ئالىيە پۇل پرۋوت قىلىش ئۈچۈن بانكىغا كتىپ بارغاندا بىر قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ 20 مىڭ يۈەن پۇلنى قارشى تەرەپنىڭ ئىسچوتىغا ئەۋەتىپ بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلدى، بۇ پۇلنى قانداق قايتۇرۇۋلىش مەسىلىسى ئالىيە ۋە ئۇنىڭ يقىنلىرىنىڭ بشىنى قاتۇردى.
23ياشلىق ئالىيە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ماددىي ئەشيا شىركىتىنىڭ مالىيە خادىمى ئىدى. شىركەت رەھبىرى ئۇنى شىركەت شوپۇرىغا بانكىدىن 20 مىڭ يۈەن يۈك توشۇش پۇلنى ئەۋەتىپ برىشكە بۇيرۇدى. ئۇ بانكىغا پۇلنى سلىۋتىش ئۈچۈن كتىۋاتقاندا يان تلفونىغا: "پۇلنى تخى سالمىغانسىز، ئىسچوت كارتامنىڭ ماگنىتى قالماپتۇ، پۇلنى ماۋۇ كارتىغا سلىڭ، بانكا ئىسچوت نومۇرى *****، مۇئامىلىدار ئىسمى **** " دگەن مەزمۇندا قىسقا ئۇچۇر كەلدى.
بانكا ئىشتىن چۈشۈشكە ئازلا ۋاقىت قالغان بولغاچقا ئالىيە ئۇچۇرنى شوپۇر ئەۋەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ تەكشۈرمەيلا پۇلنى شۇ ئىسچوت نومۇرىغا سلىۋەتتى. بىر ئازدىن كيىن شوپۇر پۇلنى تخىچە تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى ئيتىپ تلىفون قىلدى. ئالىيە پۇلنى سلىۋەتتىم، يەنە بىر تەكشۈرۈپ بقىڭ، ددى. شوپۇر ئۇستام ھساۋاتنى قايتا تەكشۈرگەن بولسىمۇ لكىن پۇل كىرمىگەن ئىدى، شۇ چاغدىلا ئالىيە ھلىقى قىسقا ئۇچۇردا چاتاق بارلىقىنى ھس قىلىپ، شوپۇردىن ئىسچوت نومۇرى يزىلغان قىسقا ئۇچۇرنى ئەۋەتكەن- ئەۋەتمىگەنلىكىنى سورىدى. شوپۇر ئۇستام ئۇنداق ئۇچۇر ئەۋەتمىگەنلىكىنى ئيتتى. ئالىيە شۇندىلا ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھس قىلىپ، دەرھال بانكىغا برىپ سۈرۈشتۈرۈپ پۇلنىڭ تخى ئلىپ كتىلمىگەنلىكىنى، ئۇ ئىسچوتنىڭ گۇاڭجۇدا ئچىلغانلىقىنى تلفون نومۇرىنىڭ بولسا خبىي ئۆلكىسى ساڭجۇ شەھىرىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدى.
ئالىيە پۇلنىڭ ئلىپ كتىلىشىدىن ئەنسىرەپ بانكا تەرەپنىڭ تزدىن بۇ پۇلنى توڭلىتىۋتىشىنى تەلەپ قىلدى، بانكا تەرەپ بولسا ئۆزلىرىنىڭ خالىغانچە توڭلىتىش ئلىپ بارالمايدىغانلىقىنى، چوقۇم ساقچى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئىسپاتى بولۇشى كرەكلىكىنى ئيتتى. ئالىيە دەرھال ساقچىخانىغا برىپ ئەھۋالنى ئيتقاندىن كيىن ساقچىلار قىسقا ئۇچۇرنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى ۋە ئۇنىڭغا بانكا ھساۋاتىنى توڭلىتىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ بەردى. ئالىيە ئۇقتۇرۇشنى ئلىپ دەرھال يڭىشەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە باردى، ئەمما سوت خادىملىرى ساقچىلار دلو تۇرغۇزغاندىلا ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتنى چىقىرىپ برەلەيدىغانلىقىنى ئيتتى. ئالىيە ئىككى ئارىلىقتا نۇرغۇن يول مڭىپ ئاخىرى مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتقا ئرىشىپ بانكىغا بارغىنىدا بولسا ھلىقى ھسابات نومۇرىدىكى پۇل ئاللىقاچان غايىپ بولغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، يقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە شەھەر ئاھالىلىرى بۇنىڭغا ئوخشاش ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرلىرىدىن خلى كۆپنى تاپشۇرۇۋالغان. شەھەر ئاھالىسى ما ئەپەندى: "يان تلفونومغا سودا سارايدىن نەرسە كرەك ستىۋالغاندا ئىشلەتكەن 6 مىڭ يۈەننى بانكا بىرلەشمە كارتىسىدىن تۇتۇپ قلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقا ئۇچۇر كەلدى، قارشى تەرەپ يەنە مەسلىھەت سوراش تلفونىنىمۇ قالدۇرۇپتۇ. مەن ئەزەلدىن بۇ سودا سارايدىن نەرسە كرەك ستىۋالمىغاچقا بۇ نومۇرغا دەرھال تلفون قىلدىم، قارشى تەرەپ بانكا كارتامنى ئلىپ ئۇلار كۆرسىتىپ بەرگەن ئاپتوماتىك پۇل ئلىش ئۈسكۈنىسىدە تەكشۈرۈپ بقىشىمنى ئيتتى، مەن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بايقاپ دەرھال تلفوننى ئۈزۈۋەتتىم." - ددى. ئۇ بۇ ئىشنى شۇ ھامان ساقچىغا ئىنكاس قىلغان، ساقچىلار بۇ خىلدىكى ئالدامچىلىق دىلولىرىنىڭ يقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە خلى كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى، بەزىلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئالدىنىپ قالغانلىقىنى ئيتقان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە پاش قىلىنغان قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىقى دلولىرىدىن قارىغاندا يقىنقى يىللاردىن بۇيان قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىرىنىڭ ئالدامچىلىق ھيلىسى بارغانسرى كۆپىيىۋتىپتۇ. ئۇلار قىسقا ئۇچۇرنى توپ تارقىتىش قاتارلىق زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، ھەر كۈنى ئوخشاش تۈردىكى قىسقا ئۇچۇردىن نەچچە ئون مىڭنى تارقىتىدىكەن. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالىسىمۇ، ئەمما ھەر كۈنى يەنە ئالدىنىپ قالىدىغانلار چىقىپ تۇرىدىكەن.
جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھۇشيارلىقىنى كۈچەيتىشىنى، يان تلفوندا تلفون نومۇرلىرىنى ساقلىغاندا ئامال بار قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنىلا يزىپ، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى قالدۇرماسلىقى كرەكلىكىنى ئەسكەرتتى؛ يان تلفون ئابۇنىچىلىرى قىممەت تولۇقلاش، پۇل پرۋوت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى ھەر قانداق قىسقا ئۇچۇر ياكى تلفوننى قوبۇل قىلغاندا، ئىمكانقەدەر ئۇنىڭ راستلىقىنى ئنىقلىشى، ئالدىنىپ قلىشتىن ساقلىنىشى كرەك.
دۆلىتىمىزدە يان تېلفون ئابونىچىسى 680 مىليونغا يتىپ، يان تېلفون نومۇرىنى ئۆز ئىسمىغا ئىلتىماس قىلىش زور خىرىسقا دۇچ كەلگەن
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ ئيتىشىچە، ستاتستىكىغا قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە يان تلفون ئابونىچىسى 680 مىليونغا يتىپ، يان تېلفون نومۇرىنى ئۆز ئىسمىغا ئىلتىماس قىلىش زور خىرىسقا دۇچ كەلگەن. ھازىر بيجىڭدىن باشقا جايدا يان تلفون نومۇرىغا ئۆز ئىسمى بىلەن ئىلتىماس قىلىش تخى يولغا قويۇلمىغان. بىراق يان تلفون نومۇرىنى ئۆز ئىسمىغا ئىلتىماس قىلىش ئەخلەت قىسقا ئۇچۇرلار، ئالدامچىلارنىڭ تۈرلۈك قىسقا ئۇچۇر قىلتاقلىرىدىن ساقلىنىش، ھەتتا تۈگۈتۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى ئىكەن. شۇڭا بۇ تۈزۈمنى دەرھال يولغا قويۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەن. |