كۆرۈش: 5364|ئىنكاس: 4

‹‹تىتانىك››  پاراخوت ۋەقەسىدىن  ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ ۋەقەسىگ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1231
يازما
92
تېما
82
نادىر
0
جۇغلانما
523
تىزىملاتقان
2009-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2010-9-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-6-11 12:02:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
برازىلىيىنىڭ رىئودې  ژانېيرو شەھىرىدىكى ۋىندىسور مېھمانسارىيىدا نېلسون ماررىئو ئىسىملىك بىر كىشى 3 –  ئىيۇن مۇخبىرغا  فرانسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانىغا ئولتۇرغان دادىسى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەتنى  كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بىز 30 ئائىلىدىن تەشكىللەنگەن كومىتېت قۇرۇپ، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن برازىلىيە ھۆكۈمىتىدىن بىزنى ھادىسە يۈز بەرگەن جايغا يېقىنراق شەھىرىگە ئاپىرىشنى تەلەپ قىلىمىز.

   ‹‹تىتانىك›› ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كەتكەندە بەختكە يارىشا ھايات قالغان مىلۋىنا ئاندى ئىسىملىك موماي 31 – ماي 97 يېشىدا قازا قىلدى. 1 – ئىيۇن فرانسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭAF447  بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئاتلانتىك ئوكياندا يوقاپ كېتىپ، 228 كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى. 1912 –  يىلى شۇ چاغدا ئەڭ ئىلغار ھېسابلانغان ‹‹تىتانىك›› ناملىق پاراخوت لەيلىمە مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ چۆكۈپ كەتكەن. فرانسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ قېتىم ھادىسىگە ئۇچرىغانA330  تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىمۇ ئەڭ ئىلغار ئايروپىلان بولۇپ، ئەزەلدىن چاتاق چىقىپ باقمىغان.

   100 يىلدىن بۇيان ئىنسانلار پاراخوتتىن ئايروپىلانغىچە بولغان قاتناش قوراللىرى ھەم تۈرلۈك پەن – تېخنىكا ئىشلىرىدا زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، ئەمما ئەڭ ئىلغار قاتناش قورالىمۇ ھادىسىدىن خالىي بولالمىدى. ئىنسانلارنىڭ ‹‹قەدىمى›› يەنىلا ‹‹دېڭىز››دىن ھالقىپ ئۆتەلمىدى.

   فرانسىيە ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋەقە، كىشىلەر گەرچە  ۋەقەنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەلمەي، تېخنىكىلىق كاشىلا، سىستېما ئىشلىمەي قېلىش، تېررورلۇق ھۇجۇمى دېگەندەك قىياسلارنى قىلغان، بەزىلەر  بېرمۇدادىكى سىرلىق ئۈچ بۇرجەك رىۋايىتىنى ئەسكە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەت فرانسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئاتلانتىك ئوكياندا يوقاپ كېتىشى كىشىلەرگە رادارنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈردى، يەنى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ كۆپ قىسمىغا رادار سىگنالى يېتىپ بارالمايدۇ، ئايروپىلان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتكەندە، رادار سىگنالى نەچچە سائەت ئۈزۈلۈپ قالدى، شۇڭا بۇ چاغدا تىتانىك ناملىق پاراخوتتىكىگە ئوخشاش سىمسىز تېلېگراف ئالاقىسىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.بۇ خىلA330  تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدا ئەسلىدىلا كومپيۇتېرى ئىشلىمەي قالىدىغان نۇقسان بولغاچقا، ئاۋمىن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ مۇشۇ تىپتىكى  يولۇچىلار ئايروپىلانىمۇ  بۇلتۇر ھادىسىگە ئۇچرىغىلى تاس قالغان.

   مەيلى قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسىدا كۆزلىگەن نىشانىغا تېخى يېتەلمىدى. ئىنسانلار گەرچە ئالەم بوشلۇقىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ‹‹تىتانىك›› ناملىق پاراخوت ۋەقەسىدىن فرانسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگىچە بولغان جەريانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ھەققىدىكى بىلىشى تېخى ئەمدىلا باشلاندى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن سىر، مۆجىزە ئىنسانلارنىڭ بايقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.

   ئەينى چاغدا پاراخوت  ۋەقەسىدە  بەختكە يارىشا ئامان قالغان مىلۋىنا ئاندى 97 يىل ياشاپ، بۇ يىل 31 – مايدا قازا قىلدى. ئۇ 97 يىل جەريانىدا ئاجايىب  – غارايىب ئۆزگىرىش، مۆجىزىلەرگە شاھىت بولدى، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ئاتا قىلغان تۇرمۇش قۇلايلىقىدىن ھۇزۇرلاندى، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى، ئالەمشۇمۇل يۇقىرى پەن – تېخنىكا  ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈردى. مىلۋىنانىڭ 97 يىللىق ھاياتى ئىنسانلار ھاياتىنىڭ ئىخچاملانغان كۆرۈنۈشى. چەكسىز تەبىئەت ئالدىدا، ئىنسانلار يەنىلا ‹‹تىتانىك›› ناملىق پاراخوتتىكى مىلۋىنادەك گۆدەك بالا، ئىنسانلار سىرلىرى ئېچىلمىغان كەڭرى تەبىئەت قوينىدا گۆدەكلەرچە بەختلىك ياشىماقتا. ئالەم بوشلۇقىدا ھەرقانچە بىخەتەر يەر شارىمۇ  پەقەتلا پاراخوت ياكى ئايروپىلانغا ئوخشايدۇ، ھەرقانداق ‹‹سوقۇلۇش››قا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

   ئىنسانلار  تەبىئەت توغرىسىدىكى بىلىشلىرىدىن مەڭگۈ قانائەت ھاسىل قىلمايدۇ، شۇڭا تېخىمۇ بىخەتەر ھاياتلىق شەكلى ۋە بوشلۇقى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىدۇ، جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا خەيرىخاھلىق قىلىشىپ ئۆتىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى ئالدىدا ئىنسانلار پەقەتلا دېڭىز بويىدا قۇلۇلە قېپى تېرىپ ئويناۋاتقان بالا خالاس، ئۇلارنىڭ ھازىرقى بىلىش، بايقاشلىرى تەلىيىگە يارىشا تاسادىپىي ئېرىشكەن بىلىملىرىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئىنسانلار مۇشۇ كىچىككىنە تېخنىكىسى بىلەن ئۆزىنى چوڭ تۇتسا ياكى ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قىلسا، بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئەت ئالدىدىكى ھاماقەتلىكى  ۋە نادانلىقى خالاس.

   مىلۋىنادىن كېيىن، ئىنسانلار ‹‹تىتانىك›› ناملىق پاراخوت ۋەقەسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھادىسىلەردىن خالىي بولالمىدى. بۇ  ھادىسىلەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق پاجىئەسى ۋە بايلىقى، ئىنسانلار مۇشۇنداق پاجىئە، ھادىسىلەر ئىچىدە ئەقىل تېپىپ ئىلگىرىلەيدۇ.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
27793
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-1-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 21:08:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى ۋاقىتتا ‹تىتانىك›تا  مىسىر مەلىكىسىنىڭ سىرلىق مومياسى ( نۇرغۇن كىشىكەرگە تالاپەت ئېلىپ كەلگەن دەپ قارالغانىكەن ) بولغاچقا ،تالاپەتكە ئۇچرىغان بولىشى مۈمكىن دەپ يېزىلغان بىر ماقالىنى ئوقۇغاندەك قىلىۋىدىم.

UID
26834
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 23:48:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە بولغان چۈشىنىشى تېخى ئەمدى باشلاندى دېيىش ئازراق مۇبالىغە. ئالدىنقى مەزگىللەردە غۇلجىلىق دېھقان تېپىۋالغان غەلىتە ئورگانىزمنى كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش دورىسى ماتېرىيالى دەپ قارىغان ۋاقىتتا، مەلۇم ھەربىي رايون دوختۇرى «ھازىرقى جەمئىيەتتە تەبىئەتتىن ھالقىغان بىرەر شەيئى مەۋجۇت ئەمەس» دەپ پوپاڭلارچە خۇلاسە چىقاردى. ئۇنىڭ دېگىنىدەك تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنىڭ، ئىلاھنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە تۇتساقمۇ، لېكىن تەبىئەتكە بولغان بىلىشنىڭ خېلى بىريەرگە بارغانلىقىغا كۆز يۇمغىلى بولماس.

UID
2312
يازما
53
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1793
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 13:38:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ موماي نەچچنجى يىلى تۇغۇلۇپتىكەن . قاچان ئۆلدى . 1912 - يىلى تۇغۇلغان بولسا ھازىر 100 ياشقا كىرىدۇ .

UID
27824
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-1-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 14:02:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق  ئىشتە  بۇ  .......................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش