نىمانچە ئوماقتۇ؟"ئەركىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھىسلىرىنى كۆزلىرىگە مۇجەسسەملىگەن ھالدا رامىلەگە باقتى.ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىن تېنى شۇركەنگەن رامىلە ئىتتىك ئالدى تەرەپتىن كەلگەن تاكسىنى توستى.ئەركىننىڭ گەرچە رامىلە بىلەن پاراڭلاشقاچ بۇ يولنى پىيادە ماڭغۇسى بولسىمۇ بىراق قىزنىڭ رايىغا بېقىپ ئامالسىز توختىغان ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى قىزغا ئېچىپ بەردى-دە،ئارقىدىن ئۆزىمۇ ماشىنىغا چۈشتى.....
بەزىدە ئاجايىپ ئىشلارغا دۇچ كېلىسىز.بەزى ئادەملەر سىزنى پىرقىراپ كۈن-كۈنلەپ يېنىڭىزدىن كەتمەي كەچكىچە بىللە يۈرسىمۇ سىزدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەقەت قېرىنداشلارچە بىر مىھىر،يېقىنلىقلا مەۋجۇت بولىدىكەن.بەزىدە بولسا بىرلا كۆرگەن كىشىگە نىسبەتەن قەلبىڭىزدە ئۆزىڭىز سېزىپمۇ بولمايدىغان يېقىملىق بىر تۇيغۇلار پەيدا بولىدىكەن.
ئەكبەرمۇ شۇنداق. نىمە ئۈچۈنكىن رامىلەنى كۈتۈپخانىدا كۆرگەن ۋاقتىدا يۈرىكى ئۆزى بىلىپ بولمايدىغان تاتلىق بىر خىل تۇيغۇلارغا چۆمدى.ئۆز ھالىتىگە مۇخالىپ ھالدا قىزنىڭ پۇتۇن دىققىتى بىلەن كىتاپقا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ بىردە قوشۇمىسىنى تۇرۇپ جىددىيلىشىلىرىگە،بىردە لەۋلىرىنى ئۈمچەيتىپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئولتۇرۇپ قېلىشلىرىغا بىردە "پىسسىڭڭىدە"كۈلۈپ قويۇشلىرىغا ،ئالدىدىكى خاتىرىسىگە كىتىرلىتىپ نىمىلەرنىدۇر خاتىرىلەشلىرىگە قاراپ ئولتۇردى.ئۇمۇ گەرچە كىتاپ ئوقۇۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسىمۇ ئالدىدىكى قاتاردا ئۆزى تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغان قىزنىڭ ھەر بىر ھەركىتىدىن كۆزىنى ئۈزمەي خىياللىرى ئاللىقەيەرلەرگە پەر قانات قاققان ئىدى.
راستىنلا دۇنيا دىگەن ئۇنچىلامۇ چوڭ بولمىسا كېرەك.كەچتىكى ئولتۇرۇشتا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا كۈندۈزى كۈتۈپخانىدا كۆرگەن قىز شۇ سورۇندا بولۇپ قالدى.تېخى ئۇنىڭ بىلەن بىر قول تانسا ئويناپ بىر ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلىۋىلىشقىمۇ ئۈلگۈردى. بىر كۆرگەن تونۇش،ئىككى كۆرگەن تۇققان دىگەندەك ئەمدى ئۇ قىزنى ئۇچرىتىپ قالسا ئۇ يۈرەكلىك ھالدا سالاملىشالايدۇ.ئۇ قىز پەرماننىڭ مۇھەببىتى ئەمەس..پەرماننىڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىگى بۈگۈن بۇ سورۇنغا ئېلىپ كەلمىگەنلىگىدىن ئېنىق بولدى. بىراق قايىتقاندا رامىلەنىڭ پەرمانغا"مەن تاكسى توسۇپ كېتىۋىرىمەن،بولدى سەن ئاپىرىپ قويمىساڭمۇ بولۇدۇ"دىگەنلىگىنى ئۇمۇ ئېنىق ئاڭلىدى.ئۇ قىز پەرماننىڭ مۇھەببىتى بولغان بولسا چوقۇم بۇنداق دىمىگەن بولاتتى..
كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ تاكسى بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ زەبىنۇرنى ھوجرىسىغا كىرگۈزۈۋىتىپ ئۆز ھوجرىسىدا ياتقان ئەكبەرنىڭ خىياللىرى ھە دىسىلا رامىلە تەرەپكە كېتىپ قېلىۋاتاتتى....
................................................
ئۇ ئەتىسى ئۆگۈنى..ئۇدا 3 كۈن شەھەرگە كىرىپ كۈتۈپخانىغا باردى. بىراق قېرىشقاندەك كۈتۈپخانىدا كۈن-كۈنلەپ ئولتۇرسىمۇ بىراق ئۇ كۈتكەن سىما قارىسىنى كۆرسەتمەيۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنى قانداقتۇر بىر ئۈمۈت مۇشۇ كۈتۈپخانىغا سۆرەيىتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى ،ئۇ ئەتىگەندىلا كۈتۈپخانىغا كېلىۋىلىپ قولىغا ئېلىۋالغان كىتابىنى خالار-خالىماستىن ۋاراقلاپ كۆزىنى ئىشىكتىن كىرىۋاتقان ھەر بىر سايىدىن ئۈزمەي ئولتۇردى. سائەت 10 يېرىملار بىلەن كىرىپ كەلگەن تونۇش سىمادىن يۈرىگى تىپچەكلەپ كەتكەن ئەكبەر دەماللىق نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى. رامىلە كىرىپ ئالدىنقى ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان بىر جۇپ كۆزنى كۆردى-دە،ھودۇقۇپ كەتتى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
_ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،
_كىتاپ كۆرگىلى كەلدىڭىزمۇ؟
-ھەئە،ئانا يۇرىت رومانىنىڭ بىرىنجى قىسمىنىڭ بىرىنجى نەشرى كېرەك بولۇپ قالغان ئىدى. مەندە بىرىنجى نەشرى يوق_رامىلە قىزىرىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى-دە قوشۇپ قويدى_سىزمۇ كىتاپ كۆرگىلى كەلگەنمىتتىڭىز.
_شۇنداق_ئەكبەر قىزدىن كۆزىنى ئۈزمەي جاۋاپ بەردى_مەندە ئۇ كىتاپنىڭ ئۈچىلى قىسمى بار بىرىنجى نەشرى،خالىسىڭىز مەنلا بېرىپ تۇراي!!
_راسىتما؟_رامىلە خوشاللىقتىن بالىلارچە سەكرىۋەتتى . ئەكبەر رامىلەنىڭ ئوماق قىلىقىدىن سۆيۈنگەن ھالدا قاراپلا قالدى.رامىلە ئەكبەرنىڭ تىكىلىپ قارىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئىتتىك كىتاپ تىزىلغان تەكچىگە قاراپ ئۆرۇلدى.
_بوپتۇ ئەمىسە كىتاپ كۆرۇۋىرىڭ،مەنمۇ كىتاۋىمنى كۆرەي!!
شۇنداق قىلىپ ئىككىسى ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا كىتاپ كۆرۇشتى،ئوقۇغان كىتاپلىرى ئۈستىدە پىكىرلەشتى.ئىككىسىنىڭ كۆز قاراشلىرى بىر يەردىن چىققانسىرى بىر-بىرىگە بولغان تارتىنىش قورۇنۇش ھىسلىرى ئاللىقەيەرلەرگە ئۇچۇپ خۇددى بۇرۇندىن تونۇشىدىغان يېقىن تونۇشتەكلا بولۇپ قالدى.
كۈن چۈشتىن قايرىلغاندىلا ئۇلار قورساقلىرىنىڭ ئاچقانلىغىنى ھىس قىلىشىپ بىللە تاماق يىيىشكە دىيىشىپ ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىشتى.
ئۇلار كۈتۈپخانا ئىشىكىدىن كۈلۈشۈپ پاراڭلىشىپ چىقىپ كېلىشىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا يەنە بىر جۇپ قەدەم كۈتۈپخانا ئىشىكىگە كېلىپ توختاپ قالغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ھېلىقى كۈندىكى ئولتۇرۇشتىن قايىتقاندىن كېيىنكى ساھىپجامالنى قۇتقۇزۇپ قالغان يىگىت ئەركىن ئىدى. بۇ دۇنيا دىگەن ئاجايىپ قىسمەتلىرى بىلەن ئىنسانلارنى شۇنداق خىلمۇ-خىل قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىدىكەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا مۇھەببەتلەشكەن قىزىنىڭ يۈزسىزلىك قىلىشى سەۋەبىدىن قىزلارغا يانتۇ بېقىپ قاراشقىمۇ مەيلى قالمىغان ئەركىن مانا ئەمدى ئۆزىدىن خېلىلا كىچىك بولغان رامىلەنىڭ مۇھەببەت توزىقىغا راستىنلا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۇ رامىلەنى پەرماننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئاخشىمى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن خىياللارنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندى.قىزنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىتىدىن قىزنىڭ راستىنلا مۇھەببىتى يوقلىقىغا كۆزى يەتكەن ئەركىننىڭ قەلبى ئۆزى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز بولغان شېرىن تۇيغۇلارغا چۆمدى. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن قىزغا يېقىنلىشىش ،قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان قورۇنۇش ،تارتىنىش ھىسلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يوقۇتۇپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئېلىشقا تىرىشىش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى. بىر نەچچە كۈننى تەستە ئۆتكۈزگەن ئەركىن بىر كىتاپ سوراش باھانىسىدا رامىلەلەرنىڭ ئۆيىگە تېلىفۇن قىلىپ ئاپىسىدىن ئۇنىڭ كۈتۈپخانىغا كەتكەنلىگىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خوشاللىقىدا بۇ كۈتۈپخانىغا قاراپ ئۇچقان ئىدى.ئەپسۇس،ئۇنىڭ كۈتۈپخانىغا كرىپ كېلىشى بىلەن قىزنىڭ كۈتۈپخانىدىن باشقا بىر ئوغۇل بىلەن كۈلۈشۈپ بىللە چىقىپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۇپلا ئىتتىك ئۆزىنى دالدىغا ئالدى.
قىز-يىگىتنىڭ تاتلىق كۈلۈشۈپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىغىغا ئىچى ئاچچىق بولغان ھالدا تۇرۇپ قالغان ئەركىننىڭ كۆڭلىگە ئاجايىپ خىياللار كەچكەن ئىدى. "ئەمدى بۇ كىمدۇ؟ ئۇلار ھەجەپ بىر-بىرىگە شۇنداق يېقىندەك ئامراقلىق بىلەن كۈلۈشۈپ مېڭىپ كېتىپتۇ؟؟ رامىلە مەن تەسەۋۇر قىلغاندەك ئۇنچىلا ياخشى قىزلاردىن ئەمەسمۇ قانداق؟؟ياق،ياق،، قايسى كۈنى كەچتىكى رامىلەنىڭ ئازار يىگەن چاغدىكى ئىزا ،نۇمۇس ھىسسىياتلىرى بىلەن كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياشلىرى يادىغا كېلىشى بىلەنلا ئەركىن خىيالىنى دەرھال ئىنكار قىلىۋەتتى. "بەلكىم ساۋاقدىشىدۇ،ياكى تۇنۇشىدۇ...مېنىڭ ئىچىممۇ نىمانچە تار،،ئۇ قىز تېخى مېنىڭ ئىلكىمگە ئۆتكەن قىز ئەمەسقۇ،كىملەر بىلەن ماڭسا تۇرسا ئىختىيار ئەمەسمۇ؟؟".......
مانا شۇ كۈندىكى بىللە تاماق يىيىش رامىلە بىلەن ئەكبەرنى تەبىئى ھالدا بىر-بىرى بىلەن يېقىنلاشتۇرۇۋەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسىنىڭ پىكىر-خىياللىرى خۇددى بىر خىيال،بىر ئوينى بىر يەردىن تېرىۋالغاندەكلا ئوخشاش بولۇپ چىقاتتى بۇ ھالەت ئۇلارنى تېخىمۇ خوشال قىلىپ ھەر ئىككىلىسىنىڭ قەلبىدە ئۆزلىرىگىلا مەلۇم بولغان كۆڭۈل ئازادىلىك ئاتا قىلىۋاتاتتى...
شۇ كۈندىن كېيىن ئىككىسى يىگىرمە كۈن ئەتراپىدا كۈندە دىگۈدەك بىللە كۈتۈپخانىغا كەلدى. ئەكبەرمۇ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئاتا-ئانىسىغا شەھەردىكى بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتقانلىغىنى ئېيتىپ قويۇپ ئەس-ھوشسىز ھالەتتە كۈندە شەھەرگە كىرەتتى. بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرقىدىن كۈلكە تۆكۈلۈپ تۇراتتى. رامىلە بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىنىڭ ھەر بىر مىنۇتىمۇ ئۇنىڭغا شۇقەدەر خوشاللىق بېغىشلايىتتى. رامىلەمۇ شۇنداق كۈندە ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن ئۆيلەرنى ئاندا-مۇندا بېسىقتۇرۇۋىتىپلا كۈتۈپخانىغا قاراپ ئۇچاتتى.ئۇمۇ ئوخشاشلا كۈتۈپخانىدا قانداقتۇر بىر ماتىريال يېزىۋاتقانلىغىنى باھانە قىلىۋالغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئىككىلىسى بىر-بىرىگە باغلىنىپ قالدى، يىگىت قىزغا قىز يىگىتكە ئاشىق بولۇشۇپ قالغان ئىدى. بۇنى گەرچە ئېغىزلار چىش يېرىپ دىمىگەن بولسىمۇ بىر-بىرىنىڭ ئانچىكى گەپلىرىنىمۇ خوشاللىق بىلەن تىڭشاشلىرىدىن،بىر-بىرىنى كۆرگەندىكى يۈرەكلىرىنىڭ دۇپۇلدەپ سوقۇشلىرىدىن،بىر-بىرىدىن ئايرىلغان كېيىن ئۆيلىرىگە قايىتقاندا يالغۇز ھوجرا ئۆيلىرىگە بېكىنىۋىلىپ تېخى ھىلىلا ئۆزلىرىگە خوشاللىق،ئازادىلىك ئاتا قىلغان سۆھبەتلەر بېتىنى قايتا-قايتا ئاختۇرۇشلاردىن بىلىۋالماق تەس ئەمەس ئىدى.
ھەش-پەش دىگۇچىلا تەتىل ئارام ۋاقتى توشۇپ رامىلەلەرنىڭ ماڭىدىغىنىغا ئىككى كۈن قالدى. رامىلە بۇ كۈننى ئويلىسىلا بىر قىسىم بولاتتى كۆڭلى يېرىم ھالەتكە چۆمەتتى. بىراق ئامال يوق،كۆڭۈلنى دەپ ئوقۇشىنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويسا بولماس..
ئۇ بۈگۈن ئەتىگەندە ئەكبەرنىڭ چۈشتە بىللە تاماق يىيىش تېلىفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن باشقا كۈنلەردىكىدىن ئەستايىدىلراق بولۇپ تۇجۇپىلەپ ياساندى. سۇس ھالەتتە قىلىۋالغان گىرىملىرى بىلەن ئۇچىسىدىكى كىيىملىرى ئۆزىگە خوپ ياراشقان رامىلە دىيىشكەن ۋاقىتتا "ۋىسال تاماقخانىسى"غا يېتىپ كەلدى.ئۇنى ئەكبەر ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.ئەكبەر ئۇنىڭغا ئاجايىپ بىر خىل قاراپ كۆزىنى ئۈزەلمەيلا قالدى. ئىككىسى قىزغىن كۆرۈشۈپ"بۈگۈن قىپ-قىزىل گۈل بولۇپ كېتىپسىزغۇ رامىلە "دەۋەتكەنلىگىنىمۇ تۇيماي قالدى.ئىككىسى بىللە تاماقخانىغا كىرىشىگە تالاغا قاراپ ماڭغان زەبىنۇر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
-تاماق يىگىلى كەلدىڭىزما؟_ئەكبەرنى كۆرۇپ ئەركىلىگەندەك ئالدىغا يۈگرەپ كەلگەن زەبىنۇر ئەكبەرنىڭ كەينىدىكى رامىلەنى كۆرۇپ تۇرۇپلا قالدى.
_ھەئە.. بىز بىللە تاماق يەيلى دەپ_ئەكبەر زەبىنۇرنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى بايقىمىغان ھالدا ئۇنىڭغا رامىلەنى ئىشارەت قىلدى.
_ياخشىمۇسىز!!
_ياخشىمۇسىز_رامىلەنىڭ سالىمىغا سۇس جاۋاپ قايتۇرغان زەبىنۇر نىڭ چىرايىدىكى ئاللىقانداق ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن رامىلە قايسى كۈندىكى ئۆزىگە تولىمۇ مۇلايىم تەسىر قالدۇرغان بۇ قىزنىڭ سۇغۇققىنە مۇئامىلىسىدىن تېنى شۇركىنىپ كەتتى.
-ئىككىڭلار قايسى كۈنى كۆرۈشكەن ھە راس،مەن تېخى تۇنۇشتۇرۇپ قوياي دەپتىمەن.
_تونۇيمەن،بۇ قىز پەرمان دىگەن ئاغىنىڭىزنىڭ مۇھەببىتىغۇ...
_زەبىنۇر_ئەكبەر "پەرمان"دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپلا چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن رامىلەگە قاراپ ئاچچىق بىلەن زەبىنۇرنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى.
_ئۇ كۈنى شۇنداق دىگەنغۇ.. سىزمۇ شۇ كۈنى تونۇشقانغۇ بۇ قىز بىلەن_زەبىنۇر تۇمشۇقىنى ئۇچلىغىنىچە شۇنداق دىدى.
_بولدى.. جۇرۇڭ بىز بىلەن بىللە تاماق يەڭ،مەن ئورۇن زاكاس قىلىپ قويغان.
_ياق بولدى.مەنمۇ دوستۇم ئالىيەنى ئۇزىتىمەن دەپ تاماققا چاقىرىپ قويغان.ئەنە ئۇمۇ كەلدى..
_بوپتۇ ئەمىسە بىز كىرىپ كەتتۇق.
ئەكبەر زاكاس قىلغان ئايرىم خانىغا كىرگەن رامىلەنىڭ ئەكبەر بىلەن كۆرۈشكەندىكى خوشال كەيپىياتىدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى.ئۇ زەبىنۇرنىڭ ئۆزىگە سۇغۇق تېگىشىدىن،ئاچچىق نەشتەردەك تىكىلىشلىرىدىن نىمەئىش ئىكەنلىگىنى بىلەلمىگەن ھالدا كۆڭلى ئازار يەپ قالغان ئىدى.
"نىمىشقا بۇ قىز ماڭا شۇنچە سۇغۇق قارايدۇ؟ئەجىبا ئۇ ئەكبەرنى..ياق،ياق،ئەكبەر ئۇ قىزنى نەۋە سىڭلىسى ئىكەنلىگىنى كىچىك ئاپىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئىگە-چاقىسىز بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىپ ئۆز ئۆيىدە تۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.."
_رامىلە،زەبىنۇرنىڭ گەپلىرىدىن رەنجىپ قالدىڭىزمۇ؟رەنجىمەڭ ھە..ئۇ ئاشۇنداق كىچىك بالىدەكلا..دىلى سۇنۇق دەپ ئاپام ئۇنى بەكلا ئەركىلىتىپ مۇشۇنداق ئۆز گەپچى بولۇپ قالدى كۆڭلىگە نىمە كەلسە شۇنى دەۋىتىدۇ.ئۇ پەرمان ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى ئۇقمايدۇ. قايسى كۈنى ئىككىڭلارنى "بىر جۇپ"لەر دەپ تونۇشتۇرغاچقا ئۇ خاتا چۈشىنىپ قالغان گەپ. ئۇ ئىككىمىزنىمۇ شۇنداق دىگەنگە سىزمۇ شۇنداق ئويلاپ قاپتىكەنسىزغۇ.. رەنجىمەڭ ھە،،رامىلە كۈلۈپ ئولتۇرۇڭە..بولامدۇ؟_ئەكبەر رامىلەنىڭ توساتتىن شۈكلەپ كەتكەنلىگىگىنى كۆرۇپ زەبىنۇرنىڭ گېپى كۆڭلىگە كەلدى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا چۇشەنچە بېرىپ كەتتى.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىللە تاماق يىيىشتى.ھەي كۆڭۈل.. ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىسىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئېيىتقان كىچىككىنە گەپلىرىنىڭ ئۆزىلا كىشىگە ئالەمچە تەسەللى بولالايدۇ. رامىلەمۇ شۇنداق بولدى، ئۇ ئەكبەر بىلەن بىللە تاماقلىنىپ ئۇ ياقتىن -بۇ ياقتىن پاراڭلىشىش جەريانىدىلا باياقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كەتتى.ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىللە تاماقلىنىپ چىقىپ بىللە باغچىغا كىردى.ئۇ يەردىن چىقىپ يەنە بىللە جۇپ مېڭىشقان قەدەملەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىشقا رايى يوق مېڭىشىپ خەلىق كىنۇخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈپ قويۇشتى-دە بىللە كىنۇخانىغا كىرىپ كېتىشتى.ئۇلار كىنۇنى كۆرۇپ بولۇپ چىققاندا بولسا سىرىتقا ئوبدانلا قاراڭغۇ چۇشۇپ قالغان ئىدى. ئىككىلىسى ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلىفۇن قىلىشىپ بىر مۇنچە يالغان گەپلەر بىلەن ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ قويغاندىن كېيىن بىللە كەچلىك تاماق يىيىشتى.. ئەمدى ئۇلارنىڭ يەنە ئايرىلماسلىقىغا قىلچە باھانىسى قالمىغان ئىدى. بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ رامىلەلەرنىڭ مەھەللىسىگە يېقىنلاشقان ئەكبەر دەممۇ-دەم قىزغا يەر تېگىدىن قارايىتتى،ئۇ گەرچە ئېغىزىدا دىمىگىنى بىلەن رامىلەدىن ئايرىلىشقا راستىنلا قىيمايۋاتاتتى. قەلبىدىكى سۆزلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا قىزغا دىيىشنى بىلەلمەي نەچچە كۈندىن شۇنچە بىللە بولغان ۋاقىتلىرىدا يۈرەكلىك بولۇپ شۇ سۆزلەرنى قىلىۋالمىغانلىقىغا ئۆكۈنۈۋاتاتتى.رامىلەمۇ شۇنداق..ئۇ گەرچە قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ شۇ كەمگىچە بىرەر ئوغۇل زاتىغا بۇنچىلىك شەيدا بولۇپ باقمىغان كۆڭلىنىڭ ئەكبەرگە باغلىنىپ قالغانلىقىغا ئەل بولغان ھالدا ئۆگۈنلۈككە ئۈرۈمچىگە كەتكەندىن كېيىن يەنە بىر كۆرۇشكىچىلىك ئارىلىقتىكى تەشنالىق ھىسلىرىنىڭ ئۆزىنى ئازاپلايدىغانلىقىغا مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى چىن پۇتكەن. تەكرار تەكرار ئەكبەرگە بولغان بۇنداق تېز ھەم تۇيۇقسىز باغلىنىپ قالغان ھىسلىرى ئۈستىدە ئويلاپ ئۇنى شەكسىز ساپ ھىسسىياتلىرى بىلەن ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىغا ئەل بولغان ئىدى. بىراق ئۆزىگە تىكىلىشلىرىدىنمۇ، قىلغان سۆزلىرىدىنمۇ ئاشىقلىقنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇرغان بۇ يىگىت بولسا تا ھازىرغىچە ئۇنى سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ باقمىدى.. ئەمدى بولسا مانا ئەتە بىر كۈندىن كېيىنلا ئۇ كېتىدۇ.. يەنە بىر كەلگۈچە يەنە نىمە ئىشلار بولۇپ كېتىدۇ خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.
_رامىلە_ئەكبەر تۇيۇقسىز توختىدى.
قىز بېشىنى كۆتۇرۇپ ئەكبەرنىڭ ئاجايىپ چوڭقۇر تۇيغۇلار چاچراپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىدى،قارىدىيۇ يۈرىگى 'جىز"قىلىپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا يېنىك تىترەپ كەتتى.
_بىر گېپىم بار ئىدى.دىسەم بولارمۇ؟_ئەكبەر قىزنىڭ مېيىقىدا تەبەسسۇم قىلغان ھالىتىدىن رازىمەنلىك ئالامەتلىرىنى كۆرۇپ قولىنى ئاستا ئۇزىتىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى.
_رامىلە، مەن..مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،سىز بىلەن ئۆمۇر بويى ئايرىلماي مۇشۇنداق بىللە خوشال-خورام ياشىسام دەيمەن. قانداق قارايسىز؟
ئۇ ئىلتىجا بىلەن تەلمۇردى.قىز يىگىتنىڭ ھامان ئۆزىگە مۇشۇ گەپنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ بىراق دەماللىق نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ئىچكى تۇيغۇلىرىنى ئاشكارىلىۋىتىشكە قىزلىق ھايا ۋە قورۇنىشى يول قويمىغان ھالدا بېشىنى تۆۋەن سالدى.
_جاۋاپ بېرىڭە،،رامىلە..مەن گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرمىدىم بەلكىم كۆرۇشكەن تونۇشقان ۋاقتىمىز شۇ قەدەر قىسقا تۇرسا دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق مۇھەببەت،ھىسسىيات دىگەن ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن ھىساپلاشمايدىكەن.سىزنى مەڭگۈ بەخىتلىك قىلسام دەيمەن_ئەكبەر قىزنىڭ خۇمارلاشقان كۆزلىرىدىن چاچرىغان ئۇچقۇنلاردا يۈرىكىدىكى ئوتلارنىڭ تەپتى تېخىمۇ قىززىغان ھالدا ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي قىزنى ئاستا ئۆزىگە تارىتتى.قىز ماغدۇرسىزلانغان،تىترىگەن ھالدا يىگىتكە يۆلەندى.. ئۇ ئېغىزىدىن ماقۇل دىگەن گەپنى دىمىگىنى بىلەن تىترەك ھىسلار،دۇپۇلدىگەن يۇرەك تىۋىشلىرى،قىزىرىپ ئوت بولۇپ يانغان مەڭزىلىرى يىگىتكە ئاللىقاچان ماقۇل جاۋاپنى بېرىپ بولغان ئىدى.
ھىلال ئاي.. سېخىلىق بىلەن نۇرلىرىنى تۆككەن ئاشۇ گۇزەل كېچىدە يىگىت-قىزنىڭ لېۋىگە تۇنجى بولۇپ شەربەت تامغىسى باستى..يۇلتۇزلار توختىماي جىمىرلىشىپ چاۋاك چېلىۋاتاتتى.. ئىككى تەن،ئىككى روھ ئاللىقاچان بىر-بىرىنىڭ قۇلىغا ئايلانغان ھالدا بىر-بىرىنىڭ باغرىدا ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ئىدى.. مانا بۇ يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان مۇھەببەتنىڭ يىگىت-قىزلارنىڭ چىن ھىسسىياتلىرىنىڭ مۇجەسسىمى بولۇپ پارتىلىشى ئىدى. ...
ئەكبەر تاتلىق مۇھەببەتلىك ۋىسال دەقىقىلىرىدىن قانمىغان ھالدا خوشلىشىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىگە كەلگەندە خېلىلا كەچ بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئاتا-ئانىسىنى ئۇيغۇتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ زالغا كىرىپ كەلگەن ئەكبەر
_ئەمدى كەلدىڭىزما ئاكا_دىگەن ئاۋازدىن چۆچۇپ كەتتى. زالدا زەبىنۇر ئۆزى يالغۇز تۇراتتى.
_سىز ..تېخىچە ئۇخلىمىدىڭىزما؟
_ياق ئۇيقۇم كەلمىدى_زەبىنۇرنىڭ يىغلامسىراپ ئېيىتقان سۆزىدىن ئەكبەر مەڭدەپ قالدى.
_نىمە بولدىڭىز؟مىجەزىڭىز يوقما؟دوختۇرغا ئاپىرايمۇ؟
_ياق..ئىچىم تىتىلداپ شۇ..بولدى سىز كىرىپ كېتىۋىرىڭ مەنمۇ كىرىپ كېتىمەن.
_ياخشى چۇش كۆرۇڭ ئەمىسە!
