كۆرۈش: 1397|ئىنكاس: 2

ئىندىئان ناخشىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

مەندە پەقەت بىرل

UID
8353
يازما
25
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
686
تىزىملاتقان
2011-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 01:26:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىندىئان ناخشىسى


يۇنۇس زۇننۇن


ئاسمان دېسەڭ ئاسمان بىز، زېمىن دېسەڭ زېمىن بىز
تەنلىرىمىزدىن پۈتتى بۇ ماكان، ئەتە ئۈچۈن نەزىر بىز
قۇياش دېسەڭ نۇرى بىز، تۇپراق دېسەڭ جەۋھىرى بىز
سۇ دېسەڭ ئېقىنى بىز، ئوت دېسەڭ يالقۇنى بىز
روھىمىزدىن پۈتتى بۇ زامان، ئەتە ئۈچۈن تەنلەر بىز...

بىزنى سورىغان شامال بېشىدا
جان ئالغۇچى زامان يېنىدا
ھاياتنىڭ تىۋىشى بىز
ئۆلۈمنىڭ جىملىقى بىز
بىزنى كۆكلەتكەن ئاھاڭلاردا
بىزنى يۇمشاتقان سۈرئەتلەردە
جېنىمىزنى پىدا ئەتتۇق بىر بولماق ئۈچۈن
بىزنى تۇغقان ئورمانلارنىڭ يېشىدا
خەۋەرچى دېڭىزلارنىڭ دولقۇنلىرىدا
روھىمىزنى ئازاد قىلدۇق گۆشلىرىمىزنىڭ قايغۇسىدىن
كۈچ بولماق ئۈچۈن
بىزنى ئوۋلىماقچى بولغان دۇنيادا...

نەدىن كەلدۇق قايتتۇق شۇياققا
تىلىمىزنى تاپشۇردۇق بۇ دۇنيانىڭ ھەسىرىتىگە
ئۇ ياشايدۇ بىزنى، بىز سۆزلىدۇق ئۇنى
ھايات بولسۇن مۇقەددەسلىكىمىز
ئۆلۈم بولسۇن ئارمىنىمىز
بىزنى ياشاتقان ۋە ياشىغانلار ئۈچۈن
قۇربان بولسۇن بارلىقىمىز

يۇلتۇزلارنىڭ قاراۋۇلى بىز، ئاينىڭ ماكانى بىز
نامىمىز بولسۇن ئاي ۋە يۇلتۇز بۇ قارا تۈنلەردە
قۇياشقا رىۋايەت بىز، كۈندۈزگە ئسىتىقامەت بىز
بۇ زامانغا ئېچىندۇق، يۈرەك-باغرىمىزنى داغلىدۇق
دەرد-پىغانلىق ماكان بىز، مۇسىبەتلىك تۇپراق بىز
بىزنى يىتتۈرۈپ قويغان ئۆلۈمگە مەڭگۈلۈك ئەسلىمە،
بىزنى تاپالمىغان ھاياتقا ئۆمۈرلۈك بىر تېپىشماق بىز.

ئەي ئەي ھايات، ئەي ھايات
شاھ ئەيلىدىڭ بىر زامان، كۈلدۈڭ قانلىرىمىزدا شۇنچە شاد
جەسەتلىرىمىز ئارا قىلدىڭ داۋام، ئىزىمىزدىن يورىدى جاھان
شەرەپ يازدۇق چېكەڭگە، كۆرەشلەردىن رەڭلەنگەندى ماكان
ئۆڭۈپ كەتتۇق يۈزۈڭدىن، قۇم بولۇپ ئۈندۇق كۆزۈڭدىن
ئاسمانلارنىڭ دۈمبىسىگە ئېسىلدۇق، تۇپراقلاردا قالدى ھىجران

ھايات دېسەڭ ئۆلمىگىنى بىز، كۆز دېسەڭ يۇمۇلمىغىنى بىز
ئۆلۈم دېسەڭ زامان گۇۋاھ، ھەممىگە شاھىد شۇ يۇلتۇزلار گۇۋاھ
ئۆلمىدۇق ئۆلمەيمىز، ھايات تېخى بىز
ئورمانلار تىنىدۇ نەپەسلىرىمىزنى، ياپراقلار ئوينايدۇ ئۇسۇلىمىزنى
ئويناق سۇلاردا ھېكايىلىرىمىز، چاپقۇر ئاتلاردا باتۇرلىقىمىز
بۈركۈتلەردە باش كىيمىمىز، بۆرىلەردە ئىزىمىز
زامانغا بەرگەن ۋەدىمىز بار، ماكانىمىزغا مۆككەن ئامانىتىمىز
كېلەر بىر كۈن نۆۋىتىمىز...


2012-05-19
ئىستانبۇل


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 23:25:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ يۇنۇس زۇننۇن››بۇ شېئىرنىڭ ئاپتۇرىمۇ ياكى بۇنى باشىقا تىلدىن تەرجىمە قىلغان كىشىمۇ؟
لىكىن ياخشى چىقىپتۇ دەپ ئويلىدۇم.
تېما ئىگسىگە رەخمەت.


تىرىشچان ئەزا

مەندە پەقەت بىرل

UID
8353
يازما
25
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
686
تىزىملاتقان
2011-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 20:35:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلۈپ توختىمىغاندىكىن باشقۇرغۇچىلار يەنە بىر كەسكىن ھەرىكەتكە كېلىپ ماۋۇ تېمىنىمۇ ئۆچۈرۋەتسە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش