كۆرۈش: 132802|ئىنكاس: 200

گۇناھكار قەلب ( ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1933
يازما
62
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1304
تىزىملاتقان
2010-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2015-2-6
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-25 11:18:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇناھكار قەلب ( ھېكايە)
ئاپتورى :ئەلكۈيى تورىدىن بىغۇبارىم







«ئەگەر قۇلۇمدىن كەلسە جاھاندىن مۇشۇ بىر كۈننى يوق قىلىۋەتسەم » دەپ ئويلىدىم سىرتتا يۈرگەن جۈپ – جۈپ گەۋدىلەرگە قاراپ .
« ــ بۇ مۇمكىنمۇ ، ــ تۇيۇقسىز ئۆز خىيالىمغا ئۆزۈم يەكۈن چىقىرىپ ، سوغۇق كۈلدۈم ، ــ ياشلىرىمىزغا ئەڭ كاتتا بايرام مۇشۇغۇ ھازىر ...بۇ بايرامدا يېڭى كىيىم كىيىشىدۇ ، چاچلىرىنى ياسىتىشىدۇ ، بىر – بىرىگە سوۋغاتلىق بىرىشىدۇ ، تىلەكلەر تىلىشىدۇ ، يەنە بۇ كۈندە مۇنۇ شۇنچە يوغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىرەر رېستۇران ياق ئادەتتىكى ئاشخانىلاردىمۇ ئايرىمخانا تاپماق ، كۆڭۈل ئېچىش سۇرۇنلىرىدىن بىر كىشىلىك ئۇرۇنغا ئىگە بولماق مۈشكۈل بىر ئىش ، ئەتتىرگۈلنىڭ باھاسىنىڭ بىر كۈندىلا تىك سىزىق بويىچە ئۆرلەپ كىتىشىچۇ تېخى ! كوچىدا يۈرگەن قىز – ئاياللارنىڭ قۇلىدا بىر تالدىن توقسان توققۇز تالغىچە ئەتتىرگۈل ، بۇ بايرام يېڭى چىققانلاردا قىزلارنىڭ خىجىل بۇلۇپ قۇلىدىكى گۈلنى بىرەر نەرسىگە يۇشۇرۇپ ماڭغىنىنى كۆرگەن ، مانا ئەمدى قولىدا گۈلى يوق قىزلارنىڭ خىجىل بۇلىشى تۇرغانلا گەپ !تاس قالىدۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ گۈل كۆتۈرۈشۈپ يۈرگىلى ...»
تىلفۇنۇمنىڭ سايرىشى بىلەن بايرامدىن زارلىنىش ھىسىياتىمغا ۋاقتىنچە خاتىمە بىرىلدى ،
ــ نەدە سەن بالام ؟
ــ مەن ...مەن نەنمېن (جەنۇبى قۇۋۇق) تەرەپتە ئاپا.
ــ ھە ...ئۆيگىمۇ ئاز قاپسەندە ، تاماق تەييا بۇلۇپ قالدى ، تىزراق كەلگىن ئەمىسە .
ئاپام گەپ قىلىشىمنى كۈتمەيلا تىلفۇننى قۇيىۋەتتى . ئۇنىڭ تىترەۋاتقان ئاۋازىدىن ھاياجانلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . غەلىتە ئىشقۇ بۇ !
بوپتۇلا ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن بۈگۈن بىر كۈننى ئۆتكۈزۈش ئادىتىمنى بۇزۇپ ئۆيگە باراي ، ئاپامنىڭ ھاياجانلىنىپ قېلىشى سەۋەپسىز ئەمەستۇر بەلكىم !
ــ بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن ئاكا !
ئىشىكنى ئېچىشىمغا ئالدىمغا يۈگرەپ كەلگەن سىڭلىمنى كۆرۈپ ئەرۋاھىم ئۇچتى . « مېنى زاڭلىق قىلىۋاتامدۇ نىمە بۇ ؟! ئەجىبا ئاشۇ پاجىئەگە سەۋەپچى بولغان بۈگۈنكىدەك كۈنگە ، بۈگۈنكى مۇشۇ بايرامغا نەپرەتلىنىدىغانلىقىمنى بۇلار بىلمەمدىكىنە ؟! سىڭلىمغا ۋارقىرىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتىۋالدىم . ئۆيگە كەلگەنگە پۇشايمان قىلىپمۇ ئۈلگۈردۈم .
ــ ئاپام سوۋغىتىڭنى تاپشۇرىۋېلىپ بەكلا خوشال بولغانتى ، ئۆزى بىر قوللۇق تاماق ئىتىپ ...
چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتقان قۇلۇم خددى بىرسى بۇيرۇق قىلغاندەك ئىزىدىلا توختاپ قالدى .
ئۆيدىلىكىلەر ئادىشىپ قالدىمۇ ياكى مەن ؟! مەن قاچان ئاپامغا سوۋغا تەقدىم قىلدىم ، يەنە كىلىپ بۈگۈنكىدەك كۈندە...
ئاۋازىمىزنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك ئاشخانا ئۆيدىن بىچارە ئاپام يۈگرەپ دېگۈدەك ئالدىمغا چىقتى . « كەلدىڭمۇ جېنىم بالام » دەپ قۇچاقلاپ كۈرۈشتى . بولمىسا تېخى ئەتىگەن مۇشۇ ئۆينىڭ تاپسىسىدىن «بىسمىللا » دەپ پۇتۇمنى ئالغان ، ئەمدى ئاپامنىڭ خۇددى مەن بىلەن نەچچە يىل كۆرۈشمىگەندەك كۆرۈشۈپ كىتىشى نىمىسى ؟!
مىھمانخانا ئۆينىڭ ئۈستىلى ئۈستىگە قۇيۇلغان بىر دەستە قىزىل ئەتتىرگۈل ، چاندۇرماي بېرىپ ئەتتىرگۈل يېنىدىكى باغاقچىنى قۇلۇمغا ئالدىم :
«سۈيۈملۈك ئاپا ، بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن ...ئىككى يىلدىن بىرى ھەم ئاتا ھەم ئانا بۇلۇپ ، بىزنىڭ جاپارىمىزنى كۆپ تارتتىڭ ، بىزگە ئىككى كىشىلىك مىھرى – مۇھەببەت بېرىمەن دەپ كۆپ چارچىدىڭ ، شۇڭا ئاتام ئورنىدا بايرىمىڭنى تەبرىكلىمەكچىمەن . ھەممە ئادەم ئۆز جۈپتى بىلەن خوشال بۇلىدىغان بۈگۈنكىدەك كۈندە سەن ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس ، بىز ھەرۋاقىت سېنىڭ يېنىڭدا ....
ــ ئوغلۇڭ ئىمران .»
پەقەتلا چاندۇرمىدىم ، ھىچنىمىنى چاندۇرمىدىم ، ھەتتا ئاپامنىڭ كۆزۈڭ ماك تۇنۇيدىكەن دەپ «مەن ئالغان »ئالتۇن ئۈزۈكنى ماختاپ كىتىشىگىمۇ چاقچاخلىرىم بىلەن لايىقىدا جاۋاپ قايتۇردۇم . شۇنداق قىلىپ بەش يىلدىن بېرىقى بۈگۈنكى كۈندە تۇنجى قېتىم ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە تاماقلاندىم .
ــ ئاكا ، ــ دېدى سىڭلىم ئىشقا مېڭىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ ،ــ ساڭا بىر سوۋغا ئالغانتىم ...لىكىن ، لىكىن ھەرگىز خاتا چۈشەنمە ، بۇ بۈگۈنكى بۇ كۈننى تەبرىكەش ئۈچۈن ئېلىنغان سوۋغا ئەمەس ... ...ھاۋا سوۋۇپ قالغاچقا ...بۇ بىر سىڭىلنىڭ ، بىر ئاكىغا قىلغان سوۋغىتى .
ــ قېنى ئەچىقە ، مۈشۈكۈم ماڭا نىمە ئالدىكىن كۆرۈپ باقاي ،
ئادەتتە «مۈشۈك» دەپ قپيسام ، ماڭا قىيداپ تۇمشۇقلىرى ئۇچلىنىپ كىتىدىغان بۇ «مۈشۈك» بۈگۈن بۇ گىپىمدىن خاپا ئەمەس بەلكى خوشالدەك كۆرۈندى .
ئۇنىڭ سوۋغىتىنى كۆرۈپ دەماللىققا نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىميۇ يەنە تىزلا ئىسىمگە كەلدىم .
ــ چىرايلىق شارپا ئېپسەن ، ئەتە...
ــ ھازىرلا تاقىۋالغان بولساڭ ...
ــ ئەتە تاقىۋالاي دىدىمغۇ ، ئەتىگەندە بىر خىل ، چۈشتە بىر خىل يۈرەمدىم شىركەتتە .
گەپ تۈگىدى دىگەندەك قىلىپ شارپىنى قاتلاپ سىڭلىمغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ، چاپىنىمنى كىيىشكە باشلىدىم .
يېڭىمنىڭ يىنىك تارتىلىشى بىلەن ئوغۇللارغا بەزىدە خېلى – خېلى نەرسە كار قىلمىغىنى بىلەن قىزلارنىڭ بىر ئۈمچىيىشى ، بىر تامچە يېشى ھەتتا بەزىدە بىر دومسىيىشىمۇ كار قىلىدىغان گەپكەن ، يەنە كىلىپ بىر تۇققان سىڭىلنىڭ بىر تامچە يېشىنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن زور ... باشقا ئاكىلار قانداق بىلمەيمەن ، ئەمما سىڭلىمنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش ئاقسا خۇددى مىنىڭ يۈرۈكۈمدىن قان ئاققاندەك ...
شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى غەلبە سىڭلىمغا مەنسۇپ بولدى . 5 يىلدىن بىرى قىشنىڭ ھەربىر كۈنى ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ ، قىشنىڭ سوغۇقىغا ، ياق سوغۇقىغىلا ئەمەس ، يالغۇزلىقىغا ، جاپاسىغا ھەممە ، ھەممىگە مەن بىلەن تەڭ تاقابىل تۇرۇپ كەلگەن كونا شارپام بوينۇمدىن ئېلىنىپ ، سىڭلىم سوۋغا قىلغان يېڭى شارپا بوينۇمغا چىقتى .
ئۆيدىن شىركەتكە بارىمەن دەپ چىققىنىم بىلەن شىركەتكە بارمىدىم ، ھامان مۇشۇنداق بۇلاتتى ، چۈنكى ئەزەلدىن مۇشۇنداق بۇلىۋاتاتتى . ماشىنا بىلەن نەنمېن ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئالدىدا ئوخشاش بىر يولنى ، ئوخشاش بىر يۆلىنىشتە نەچچە ئايلاندىم بىلمەيمەن ...بايرام قىزغىنلىقىغا تولغان كوچىغا قارايمەن ، نىمىنىدۇر ئىستەيمەن...ئويلاپ باقسام ، بۇگۈنكى كۈنگە نەپرەتلىنىمەنيۇ لىكىن يەنىلا بۈگۈنگە ئىنتىلىمەن ، چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە بىراۋلارنىڭ سىماسىنى باشقا ھەرقانداق كۈنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق كۈرەلەيمەن ، سېغىنىشىمنى تېخىمۇ ئېنىق ھىس قىلالايمەن ، تاتلىق ، شىرىن ھەم ئاچچىق – چۈچۈك ئەسلىمىلىرىم قوينىدا دەخلىسىز ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەلەيمەن . ئەمما ئەتىسىدىن باشلاپ ياشايدىغىنىم باشقا بىر دۇنيا ...شۇڭا ئويلايمەن ، بىر بولسا بىر يىلدىكى 365 كۈننىڭ ھەممىسى مۇشۇ كۈن ، 14 – فېۋرال بولسا ،،،بىر بولسا بۇ بايرام يەرشارىدا مەۋجۇت بولمىسا ... ...
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى تەرەپتە ماشىنىنى توختىتىپ قۇيۇپ پىيادىلىق ئايلىنىشقا باشلىدىم ، مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپكە يېققىنلاشقانسىرى قەدىمىم ئىختىيارسىز تېخىمۇ ئاستىلاپ كەتتى ...ئۇزۇن ، قىزىل مامۇق چاپان ، قۇيىۋېتىلگەن تۈپتۈز چاچ ، سوغۇقتا توڭلاپ ، قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىلەر...ئۈمچۈيۈشكە تەييارلا تۇرغان ، نىپىز ، كىچىككىنە ھالرەڭ لەۋ ، قۇيۇق كىرپىكلىك مۇلايىم قارا كۆزلەر ...
شۇ قەدەر ئېنىق ، شۇ قەدەر سۈزۈك ، مەن دېسەم ھىچكىم ئىشەنمىدى ، ئۇ پات – پات پەيدا بۇلىدۇ ، ئاشۇ قىزىل چاپىنى ، ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن ...ئۇنى خويمۇ ئېنىق كۆرەلەيمەن ، ئۇنىڭ ماڭا قاراپ دومسىيىشلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايمەن دېسەم ھىچكىم ئىشەنمىدى ، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بۇ مىنىڭ خىيالىمكەن ، ئۆلگەن ئادەمنى پەقەت خىيالىدا كۆرگىلى بۇلىدىكەن ، مىنىڭ ئۇنى خىيال قىلىشىم بىر ئاخمىقانىلىقكەن ...قانداق قىلىمەن ، باشقىلارنى ئىشەندۈرىمەن دەپ ئۈزۈم ئاستا – ئاستا باشقىلارنىڭكىگە ئىشىنىپ قېلىۋاتاتتىم . راست بەلكىم خىيالىمدۇ،،،، لىكىن خىيالمۇ شۇنچە ئېنىق ، شۇنچە يارقىن بۇلامدۇ ؟! گويا ھەممە ئىشلار ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتقاندەك ...مەن ئۇنى ئەركىلىتىۋاتقاندەك ، ئۇ ماڭا ئەركىلەپ دومسىيىۋاتقاندەك ...
2002 – يىلى ئارزۇيۇم بويىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كومپيوتىر كەسپىگە قۇبۇل قىلىندىم . تەييارلىقتىكى بىر يىلنى ئۇيۇن ئورنىدا ئۆتۈپ كەتتى دىسەممۇ بولىدۇ .



تەييارلىقتىكى بىر يىلنى ئۇيۇن ئورنىدا ئۈتۈپ كەتتى دېسەممۇ بۇلىدۇ ، شىماللىق ئوقۇغۇچىلارغا يەنە كىلىپ ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ، چوڭ بولغان مەندەك بىرىگە نىسبەتەن خەنزۇتىلى ئۆتكىلى ھىچقانچە گەپ ئەمەس ئىدى . شۇنداق قىلىپ تۇلۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقداشلار ئۆز- ئارا ئىزدىشىش ، تولا ئۆتكۈزىلىدىغان ساۋاقداشلار يىغىلىشى ۋە يېرىم مۇستەققىلىق تۇرمۇشقا ماسلىشىش بىلەن بىر يىل ۋاقىت بىلىپ – بىلمەي ئۈتۈپ كىتىپتۇ . ئىككىنچى ئۇقۇش يىلى باشلىنىش بىلەنلا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا يۈرگەندەك بىلىنىشكە باشلىدى . بەزى نىيەت – مەقسەتنى ئېنىق قىلغانلار كىتاپقا بېشىچىلاپ چۈشۈپ كىتاپ دۆۋىسىدىن چىقالمىغان ، بەزىلەر بىر جېنىغا نەچچە تىلنى باشلىۋېلىپ ئادەم بىلەن پاراڭلاشسا بىر جۈملىنىڭ ئىككى سۆزى ئۇيغۇرچە بولسا قالغان ئىككى سۆزىنىڭ بىرى خەنزۇچە بىرى ئىنگىلىزچە ياكى بەك ھاياجانلىنىپ كەتسە روسچە ، تۈرۈكچە ...تىل ئۆگىنىشقۇ ناھايىتى ياخشى ئىش ، ئەمما ياتىقىمىزدا ئىسمايىل دەپ بىرى بۇلىدىغان ، ئايلىق پۇلى ھەرخىل تىل ئۆگىنىش ماتىرياللىرى ۋە چىرىقىنىڭ مېيىغىلا كىتىدىغان ، ئۇغۇ مەيلىغۇ ، ئەمما بىر نۆۋەتتىلا ئۈچ تىلغا تۇتۇش قىلىپ ئاخىرىدا ھىچقايسىسىنى باشقا ئېلىپ چىقالماي ، يا بىر نەتىنجە قازىنالماي كىتىپ قالغان ، شۇ بالىنى ۋە ھېلىقى ئارىلاشما تىللىق چۈشىنىكسىز جۈملىلەرنى ئويلىساملا «تىل ئۆگىنىۋاتىمەن» دەيدىغان بالىلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغان بۇلۇپ قالغانمەن ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى مۇھاببەتلىشىشتەك ئولتۇرسا – قوپسا قىزلارنىڭ گېپى ...قايسى قىزنىڭ كۆزى چىرايلىق ، قايسى قىزنىڭ چېچى ، يەنە قايسى قىز كىم بىلەن يۈرگەن ، كىم – كىمنى تاشلىغان دېگەندەك بىر قاتار ئايىغى چىقماس قۇرۇق پاراڭلار...نىمىشقىىكىن ئۇ چاغلاردا قىزلارغا پەقەت قىزىقمايتتىم ، ئالىي مەكتەپكە كىلىشتىن بۇرۇن بىرىگە كۈيۈپ قېلىپ ، يەنە كىلىپ ئوغۇل بالىدەك قوپال بولغىنى بىلەن ئوغۇللار كەينىدىن ماروفونچە يۈگرەيدىغان بىرىگە كۈيۈپ قېلىپ ، يۈرگەن دېگەن ئاتاقنى ئېلىپ ئۇنى باشقۇرۇپ بۇلالماي چارچاپ ھالىمدىن كېتىپ قىزلار دىگەنگە تۇيۇپلا كىتىپتىكەنمەن ...گەپنىڭ قىسقىسى ، قىزلار توغرىسىدىكى پاراڭلارغا قىلچە قىزىقمايتتىم ، شۇنداق قىلىپ ئۇنى – بۇنى قىلىپ يۈرۈپ ، پۇتبولغا ، گىتتارغا ، كومپيوتۇرغا ...ئىشقىلىپ ئوخشاش قىزىقىشتىكى بىر قانچىمىز بىر ياتاققا جەم بۇلىۋالدۇق ...بەزىدە ئويلاپمۇ كىتىمەن ، ئەگەر ئاشۇ ياتاققا ، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇل دوستى بىلەن بىر ياتاققا كىرىپ قالمىغان بولسام بۈگۈنكى ئەسلىمىلەر ماڭا تالىق بولارمىدى ؟!





يېڭى ياتاققا كۈنۈپلا كەتتۇق ، كۆپىنچە ۋاقتىمىز ۋاسكىتبول مەيدانى ، كومپىيوتۇر ئالدى ، ياتاقتا گىتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىپ كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشلار بىلەن ئۈتەتتى ...بىر كۈنى يەنە شۇنداق ئولتۇرۇشلاردا سەدىردىندىن باشقا ھەممىمىز ئوتتۇرىۋاتاتتۇق ، ئۇ قايتىپ كەلدى ، بىرەر قۇر ھال ئەھۋال سورىشىپ چاخچاقلاشقاندىن كىيىن ئۆزىنى كارۋىتىغا ئاتتى ، قارىغاندا تۈنۈگۈن چۈشتە دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشىغا كەتكەن بۇ غوجام بۈگۈن چۈشكىچە خېلىلا چارچىغاندەك قىلاتتى .
ياتاقتىكى تىلفۇننىڭ جىرىڭلىشى بىلەن ھەممىمىز تەڭلا سەدىردىنغا قاراشتۇق .
ــ چۇقۇم سېنىڭكى ، ناھىبە سېنى ئىزلەپ ساراڭ بۇلايلا دېدى ، ئالە بولە...
ــ ۋاي ، ۋۇي...تېخى قايتىپ كەلمىدى دەپ قۇيۇڭلارچۇ ...بىر يەرگە بېرىشنىڭ گىپىنى قىلىۋاتقان ،بارمايمەن دېسەم خاپا بۇلىدۇ .
ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدۇق . ياتاقتا پەقەت ئۇنىڭلا يۇرۇۋاتقان لايىقى بار ئىدى ، قالغانلىرىمىز بولسا ئۇنىڭ ئېغىزىدا «تاڭسىڭ» ئىدۇق .
ــ ھەي تاڭسىڭلار ، ــ دەپ قايناپ قۇياتتى ئۇ بەزىدە ، ــ قاچانغىچە يۈرۈشمەيسەن دەيمەن ، مانداق ئارقاڭغا كىرىۋېلىشقان قىزلاردىن بىرەرىگە ھىجىيىپ قويساڭلا ئىش پۈتمەمدۇ دەيمەن ، ما ياتاققا كىلىدىغان نامسىز بىچارە تىلفۇنلاردىن بىرى ئازلايدۇ ھە ھىچ بولمىسا … … مانداا ھەپتە ئاخىرلىرى توپنى قۇچاقلاپ ، سېسق تەرگە چۈمۈلۈپ يۈرۈۋەرمەي ، پەچەت لايىقلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىپ ئوتتۇرۇپ كىلىمىز دەيمەن ، بۇ ناخشا دىگەننى قىزلارغا ئېيتىپ بىرىدىغان نىمە ئەسلى …مەن بىر چاغدا بىر ناخشا بىلەن بىر قىزنى سەت ساراڭ قىلىۋەتكەن دىمەيسىلە …
ــ ئاتە غۇلجىلىق پورىڭنى !
ــ ۋاي ، پو ئاتمىدىم ، بۇ گىپىم راست ئەمىسە ، ئىشەنمىسەڭلار يازغان خەتلىرىنى كۆرسىتىپ قۇيىمەن ھېلى بىكا…بىچارىنىڭ خەتلىرىنى شۇ پېتىلا ئېلان قىلدۇرساممۇ تاگورنىڭكىدىن ئېسىل ئەسەر بۇلۇپ كىتىدۇ دەيمەن ، قانداق بولدى دىمەمسىلە ، مانداق بولغان …
ئۇنىڭ گەپلىرى ھەم قىززىق ھەم تەسىرلىك چىقاتتى ، ھەتتا ئەتىدىن باشلاپ چۇقۇم بىرەرسىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ يۈرۈپ قويماقچىمۇ بۇلۇپ كېتەتتۇق ، ئەمما ئەتىسىدىن باشلاپ يەنىلا «تاڭسىڭلىقىمىز» باشلىنىپ ، توپ ۋە كومپىيۇتۇر بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرىۋېرەتتۇق …
ئاخىرى قانداق بولدى ، ئارقا – ئارقىدىن ئۈچى يۈرۈۋالغان بولدى ، بۇنىڭغا سەدىردىن ۋە ناھىبە قىسقىسى ناھىبە بەكەرەك تەسىر قىلدى دېسەك دام گەپ بولماسمىكىن دەيمەن . ئىشەنمىسىڭىز قاراڭ ھە !
ــ بۈگۈن ناھىبە ھەدىسىنىڭ ئۈيىگە بېرىپتىكەن ، جۇۋاۋا قىپتۇ ، بىزگىمۇ قىپ ئەكەپتۇ ، كېلىڭلار ھوي ، بۇ ئىنجىمارۇقۇمنىڭ قولىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقايلى ! ،ــ دەيتتى ئۇ بەزىدە .
ھەممىمىز كونسىپىك تەكشۈرىدىكەن دەپ ئالدىراش بىر نەرسىلەرنى يىزىپ قاخشاپ ئوتتۇرساق ، ئۇ بەھۇزۇر يوتقىنىدا ياتاتتى ۋە بىزگە :
ــ يۈرىۋېلىش دېسە ئۇنىمايسەن ھاڭۋاقتىلار ، ماندا ئوبدان يەرلىرىمۇ با دەيمەن ، ــ دەپ قۇياتتى . يەنە بەزىدە تىلفۇندا ئۇنىڭ «ياق دېسەم ئۈزەڭ ئۇنىمىدىڭ ، ماقۇل ئەپچىقىپ بىرەي ، كەمپىرىم بولغاندىكىن يۇساڭمۇ يۇيۇپ قۇيە بوپتۇ» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالاتتۇق ، ئۇ ئاغزىدا «ۋاي بولدى ئۈزۈم يۇيىمەن» دېگەندەك قىلاتتىيۇ ئەمما ناھىبەگە كىيىم – كېچەكلىرىنى ئەپچىقىپ بەرگەندە تاس قالاتتى پايپاق ، كۇسارلىرىدىن تارتىپ ئەپچىقىپ بەرگىلى بەزىدە ئۇلارغا قاراپ ئاغزىمىزنى تامچىتىپمۇ قالاتتۇق ھەم سەدىردىنگە قاخشاپمۇ قۇياتتۇق . چۈنكى ئۇنىڭ لايىقى بىزنىڭ مەكتەپتە ناھىبە بولغان بىلەن ۋاقىتلىق لايىقلىرىمۇ خېلى باتتى ،،، بۇ قىزلار بىر ئىشلارنى سەزمىگۈدەك شۇنچە ئاخماقمۇ ياكى بۇ ئاغىنەم قىز بالىنى گوللاشقا شۇنچە ئۇستىمۇ ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىرەر قېتىم لايىقلىرى ئالدىدا چېنىپ قالغىنىنى بىلمەيتتۇق .
بىر كۈنى كەچلىك تەكراردا ناھىبە بىلەن ئالدى – كەينى ئولتۇرۇپ قاپتىمەن ، قارىسام بېشىنى كۆتۈرمەي بىر نەرسە يازغىلى تۇرۇپتۇ ، ئىچىم پۇشۇپ ئۇنىڭ چېچىنى تارتتىم .
ــ چېچىمنى تارتما جۇمۇ ، خاتا چۈشىنىپ قالىمەن ، ــ دېدى ئۇ چاخچاق قىلىپ .
ــ يېنىمغا چىقىپ ئوتتۇرە ھوي ، ئىچىم سىقىلىپ قالدى .
ــ بېشىم ئون ئەمەس مىنىڭ ، ھېلى ئۇلار كىرىپ سەن بىلەن بىرگە ئوتتۇرغىنىمنى كۆرۈپ قالسا ، خۇدايىم ساقلىسۇن ، كەچتە ياتاققا قايتقاندا چاچ – پاچلىرىمدىن ئايرىلىپ قالماي يەنە ، ــ پىخىلداپ كۈلدى ئۇ .
ــ چېچىڭنىڭ ئۇلارنىڭ قۇلىدا يۇڭدىلىشىدىن ئەنسىرىدىڭمۇ ياكى سەدىردىننىڭ قۇلىدىمۇ ، ئۇنداق يېرى بولسا ئوتتۇرىۋە جايىڭدا ، بىچارە بايقۇش ، بىر ئوبدانلا بالىتىڭ ، خويمۇ قورقۇتۇۋېتىپتىدە ئۇ سېنى .
كىچىككىنە ئاغزىنى ئۈمچەيتتى ئۇ . ( ئۇنىڭ ئاغزىنى شۇنچە ئوماق دومسايتىدىغىنىنى ئەنە شۇ چەغدا بايقىغانمەن ) ، ــ ساراڭ …سەن قورقمىساق مەن نىمىگە قورقاتتىم چىقسام چىقتىم ، ــ ئۇ شۇنداق دېگەچ دەپتەر – قەلەملىرىنى يىغىشتۇرۇپ يېنىمدىكى بوش ئۇرۇنغا كەلدى .
ــ قىززىق گەپقۇ بۇ ، مەن دېگەن بويتاقمەن ، تېخى ئىككىڭدەك بېشىم باغلانمىغان …
گىپىمنىڭ بېلىگە تىپىۋەتتى ئۇ :
ــ ھە ، مەن دەل مۇشۇنى دىمەكچى ، مىنىڭ بېشىم باغلىنىپ بولغان ، شۇڭا قورقمايمەن ، لىكىن سەن بىچارە تېخى بويتاق ، شۇڭا ساڭا قىز بالا چىقماي قالمىسۇن دەپ سېنى ئاياۋاتسام …ۋۇ ياخشىلىق ياراشمايدىغان مەتو…
ئۇ كۇنى ئەنە شۇنداق پاراڭلاشقىنىمىز ئېنىق ئىسىمدە ، ئۇنىڭدىن نىمە يىزىۋاتقانلىقىنى سورىسام ئۇ سەدىردىننىڭ كونسىپىكىنى تۇلۇقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا يۈرىكىم چىممىدە قىلىپ قالغاندەك بۇلۇپ ئاچچىق بىر سىزىم ئىلكىدە قالغانمەن ، چۈنكى ھەر بىر خەتنى رەڭدە ئەمەس قان – تەرىدە يىزىۋاتقان بۇ قىزنىڭ ئەقىدە قىلغان ئادىمى ھازىر يېڭى تۇتقان قىز دوستى بىلەن بىرگە…ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن قاراپ ئولتۇردۇم ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى خىيال قىلدىم ، ئۇنىڭ يىزىۋاتقىنى خەت ئەمەس بەلكى ئىشەنچ ئىدى ، ئەقىدە ئىدى ، ۋاپادارلىق ئىدى ، كۈيۈم ئىدى ، مۇھاببەت ئىدى …ئەمما شۇنچىلىك پاك قەلبنىڭ قۇربان بىرىشىگە ئىرىشىۋاتقان كىشى بەلكىم ھازىرنىڭ ئۈزىدە …
ــ بۈگۈن كەچتە يەنە قايتىپ كەلمەمسەن ، ــ دەپ سورىدىغانىدۇق تېخى بايا ئۇنىڭ قېتىپ ياسىنىشلىرىغا قاراپ .
ــ ياق…ئۇمۇ كەتكىلى قويمايدۇ ھەقاچان …بۈگۈن زادى كەلمىسىڭىز بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالغانلىقىغا قارىغاندا ،،،ھى ھى ھى ،،، بىر كۈنى مەكتەپكە ئەكىلەي دەيمەن ، كۆرسەڭلا ھەيران قالىسىلە دەيمەن ، مودىلنىڭ ئۆزى ، ۋاي بەك چىرايلىق .
ــ ناھىبە كۆرۈپ قالسا قانداق قىلىسەنوي ؟
ــ ھىچقانداق قىلمايمەن ، بىزنىڭ كەمپىر بىزگە ئىشىنىدۇ ، بەك بولمىسا ئىمراننىڭ مابىتى دەپ گەپنى ياسايمىز شۇ …
ئۇ چىقىپ كەتتى ، بىز بولساق يا ھەۋەسلىنىشنى يا ھەسەت قىلىشنى بىلمەي ئۇنىڭ ئارقىدىن قاراپ قالدۇق…
ــ كۈزۈڭ ئېقىپ كەتمىسۇن يەنە ، نىمانداق قارايسەن ،ــ خىيالىمنى بۈلىۋەتتى ناھىبە .
ــ ئۇنىڭ كەمپىرىگە قاراۋاتىمەن ، ئەجەپ ھىس قىلماپتىكەنمەن ، چىرايلىق نىمىكەنسەن جۇمۇ !
ــ كۈمۈلۈپ قالغان ئالتۇنيا بىز ئەينا ! ئەينى ۋاقىتتا ئەجەپ بىر يۈرۈپ قۇيايلى ئىمران دېسەم قاراپمۇ قويمىغانتىڭ ، مانا ئەمدى ئولتۇرۇپلا قالدىڭ ،،،مۇشۇنداق ھەممە قىزلاغا ياغاچتەك غادىيىپلا يۈرسەڭ ئولتۇرۇپلا قالىدىغان چېغىڭۋا…
بۇ غولجىلىقنىڭ تۇلۇق خوتەن تەلەپپۇزىدا قىلغان چاخچىقىنى ئاڭلاپ كۈزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكۈچى كۈلدۈم .


قانداق كۈچنىڭ تەسىرىكىن بىلمىدىم ، ياتاققا كىرسەم سەدىردىنغا ، سىنىپقا چىقسام ناھىبەگە بەكەرەك دىققەت قىلاتتىم .سەدىردىننىڭ قىلىۋاتقانلىرىدىن ئۇنىڭ ناھىبەنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى ، ياخشى كۆرمەمدىكىن دېسەك ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا بىر قاتار «جېنىم ، تاتلىقىم ، ئومىقىم » ...لار ئاغزىدىن چۈشمەيتتى ، ياخشى كۆرەمدىكى دېسەك ھەپتە ئاخىرلىرى ئىككى كۈندە بىر يالغان باھانە – سەۋەپلەرنى توقۇپ چىقىپ باشقا مابەتلىرىنىڭ قېشىغا كىتەتتى ، ناھىبەنىڭ ھەدىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈرۈمچىدە بۇلۇپ قېلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت ئىدى ...
شۇنداق قىلىپ بىلىپ – بىلمەي يەنە بىر يىلنى ئۇزاتتۇق ، ھازىر ئويلىسام ئۇ بىر يىلدا سەدىردىننىڭ ناھىبەگە قىلغانلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرەر قېتىم قىزلارنى خارلىماسلىق توغۇرلۇق ئېغىز ئېچىپ باقمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىشى ناتايىن ، چۈنكى بىر قىزنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقانلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەقىدىسى ۋە ئىشەنچىنى خارلىغان ، كۆزىنى مىت قىلماي تۇرۇپ كۈنىگە نەچچە قىزغا «سىزنى سۆيىمەن» دىيەلەيدىغان كىشىنىڭ قۇلىدىن يەنە نىمە كىلەتتى . سەدىردىنگە دىيەلمىگىنىم بىلەن ناھىبەگە يېقىنچىلىق قىلاتتىم ، ئۇنىڭ يىگىتى ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىرىغا قاراپ ھەم سۈيۈنەتتىميۇ ھەم ئىچىم ئاغرىيتتى . قانداق بولدى بىر قېتىم ئۇ خىلىلا قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالدى ، ئەمما سەدىردىن بولسا ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى .
ــ ناھىبە بۈگۈن يەنە دەرىسكە چىقمىدى ، خىلىلا ئېغىرمۇ نىمە ؟ ، ــ ئەتەي سورىدىم ئۇنىڭدىن .
ــ بۈگۈن يەنە قايتىدىن قىزىپ كىتىپتۇ .
ــ كۆرۈشتىڭمۇ ؟
ــ ھە ، بايا تىلفۇن قىلغان ، ياتىقىدىكەن .
ــ تاماق ئەكىرىپ بەدىڭمۇ ؟
ــ ياق ، ياتاقداشلىرى تۇرسا يېنىدا .
ــ ھەي ئاداش ، سادىغاڭ كېتەيلا غۇلجۇلۇق چاخچاقچى ئاداش ، ئۇنداق قىلماي بىر ۋاق تاماق سۇنۇپ بەرگىن ھوي .
ــ يېنىمدا پۇلمۇ قالمىداۋا ھازىر ، تاماق كارىمدا ئەسلى .
ــ تېخى ھەپتىنىڭ بىرى پۇل ساپتۇ دەۋاتمامتىڭ ؟
ــ ۋاي ، كازىۋەنگە چىققاندا تۈگىدى ئۇ پۇل ...
ئۇ يەنە نىمىلەرنى دېدى يادىمدا يوق ، قۇلىقىمغىمۇ كىرمىدى ، يېنىمدىكى پۇلدىن ئۇنىڭغا تۇتقۇزدۇم .
ــ قارا ئاداش ، قىزلارنىڭ كۆڭلى نازۇك ھەم ئاجىز ، بىر ۋاق تاماقنىڭغۇ كارايىتى چاغلىق ، لىكىن كۆڭۈل دېگەن كىچىككىنە يەردە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆز قۇلۇڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بەرگەن تاماق ئون بوتۇلكا ئۇكۇلدىنمۇ بەكەرەك تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئۇنىڭغا ...
ئۇنىڭغا تازا سۆزلەۋەتسام تىلفۇن كەپ قالدى ، قارىسام خىجىل بولدىمۇ ياكى مېنى ئاتىكارچىلىق قىلدى دېدىمۇ بىلمىدىم ، بېشىنى سېلىپ ، قاپاقلىرىنى تۈرۈپ ئولتۇرۇپ كىتىپتۇ ، ھىچ تىلفۇننى ئالىدىغان چىراي ئەمەس ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ئالدىم .
ــ ۋەي !
ــ ۋەي ، ياخشىما ؟
ــ كىمنى ئىزلەيسىز ؟
ــ سەدىردىننىغۇ !
گەپ قىلىشلىرىدىنلا قانداق قىزلىقى چىقىپ تۇرمامدۇ . ئۇنى چاقىرىپ قۇيۇپ ئۇدۇللا تاماققا چىقىپ كەتتىم .
تاماقتىن يېنىپ يەنە ئۇدۇل ياتاققا قايتىپ كىردىمدە كومپيوتۇرنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىلە ئەتراپىدىغۇ دەيمەن ، ياتاققا تىلفۇن كەلدى ، ئالسام ناھىبە ، تېخى تاماق يىمەپتۇ ، سەدىردىنمۇ تېخىچە تىلفۇن قىلماپتۇ ، « ما ، ناكەسنىڭ قىلغان ئىشىنى » دىدىم ئىچىمدە .
ــ نىمە مۇشۇ كەمگىچە تاماق يىمىدىڭ ؟
ــ شۇ ، گېلىمدىن ئۆتمىسە !
ــ گېلىڭنى بىرسى ئارغامچىدا بوغۇپ قۇيۇپتىكەنما ؟ ياتاقتا كىملە با يەنە ؟
ــ ئارزىگۈل ئىككىمىز شۇ !
ــ نىمىگە يىغلايسەن ، تىلفۇننى بىرە ئارزۇغا ، بولە تىز ! (سەدىردىنگە بولغان ئاچچىقىمنى بۇنىڭدىن چىقىرۋاتامدىن ، ياكى ئۇنىڭ تاماق يىمەي يۈرگىنىگە ئاچچىقلاۋاتامدىم ئۈزۈممۇ بىلمەيتتىم )
قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرىمەن ، كاللامدا ئاچچىقلا بار ، ئارزۇگۇلگە دېگىنىم بۇيىچە ناھىبەنى پەسكە ئېلىپ چۈشۈپتۇ . «نەگە ئاپىرىسەن» دېگىنىگە جاۋاپمۇ بەرمەي ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ يۈرۈپ مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئەپچىقتۇق ، ماشىنا توستۇق .
ــ ئارزۇگۇل ، سەن قېپ قال .
پەقەت ناھىبەنىلا ئېلىپ ماڭدىم ، ئارزۈگۈلمۇ گەپ – سۆزسىز مەكتەپنىڭ ئالدىدا قالدى .
ــ نىفىت چارلاش ئەتىرتىگە ! ،ــ دېدىم شوپۇرنىڭ «نەگە بارىسىلەر»دېگەن سۇئالىغا .
ــ ساراڭ بولدۇڭما ؟ بەك يىراق ، ئاپتۇۋۇزغا چىقايلى .
ئاۋازىنىڭ زەئىپلىكىدىن يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى ، پىشانىسىدىن تۇتتۇم ، خېلىلا قىززىق ، لەۋلىرى گەز باغلاپ كېتىپتۇ ، ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ئوڭ قولۇمنى ئۇنىڭ مۇرىسىدىن ئېلىپ ئۇنى ئۆزۈمگە يۆلەندۈردۈم ، ئۇمۇ كۆزلىرىنى يۇمۇپ رايىشقىنە ماڭا يۆلەندى .
مەھەللىگە يېقىن كەلگەنسىرى سەل قورقۇپ قالدىم ، باياتىن نىمىشقا ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىشنى ئويلاپ قالغاندىمەن ، ئاتا – ئانامغۇ ناھايىتى ئوڭلۇق كىشىلەر ئۆيگە كەلگەن مىھمانغا ھەرگىز قىيا كۆزدە قاراپ قالمايدۇ ، ئەمما نىمىلا دېگەن بىلەن مەن دېگەن بىر ئوقۇغۇچى ، بىر قىز بالىنى مۇنداقلا ئۆيگە باشلاپ كىرسەم ...ۋاي ، بولدىلا ...باشقا كەلگەندە باتۇر ...
ئاپام دەسلىۋىدە سەل ھەيران قالغاندەك بولدۇيۇ ، ناھايىتى تىزلا ئىسىگە كەلدى ۋە مىھمانغا مەن ئويلىغاندىنمۇ ياخشى قارىدى ، ئانىنىڭ قۇلى ۋە مىھرى باشقىچە بولسا كېرەك ، كەچكە يېقىن خىلىلا ياخشى بۇلۇپ قالدى ، كەچلىكى ئۇ ھەرقانچە نىمىلا دېسۇن ئاپام بىلەن سىڭلىم ئۇنى كەتكىلى قويمىدى ، قانچىلىك خوش بولغىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن ، ئۇنى سىڭلىمنىڭ ياتاق ئۈيىگە ئۇرۇنلاشتۇردۇق ، كەچتە يېتىشتىن بۇرۇن ئۇ ، سىڭلىم ۋە مەن خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق ، سىڭلىم ھە دېسىلا «غۇلجىنىڭ قىزلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق چىرايلىق بۇلامدۇ ، كىرپىكىڭىزدىن ئازراق بىرىڭچۇ ھەدە ، چېچىڭىزدىنمۇ ئازراق ...» دەپ ھەممىمىمزنى كۈلدۈرۋېتەەتتى . ئەتىسى بىر كۈنمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى ، ئۇ خىلىلا ياخشى بۇلۇپ قالغانىدى ، دادام بىلەن ئاپامنىڭ يۇشۇرۇنچە «يۈرىۋاتقىنى ئەمەستۇ ھە ، ھازىرقى بالىلارغۇ مۇشۇ يېشىدىن باشلاپلا يۈرىۋېلىشىدىغان بۇلۇپ كېتىپتۇ » دېيىشكىنى ئاڭلاپ ، خۇددى يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ئۇۋالچىلىقتا قالغان ئادەمدەك بىئارام بۇلۇپ قالدىم ، پۇرسەت تېپىپ ئاپامغا چۈشەندۈرۈپ ۋە ئىشەندۈرۈپمۇ ئۈلگۈردۈم .
مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق ، ياتاققا كىرىپلا سەدىردىننى سورىدىم ، تېخى قايتىپ كەلمەپتۇ ، ياتاقداشلىرىم كەچتىكى سىنىپ يىغىنىغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن ، ئۇلار بىلەن بىردەم پاراڭلاشتىم ۋە بولغان ئىشلارنى قىسقىچە ئېيتىپ بەردىم .
ــ مەن ناھىبە بىلەن سەنچىلىك يېقىن بولغان بولسام ، بۇ ئىشلارنى ئاللىقاچان دەۋېتەتتىم ئۇنىڭغا ، بىچارىگە قارىسام ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ بەزىدە !
ــ راست دەيسەن ، قاچانلا قارىسا ئاغزىدىن سەدىردىننى چۈشۈرمەي ، كۈلۈپلا يۈرگەن ...قىز بالا دېگەن شۇنداق ئاخماق چېغى !
ــ ۋاي ئۇنداق ساددا قىزلار مىڭنىڭ ئىچىدىن بىرەر چىقسا تاڭ جۇمۇ ! بىزنىڭ مابەتنى بىلىسىلەنغۇ ؟ ياتاقنىڭ تىلفۇنى ئالدىراش بۇلۇپ قالسا خوشنا ياتاققا تىلفۇن قىلىپ يوقلىما قىلىپ كېتىپ بارغان ، خۇددى بىر ياتاقنىڭ تىلفۇنىنى مەنلا كۆتۈرە ئېلىۋالغاندەك ، يولدا بىرەر يۇرتلۇقۇم ئۇچراپ قىزغىنراق كۈرۈشۈپ قويسامغۇ سۇئال –سوراققا كۈمۈلۈپلا كىتىمەن ...سەدىردىنگىمۇ زادى شۇنداقتىن بىرسى لازىم .
كەچلىكى يىغىنغا چىقىپ كىتىۋېتىپ ئۇقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا سەدىردىننى ئۇچراتتۇق ، باشقىلار بىلەن قىزغىن مەن بىلەن ئادەتتىكىدەك كۆرۈشتى .
سىنىپتا ناھىبە بىلەن بىرگە ئولتۇردۇم ، ئۇ بىردەم ئاپامنى ماختايدۇ ، بىردەم سىڭلىمنى ، ئۇنىڭدىن سەدىردىننى سورىدىم ، ئۇنى مەكتەپتىن ئاچىقىپ كەتكەن ئىككى كۈندىن بىرى ئارىمىزدا تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ گېپى بۇلىنىشى ئىدى .
ــ باياتىن ياتاققا تىلفۇن قىپتىكەن .
ــ ئىككى كۈندىن بىرى نەگە بېرىپتۇ ، مەنمۇ ھىچ كۈرۈشكەندەك بولمۇدۇم .
ــ مەكتەپتە مەن دەيدىغۇ ، مېنى ئىزلەپ تاپالماپتۇ ، ياتاقتا تىلفۇننى ئالىدىغان ئادەم يوقكەن دەيدۇ .
ــ ياتىقىڭدا راست ئادەم يوقمىتى ؟
ــ قىزلاغۇ ، بىز باتتۇق دەيدۇ .
ــ ئۇنىڭغا «ياتاقتا قىزلار باركەنتۇق» دەپ دېمىدىڭما ؟
ــ قويغىنا ، بەلكىم راست ئادەم يوق ۋاقىتقا توغرا كىلىپ قالغاندۇ ، ۋە بەلكىم دوستلىرى كېلىپ ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ ۋاقتى يەتمىگەن بولسا ئامالسىز شۇنداق دېگەندۇ ، ئۇمۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئايىغاندۇ شۇ !
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرۇشلىرىدىن ھەيران قالدىم ، ھەي ناھىبە ! ساددا ناھىبە ! ئاخماق ناھىبە ! دۆت ناھىبە ! شۇنچىلىك ئىشنىمۇ بىلمىسەڭ ، ھىس قىلالمىساڭ ، سېنى ئوڭلۇق دەيمۇ ، ساددا دەيمۇ ، كەڭ قورساق دەيمۇ دۆت دەيمۇ ؟ ئوغۇللارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاشۇ «تاتلىقىم ،،،ئومىقىم ...جېنىم ،،،» دېگەن ئەركىلىتىشلەرلا ھەممىگە يېتەمدۇ ؟ گەپنىڭ ئېغىزىدىن چىقمىقى ئاسان ئۇنى ئەمەلىيەتتە قىلماق قىيىن ...سەدىردىننىڭ تۈگىمەس باھانىلىرى ئاستىدا ئىشەنچىڭنىڭ خارلاپ يۈرەرسەنمۇ ؟ ياكى ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈنلا ھەممىگە چىداپ كېلىۋاتامدىغانسەن ؟ ساڭا قارىغانسىرى قىزلارغا قايىللىقىم ئېشىم بېرىۋاتىدۇ ، بەلكىم ھىس قىلغانسەن ، ئەمما ھىس قىلغىنىڭنى ئىتراپ قىلغۇڭ كەلمەيۋاتقاندۇ ، ساڭا ھەممىنى دەۋەتكۇم بار ، بەزىدە قورقۇپمۇ قالىمەن ، نىمىدىن دەمسەن ، ئۇ ئارىلىشىدىغان قىزلار ئادەتتىكى قىزلار ئەمەس ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئادەتتىكى مۇناسىۋەت ئەمەس ، قورقىدىغىنىم ، دەل مۇشۇ ، بىر كۈنلەردە ئۇ ئاشۇ قىزلارغا تۇتقان مۇئامىلىنى ساڭا تۇتۇپ قالسا ،،،خۇدايىم ساقلىسۇن ، سەنغۇ ئەدەپ – ئەخلاقلىق ، شەرمى – ھايالىق قىز ، بىرنەچچە قېتىم سەدىردىندىن سەندىن ياتاققا قايتىپ كىركەتمەسلىكنى ئۆتۈنگەندە قەتئىي قۇشۇلمىغانلىقىڭنى ئاڭلىغانمىز ، لىكىن ئادەم ئەنسىرەپمۇ قالىدىكەن ، چۈنكى سەدىردىندەك ئىش كۆرگەن بالىنىڭ ئالدىدا سەن تېخى گۆدەكسەن ...
ياتاقتا سەدىردىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزغا تەسىر يەتتى . ئۇمۇ ماڭا بۇرۇنقىدەك ئۇچۇق – يۇرۇق گەپ قىلمايدۇ ، مەنمۇ ھەم شۇ ...نىمىشقىكىن ياتاقتا تۇرغۇم كەلمەس بۇلۇپ قالدى ، بۇرۇن ياتىقىمغا شۇنچە ئامراق ئىدىم ، ئۈيۈمنىڭ ئۈرۈمچىدە بۇلىشىغا قارىماي شەنبە – يەكشەنبىلىرى ئۆيگىمۇ قايتماي تۇرىۋالاتتىم . مانا ئەمدى ئۆزۈمنى ھەرقانچە زورلاي ياتاققا قايتقۇم كەلمەيدۇ.
بىر كۈنى ناھىبە دەرسكە چىقمىدى ، ئارزۇدىن سورىسام يەنە ئاغرىپ قاپتۇ . سەدىردىننىڭ بۈگۈن كەچتىلا كازىۋەندىكى يېڭى مابىتىنىڭ يېنىغا چىقىدىغىنى ئېنىق ، كەچلىك تاماقتا ئۇنى تەكلىپ قىلىپ بىرگە تاماق يىدۇق .
ــ كىرىپ ياخشى ئارام ئالغىن ، ــ دېدىم قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا .
ــ خالىساڭ كۆل بۇيىنى بىردەم ئايلانساق ، ياتاققا كىرگۈم يوق !
ــ ھاۋا شاماللىق تۇرسا ، سېنى يەنە شامالداپ قالمىسۇن دېدىم ، ماقۇل كۆڭلۈڭ شۇ يەرنى تارتقان بولسا بىردەم ئايلىنايلى !
ئۇنىڭ بىلەن يانمۇيان كېتىۋاتىمەن ، خىيالىمدا ياتاقتا بۇلۇنغان گەپ – سۆز ،،،بەزىلەر دەيدۇ ، سەدىردىن بىلەن مۇناسىۋېتىمىزنىڭ يىرىكلىشىپ قېلىشىغا ناھىبە ئىككىمىزنىڭ يېقىن بۇلىشى سەۋەپچىكەن ، شۇڭا ناھىبە بىلەن يېقىن ئۆتمەسلىكىم كېرەككەن . يەنە بەزىلەر دەيدۇ ، ناھىبە ئالدانغانلىقنىڭ ئۈستىگە مۇشۇنداق ۋىجدانسىزنى دەپ پاك دوستلۇق مىھرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالسا ئۇنىڭغا ئۇۋال بۇلىدىكەن ، بىلمىدىم ...بىلىدىغىنىم پەقەت ئاجىز قىزنىڭ نازۇك كۆڭلىنى خوش قىلىش .
ــ مۇشۇ كۆلنى نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغان دەيدىكەن راستمىدۇ ؟
ــ ھە ؟ ، ــ خىيالىم بىلەن بۇلۇپ كېتىپ ئۇنىڭ نىمە دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قالدىم .
ــ مەن بۇ مەكتەپكە كىلىشتىن بۇرۇنلا بۇ كۆلنىڭ گىپىنى ئاڭلىغانمەن .
ــ نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن سېنى ، سەن ئاڭلىغان ئون گەپنىڭ بىرى راست بولسا كاشكى ، بىلمەمسەن بىز خەقنىڭ گەپ تېپىشقا ئۇستا ئىكەنلىكىمىزنى !
ــ شۇنچە جىق گەپ سەۋەپسىز چىقماس، بىز كىلىشتىن بىر يىل بۇرۇن بىر غۇلجىلىق قىزنىڭ مۇشۇ كۆلگە ئۆزىنى ئېتىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭ ؟
ــ ئۇنداق مىش – مىش گەپلەرنى جىق ئاڭلىغان مەن .
ــ بۇ مىش – مىش گەپ ئەمەس ، قارا،بىزنىڭ مەھەللىك بىر بالا بۇلىدىغان ، ئۆزى ھەقىقەتەن كىلىشكەن ، ئاجايىپ خۇشچاخچاق ، ناخشا – سازغا ئۇستا ،،،ئىشقىلىپ قىزلار بىر كۆرۈپ كۈيۈپ قالغۇدەك بالا ، ئەممە شۇنچە ئارتۇقچىلىقى بىلەن قۇشۇلۇپ قىزلارغا بەك ئامراق ، مەھەللىمىزدە ئۇ يۈرمىگەن قىزلار ئاز قالغان ، كىيىن قانداق بولدى ئالىي مەكتەپتە بىر قىز بىلەن يۈرۈپتۇ ، ھەتتا ئۇ قىزنى يۇرتقىمۇ باشلاپ ئاپارغان ، بىز تېخى ئۇلارغا قاراپ ئۇنى خېلى ئوڭشىلىپ قالغان چېغى دەپتىمىز ، ئەمما كىيىن ئۇ قىزدىنمۇ ئايرىلىپ كېتىپتۇ . ئۇ قىز ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنى ئىزلەپ غۇلجىغا باردى ، لېكىن ئۇ خوجام قاراپ قۇيامدىغان ، بىر چاغدا ئاپام ئۇ قىزنى بىزنىڭ ئۆيگە باشلاپ ئەكىرىپ جىق تەربىيەلەرنى قىلدى ، كىيىن ئۇ قىز يۇرتىغا قايتىپ كەتكەنمۇ بولدى ، قارا ئىمران ئاشۇ نوچى يىگىتنىڭ بىر سىڭلىسى بۇلىدىغان ،شۇنداق چىرايلىق ، ئاكىسىنىڭ ئەكسىچە شۇنداق يۈزى تۆۋەن ، ئەخلاقلىق ، ئاتا – ئانىسىنىڭ گېپىدىن چىقمايدىغان قىز ئىدى ، مەندىن ئىككى – ئۈچ ياش پەرقلىنەتتىيۇ لىكىن ناھىيىتى ياخشى دوست بوپ ئۈتەتتۇق ، كىيىن ئۇ قىز دەل مۇشۇ مەكتەپكە ئۆتتى ، مەن تۇلۇق 3 – يىللىققا چىققان يىلى كۈزدە تۇيۇقسىز كەلگەن خەۋەردىن ئاغزىمىزنى ئېچىپلا قالدۇق ، قانداق بوپتۇ دېسەڭ ئۇ قىز ئۆزىنى مۇشۇ كۆلگە ئېتىۋاپتۇ ، سەۋەبىنى كېيىن بىلسەك ئۇ قىز بىر يىگىت بىلەن يۈرۈپتىكەن ، ، كىيىن ئايرىلىپ كىتىپتۇ ، بىچارە ئۇ يىگىتنى بەك ياخشى كۆرسە كېرەك ...شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى مۇشۇ كۆلگە ئېتىپ ...
ــ بىچارە دەيسەنغۇ ! ئەقىلسىز ، دۆت دەيسەن مانداق ، بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنگىما ! ئۈتۈپ كەتكەن دۆت نىمىكاناۋا...(ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قايناپلا كېتىپتىمەن)
ــ ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىگىن ، ھەركىم ھەرنىمە دەيدۇ ، ئۆز بېشىغا كەلمىگۈچە بىلمەيدۇ دەپ ، ئۇ بىچارىنىڭ شۇ چاغدا نىمە كۈنلەرنى كۆرگىنىنى كىم بىلىدۇ ، ئەسلىدىنمۇ بەك ئىچى كۈچلۈك قىز ئىدى ...لىكىن بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ ئاكىسىدىن كۆردۇق ، ئۇ يىغلاتمىغان قىزلار ئاز قالغان ، مانا بارچە تارتقۇلۇقنى سىڭلىسى تارتىپتۇ ...ھەربىر قېتىم مۇشۇ كۆلگە قارىسام ئىختىيارسىز ئاشۇ دوستۇم ئىسىمگە كىلىدۇ .
ــ قىزلا دېگەن ئېشەكتىنمۇ دۆت كېلىدىكەن ، ــ دېدىم ئىچىمدە ، ــ ئاشۇنداق تىرىك مىساللار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرسا يەنە ئوغۇللارغا ئاخماق بۇلۇپ مۇھاببەتلىشىپ يۈرگەن .
ئۇ كۈنى كۆلنى بىر ئايلىنىپلا ياتاققا قايتتۇق ، ناھىبەنىڭ ھېلىقى قىزنىڭ گىپىنى قىلغاندا ئاۋازلىرىنىڭ تىترەپ كىتىشى ، كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىشى خۇددى باياتىنقى ئىشتەك كۆز ئالدىمدا ...
ياتاققا كىرىپ كومپيۇتېر ئالدىغا بېرىشمۇ خۇشياقماي ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ بالدۇرلا ئۆزۈمنى كارىۋاتقا ئاتقان بىر كۈنى ئىدى . ياتاقتىكى پاراڭدىن قېچىپ بېشىمنى يوتقانغا پۈركەن يېتىۋالغانىدىم ،
ــ ئىمران چۈشە پەسكە !
بېشىمنى خشياقمىغاندەك چىقىرىپ سەدىردىنگە قاراپ قويدۇم ،
ــ چۈشە ، پاراڭلىشىمىز ، ــ دېدى ئۇ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرغاچ .
ــ گىپىڭ بولسا دەۋەر ، مۇشۇ يەردىمۇ ئاڭلىيالايدۇ قۇلىقىم .
ــ چۈشكىنە !
ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلىقىدىن ئازراق يانغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئازراق يول قويماقچى بولدۇم . ياتاقداشلارنىڭ ھەممىسى تىزىلىپ ئولتۇرۇپ كىتىپتۇ ، تۆتى پەستىكى كارىۋاتتا سەدىردىن ئورۇندۇقتا ، خۇددى مەجلىسخانىدەك ...
مەنمۇ بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇردۇم . ئەمدى ئولتۇرۇشۇمغا بىر تاماكىنى سۇندى ئۇ .
ــ بىلىسەنغۇ ، پەقەت ئېپىم كىلىشمەيدۇ ، ــ دېدىم رەت قىلىپ .
ــ ئوغام بالا ، ــ دېدى ئۇ مىيقىدا كۈلۈپ ، ــ ناھىبەنى شەنبە – يەكشەنبە نەگە ئاپاردىڭ ؟
ــ ئۆيگە ، ــ دېدىم پەرۋاسىزلا .
تاماكىسىنى كۈچەپ شوراپ جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتى ئۇ . ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ يانچۇقىنى ئاختۇرغاچ يېنىمغا كەلدى .
ــ تۇتە ما ئەللىك كۇيۇڭنى ، ۋۇ ماز گۇي ! ئۇ كۈنى ...
ئۇنىڭ پۇلنى ئالدىمغا ئېتىشىغا ۋە ماز دەپ تىللىشىغا چىداپ تۇرالمىدىم ، ئورنۇمدىن قانداق تۇرۇپ كەتكىنىمنى ئۇمۇ بىلمەي قالدى ، ياقىسىدىن ئالدىمدە كاللا قويدۇم !
ئۇ كۈنى خېلى ئوبدان ئۇرۇشتۇق ، بالىلا ئارىغا كىرىپ ئاران تەستە ئۇنى باشقا ياتاق مېنى باشقا ياتاققا ئەپچىقىۋەتتى .
ئەنە شۇ كۈنىدىن باشلاپ ياتاقتا سەدىردىن بىلەن سىنىپتا ناھىبە بىلەن پاراڭلاشماس بولدۇم ، سىنىپتا ئامال بار ئەڭ كەينىدىن ئورۇن ئالىمەن ، ئەڭ كەينىدە ئولتۇرېۋېلىپ ناھىبەگە ئارقىدىن قارايمەن ،( مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ كەيپىياتى ئانچە ياخشى ئەمەس ،) كەسپى دەرسلەردە بولسا ئامال بار ئۇنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا بېرىۋالىمەن ، يەنىلا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن ، ئەمما ئۇنىڭ بېشى مەن تەرەپكە ئازراق بۇرۇلۇپ قالدىمۇ بولدى بەزىدە ھىچ ئىش بولمىغاندەك بەزىدە بولسا خۇددى ئۇنىڭغا قاراپ سالغىنىمغا پۇشايمان قىلغاندەك ئىچىمگە تىنىپ قۇيۇپ باشقا ياققا قارىۋالىمەن . راستىنى دېسەم ئۇنىڭ بۇرۇختۇرمىدا قالغاندەك كەيپىياتىنى كۆرگۈم يوق ، ھەر كۈنى كۈلۈپلا يۈرۈيدىغان ناھىبە بۇنداق شۈكلەپ قالسا ئىچىم ئېچىشىپلا كېتىدىكەن ، نەچچە كۈن بۇرۇن بولغان بولسا يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ « ھە ، غۇلجۇلۇق مۈشۈك ، غۇلجا پەدىسىگە مىياڭشىپ بېرە » دەپ ئۇنى جىلە قىلىپ گەپ باشلاپ بىردەمدىلا چاخچاقلىشىپ كەتكەن بۇلاتتۇق . مانا ئەمدى بىر ئېغىز تىشلىق سوراشقۇدەك ماغدۇر مەندە يوق .
بىر ئاينى شۇنداق تەستە ئۆتكۈزدۈم ، ناھىبە بىلەن سەدىردىن ئايرىلىپ كەتتى ، سەدىردىننىڭ يېڭى تۇتقان ھېلىقى كازىۋەنلىك مابىتى ئۇنداق – بۇندان قىزلاردىن ئەمەسكەن ، ئۇنى ئىزلەپ تولا مەكتەپكە كىلىپ يۈردى ، كىيىن ناھىبەنى ئىزلەپ ئۇرۇشقىنىنى ئاڭلىدىم ، بىچارە ناھىبە ئۇ قىزغا ئىشىنەمدىغان ، ئۇ قىز بىلەن ئۇرۇشقاندىمۇ سەدىردىننى ئاقلاپ يۈرۈپتۇ ، ئەمما ئۇ كازىۋەنلىكمۇ بوش ئەمەسكەن ، سەدىردىننىڭ بېشىنى بەك ئايلاندۇرىۋەتكەن چېغى ، سەدىردىننى تېپىپ كىلىپ يۈزلىشىپتىكەن ، سەدىردىن دېگەن تۇزكور شۇنچە خەقنىڭ ئالدىدا ناھىبەگە « مەن ئۇنى ياخشى كۈرىمەن ، ساڭا بەك ئازار يېتىپ قالارمىكىن دەپ دېمىگەنىدىم ، مانا ئەمدى ھەممە ئىش ئايدىڭ بولدى ، مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن » دەپتۇ ...
ياتاقتا ھەممىمىز سەدىردىنگە ھەيران قالاتتۇق ، بۇرۇن ناھىبەنىڭ ئالدىدا كېرىلىپ « جاھاندا مەن بىرلا » دەپ يۈرۈيدىغان سەدىردىن مانا ئەمدى ھېلىقى قىزنىڭ ئالدىدا قىزلاردىن ئۆتە مۇلايىم ئىدى ، تاس قالاتتى كونسىپەكلىرىنى تۇلۇقلاپ ، كىرلىرىنى ئاشۇ يىراقتىن ئەكىلىپ يۇيۇپ بەرگىلى . سەدىردىننىڭ ئۆزگەرگىنىنى مۇھەببەتنىڭ كۈچى دەيلىمىكىن دېسەك تىلىمىز كۈيەتتى . بىر تۈپ دەرەخنى دەپ ئورماندىن ۋاز كەچمەيدىغان سەدىردىن مانا ئەمدى ھەممىدىن ۋاز كىچىپ بولغانىدى .
سىنىپتا ناھىبەگە ئىچى ئاغرىمىغانلار قالمىدى ، ئۇنىڭ مىجەزى ماڭا ئايان ، ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ تېشىغا چىقارماسلىققا تىرىشىدىغان ، ئىچى كۈچلۈك قىز ، ئۇنىڭغا سەدىردىننىڭ قىلغىنىدىن بەكەرەك سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشى ئېغىر كەلدىمىكىن دەپ ئويلىدىم ، قانداق قىلالايتتىم ، بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ يۈرۈۋەردىم ، ئامال بار ئۇ توغرىسىدىكى گەپلەردىن ئۈزۈمنى قاچۇرۇپ يۈردۈم .
كۈنلەر قانداق ئۈتىۋاتىدۇ ھىس قىلالمايتتىم ، بىر كۈن خۇددى بىر يىلدەك تۇيۇلاتتى ، ناھىبەنىڭ شۈكلەپ كەتكىنىگە قاراپ تېخىمۇ ئىچىم سىقىلاتتى . ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇم ، بۇرۇنقى شوخ كۈلكىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈم كىلەتتى ، ئەمما جۈرئەت قىلالمايتتىم . بىر دوستنىڭ قىلغانلىرى مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى باسالمىسا كېرەك ،
ھەپتە ئاخىرىنى بىر دوستۇمنىڭ ئۈيىدە ئۆتكۈزمەكچى بولدۇم ، بۇ دوستۇم ئەسلىدە مەن بىلەن بىر مەھەللىك بۇلۇپ ھازىر خەلقئارا چوڭ بازاردىكى بىر چەتئەت تىلى تەربىيىلەش مەكتىۋىدە رۇس تىلى دەرس ئۈتەتتى ، شۇڭا ئۆيگە يىراق بۇلۇپ قالىدىكەن بوستان كوچىسىدىن بىر ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتاتتى . ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن ھەممىمىزدىن ئىقتىدارلىق بۇ دوستىمىزغا ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار ئىدى .
ئۇنىڭ بۇ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم كىلىشىم ئىدى ، ئايلانما پەشتاقلىق بۇ ئۈچ قەۋەتلىك كىچىك ھويلىدا مەرداننىڭ ئۆيى ئەڭ ئۈستىكى قەۋەت ئەڭ بۇلۇڭدىكى ئۆيكەن ، فاڭ دوڭ (ئۆي ئىگىسى) ئىللىق چىراي ، بېشىدىن شاپاق دوپپىسىنى ئالمايدىغان بىر خۇيزۇ يولداش ئىكەن ، مەرداننىڭ (دوستۇمنىڭ ئىسمى مەردان ئىدى) دىيىشىچە بۇ ئەتراپتا بىرلىكتە (قىز - ئوغۇل) ئوي ئىجارە ئېلىپ تۇرىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىر بەك كۆپكەن ، ئەمما بۇ خۇيزۇ يولداش ئۇلارغا قەتئىي ئۆي ئىجارە بەرمەيدىكەن ، ئەگەر ئوغۇللارنىڭ قىزلارنى ، قىزلارنىڭ ئوغۇللارنى ئۆيگە ئەكىرىپ قونغىنىنى بايقاپ قالسا شۇ ھامانلا « ھويلامدىن كۆچ» دەپ قوغلايدىكەن .
ــ بىزنىڭمۇ مۇشۇ ئەتراپتا ئاغىنىلەر بار دېگىنە ، جەمىيەتكە چىققاندىن كېيىن تەبىيلا تۇنۇشۇپ كىتىدىكەنسەن ، ــ دەپ سۆزلەشكە باشلىدى ئۇ ــ دەسلىۋىدە ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇرىۋاتقان دېسە « ھە » دەپتىمەن ، كېيىن ئۆيلىرىگە كىرسەم ئىش باشقىچە ، قارىساڭ ئۆي تۇتۇپلا ئولتۇرغان ، ھەيران قالارلىقى كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار ، ئاشۇ قىزلارغا قارىسام ئىچىم ئاغرىيدۇ ، قىزلار باشقا يۇرتلۇق . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قانداق بۇلاتتى دەيسەن ، «سىزنى ئېلىپ قالىمەن جېنىم» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىغانلار جىم تۇرىۋالسا ئۇ بىچارە قىزلار نىمە قىلالايتتى ، مۇشۇ ئەتراپتا ئۇنداق ئىشلار بەك كۆپ ، قارىساڭ كىچىككىنە بىر ئېغىز ئۆي ، ئەمما ئاشۇ كىچىك – كىچىك ئۆيلەرگە نەچچە داستان پۈتگىدەك قىسمەتلەر يۇشۇرۇنغان ...
ئۇنىڭ – بىلەن تاغدىن – باغدىن پاراڭلىشىپ كۈننى كەچ قىلدۇق ، بىرچاغدا تازىلىق ئۈيىگە كىرمەكچى بۇلۇپ پەسكە چۈشتۈم . تازىلىق ئۆيى بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئاستىدىكى بوشلۇققا ئەپچىلگىنە سېلىنغانىكەن ، بۇ خۇيزۇنىڭ كاللىسى بەك ئىشلىسە كېرەك ، قەۋەتنىڭ ئاستىدىكى كىچىككىنە بىكار يەرنىمۇ بوش قويماي كاتەكتەك ئۆيلەرنى سېلىۋاپتۇ . تازىلىق ئۈيىگە كىرىپ چىقىشىمغا ئالدىمغا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئۈنگەن ناھىبەنى كۆرۈپ قېتىپ قالدىم ، ئۇمۇ ھەم ...
ــ بۇ يەردە يۈرۈيسەنغۇ ؟ ،ــ دېيەلىدىم ئارانلا .
ــ ھەئە...دوستۇمنىڭ ئۈيىگە كەلگەن ، سەنچۇ ؟
ــ ھە...مەن،،،مەنمۇ شۇ ...
خېلىغىچە قارىشىپ تۇرۇپ قالدۇق ، راستىنى دېسەم ئۇنىڭدىن پەقەت ئايرىلغۇم يوق ئىدى ،
ــ ئەمىسە ئەتە سىنىپتا كۆرۈشەيلى خوش .
ــ خوش ، ــ ئاۋازىم ئۈزۈم ئاڭلىياىغۇدەك ئارانلا چىقىۋاتاتتى ، ئۇنى تۇتۇپ قېلىشقا نىمە باھانەم بولسۇن ، تازىلىق ئۈيىنىڭ يېنىدىكى بىر كىچىك ئۆي بۇ ھويلىنىڭ گولوخانىسى ئىكەن ، ناھىبە ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى ، قارىسام قولىدا سەي – كۆكتات كۆتىرىۋاپتۇ ، ئۇ بۇ يەردە دوستى بار توغۇرلۇق بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلمىغان بولمىسا ...
ــ گولوخانىنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە كىم تۇرىدۇ بىلەمسەن ، ــ ئۆيگە كىرىپلا سورىدىم دوستۇمدىن ،
ــ قايسىىسىنى دەيسەن ، ھېلىقى ئىشىكىنىڭ تۈۋىگە مەش قۇيۇقلۇقىنىمۇ ياكى ؟
ــ ھە ، ھە شۇنى دەيمەن ، دەرىزىسىگە قەغەز چاپلاپ قۇيۇپتىغۇ شۇنى .
ــ بايا دېدىمغۇ ، قارىساڭ كىرگىڭمۇ كەلمەيدىغان بۇ كىچىككىنە ئۆيلەردىن داستان پۈتىدۇ دەپ ، بىر ئايال بار ، قوشكېزەك بالىلىرى بار ، بالىلىرى تېخى كىچىك ، ئېرى ئاق چىكىپ ھەممىنى ۋەيران قىلىۋەتكەنىكەن ، بىچارە ئايال يۇرتتا قەرز ئىگىلىرىدىن قېچىپ، بالىلىرىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە چىققانىكەن ، دەسلەپتە ئۇيەر بۇيەرلەردە تۇرۇپ بېقىپ ئاخىرى مۇشۇ ئەتراپتا ئۆي ئەرزان دەپ ئاڭلاپ سۈرۈشتە قىلىپ يۈرسە بىزنىڭ فاڭدوڭغا (ئۆي ئىگىسى) ئۇچراپ قاپتۇ ، جاھاندا ياخشى ئادەملەر جىقكەن ، خوجايىن ئۇ ئايالنى بالىلىرى بىلەن قۇشۇپ پەستىكى ئاشۇ ئۆيگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپتۇ . ئاڭلىسام تا ھازىرغىچە پۇل ئالماپتىمىش ،
ــ ئەمىسە ئۇ ئايال بالىلىرىنى قانداق باقىدۇ ؟
ــ شۇنى دەپبىرىۋاتمامدىم ساڭا ، ھەر كۈنلىكى ئەتىگەندە ، چۈشتە ، كەچتە بىر كورىدىن كېسەل ئېشى ئىتىدۇ ، نۇقۇت ، پۇرچاق ، ماش دېگەنلەرنى سېلىپ ، ئاندىن 3 – دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ ، فاڭدوڭنىڭ ئۈچ چاقلىق ھارۋىسىغا سېلىپ ، بىر قېتىم مەنمۇ ئىچىپ باقتىم ، شۇنداق ئوخشىتىپ ئىتىدىكەن ، ئۆزىمۇ پاكىز چىراي چوكانكەن ، ئېشى ھەم ئەرزان ھەم كېسەلنىڭ كۆڭلىدىكىدەك دېگىنە ، شۇنداق قىلىپ ھازىر ئىككى بالىسىنى ئاران – ئاران بېقىپ كېتىۋاتىدۇ .
ــ ئۇ ئايالنى قايەرلىك دېدىڭ ، غۇلجۇلۇقما ؟
ــ ياق ، جەنۇپتىن كەلگەنكەن ، كورلىنىڭ بىر ناھىيىسىنىڭ گېپىنى قىلدىغۇ
دوستۇمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەرقانچە ئويلاپمۇ ئۇ ئايال ۋە ناھىبەنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىدىم . ئاندىن ئويلىغىنىمنى دوستۇمغا دېدىم :
ــ قارا مەردان ، بايا بىر ساۋاقدىشىمنى كۆردۈم ، غۇلجۇلۇق قىز ئىدى ، قارىسام قولىدا سەي – كۆكتات ، ئاشۇ ئۆيگە كىرىپ كىتىۋاتىدۇ ، «نەگە ماڭدىڭ »دېسەم «دوستۇمنىڭكىگە » دەيدۇ . ھىچ ئويلاپ ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ .
ــ ناھىبە ؟ ، ــ دوستۇمنىڭ ئۇنى تۇنۇيدىغانلىقىنى بىلىپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم .
ــ ھەئە ناھىبە ، سەن قانداق تۇنۇيسەن ئۇنى ؟
ــ ئۇ ئايالدىن ئاڭلىغان ، پەرىشتىدەك قىزكەنغۇ ئۇ !
ــ دېگىنە نىمە ئىش زادى .
ــ ئالدىرىما ، باياتىن دېمىگەن مۇشۇ گەپ قالغان ئەمدى ، مەن ئۇ ئايالدىن ئاڭلىغان ، بىر قانچە قېتىم ئۆزىنىمۇ كۆرگەن ئۇ قىزنى ، ئەمما ئوقۇغۇچى يەنە كىلىپ باشقا يۇرتلۇق دەپ ئويلىماپتىمەن ، بىر قېتىم ، ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ ھەدىمىزنىڭ يېڭىدىن سۇيۇقئاش سېتىشقا باشلىغان ۋاقتىكەنتۇق ، ئۇ ۋاقىتتا 2 – دوختۇرخانا ئالدىدا ساتاتتىكەنتۇق ، سودىسىمۇ خېلى يامان ئەمەسكەنتۇق ، بىر كۈنى دوختۇرخانا ئالدىنى باقىدىغانلار ھەدىمىزنىڭ ھارۋۇسىنى تارتىۋاپتۇ ، بىچارە ئايال نىمىلا دېسە قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ ، شۇنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يېرىم كۈن باشقىلارغا يالۋۇرۇپ دوختۇرخانا ئالدىدا ئاپتاپتا قېلىپ ئىسسىق ئۈتۈپ كېتىپتۇ . كەچكە يېقىن ھىچ ھالى قالمىغان بىچارە ئايال يېنىپ كېلىۋېتىپ دۆڭكۆۋرۈكنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى قاشتېشى دۇكىنىنى بىلىسەنغۇ ، ھە شۇ يەرگە كەلگەندە بېشى قېيىپ ئولتۇرۇپلا قاپتۇ ، بىر چاغدا ئىسىگە كەلسە يېنىدا بىر قىز تۇرغان ، ئۇ قىز دەل سېنىڭ ساۋاقدىشىڭ - ناھىبە ، ئۇ ئايالنى يۆلەشتۈرۈپ ئۆيىگە ئەكەپ قۇيۇپتۇ ، ئەتىسى بېرىپ ھارۋۇنى ئەكىلىشىپ بېرىپتۇ ، مانا شۇنىڭدىن بېرى ھەر شەنبە – يەكشەنبە مۇشۇ ھويلىدا بارغۇ ئۇ قىز ، ئاڭلىسام ئۇلارغا بەك كۆپ ياردەم قىپتۇ ، ھەر قېتىم كەلگەندە قۇرۇق قول كەلمەيدىكەن ...
دوستۇمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيرانلا قالدىم ، سىنىپتا سېلىشتۇرساق ئۇ قىزلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاددى – ساددا يۈرۈيدۇ ، قىشتىكى قىزىل ، ئۇزۇن مامۇق چاپىنى ، يازدىكى ئاق گاڭسىرى ۋە ئاددىغىنە پادىچىلار شىمى ! ھە راست ، ئەمدى ئىسىمگە كەلدى ، ئۇ ھەرقېتىم تەكراردىن يانغاندا سىنىپتا ئەڭ ئاخىرىدا قېلىپ بوتۇلكا تېرەتتى . يولدا مېڭىۋېتىپمۇ ، ئاپتۇبۇستا تۇرۇپمۇ ، ئاشخانىغا كىرىپمۇ ئالدىغا ئۇچۇرغانلىكى بوتۇلكىلارنى تېرىپ ماڭاتتى ، ئاڭلىسام ياتاقلاردىمۇ شۇنداقكەن . ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم . سەدىردىننىڭمۇ ھەپتە ئاخىرلىرى « مېنى يوق دەپ قۇيۇڭلارچە ، بىر يەرگە بارىمىز دەپ تۇرىۋالغان...» دېيىشلىرىنىمۇ ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم . نىمە دېگەن ئاقكۆڭۈل قىزسەن ناھىبە ! كۆڭلۈڭنىڭ بۇ دەرىجىدە ياخشىلىقىنى ئەجەپ ھىس قىلماپتىكەنمەن . قەلبى قاشتېشىدىن سۈزۈك دېسە نىمىنى دەيدىكىن دەپتىمەن ، ئەسلى سەندەك ئاقكۆڭۈل قىزلارنىڭ قەلبىنى دەپتىكەندە ! لېكىن بىر ناكەس تۈپەەيلى باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىدىڭ ، يەتكۈچە ئازاپلاندىڭ ، كۆزلىرىڭدىن ياش ئەمەس قان ئاقتى ، سەندەك قىزلار تارتىشقا تىگىشلىك دەرت ئەمەستى بۇ ! ھېلىمۇ مۇشۇ خىسلەتلىرىڭنى يوقاتمىغايسەن ، تۇرمۇشنىڭ ئەگرى – توقاي يوللىرىدا ئىزىڭدىن يېنىپ ، ئىرادەڭدىن قايتىپ قالمىغايسەن ، ئاللا بەختىڭنى بەرسۇن ناھىبە !
كەچلىكى دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قېلىش پىلانىمنى بۇزۇپ ناھىبەنى ئېلىپ مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم . ئۇنىڭ تەلىۋى بويىچە يان يولدىن خانتەڭرىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئاندىن كونسۇل كوچىسىنى بويلاپ پىيادە قايتماقچى بولدۇق .
ــ نىمىشقىكىن مۇشۇ ئارىقنى بەك ياخشى كۆرىمەن ، ــ دېدى ئۇ ، ــ بۇ يەردە ھەرخىل تىپتىكى ھەرقانداق ئادەمنى ئۇچۇرتالايسەن ، بىكار بولسام خانتەڭرىنىڭ ئالدىدىكى قېتىقچى موماي بىلەن ئەھۋاللاشقاچ ئۇنىڭ قېتىقىنى ئىچىپ كىلىمەن ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق – چۈچۈكىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ئەمەس بەلكى رەسمىي تېتىۋاتقاندەك بۇلىمەن ، كۈچۈم يار بەرسە ئاۋۇ يايمىچىنى كۆردۈڭمۇ ، يوغان ھارۋىنى ئاران ئىتتىرىپ كېتىپ بارغان ، ئۇنىڭ يايمىسىدىكى ھەممە نەرسىنى سېتىۋالسام دەيمەن ، ئېيتقىنا ئىمران ، نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ ؟ ئوخشاش بىر زىمىندا ياشايمىزيۇ بەزىلىرىمىز باي بەزىلىرىمىز كەمبىغەل ، كۆردۈڭمۇ ، مۇشۇ ھەشەمەتلىك ئاشخانىلارغا كىرىپ كېتىۋاتقانلارغا ...ئۇلارغا «ئايىقىڭىزنى مايلىتامسىز » دەپ يالۋۇرۇپ ، تەلمۈرىۋاتقانلارغا ، نىمشقا شۇنچە جاپا تارتىۋاتقانلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنى ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا شۇنچە ناچار ، ئويلىساملا ئىچىم ئېچىشىدۇ .
ــ مانا بۇ تۇرمۇش ، شۇڭا يازغۇچىلار تۇرمۇشنى ئاياغقا ئوخشىتىدىكەن ، باشقىلار پەقەت ئۇنىڭ سىرتىنى كۆرەلەيدۇ ، ئەمما پۇتۇڭنى قىستىغان ، قىستىمىغان ، ئاغرىغان ياكى ئاغىرمىغانلىقىنى ئۈزۈڭلا بىلگەنگە ئوخشاش ، قارا مۇنداق مىسال كەلتۈرەي ، ئاۋۇ ئەينەكنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان كىشىنى كۆردۈڭمۇ ، قارىساڭ باياشاتلىقى چىقىپ تۇرىدۇ ، ئەمما بەكەرەك دىققەت قىلساڭ ئۇ ئىچىدىن چىقىرىپ كۈلەلمەيۋاتىدۇ ، يەنە قارا ، ئاۋۇ باققال كىشىنى كۆردۈڭمۇ ، ناگان – ناگاندا ئەينەكنىڭ ئىچىدىكىلەرگە ھەۋەسلىنىپ قاراپمۇ قويىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ خېرىدار چاقىرغاندىكى جۇشقۇنلىقىغا ، قولىنىڭ چەبدەسلىكىگە ، چىرايىدىكى كۈلكىگە قارا ، خۇددى مۇشىنىڭغا ئوخشاش ، سەن ئۇلارغا بىرلا قاراپ باياشات ئۆتىۋاتقان كىشىنىڭ ھىچقانداق غېمى يوق دەپ ئېيتالامسەن ، ئاۋۇ باققالنى يوقسۇل ، جاپاكەش دەپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتالامسەن ؟ تۇرمۇش سەن ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەس ناھىبە ، لىكىن بۈگۈن سەندىن ھىس قىلمىغان نۇرغۇن نەرسىەرنى ھىس قىلدىم ، ھەممە ئادەمدە بۇلىۋەرمەيدىغان ئاجايىپ ئىسىل يۈرىكىڭ باركەن ، مەن ئويلىغاندىنمۇ ئاقكۆڭۈل قىزكەنسەن .