ئەكبەر قايتىپ كىرىپمۇ ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىدى.ئۇنىڭ يىگىتلىك تۇيغۇلارغا باي قەلبى ھېلىلا سۆيۇملۇك مەھبۇبەسىنىڭ ۋىسالىغا يەتكەن دەملەرگە دەممۇ-دەم قانات قېقىپ كېتەتتى...قىزنىڭ ئوتلۇق تىنىقلىرى تەككەن مەڭزىلىرىنى ھىلىدىن-ھىلى سىلاپ قوياتتى ...
ئاھ تۇنجى مۇھەببەت..ياشىسۇن پاك سۆيگۈ.....
..................................................
رامىلە ماڭىدىغان كۈنى ئەكبەر گەرچە بېكەتكە بارغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقىلار ئالدىدا پېتىنىپ قېشىغا بارالمىدى.ئارزۇيىنىڭ ئەكسىچە قىيمىغان ھالدا يىراقتىن كۆزلىرى بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى.
پەرمانمۇ شۇ كۈنى ماڭدى،بىراق ئۇ دائىمقىدەك رامىلە بىلەن بىللە بىر ئابتۇبۇستا ماڭالمىغان ئىدى. ئۇ بېكەتتە ئەكبەرنى كۆردى.چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ئىچ-ئىچىدىن ئەكبەرگە رەشىك،ئۆچمەنلىك قىلدى. چۇنكى ھېلىقى كۈنىنىڭ ئەتىسى ئۇ يېشىلىپ رامىلەگە قىلغانلىرىنى غۇۋا ئەسلەپ شۇ كۈنىلا رامىلەگە تېلىفۇن قىلىپ ئەپۇ سوراشقا پېتىنالمىغان بولسىمۇ بىراق بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قىلغان تېلىفۇنلىرىنى رامىلە قوپاللىق بىلەن رەت قىلىۋىتىپ ئۇنڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغا پەقەت پۇرسەت بەرمىگەن يەنە تېخى ئۇنىڭغا "مەكتەپكە بارغاندىن كېيىنمۇ ماڭا گەپ قىلغۇچى بولما بولمىسا سەتلىشىپ قالىمىز "دىدى."ئۇ نىمانچە قىلىدۇ؟ بۇرۇن يۇرگەن بىرىنجى،ئىككىنجى مۇھەببىتىنىمۇ ماقۇل جاۋاپ بەرمەستىنلا زورلۇق قىلىپ سۆيۇۋالغان،ئۇلارمۇ دەسلەپتە قارشىلىق قىلىپ تېپىرلىغان بولسىمۇ بىراق لېۋىنى ئاجراتماي چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇۋالغاىن كېيىن ئۆزلىكىدىنلا بوشاپ ئۇنىڭ باغرىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى. يەنە تېخى كېيىنكى ۋاقىتلاردا "بىرىنجى قېتىم سىز زورلۇق قىلغان ھە ئەسكى"دەپ ئەركىلەيدىغان بولۇپ كەتكەن. دۇرۇس رامىلەغۇ يۈزى تۆۋەن كەمسۆز ھايالىق قىز،بىراق ئۇمۇ ئوخشاشلا ئايال زاتىدىن بولغان ئىكەن شۇ ھىسسىياتلارنىڭ بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟؟
كېيىن ئۇ ئەكبەر بىلەن رامىلەنى بىللە ئۇچرىتىپ قالغاندىن كېيىنلا تۇيۇقسىز بىر ئىشلارنى چۇشەنگەندەك بولۇپ قالدى. بىر كۈنى ئۇ خەلىق باغچىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتاتتى تۇيۇقسىز كۆزلىرى باغچە ئىشىكىدىن كۈلۈشۈپ چىقىپ كېلىۋاتقان بىر جۇپ قىز-يىگىتنى كۆرۇپ تۇرۇپلا قالدى. شۇ دەقىقە ئويلىمىغانلا بىر ئىش يۈز بەردى. قىز كەپسىز بالىلار تىيىلىپ كۆك مۇز قىلىۋەتكەن يەرگە دەسسىۋىلىپ"ئاپام"دەپ ئوڭدىسىغا يىقىلىشى بىلەن يىگىت ئۇنى تۇتىۋىلىش ئۇچۇن ئۆرۇلۇپ قولىنى سۇنۇپ ئويلىمىغان يەردىن قىزنىڭ ئۈستىگىلا يىقىلىپ چۇشتى. ئۇلار ھودۇقۇپ قىزىرىپ بىر-بىرىگە قارىيالماي ئىتتىك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كەتكەن بولسىمۇ پەرماننىڭ سەزگۇر كۆزلىرى ئىككىلىسىنىڭ چىرايىدىكى قىزارغاندىكى شاتلىق ھىسسىياتلىرىنى كۆرۇشكە ئۈلگۈرگەن ئىدى.نەچچە يىل بىللە ئوقۇپ رامىلە بىلەن ئۇنچىلىك يېقىن ئۆتۇشكە مۇيەسسەر بولالمىغان پەرمان قىسقىغىنە ۋاقىتتا باغچىلارغا كىرگۈدەك يېقىنلىشىپ كەتكەنلىگىگە ھەسەت ۋە ھەيران قالغان ھالدا ئارقىسىدىن قاراپ قالغان ئىدى. ..مانا بۈگۈن رامىلەنىڭ ماڭىدىغان كۈنى ئەكبەرنىڭ بېكەتكە كېلىپ ئەگىپ يۇرۇشى پەرماننىڭ گۇمانلىرىنىڭ ئورۇنسىز ئەمەس ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇرۇۋاتاتتى.ئەكبەردىن قانچە قېتىملاپ سوراپ باقماق بولدىيۇ غورۇرى يول قويمىدى. "خەپ،مەن پەرمان ئىككىڭنى قانداق باپلايمەنكىن قېنى،،رامىلە..مەن قىزلارنىڭ ئالدىدا بۇنداق يېڭىلىپ باققان ئەمەس..قاراپ تۇر، سەن ھامان مېنىڭ بولىسەن"چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقان پەرمان ئوغۇللارغا خاس بولمىغان ئىچى تارلىق ھىسسىياتلىرى يۈرىگىنى يىگەن ھالدا ئۈرۈمچىگە قاراپ مېڭىپ كەتتى.
دەل شۇ ۋاقىتتا رامىلەگە خىيال يىپلىرى باغلىنىپ قالغان يەنە بىرايلەن يەنى ئەسىرىمىزنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ ھازىر تولىراق ئارقا بەتكە ئۆتۇپ قېلىۋاتقان يەنە بىر پىرسۇناژىمىزمۇ يالغۇز ئۆيىدە تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چەككىنىچە تەگسىز خىياللارنىڭ ئەسىرى بولماقتا ئىدى.
"مەن نىمانچە يارىماس.. ھەي مۇشۇ يېشىمغا كەلگەندە كىچىككىنە بىر قىزنىڭ ئالدىدا شۇنچە قەدىرسىز بولۇپ قېلىۋاتقانلىغىمنى.. ياق،ياق..بۇنى ئۆزۈمدىن كۆرسەم قانداق بولۇدۇ.. ئۇنداقتا رامىلەدىن كۆرەيمۇ؟ ئۇنىڭدا نىمە گۇنا..مەن ئۆزۈممۇ خوتۇن كىشىدەك قىيداپ ئۇنى كۈتۈپخانىدا باشقا بىر يىگىت بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىگىمنى ئۆزۈمگە باھانە قىلىپ يۈرەكلىك ھالەتتە ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ كۆڭلۈمنى بىلدۇرمىسەم.. ئۇ كۆڭلۈمنى قانداق بىلسۇن؟ مەن ھىچ نىمە بىلدۇرمىسەم.. ئۇ بەلكىم مېنى ئاكىسىدەك كۆرۇشى مۇمكىن. ھەي ھە دىسىلا خىزمەت دەپ نىمىشقىمۇ بۇ تەتىل ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزگەندىمەن. ئۇنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشقا ئۇرۇنۇپ باقسام تامامەن بولاتتىغۇ..ئەسلىدە مۇھەببەتتىن تامامەن كۆڭلۈمنى ئۈزدۈم دەپ ئويلاپتىكەنمەن كىم بىلسۇن بىرلا كۆرۇپ بۇ قىزغا ئامراق بولۇپ قېلىشىمنى..ئويلاۋىرىپ خىيالەن ياخشى كۆرۇپ قېلىشىمنى.. ھسەي بۈگۈن قادىر جۇيجاڭلار بولمىغان بولسا بېكەتكە بېرىپ قىز ئامراق يىمەكلىكلەردىن بىر خالتىغا تولدۇرۇپ ئۇنىڭ "پىسسىڭڭىدە"كۈلۈشلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ قىيماسلىق بىلەن ئامانلىق تىلەپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى ھە؟؟ بىراق...ھەي نىمىلا بولمىسۇن بۇ بىر خىيال بولۇپ قالدى.تۈنۇگۇن ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلسام ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە بولمىسام بولمايدۇ دەپ ئۇنىمىدى. ئالدىنقى كۈنى بولسا ساۋاقداشلىرىم بىلەن دىيىشىپ قويۇپتىكەنمەن دەپ ئۇنىمىدى. بۇ قىزغا ئۆزۈمنبىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەشكىمۇ پۇرسەت بولمىدى.. ھەي.."
ئەركىن شۇنداق خىياللار بىلەن قىينىلىپ بىردە كۆڭلىنى ئاچچىق بىردە كۆڭلىنى تاتلىق قىلىۋەرسۇن..بىز يەنىلا ئەسىرىمىزنىڭ باش قەھرىمانى بولغان يېقىشلىق رامىلە بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولايلى:
رامىلە يولبويى ئەكبەرنىلا خىيال قىلىپ كەلدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك ئۆيىدىن ئايرىلىشقا قىيماسلىق ھىسسىياتلىرىغا يەنە كۆپرەك قىيماسلىق ھىسسياتلىرى قوشۇلغان ئىدى. گەرچە ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ ئوخشاش پىكىر،ئوخشا كۆز قاراش دىگەنلەر ئىككى قەلىبنىڭ رىشتىسىنى شۇنداق چىڭ باغلىغان ئىدىكىن رامىلە ئۇچۇن ئەكبەر گويا ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغاندەك ئىدى. ئۇ تەگسىز خىياللار بىلەن يولنى قىسقارتىپ ئەتىسى تاڭ سەھەر بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىۋالدى. ئۇ يىللاردىكىدىنمۇ بەك ئېغىر ھىسسىياتلار بىلەن ئۇرۇمچىگە قەدەم باستى.ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ بىر پارچىسى يۇرىتتا قالغان ئىدى.
ئۇ نەرسە كېرەكلىرىنى جايلاشتۇرۇپ تۇرۇشىغا ياتاق تېلىفۇنى جىرىڭلىدى.تېلىفۇن ئالدىغا ئوقتەك ئۇچۇپ بارغان رامىلە ھاياجان بىلەن تېلىفۇننى ئالدى؛
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
_ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
_مەن رامىلەنى ئىزدەيىتتىم
_مەن شۇ_رامىلە ناتۇنۇش ئاۋازدىن تىڭىرقىغان ھالدا جاۋاپ بەردى.
_ھە رامىلەمۇسىز،قانداق ئەھۋالىڭىز؟ئامان-ئېسەن بېرىۋالدىڭىزمۇ؟مەن ئەركىن.
ئەركىن دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ لەسسىدە بولغان رامىلە بوشقىنە :
_ياخشى ھە،كېلىۋالدىم_دىدى
_سىزنى ئەسلىدە بېكەتكە ئۇزۇتۇپ چىقاي دىگەن ئىدىم.بىراق قادىر جۇيجاڭلارنىڭ ئالدىدا ئەپسىز بولمىسۇن دەپ بارالمىدىم.بۈگۈن بېرىۋالدىمۇ دەپ ئامانلىقىڭىزنى سوراپ تېلىفۇن قىلغان ئىدىم.
_شۇنداقمۇ؟ بېكەتكە بارمىغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ.ئۇ يەردە ھەممەيلەن بار ئىدى.باشقا گەپ بارمۇ مەن سىرىتقا چىقماقچى ئىدىم.
_ئالدىراش بولسىڭىز بولدى مالال قىلماي،كۆرۇشۇپ تۇرارمىز خوش ئەمىسە ئامان بولۇڭ!!
_خوش!
كۆڭۈلسىز ھالدا تېلىفۇننى قويۇۋەتكەن رامىلە ئورنىغا قايتىپ كەلدى. شۇ تەرىقىدە ھەر بىر جىرىڭلىغان تېلىفۇنلارغا قاراپ ئۇچقان رامىلە سائەت 4 لەر بىلەن تېلىفۇننىڭ جىرىڭلىشىدىن ئەندىكىپ تۇرۇپ قالدى.
_رامىلە،ساڭا تېلىفۇن_زوھرە تېلىفۇننى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم_ئاھ..قارشى تەرەپتىن ئۇ كۈتكەن زارىققان ئاۋاز ئاڭلىنىۋاتاتتى
_ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام_رامىلە قەپىزىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇپ كەتكەن يۈرىكىنىڭ تىۋىشلىرىنى تىڭشىغاچ ھاياجان بىلەن جاۋاپ بەردى _يائاللا مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز ھە..كەتكەندىن كېيىنلا..
_ھوي،بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن!! سىزنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي جېنىم،شۇ سىزنى بېرىپ تازا بىر قېنىپ ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن تېلىفۇن بېرەي دەپ ئەتىگەندىن تاقەت قىلىپ ئاران ساقلىشىم مانا..
_شۇنداقمۇ_رامىلە ئەركىلىگەن ھالدا بەخىت كۈلكىسىنى ياڭرىتىپ تۇرۇپ سۆز قاتتى..شۇ ھالەتتە ئىككىلىسى بىر-بىرىگە قانمىاي يېرىم سائەتتىن ئوشۇق پاراڭلىشىپ تېلىفۇننى ئاران قويۇشتى.
_ۋوي قىزلار..بۇ يەردە بىر يېڭىلىق بار ھە.._زوھرە بەخىت ئىلكىدە يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن رامىلەنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ _بۇ مۆرىمەس بىردىنلا شۇنچە كۈلگۈنچەك،سۆزمەن بولۇپ كېتىپتۇ جۇمۇ...بۇنى بۇنداقلا قويۇپ قويساق بولماس..يۇيۇۋىتەيلى بۇنى ۋاقتىدا
_توغرا ،شۇنداق قىلايلى..ئىسسىق ۋاقتىدا يۇيمىساق بولمايدۇ جۇما.. -بەس-بەستە چۇرقىراشقان قىزلار رامىلەنى ئارىغا ئېلىۋىلىپ ھىلى ئۇنى-ھىلى بۇنى سورىشىپ،چۇرقىرىشىپ ياتاقنى كۆتۈرىۋەتتى.......
ئىھ مۇھەببەت،سەن نىمانچە سىرلىق،نىمانچە قۇدرەتلىك..
سېنىڭ سىرلىقلىقىڭ بىر-بىرىنى بىرلا كۆرۇپ كۆيۈپ قېلىشىپ ئەبەدىي سەۋدايىلارغا ئايلىنىپ ئىسمىنىمۇ بىلىشكە مۇيەسسەر بولالماي بىر ئۆمۈر قەلبىدىكى كىشىسىنىڭ سىماسىنى ياد ئېتىشلەردە ئىپادىلەنسە قۇدرىتىڭ تىلسىزلارغا تىل،ئەمالارغا كۆز ئاتا قىلغان كەبى مىجەز- خۇلىقلارنى ئۆزگەرتىۋىتىشلەردە ئىپادىلىنىدىكەن.
رامىلە ھازىر بۇرۇنقى كەمسۆز،خىيالچان رامىلە ئەمەس.كۈن-كۈنلەپ بېشىنى كۆتۈرمەي كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرسىمۇ ياتاققا كەلگەن تېلىفۇن جىرىڭلاپ چىرقىراپ كەتسىمۇ قوپۇپ ئۇنى ئېلىشقا ئېرىنىدىغان رامىلە ئەمەس ئىدى.ئۇ شۇ قەدەر كۈلگۈنچەك،چىھرىدە بەخىت كۈلكىلىرى ھەر دەم پارلاپ تۇرۇدۇ.ياتاق تېلىفۇنى جىرىڭلاپ بولغۇچە ئۇ ئۇستۈنكى كارۋىتىدىن سەكرەپ-دۇمىلاپ دىگۈدەك چۈشۈپ تېلىفۇنغا يۈگرەيدۇ.باشقىلارغا كەلگەن تېلىفۇن بولسا ئېغىزىنى ئۈمچەيتىپ دومسايغان ھالدا ئىگىسىنى چاقىرىدۇ.ئۆزىنىڭ تېلىفۇنى يەنى ئۇ ھەر دەم ئاۋازىنى ئاڭلاپ قانمايدىغان،قەلىب ئېتىزىغا تۇنجى مۇھەببەت ئۇرۇقىنى تېرىغان،ئۇنىڭ ئېغىر مىجەزىنى ئۆزگەرتىۋىتىشكە سەۋەپ بولغان ئاشۇ ئادەمدىن كەلگەن بولسىغۇ بولدى قىزلارنىڭ "ھەي ياتاق تېلىفۇنىنى سەن كۆتۇرە ئېلىۋالمىغانسەن؟بىزنىڭمۇ تېلىفۇنىمىز كېلەتتى"دىگەندەك غۇدۇراشلىرىغا پەرۋا قىلماي،قارشى تەرەپ بىلەن گاھ كۈلۈپ،گاھ تاتلىق گەپلەر بىلەن قىزىرىپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇرۇپ سائەتلەپ تۇرۇپكىنى قۇلىقىغا ياقىدۇ.ئۇنىڭ كۈنلىرى بۇرۇنقىدىن كۆڭۈللۈك،پەقەت شۇ ئەكبەرگە بولغان سېغىنىش ئازابى ئۇنى قىيناپ تۇرۇدۇ. ياتاقداشلىرىمۇ مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭ بولسا ئۇنىڭ سىھرى قۇدرىتىگە دەل مۇشۇ رامىلەنى مىسال قىلىشىپ سۆزلىشىدۇ.
خوش.ئۇنداقتا پەرمانچۇ؟؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى قانداق ئۆتۇۋاتىدىكىن،ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۇنتۇپ قالمىغان بولسا كېرەك پەرمان ئەكبەرنى قاتناش بېكىتىدە كۆرۇپ رامىلە ئىككىسى توغرىلىق قىلغان گۇمانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىگە ئىشىنىپ "خەپ مەن ئىككىڭگە تېتىيمەن"دەپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقان ئىدى.رامىلە قانچىكى خوشال ۋە بەخىتلىك كۈلكىلىرىنى ياڭراتقان بولسا پەرمان شۇنچە ئەسەبىلەشتى.بۇرۇن سىنىپتا بىر يۇرىتلىق دەپ رامىلە پەرمان بىلەن ياخشى ئۆتەتتى، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئەسىرىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈنىدەك خېلىلا يېقىن دوسىتلىق مۇناسىۋىتى ئىدى. بىراق تەتىلدىكى ھېلىقى ئىشتىن كېيىن رامىلە مەكتەپكە كېلىپ پەرمانغا سۇغۇق مۇئامىلىدە بولدى. بىراق رامىلەمۇ ئوڭلۇق قىز،ئۇ بىراقلا پەرمانغا قارىمايلا قويۇپ ئۇنىڭ سىنىپتىكى مەن مەن دەپ يۈرۈدىغان ئابرۇيىنى يەرگە ئۇرۇۋەتمىدى. بىراق بۇرۇنقىدەك يېقىن ئۆتۇپ ئۇنىڭ يۇمۇرلۇق گەپلىرىگە،ئاتىدىغان پولىرىغا ئىچىدىن چىقىرىپ كۈلۈپ ھەمدەم بولمىدى. ياتاقداشلىرىنىڭ ئاغزىدىن رامىلەنىڭ مىجەز-خارەكتىرىدە ئالەمچە ئۆزگىرىشلەر بولۇپ كەتكەنلىگىنى ،بىر تېلىفۇن ئېلىۋالسا سائەتلەپ پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان پەرمان تېخىمۇ ئولتۇرالماي قالدى. ئۇ پۇرسەت كۈتۈۋاتاتتى..ئۇ ئۆزىگە ئىشىنەتتى.
شۇنداق بەزى ئادەملەر باركىن مۇھەببەتكە ھەقىقى كۆڭۈل نۇقتىسىدىن قاراپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆز تەلىۋىنى رەت قىلىشىنىڭ ئۆزىگە كۆڭلى چۈشمىگەنلىگىدىن دەپ قاراپ "تاشنى تاياققا تاڭىدىغان "ئىش قىلمايدۇ.بىراق شۇنداقمۇ ئادەملەر بولىدىكىن مۇھەببەتكە نۇقۇل ھالەتتە بىر تەرەپمىلىك قارىشىدا "غەرەزلىك "ھالەتتىكى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش نۇقتىسىدىن تەبىر بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى بىلەن قىلچە ھىساپلاشماستىن مېنىڭ دىگىنىمدەك نىمىشقا شۇنداق بولمايدۇ دەپلا ئويلايدۇ.بۇنداق ئويلىغانسىرى يۈرىكى رەشىك ئوتىدا كۆيىدۇ،قەلبى ئازاپتا پۇچىلىنىپ ھەسەت ۋە ھەسرەتنىڭ ئارىلاشما ھىسلىرىدا خۇدىنى يوقىتىپ ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا بىمەنە ئىشلارنى قىلىپ رەزىل ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ھەسەتنىڭ تالان-تارج قىلىشىغا ئۇچراپ كەتكەن،،تاقىر بولۇپ قالغان....بۇ تاقىرلىقتا يەنە مىھرى-مۇھەببەت،ھەقىقى ساپ گۈللەر قانداقمۇ ئۆسسۇن؟
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى. پەرمان بىلەن رامىلە بۇرۇنقى ئادەتتىكى ساۋاقداشلىق مۇناسىۋەتلەردە ئۆتۇۋەردى. شۇ تەرىقىدە ھەش-پەش دىگۇچە يازلىق تەتىل ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. تەتىل كۈنلىرىگە زارىققان رامىلە ھەممىدىنمۇ بەك ئەكبەر بىلەن بىللە بولۇدىغان ۋىسال دەملىرىگە شۇ قەدەر ئالدىراپ كېتىۋاتاتتى. كىچىكىدىن كىتاپ ھەۋەسكارى بۇ قىزنىڭ رومانتىك سېزىملارغا باي قەلبىگە تۇنجى بولۇپ سوقۇنۇپ كىرگەن ئەكبەر ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئىمتىھانلارنى بېرىپ بولغان رامىلە ئوتتەك تەشنالىق،ھاياجان،شېرىن تۇيغۇلارغا چۆمگەن ھالدا يۇرتىغا قاراپ ئۇچتى.....
3-بۆلەك
ئەكبەر رامىلەنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن خامۇش ھالەتتە ئۆيىگە قايىتتى. ئۇ ھوجرىسىغا بېكىنىۋىلىپ ئالدىنقى كۈنىدىكى بىللە تاماق يەپ چىققاندىن كېيىن خەلىق مەيدانىدىن ئۆتۇپ كېتىۋىتىپ رامىلەنى زورلاپ تۇرۇپ خاتىرە بولۇپ قالىدۇ دەپ بىللە چۇشكەن سۇرىتىگە دەممۇ-دەم قارايىتتى. رامىلەنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان مىھىرلىك چىرايىغا تويماي باقاتتى. ئۇ ھەقىقەتەن رامىلەنى شۇ قەدەر پاك ھىسلار بىلەن ياخشى كۆرۇپ قالغان ئىدى. رامىلە كەتكەندىن كېيىن شەھەر ئۇنىڭغا شۇنداق سۇغۇق بىلىندى. ئۆيىگە تېزراق كېتىشكە ئالدىرىدى. ئالدىدىكى يىگىرمە نەچچە كۈندە ئۇ كۈندە دىگۈدەك شەھەرگە كىرىپ ھارمىغان، ئۇ چاغدا ئۆز ناھىيەسى ئۇنىڭغا بىر خىل سۇغۇق بىلىنەتتى.ئەسلىدە كۆڭلىدىكى ئادىمى بولمايدىكەن ھەشەمەتلىك ئايۋان-سارايلارنىڭمۇ سۆيۈملۈك كىشىسى بار كەپە مىھرىنى بېرەلمەيدىغانلىقى راسىت بولسا كېرەك.
-ئاكا،تاماق يەڭ!!
ئىشىك چېكىلىپ ئارقىدىنلا زەبىنۇرنىڭ بېشى كۆرۈندى.
_ماقۇل ھازىر چىقىمەن!_ئەكبەر ئالمان-تالمان كۆرۈۋاتقان رەسىمىنى ياستۇقى ئاستىغا تىقتى-دە،ئورنىدىن قوزغالدى.
ئاشخانا ئۆيىدە دادىسى،ئاپىسى زەبىنۇر ئەتكەن تاماقنى يىيىش ئۈچۈن ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇراتتى. زەبىنۇر ئەكبەر ئامراق قورۇمىلاردىن قورۇپ ئىنچىكە سوزۇپ لەڭمەن ئەتكەن ئىدى. تاماقنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇش بىلەن ئەكبەر قورسىقىنىڭ ئاچقانلىغىنى ھىس قىلدى.
_بالام،ھازىر خىزمەت ئىشىڭ بىر تەرەپ بولغۇچە ئازراق مىدىرلاپ تۇرامدىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن.
_نىمە ئىش قىلىمەن دادا؟
_ئۆتكەندە ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ئاچىدىغان بىر ئاغىنەڭنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشكەننىڭ گېپىنى قىلغان ئىدىڭ.ئۆزۈڭنىڭمۇ ئۇقۇغان كەسپىگە چۇشۇدۇ. سەنمۇ كىچىكرەك بولسىمۇ ناھىيە بازىرىغا شۇنداق بىر مەركەز قۇرۇپ ئىش باشلاپ باقامسەنمىكىن دەيمىنا!!
دادىسى خۇددى ئۇنىڭ رامىلە كەتكەندىن كېيىنكى كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشىنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغاندەك بۇ گەپلەرنى قىلدى.ئەكبەر گەرچە ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كېيىنمۇ يەنە ئاتا-ئانىسىغا ئىقتىسادىي بېسىم سالىدىغانلىقىدىن خېجىل بولسىمۇ بۇنداق قىلغاندا ھەم كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغانىقىنى ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە مەنىۋى،ماددى جەھەتتىن پايدا يارىتالايدىغانلىقىنى ئويلاپ رازىمەنلىك مىننەتدارلىق ھىسسىياتلىرى بىلەن دادىسى ۋە ئاپىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
شۇنداق قىلىپ بار مەسلىھەت باشلانغان ئىش شۇنداق تېز روياپقا چىقتى. ئەكبەرنىڭ ناھىيە بازىرىغا ئاچقان ئۈن-سىن بۇيۇملىرى دۇكىنى قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدىلا خېرىدارلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن كېڭەيتىلىپ تويلۇق سۇرەتكە تارتىش،تويلۇق فىلىم ئىشلەش ئۇن-سىن بۇيۇملىرىنى توپ-پارچە تارقىتىش دىگەندەك چوڭ بىر رەسمى تىجارەت ئورنىغا ئايلاندى. ئەلۋەتتە ئەكبەر ئۆزى ئەقىللىق ۋە تىرىشچان بالا.ئۇ بۇ ئىشلاردا يالغۇز ئاتا-ئانىسىغىلا تايىنىۋالماي ئۆزىمۇ يېتەرلىك كۈچ چىقىرىپ تونۇش-بىلىشلىرى ئەل-ئاغىنىلىرى قاتارلىقلاردىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىقتىسادىي قەرىز ئالدى."ئاتا رازى،خۇدا رازى"دىگەن گەپ بار .ئاتا قوللىغان،نىيەت قىلغان ئىشلارنىڭ قايسىبىرىنىڭ يۇرۇشۇپ پەرزەنىتلەرگە بەخىت-ئامەت،پاراۋەنلىك ئېلىپ كەلمەيدىغانلىرى بار دەيسىز.. ئەكبەر ئۆزىمۇ بۇ ئىشلارغا باشچىلاپ كىرىشىپ دۇكىنىنىڭ دەسلەپكى ئىشلىرىنى يۇرۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئاز جاپا تارىتمىدى.ئۇ قانداقلىكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ بىراق قىلچە تەۋرىنىپ قالماستىن تىرىشىپ ئالدىغا قاراپ ماڭدىكىن ئارقىغا قاراپ يېنىشنى خالىمىدى. شۇنداق قىلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ دۇئاسى ۋە ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتى ھەم تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئۇنىڭ ئىشلىرى ياخشى يۇرۇشۇپ ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن خوشاللىق ئېلىپ كەلدى.ئۇ بۇ ئىشلارنى زوقلىنىپ تۇرۇپ رامىلەگە سۆزلەپ بېرەتتى.رامىلەنىڭ ھارغىن سەزگۇلەرنى سەگىتكۇچى يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىغانسىرى تېخىمۇ تىرىشىقا بەل باغلايىتتى..كۈنلەر مانا مۇشۇنداق داۋاملاشتى.. مانا قاراڭ بۇ ئالدىراشچىلىقلاردا يۈرۈپ بىزمۇ تەتىل ۋاقتىنىڭ كەلگىنىنى بىلمەيلا قاپتۇق..
تەتىل بولۇپ ئۆيگە كەلگەننىڭ ئىككىنجى كۈنى رامىلە بىلەن ئەكبەر ئۆزلىرىنىڭ تونۇشىشىغا ۋە بىر-بىرىگە كۆڭلى چۇشۇپ قېلىشقا سەۋەپكار بولغان "بۇلاق كۇتۇپخانىسى"غا كېلىپ كۆرۈشتى. كۆزلەردىن ئوت ئۇچقۇنلار تەنلەرنى كۆيدۇرۇپ كۈل قىلىۋەتكۈدەك دەرىجىدە بىر-بىرىگە چاچرايىتتى.تېلىفۇندا خېلى گەپلەرنى قىلىپ كۆنۈپ قالغان رامىلەمۇ ئەكبەردىن ئىلگىرىكىدەك تارتىنىپ-قورۇنۇپ ئولتۇرماي بەلكى كۈمۈش قوڭغىراقتەك زىل ئاۋازى بىلەن كۈلۈپ ئەكبەرنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ شېرىنلىك تۇيغۇلىرىنى بەخىش ئەتمەكتە ئىدى.
ئۇلار كۈتۈپخانىدىن چىقىپ بىللە ئايلاندى،باغچىغا كىردى،ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىشقا ئەسلا رايى يوق.بىراق ..ئۇلار ئايرىلىپ ئۆيلىرىگە قايىتماي ئامال يوق.چۈنكى ھەر قانداق تەشنالىقنىڭ چېكى بولۇشى كېرەكتە،، چەكتىن ئېشىپ كېتىش ئەلۋەتتە سەزگۈلەرنى بىھۇش قىلىپ ئەقىلنى تورمۇزلاپ قويۇپ كۆتۇرۇپ قوپقۇسىز پۇشايمانلىق ھىسلارنىڭ خاتىرەسى بولۇپ قالىدۇ ئەلۋەتتە...
ئەكبەر ئالدىراشچىلىقلار ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ شەھەرگە كىرىپ سۆيۈملۈك مەھبۇبەسىنى يوقلاپ تۇردى.رامىلەمۇ كىشىنى سۆيۈندۇرىدىغان تۇنجى مۇھەببەتنىڭ جاملىرىدىن ئىچكەن شەربەتنىڭ تاتلىق تەمىدە پۇتكۇل جاھانغا كۈلۈپ قاراۋاتتى.
_رامىلە،سىز كەلگەندىن بېرى تۇزۇكرەك پاراڭلىشالمىدىم.سىز بىلەن ئوبدانراق پاراڭلاشسام بولاتتى قىزىم!!
_راسىت،مەن ئالدىراش بولۇپ ساڭا ھەمرا بولالمىدىم .مېنى كەچۇرگىن!!_رامىلە بالىلارچە ئەركىلەپ تۇرۇپ ئاپىسىنىڭ بوينىغا گىرە سالدى.
_سىز بۇرۇنقىدىن ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز رامىلە.بۇرۇن تەتىللەردە كەلسىڭىز ئۆيدىن تالاغا چىقماي كىتاپ كۆرۇپ ئولتۇراتتىڭىز ھازىر بولسا ھىلى ئۇ ئىش ھىلى بۇ ئىش دەپ ھە دىسىلا سىرىتقا قاترايدىغان بولۇۋالدىڭىز. مەن سەل گۇمان قىلىپ قېلىۋاتىمەن. مۇشۇ بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇشىڭىز پۇتۇدۇ بالام.قانداقلىكى ئىشلار بولسا ئانا دىگەن قىز بالىنىڭ سىردىشى بولالايدۇ. ماڭا ئېيتىپ پىكىرلەشسىڭىز بولاتتى.
_ئاپا.. مېنى توغرا چۇشەنسەڭ بولمامدۇ.ئىشقىلىپ مەن يامان يوللاردا ماڭمىدىم.مەكتەپتىكى نەتىجەمنىمۇ ئەكەلدىمغۇ ئەنە شۇنداق ياخشى.
_ئۇغۇ شۇ.._ئاپىسى يەنە نىمىنىدۇر دىمەكچى بولۇپ ئېغىزىنى ئۆمەللەپ تۇرۇشى بىلەن تېلىفۇن جىرىڭلىدى.رامىلە ئوقتەك بېرىپ تېلىفۇننى ئالدى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
_ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،
_رامىلەنى ئىزدەيىتتىم.
_مەن شۇ رامىلە.
_قانداق ئەھۋالىڭىز رامىلە،ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟
_خۇداغا شۇكرى.ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرغانسىز._رامىلە رەسمىيەت يۈزىسىدىن مۇنداقلا سوراپ قويدى.
_خۇداغا شۇكرى.تۇنۇگۇن تېلىفۇن بەرسەم سىرىتقا چىقىپ كېتىپتىكەنسىز. بۈگۈن ئىككىلىنىپ تېلىفۇن بېرىشىمتى. بىز بىر كۆرۇشسەك بوپتىكەن.
_بۈگۈن..مېنىڭ ئىشىم بار. گەپ بولسا تېلىفۇندىلا دەڭ بولدى.
_ئىشىڭىز بولسا بوپتۇ.كېيىن پاراڭلىشارمىز.
_ماقۇل خوش_رامىلە تېلىفۇننى قويۇۋىتىپ قايتىپ كەلدى.تېلىفۇندا سۆزلىشىش جەريانىدا قىزىنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىپ تۇرغان ئانا تېلىفۇن ئۇرغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىدى.
_نىمانچە توڭلۇق قىلىسىز بالام،
_ئاپا..ئۇ بالا نىمانداق قىلىدۇ دەيمەن..كەچكىچە ياتاققىمۇ تېلىفۇن قىلىپ مېنى بىزار قىلىۋەتتى.
_ئەركىن ئوبدان بالا.قىزىم ھازىرقى جەمىيەتتە بۇنداق ئەخلاقلىق ھەم ئىستىقبالى بار بالىلارنى تاپماق بەكمۇ تەس. دادىڭىزنىڭ خىزمىتى يۇقىرىغا ئۆسمەكچى ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ئەركىن دادىڭىز ئورنىغا كۆرسىتىدىغان بىردىن-بىر نامزات بالام.
-ۋاي-ۋۇي ئاپا.ئۇ بالىنىڭ ماڭا يېقىنچىلىق قىلىشىمۇ دەل شۇ سەۋەپتىن.
_ۋوي.ئۇ سىزگە مۇشۇ توغرىلىق بىر نىمە دىدىمۇ؟
-ياق..ئۇنداققۇ دىمىدى.بىراق ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا قادىر جۇيجاڭ،پالانى جۇرىن،پوكۇنى نازىر..دەپ ئىچىمنى سىقىۋىتىدۇ.
_ھەي بالام كىچىكتە سىز.. ئۇلارنى شۇنداق ئاتىشىغىمۇ شۇ خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى سەۋەپ بولغان دەڭە..
_ۋاي شۇنداقتىمۇ مەن ئۇ بالىنى پەقەت ياقتۇرمايمەن.. توم ئاۋازلىرى،ھەددىدىن زىيادە تەكەللۇپ قىلىشلىرى ئىچىمنى بەك سىقىۋىتىدۇ مېنىڭ.
_سىزگە تەكلىپ قويۇپ سىزنى پىرقىراپ يۇرۇشى تەلىيىڭىز ئىدى.دادىڭىزمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمۈت قىلاتتى بالام.
_ئاپا،نىمىلا دىسەڭ مەيلى.مەن ئۇنىڭغا ماقۇل دىمەيمەن.مېنىڭ يىگىتىم بار.
_نىمە؟ھەجەپ بۇ گەپنى مەن ئاڭلىمىغانغۇ؟
ھەممە گەپنى خېجىل بولماي ساڭا قانداق دىيەلەيمەن ئاپا،ھازىرمۇ ئامالسىز دىدىم بۇ گەپنى_رامىلە ئاپىسىنىڭ ھەيرانلىق ۋە نارازىلىق بىلەن كەينى-كەينىدىن "ئۇ كىم،ئىسمى نىمە؟نىمە ئىش قىلىدۇ؟ئۆيى نەدە؟"دىگەندەك سۇئاللىرىغا قىزىرىپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىشكە باشلىدى.
بىراق ئۇ قانداقلا سۇپەتلىمىسۇن گويا ئەركىن ئانىنى سىھىرلىۋەتكەندەك بۇ دۇنيادا شۇ ئەركىندىن باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچى كاززاپتەك،شۇ ئەركىندىن باشقا بالىلارنىڭ ئىستىقبالى يوقتەك يەنىلا شۇ ئانىنىڭ ئېغىزىدا ئەركىن ئىدى.
بۇ سۆھبەتتىن رامىلەنىڭ كۆڭلى قاتتىق مەيۇسلەنگەن بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ئەكبەرگە بولغان ھىسسىياتىدا قىلچىلىكمۇ تەۋرىنىش بولۇپ قويمىدى.
......................................
ئەركىن تېخىمۇ بەك ئۈمۈتسىزلەندى. ئۇ رامىلەنىڭ ياتىقىغا نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلىپ رامىلەنىڭ خالىمىغان توڭ مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى. بىر ئاينىڭ ئالدىدا يەنە ئۇرۇمچىگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىپ رامىلەنى ئاتايىن ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭ سىلىقلىق بىلەن رەت قىلىشىغا ئۇچراپ بىرەر قېتىم بىللە تاماق يەپ كېلىش ئارزۇسىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئىدى.ئۇ بۇرۇن قىزنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇشلىرىنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن قورۇنۇش ۋە ياش پەرقى دەپ ئويلىغان بولسا ئەمدى قىزنىڭ مۇئامىلىسىدىن قىزنىڭ قەلبىدە ئۆزىنىڭ ئازراقمۇ ئورنى يوق ئىكەنلىگىنى ھىس قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ياشانغان ئانىسى ئۇنى ئالدىرىتىۋاتاتتى. ئۇ توي قىلىمەن دىسىغۇ تاللاپ چېكىپ تۇرۇپ ئالالايدۇ بىراق شۇ كۆڭۈل دىگەن يەرنىڭ يىپى ئادەمگە ئارام بەرمەيدىكەن. توۋۋا..نىمىشقا بۇنداق دەرىتلەرگە مەن مۇپتىلا بولۇدىغاندىمەن.. شۇنچە يىلدىن بىرەر قىزغا كۆز قىرىمنى سالمىغان ئادەم ئەمدى نىمىشقا بۇ قىزنىڭ ئوتىدا شۇنچە قىينىلىدىغاندىمەن؟
ئۇ ئەلەم بىلەن تولغىناتتى..ھەسرەتلىنەتتى..
ئەتىگەنلىك ناشتىدا تاماق ۋاقىتلىرىدا ئاپىسىنىڭ ئۇنى توي قىلغىن دەپ ئالدىرىتىپ قىلغان بىشارەتلىرىدىن ئۆزىنى قانچىكى قاچۇرسىمۇ ئامال يوق .بىچارە ئانىغىمۇ ئامال يوق. ئۇ ئوغلىنى ئىشقا ئۇزىتىپ قويۇپ ئۆزى يالغۇز قالغاندا بەكمۇ غېرىپسىنىدۇ.كۈندىن-كۈنگە ھالسىراپ ئۆچۈشكە قاراپ ماڭغان ھايات شامىنىڭ مۇشۇنچىلىك يورۇقىدا بالىسىنى ئۆيلەپ بۇدرۇق نەۋرىسىنى كۆرۇپ ئۇنى باغرىغا بېسىپ ئاندىن قەدىناسىنىڭ قېشىغا خاتىرجەم بولۇپ كەتسىمۇ ئارمىنىم يوق دەپ قارايدۇ.ئۇ ئالدىرىغانسىرى يېقىندىن بېرى بۇ توغرىلىق تېمىلاردىن بالىسى شۇنچە ئۆزىنى تارتىدىغان بولۇپ كەتتى. ھەم بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ بەك شۇكلەپ كەمسۆز بولۇپ كەتتى. بىر نەچچە قېتىم تۈن كېچىدە ئويغىنىپ بالىسىنىڭ ھوجرىسىنىڭ توكى يېنىق تۇرغانلىقىنى ئاستا بېرىپ قاراپ باققىنىدا بولسا ئوغلىنىڭ پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىپ خىيال قىلىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۇپ قالدى. ئوغلىنىڭ ئۆزىگە دىيەلمەيدىغان قانداق دەردى باركىنە؟ئۇ بىرەر قىزغا ئاشىق بولۇپ قېلىپ شۇنىڭ ئازابىدا ئۆتۇۋاتقانمىدۇ؟ھەي..بۇ بالىنىزە.. ئۇنىڭ شۇنداق قاملاشقان بوي-تۇرقى،شۇنداق ئوبدان يەردە خىزمىتى تۇرسا ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشمىگەن قىزنىڭ كاللىسىنىڭ دەردى بار چوقۇم..قانداق قىزلار بالىسىغا ماقۇل بولمىغۇدەك..
ئانا شۇنداق ساددا خىياللار بىلەن بىلەن تولغىناتتى..ئۇنىڭ پۇتۇن ئۈمۈت ئارزۇسى مۇشۇ بىر تال ئوغلى تۇرسا ئۇ پۇچۇلانماي،غەم قىلماي قانداق قىلسۇن؟ئۇنىڭسىزمۇ ئانىلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق بالىلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر مىننەتسىز بەدەل تۆلىگۈچىلەردۇر..بالا ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋىتى،ياشلىقىنى ئايانماي قۇربان قىلغىنىدەك يەنە بالا ئۇچۇن ئۇلارنىڭ چىرايىدا ئىپادىلەنگەن ھەر بىر روھىي بەلگىلەر ئۈچۈنمۇ يەنە زىھنىي قۇۋۋىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئايانماي سەرىپ قىلىدۇ.ئىھ ئانىلار... سىلەر نىمىدىگەن ئۇلۇغ ئىنسان..ئۆزەڭلارنىڭ خوشاللىقلىرى ئەمەس ئاشۇ پەرزەنتىڭلارنىڭ زەررىچە خوشاللىقلىرى ئۈچۈن ھاياتىڭلاردىنمۇ كېچىشكە رازى......
شۇ تەرىقىدە كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتۇۋەردى. ئەكبەر بىلەن رامىلەمۇ شېرىن مۇھەببەتلىك تۇيغۇلارغا غەرىق بولۇپ ئۆتۇۋاتقان كۈنلەردە يەنى رامىلەنىڭ تەتىل ۋاقتى توشۇشقا ئىككى ھەپتە قالغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ئەكبەرنىڭ ئاپىسى قاتتىق ئاغرىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن پات-پاراق بولۇپ كەتكەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئارىسىدا ئەكبەرمۇ ئانا ئۈچۈن سەكپارە بولۇپ رامىلە بىلەن كۆرۇشۇشكە ۋاقىت ئېشىندۇرالماي قالدى.
ھەممىدىن ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنىپ ئەكبەردىنمۇ بەك ئانىنىڭ بېشىدا تەلمۇرۇپ تۇرغان زەبىنۇر ئىدى.بۇ قىز ئەكبەرنىڭ ئاپىسىنىڭ يېزىدىكى سىڭلىسىنىڭ قىزى ئىدى.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى.زەبىنۇر كىچىك ۋاقتىدا دادىسى 'يۇقۇملۇق ئۆپكە كېسىلى"نىڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق قىيناقلىرىدا ۋاپات بولغان ئىدى. شۇندىن كېيىن زەبىنۇرنىڭ ئانىسى ھەدىسىنىڭ قېشىمىزغا كېلىپ تۇر دىگىنىگە ئۇنىماي ئاشۇ ئۆيدە يولدىشىنىڭ چىرىقىنى يېقىپ ئولتۇرغان،بىراق بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن يولدىشى ئۆزىگە قالدۇرۇپ كەتكەن مىراس كېسەللىكنىڭ سەۋەبى بىلەن ئانىسى كۆز يۇمغان ئىدى.ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەملىرىدە بېشىدا تۇرغان ھەدىسىگە يالغۇز يۈرەك پارىسى زەبىنۇرنى تاپشۇرغان ئىدى.شۇندىن ئېتىبارەن ئەكبەرنىڭ ئاپىسى زەبىنۇرنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئۆز يېنىدا تۇرغۇزۇپ ئوقۇتقان .ئالدىنقى يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن بولسىمۇ نۇمۇرى نۇمۇر سىزىقىغا يەتمەي ئەكبەرنىڭ دادىسى يول مېڭىپ شەھەرلىك تىببى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگۈزۈپ قويغان ئىدى. ئەكبەرنىڭ ئاپىسى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئاجىز قېرىندىشىنىڭ قىزى بولمىش زەبىنۇرنى بەكمۇ ئەتىۋارلاپ ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئاپىسىمۇ يوق دەپ كۆزىگە قاراپ ئۆتەتتى. ئانىنىڭ ھەتتا بۇ مۇلايىم يۈزى تۆۋەن يۈرەك پارىسى بولمىش قىزنى كېيىنكى كۈنلەردە باشقىلار قولىدا بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ دەپ ئۆز ئوغلى ئەكبەرگە ياتلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ قىزى قىلىۋىلىش غەرىزىمۇ يوق ئەمەس ئىدى.ئانا بىلەن قىز مۇڭداشقان،سىرداشقان ۋاقىتلاردا بۇ گەپلەر چاقچاق تەرىقىسىدە بولۇپ دەپمۇ ئۆتۇلگەن. ئەسلىدىنلا شۇنچە كېلىشكەن،قويۇق كىرپىكلىك كۆزلىرىدىن مىھرى-مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرۇدىغان،ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەپ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدىغان،سىڭلىم دەپ ئۆزىنى ئەركىلىتىپ قويىدىغان ئەكبەرگە نىسبەتەن زەبىنۇرنىڭ قەلبىدە يېقىملىق تۇيغۇلار مەۋجۇت ئىدى. ئۇ تىببى مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئاكىسى بىلەن بولغان تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىدە قانداشلىق بولمىغاندىن كېيىن ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشلۇق بولۇشىغا بولمايدىغان يېرى يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ ھىسسىياتلار تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. شۇنداق ..قىز قەلبى ئۆزىنى سىڭلىم دەپ تۇرۇدىغان ئاكىسىغا باغلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ ھىمايىسىز قالغان دەملەردە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىنمۇ بەكرەك ئىللىقلىق يەتكۈزگەن بۇ ئائىلىگە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ كېتىش نىيىتىگە ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئەكبەر بىلەن بارغان ھېلىقى ئولتۇرۇشتا ئەكبەرنىڭ رامىلەنى تانسىغا تارتىشىدىن ئىچى ئىچىشقان،ئۇلارنىڭ تانسا ئوينىشىغا كۆزىنى ئۈزمەي تىكىپ ئولتۇرغان،ھەتتا ئەكبەرنىڭ قىزنىڭ پۇتىنى دەسسىۋالغىنىنى قەدەملىرىنىڭ قالايمىقانلاشقانلىغىنى ئاندىن ئىككىسىنىڭ نىمىلەرنىدۇر دەپ بىر-بىرىگە پاراڭ قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. ئاشۇ ۋاقىتتىلا ئۇنىڭ يۈرىكى بىر خىل كۆيگەن سېزىمدا پۇچىلانغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئولتۇرۇشتىن قايىتقاندىن كېيىن ئەكبەردىن"ھېلىقى قىزنى تۇنۇمسىز؟"دەپ سوراپ باققان.ئەكبەرنىڭ تونۇمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گەرچە كۆڭلى ئارامىغا چۇشكەن بولسىمۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئەكبەرنىڭ شەھەرگە چاپىدىغان بولۇپ كەتكەنلىگىدىن گۇمانلىنىپ قالغان. دەل ئۇنىڭ گۇمانلىرىنى ئىسپاتلاپ دوستىنى ئۇزىتىپ قويۇش كۆڭلىدىن ئۇنى تاماققا چاقىرغاندا ئەكبەر بىلەن رامىلەگە ئۇچقىشىپ قېلىپ بەكلا پاراكەندە بولدى.شۇ كۈنى ئەكبەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇ ئۇخلىيالمىدى تاڭنى ئاپپاق ئاتقۇزۇۋەتتى. بىچارە قىز.. تۇنجى مۇھەببىتى شۇ قەدەر يۇشۇرۇن ھالەتتە..ئۇنى قانداقمۇ ئاشكارە قىلالىسۇن؟؟
بىراق ئۇنىڭدا چوڭ ئاپىسىغا يۇشۇرۇن ئۈمىدى بار ئىدى.چوڭ ئاپىسىنىڭ گەپلىرىدىن ھامان ئەكبەر ئىككىسىنىڭ بېشىنى بىر قىلىپ قويۇش غەرىزىنىڭ بار ئىكەنلىگىنى بىلگىنىدە بولسا ئۈمىد-خوشاللىققا چۆمەتتى. ئۆيدە بولسىلا ئايىغىنى يېنىك قىلىپ چوڭ دادىسى ۋە چوڭ ئاپىسىنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن يۈگرەيىتتى.ئەلۋەتتە بۇ قاتاردا ئەكبەرمۇ بار ئىدى. ئۇ ئامال بار ئەكبەر ئامراق تاماقلارنى ئېتىپ ئۇنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ،بىكار بولسىلا ئەكبەرنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى-بۇنى سوراپ ئۇنىڭغا ئەركىلەپ يۇرەتتى.ئەكبەر دۇكاننىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغان ۋاقىتلاردا ئۇ ھەر ھەپتىدە ھەم دەم ئالغاندىلا ئۆيگە قايتىپ چىقىپ ئەكبەرنىڭ ئىشلىرىغا ھەمدەم بولۇپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشتى. ئەكبەرنىڭ ئۇنىڭغا سۆيۇنۇش بىلەن قاراپ"ئاپپاق ساقام،سىز بەك ياخشى جۇمۇ"دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغاندا بولسا گويا ئەكبەر غۇلىچىنى كەڭ يېيىپ ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ سۆيۇپ قويغاندەك لەززەتلەندى.
ئەپسۇس،قىزنىڭ روھىي تۇۋرىكىنىڭ بىرى،يۆلەنچۇكى بولغان ئانا تۇيۇقسىزلا يىقىلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. ئالدىراش كىرىپ-چىقىۋاتقان دوختۇر-سىستىرالارنىڭ تەشۋىشلىك چىرايلىرىدىن ئانىنىڭ ئەھۋالىنىڭ خېلىلا ئېغىر ئىكەنلىگىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس...
ئۇ كېسەلخانا ئىشىكى قېشىدا تۇرۇپ ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى. قىزنىڭ قېشىدا تۇرغان ئەكبەر تەسەللى يۈزىسىدىن ئۇنىڭ مۇرىسىدىن قۇچاقلىدى.زەبىنۇر ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا ئىچ-ئىچىدىن ئۆپكىدەپ ئەكبەرگە ئۆزىنى ئاتتى....
رامىلە ئەكبەرنىڭ ئاپىسىنى يوقلاپ كېلىپ بۇ پاراكەندىچىلىكلەردىن قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولدى.بولۇپمۇ ئەكبەرنىڭ ئېلىنمىغان ساقال-بۇرۇتلىرى،قايغۇ،ئۇيقۇسىزلىقتىن ئولتۇرۇشقان كۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى.ئۇ مەكتەپكە ماڭىدىغان كۈنى ئەكبەر بىلەن تېلىفۇندىلا خوشلىشالىدى. ئەكبەرنىڭ ئاپىسىنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ ئوقۇشىغا مېڭىپ كەتكەن رامىلەنىڭ كۆڭلى قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ئارامسىزلىناتتى.
ئۇ مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن راستىنلا كۆڭلى تۇيغان ئىش يۈز بەردى. ئەكبەرنىڭ ئاپىسى قازا قىلىپ كەتكەن ئىدى. تېلىفۇندىكى ئەكبەرنىڭ ئۆپكىدەپ يىغلاشلىرىنى ئاڭلاپ رامىلەمۇ ئۆزىنى تۇتالمايلا قالدى.....
...................................................
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە.ئەڭ ئاخىرقى يىل بولغاچقا ئوقۇش پۇتتۇرۇش ماقالىسى ھەم پىراكتىكا دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ كۈنلىرى شۇنداق ئالدىراش بولسىمۇ بىراق كۆڭلىدە ئەكبەرگە بولغان سېغىنىش بىر مىنۇتمۇ كۆتۇرۇلگىنى يوق.بىراق مۇشۇ كۈنلەردە
ئەكبەرنىڭ تېلىفۇندىكى پاراڭلىرى ئازلاپلا قالماي يەنە تېلىفۇن قىلىشلىرىمۇ كۆرۇنەرلىك ئازلاپ كەتتى.
دەسلەپتە رامىلە بۇنى ئەكبەرنىڭ ئاپىسىنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىغا بولغان قايغۇ دەپ چۈشەنگەن بولسىمۇ كېيىن بارا-بارا ئىچىنى بىر نىمە يەپ بىئارام بولىدىغان بولدى. چۇنكى ئەكبەر تېلىفۇنلاردا ئۇنى بۇرۇنقىدەك تاتلىق ئەركىلەتمەيىتتى،كەلگۈسىنىڭ كۈچلۈك ھىسسىياتقا تولغان شېرىن پاراڭلىرىنىمۇ قىلمايىتتى...ئۇ بىر خىل كۈچسىز،زەئىپ ئىدى..رامىلەنىڭ سۇئاللىرىغا مۇجىمەل جاۋاپ بېرەتتى.كۆپ سۇئاللاردىن ،پاراڭلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئۆتۇپ كېتىشكە تىرىشاتتى..تېلىفۇننى تېزراق قويۇۋىتىشكە ئالدىرايىتتى...."ئۇنىڭغا نىمە بولدىكىنە؟ئۇ مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىمۇ يا؟ياق،ياق..شۇنچە ئوتلۇق ھىسلار بىلەن كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ يۈرەك سۆزلىرىنى تۆكۈشلەر ئۇنداق ئالدامچى ھىسسىياتلارنىڭ تىۋىشلىرى ئەمەس"رامىلە يەنە شۇنداق دەپ ئىنكار قىلاتتى..تەشۋىشلىنەتتى..ئۇ يەنە بۇرۇنقى ئەكسىگە يەنى كەمسۆز خىيالچان ھالىتىگە قايىتقان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى روھىي ھالىتى ئۇنى ئىزچىل كۈزىتىپ كېلىۋاتقان پەرماننىڭمۇ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلغىنى يوق.ئۇنىڭ بۇنداق ھالىتىدىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دەز چۈشۈپتۇ دەپ پەرەز قىلغان پەرمان ئۇنى دەپ بۇنى دەپ رامىلەگە يەنە يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ رامىلە قايغۇلۇق غەم قىلىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان پەيىتلەرنى تاللاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا باشقىچە كۆڭۈل بۆلەتتى. بۇرۇنقى گەپلەرنى تامام يوق قىلىپ ئۇنىڭغا خۇددى يەنىلا شۇنداق كۆيۈك ھىسسىياتلار بىلەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىغىنى ئىپادىلەيىتتى.رامىلە تەسەللىگە مۇھتاج ئىدى. ئۇ ئەكبەردىن رەنجىمەيىتتى.بىراق ئۇنىڭ نىمىشقا بۇنداق تۇيۇقسىزلا ئۆزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىغىنى بىلەلمەي تىت-تىت بولاتتى.كىملەرگىدۇ بۇ ئىشلارنى دەپ ئۇلاردىن مەسلىھەت سورىغۇسى كېلەتتى. پەرمان دەل مانا مۇشۇنداق چاغدا سوقۇنۇپ كىردى. ئۇ رامىلەگە ئۈزلۈكسىز يېقىنچىلىق قىلىپ ھەم ئىلگىرىكى ھېلىقى بەدقىلىقىنى مەسىتلىكتىكى ئۆزىنى يوقۇتۇش دەپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق رامىلەنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ قالدى.رامىلەمۇ "راسىت ئەمەسمۇ ئۇ كۈنى ھەممىدىن كۆپ سۆزلەپ ھەممىدىن كۆپ ئىچكەن پەرمان ئۆزىنى تۇتالماي قالغان گەپ،ھەم بۇرۇن ئىككىمىز يېقىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە بولغان ھىسسىياتىمنى ياخشى كۆرۈش ھىسسىياتى دەپ خاتا چۈشىنىپ قالدى" دەپ ئويلىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەكبەر بىلەن بولغان ئىشلىرىنى يېقىندىن بېرى ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر خىل سېپىل پەيدا بولۇپ قالغانلىغىنى ، ئەكبەرنىڭ ئۆزىگە بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلماس بولۇپ قالغانلىقىنى بۇنى گەرچە ئاپىسىنىڭ ئۈلۈمى سەۋەبىدىن دەپ ئويلىغان بولسىمۇ بىراق ھازىر قوبۇل قىلالماي قېلىۋاتقانلىغىنى ھەممىنى دەپ دەرىت تۆكۈپ ئىچىنى بوشاتتى. پەرمان ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى،تەسەللى بەردى ھەم ئەكبەر بىلەن ئۆزىنىڭ سۆزلىشىپ باقىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۇشكە باشلىدى.ئەكبەر يەنىلا شۇنداق..بۇرۇقتۇرمىلىق كەيپىياتىنى ساقلاۋاتاتتى . ھەر قېتىم تېلىفۇندا سۆزلىشەتتى رامىلەگە بىر نىمە دىمەكچى بولاتتىيۇ بىراق گەپلىرىنى ئىچىگە يۇتۇۋىتەتتى.ئۇ نىمىنىدۇر دىيىشتىن قىينىلىۋاتقاندەك ئىدى...
قېرىشقاندەك قىشلىق تەتىلىمۇ يوق بولدى ئۇلارنى مەكتەپ تەرەپتىن پىراكتىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك؟؟بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش يىلى چوقۇم سەۋەپ كۆرسىتىشكە مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ھەر قانداق ئىشلارغا بويۇن تولغاشقا بولمايىتتى.
بۈگۈن چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ياتىقىغا كىرىپ تۇراتتى رامىلەگە تېلىفۇن كەلدى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
_ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،
_رامىلە،بۇ مەن ئەكبەر،
_يائاللا جېنىم سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ھەجەپمۇ تەستە ئاڭلايدىغان بولۇپ كەتتىم.سىزنى بەك سېغىندىم._رامىلە ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا شۇنداق دەۋەتتى.
_شۇنداقمۇ؟_ئەكبەر ناھايىتى بوش ئاۋازدا نىمە دىيىشنى بىلمىگەندەك تۇرۇپ قالدى.
_سىز مېنى سېغىنمىدىڭىزما؟
قارشى تەرەپتىن ھىچقانداق سادا كەلمىدى.رامىلە ئۈمۈتسىزلەنگەن ھالدا قايتىلاپ :
-ئەكبەر گەپ قىلىڭچۇ؟؟-دىدى.
_رامىلە..مەن....مەن بىر گەپ قىلاي دىگەنتىم.
_دەڭە تېز..نىمە گەپ ئىدى.._رامىلە يۈرىگى ئويغان ھالدا سورىدى.
_رامىلە بىز ئايرىلىپ كېتەيلى!!
_نىمە؟_تېلىفۇن تۇرۇپكىسىنى تۇتۇپ تۇرغان رامىلە قۇلىقىغا بىرسى "گوممىدە"قويغاندەك بولۇپ تۇرۇپلا قالدى.
_مېنى كەچۇرۇڭ،مېنى تىللاڭ،مەن ۋاپاسىز..مەندىن نەپرەتلىنىڭ رامىلە!!
_ئەكبەر..._رامىلە دەرمانسىزلانغان ھالدا نىدا قىلدى،كۆز ياشلىرى ئۆزىگە بويسۇنمىغان ھالدا تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى_سىزگە نىمە بولدى؟مەن نىمىنى خاتا قىلدىم؟ياق..ياق...
_خەيىر-خوش،مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ رامىلە..ئەمدى تېلىفۇن قىلماڭ!!
ئۇ قاتۇرۇپ قويۇلغان ھەيكەلدەك قارشى تەرەپتىن ئاللىقاچان تۇرۇپكىنىڭ قويۇلغانلىق ساداسى بولغان"تىت،تىت"ئاۋاز چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىمىغاندەك تۇرۇپكىنى قۇلىقىغا ياققىنىچە تۇراتتى.شۇ تاپتا پۇتۇن ئاسمان پىرقىراپ ھەممە نىمە ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىۋاتاتتى.. ئۇنىڭ كاللىسىدا نە خىيال،نە پىكىر يوق،،ئۇ ئاڭسىز تەپەككۇرسىز ھالەتتە قېتىپ قانچىلىك تۇردىكىن...
ياتاقداشلىرى ياتاققا كىرگەندە پۇلاڭلاپ تۇرغان تېلىفۇن تۇرۇپكىسى جايىغا قويۇلماي ساڭگىلاپ تۇراتتى.ئۇ بولسا كارۋىتىدا تورۇسقا قارىغىنىچە ئۇلۇك ئادەمدەك ياتاتتى،قانچىلىغان سۇئاللار،قانچىلىغان تەسەللىلەر،تىت-تىت بولۇشلار بىكار بولدى.ئۇ بەئەينى روھى چىقىپ كەتكەن مۇردىنىڭ ئۆزى ئىدى.نە يىغلىمايىتتى،نە گەپ قىلمايىتتى..پەقەت قاراپلا ياتاتتى..
.................................
شۇ تاپتا تېلىفۇننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ھوجرىسىدا مۇردىدەك ياتقان يەنە بىر ئادەم دەل ئەكبەر.ئۇ بۇ تېلىفۇننى قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك قىينالغانلىقىنى،قانچە كېچىلەرنى ئۇيقىسىز ئۆتكەزگەنلىگىنى ،ئەرلىك ئىرادىسىنى قايرىپ قويۇپ يۇم-يۇم ياش تۆككەنلىگىنى ھىچكىمگە ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.بايا رامىلەگە بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىدا يۈرىگىنىڭ پىچاقتا تىلغاندەك بولۇپ ئىچىشقانلىغىنى تېخىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ گەپلەرنى ئېيىتسا ھىچقايسىمىزنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەيدۇ ئەكسىچە تىللاپ تۇرۇپ لەنەت تاشلىرىمىزنى ئېتىشىمىزغا دۇچار بولۇدۇ. "ئۇنى سەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ" دەپ دۇنيادىكى بار ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللىغۇمىز كېلىدۇ. ئۇ سۇكۇتتە تۇرۇپلىۋالسا بىزنىڭ ھەتتا ئۇنى بوغۇزلىۋەتكۈمىزمۇ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى شۇ قەدەر مەسۇم پاك بىر قىزنىڭ قەلبىگە سوقۇنۇپ كىرىپ ئۇنىڭ پۈتۈن يۇرەك ئەس-ھوشىنى ئۆزىگە قاراتقاندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا بۇنداق ئايرىلىش قارارىنى چىقارسا ھىچكىمنىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدۇ. بىراق..ئۇ سۇكۇتتە تۇرماي بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېيىتسىچۇ؟؟ئۇ چاغدا بىز قانداق قىلارمىز؟بەلكىم بىر-بىرىنى شۇ قەدەر سۆيۇپ تۇرۇپ يەنە بىللە بولالماسلىقىغا يەنە قانداق سەۋەپ بولماقچىتتى،ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ شاللاقلىغىنى يېپىشتىكى بىر سەۋەپ دىيىشىڭىز مۇمكىن. ھەي...ئېغىر ھىسسىياتلىرىمىزنى يېڭەيلى..ماۋۇ مۇردىدەك ياتقان ئەكبەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ باقايلى!
ئۇ رامىلەنى قەستەن ئالداش ئۈچۈنلا ئارىلاشقان بولسا بۇنچىلىك ئازاپلانمىغان،تېلىفۇننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئۆز-ئۆزىنى مۇشىتلاپ ھوجرىسىغا بېكىنىۋىلىپ رامىلەنىڭ رەسىمىگە قاراپ تاراملاپ ياش تۆكمىگەن بولاتتى..بۇ ھەسرەت..شۇنچە ئازاپلىق..
ھەي ئېسىت...ئېچىلىشقا قاراپ ماڭغان مۇھەببەت گۈللىرىگە بىر دەمدىلا ئۈششۈك تەگدى..
بىز ئۇنىڭ ھالىغا يەتكەچ ئۇنىڭ يۈرىكىنى يەپ تۇرغان ئۆزى يۈز كېلەلمەيدىغان ئاشۇ كۆرۇنۇشلەرگە قايتىپ باقايلى.بەلكىم قەلبىمىزدىكى ئەكبەرگە بولغان قىيداش،ئەيىپلەش ھىسسىياتلىرىنىڭ ئورنىنى ھىسداشلىق قىلىش ھىسسىياتلىرى ئېلىشى مۇمكىن.
.........
ئانا تۇيۇقسىز يىقىلىپ دوختۇخانىدا ياتقان ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئەكبەرنى چاقىردى. ئۇنىڭغا قاراپ ھالسىز ھالدا ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ تۇرۇپ بىر ئىشنى ئۆتۇندى.
_ئەكبەر بالام.. مەن سىلەرنى تاشلاپ كېتىپ قالدىغان ئوخشايمەن بالام..
_ ئۇنداق دىمە ئاپا،،سەن چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىسەن_ئەكبەر يىغلامسىرىغان ھالدا ئانىنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقتى.
_بالام،سەن مۇشۇ كەمگىچە ئالدىمدىن توغرا ئۆتۇپ مېنى رەنجىتكۇدەك ئىش قىلىپ باقمىدىڭ. مەن سەندىن تولىمۇ رازى بالام.بىراق سەندىن ئۆتۈنىدىغان بىر ئىشىم بار.
_قېنى دىگىن ئاپا،سېنىڭ ھەر قانداق تەلىۋىڭ بولسا چوقۇم ئورۇنلايمەن.
_بالام.ئەسلىدىغۇ بۇ ئىشلارنى ھاياتلىغىمدا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ خاتىرجەم كۆز يۇمسام دەپ ئويلايىتتىم.بىراق ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ئوخشايمەن.زەبىنۇرنىڭ ئاپىسى ئۇنى ماڭا تاپشۇرغان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ۋەدە بەرگەن ئىدىم. ئەمدى مەن ئۇنى ساڭا تاپشۇرماقچى بولۇۋاتىمەن.
_ئاپا،بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولغىن ،زەبىنۇرغا ئۆز سىڭلىمدىنمۇ ياخشى قارايمەن.
_ياق..مەن بۇنداق دىمەكچى ئەمەس.ھازىر جەمىيەت بەك بۇزۇلۇپ كەتتى. تاغدەك ئاتا-ئانىسى بار قىزلارنىمۇ نىيىتى بۇزۇق بالىلار ئالداپ بوزەك قىلىپ كېتىۋاتىدۇ.مەن ئەنسىرەيمەن.
-ئاپا،زەبىنۇر ياخشى قىز،ئۇنىڭغىمۇ چوقۇم ياخشى بالىلار ئۇچرايدۇ.
-ياق بالام.. زەبىنۇرنىڭ كۆڭلىنى بىلىمەن.ئۇ سېنى ياخشى كۆرىدۇ.ئۇنى باشقىلارنىڭ قولىدا دەرت تارىتمىسۇن دەيمەن.داداڭ ئىككىمىز ئۇنى قىزىمىز قىلىۋىلىشنى ئويلاشقان.ئوچۇقىنى ئېيىتسام ئىككىڭلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويماقچى ئىدىم.
_ئاپا..بۇ..بۇ...
_بالام.دەماللىق قوبۇل قىلالماسلىقىڭ مۇمكىن.بىراق زەبىنۇر ياخشى قىز.
-ئاپا،ئۇ سىڭلىمدەكلا تۇرسا..
_بالام.._ئاپىسىنىڭ ھاسىرەپ نەپسى يېتىشمەي كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرگەن ئەكبەر قورقۇپ كەتتى.
_ئاپا،ئاپا..بولدى زورۇقمىغىن!!
-بالام،سەندىن خوش بولاي..بۇ تەلىۋىمگە ماقۇل بولغىن.مەن ئۇ دۇنياغا سىڭلىمنىڭ قېشىغا خاتىرجەم باراي.. خاتىرجەم جاۋاپ بېرەي..بالام..
_ئاپا...
_ماڭا ماقۇل دىگىن.مەن رازى بوپ كېتەي!!!
ئاھ..ئانا....
گۆش ھالىتىدىن بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئاز جاپا تارتقانمۇ؟بالا ئۈچۈن دەپ سوققان يۈرىكى توختاش ئالدىدا ئوغلىغا قويۇلغان ئاشۇ تەلەپنىڭ قوبۇل بولماسلىق سەۋەبى ئەكبەر ئانا كۆز يۇمغاندىن كېيىن بىر ئۆمۈر ھەسرەت،پۇشايمان،ئازاپ ئوتىدا پۇچىلىنىپ ئۆتسۇنمۇ؟؟؟؟؟
ئۇ ئاجىز كەلدى...ئانىنىڭ خىرەلىشىپ ماڭغان ئاخىرقى كۆز نۇرلىرىغا قاراپ ئۆپكىدەپ تۇرۇپ رازىلىق بىلدۈردى.نەۋرە سىڭلىسى بىلەن توي قىلىپ بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى...ئانا خاتىرجەم كۆز يۇمدى.........
ھەممە نىمىگە قىرۇ چۈشتى..ئانىسىز ئۆي زىمىستانغا ئايلاندى..ئەكبەرنىڭ قەلبىگە، ئارزۇ-ئۈمىد گۈللىرىگە ئۈششۈك تەگدى....
يېقىن ھەمرايى،مىھىرلىك قەدىناسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىردىنلا نەچچە ئون ياش قېرىپ كەتكەندەك مۈكچىيىپ قالغان دادىسىغا قاراپ ئۆپكىسى ئۆرلەيىتتى...بۇرۇنقى خۇش-چاقچاقلار ئورنىنى گۆرىستاندەك جىمجىتلىق ئىگەللىگەن بۇ ئۆي پەقەت ھەپتە ئاخىرىدىلا ئازراق ئىللىپ قالاتتى.ئۇ كۈنى بىر ھەپتىلىك ئوقۇشنى تۇگەتكەن زەبىنۇر قەپەستىن بوشىغان قۇش كەبى ئۇچقاندەك يېتىپ چىقاتتى.ئۇ پۇتۇن مىھرى-مۇھەببىتىنى مۇجەسسەملەشتۇرۇپ تۇرۇپ ئۆي تازىلايىتتى،كىر-قات يۇياتتى،تاماق ئېتەتتى. دەرقەمدە ئولتۇرۇپ تاماق يىگەن ۋاقىتلىرىدا مەكتەپتە بولۇپ ئۆتكەن قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ چوڭ دادىسى ۋە نەۋرە ئاكىسىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتىشكە تىرىشاتتى...ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردىكى رازىلىق ئىشلىرىدىن چوڭ ئاپىسىنىڭ ئەكبەر ئىككىسىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ سۇس كۈلۈمسىرەشلىرىدىن ئەكبەرنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى يولدىشى بولىدىغانلىقىنى،بۇ ئۆينىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئائىلىسى ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ تىرىشىپ پۈتۈن مىھرىنى بۇ ئائىلىگە،كەلگۈسىدىكى ھەمرايىغا ۋە چوڭ دادىسىغا ئاتىغان ئىدى.....
مانا بۇ ئاخىرقى قارار..مانا بۇ ئانا ئارزۇسى ئۈچۈن تەڭقىسلىقتا قىينىلىش،ئاخىرى ئۆز مۇھەببىتىنى قۇربان قىلىش ئەكبەرنى ئەنە شۇنداق رەھىمسىزلەرچە يەكۈن چىقىرىشقا مەجبۇر قىلغان.
رامىلە رەت-رەت تېلىفۇن قىلدى.ئەكبەر بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشنى خالىمىدى.ئۇ بۇ گەپلەرنى دىيىش ئارقىلىق رامىلەنىڭ قەلبىدە ئاپىسىغا نىسبەتەن باشقىچە تۇيغۇلارنىڭ قېلىشىنى،بۇ سەۋەپ ئانا روھىنىڭ قورۇنۇپ قېلىشىنى خالىمىغان ئىدى.ئۇ بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزىگە ئالاتتى.رامىلەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېلىفۇنىغا توڭلۇق بىلەن"مەن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم.مەن دىدىمغۇ،مېنى كەچۈرۈڭ،مەن ئەسكى.مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ،مېنى ئاۋارە قىلماڭ!!"دەپ گېپىنى ئۈزۈپ تېلىفۇنىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تېلىفۇنلىرىنى زادىلا ئالماي قويدى. رامىلە تولغىناتتى،ئۈنسىز يىغلايىتتى..ئەكبەرنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيىتتى. ئۇنىڭغا گويا ئەكبەر ئۇنى سىناۋاتقاندەك ،بىر كۈنلىرى "بۇ گەپ يالغان رامىلە مەن سىزنى سىناپ باقتىم" دەپ تېلىفۇن قىلىدىغاندەك بىلىنەتتى.بىراق پەرمان ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ كەلگەن خەۋەرلەر بىر-بىرىدىنمۇ دەھشەتلىك ئىدى.ئۇ ئاستا-ئاستا ئەكبەرنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى.پەرماننىڭ ئۇنىڭ نەچچە مۇھەببىتى بار،ئۇ كېلىشكەن ھەم گەپكە ئۇستا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاسانلا قىزلارنى ئىندەككە كەلتۈرىۋالىدۇ..ھازىر ئۇ ناھىيە بازىرىدىكى بىر قىز بىلەن يۈرىۋېتىپتۇ.ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىكەن دىگەن گەپلىرىگە ئىشىنىپمۇ قېلىۋاتاتتى..
بۈگۈن ئۇنىڭ ئىچى تېخىمۇ سىقىلدى. ئەلبۇمنى ئېچىپ ئەكبەر بىلەن ياندىشىپ چۈشكەن سۈرەتكە قاراپ يەنە كۆز ياشلىرى تاراملاپ چۇشۇشكە باشلىدى. دەل شۇ چاغ پەرمان ئۇنى چاقىرىپ تېلىفۇن قىلىپ قالدى.ئۇ ئېرىنىپ تۇرسىمۇ بىراق شەنبە بولغانلىقى ئۈچۈن ياتاقتىكى قىزلارنىڭمۇ ئۇ يەر-بۇ يەرگە كېتىپ ئۆزىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى ئويلاپ پەسكە چۈشتى.پەرمان ئۇنىڭ ئەپتىدىن ئۇنىڭ ھېلىمۇ شۇنداق كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىگىنى بايقىدى- دە ئۇنى باشلاپ كۆڭلىنى ئېچىپ كېلىش مەقسىتىدە بىر كۆڭۈل ئېچىش ئورنىغا باشلاپ ماڭدى.ئۇنىڭسىزمۇ رامىلەنىڭ قەلبى دەرىتكە لىق تولۇپ ئىچ-ئىچىدن پىغان يامراپ تۇراتتى.
پەرمان رامىلەگە سىلىق-يۇمشاق گەپلەر بىلەن ئايرىم خانىدا يېنىكلەپ قالىسەن دەپ يۈرۈپ ئۇنىڭغا قىزىل ئىچىملىك قۇيۇپ بەردى.رامىلە باشتا ئۇنىمىدى، كېيىن تۇيۇقسىز پىغانى ئۆرلەپ پەرمانغا دەردىنى تۆككىنىچە ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە ئىستاكان ئىچىۋەتتى. قىپ-قىزىل سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ بارا-بارا ئۇنىڭ كۆڭلى ئېچىلغاندەك بولۇپ كۈلگۈسى كېلىشكە باشلىدى.. ئۇ پەرماننىڭ چاندۇرماي نىمىلەرنىدۇر قۇيۇپ تەڭشەپ بېرىۋاتقان ئىچملىكىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىچىۋەتتى...
سۇس چۈشكەن كۈن نۇرى ئۇنىڭ كۆزلىرىنى چاقتى.ئۇ بېشىنى كۆتۇرمەكچى بولدىيۇ كۆتۇرەلمىدى.كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ نەدە ئىكەنلىگىنى ئىلغا قىلالماي قالغان رامىلە ئۆرۈلۈپ قاراپ ئۆزىنىڭ يېنىدا قىپ-يالىڭاچ ياتقان پەرماننى كۆرۈپ قاتتىق چىرقىرىۋەتتى.ئۇ چاچراپ ئورنىدىن قوپماقچى بولۇپ ئۆزىنىڭمۇ ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ياتقانلىقىنى بىلىپ بېشىغا بىرسى توخماق بىلەن بىرنى قويغاندەك بولۇپ كەتتى-دە تېخىمۇ قاتتىق چىرقىرىدى......
قاتتىق چىرقىراشتىن ئۈندەرەپ قوپقان پەرمان نىمە قىلىشىنى بىلمەي يوتقاننى يېرىم بېلىگىچە تارتىۋىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ چەكچىيىپ قالدى.
-بۇ نىمە ئىش..ئەبلەخ..سەن مېنى نىمە قىلدىڭ؟نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟
رامىلەنىڭ قاتتىق ئاھۇ-زارىدىن تېخىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان پەرمان ھە دەپ يالۋۇرماقتا ئىدى.
_جېنىم رامىلە..مەنمۇ بىلمەيمەن..ئاخشام بەك مەس بولۇپ كېتىپتىمەن. سېنى قانداقلارچە بۇ يەرگە ئەكەلگەنلىگىمنى،قانداقلارچە بۇ ئىشنى قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن.يىغلىما..جېنىم..يىغلىمىساڭچۇ...
_يوقال،،ئۈستۇڭدىن ئەرىز قىلىمەن،،سېنى سولىتىۋىتىمەن..يوقال....
_رامىلە .ئۇنداق غەلۋە قىلما..بولامدۇ..بولغۇلۇق بوپتۇ.مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن..مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا بىز توي قىلايلى.ماقۇلمۇ؟؟
_ياق..ياق..سەن مېنى ۋەيران قىلدىڭ،،مېنى ۋەيران قىلدىڭ!!!
رامىلە چاچلىرىنى يۇلاتتى،يۈزلىرىنى مورلايىتتى..ئاخشامقى ئازراق كۆڭۈل ئارامسىزلىقىنى دەپ ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى..
شۇنداق..ئىچى سىقىلىشنى قانداق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمىگەن بىچارە قىز ئۆز پۇتى بىلەن بۆرىنىڭ ئالدىغا مېڭىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ روھىي ھالىتىدىكى نورمالسىزلىق بۇ خاتالىقنىڭ سەۋەپكارى سۈپىتىدە ئاپپاق كىرلىككە قىزغۇچ ھال رەڭنى قالدۇرۇپ ئۇنىڭ تېنىدىكى ئامانەتنى قەدىرسىز ھالەتتە ئۆزى قىلچىمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان بىرسىگە ئاتا قىلىۋەتكەن ئىدى.
............................
ئەركىن توي قىلدى. ئۇ كۈتۈشلەرگە خاتىمە بەردى. ئۇ ئاخىرقى رەت ئۈرۈمچىگە رامىلەنى ئىزدەپ بارغىنىدا ئوغۇللۇق غورۇرى قاتتىق ئازار يىدى،رامىلە ئەكبەر بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۇنىڭغا بۇ يىگىتنى قاتتىق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۇنى قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئۆزىگە قىزىقىشىنىمۇ پەقەت ئۆزى ئارقىلىق يۇقۇرىغا يامىشىش دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بەردى.ئۇنىڭغا ھەممىدىنمۇ بەك رامىلەنىڭ ئۆز مۇھەببىتىنى خاتا چۈشەنگىنى،ئۆزى ئارقىلىق باشلىق دادىسىنىڭ ئىمتىيازىغا تايىنىپ يۇقۇرىغا ئۆرلىمەكچى دەپ چۈشەنگەنلىگى بەك ئەلەم قىلدى.ئۇ ئاخىرى بۇنداق ئۆتۇۋىرىشنىڭ ئۆزىگە قىلچىمۇ خوشاللىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئاقباش ئانىسىغا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان مۇلايىم ئاقكۆڭۈل ئاددى بىر قىز بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتى. مۇشۇنداقمۇ توغرا كېلىش بولامدۇ.ئۇنىڭ توي قىلغان كۈنى دەل رامىلەنىڭ ئەكبەرگە بولغان قىيداش ھىسسىياتىدا ئەقلىدىن ئادىشىپ پەرماننىڭ دامىغا چۈشۈپ قىزلىق ئىپپپىتىدىن ئايرىلىپ قالغان كۈن ئىدى.ئەركىن ھەقىقەتەن ئېسىل يىگىت .بىراق كۆڭۈل،يەنە شۇ كۆڭۈل رامىلەگە ئەركىننىڭ تاللاشقا ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان يىگىت ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇرمىغان ئىدى. رامىلە بۇ دۇنيادا پەقەت ئەكبەر بىلەن توي قىلىشنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە ئۆتۈشنى ئويلاپ كەلگەن ئىدى.بىراق ھەممە نىمە ئاخىرلاشتى..ئۇنىڭ قىزلىق ھۆرمىتى، غۇرۇرى،ئىپپىتى ئۆز نەپسى،ئۆچ-ئاداۋەت ئالدىدا قىلغان قىلغان قەسىمى ئۈچۈن رەزىل ۋاستە قوللانغان ئاۋۇ قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە ئالدىدا پايخان بولدى..ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدەك مەغرۇر يۈرەلمەيدۇ،خالىغان ۋاقتىدا ئەكبەرگە "نىمە ئۈچۈن؟"دەپ سۇئال قويۇپ تېلىفۇن قىلالمايدۇ،بېشىنى تىك تۇتۇپ ئۆتۇپ كېتەلەيدىغان پەرمان ئالدىدا كۆزىگە قاراشقا،ئۇنىڭ قىلغان قوپاللىقلىرى،سىلكىشلىرىنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر.چۈنكى شۇ كۈننى شېرىن-شېكەر گەپ ۋە تۈگىمەس قەسەم،ياغلىما گەپلەر بىلەن ئۆتكۈزۈۋالغان پەرمان ھازىر غالىپ.چۈنكى ئۇ رامىلەنى بۇ دۇنيادا بېشىنى تىك تۇتۇپ ياشىتالايدىغان بىردىنبىر ئەڭگۈشتىرىدىن ئايرىۋەتتى.رامىلەدەك يۈزى تۆۋەن قىزلار ھەرگىزمۇ باشقا بىرىنىڭ ئالدىغا بۇ ھالىتى بىلەن بارالمايدۇ.بۇ ئۇنىڭغا ئايان.ئەمدى ئۇ خالىغىنىنى قىلسا بۇلىدۇ. ئۇنىڭغا خالىغان ۋاقىتتا ھېلىقى تەلەپنى قويۇپ نەپسىنى قاندۇرسا بۇلىدۇ، چۈنكى رامىلە ئەمدى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ..
دەرۋەقە شۇنداق بولدى...ئۇزۇن ئويلىنىشلاردىن كېيىن ئەمدى قىلچە تاللاش يولى قالمىغانلىقىنى ھىس قىلغان رامىلە پەرمانغا ئىختىيارسىز بويسۇندى. پەرماننىڭ ھەددىدىن ئېشىپ قويغان بولمىغۇر تەلەپلىرىگە باشتا ئۇنىمىغان بولسىمۇ ئاخىرى ئىلاجىسىز ھالدا بىر كۆزىدىن قان-بىر كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇپ تۇرۇپ ئۈنسىز قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى.
بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىدە بولۇۋاتقان نورمالسىزلىقنى ھىس قىلىشقا باشلىدى.ئۇنى تۇيۇقسىز ھۆ تۇتاتتى..تاماقلارغا قارىغۇسى كەلمەي كۆڭلى ئىلىشىپ بىئارام بولاتتى..
ئادىتىنىڭ كەلمىگەنلىگى ۋە ئۆزىدىكى بولۇۋاتقان نورمالسىزلىقلاردىن ئاخىرى دوختۇرغا بېرىشقا مەجبۇر بولغان رامىلە دوختۇرنىڭ لابىراتۇرىيەلىك نەتىجىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ"مۇبارەك بولسۇن،ئانا بولغۇدەكسىز"دىگەن سۆزىدىن ھوشىدىن كېتىشكە ئازلا قالدى....