- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 12
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 24
- تىزىملاتقان
- 2009-4-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-11-19
- UID
- 1676
- يازما
- 12
- تېما
- 11
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 24
- تىزىملاتقان
- 2009-4-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-11-19
- توردا
- 0 سائەت
|
ئاياللار ئۆتەلمەيدىغان سىناق
بۇرۇن بىر ماگىزىن ئېچىلغان ئىكەن. ئاياللار بۇ ماگىزىندىن ئۆزلىرىگە ئەر تاللىۋالسا بولىدىكەن. كىرىش ئېغىزىغا بۇ ماگىزىننىڭ تۆۋەندىكىدەك قائىدە- تۈزۈملىرى يېزىلغان ئىكەن. سىز پەقەت بىر قېتىملا بۇ ماگىزىنغا كىرسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ماگىزىن 6 قەۋەت، قەۋەت سانى ئاشسا ئەرلەرنىڭ سۇپىتىمۇ يۇقىرىلايدۇ.
سىز ئۆزىڭىز خالىغان قەۋەتتىن ئەر تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.
يۇقىرىغا چىققاندىن كىيىن تۆۋەنگە چۈشۈشكە بولمايدۇ. بىر ئايال بۇ ماگىزىنغا كىرىپ ئۆزىگە ھەمرا تاپماقچى بوپتۇ.
1- قەۋەتتىكى ئەرلەر: خىزمىتى بار ئەرلەر. ئۇ ئايال دەرھال 2- قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
2- قەۋەتتىكى ئەرلەر: خىزمىتى بار ھەمدە بالىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر. ئۇ ئايال دەرھال 3- قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
3- قەۋەتتىكى ئەرلەر: خىزمىتى بار، بالىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىنتايىن كىلىشكەن. بۇ ئايال كۆڭلىدە ئەمدى ياخشى بولدى دەپ خوش بولۇپتۇ-يۇ، بىراق يەنىلا 4- قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
4 - قەۋەتتىكى ئەرلەر: خىزمىتى بار، بالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، كېلىشكەن، ئائىلىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ئايال ئەمدى كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىم دەپ ئويلاپتۇ، بىراق تۇرۇپ كېتىپ يەنىلا 5- قەۋەتكە چىقىپ باققۇسى كەپتۇ.
5- قەۋەتتىكى ئەرلەر: خىزمىتى بار، بالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، كېلىشكەن، ئائىلىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىنتايىن رومانتىك. ئۇ ئايال ئەمدى مۇشۇ قەۋەتتىن لايىق تاپاي دەپ ئويلاپتۇ-يۇ، يەنە 6- قەۋەتكە چىققۇسى كىلىپ مېڭىپتۇ.
6 - قەۋەتكە چىققاندىن كىيىن : << سىز 369856- بولۇپ بۇ يەرگە چىققان ئايال، بۇ قەۋەتتە ئەرلەر يوق >> دىگەن تاختاينى كۆرۈپتۇ.
بۇ قەۋەتنىڭ مەۋجۇت بولىشى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى: ئاياللارنىڭ رازى بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
مەنبە: << تەرمىلەر ژورنىلى>> دىن ئېلىندى. |
|