: گۇناھكار قەلب(3)


شۇنداق قىلىپ خانتەڭرىنىڭ ئالدىدىن مەكتەپكە پىيادە قايتىپ كەلدۇق ، ئۇ بۇرۇنقىدەك كۆپ گەپ قىلمايدۇ ، كۆزلىرىمۇ كۈلۈپلا تۇرمايدۇ ، چاخچاق قىلساممۇ ئاغزىنى تاتلىق ۋە ئوماق ئۈمچەيتمەيدۇ ...ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرەي دىدىميۇ ، نىمە دەپ تەسەللىي بىرىشىمنى بىلمىدىم .

__ كۆلنى ئايلانمامدۇق ، __ دېدىم ئۇنىڭ ياتاق تەرەپكە ماڭغىنىنى كۆرۈپ .
__ قورقمامسەن ؟ ، __ دېدى ئۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ .
__ مېنى قوغلىشىۋاتقان قىزلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىنمۇ ...خاتىرجەم بۇلە... باھانەم كۆپ...
__ چاخچاق قىلمىيە ، ساڭا ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن .
__ ئايلانغىڭ بولمىسا ئۇدۇللا دېمەمسەن . ماقۇل ئەمىسە ، خوش ، كىرىپ ئارام ئال .
ئەزەلدىن قىزلارغا ئوخشاش قېيدىغاقلار بىلەن خوشام يوق ئىدى ، مانا ئەمدى ئۈزۈمنىڭ قىيدىغاق بۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرەي ! ئۇنىڭغا خوش دەپ بۇلۇپلا يان يول بىلەن ياتاق تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم . قانچە تىز قايرىلغان بولسام شۇنچە تىز پۇشايمان قىلدىم ، ئەزەلدىن مۇنداق مىجەزلىك بالا ئەمەسمەن ، قىزلارغا گەپ تېپىپ بىرەلمەيدىغان ، گەپ تېپىپ بىرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە قىيدايدىغان ...ئەستا ، راستىنى دىسەم ئۇنىڭ يېنىدىن پەقەت قايتىپ كەتكۇم يوق ، بۇ ساراڭ نىمىشقا ئادەمنى چاقىرمايدىغاندۇ ، نىمىشقا تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلايتىپ تۇرۇپ " ساراڭ ، چاخچاق قىلسام ...شۇنىمۇ چۈشەنمەمسەن " دېمەيدىغاندۇ ... ئارقىمغا بۇرۇلۇپ قارىغۇم كەلدى ، يەنە نەچچە چامدام ماڭساملا بىنانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۈتۈپ كىتىمەن . لىكىن ئاتالمىش غۇرۇرۇم ئارقىغا قاراشقا يول قويمايۋاتاتتى ...قانداق قىلاي ، قانداق قىلاي ، قانداق قىلاي ، ئەگەر ئۇ كىرىپ كىتىپ بولغان بولسىچۇ ، ياق ، مۇمكىن ئەمەس ، چۇقۇم تېخىچە ئىزىدا تۇرۇقلۇق ، ئەگەر ئارقىمغا بۇرۇلۇپ قارىسام...ۋايجان باياتىنلا كىچىك بالىدەك قىيدىمىسام بوپتىكەن ...
قالايمىقان خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە بىنانىڭ يېنىغا كىلىپ بولدۇم ...ئەمدى پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇدە ، " ئۈزۈمنىڭ شورى' دىگەن ناخشىغا غىڭشىغاچ ياتاققا قايتاي ... ھەيرانمەن ، ئادەمنىڭ كۆزى بەزىدە شۇنچە يېقىن ئارىلىقتىكى نەرسىنى كۆرمەيدىيۇ بەزىدە نەچچە يۈز مىتىر ئارىلىقتىكى نەرسىنى خۇددى كۆز ئالدىدىلا تۇرغاندەك ئېنىق كۆرەلەيدىكەن ، بەلكىم كۆز ئەمەس قەلب كۆرسە كېرەك ، مانا ھازىرقى دەقىقىنىڭ ئۆزىدە شۇنداق بولدى . بىنادىن قايرىلىۋېتىپ "كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا" ئۇنىڭغا قارىدىم ، ھەقىقەتەن ئويلىغىنىمدەك بولدى ، ئۇ تېخىچە ئۆز ئورنىدىن مىدىرلىماي تۇرۇپتۇ ، ئۇنىڭ كۆزلىرىنى راستتىنلا كۆردۈممۇ ياكى خىيالىمدا شۇنداق كۆرۈنۈپ كەتتىمۇ بىلمىدىم ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كۆرگىنىم ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك بولدى ، مېنىڭ قايتىپ كىلىشىمنى ئۈمىد قىلغان بولسا ، بىر قېتىم قايرىلىپمۇ قويماي كېتىپ قېلىشىمغا بولغان ئۈمۈدسىزلىك ئىدى . بىنادىن قايرىلىپ بۇلۇپ جايىمدا توختاپ قالدىم ، قانداق قىلاي ، ئارقىمغا يېنىپ بارايمۇ ، ئۇنىڭ ئالدىدا سەتلىشىپ قالارمەنمۇ ياكى ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ئورنۇمغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويارمەنمۇ ...بىردەم يۈرىكىمنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالدىم . ئەمما جىسمىمدىن ھەرقانچە ئاختۇرۇپمۇ ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغۇدەك جۈرئەتنى تاپالمىدىم ...
روھى چىقىپ كەتكەندەك سالپىيىپلا قالدىم ، قايسى كۈچنىڭ قۇدرىتىكىن بۇ ... ...ياتاققا قايتىپ كىرسەم سەدىردىنمۇ باركەن ، يېڭىلىق ... ئىچىمنى سىقىپ ئولتۇرغىچە ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم ، ئۆيگە كەتسەممىغۇ بۇلاتتى ، ئەمما ئاپاملارغا بارمايمەن دەپ قۇيۇپتىمەن ، ئىختىيارسىز كۆل بۇيىغا قەدەملىرىمنى يۆتكىدىم .
ئۈزۇن ، تۈپتۈز چاچ ...ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا قانچىلىك قاراپ تۇردۇمكىن ...كۆل بۇيىغا ، بىز دائىم پاراڭلىشىدىغان جايغا كەلسەم ئۇ باركەن ، خۇددى قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك سۇغا قاراپ تىپ - تىنچ تۇرۇپتۇ ...ئۇنىڭ ئارقىغا بۇرۇلىشىنى كۈتۈپ خېلى ئۇزۇن تۇردۇم ...ئۇ شۇ تاپتا نىمىلەرنى خىيال قىلىۋاتىدىكىن ...سەدىردىن بىلەن ئۆتكەن ، شىرىن - شېكەر سۆزلەرگە باي ئاشۇ كۈنلەرنىمۇ ياكى بىچارە سۇيۇقئاشچى ئايالنىڭ ئىچى كۆيگىدەل قوشكېزەك بالىلىرىنىمۇ ياكى ھېلىقى قېتىقچى موماينىڭ تۇرمۇش ھەققىدە سۆزلىگەن خەلق پەلسەپىلىرىنىمۇ ...
رەسسام بولسام سىزىۋالغان بۇلاتتىم ، ياق فوتوگىراف بولسام ياكى قۇلۇمدا ئاپپارات بولغان بولسا تارتىۋالغان بۇلاتتىم ، ئۇنىڭ ئارقىغا بۇرۇلۇپ قارىغان چېغىدىكى ئاشۇ قىياپىتىنى ...لىپمۇلىق ياشقا تولغان چوڭ كۆزلىرىنى ، بۇرۇلىشى بىلەن تەڭ يەلپۈنگەن تۈز ، ئۈزۈن چېچىنى ، ماڭا تىكىلىشى بىلەن تەڭ كۆزلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن بىر تامچە ياشنى ...
__ ئېيتە ئىمران ، ياخشى قىزبالا بولغاننىڭ نىمىگە پايدىسى ، يىگىتىڭ ئۈچۈن ھەممە جاپانى تارتىشقا تەييار تۇرغاننىڭ نىمىگە پايدىسى ، ئاقكۆڭۈل بولغاننىڭ نىمىگە پايدىسى ، مىجەزى ئوڭلۇق بۇلۇپ ھەممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەننىڭ نىمىگە پايدىسى ، ئېيتە ئىمران ، ماڭا دەپ بەرگىنە !!!
ئۇنىڭ شۇنچە ئۇزاق يىغلىشى جەريانىدا قايتا - قايتا دېگىنى پەقەت شۇ بىر نەچچە جۈملە ... ئۇنىڭ يىغىسىغا قاراپ ئاپامنى ئەسلىدىم ، ئاپام ئاجايىپ قەيسەر ئايال ، ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ شۇ چاغقىچە ئاپامنىڭ سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ ئالدىدا كۆز يېشى قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىغانمەن ، بىر قانچە قېتىم ئاپامنىڭ كۆزىنىڭ قىزىرىپ قالغانلىقىغا قاراپ ئۇنى يىغلىغانمىكىن دەپ ئويلىغانمەن ، ئەمما ئۇ بىر قېتىممۇ تەن ئالغان ئەمەس ، " كىتاپنى جىق كۆرۈپ كىتىپتىمەن ، كۆزۈم قىزىرىپ قاپتۇ " ، " بايا يولدا كېلىۋاتسام كۆزۈمگە بىر نەرسە كىرىپ كەتتى " ...دەپ چۈشەندۈرگەن ئۇ ... ... ناھىبەنىڭ يىغىسىغا قاراپ يۈرۈكۈم ئېچىشىپلا كەتتى ، ئىسىمدە قېلىشىچە تۇلۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا سىڭلىمنى ئىت چىشلىۋالغاندا ئۇنىڭ يىغىسىغا قاراپ يۈرۈكۈم شۇنداق بىر ئاغرىغان ، مانا ھازىر ئۇ چاغدىكىدىنمۇ بەك ئاغرىدى ، ئەمما ئۇنىڭغا ھىچنىمە دىيەلمىدىم ، قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ ياشلىرىنى ئېيتىپ قۇيالمىدىم ، دوستلۇق قوينۇمنى ئېچىپ ئۇنى باغرىمغا بېسىپ تەسەللىي بىرەلمىدىم ... سەۋەبى ئۇ باشقا بىرى ئۈچۈن ياش تۈكۈۋاتاتقانلىقى ئۈچۈن شەخسىيەتچىلىكىم تۇتۇپ كەتتىمۇ ياكى ھازىرقى دوستلۇق قالپىقى بىلەن ئۇنداق قىلسام مۇۋاپىق بولمايدۇ دەپ ئويلىدىممۇ ۋەياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ئۈزۈممۇ بىلمەيتتىم ...شذ كۈندىن باشلاپ ناەىبە ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشىلاندى ، بەزىدە ئۇزاقتىن - ئۇزاق ئويلىناتتىم ، ئۇنېڭغا ئېچ ئاغرېتېۋاتامدېم ، بۇ پەقەت ھېسداشلېقمۇ ياكې دوستلۇقمۇ ياكې مەن ئىتراپ قىلىشنى خالىمايدىغان مۇھەببەتمۇ ...ئەمما بىر نۇقتا ئىنىق ئىدى ، ئىتراپ قىلغۇم كەلمىگەنسىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇلىدىغان ۋاقتىم كۆپىيىپ بېرىۋاتاتتى . ئۇنىڭ بىلەن بېرگە بۇلۇشنى ئېستەييتتىم . كىچىك ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئۇنى ئىزلەيتتىم ...
باشقېلار خىلې گەپلەرنى قىلىپ باقتى ، بىزمۇ بىردەم يېقىنلىشىپ ، بېردەم يىراقلېشىپ دېگەندەك يۈرېۋەردۇق ... سەدىردىننىڭ بولسا يېقېندىن بىرى دىمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى ، ئاڭلېسام كازىۋەنلىك مودېل مۇھەببىتى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەنمېش ...
ھازىر ھەر ئىككى ھەپتىدە بېر قېتىم دىگۈدەك ناھىبە بىلەن ھېلىقى سۇيۇقئاشچى ھەدىمىزنىڭ بالىلىرىنى يوقلىغىلې باراتتۇق ، مەنمۇ ناھېبە بېلەن تەڭ پوتۇلكا يېغقۇچې بۇلۇپ كەتكەنېدېم ، ھەيران قالېدېغېنېم ، مەن كۆزگە ئېلمېغان پارچە – پۇرات پۇللار ۋە ياتاق ، خوشنا ياتاق ، سېنېپلاردا تاشلانغان كپرەكسېز پوتۇلكېلار ھەپتە ئاخېرېدا خپلې ئوبدانلا قېممەت يارېتېپ قالاتتې ، بېز ئۇ پۇللارغا ئانچە – مۇنچە يېنىمىزدىكى پۇلنى قۇشۇپ ئۇلارنى يوقلاپ باراتتۇق ، بۇرۇن ھېس قېلماپتېكەنمەن . باشقېلارغا ياردەم بېرېپ ئۇلفرنخڭ چىھرىدىكى مېننەتدارلىق ھىسلىرىنى كۆرگەندە ئادەمنىڭ يۈرىكى باشقىچە ئىللىپ كىتىدىكەن. ماڭا بۇلارنى ناھىبە ئۆگەتتى دىسەممۇ بۇلىدۇ ، بىز يەنە يېكەنكۆل خەلق مەيدانېغا بېرىپ لەگلەك ئۇچىراتتۇق ، كۈتبپخانىغا بېللە بېرىپ ئۇزاقتىن – ئۇزاق كىتاپ كۈرەتتۇق ، سىڭلىمنى ئېلىپ نەدە ئېككى – تۆت تۈپ دەرەخ بولسا شۇ يەرگە ساياھەتكە باراتتۇق ... ناھىبەنىڭ تاتلىق كۈلۈشلىرى ئەسلىگە كەلمەكتە ، مەكتەپتە ئاللىقاچان ئېككىمىزنى " يۈرېۋېتېپتۇ" دېگەن گەپلەر تارقالغان ، ئەمما ئۆزىمېزگە ۋە يېقىن دوستلېرىمىزغا ھەممە ئىش ئايان ...ماڭىمۇ ئايان ، ئاللىقاچان ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغېنىم ، ئەمما ئۇنىڭغا ئېغېز ئاچقۇم يوق ...ئالدىمدا بېر تام بار ، بۇ تامدىن ئاتلاپ ئۈتەلمەيمەن ، ئۆز – ئۈزۈمگە بەرگەن ۋەدەم بۇيىچە ھاياتېمدا پەقەت ئۇنىڭ بېلەنلا ئۈتىمەن دەپ ئۇنېڭغا قۇچاق ئېچىپ ئۇنى باغرېمغا باسالمايمەن . مەكتەپتە ، سېنېپتا ئۇنى " مۇھەببىتېم "دەپ قولتۇقلاپ يۈرەلمەيمەن ...ئەمما ، لېكېن ...يەنېلا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمەن ، ئۇ دائىم قززىپ قالىدۇ ، بۇ چاغلاردا باشقىلار نېمە دەپ قالار دەپ خىيالىمغا كىرىپمۇ چىقمايدۇ ، ئۇنىڭغا تاماق تۇشۇيمەن ، ئۇنى يۈلەشتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئاچىقىمەن ، بېرېلگەن كومپيۇتپر مەشغۇلات تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىشىپ بىرىمەن ، بۇنداق چاغلاردا ھېچنېمە كۆزۈمگە كۆرۈنمەي قالىدۇ ...ئادەم دېگەن مانا مۇشۇنداق بەزىدە ئۆز – ئۆزىنىمۇ چۈشەنمەي قالىدىغان گەپكەن ...




: گۇناھكار قەلب(4)





دۇنيادا شۇنداق ئادەملەرمۇ باركەن ، بىرىگە ئەسكىلىك قىلغۇسى كەلسە ھارغۇچە قىلىدىكەنۇ ۋاقتى كىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىش توغرا كەلسە قىلچە ھېييقماستىن خۇددى ھىچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك كۈلۈپ بارالايدىكەن . دەسلەپتە سىنىپتا سەدىردىن بىلەن ناھىبەنى يەنە يارىشىپ قالغۇدەك دېگەن مىش – مىش گەپنى ئاڭلىغاندا قىلچە ئىشەنمىگەنىدىم ، مانا بۈگۈن ئۇ ئىككىسى بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقاننىڭ ئۈستىگە كىرىپ قالدىم ، ھەيرانلا قاپتىمەن ، قىز بالا دېگەننىڭ كاللىسى شۇنچىلىك ئاددىيمىدۇ ؟ ! ئىشەكمۇ پۇتى كىرگەن تۈشۈككە ئىككى دەسسىمەسمىش ، ما ناھىبەنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى كۈرەي ، تۆككەن كۆز ياشلىرىنى ، سەدىردىننىڭ قىلغانلىرىنى ، شۇنچە بالىلارنىڭ ئالدىدا قالغان سۆز -چۆچەكلىرىنى ، يەنە ھېلىقى كازىۋەنلىك قىزنىڭ تىل – ھاقارەتلىرىنى شۇنچە تىز ئۇنتۇپ كەتتىمىكىنە !!! ئۇلارنى كۆرمىگەنگە سېلىپ ئولتۇرىۋەرسەم بۇلاتتى ، ئەمما كۆڭلۈم كۆتۈرمىدى ، ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتىم .
ناھىبەنى ئويلىساملا ئاچچىقىم كىلەتتى ، كۈنچىلىكمۇ بۇ ؟ ياكى راستىنلا ئۇنىڭ ئاخماقلىقىغا ئاچچىقلىنىۋاتامدىم ئۈزۈممۇ بىلمەيتتىم ...يەنىلا ئېغىر بۇرۇختۇرمىچىلىقتا قالدىم ...
ناھىبە بىلەن يەنە گەپلەشمەس بولدۇق ، بىر ھەپتىمۇ ئۈتۈپ كەتتى ، ئۇنى سىنىپتا كۆرگەندىن باشقا يەردە كۆرۈپ باقمىدىم ، ئۇ ئىككىسىنى ئاشخانىدا ئۇچراتقان كۈنىنىڭ ئەتىسى سىنىپتا ئۇ يېنىمدا ئولتۇرۇش ئۈچۈن كىلىۋىدى ، ئۇ كىلىشىگە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ، ھەتتا ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمۇدۇم ،،،ئەنە شۇندىن باشلاپ گەپلەشمىدۇق ...بىز قىيدىشىپ قالساقلا شۇنداق ئۇ سىنىپتا ئەڭ ئالدىغا بېرىۋالىدۇ ، مەن ئەڭ ئارقىدا ...ئارزۇدىن ئاڭلىسام سەدىردىننىڭ ناھىبەدىن كەچۈرۈم سوراپ قىلمىغانلىرى قالماپتۇ ، ھەتتا كىتاپلاردا يىزىلغان ، كىنولاردىن كۆرۈلگەن رومانتىك ئۇسۇللاردىن باشقا بىر مۇنچە رومانتىكلىقنى ئىجات قىپتۇ .
ــ مەن سەندىن سورىدىمما ؟ نىمە بۇ گەپلەرنى ماڭا دەپ يۈرۈيسەن ؟ نىمىلا قىلسا ئۇ خەقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى ، مېنىڭ نىمە كارىم !
ئاچچىقىمنى ئارزۇدىن ئېلىۋاتاتتىم .
ــ شۇنداق سەن سورىمىدىڭ ، مەن دەپ بېرىۋاتىمەن ، ــ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ جىممىدە تۇرۇپ كەتتى ئۇ ، ــ سەن سورىغان بولساڭ ياخشى بۇلاتتى ، ساڭا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى دەپ بەرگەن بۇلاتتىم ...ئويلىماپتىمەن ، سەنمۇ بىچارە ناھىبەنى ئاخماق قىلىپ ئويناۋېتىپسەن ، يېنىڭغا كىلىپ بۇ گەپلەرنى بىكار دەپ يۈرۈپتىمەن !
ــ توختىغىنە ! كىم كىمنى ئاخماق قىپتۇ ، نىمانداق گەپ قىلىسەن ؟!
ــ سەنچۇ ؟ سىلەر دوست ھە ، راست ! ئەجەپ يوغان قالپىقىڭ بار ! ئۇ قاچان سەدىردىندىن ئايرىلدى شۇ كۈندىن باشلاپ سەن ئۇنىڭ يېنىدا بار ، ئويلىغىنە ! بىر يىل بولاي دەپتۇ ...سەن ھىچنىمىنى سەزمىدىڭما ؟ ! ئۇغۇ « مەن بۇرۇن ئۇنىڭ ياتاقدىشى بىلەن يۈرگەن تۇرسام ئەمدى كىلىپ ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئىشى ...توۋا دېگىنە» دەپلا گەپنى تۈگەتسۇن ، سەنچۇ ، سەن ئوغۇل بالىغۇ ، ناھىبەنى ياخشى كۆرمەيمەن دىيەلەمسەن ، قارا ئىمران ...
ــ يۈرە سىرتقا چىقىمىز !
ئارزۇنىڭ قۇلىدىن تارتىپلا سىرتقا ماڭدىم . قارىغاندا بۈگۈن خېلى گەپلەر چىقىدىغان ئوخشايدۇ .
ــ سەن راستلا بىلمەمسەن ؟ ناھىبە سىنى ياخشى كۆرۈدۇ ، لىكىن ئۇ بەك ئاقكۆڭۈل ، سەدىردىننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈندىن خەۋىرىڭ بار ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ناھىبە ئۇنىڭ تېخىمۇ تۈگىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈنلا سەدىردىن بىلەن ياخشى ئۈتۈۋاتىدۇ ...لىكىن مىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ئۇ سەدىردىننىڭ يەنىمۇ تۈگىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ قۇربانلىقلارنى بىرىشى مۇمكىن ، چۈشىنىۋاتامسەن ئىمران ، ئۇ سەدىردىن بىلەن ياخشىلىشىپ قېلىشى مۇمكىن ...
ــ ياخشى كۆرگەندىن كېيىن ياخشىلىشىپ قالا !
ــ سەن ناھىبەنى چۈشەنمەمسەن ، سەدىردىن ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ ، ئەگەر ناھىبەنىڭ سىنىڭ ئالدىڭدا سەدىردىن بىلەن يۈرۈپ قالمىغان يېرى بولغان بولسا ئۇ ئاللىقاچان ساڭا ئېغىز ئېچىپ بۇلاتتى ، ئۇزاق بولدى ، ئۇ سېنى ياخشى كۆرۈدۇ ، سەدىردىن ئۇ مۇناپىقنىڭ قۇلىدىن ھەممە ئىش كىلىدۇ ، ئۈزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان قىزنى مۇشۇنداقلا قولدىن چىقىرىپ قويماقچىمۇ سەن ، گەپ قىلە ئىمران !
ئارزۇ گەپ قىلغانسىرى ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتاتتى ، ئاۋازلىرى بارغانسىرى تىترەپ ، گىپىنىڭ ئاخىرى يىغىغا ئۆزگىرىپ كەتتى . قانداق قىلىشىم كېرەك ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىم راست ، لىكىن ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قېلىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغانمەن ، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت دوستلا بوپ ئۆتكۈم بار ، ئۇنىڭ يىغىسىنى كۆرگۈم يوق ، ئۇ يىغلاشقا ئۈمچەيگەندە ئۇنىڭ كىچىككىنە لەۋلىرىگە بىر ئامال قىلىپ كۈلكە يۈگۈرتسەم دەيمەن ، ئۇ ئاغرىپ قالغاندا ئۇنىڭ يېنىدىن بىر مىنۇتمۇ نېرى تۇرمىسام دەيمەن ، ئۇنىڭ قىززىق قىززىق گەپلىرىگە ئىچىمدە كۈلۈپ جىممىدە تۇرىۋېلىپ ئۇنى تىرىكتۈرسەم دەيمەن ، ئۇنىڭ باشقىلارغا ياردەم بەرگەندىكى قىياپىتىنى كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن ، ئۇ ، سىڭلىم ، مەن ئۈچىمىز بىرگە بولساق بۇ دۇنيادىكى ئەڭ خوشال ، شادىمان كىشىلەرگە ئايلىنىمىز ، ئۇلارمۇ مەنمۇ گويا بالىلىققا قايتقاندەك بۇلىمىز ، ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ئۆتكۈم بار ، دوست بوپ ئۆتكۈم بار ، ئەمما ئۇنىڭ خوشاللىقىغا ، قايغۇسىغا تەڭ ھەمنەپەس بولغۇم بار ... ...
ئارزۇ بىلەن بىرەر سائەتتىن ئارتۇق پاراڭلىشىپتىمىز ، ئۇنىڭ قىلغان شۇنچە كۆپ گەپلىرى ئارىسىدىن ئىسىمدە قالغىنى پەقەت بىرلا «ناھىبە سېنى ياخشى كۆرىدۇ!!!»
شۇنچە كەچ بوپ كەتتى ، ياتاق بىناسى تاقىلىدىغانغا ئون نەچچە مىنۇتلا قالدى ، ئۇنى شۇنچىلىك سېغىندىم ، مانا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمىغىلى بۈگۈن ساق يەتتە كۈن بولدى ، ھازىر مەيلىمگە قۇيۇپ بەرسە ئۇنى ھازىرلا ياتىقىدىن چاقىرىپ چىققۇم بار ، كۆزلىرىگە قېنىپ قارىۋالغۇم يەنە تېخى باغرىمغا چىڭ بېسىپ قۇچاقلىۋالغۇم بار ... كۈزۈمگە ھىچنىمە كۈرۈنمىدى ، تىلفۇنخانىغا يۈگۈردۈم . ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم ...
ــ چىقالەمسەن ؟
ــ ھەئە !
ــ قېلىنراق كىيىنىۋال ، بۈگۈن سەل سوغاق !
دىيىشكىنىمىز شۇ ! بۇرۇنقى جايىمىزغا بېرىپ ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم ، ئەمدىكى گەپ ئۇنىڭغا نىمە دىيىش ، نىمىشقا يامانلىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا قانداق چۈشەندۈرەي ، ياكى گەپنى ئۇچۇق قىلايمۇ ... ئەنە ئۇ كىلىۋاتىدۇ ...
ــ قانداق ئەھۋالىڭ ، ياخشىمۇ ؟(ئويلىغىنىمدەك ئۇ ئاۋال ئېغىز ئاچتى)
ــ ياخشى ، ئۈزۈڭچۇ ؟
ــ ياخـ...
ــ ھەراست ، ياخشىغۇ سەن ، يېنىڭدا بىرى تۇرسا ھالىڭدىن خەۋەر ئالىدىغان ، ياخشى بولماي قالاتتىڭمۇ ؟
ــ ... ...
ــ ياتاق تاقىلاي دىسىمۇ چىقىپسەنغۇ ؟
ــ سەن چىق دېگەچكە چىقتىم .
ــ مەن نىمە قىل دېسەم شۇنى قىلامسەن ؟
ــ مەن قاچان سەن قىل دېگەن ئىشنى قىلماي سالغان !
جىمجىت تۇرۇپ قالدۇق ، ئەتراپىمىزدا ھىچكىم قالمىدى ، ياتاق بىناسى ھازىرلا تاقىلىدۇ ، ئەمما ئۇنىڭمۇ ، مىنىڭمۇ كىرىپكەتكۈم يوق !
يەنىىلا ئۇنىڭ چوڭ كۆزلىرى ، لىغىرلاپ تۇرغان ياشلار ...ئاجايىپ كۆزلەر بۇ ! ئۇ خوشال بولغاندا ، ۋىلىقلاپ كۈلگەندە بۇ كۆزلەر نۇرلىنىپ كىتىدۇ ، كىشىگە دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك كىشىنى ئەسلىتىدۇ ، ئەمما ئۇ ئازاپلانسۇنچۇ بۇ كۆزلەرنى بىر قەۋەت سۇ پەردىسى تۇسۇۋالىدۇ ، بۇ پەردە شۇنچىلىك سىھىرلىككىن ئاشۇ يوغان كۆزلەرگە بىر خىل مۇڭ بىر خىل نۇر بىر خىل كۈچ ئاتا قىلىدۇ ، قارىغان كىشى خۇددى ئازاپ تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە ئىسىل لىرىكا ئوقۇۋاتقاندەك بۇلۇپ قالىدۇ ...
ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قۇچۇقۇمغا تاشلىنىشىدىن ھودۇقۇپ قالدىم ، ئۇنى مۇشۇنداق باغرىمدا بۇلۇپ باقسىكەن دەپ قانچىلاپ ئارزۇ قىلغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئەمما ھازىرنىڭ ئۈزىدە ئۇنىڭ قۇچۇقۇمدا ئىكەنلىكىگە ، باغرىمغا تاشلىنىپ ئېسەدەپ يىغلاۋاتقانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى ...
ئۇ ئۇزاق يىغلىدى .
ــ بولدى ئەمدى ، ــ دېدىم ئۇنىڭ يۈزلىرىنى ئالقىنىمغا ئېلىپ يۈزلىرىنى مەيدەمدىن ئاجراشتۇرغاچ .
ئوغۇللارنى كۈچلۈك ، قىزلارنى ئاجىز دىيىشىدىكەن ، لىكىن مەن ئاشۇ دەقىقىدە ئوغۇللارنىڭمۇ بەزىدە ھەقىقەتەن ئاجىزلىقىنى ھىس قىلدىم . چۈنكى ھالسىزلىنىپ قېلىۋاتاتتىم ...
قاراشلىرىمغا بەرداشلىق بىرەلمىدىمۇ ياكى ئۇمۇ مەندەك ھالسىزلىنىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر بېشىنى قايتىدىن مەيدەمگە قويدى . بىر قولى كەينىمدىن قۇچاقلىغان ، بىر قولى بىلەن مايكامنىڭ تۈگمىلىرىنى ئويناۋاتقاندەك ئىدى . ئۇنىڭ كىچىككىنە يۈزلىرىنى قايتىدىن ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم ، يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە ، قىزىپ، قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىلىرىگە يىنىككىنە سۆيدۈم ... ئۇنىڭ بەللىرىدىن قاماللاۋاتقاندا ئۇنىڭ يىنىك تىترەۋاتقانلىقىنى سەزدىم ...
ئىسىمىزگە كەلگەندە ۋاقىت ئاللىقاچان بىر يەرگە بارغان ...
ــ ئەمدى سەدىردىن دېگەن بىلەن بىر ئېغىز پاراڭلاشقىنىڭنى كۆرسەم بوينۇڭنى ئۈزۈۋېتىمەن ، ــ دېدىم ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ تۇرۇپ .
ــ لىكىن ئۇنىڭغا ئۇۋال بولدى ، ھېلىقى قىز بەك يۈزسىزلىك قىپتۇ ، بىر يىللىق ئۇقۇش پۇلىنىڭ ھەممىنى شۇنىڭغا خەجلەپ بىرىپتىكەن ، بىچارىگە مەكتەپتىن چارە كۆرگۈدەك ، ئويلىساملا ...
ــ ئويلىساڭلا ئىچىڭ ئاغرىپ كىتەمدىكەن ، ياكى كونا ئوتلىرىڭ قوزغىلىپ قالامدىكەن ؟ ئەينى چاغدا ساڭا ئىچى ئاغرىپتىكەنمۇ ، ھەددىدىن زىيادە ساددىلىقنىڭ ئۆزى دۆت دىگەن گەپ ، ساددا بول لىكىن دۆت بولما ناھىبە ! ئۇ يىغلاتقان ئۇ ئالدىغان قىز يالغۇز سەنلا ئەمەس ، مۇشۇ كۆل بۇيىدا تۇرۇپ ماڭا دېگەنلىرىڭ ، كىشىنىڭ كىشىدە قالمايدىكەن دېگەنلىرىڭ يادىڭدىمۇ ، ئۇ باشقىلارغا قىلىۋېدى ، مانا باشقىلاردىن كۆرىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئالاقىلىشامسەن ؟
ــ سەن دېمىسەڭمۇ مەن ئۇنىڭغا دەپ بولغان ، مەن ئىمراننى ياخشى كۆرىمەن دەپ ، بىز ئالدىنقى قېتىم تاماق يېگەن چاغدا ،،،مەن شۇ چاغدا ھىس قىلدىم ، سىنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىڭنى ،،،ئۇنىڭدىن بۇرۇن سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئىتراپ قىلغۇدەك جۈرئىتىم يوق ئىدى .
ــ نىمىشقا ماڭا دېمىدىڭ ئاخماق !
ــ مەن ساڭا ماس كەلمەيمە...
ئۇنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە لەۋلىرىم بىلەن ئۇنىڭ لەۋلىرىنى تۇسۇپ قويدۇم .
ــ بۈگۈندىن باشلاپ ، ئىسىڭدە بولسۇن ، سەن ئىمراننىڭ ناھىبەسى ، سەن تېخى ھىچكىم بىلەن يۈرۈپ باقمىدىڭ ، مىنىڭ نەزىرىمدە سەن شۇنچىلىك بىغۇبار ، شۇنچىلىك ساددا ، شۇنچىلىك ئوماق قىزسەن ، تېخى بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان ، باشقىلارمۇ قۇلۇڭنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ باقمىغان قىزسەن ! سەن بىغۇبارسەن ، مىنىڭلا بىغۇبارىم ...
ــ لىكىن ...
ــ بولدى ئەمدى ، ماڭا ئارتۇق چۈشەندۈرمە ، بەلكىم يەنە بىرمۇنچە گەپكە قالارسەن ، لىكىن ئىسىڭدە بولسۇن ، ھەممە ئىشلار ئۈتۈپ كىتىدۇ ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ، خۇددى ئىت قاۋاپ قېلىۋېرىدۇ ،كارۋان يولىغا يۈرىۋېرىدۇ دېگەندەك ، ھەممىگە بەرداشلىق بەرسەك ئاخىرقى غەلبە ھامان بىزنىڭ بۇلىدۇ ، تەييارلىقىڭ بارمۇ ؟ مەن بىلەن بۇندىن كىيىنكى يولنى بىرگە باسالامسەن ؟
ئۇ جاۋاپنىڭ ئورنىغا مىنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى ...
ئۇ كۈنى تورخانىدا بىر كېچىنى ئۆتكۈزدۇق ، ئۇنىڭ بىلەن چ چ دا دىيىشمىگەن گەپلىرىمىز قالمىدى ، پالانى ۋاقىتتا مۇنداق بولغان مەن مۇنداق ئويلىغان دەپ گەپنى بىر باشلىۋىدۇق بىر كېچىنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قالدۇق ...
ئەنە شۇندىن باشلاپ بىز يۈرۈپ قالدۇق ، سىڭلىم بۇنى كىيىنرەك ئۇقتى ، ئۇمۇ بەك خوشال بولدى ، ھەتتا ئۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن باشلاپ ناھىبەنى «يەڭگە» دەپ چاقىرىپمۇ ئۈلگۈردى ، بەزى ئىشلارنى ھەممە ئادەم پەقەت بېشىغا كەلگەندىلا ھىس قىلىدىغان گەپكەن ، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغۇنۇم بىلەن ئاپام ئوقۇتقۇچى بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن كىتاپ بىلەن تولاراق ھەپىلىشىدىغان بالا ئىدىم ، ئىدىيەم ئانچە بەك ئۇچۇق يۇرۇق ئەمەس ئىدى ، مەھەللىدە قىز – ئوغۇللارنىڭ قول تۇتۇشۇپ ، بىر- بىرىگە ئارتىلىشىپ يۈرگىنىنى كۆرسەم ئادەم يوق يەردە نىمە ئىش قىلىشسا قىلىشىپ ، ئادەم بار يەردە بىر – بىرىدىن يىراقراق يۈرۈشسە بولمامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كىتەتتىم ، مانا ئەمدى ناھىبە بىلەن بىر يەرگە ماڭسام ئۇ خۇددى كىچىك بالىدەك ، خۇددى مەن ئۇنىڭ قۇلىنى قۇيۇۋەتسەم شۇ يەردىلا ئېزىپ كىتىدىغاندەك ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭڭىدە تۇتۇۋالاتتىم ، ئاپتۇبۇسقا چىققاندا ئۇ تەكىتلەپ ، قېچىپ تۇرمىسا تاس قالاتتىم كۈندە كەچتە كۆل بۇيىدا ئولتۇرغاندەك ئۇنى قۇچۇقۇمغا ئېلىپلا ئولتۇرغىلى ...قىسقىسى ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە ئامراق بۇلۇپ قېلىۋالاتتىم . ئۇنىڭ دەيدىغان بىر گىپى بار «سەن بەك ياخشى ھە!» ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىرەر ئىشلىرىغا ھەمدەم بۇلۇپ بەرسەم ئۇ شۇنداق دەيدۇ ، مەن بولسام « قۇرۇق رەھمەت بىلەن خوشام يوق جۇمۇ» دەپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارايمەن ، ئۇ خوتەن پەدىسىگە «قاشاڭ بولمىساڭ» دەپ كايىيدۇ ...قىسقىسى كۈنلىرىمىز بۇرۇنقىدىن خوشال ، بۇرۇنقىدىن شىرىن ، ھېلىقىدەك كۆڭلىمدىكىنى تاپ دەپ قىيدىشىپ گەپلەشمەيدىغان ئىشمۇ يوق ، مەن توپ ئوينىسام ئۇ ئۇ مىنىڭ ئىخلاسمەن تاماشىبىنىم ، مەن گىتتار چالسام ئۇ مىنىڭ ئاكتىپ تىڭشىغۇچۇم ، سىنىپتا ئىككىمىز بىر پارتىدا ، تاماقتا بىر جوزىدا ، شەنبە – يەكشەنبىمىز تېخىمۇ تاتلىق ، ھېلىقى سۇيۇقئاشچى ھەدەشكە ياردەملىشىپ 3 – دوختۇرخانا ئالدىدىكى كوچىدىن بىر ئۆي تائاملىرى دۇكىنى ئېچىشىپ بەردۇق ، بۇنىڭدا يەنىلا ناھىبەنىڭ ئەجرى كۆپ ...ئۇنىڭ قوشكېزەك بالىلىرىنى ھازىر ئۇكام دەپ ئەمەس بالىلىرىمىز دەپ چاقىرىمىز ... ئۇ مىنىڭ « ئوماق مۈشۈكۈم » ، مەن ئۇنىڭ «قاشاڭ ئومىقى» ...ئىككىمىز سىنىپتا ھەممىدە ھەممىنىڭ ئالدى ، ئۇمۇ مەنمۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىمىز ، نەتىنجىمىز پەرىقلىنىدۇ دىيىلسە مەن ئۇنىڭدىن سەل ياخشى ،قىسقىسى ھازىر مەن ھەممىدىن خاتىرجەم ، ئەمدى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئازار يەپ قالارمۇ دەپ ئەندىشە قىلىپ يۈرمەيمەن ، ھەم ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيمەن ، ئۇنى ھىچكىمگە بوزەك قىلدۇرمايمەن ، بىرلا ئىش تەتىل كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈش بىر مەسىلە ، مەنغۇ ئوغۇل بالا ، ئۆيدىكىلەر نىمە دەپ قالا دەپمۇ كەتمەيمەن ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆيىدە تىلفۇن ئالمىقى تەس ، تىلفۇن ئالغان تەقدىردىمۇ «جېنىم مېنى كۆرگۈڭ كەلدىمۇ » دەپ سورىسام «شۇ ، ئۆيدە تاماق يەۋاتقان » دەپ جاۋاپ بىرىۋاتقان ، «ئوماق مۈشۈكۈم بىرنى ھاببا» دېسەم « ھە بىلدىم ئاداش ، ساڭا ھېلى تىلفۇن قىلاي ھە» دەپ ئاسماندا گەپ قىلسام قاسقاندا جاۋاپ بىرىپ تىلفۇننى قۇيۇۋېتىپ بارغان ...ئىشقىلىپ تەتىل كۈنلىرىنى بىر كۈننى بىر ئايدەك ئۆتكۈزىمىز ، ئۇنى قايتما دىسەم ئەسلى ئۇنىمايدۇ ، «مومامنى سېغىندىم» دەپ ...ئۇ مومىسىغا شۇنچىلىك ئامراق ، «مومام » دەيدىغان بولسا ئاغزىغا بىرلا كىلىدۇ ...
ئەڭ ئاخىرقى قىشلىق تەتىل ، بىز يۈرىۋاتقانغىمۇ ئىككى يىلدىن ئارتۇق بۇلۇپ قالغان ، بىز يۈرۈپ بىرەر قېتىم 14 – فېۋرالنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ، لىكىن ئۇ تەتىلدىن كەلدىمۇ چۇقۇم ماڭا سوۋغا ئەكىلىشنى ئۇنۇتمايدۇ « قارا جېنىم ئىمران ، بايرام كۈنى سېنى يالغۇز قالدۇرۇپ قويدۇم ، كەچۈرگىن ، كىيىن چۇقۇم ئورنىنى تۇلۇقلاپ بىرىمەن ، بۇ مىنىڭ بايراملىق سوۋغام ، ساڭا يارىدىمۇ » دەپ ماڭا سوۋغا بىرىدۇ ، مەن قاشاڭ «يارىشىغۇ يارىدى ، لىكىن قانداق بىر نەرسە كامدەكلا قىلىدۇ » دەپ ئۇنىڭ بەللىرىدىن تارتىپ يېنىمغا ئەكىلىمەن ، ئۇ بوينۇمغا چىڭ گىرە سالىدۇ ...
دەل ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تەتىل ، جاھىللىقىم تۇتتى ، سەۋەبى ئاددىيلا ، ئۇنى بەكلا سېغىنىپ كەتكەنىدىم .
ــ تەتىلنىڭ يا ئاخىرى ئەمەس ، يا بېشى ، ئۆيدىكىلەرگە نىمە دەپ چۈشەندۈرىمەن ، ــ دېدى ئۇ بارلىق يالۋۇرۇشلىرىمغا جاۋابەن .
ــ بۇ دېگەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تەتىل ، بۇ تەتىلنى ، بۇ تەتىلدىكى بايرامدىكى سەن بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگۈم بار ، ئەگەر كىلەلمىسەڭ مەندىن رەنجىمە !
شۇنداق دەپ تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم ، تىلفۇندا ئاچچىقلانغاندەك قىلغىنىم بىلەن تىلفۇننى قۇيۇپلا پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتىم ، 14 – فېۋرالغا يەنە 4 كۈن بار ، ئوبدان تەييارلىق قىلاي . پۈتۈن ئەس – يادىم بىلەن تەييارلىققا چۈشۈپ كەتتىم ، يېقىندا بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىدە ياردەملىشىپ يۈرۈپ ئازراق ئىقتىسادمۇ جۇغلىۋالغان ئىدىم ، سىڭلىم بىلەن بىرگە بېرىپ بىر ئۈزۈك سېتىۋالدىم ، ئەلۋەتتە جىڭدە ! ئۇنى يەنە سىڭلىمنىڭ كۆرسەتمىسىدە 6 قۇتىغا سالدىم ، قارىسىڭىز يوغان بىر قۇتا ، ئۇ قۇتىنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قۇتا،ئۇ قۇتىنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قۇتا ، قۇتىنىڭ ئىچىدە يەنە قۇتادېگەندەك بۇلۇپ ساق 6 قۇتا ! ھەممە قۇتىنىڭ رەڭگى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان سۇس توخۇڭ رەڭدە ! ئۈزۈكنى ئالماققۇ ئانچە تەسكە چۈشمىدى لىكىن بىر – بىرىدىن چوڭ – كىچىك ئالتە دانە توخۇڭ قۇتىنى تاپماق بەسى مۈشكۈل بىر ئىش بولدى ، سىڭلىم بىلەن قۇتا ئىزلەپ بارمىغان يېرىم ، چىقمىغان دۆڭ ، چۈشمىگەن ئوي ئاز قالدى ، ئىشقىلىپ ئىككى كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاخىر كۆڭۈلدىكىدەك سوۋغات ئېلىۋالدىم . يەنە بىر كۈندىن كىيىن ئۇ كىلىدۇ ،ئۇنىڭ كىلىشى ئېنىق ، مۇشۇ كەمگىچە بىرەر قېتىم گىپىمنى يېرىپ باققىنىنى بىلمەيمەن ، بۇ قېتىم شۇنداق كەسكىن قۇيىۋەتتىم تىلفۇننى ، ئۇ چۇقۇم كىلىدۇ ، بۇ قېتىم ئۆيگە ئەكىرىمەن ئۇنى ، ئاپام – داداملار ھەممە ئىشتىن خەۋەر تاپتى ، تېخى «بىز بۇرۇنلا شۇنداق بۇلىشىنى بىلەتتۇق » دەپ قۇيۇشلىرى بار ...مەيلى كىم نىمىلا دىسۇن ئىشقىلىپ مەن خوشال !
ئويلىغاندەك بولدى ، ئۇنىڭ «بۈگۈن ماڭىدىغان بولدۇم » دېگىنىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يادىمغا چۈشتى ...سىڭلىم بىلەن ئاپاممۇ مەن بىلەن تەڭ خوشال ...




: گۇناھكار قەلب(5)


خىيالىمدا نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزدۈم ،بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشۈم ھىساپلىنىدۇ ، شۇڭا چۇقۇم ئەستە قالغۇدەك ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك ! ئەتە ئەتتىگەندىلا ئۇ كىلىدۇ ، لىكىن بۇ قاقۋاش ساقام قانچىنىڭ ماشىنىسىدا ماڭغانلىقىنى دېگىلى ئۇنىمىدى ، ئۇ نىمىشقىكىن بېكەتكە چىقىپ ئۇزىتىشىمغا ياكى بېكەتكە چىقىپ ئۇنى كۈتىۋېلىشىمگە بەك ئۆچ ، شۇڭا ئەتە ئەتتىگەندىلا تەييارلىقىمنى چەستەي قىلىپ ئۇنى ، ئۇنىڭ تىلفۇنىنى ساقلىشىم كېرەك ، شۇڭا بۈگۈن بالدۇراق ئۇخلاپ قالاي ،،،ئەتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنىڭ تاتلىق خىياللىرى بىلەن ئۇيقۇغۇغا كەتتىم ...
ئۇنىڭ بىلەن مەكتەپ ئىچىدىكى كۆل بۇيىدا ، كۆل بۇيىدىكى ھېلىقى كونا جايىمىزدا كۈرۈشۈپتىمىز ، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا قىزىل ئۇزۇن مامۇق چاپىنى بارمىش ، بوينىغا قارا شارپىسىنى تاقاپتىمىش ، تۈپتۈز ، ئۇزۇن چاچلىرىنى قۇيىۋېتىپتىمىش ، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغۇدەك ...ئۇنىڭغا چاخچاق قىلىپ "كۆلگە ئىتتىرىۋېتىمەن ' دەپ قويسام بەك قورقۇپ كەتكۈدەكمىش ، "قورقما ساراڭ ! نىمىشقا سىنى ئىتتىرىۋەتكۈدەكمەن ، سېنى ئىتتىرىۋەتسەم سەن بولمىساڭ مەن قانداق ياشايمەن" دېگىنىمچە ئۇنىڭغا يېقىن كەلگۈدەكمەن ، ئەمما مەن يېقىن كەلگەنسىرى ئۇ قورقۇپ ، يىغلاپ ئارقىغا داجىغۇدەك ... مەن ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا ھەيران بولغان ھالدا يەنىلا ئۇنىڭغا يېقىنلاشقۇدەكمەن ...ئەمما مەن يېقىنلاشقانسىرى ئۇ كەينىگە داجىغۇدەك ...
__ ناھىبە !!! ناھىبە !!! ناھىبە !!!
ئۈزۈمنىڭ ئاۋازىدىن ئۈزۈم چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم . قارا تەرگە چۈمۈپ كىتىپتىمەن ، چۈشۈمدە ئۇ كۆلگە يېقىلىپ كىتىپتىمىش ، دەل ھېلىقى يەردە ، ئۇ "ئۆزىنى مۇشۇ كۆلگە تاشلىۋالغان" دەپ گىپىنى دوستىنىڭ گىپىنى قىلىپ بەرگەن ھېلىقى يەردە ! سۇغا چۈشۈپلا "ئىمران ! ئىمران !" دەپ ئىككى توۋلاپلا چۈكۈپ كىتىپتىمىش ، مەن بولسام ئالدىمغا ماڭاي ، ئۇنى سۇدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقاي دىسەممۇ خۇددى بىرى جايىمغا مىخلاپ قويغاندەك مىدىرلىيالماي قالغۇدەكمەن !
"قارا بېسىپتۇدە' دەپ تەسەللىي بەردىم ئۆز - ئۆزۈمگە ! سائەتكە قارىدىم ، تېخى ئوتتۇرا كېچىكەن ...بىر پىيالە چاي ئىچىۋېتىپ كىرىپ قايتىدىن ئۇخلىماقچى بولدۇم ، ئەمما ھەرقانچە قىلماي ئۇخلىيالمىدىم ، بىر چۈشقۇ خالاس ، يامانغا ئۈرۈمەيچۇ ، دەيمەنيۇ يەنىلا كاللامغا كەلمىگەن خىياللار كىلىۋالىدۇ ، ئالدىنقى قېتىم ئۇنىڭ ياق دېگىنىگە قارىماي يان تىلفۇن ئالساق بوپتىكەن ، مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىر تىلفۇن بىلەن خاتىرجەم ئۇيقۇغا كىتەرىدىم ... ئۇنى ئويلاپ بۇنى خىيال قىلىپ ئاخىرى ئۇخلاپ قاپتىمەن .
__ ئاكا ! ناھىبە ئاچام تىلفۇن قىپتۇ !
دىڭلىمنىڭ ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ، ئاخشامقى چۈشنىڭ تەسىرى تېخى كاللامدىن تۇلۇق كىتىپ بۇلالمىغان بولسا كېرەك ، چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم ئىشىكنىڭ تاپسىسىغا پۇتلىشىپ يېقىلىپ كەتكەنكەن يېرىمدىن ئۆمىلەپ دېگۈدەك قوپۇپ ئەزەلدىن قىپ باقمىغان چەبدەسلىك بىلەن مىھمانخانا ئۆيگە ، تىلفۇننىڭ يېنىغا يۈگۈردۈم . ئەمما تىلفۇننىڭ جايىدا تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ ئەرۋايىم ئۇچتى ، ئاشخانا ئۆينىڭ تاپسىسىدا ماڭا قاراپ كۈلۈشۈپ تۇرغان ئاپام ۋە ئۇنىڭغا كەينىدىن ئارتىلىپ تۇرغان سىڭلىمنى كۆرۈپ ئىشنىڭ تىگى - تەكتىنى چۈشەندىم .
__ ئۈزۈڭ ئەتە تاڭ ئاتماستا ئويغۇتىۋەت دىگەن ، ماڭا بۇنداق چەكچەيمە ! ، __ دېدى سىڭلىم چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ .
__ مەن سېنى ناھىبەدىن تىلفۇن كىپتۇ دەپ ئويغات دېدىمما ، نىمانداق ئەتتىگەندىلا قالايمىقان چاخچاق قىلىسەن ئادەمگە !
ئاۋازىم خېلىلا ئۈنلۈك چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك ، ئاپام ئەمدىلا ماڭا گەپ ياندۇرۇش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللىتىۋاتقان سىڭلىمنى تۇسۇپ قويدى ،
__ چۈشۈڭ بۇزۇلۇپ قالدىمۇ نىمە بالام ، ئەتتىگەندىلا كايىمىغىنا ! سىڭلىڭ چاخچاق قىلىپ شۇ ...
ئاپامنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىماي ياتاق ئۈيۈمگە كىرىپ كەتتىم . ئۇنىڭ " چۈشۈڭ بۇزۇلۇپ قالدىمۇ " دېگەن بىر ئېغىز سۆزىدىن يۈرۈكۈم ئېغىپ كەتكەنىدى ! نىمە بولغاندىمەن ...!
ھىچ ئىشقا قۇلۇم بارماي ، ئاپامنىڭ تىلفۇنىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ بېكەتكە قاراپ ماڭدىم ، (ئۇ چاغلاردا يانفۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تېخى ئۇمۇملىشىپ كەتمىگەن چاغلار ئىدى ، يانفۇن ئىشلەتكەنلەر ئاساسلىقى ھاللىق ئائىلىلەرنىڭ ئەركە بالىلىرى ئىدى . )
بېكەتكە كەلدىم ، غۇلجىنىڭ ئاپتۇبۇسلىرى تېخى تۇلۇق كىلىپ بۇلالماپتۇ . بۈگۈن بېكەتتە ئادەملەر كۆپتەك ئىدى . تۇيۇقسىز ياندىكى تۆت - بەش كىشىلەر توپلىشىۋالغان يەردىن ئاجايىپ پاراڭلارنى ئاڭلاپ قالدىم .
__ خالمۇراتكامنىڭ ماشىنىسىكەن دەيدۇ ، ئاجايىپ ساق شوپۇرتى ، نىمە بالا يەتتىكىن !
__ شۇنداق قىلىپ ئۆلگەن كىشىنى تۆت دەيدۇ دەڭلا !
__ بار كەلگۈلۈك ئۇنىڭ خۇتۇن - بالىلىرىغىدە ئەمدى ، ئوغلى تۇغۇلغىنىغا ئاي بولمىغان ھە !
__ ھازىرچە تۆتكەن ، يارىلانغانلارنىڭ يارىسىنىمۇ بەك ئېغىر دەيدۇ .
__ يارىدارلارنى غۇلجىدا قۇتقۇزىۋېتىپتۇ دەيدىغۇ !
__ شۇنداق بۇلىدۇ دە ! ۋەقە نەگە يېقىن يۈز بەرگەن بولسا شۇ يەرگە ئاپارغۇلۇق !
ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ " قاچان يولغا چىققان ، نەنىڭ ماشىنىسىنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىسىلەر " دەپ سورىغۇم كىلىپ كەتتى ، نىمىشقا ئۇنداق سورىغۇدەكمەن ، نىمانداق قالايمىقان ، كەلسە - كەلمەس خىيال قىلىدىغاندىمەن ، ئارتۇق ئىشلارنى ئويلىماي ، ئۇ ھېلىلىلا كىلىدۇ ، چۇقۇم يەنىلا بۇرۇنقىدەك بىر مۇنچە نەرسە كۆتۈرۈپ كىلىدۇ ، ئۇنىڭغا تۇيدۇرماي يېنىغا بېرىۋېلىپ "كەلدىڭمۇ مۈشۈكۈم ، توڭدىڭمۇ" دەيمەن ، ئۇ ھەيرانلىقتا " سېنى كەلمە دىگەنتىمغۇ ، نىمىقا كەلدىڭ ' دەيدۇ ، ئەمما خوشاللىقىنى يۇشۇرۇپ قالالمايدۇ . كۈلۈپ تۇرۇپ " بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن جېنىم ساقام' دەيدۇ ، "مۇشۇنداقلا تەبرىكلىمەكچىمۇ سەن " ئۇنىڭغا يېقىن كىلىپ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قارايمەن ، "ۋاي قاشاڭ ، نىمانداق ئادەم قورقۇتىسەن ، كۆرمىدىڭمۇ شۇنچە خەقنى " دەپ كەينىگە داجىيدۇ ، مەن كۈلۈپ كىتىمەن ...ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بالىلارچە قىلىقىدىن كۈلۈپ كىتىدۇ ...
ئۈرۈمچىنىڭ 2 - ئايدىكى سوغۇقىنى نىمىگە تەڭلەشتۈرۈشنى بىلمەيمەن ، مۇشۇ سوغۇقتا ھېلى بېكەتنىڭ ئىچىگە كىرىمەن ، ھېلى ئاپتۇبۇس توختۇتۇش مەيدانىغا چىقىمەن ، ھېلىدىن ھېلىغا ئۆيگە تىلفۇن قىلىپ ئۇنىڭ تىلفۇن قىلغان قىلمىغانلىقىنى سورايمەن . غۇلجىنىڭ كىلىشكە تىگىشلىك ئاپتۇبۇسلىرىنىڭ ھەممىسى كىلىپ بولدى ، پەقەت بىرلا ئاپتۇبۇس __ تۈنۈگۈن يولغا چىقىپ تۆت سائەتتىن كىيىن ۋەقەگە ئۇچۇرغان ئاپتۇبۇس كەلمىدى ...! مەن بولسام تېخىچە بېكەتتە ھىچنىمىگە ئىشەنمىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى بېسىشقا جۇرئەت قىلالماي ئولتۇرىمەن ، ئۆيگە تىلفۇن قىلىپ سىڭلىمغا ئۇنىڭ ئۆيىگە تىلفۇن قىلىپ بېقىشنى ئېيتتىم .
__ ئاكا ، ئاۋال قايتىپ كىلە ، قالغان گەپنى سەن كەلگەندىن كىيىن دىيىشەيلى . ماقۇل دىگىنە جېنىم ئاكا ، __ سىڭلىمنىڭ يىغلامسىراپ ئېيتقان سۆزلىرىدىن يۈرۈكۈمدە باشقىچە سىزىم .
__ سەن قىلمىساڭ ئۈزۈم قىلاي ئەمىسە !
__ ئاكا...
سىڭلىم گەپ قىلىۋاتسا تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم . ئەمدىلا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ نۇمۇرىنى بېسىپ تۇرۇشۇم غۇلجىنىڭ رايون نۇمۇرىدىن تىلفۇن كەلدى ، راستىنى دىسەم ئاشۇ قىسقىغىنە دەقىقىدە نۇرغۇن ئىشلارنى خىيال قىلىپ ئۈلگۈردۈم ، ئۇ ناھىبە بولسا ھە ! " كەچۈرگىن ئىمران ، تۈنۈگۈن يولغا چىقالمىغانىدىم ..." دەپ مەندىن قورقۇپ تۇرۇپ بىر مۇنچە باھانە - سەۋەپ كۆرسەتسە ، مەن بولسام ئۇنىڭ تۇنۇگۈن يولغا چىچقالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاغا شۇكرى ئېيتسام ...
__ قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش ، ياخشىمۇ !
__ ھە ، مىرزاتمۇ سەن ، مەن تېخى ناھىبە چېغى دەپتىمەن ...ياخشى ئۈزۈڭچۇ ؟ ، __ مىرزات بىز بىلەن بىر سىنىپتا ، ناھىبەنىڭ يۇرتدىشى ھەم تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشى ، غۇلجۇلۇق بولغىنىغا قارىماي چوڭ ئادەمدەك ئېغىر - بېسىق مىجەزلىك بۇ بالا ئادەتتە ئېزىپ - تېزىپ ماڭا تىلفۇن قىلىپ قالمايتتى ... ئۇ ئىچىمنى سىقىپ بىرمۇنچە گەپ قىلدى ، ئۆيگە تىلفۇن قىلغىنىنى سىڭلىم بىلەن ئاپام بىلەن كۈرۈشكىنىنى ، ئاندىن بۇ نۇمۇرغا تىلفۇن قىلغىنىنى ، ھازىرنىڭ ئۈزىدىلا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە بۇلۇپ قېلىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىۋاتقىنىنى ...ئاخىرىدا ، مىنىڭ چۇقۇم بەرداشلىق بىرىشىم كېرەكلىكىنى ، ناھىبەنىڭ تۈنۈگۈن كېچە قاتناش ۋەقەسىدە قازا تاپقانلىقىنى ، ئۇ يەردىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئەتتىگەندىلا يىغىلىپ ناھىبەنىڭ ئۈيىگە پەتىگە بارغانلىقىنى ... ... ... ...
ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىممۇ يوق ئىسىمدە يوق . تىلفۇننى قۇيىۋېتىپلا ناھىبەنىڭ ئۈيىگە تىلفۇن قىلدىم ، ئۇ دائىم يالغان گەپ قىلىپ مىنى ئەنسىرىتىپ قۇيۇپ ئاندىن " مەن چاخچاق قىلغان تۇرسام' دەپ تۇرىۋالىدىغان ،،،جېنىم ناھىبە ، بۇمۇ بىر چاخچىقىڭ بولسۇنچۇ ...ئەگەر راستىنلا چاخچاق بولسا مەن ھەرگىز ، ھەرگىزمۇ سەندىن خاپا بولمىغان ، ئەكسىچە سەندىن مىڭ مەرتىۋە رازى بولغان ، نىمە دىسەڭ شۇنىڭغا ماقۇل بولغان بۇلارىدىم ...ئەپسۇس ، مىڭ ئەپسۇس ، تىلفۇندىن ئاڭلانغىنى كىچىككىنە قىزنىڭ ئۈنى ھەم يىغىسى ...ئۇنىڭغا قۇشۇلۇپ يىغا - زارە ، يەنە بىر ئايالنىڭ قوشاق تۇقۇپ يىغلاشلىرى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى ...
ھىچنىمىگە ئىشەنگۈم يوق ، خۇددى بۇ بىر چۈشتەك ...مەن چۈشلىرىمدىن ئويغۇنالماي قىينىلىۋاتقاندەك ...
ئۆيگە يېنىپ كەلدىم ...سىڭلىمنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن قىزىرىپ كىتىپتۇ ،،،ئۆيدىكىلەر بىلەن ھىچنىمە دىيىشمىدۇق ...ياتاق ئۈيۈمگە كىردىم ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىشىم بىلەن تەڭ كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى...
ئىككى كۈن گېلىمدىن سۇمۇ ئۆتمىدى ، كۈزۈمنىڭ مىنۇت يۇمۇلمىقى ئابايامقى گەپ بوپ قالدى ، دۇنيادىكى ئەڭ قەيسەر ئانا بولمىش مىنىڭ ئاپام مىنىڭ ھالىمغا قاراپ ياش تۆكمەكتە ، سىڭلىم قارىلىق تۇتقان بولسا كېرەك ياغلىق ئارتىۋاپتۇ . داداممۇ بۇرۇنقىدەك كۆپ گەپ قىلمايدۇ ...ئىككى كۈننىڭ ئىچىدىلا بىر مۇنچە ساۋاقداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ بوپتۇ ! بەزىلىرى تىلفۇن قىلىپ بەزىلىرى ئۆيگە كىلىپ دېگەندەك ئەھۋال سورىغان بولدى .
__ جېنىم بالام ، سەنلا ئەمەس بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز شۇنداق يېرىم ، ئۆيگە كىلىپ كىتىپ يۈرۈپ ئۆز قىزىمدەك بۇلۇپ قاپتىكەن ، لىكىن قانداق قىلىمىز بالام ، خۇدايىمنىڭ ئىرادىسى شۇنداقكەن ، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدىكەن ، __ ئۈچۈنچى كۈنى ئاپام ماڭا تەسەللى بەرگىلى كىرىپ بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى .
__ غۇلجۇغا بارىمەن .
__ كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن بالام ، لىكىن بارغان تەقدىردىمۇ نىمە قىلالايسەن ؟
__ ھىچ بولمىسا ئۇنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىمەن ، ئۇنىڭغا مەن زىيانكەشلىك قىلدىم ئاپا ، ئۇ شۇنچە يالۋۇرغان ، "ئۆيدىكىلەرگە چۈشەندۈرەلمەيمەن ، تەتىلدىن كىيىن ئورنىنى تۇلۇقلاپ بىرەي" دىسە مەن يارىماس ئۇنىمىغان ، ئۇنىڭ بىلەن بايرام ئۆتكۈزىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالغانمەن ، تىلفۇندا چۈشەندۈرىۋاتسا ئۇنىڭغا قىيدىغان كىشى بۇلۇپ تىلفۇننى قۇيۇۋەتكەنمەن ، جېنىم ئاپا ! نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ ، نىمىشقا !ھەممىنى قىلغان مەن ئاپا ، مەن ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلدىم ،،،ئۇنىڭغا مەن زىيانكەشلىك قىلدىم ...
ئاپامنىڭ قۇچىقىغا بېشىمنى قۇيۇپ دۈم يېتىپ ھارغۇچە يىغلاپتىمەن ، بۇرۇن ياتاقتا بىر ئوغۇل بالىنىڭ يىغلىغىنى توغۇرلۇق گەپ بولغاندا "ئوغۇل بالىمۇ يىغلامدۇ ، ھەرقانچە ئۆلگۈدەك ئىش بولسىمۇ " دىگەنىدىم ، مانا مەن يىغلىدىم ، ئۈزۈم يالغۇز قالغاندىمۇ ، ئاپام - دادام ، سىڭلىم ھەتتا دوستلىرىمنىڭ ئالدىدىمۇ يىغلىدىم ، گاھىدا ئۈنۈمنى چىقارماي بۇقۇلداپ يىغلىدىم ، گاھىدا ئاۋازىمنى قۇيۇپ بېرىپ ھۆڭگىرەپ يىغلىدىم ...مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن ، ئۈزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ قاتىلى بولدۇم ، راست ، كىلىش - كىتىش پەقەت ياراتقان ئىگەمنىڭ ئىلكىدە ، لىكىن ھەرقانچە ئويلىساممۇ ...ئۇ تېخى كىچىك ئىدى ، شۇنچىلىك سەبىي ئىدى ، پاك ئىدى ، بىغۇبار ئىدى ، ئاقكۆڭۈل ئىدى ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىق ، ئارزۇلۇق بىر تاللا قىزى ئىدى ، قەلبى شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدى ، دوستلىرى ، ساۋاقداشلىرى ، بارلىق ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ پەخرى ئىدى ، ، نىمىشقا ئۇ كىتىپ قالىدۇ ، نىمىشقا پەرىشتىدەك بىر قىز كىتىپ قالىدۇ ، ئۇلۇغ ئاللا نىمىشقا ئۇنى ئەپكىتىدۇ ... نىمىشقا !!!
ئاتا - ئانىنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەن دەريادەك كەڭ بۇلىدىغان گەپكەن ، ئاپام پىنسىيىدە بولغاچقا مەن بىلەن بىرگە بارىدىغان بولدى ، "بۇنداق تۈگىشىپ كەتمە بالام ، سەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۈگىشىپ كەتسەڭ مەن سەندىن ئايرىلىپ قالسام قانداق قىلىمەن ، ساڭا بىز كېرەك بولمىغان بىلەن ماڭا ، بىزگە سەن كېرەك بالام ..." دەپ يولدا بارغۇچە ماڭا نەسىھەت قىلىپ ماڭدى ...
غۇلجىغا كەلگەنسىرى يەنە بۇرۇنلىرىمنىڭ ئۇچى ئېچىشىشقا باشلىدى ، لىكىن ئەمدى يىغلىسام بولمايدۇ ، بۇلۇپمۇ ئاپامنىڭ ئالدىدا ، ئۇ راست دەيدۇ ، ئۇنى مۇشۇ كۈندىلا كۆپ ئەنسىرەتتىم ، بىراقلا نەچچە ياش قېرىتىۋەتتىم ...
ئۇ يۇرتىدىن پەخىرلىنەتتى ، غۇلجا توغۇرلۇق گەپ بولسىلا كىيىن سىنى ئۇ يەرگە ئاپىرىپ بۇنى كۆرسۈتۈپ بۇ يەرگە ئاپىرىپ ئۇنى كۆرسۈتۈپ دەپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كىتەتتى ،،،مانا مەن كەلدىم جېنىم ساقام ، ئوماق مۈشۈكۈم ، قېنى سەن ، سەن ياخشى كۆرىدىغان ، سەن پەخىرلىنىدىغان يۇرتۇڭغا كەلدىم ، كۆل بۇيىدا تۇرۇپ ئېلى دەرياسى توغۇرلۇق دىيىشكىنىمىز يادىڭدىمۇ ، مانا مەن كەلدىم ، مىنىڭ كىلىشىمنى شۇنچە ئارزۇ قىلاتتىڭغۇ ، " بارىدىغان بولساڭ ..." دەپ سۆزلەپلا كىتەتتىڭغۇ ، " شۇنداق كۈنلەرمۇ كىلەرمۇ جېنىم ، غۇلجىنىڭ كوچىلىرىدىمۇ ياندىشىپ ماڭارمىزمۇ " دەپ كىتەتتىڭغۇ ، مانا مەن كەلدىم ، لىكىن سەن يوق ...مېنى كەچۈرەمسەن جېنىم ، راست كەچۈر ، ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان خاتالىق ئۆتكۈزدۈم ، بۇ خاتالىقىم بەدىلىگە ئۈزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىدىمدىن ئايرىلدىم ، ھەتتا ئۇنىڭ ئاۋازىنى بىر سىكونت بولسىمۇ ئاڭلاش ، سىماسىنى يىراقتىن بولسىمۇ كۈرۈش ھۇقۇقۇمدىن مەھرۇم بولدۇم ، ئۇنى بۇ يۇرۇق دۇنيادىن مەھرۇم قىلدىم ...ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنى ئۆز قۇلۇم بىلەن ئۆزى بىلەن بىرگە قارا تۇپراق قوينىغا كۈمۈۋەتتىم ...ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ كۆزىدىن ياش ئورنىغا قان ئالدىم ...ئۇلۇغ ئاللا ، ئۇنى يېنىڭغا ئەپكەتكەنگە ئوخشاش مىنىمۇ ئەپكەتسەڭ سەندىن مىڭ مەرتىۋە رازى بولغان بۇلار ئىدىم ...بۇنداق خىيالغا كەلمەسلىكىم كېرەكلىكىنى بىلىمەن ، چۈنكى ئاپام ، سىڭلىم يەنە دادامغا مەن بولمىسام بولمايدۇ ، لىكىن ماڭىمۇ ئۇ بولمىسا بولمايدۇ ...كەلگۈسىنىڭ كارتىنىسىنى بىز بىرمۇ بىر سىزىپ بولغانمىز ، ھەممىنى "خۇدايىم بۇيرىسا " دەپ سىنىڭ ئىسمىڭنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ كىيىنكى تۇرمۇشىمىز توغۇرلۇق گۈزەل ئارزۇلارنى قىلىشقانمىز ، پىلانلارنى تۈزۈشكەنمىز ...ئۇ يوق بىر تەتىلنى ئۆتكۈزەلمىگەن مەن ئەمدى بۇ بىر ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزىمەن ،،،ئۇنىڭ قاتىلى بۇلۇپ ، بۇ گۇناھكار قەلبىمنى يۈدۈپ قانداق ياشايمەن ... ئاھ خۇدا !!! مىنىمۇ ئېلىپ كەتسەڭ ! مىنىمۇ ئېلىپ كەتسەڭ !!!
غۇلجىغا كەلدىم ، مىرزات ئاپام ئىككىمىزنىڭ ئالدىغا چىقتى ...ئۇنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقتىم ، ئۈزۈمنى ئېتىپ ھارغۇچە يىغلىدىم ، يەنىلا ئىشىنەلمەيتتىم ، ئۇ راستىنلا مۇشۇ بىر دۆۋە توپىنىڭ ئاستىدىمۇ ؟! ئۇنىڭ ئوماق ئۈمچىيىشلىرىنى ، قەستەنگە "ئىككى مىتىر ئالىيىمەنغۇ تازا " دەپ كۈلكىسىنى تەستە بېسىپ ئەركىلەپ ئالىيىشلىرىنى ، "قاشاڭ ساقام " دەپ چاقىرىشلىرىنى ئەمدىلا راستىنلا ئاڭلىيالماسمەنمۇ ؟! ئۇنىڭ بىلەن سۇيۇقئاشچى ھەدىمىزنىڭ ئوماق بالىلىرىنى ئەركىلىتىپ ئوينىتالماسمىزمۇ ؟! "بىزنىڭمۇ قوشكېزەك بالىلىرىمىز بۇلامۇ ناھىبە" دىسەم "خۇدايىمدىن تىلىسەڭ بوپ قالا" دىيىشلىرىنى ، "خۇدايىمدىن تىلەپلا ئولتۇغانغا قوشكېزەك ئەمەس ، قورسىقىڭغا گىياھمۇ ئۈنمەس ، مەنمۇ ، سەنمۇ تىرىشمىساق بولماس" دىگىنىمدە "قاشاڭلىق قىلمىساڭ" دەپ قىزىرىپ كىتىشلىرىنى راستىنلا كۈرەلمەسمەنمۇ ؟ ! ناھىبە ! جېنىم ناھىبە ، كەچۈرگىن ، كىچىك بالىلىق قىلمىسام بوپتىكەن ، شۇنچە چۈشەندۈرۈشلىرىڭگە بولسىمۇ ماقۇل دىسەم بوپتىكەن ، بۇ لەنىتى بايرامنى بىرگە ئۆتكۈزىمىز دىمىسەم بوپتىكەن ، پەقەت سىنى سېغىنىشىم چەككە يەتكەنلىكى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلغانمەن ، كەچۈر جېنىم ، مىنى كەچۈر ، ھەر بىر سۆز - ھەرىكىتىڭ ئىسىمدە ، بۈگۈن ساڭا ۋەدە بىرەي ، ھاياتىمدا پەقەت سىنىلا ياخشى كۆرىمەن ، مەيلى سەن يېنىمدا بول ياكى بولما سەن يېنىمدا باردەك ئۈتىمەن ، باشقا قىزلارغا ھەرگىز قارىمايمەن ، ھەرگىز كۆڭۈل بەرمەيمەن ، پەقەت سىنىڭ روھىڭ بىلەنلا ياشايمەن !!!
غۇلجىدا ئۈچ كۈن تۇرغان بولدۇق ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۈيىگە پەتىگە كىردۇق ، تولا گىپىنى ئاڭلاپ كەتكەن ئۇ ئۆينى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم ، ئۇنىڭ ھۇجۇر ئۆيىنى كۆرسىتىپ قويغاندا بولسا يېپىق ئىشىكنى ئېچىپ ئۇ ئۆينى كۈرۈپ باققۇم ، ئۇنىڭ كارىۋىتىنى ھىدلىۋالغۇم كەپ كەتتى ، يەنە ئۇنىڭدىن گىپىنى ئاڭلىغان لىكىن تېخى يۈز كۈرۈشۈشكە نىسىپ بولمىغان بىرمۇنچە قىز - ئوغۇل دوستلىرى بىلەن كۈرۈشتۈم ...لىكىن يەنىىلا مىڭ ئەپسۇس ! ئەگەر ئۇ بولغان بولسا ھە ،،، ،،،










: گۇناھكار قەلب(6)

ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلگەندىن كىيىن تېخىمۇ قىينالدىم ، كاللامدا پەقەت بىرلا خىيال «ئۇنىڭغا مەن زىيانكەشلىك قىلدىم !» قۇلاق تۈۋىمدە پەقەت بىرلا ئاۋاز «قاشاڭ ساقام ...قاشاڭ ئومىقىم! »...كۆز ئالدىمدا پەقەت بىرلا سىيما ، كىچىككىنە ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ ئوماقلىقىدىن ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرىدىغان ، ساددا ، ئوماق قىز ! لەۋلىرىم پات – پات بىرلا ئىسىمنى چاقىرىدۇ « ناھىبە ! »
تەتىلنى شۇنچىلىك تەستە ئۆتكۈزدۈم ... تەتىل يىغىلىپ ئەتە دەرىس باشلىنىدۇ دىگەن كۈنىگىچە مەكتەپكە بارمىدىم ، ئۆيدىكىلەر تولا تەسەللىي بىرىپ ، تولا گەپ قىلىپ ھېرىپ قالدى ، ساۋاقداشلىرىم نەچچە كەلدى ! ئوقۇمايمەن دىۋىدىم ئاپامنىڭ كۈزىدىن نەچچە كۈنگىچە ياش قۇرىمىدى ،،،ئاخىر ئېغىرلاشقان قەدەملىرىمنى يۆتكەپ مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم ...
مەنلا ئەمەس مەكتەپمۇ جىمىپ كەتكەندەك ...ھەممە نىمە ئۇنىڭ يوقلىقىغا ئېچىنىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتاتتى ! ئەتىگىنى ئۇ تىلفۇن قىلىپ ئويغۇتاتتى ! سىنىپتا بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايتتۇق ، چۈشتە كۈلكە – چاخچاقلار بىلەن تاماق يەيتتۇق ، كەچتە كۆل بۇيىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن مۇڭدىشاتتۇق ، ئۇنى قۇچۇقۇمدا ئولتۇرغۇزىۋېلىپ چىڭڭىدە قۇچاقلاپ جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتەتتىم ...ئۇ خۇددى بىر كىچىك بالىدەك ھىس قىلاتتىم ، نەزىرىمدە ئۇ كىچىك ، بەكلا كىچىك ئىدى ، يېنىمدا بولمىسا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتىم ، «ساددا ، ئاقكۆڭۈلسەن ، دەل مۇشۇ يەرلىرىڭدىن باشقىلار كۆپ پايدىلىنىپ كىتىدۇ ، سەن بولساڭ باشقىلار ئۈچۈن جاپا تارتقانغا خوشال يۈرىۋېرىسەن ، ئاخماقسەن ناھىبە !» دەپ كىتەتتىم ...« سەنمۇ مىنىڭ شۇ يەرلىرىمگە كۆيگەنسەن ...» دەپ قۇياتتى ئۇ خىيالىي ھالەتتە !!!
ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئويغىنىپلا خىيال سۈرۈپ يېتىپ قالىمەن ، خۇددى ئۇنىڭدىن تىلفۇن كىلىپ مىنى ئويغىتىدىغاندەك ...بۇلىۋاتقان ، بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى چۈشتەك ...ئۇ يەنىلا يېنىمدا باردەك ...
مۇشۇنداق رىئاللىق ۋە چۈش ، خىيال ئارىسىدا تىڭىرقاپ يۈرۈپ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەۋسۇمنى تاماملىدىم ، ئۇنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە ئەڭ ياخشى نەتىنجە بىلەن تاماملىدىم ...
كىيىنكى كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزدۈم بىلمەيمەن ...ۋاقىت مەن بىلەن قېيىشىپ مەن ۋاقىت بىلەن قېيىشىپ دىگەندەك ...مانا ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ساق ئۈچ يىل ئۈتۈپتۇ ، بۇ ئۈچ يىلدا ئۆزگەردى دىسە رەھمەتلىك دادامنى ئۇزىتىپ قويدۇق ، بۇ ئۇزۇتۇشمۇ شۇنچىلىك تۇيۇقسىز بولدىكىن ئەتتىگەندىلا بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەن دادام شۇ كۈنى چۈشكە قالماي يىقىلغان باھانە بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى ... دادام كەتكەندىن كىيىن ھايات ھەققىدە توختىماي ئويلىنىدىغان بولدۇم ... ھەممە نىمىدىن كۆڭلۈم بىراقلا سوۋۇغاندەك بولدى ،،،ئاپام بولسا كۆزلىرىدىن ياش قۇرىمايدىغان ئايالغا ئايلاندى ...يەنە نىمە ئىزلار بولدى ، نىفىت ئەتىرتىدىكى ئۆينى قۇيۇپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئالدىدىن يېڭى بىر ئۆي ئالدۇق ، بۇ ئەلۋەتتە ئاپامنىڭ ماڭا ئاتىغىنى ئىدى ، ئۇ مەن توي قىلغۇچە مۇشۇ ئۆيدە تۇرماقچى ، چۈنكى ئاپامنىڭ دىگىنى بۇيىچە بىر جان – جىگىرىدىن ئايرىلغان ئاپامنىڭ يەنە بىر جان - جىگىرىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئايرىلغۇسى يوق . مەن ئۇ چاغلاردا شىركەتتە ئىشلىگەننى ھەم يۇمشاق دىتال تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاننى باھانە قىلىپ ئۆيگە قايتماييتتىم .ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ يولغاـــ خانتەڭرى ئالدىدىن كونسۇل كوچىسىغىچە ، مەكتەپنىڭ ئالدىغىچە بولغان بۇ يولغا ئالاھىدە مىھرىم بار ئىدى ، ھەرقانداق ئىشىمنى قۇيۇپ كۈنىگە بىر قېتىم بۇ يولنى پىيادە مېڭىپ چىقاتتىم ، بۇنداق چاغلاردا خانتەڭرىنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى قېتىقچى موماينىڭ ئالدىدا قۇشۇمىلىرىنى تۈرۈپ ، موماينىڭ گەپلىرىنى زەن قۇيۇپ ئاڭلاۋاتقان ناھىبەنى ، يايمىچىلارنىڭ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ كىتاپ كۈرىۋاتقان ناھىبەنى ، شۇنچە جىق كىشىلەر ئارىسىدا ماڭا قايرىلىپ قاراۋاتقان ناھىبەنى ئۇچۇرتالايتتىم ، گەرچە ناگان – ناگاندا ، دەقىقە ياكى سىكونتقىچە بولسىمۇ... ئۇنى شۇ جىق كىشىلەر ئارىسىدىن ئۇچۇرتالىغانلىقىمدىن خوشال بۇلاتتىم ... ئاپام ئاخىر ئۆيدىن بىرنى ئېلىپ مىنىڭ ئىجارە ئۈيۈمنى قايتۇرغۇزىۋەتتى ... مانا ئۈچ يىل ئۆتتى ، باشقىلار كۈنىگە نەچچە سائەت ئۇخلايدۇ بۇنى بىلمەيمەن ، ئەمما بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا بىرەر كۈن نورمال ئادەمدەك ئۇخلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن ، بەزىدە كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىدا يىگىرمە سائەتتىن ئارتۇق مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ كىتىمەن ...بىچارە سىڭلىم ، بىچارە ئاپام كۈنلەپ مەن ئۈچۈن غەم يەپلا يۈرگىنى يۈرگەن ...سىڭلىمنىڭ ماڭا تۇنۇشتۇرمىغان دوستلىرىمۇ قالمىدى ، سىڭلىمنىڭ دوستلىرىمۇ قىززىق ، «ئىمران ئاكا ، كومپىيوتۇرۇم ئۇنداق بولغان ، بۇنداق بولغان يېنىڭىزغا بارايچۇ قاراپ بېقىڭە » دەيدۇ ، ماقۇل دەيمەن ، ئەلۋەتتە ياق دىگىلى بولمايدۇ دە ! ئىشخانامغا كىلىپ ساق كومپىيۇتۇرنى ساق ئەمەس دەپ ئولتۇرىۋالغان ، بەزىلىرى بار ، بىر سېستىمىنى ھەپتىدە نەچچە قېتىم قاچىلىتىدىغان ...سەۋەپنىڭ تايىنى يوق ، «قايتا قاچىلايتتىم» دەپ تۇرىۋالسا مەندە نە چارە ...ياق دىسەم ئىشتىن قاچقاندەك ، ماقۇل دەپ بىردەمدىلا قاچىلاپ بىرىمەن ، ئەمما ئۇلار نىمە دەيدۇ ، «ۋاي ئىمران ئاكا ، سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم ، شۇڭا بىر ۋاق تاماق يىسەك ، رەھمىتىمنى ئېيتىۋالسام»...بۇنداق ئىشلار خويمۇ كۆپ ، لىكىن بىرەرىگە ماقۇل دىمەيمەن ، دىيەلمەيمەن ، ھەم دىگۈممۇ يوق ! مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ناھىبە بېشىمدا دومسۇيۇپ قاراپ تۇرغاندەك ، راست ، ئۇ بەك كۈنلەمچى ، بۇرۇن سەدىردىن بىلەن يۈرگىنىدە ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى توغرا چۈشىنىدىغان ناھىبە مەن بىلەن يۈرگەندىن كىيىن كۈنلەمچى خۇتۇنغا ئايلانغان...ھى ھى ھى . لىكىن راستىنى دىسەم ئۇنىڭ كۈنلەمچىلىكىدىن مەن خوشال ئىدىم ، مانا ھازىرمۇ باشقا قىزلارغا تىك بېقىپ قارىغىنىمنى بىلمەيمەن ، چۈنكى ناھىبە يېنىمدا بار ، ئۇنىڭ چوڭ كۆزلىرى ، ئوماق ، كىچىك ، نىپىز لەۋلىرى ھازىرقىدەكلا كۆز ئالدىمدا ...قىسقىسى ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەم بۇيىچە ئۇنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتمىدىم ...ئۇ ھامان مىنىڭ يېنىمدا ، مىنىڭ تۇرمۇشۇمدا ، مانا ئۈچ يىل تىرىشىپ كىچىككىنە بىر ئېغىز ئۈيۈمدىن ، كىچىككىنە يۇمشاق دىتال تەتقىقات مەركىزىدىن مانا ھازىر شىركەت بولدۇق ، قانچىلىك جاپا تارتقىنىمنى بىر ئۈزۈم بىلىمەن ...بىر ئاللا بىلىدۇ !
مانا بۈگۈن 14 – فېۋرال ، ناھىبە تۈگەپ كەتكىنىگە نەق تۆت يىل بولدى ...ئەمما ئىشەنگۈم يوق ، ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ، بار كۈچۈم بىلەن «ناھىبە !» دەپ توۋلىغۇم ، ئۇنى ئىزلىگۈم كىلىدۇ ، خۇددى كىتىپ بارغان شۇنچە جىق كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇ باردەك ، ئۇمۇ مەن ئۇنى ئىزلەۋاتقاندەك مىنى ئىزلەۋاتقاندەك ، مىنى تاپالماي قىينىلىۋاتقاندەك ...
تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم جىرىڭلىدى .
ــ شىركەتكە بىر كىلىپ كىتەلەمسىز ؟ــ مىنىڭ ھازىرقى كاتىۋىم ، كاتىۋىملا ئەمەس ، ياخشى ياردەمچىم ، تەتقىقات مەركىزى قۇۇرۇلغاندىن تارتىپ مەن بىلەن تەڭ جاپا تارتقان ، قىسقىسى شىركىتىمنىڭ يەنە بىر روياپقا چىقارغۇچىسى. ئۇ بىلىدۇ ، ئۈچ يىل بىرگە ئىشلەش جەريانىدا ئەزەلدىن بۈگۈنكى كۈندە شىركەتكە قايتمايدىغانلىقىمنى !
ــ بارالماسمەنمىكىن .
ــ ئىككى شىركەت كەپتۇ ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ھىسابات سېستىمىسى ئىشلەتمەكچىكەن . بىزنىڭ يېڭى تەتقىقاتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن ، شۇڭا ...
ــ بىلدىم باراي !
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان سېستىما ! بۇ ناھىبەنىڭ ئارزۇسى ، بىز ئوقۇۋاتقان چاغلاردا ئۇ شۇنداق دەپ كىتەتتى ،« بۇنداق سېستىمىلار ئۆز ئانا تىلىمىزدىمۇ بولسىچۇ ھە » دەپ ! ئۇنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە ئاشخانىدا ئىشلىتىلىدىغان ئاشخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىنى ياساپ چىقتىم ، يەنە دەرسلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇش سېستىمىسى ، ئىلىكتىرونلۇق لۇغەت ، مانا ئەمدى پۈتۈن ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرچە شىركەت ھىساباتىنى ئاپتوماتىك باشقۇرۇش سېستىمىسىنى ئىشلەۋاتاتتۇق ...
شىركەتكە كەلدىم ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلىدىم ...كۆڭلۈم يۇرىغاندەك بولدى ، ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن ئىشخانامدا ئولتۇرسام بايام گىپىنى قىلغان قىز ، ياخشى ياردەمچىم دىلنۇر كىرىپ كەلدى .
ــ مەن ئىشتىن چۈشەي ، باشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش بارمۇ ؟
ــ يوق ، ئەتە كۈرۈشەيلى .
ــ بۇ ...بۇ خەتنى ...خوش ...
قىززىق ، كۈندە بىر ئىشخانىدا ئىشلەپ يېقىن ئۈتىدىغان بۇ قىزغا ئەمدى نىمە بولدۇكىنە ! ئۇ خەتنى ئۈستىلىمگە قۇيۇپ قۇيۇپ قەدەملىرىنى تىز – تىز ئېلىپ چىقىپ كەتتى ، نىمىشقىكىن خەتنى ئېچىشقا ئالدىراپ كەتمىدىم ، ئۈستىلىمدە ناھىبەنىڭ سۈرىتى بارئىدى ، بىردەم سۈرەتكە قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇردۇم ، ناھىبە بىلەن پاراڭلاشتىم ، ئاندىن ئالدىرىماي خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم :
« ئەسسالام ئىمران ، ھەيران قېلىۋاتقانسىزمۇ ياكى سەزگەن بولسىڭىزمۇ سەلمەسە سالغان ئىشلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى خالىمىغاندەك ، خەتنى ئوقۇش خۇشياقماي ئولتۇرامدىغانسىز ؟
مەيلى نىمىلا بولسۇن ، بۈگۈن سىزگە ھەممىنى ئېيتىمەن ! شۇنداق ، سىزگە ئېيتىشنى قارار قىلغانىكەنمەن ئېيتىشىم كېرەك .
گەپنى يەنىلا بىز تۇنۇشقان ۋاقىتتىن باشلاي ...ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ غۇلجىغا قايتماي ئۈرۈمچىدە قېلىش خام خىيالىدا خىزمەت ئىزلەپ چېپىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى ، ئون ئىككى كۈن جاپالىق خىزمەت ئىزلەش ئارقىلىق ئاخىرى بىر يۇمشاق دىتال تەتقىقات شىركىتىدىن خىزمەت تاپتىم ، مانا بۇ ئىككىمىز تۇنۇشۇشقا نىسىپ بولغان جاي !
بىز ئۈچ ئاي بىرگە ئىشلىدۇق ، سىزنىڭ شۇ دەرىجىدە ئېغىر – بېسىقلىقىڭىز مىنى ھەم ھەيران قالدۇردى ھەم بەزىدە ئىچىمنى پۇشۇرۇپمۇ قويدى ، نىمىشقا دىسىڭىز بارى يوقى تۆتلا ئادەم بار ئۇ مەركەزدە ئىككىز بىر مىللەت ئىدۇق ، سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى ، دوست بۇلۇشنى ئىستەپ قالغانىدىم ، چۈنكى ئادەملەر شۇنچە كۆپ بولغان ئۈرۈمچىدە ئۈزۈمنى شۇ قەدەر يالغۇز سىزەتتىم ، ئەمما سىزگە قىلغان شۇنچە گەپ – سۆزلىرىم ، ئۈچەيلەر ئۈزۈلگۈدەك قىلىنغان چاخچاقلار ، تايىنى يوق ئىشلارنى باھانە قىلىپ تىلفۇن قىلىشلار بىكار قالدى ، ئاخىرى «ئادىمىگەرچىلىكى يوق ، ئۆزىنى جاھاندا بىر چاغلايدىغان » سىزدەك بالا بىلەن دوست بۇلۇش خىيالىنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ ، مەنمۇ سىزنىڭ روھىڭىزدىن ئىلھام ئېلىپ ، خىزمەتكە بېشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم ... كىيىن ، ئۈچ ئايدىن كىيىن سىز ئىشلىمەيدىغان بولدىڭىز ...نىمىسىنى دەي ، سىز بىر مۆڭ ! باشقىلار كۈلۈپ يېتىۋالغۇدەك پاراڭ قىلىپ بەرسەم ، ئېزىپ – تېزىپ ناگان – ناگاندا بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ سۇس مىيقىڭىزدا كۈلۈپ قۇيىدىغان مۆڭ ! بىر سۇئالنى بەش قېتىم سورىمىغۇچە كومپىيۇتۇر ئىكرانىدىن كۈزىڭىزنى ئۈزەلمەيدىغان بىر مۆڭ ! يالغۇزسىرىغاندا ، دوستقا مۇھتاج بولغاندا بىردەم – يېرىمدەم مۇڭدىشاي دەپ گەپ باشلىسام ، بەزىدە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلسام بىرەر ئېغىز ئىپادىمۇ بىلدۈرۈپ قويمايدىغان ھىسىياتسىز بىر بالا ! كىشىنىڭ كۆڭلىنى ، يەنە كىلىپ قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىلمەيدىغان تاياقتىن تۈز ، غورىدىن توڭ بىر بالا ! لىكىن ...لىكىن ، نىمىشقىكىن ، سىز كىتىپ ئۇ يەردە بىر كۈنمۇ ئىشلىگۈم كەلمىدى ، سىز ئولتۇرغان كومپىيوتۇرغا قارىساملا كۆڭلۈم يېرىم بۇلىدۇ ، سىزدەك بىر مۆرىمەسنىڭ بار بىلەن يوقلىقىنىڭ نىمە پەرقىدۇ ؟ دەپ قالىمەن ، شۇنداق دەيمەنيۇ يەنىلا ... ...
شۇنداق قىلىپ سىزنىڭ يېڭى مەركىزىڭىزگە كەلدىم ، ئۈچ ئېغىز ئۆي ، بىر ياتاق ، بىر تازىلىق ئۈيى ، بىر ئېغىزى ئىشخانا ، سېستىما لاھىيەلەش ، بىر قارىماققا ئاددى ئاڭلىنىدۇ ، ئاددى ئىش ، ئەمما ئۇنى سېستىما تۈزۈپ باققانلارلا بىلىدۇ ، جاپاسىنى چۈشىنىدۇ ، يەنە كىلىپ لۇغەت تۈزۈش... ... سىزنىڭ مائاش بىرەلمەيمەن دىگىنىڭىزگە قارىماي سىزنىڭ مەركىزىڭىزگە كىلىپ ئىشلىدىم ، ياق سىزگە ياردەمچى بولدۇم ، ئۈرۈمچىنىڭ قاتتىقلىقىدا ئۈزۈم تۇرىۋاتقان ئاشۇ بىر ئېغىزلىق ياتىقىمدىمۇ كىچىككىنە ئىسپىرت ئوچىقى ، بىر كورا ، ئانچە – مۇنچە چىنە – قاچىلىرم بار ئىدى ، مەركىزىڭىزگە كەلگەندىن كىيىن ئۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ئىشخانىغا ئاپىرىۋالدىم ، شۇنىڭدىن كىيىن خىزمىتىمدىن سىرت سىزگە تاماق ئىتىپ بىرىدىغان بولدۇم ، چۈنكى مەن بىلەتتىم ، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بىر ئولتۇرسىڭىز نەچچە سائەتلەپ ، كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ ئىشلەيدىغانلىقىڭىزنى ، ھەتتا كۈنىگە بىر ۋاق تاماقنىمۇ ئۇنتۇيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم . شۇڭا تاماق ئەتتىم ، بەزىدە ئەتكەن تامىقىم ئۈستىلىڭىز ئۈستىدە سىزنىڭ تىزراق كومپيۇتېر ئالدىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى قولىڭىزغا ئېلىشىڭىزنى كۈتۈپ بىچارىلەرچە تۇرۇپ كەتتى ، بەزىدە سىزنى تارتىپ دىگۈدەك داستىخان ئۈستىگە ئەكەلدىم ...مەن قىلغان ئىشقا مىننەت قىلغانغا ئەڭ ئۆچ ، شۇڭا دىگەنلىرىمنى مىننەت قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقىڭىزنى سورايمەن ، مەن پەقەت سىزگە كۆڭلۈمدىكىنى دىمەكچى ، كۆڭلۈمدىكىنى دىيىش ئۈچۈن ئىختىيارسىز ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ سالدىم ...بەزىدە كېچىچە ئىشلەپ قالىسىز ، بۇنداق چاغلاردا مىنىڭمۇ كەتكۈم كەلمەيدۇ ، بىردەم بولسىمۇ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئازلاتسام ، سىزنى بىر مىنۇت بولسىمۇ بۇرۇنراق ئارام ئالسىكەن دەپ ئويلاپ كىتىمەن ...بەزىدە سىزنىڭ ياتىقىڭىزغا كىرىپ كىچىك بالىلاردەك ھۇزۇرلىنىپ ئۇخلاپ كەتكەنلىكىڭىزگە قاراپ ئۇزاقتىن – ئۇزاق سىزگە قاراپ تۇرۇپ كىتىمەن !
بىر ئۆيدە تۇرغاندەك ئىشلىدۇق ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىدۇق ، سىز بىلەن تەڭ ئىشلىدىم ، سىز ئۇخلىغاندا ، «بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىڭ » دىگىنىڭىزدە مەن قايتمىدىم ، ئارام ئالمىدىم . سىزنىڭ چالا قالغان ئىشلىرىڭىزنى قىلدىم ، بەزىدە سىزگە تاماق ئەتتىم ، بەزىدە ئۇخلىغىنىڭىزغا قاراپ ئۇزاقتىن – ئۇزاق ئولتۇردۇم ، ئەمما بىرەر قېتىم نىمىشقىكىن ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ رەھمەت دەپ باقمىدىڭىز ...بۇلۇپمۇ ئاشۇ ئىشتىن كىيىن !
دوستىڭىزنىڭ تۇيىغا بارغىنىڭىز ئىسىڭىزدىمۇ ، ئۇ كۈنى سىزگە ئەگىشىپ بېرىۋالاي دىسەم ئەسلى ! ياتىقىڭىزدىن چىققىنىڭىزغا سىزگە قاراپ ھەيران قالدىم ، ئىگىز بۇيىڭىزغا ياراشقان كاستىيۇم ...قاپقارا چېچىڭىز ، ئۆزىڭىزگە خويمۇ ياراشقان بۇرىتىڭىز...
ــ مەن بېرىپ كىلەي ئەمىسە ! سىزمۇ بۈگۈن بۇرۇنراق ئارام ئېلىڭ ، ــ دىگىنىڭىزچە چىقىپ كىتىۋاتقاندا ئىچىمنى بىر نەرسە كۆيدۈرگەندەك بولدى ، خۇددى سىز ئۇ تويغا بارسىڭىزلا بىرەر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ كىلىدىغاندەك ، شۇندىن باشلاپ سىزنىڭ تۇرمىشىڭىزدا يېڭى بىر قىز پەيدا بۇلىدىغاندەك ...شۇنداق بۇ مۇھەببەت ئىكەن ، كۈنچىلىك ئىكەن ، رەشىك ئىكەن ...شۇ كۈنىگىچە سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ئىتراپ قىلغۇم كەلمىگەن ، ھامان ئويلايتتىم «ئۇ بىر مۆرىمەس ، ئۇ بىر ھىسىياتسىز ! ئۇ بىر توڭ !» مەن قانداقسىگە بۇنداق بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالاتتىم شۇنداقمۇ ؟
ئۇ كۈنى قايتمىدىم ، سىزنى ساقلىدىم ، تاكى سائەت ئونبىرگىچە ! سىز قايتىپ كەلدىڭىز ، مەن بولسام ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان قىياپىتىڭىزگە قاراپ ھەيران قېلىۋاتاتتىم ... مەس بوپ كەتكەنىدىڭىز ، توختىماي «مەن بۈگۈن بەك خوش ، بەك خوش ، ساۋاقداشلىرىم بەك ياخشى ، سىلەرنى ياخشى كۈرىمەن » دەيتتىڭىز ...راستىنى دىسەم مەستلىكىڭىزدىن خوش بولدۇم ، چۈنكى ئىشىكنى ئاچالماي تىرىقشىتىپ تۇرغىنىڭىزدا مەن سىزگە ئىشىكنى ئېچىپ بەردىم ، خۇددى ئايال ئۆز ئىرىگە ئىشىك ئېچىپ بەرگەندەك ، سىزنى يۆلەپ يۈرۈپ ياتاق ئۈيىڭىزگە ئەپكىردىم ، خۇددى ئايال ئۆز ئىرىنى يۆلىگەندەك ، سىز قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇپ سۆزلىدىڭىز ، خۇددى سۆيگىنىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىۋاتقان يىگىتتەك (گەرچە نىمە نەۋاتقانلىقىڭىزنى ئېنىق ئاڭقىرالمىساممۇ مەن شۇ دەقىقىدە سىزنى ماڭا سۆيگۈ ئىزھار قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم. )...سىزگە ئۆز قۇلۇم بىلەن چاي دەملەپ ئەپكىردىم ، ئۆز قۇلۇم بىلەن ئىچكۈزدۈم يەنىلا ئۆز ئىرىنى جان – دىل بىلەن كۈتۈۋاتقان ئايالدەك ! بىر چاغدا سىز ئۇخلاپ قالدىڭىز ، مەن يېنىڭىزدا قاراپ ئولتۇردۇم ، كۆزلىرىمدە ياش ، راستىنى دىسەم بۇ خوشاللىق يېشى ئىدى ، كۈندە بىر ئىشخانىدا ئون سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەپمۇ سىزگە بۇنداق يېقىنلىشىپ باقماپتىكەنمەن ...چاچلىرىڭىزنى ئوينىغۇم كەلدى ، بارماقلىرىم بىلەن چاچلىرىڭىزنى تاراپ ئوينۇدۇم ، بىر چاغدا سۇس ئاۋازدا بىركىمنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندەك قىلدىڭىز ...دىققەت قىلسام توختىماي «ناھىبە!» دەۋەتېپسىز ، ئىچىمگە ئاچچىق بىر سىزىم كىرىپ ئۆتتى ...«ناھىبە ؟ ناھىبە دىگەن كىم ئەمدى ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىگىنىمگە يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ ، بىرەر قىز بىلەن يېقىنراق ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن ، ناھىبە زادى كىمدۇ ؟ » دەپ ئويلىدىم ، تۇيۇقسىز بىرچاغدا پورتمالىڭىزدا غىل – پال كۆرۈپ قالغان بىر قىزنىڭ سۈرىتى ئىسىمگە كەلدى ، سىڭلىڭىز بارلىقىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇ قىزنى سىڭلىسى بولسا كېرەك دەپ ئويلىغانىدىم . قارىغاندا ئۇنداق بولمىسا كېرەك ...بەلكىم ئۇ بۇرۇنقى قىز دوستى بولسا كېرەك ، مۇھەببەتتە زەربە يىگەنلىكى ئۈچۈن مانا ھازىر ھىچنىمىگە قارىماي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىنىۋاتسا كېرەك ، ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ، مەنمۇ بۇرۇن ئازار يىگەنغۇ ، ئوغۇل بالا دىگەنگە قاراپمۇ قالماسمەن دەپ يۈرگەنگۈ ؟ مانا ھازىر بىرىگە كۆڭۈل بىرىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەنغۇ !! قانچىلىك خىيال سۈردۈمكىن ، بىر چاغدا ئۇيقۇم كىلىپ بۇلالماي قالدىم ، لىكىن ئىشخانىدىكى كىرىسلوغا چىقىپ ياتقۇم كەلمىدى ، بىز ئاللىقاچان ئادەتلىنىپ كەتكەنىدۇق ، كېچىسى ئىشلەپ قالغانلىرىمىزدا بىرەر – ئىككى سائەت كۈزىمىزنى يۇمۇۋېلىشقا توغرا كەلگەندە بىرىمىز ئىچىكى كارىۋاتتا ، بىرىمىز كىرىسلودا يېتىشقا !لىكىن ئۇ كۈنى پەقەت چىقىپ كەتكۈم كەلمىدى ، سىز بىر قۇلۇمنى چىڭ تۇتۇپ بىر نەرسىلەرنى دەۋاتاتتىڭىز ...بىر چاغدا جخمىپ كەتتىڭىز ، مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىزنى ئوڭشاپ ياتقۇزدۇمدە چىراقنى ئۈچۈردۈم ...لىكىن ئىشىكنىڭ تۈۋىگە بېرىپ بۇلۇپ ئارقامغا ياندىم ، ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن ، نىمىشقا سىزدىن قورقمىدىم ، نىمىشقا قورقماي ، بىرەر ئىش يۈز بېرىپ قالىشىدىن ئەنسىرىمەي ئارقامغا يېنىپ كىلىپ يېنىڭىزدا ياتتىم .
شۇنداق يېنىڭىزغا كىلىپ ياتتىم ، تاشلاپ ياتقان قوللىرىڭىزنىڭ ئۈستىگە بېشىمنى قويدۇم ، سىزنى قۇچاقلاپ ياتتىم ، كۆز ياشلىرىمنى تۈكۈل تۇرۇپ بۈگۈن مەس كەلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن خوش بولدۇم ...ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ قۇچىقىدا ياتسا راستلا بەك تاتلىق بۇلىدىكەن ، مەن شۇ چاغدا ھىس قىلدىم ، بەك خوش بولدۇم ، ئەگەر ، ئەگەر سىزمۇ مىنى ياخشى كۈرۈپ ، بۈگۈنكىدەك خۇدىڭىزنى ئۇقمىغىدەك مەس ھالەتتە ئەمەس بەلكى ، ئۆزىڭىز خالاپ تۇرۇپ مىنى باغرىڭىزغا باسسىڭىز ، يۈرۈكۈم يېرىلىپ كىتەرمۇ ھە ؟ ! شۇنداق ياتتۇق...باياتىن ئۇيقۇم كىلىپ كۆزلىرىم يۇمۇلۇشقا باشلىغان بولسا يېنىڭىزدا ياتقاندىن كىيىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىلىش مۇمكىن بولماي قالدى ...قوللىرىم بىلەن يۈزلىرىڭىزنى سىلىدىم ..بىر چاغدا قۇلاق تۈۋىمدە يەنىلا شۇ ئىسىم «ناھىبە!»...لىكىن بۇ قېتىم مىنى شۇنچىلىك قاتتىق قۇچاقلىدىڭىزكىن ئۇستىخانلىرىم ئاغرىپ كەتتى ، ھەتتا تۇيمايلا «ۋايجان» دەپ سالدىم ...توختىماي سۆزلەيتتىڭىز ، «جېنىم ساقام ، مىنى كەچۈر ، مىنى كەچۈر...سىنى شۇنچىلىك سېغىندىمكىن...كىلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم ، ھامان كىلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم» دەيتتىڭىز...ھىچنىمىنى بىلمەيلا قالدىم ...چىڭ قۇچاقلاشلىرىڭىزدىن ، ئىزىپ سۈيۈشلىرىڭىزدىن خۇدۇمنى يوقاتقانىدىم ...بىر چاغدا ئىككىلىمىز جىمىپ كەتتۇق...يۈزلىرىمنى ئالقانلىرىڭىز ئارىسىغا ئالغانلىقىڭىزنى سەزدىم ...ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم ، دەرىزە پەردىسىنى چۈشۈرۋەتمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆي ئىچى ئاي يۇرىقىدا خېلىلا ئايدىڭ ئىدى . يۈزۈمنى ئالقانلىرىڭىز ئارىسىغا ئېلىپ ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپسىز ...كۆزلىرىڭىزدىن يۈزلىرىمدىن بىر نەرسىنى ئىزدىگەندەك ، مىنى كۆزلىرىڭىزنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كەتمەكچى بولغاندەك شۇنداق بىر قاراپ كەتتىڭىزكىن ، بەلكىم بۇنداق مۇھەببەتلىك قاراشلارنى بۇندىن كىيىنكى ھاياتىمدا يا ئۇچۇرتالماسمەن يا ئۇچۇرتالارمەن ،،،قاراشلىرىڭىزغا بەرداشلىق بەرمەي قوللىرىم بىلەن بوينىڭىزغا گىرە سالدىم،،،
ئۇ كۈنى شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپتىمەن ، قۇچىقىڭىزدا يېتىپ...شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپتىمەن...مەن ئۇ كۈنى ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىشىنى خالايتتىم ، ئۈزۈم ياخشى كۆرىدىغان سىز ئۈچۈن ۋە سىزنىڭ ئاشۇ مۇھەببەتلىك قاراشلىرىڭىز ئۈچۈن ...ئەمما ئۇنداق بولمىدى ، سىز توختىماي «ناھىبە»گە گەپ قىلغاچ ئۇخلاپ قالدىڭىز ...گىپىڭىزدىن ناھىبە دىگەن قىزنىڭ سىزنى تاشلاپ كەتكەن قىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، ئەمما ھەممە ئادەم تاشلاپ كەتكۈچىگە نەپرەتلىنىدىغۇ ، ئۇنى تىللايدىغۇ ؟ لىكىن سىز ئۇنداق قىلمىدىڭىز ، توختىماي ناھىبەدىن كەچۈرۈم سورىدىڭىز،،،مۇشۇ نۇقتا شۇ كۈنى ماڭا سىر بۇلۇپ قالدى...
ئەتىسى سىزدىن بۇرۇن ئورنۇمدىن تۇردۇم ، سىزگە ناشتىلىق تەييارلىدىم ، ئىشخانىنى تازلىدىم ، ئەمما سىز چۈشكە يېقىن ئويغاندىڭىز ...
ــ ئەتىگەن كەلسەم بەك ئۇخلاپ كىتىپسىز ،تۈنۈگۈن كەچ قايتىپ كىلىپ كېچىچە ئىشلىگەن بولسا كېرەك دەپ ئويغاتمىدىم ، ــ دىدىم سىزنى نىمە دەيدىكىن دەپ !
ــ تۈنۈگۈن تويدا جىق ئىچىۋاپتىمەن ، شۇڭا... ، ــ دەپ قويغاچ تازلىق ئۈيىگە كىرىپ كەتتىڭىز ...مەن نىمە دىيەلەيتتىم...سىزنىڭ يېنىڭىزغا ئۈزۈم خالاپ كىرگەن يەنە ئۈزۈم خالاپ...
ئەتىسىدىن باشلاپ خىزمەتكە تېخىمۇ كىرىشىپ كەتتۇق ،ئۆزگەرگىنى سىزنىڭ ئۈستىلىڭىز ئۈستىگە بىرقىزنىڭ ، سىزنىڭ پورتمالىڭىزدىكى ھېلىقى قىزنىڭ رەسىمى رامكىغا ئېلىنىپ ئېلىپ قۇيۇلدى. «قىز دوستۇم» دەپ جاۋاپ بەردىڭىز «سىڭلىڭىزمۇ» دەپ سورىغان سۇئالىمغا! يەنە قېلىنلىق قىلىپ ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى سورىدىم ، ئىسمىنىڭ «ناھىبە» ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە بولسا كۆڭلۈم خېلى ئىزىغا چۈشتى ...


چۈنكى خىيالىمدا ئۇ ھامان سىزنى تاشلاپ كەتكۈچى ئىدى ، ئىككىڭلارنىڭ ئىشى قىلچىلىك مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى ! ئۆز – ئۈزۈمگە تەسەللىي بىرىپ كۆڭلۈمنى خوش قىلىپ يۈرۈۋەردىم ، مانا سىز بىلەن جاپانى تەڭ تاررتتۇق ، بۇنىڭ ئۈچۈن ، سىزنىڭ جاپارىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىتەلىگەنلىكىم ئۈچۈن خوش بۇلۇپ يۈرۈۋەردىم ، كىيىن سىز ئۆيدىكىلەرنىڭ مۇشۇ يەردىنلا ئۆي ئالغانلىقىنى شۇڭا ئۆيگە چىقىپ ياتىدىغانلىقىڭىزنى دىدىڭىز ، مەن بولسام بارى – يوق بىساتىمنى كۆتۈرۈپ سىزنىڭ ئىشخانا ئىچىدىكى ياتىقىڭىزغا كۈچۈپ كەلدىم ...
كىيىن شۇ دەرىجىگە يەتتىمكى ، سىز يوق ۋاقىتلاردا ئىختىيارسىز سىزنى ئىزلەپ سىرتقا چىقىپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدىم ، مەيلى نەدىلىكىڭىزنى بىلەي ياكى بىلمەي ، ھامان چىقىپ سىزنى ئىزلەيتتىم...مانا بىز بىرگە ئىشلەۋاتقىلى ، ياق بىرگە ئىشلىگىلى دىسەم قانداقمۇ توغرا بولسۇن ، چۈنكى ھىچكىم بىزدەك ئىشلىمەيدۇ ،بىرگە بۇلىدىغان ۋاقتى بىزدەك كۆپ بولمايدۇ ، ئەمىسە نىمە دەي ، بىز بىرگە ياشاۋاتامدۇق ؟ ــ ياق ! بىز پەقەت بىر ئۆيدە تۇرىدىغان تۇنۇش ، ئادەتتىكى خىزمەتداش (سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە )...مەيلى نىمىلا بۇلايلى ، بىزنىڭ ئۈچ يىل ۋاقتىمىز بىرگە ئۆتتى ، سىزنى ئىككى يېرىم يىل ياخشى كۆردۈم ، مانا مۇشۇ ئىكى يېرىم يىلدا سىز ئۈچۈن قىلمىغانلىرىم قالمىدى ، ھەتتا ئارقىڭىزغا چۈشتۈم ، سىزگە بىر قىززىق ئىشنى دەپ بىرەي ، مەن دەسلەپتە سىز داۋاملىق بارىدىغان بىر يەرنى بايقىدىم ، بوستان كوچىسىدىكى بىر ئۆيگە ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم باراتتىڭىز ، باراتتىڭىزيۇ قۇرۇق قول بارمايتتىڭىز ، بىر قېتىم سىز يوق ، مەن سىزنى شۇ يەرگە كەتتىمىكىن دەپ ئىختىيارسىز ئۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ...سىز دائىم بارىدىغان ئۇ ھويلىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە كۆزۈمگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدىم ، سىزنى ئۇزۇتۇپ چىققان بىر ئايال ۋە ئىككى ئوغۇل بالىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم ، كاللامغا كەلمىگەن خىياللار كىلىشكە باشلىدى ، چۈنكى ئۇ ئايال سىز سىرتقا چىققاندا تاماق يىگىلى بارىدىغان ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ئىدى ، مەنمۇ سىزنىڭ باھانىڭىزدە ئۇ ئاشخانىغا بىرقانچە قېتىم كىرگەن ، ئەمدى ئۇ ئىككڭلارنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار ؟ ئۇ ئىككى كىچىك بالا؟!... ...ئويلىغانسىرى كاللام چىگىلىشىپ كەتتى . سىز مىنى كۈرۈپ « ۋۇي ، بۇ يەردە يۈرۈيسىزغۇ» دىدىڭىز ، «ھەئە ، بىر دوستۇمنىڭ ئۈيى مۇشۇ ئەتراپتا بۇلىدىغان ، بايا جىددىيلا تىلفۇن قىپتىكەن ، شۇ يەرگە بېرىپ يېنىشىم » دىدىم ، ئەمما سىزدىن ئۇ ئايالنىڭ كىملىكى توغۇرلۇق بىر ئېغىز گەپ سورىيالمىدىم ، سىزمۇ بىر ئېغىز چۈشەنچە بىرەلمىدىڭىز ، بىز يەنىلا كونا ئادىتىمىز بۇيىچە تۈگۈمەس دىتال ، سېستىمىلارنىڭ گىپىنى قىلغاچ ئىشخانىغا قايتىپ كەلدۇق ...
شۇ ئىشتىن كىيىن مەن پۇرسەت بولسىلا ئۇ ئاشخانىغا بارىدىغان بولدۇم ، كىيىن ئۇ ئايال بىلەن خېلى تۇنۇشلاردىن بۇلۇپ قالدۇق ، پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەن بىر كۈنى مەن ئۇ ئايالدىن سىز ۋە ناھىبە توغۇرلۇق بىرمۇنچە گەپلەرنى ئاڭلىدىم ، كۆز ياشلىرىمنى تۇتۇۋالالمىدىم ... كەچۈرۈڭ ئىمران ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايال ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن گۇمان قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۆز – ئۈزۈمنىڭ خىيالىدىن نۇمۇس قىلدىم ، ھازىرقى مۇشۇ جەمىيەتتىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار ، ئۈن – تىنسىز ياردەم قىلىشلارنىڭ بارلىقىنى ، ئاقكۆڭۈل ، ئالىيجاناپ قەلبنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىپ سۈيۈندۈم ، ناھىبەنىڭ كىتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن قايغۇردۇم ، لىكىن ، قىزلارنى ئاخماق قىلىپ كۆڭلىنى خوش ئىتىپ يۈرگەن ، مۇھەببەتنى ئۇيۇن ئورنىدا كۈرىدىغان ، قىزلارنىڭ پاكلىقى ۋە قىممىتىنى ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن تۆلەشكە تىگىشلىك بەدەل دەپ قارايدىغان ، مەسئۇلىيەتسىز ، كۆڭلىنىڭ تۇتامى يوق يىگىتلەر كۈنسايىن ئاۋۇپ كىتىۋاتقان مۇشۇنداق كۈندە مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ، قاشتېشىدەك سۈزۈك قەلبلىك بىر يىگىتنى ياخشى كۈرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن پەخىرلەندىم ، مەيلى سىزنىڭ قەلبىڭىزدە كىم بولسۇن ، مەيلى سىز كىم بىلەن ياشاڭ ، مەيلى قانداق ياشاڭ ، سىز ئۈچۈن كىچىككىنە ئىش ، كىچىككىنە ياردەم بولسىمۇ قىلماقچى ، سىزگە مۇھەببەتنىڭ ، ئۈن – تىنسىز قۇربان بىرىشنىڭ لەززىتىنى تېتىتماقچى بولدۇم ، تاكى ئاخىرقى بىر دەقىقىگىچە !
كىيىن سىز توغۇرلۇق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولدۇم ، دادىڭىز تۈگەپ كەتكەندە خىزمەتدىشىڭىز سۈپىتىدە ئۈيىڭىزگە باردىم . شۇنىڭدىن كىيىن ، ئۈيىڭىزگە پات – پات بارىدىغان بولدۇم ، سىڭلىڭىز ۋە ئاپىڭىز بىلەن چىقىشىپ قالدىم . سىڭلىڭىز بىلەن دوستلاردەك بۇلۇپ كەتتۇق ، ناھىبەنىڭ سىزگىلا ئەمەس ئۇنىڭغا ، ئاپىڭىزغىمۇ قالدۇرغان تەسىرىمۇ ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئىكەن ، سىڭلىڭىزدىن نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىدىم ، ناھىبەگە ، رەھمەتلىك ئاقكۆڭۈل قىزغا غايىبانە ھەۋەس قىلدىم ، ئادەم ئۆز ھاياتىدا شۇنداق شەخسىيەتسىز مۇھەببەتكە بىر قېتىم ، پەقەت بىر قېتىملا ئىرىشەلىسە ھە !
بىلىمەن ، تا بۈگۈنگىچە سىز ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەپ كەلدىڭىز ! مەن تا بۈگۈنگىچە سىزنى ياخشى كۈرۈپ كەلدىم ! مانا تا بۈگۈنگىچە خىيالىڭىزدا ئۇنىڭ بىلەن ياشاپ كەلدىڭىز ! مانا تا بۈگۈنگىچە مەن خىيالىمدا سىز بىلەن ياشاپ كەلدىم ! بىلىمەن ، ئۈزۈمنىڭ مۇھەببىتىنى سىلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرالمايمەن ، مىنىڭ قىلغانلىرىم سىزنىڭ ئۇ ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىز ۋە ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغانلىرى ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس ، ئەمما ... ...
ھىچنىمىنى ئويلىمىسىڭىزمۇ ئاپىڭىزنى ئويلاڭ ، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئويلاڭ ... بۇ قېتىملىق بايرامدا ئورنىڭىزدا ئاپىڭىزغا سوۋغا ئەۋەتتىم ، توغرا چۈشىنىڭ ! يەنە ، يەنە مەن كەتمەكچى ، شىركەت بۇلۇپ قۇرۇلدۇق ، ئۆز ئارزۇيىڭىزدەك شىركىتىڭىز بار بولدى ، سىز بۇرۇنقىدەك يالغۇز ئەمەس ، شىركەتتە بىر – بىرىدىن قابىلىيەتلىك ياردەمچىلىرىڭىز بار ، ئەمدى سىزگە مەن بولمىساممۇ بۇلىدۇ ، مەنمۇ ئەمدى كۈندە ياش تۆكمەيمەن ، ئۈستىلىڭىز ئۈستىدىكى سۈرەتتىكى قىز بىلەن پاراڭلاشمايمەن ، ئۇنىڭغا «ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىڭ»دەپ يېلىنمايمەن ! سىز خانتەڭرى ۋە كونسۇل كوچىسى ئارىلىقىدا ساراڭدەك ئايلىنىپ يۈرگەندە ، كومپىيۇتۇر ئالدىدىن قوپماي كۈنلەپ ئولتۇرغاندا دەم ئېلىشلىرىمنى قۇربان قىلىپ ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئاپىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ يۈرمەيمەن ! قىسقىسى سىزنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ئازابلانغانلىقىڭىزنى كۈرۈپ ئوت ئىچىدە قىلدەك تولغانمايمەن !
ھۆججەتلەرنى رەتلەپ ، تۈر بۇيىچە ئۆز جايىغا قۇيۇپ قويدۇم ، كومپيوتۇرىڭىزنىڭ ئىچىمۇ قالايمىقانلىشىپ كىتىپتۇ ، رەتلەيدىغانغا يەنە تېخى بىر ھەپتە بار ئىدى ، رەتلەپ قويدۇم، ئۇيغۇرچە دەرس ئۇرۇنلاشتۇرۇش سېستىمىسىنى ئىشلەپ قويدۇم ، كۆزدىن كەچۈرۋەتسىڭىزلا بۇلىدۇ ، يېقىندىن بىرى ئاپىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ، ئۇنىڭغا سىزنىڭ نەتىجىڭىز ، پۇلىڭىز كېرەك ئەمەس ، سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز ، خاتىرجەملىكىڭىز كېرەك ...بىچارە ئايالغا قارىسام ئىچىم ئېچىشىدۇ ، بىز قاچانمۇ چوڭ بۇلامىز ، قاچانمۇ چوڭلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان بۇلارمىز دىگۈم كىلىدۇ ، راستىنى دىسەم ئاپىڭىزغا قىيمايمەن ، مانا مەن ئانا مىھرىگە قانماي چوڭ بولغان قىز ، ئاپىڭىزنى ئۆز ئانامدەك كۈرۈپ كۈنۈپ قاپتىكەنمەن ...ئاپىڭىزنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان تەلىۋىنى رەت قىپسىز ، كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم ، لىكىن ئاپىڭىز ، سىڭلىڭىز ئالدىدا خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم ... ئەمدى كەتمىسەم بولمىدى ، سىزمۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك . ھىچنىمىنى سەزمىگەندەك يۈرۈشتىن قۇتۇلىسىز ...مەنمۇ قۇتۇلىمەن ، سىزدەك توڭدىن !
لىكىن ئىمران ، يەنىلا سىزگە چىدىماي قالدىم ، خەتنى يىزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قوللىرىم تىترەپ ئاخىرىنى يازالماي قالدىم ، ئەسلى سىزگە سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئۆز ئاغزىم بىلەن دىگۈم بارئىدى ، ھىچ بولمىسا ، سىز خالىمىسىڭىزمۇ باغرىڭىزغا تاشلىنىپ تۇرۇپ ، سىزگە ئېسىلىپ تۇرۇپ يىغلىۋالغۇم بار ئىدى ... لىكىن مەندە ئۇنچىلىك جۇرئەت يوق ئىكەن !
سىز يوق ، ئەمدى قانداق قىلارمەن ، ھىچ بولمىسا كۈنىگە بىر قېتىم بولسىمۇ سىزنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغان ھالىتىڭىزنى كۆرەلمىسەم ، ئالدىڭىزغا سىز ئامراق قىزىل گۈل چېيىنى دەملەپ ئەكىلەلمىسەم ! سىز قىلالمىغان ئىشلارنى سىزنىڭ ئورنىڭىزدا قىلالمىسام ، سىز ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلالىغانلىقىم ئۈچۈن ئىچىمدىن چىقىرىپ خوشال بۇلالمىسام ! نۇرغۇن خىياللىرىم بار ئىدى ، ئارزۇلىرىم بار ئىدى ، ئارزۇلىرىمغا چۇشلۇق غەيرىتىم ، جاسارىتىم بار ئىدى ، سىڭلىڭىزدىن ئاڭلىغىنىم بۇيىچە بۇرۇنقى شوخ ئىمراننى كۆرمەكچى ، ئىمراننى بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەكەلمەكچى بۇلاتتىم ، خىيالىمدا سىزنىڭ توپ ئوينىغىنىڭىزنى كۈرەتتىم ، چالغان گىتتار ، ئېيتقان ناخشىڭىزنى ئاڭلايتتىم ! شوخ چاخچاقلىرىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلەتتىم ، ئاپىڭىز ئوغلىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ، ئەسلىگە كىلىشكە باشلىغان كۈلكىلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلى ئىزىغا چۈشەتتى ! قىسقىسى كۆڭۈل يارىڭىزغا مەلھەم بولماقچى ، كۆڭلىڭىزدىكى ئازاپنى يەڭگىللەتمەكچى ، سىزنى چۈشتىن ئويغاتماقچى ، خىيالىي دۇنيادىن رىئال دۇنياغا قايتۇرۇپ ئەكەلمەكچى بۇلاتتىم ...
ئاپىڭىزدىن رەت قىلىنغىنىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بىر كۈننىمۇ ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم ، چۈنكى سىز ناھىبە بىلەن بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ« پاراڭلىشىدىغان » ، ئۇنىڭ رەسىمىگە قاراپ بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ خىيال سۈرىدىغان بۇلۇۋالدىڭىز ، بۇرۇنقىدەك «سىرتقا چىقىپ كىرەي» دەپ قۇيۇپ ماڭماي ،« مەن كونسۇل ئەتراپىنى ئايلىنىپ كىرەي ، بىر ئىش بولسا تىلفۇن بىرەرسىز» دەپ قۇيىدىغان بولدىڭىز ، بۇنداق دىگىنىڭىز ماڭا خۇددى «ناھىبەنى بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ كىرەي » دىگەندەك ئاڭلاندى . بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا بەرگەن جاۋابىڭىز ، «مىنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت ئۇلا بار » دەپ ماڭا ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىز ! مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن يەنە يېنىڭىزدا قېلىپ قالالامدىم ؟! ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۈتەلەمدىم ؟! نەچچە كۈن ئويلاندىم ، كۈندىزىمۇ ، كېچىسىمۇ ئويلاندىم ، قاتتىق ئويلاندىم ، ئاخىرى يەنىلا ئازاپ ئىچىدە ئۈزۈم خالىمىساممۇ سىز بىلەن خوشلىشىشنى قارار قىلدىم ...
ئۈزىڭىزنى ئاسراڭ ، ئامان بۇلۇڭ ئىمران ! ئۇلۇغ ئاللا ھەربىر كۈنلىرىڭىزنى خوشال قىلسۇن !

سىزنى سۆيۈپ ، سۆيەلمەي ؛
دىلنۇر
»

خەتنى ئۇقۇپ بولدۇم ، راست ، بىر قېتىم مەست بۇلۇپ قالغانمەن ، ئەتىسى ئويغانسام بىر چۈشۈمدەك بىر ئوڭۇمدەك ، قۇچۇقۇمدىكى قىزنى ناھىبە دىگۈدەكمەن ، لىكىن بىر چاغدا قارىسام ئۇ دىلنۇرغا ئايلىنىپ قالغۇدەك ...
مەن تېخى ئۇنىڭ ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرگىنىگە قاراپ چۈشۈم بولسا كېرەك دەپتىمەن ، ئۈزۈمنىڭ چۈشىدىن ئۈزۈم ئەنسىرەپ ئۈستىلىمگە ناھىبەنىڭ رەسىمىنى تىزىپ قۇيۇپتىمەن ...ما ئىشنى كۈرۈڭ ! يەنە ھەدەم ، ھەدەم «خۇددى ناھىبەدەك پەرىشتە كەبى قىزدىن بىرنى تېپىۋالدىم ، قۇلۇمغا قول ، پۇتۇمغا پۇت بۇلىۋاتىدۇ »دەپ خوشال بوپ كىتىپتىكەن ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق سوراپمۇ باقماپتىكەنمەن ، مانا ئاپاملارمۇ قايسى بىرچاغلاردىن باشلاپ خوشال يۈرۈيدىغان ، تولا كىلىننىڭ گىپىنى قىلىدىغان بۇلۇۋالغان ، ئەسلى بۇ ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسى سەۋەپسىز ئەمەسكەن ...لىكىن چۈشەنمىگەن يېرىم ، ئاپام ماڭا ھىچقاچان دىلنۇرنىڭ گىپىنى قىلمىغان ، پەقەت كىلىن كۆرگۈسى بارلىقىنى ، ئاندىن مەندىن خاتىرجەم بۇلىدىغانلىقىنى ...ئىشقىلىپ شۇ بىرقاتار كونا گەپلەر ...لىكىن ئاپام بىر قېتىممۇ دىلنۇرنىڭ ئىسمىنى ئاغزىغا ئالمىغان تۇرسا !
ناھىبە ، ھەي ناھىبە ، مانا ھامان شۇنداق بولدى ، مەن سەزمەسمەنمۇ ، بىر نەچچە يىل بىرگە ئىشلىدۇق ، بىرگە تاماق يىدۇق ، ئۇ قۇلۇمغا قول ، پۇتۇمغا پۇت بولدى ، مانا ئۇ بولغاچقا شىركىتىم بولدى ، شىركىتىمنىڭ بۈگۈنى بولدى ...ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىغىنى راست ، مىنىڭ سەزگىنىممۇ ، سەزسەممۇ سەزمەسكە سالغىنىممۇ راست ،،، ئۇ بىر ياخشى قىز ، لىكىن ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ ناھىبەنىڭ ئورنىنى باسالامۇ ؟ مەن ناھىبەگە بەرگەن ۋەدەمگە خىلاپ ھالدا باشقا بىرى بىلەن بىرگە ئۈتەلەرمەنمۇ ؟!
يەنىلا تىگى يوق خىيال ...
مەكتەپنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن كىرىۋېتىپ ، ئىشىك سىرتىدا ئۇرۇشىۋاتقان بىر قىز – يىگىت دىققىتىمنى تارتتى ، تۇيۇقسىز يىگىتنىڭ قىزنىڭ يۈزىگە كۈچەپ بىر شاپىلاق سالغانلىقىنى كۆردۈم...كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بۇلۇپ قالدى ...مەيلى خاتالىق كىمدىلا بولسۇن ، ئۇ قىز ھەرقانچە خاتالىق ئۆتكۈزسۇن يىگىتنىڭ قىزغا قول تەككۈزىشى توغرا ئەمەس ئىدى ...قىزلارنىڭ كۆز يېشىغا سەۋەپ بۇلىۋاتقانلارنى كۆرسەم ئۇلارنى تۇتۇپ ئەكىلىپ بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بەرگۈم ، ئۇلارغا« يېنىڭلاردا بار ۋاقتىدا قەدرىنى قىلىڭلار، كۆزىدىن بىر تامچە ياش چىقارماڭلار ، چىرايلىق ، ئىسىل ئۈتۈڭلار» دەپ سۆزلىگۈم كىلەتتى ...
كونا ئادىتىم بۇيىچە كۆل بۇيىغا كەلدىم ، ئاپپاق قارغا كۈمۈلگەن كۆل ...كونا جايغا بېرىپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم ، ناھىبە بىلەن قانغۇچە مۇڭداشتىم ...ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئېيتىپ بەردىم ، ئەمما ئۇ بىر ئېغىزمۇ ئىپادە بىلدۈرمىدى ، ماڭا قاراپ مەنىلىك كۈلۈمسىرىدى پەقەت ...
بىرچاغدا توڭلىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ ئارقامغا بۇرۇلدۇم...قاپقارا ، چوڭ ، مۇلايىم قارا كۆزلەر ، ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلەر...تۈپتۈز ، ئۇزۇن چاچ...قىزىل مامۇق چاپان... ...
كۆزلىرىمگە كۆرۈنگىنى ناھىبە ، ئەمما ئالدىمدا تۇرغىنى دىلنۇر ئىدى ...
«سىز تاش يۈرەك ، باغرى تاش ، سىز ھەممىگە چىدىمىغان بىلەن مەن چىدىمىدىم ، سىزنىڭ ئۇنداق يۈرۈۋېرىشىڭىزگە چىدىمىدىم ، شۇڭا ...شۇڭا...چىدىمىغاچقا...سىزنى تاشلاپ كەتمەكچى بولدۇم...لىكىن سىزنى تاشلاپ كىتىشكە چىدىمىدىم...شۇڭا...شۇڭا ...ئاخىرقى قېتىم سىزنى كۆرۈۋالاي دەپ بۇ يەرگە كەلدىم...»...ئۇ تۈكۈلۈپلا كەتكەنىدى ، ئىزىلىپ يىغلايتتى...ئۇنىڭ يىغىسىمۇ خۇددى ئۇنىڭكىگە ئوخشاش...يۈرۈكۈم ئىزىلىپلا كەتتى... ئېغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، خۇددى بىر چاغلاردىكى ، مۇشۇ يەردىكى مەن ۋە ئۇدەك ، ئۇنىڭ كىچىككىنە يۈزىنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم ، ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرۈتتۈم ، بىز يېڭى تۇنۇشقاندا يۈزلىرى توقاچتەك يۇپيۇمۇلاق قىز ئىكەنتۇق ، مانا ھازىر ئۇرۇقلاپ ، كۆزلىرى تېخىمۇ ئىچىگە كىرىپ... ...
«بەك تاش يۈرەك.. ...بەك باغرى تاش...بەك ئەسكى... ...تاش يۈرەك ، تاش يۈرەك...» ئۇ كىچىككىنە مۇشتۇملىرى بىلەن مىنى مۇشتلايتتى ، ھەرقانچە كۈچىمىسۇن ، قوللىرى شۇ قەدەر ئاجىز ئىدى... ...
ئۇنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇۋالدىم ، كۆزلىرىگە قارىدىم ، ئۇنى باغرىمغا باستىم ، كۈچەپ تۇرۇپ ، ئۈزۈم خالاپ تۇرۇپ... ... بىر چاغدا بىرى قارا دىگەندەك قىلدى ، ناھىبە ، كۆزلىرى ياش ، يۈزلىرى كۈلكە...دىمەك خوشاللىق يېشى ، ماڭا قاراپ ، ياق ، بىزگە قاراپ تۇراتتى ...ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم...
دىلنۇر خۇددى ئازراق مىدىرلىسا مىنىڭ قۇچۇقۇمدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك چوڭراق تىنىشقىمۇ جۇرئەت قىلالمايۋاتاتتى ... بىز شۇ تەرىقىدە تۇردۇق...تاكى ئۈستىمىزگە ئاپپاق قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەپ بىزنى تەبرىكلىگۈچە...
ــ ئەمدى كەتمەيمەن ، ھەرگىز كەتمەيمەن ،،،مىنى كەت دەپ تىللىسىڭىزمۇ ، ئۇرسىڭىزمۇ كەتمەيمەن ، ئاپامنى (بۇ قېلىننى قارا!) ئۈزۈم باقىمەن ، سىز خىزمەت دەپلا ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز يوق...ئۇ سىزنى دەپ شۇنچە ئۇزۇن يىللىق قەدىناس قوشنىلىرىنى تاشلاپ قۇيۇپ بۇ يەرگە كەلسە سىز بولسىڭىز خىزمەت دەپلا...
ئۇنىڭ لەۋلىرىنى لەۋلىرىم بىلەن توسۇۋالمىغان بولسام قاچانغىچە سۆزلەركىن تاڭ... ...
ئۇنى سۆيۈۋېتىپ يەنىلا ناھىبە ئىسىمگە كەلدى ، راست ، ئۇ تېخىلا مۇشۇ يەردە بىزگە قاراپ تۇراتتى ھە ! كۆزۈمنى ئېچىپ ئۇنى ئىزلىدىم ...بىزنى خىجىل بۇلۇپ قالمىسۇن دىدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇ ئورنىدا يوق ... ...
قۇچۇقۇمدىكى قىزغا قارىدىم ، يەنىلا شۇ چوڭ قارا كۆزلەر ...بۇ قېتىم ئوخشىمايدۇ ، ئۇنىڭلا ئەمەس ، مىنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن بىر تامچە ياش تامچىدى...خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاش يۈزلىرىمدە قېتىپ قالدى...ئۈزۈممۇ بىلمەيتتىم ، بۇ بىر تامچە ياش زادى نىمە سەۋەپتىن... ...
ــ مۇشۇنداق تۇرۇپ قار بوۋاي – مومايغا ئايلانماقچىمۇ سىز ؟ ، ــ دىدىم ئۇنىڭ چاچلىرىدىكى قار توزانلىرىنى چۈشۈرگەچ...
ــ گەپ قىلماڭ ، بۇ چۈشتىن ئويغۇنۇپ كەتكۈم يوق .
ــ ئويغۇنۇڭ ئەمدى ، يۈرۈڭ ، ئۆيگە بارمىساق بولساق ، ئاپامنى بىر مىنۇت بۇرۇن بولسىمۇ خاتىرجەم قىلايلى...ئەمدى بۇندىن كىيىن كۈندە مۇشۇنداق چۈش كۆرىسىز ...قۇلىڭىزنى ئەمدى قۇيۇۋەتمەيمەن... ھەراست ، سىزنى «سەن» دەيچۇ...ھە ، ئوماق مۇشۈكۈم...سىنى شۇنداق چاقىرسام بۇلا...
يەنىلا ئوخشاش...ئۇ جاۋاپ بىرىشنىڭ ئورنىغا مىنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى،،،ئاپپاق قار دۇنياسىدا پەقەت ئىككىمىزلا ئىدۇق...ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم ...«دىلنۇر، مىنىڭ ئوماق مۈشۈكۈم...»


تامام ......................
2010 – يىلى 27 – قەھرىتان ...قەدىمىي كۈسەندە يېزىلدى،ئەلكۈيىدىن باشقا تور بېكەتلەرگە بىردەك چاپلاشقا بولمايدۇ ...








داۋامى ئەلكۈيى تورىغا داۋاملىق يوللىنىدۇ...

UID
1964
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 20:17:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمەن ئەلكۇيىدە تۇلۇق ئوقۇپ چىققان 3 ئەسسەرنىڭ بىرى. ۋەقەلىكى ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ.
بۇ ئەسسەر  ئىىلگىرى تور كىلىشنىڭ ئالدىدا  پۇتۇن قىسمى يوللىنىپ بولغانغۇ . دەيمەن

باھا سۆز

narinkiz  بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، خۇددىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمغا قايتقاندەك بولدۇم.......  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 00:37:56
ھەزىرتى ئەلى ( شىرئەلى) چ چ: 516274560پاراڭلىشىپ.دوس بولۇشنى خالايدىغانلارنى قىزغىن چىن كۇڭلۇمدىن قارشى ئالىمەن.

UID
2219
يازما
47
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1787
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 20:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامەن...............

ئىنكاسىم نىمە ئۈچۈن ئۆچۈرۈلدى؟
ھايا-----قىز بوينىدىكى زۇننار

كۆيۈمچان ئەزا

دائىم ئوچۇق ھاۋا

UID
1122
يازما
101
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3445
تىزىملاتقان
2008-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-2 20:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ئېسىل  گۈزەل  ئادەملەر  بار بۇ ھېكايىدە ،،،،،،
  ئاخىرىنى نەدىن تېپىپ ئوقۇغىلى بولار ؟؟؟؟
ياشا ھەم ئېسىڭدە ساقلا !!!

كۆيۈمچان ئەزا

دائىم ئوچۇق ھاۋا

UID
1122
يازما
101
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3445
تىزىملاتقان
2008-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-2 20:22:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئەسەردىكى ۋەقەلىك ۋە ئادەملەرنىڭ گۈزەللىكىدىن تەسىرلىنىپ  يەنە نەچچە رەت ئوقۇپتىمەن ،
    ئاجايىپ  پاك ۋە چىن يېزىلغان قەلب تەسۋىرلىرى،،،،،،،ئاپىرىن !!!!!!!!!!!!!
ياشا ھەم ئېسىڭدە ساقلا !!!

تىرىشچان ئەزا

~~~  نەفىس ~~~

UID
2324
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
553
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2010-6-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 00:00:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشتىياق بىلەن ئۇقۇپ چىقىۋىدىم ، نەچچە كۈندىن بىرى تېخىچە داۋامىنى يوللىماپسىز .....

كۆيۈمچان ئەزا

دائىم ئوچۇق ھاۋا

UID
1122
يازما
101
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3445
تىزىملاتقان
2008-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 11:16:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە داۋامى چىقماي ساقلاۋېرىپ يۈرەك سانجىقىم تۇتسا سىز ئىگە بىغۇبارىم ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ياشا ھەم ئېسىڭدە ساقلا !!!

UID
2445
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1701
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 20:45:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل كەن ......

ئاخىرى قاچان چىقار......ئادەمنى راستلا ....ئويغا سىلىپ قويدىغۇ ....ئەمدى  ................

مەن چوقۇم ئەتىراپىمدىكلەرگە ....تەۋسىيە قىلمەن..............

بۇ ھىكاينىڭ مۇھەببەت لىرىكسنىڭ گۈزەلىكدە ئەمەس.....ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن ئادەملەرنىڭ
گۈزەل ...ئىسلكىدىن ئادەم ......تەسىرلىنپ كتىدىكەن......

قەلەم ئىگىسگە رەخمەت................ئاخىرنى بولسا تىزراق يولغايسىز..........
مەن بىر ئاللاغا ،ئاندىن قالسا ئۆزەمگىلا ئىشنمەن

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
1001
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42724
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-11-8
توردا
426 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 10:59:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھىبەمۇ شۇ كۆلگە ئۆزىنى ئېتىۋالماس-ھە...ھېكايىنىڭ ئىسمىدىن شۇنداقراق پۇراق كىلىپ تۇرىدىكەن.

كەينىنى ساقلاپ قالدۇق ئەمىسە.
ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
2556
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2010-6-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 22:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە دەرت يەتمىسۇن
ئادەمدەك ياشا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش